ئانا تىلنىڭ كارامىتى(چىڭغىز ئايتماتوۋ )

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-19 17:57:00

ئانا تىلنىڭ كارامىتى چىڭغىز ئايتماتوۋ (سوۋېت ئىتتىپاقى) ماخمۇتجان ئىسلام تەرجىمىسى شائىر رەسۇل ھەمزاتوۋ داغستان تاغلىق رايونىدىكى كۆپ خىل توغرىسىدا ئۆزىگە خاس يۇمۇرلۇق تىل بىلەن مۇنداق ئىزاھ...

    ئانا تىلنىڭ كارامىتى

     چىڭغىز ئايتماتوۋ (سوۋېت ئىتتىپاقى)

     ماخمۇتجان ئىسلام تەرجىمىسى

             شائىر رەسۇل ھەمزاتوۋ داغستان تاغلىق رايونىدىكى كۆپ خىل توغرىسىدا ئۆزىگە خاس يۇمۇرلۇق تىل بىلەن مۇنداق ئىزاھات بەرگەنىدى: ئەينى چاغدا،خۇدا بۇ يەردىكى مىللەتلەرگە تىل تەقسىم قىلىۋاتقاندا، شىددەتلىك شىۋىرغان چىقىپ كەتكەنىكەن. شۇڭا خۇدا ئالدىراپ ـ تېنەپلا بۇ يەرگە ئەرشتىن ھەر خىل تىللار قاچىلانغان بىر تاغارنى تاشلىغانىكەن. داغستاندىكى تىلنىڭ بىر ـ بىرىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىق بولۇشى بۇرۇن بۇ يەردىكى مىللەتلەرنى بىر ـ بىرىدىن بەكلا ئايرىۋەتكەن. گەرچە ئۇلار مەنىۋى جەھەتتە ۋە تۇرمۇش شەكلى جەھەتتە بىر ـ بىرىگە يېقىن بولسىمۇ، ئەمما قوشنا تاغ جىلغىلىرىدا ئەمەس، بەلكى ئوخشاشمايدىغان قىتئەلەردە ياشىغاندەك تۇرمۇش كەچۈرگەن. شىمالىي كاۋكازنىڭ شەرق تەرەپىگە جايلاشقان بۇ يەردىكى ھەر بىر ئاۋۇلنىڭ ئۆزىگە خاس تىلى بار. بۇ تىللار تۈركى تىللار، كاۋكاز تىللىرى، ئىران تىللىرى ھەتتا يەھۇدى ۋە سۇرىيان تىللىرىغا چېتىلىدۇ، قوشنا ئاۋۇللارنىڭمۇ تىلى بىلەن ئوخشاشمايدۇ، بىر ـ بىرىگە يېقىن كەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ تومۇرىمۇ ئوخشاشمايدۇ. رەسۇل ھەمزاتوۋ« بۇرۇن داغستاننىڭ تارىخى پىچاق بىلەن ئويۇلغان يېزىقتا خاتىرىلەنگەن، 20 ـ ئەسىرگە يەتكەندىلا داغىستاندا پەي قەلەم بولغان» دەيدۇ. ئەمما، دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئېلىپبەدىن داغىستان تىلىدىكى بارلىق تاۋۇشلارنى ئىپادىلىگۈدەك بىر يۈرۈش ھەرپ تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا سوۋېت ھۆكۈمىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى يىللاردا، داغىستاندىكى تىللار ئۈچۈن يېزىق ئىجاد قىلىشتا، رۇس تىلى ھەرپلىرى ئۈستىگە ئالاھىدە ھەرپ ۋە شەرتلىك بەلگىلەرنى قوشۇش ئارقىلىق ھەرپ يارىتىلغان. بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى مىليونغا يېقىن داغستان خەلقى ئوتتۇز نەچچە خىل تىل ئىشلىتىدۇ. داغستاندا بەش خىل يېزىقتا گېزىت ـ ژۇرنال، ئەدەبىي ئەسەرلەر نەشىر قىلىنىدۇ. يالغۇز ئاۋار تىلىدىلا ئەمەس «بۇلار شۇ جايدىكى نوپۇس ئەڭ كۆپ مىللەت، نوپۇسى تۆت يۈز مىڭدىن ئاشىدۇ»، يەنە تات «بۇلار پەقەت ئون بەش مىڭلا» تىلىدا كىتاپ نەشىر قىلىنىدۇ. ئەمما، شۇنىڭغا قارىماستىن، داغىستاندا ئۆز تىلى بىلەن شېئىر يازىدىغان شائىردىن ئىككى مىڭى بار. دۇنيانىڭ ھەمما جايلىرىدا بار ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بىرلا ئادەمنىڭ مەسىلىسى چاغلىق بىر ئىش، ئەمما، كونىلارنىڭ سۆزى بويىچە، ئۆتۈكنى كىم كىيگەن بولسا شۇنىڭ پۇتى ئاغىرىيىدۇ، دەردىنى ئۆتۈك كىيگەن ئادەملا بىلىدۇ، دېگەندەك سانى ئەڭ ئاز مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسى ئەڭ زور، ئەڭ مۇھىم بولىدۇ، بەزىدە بۇ مەسىلە تېخى ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان مەسىلە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەدىنىيىتىنىڭ ئىستىقبالى مەسىلىسى. بۇ ئالدى بىلەن دۇنيادىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. چۈنكى تىل بولمىسا، ئۇلارنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئامىلى بولغان تىل، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا يەنە مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ۋاستىسى بولىدۇ. ھەر قانداق مىللەتنىڭ تىلىنى خەلقنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ياراتقان، ئۇ تەڭدىشى يوق ئاجايىپ مۆجىزە بولۇپ، ئۇنىڭ يوقىلىشى ئەڭ زور زىياندىن باشقا نەرسە ئەمەس، نۇرغۇن تىللار يوقىلىدۇ ھەم يوقالدى، ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق، ئۇلار مەۋجۇت بولغان دەۋرمۇ كەلمەسكە كەتتى، ئەمدى مەۋجۇت تىللارنى قەدىرلەش، ئاسراش كېرەك، ئۇلار پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى. دۇنيا تىلدىن تەشكىللەنگەن مەۋجۇدات ئالىمىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. تارىختا تىلدىن تەشكىللەنگەن ئېكولوگىيە پەيدا بولغان. تىل ئېكولوگىيىسى خۇددى تەبىئەت ئېكولوگىيىسىگە ئوخشاشلا ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە نازۇك بۇ يەردە پراگماتىزملىق نۇقتىئىينەزەرگە ئەمەل قىلىشقا بولمايدۇ، پراگماتىزملىق نۇقتىئىينەزەر ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا ئىشلەيدۇ، ئۇنى مەدەنىيەت ئىشلىرىغا تەبىقلاشقا بولمايدۇ. بۇندىن باشقا، چوڭ مىللەتلەرنىڭ تىلى ئۇششاق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى بارا ـ بارا چەتكە قاقىدىغان ۋە ئاسمىلاتىيە قىلىدىغان ئەھۋالمۇ بەزى ـ بەزىدە كۆرۈلۈپ قالىدۇ. ناھايىتى روشەنكى ، ھازىر بىر خىللاشتۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە ئالاھىدىلىكلىرىنى يوققا چىقىرىشقا قىزىقىپ قالغان پىكىرلەرمۇ بار. بۇنداق پىكىرلەرگە نىسبەتەن، بىزدە سەگەك كاللا بولۇشى كېرەك، بۇنداق پىكىرلەردە مەسىلىنىڭ ماھىيىتى بۇرمىلانغان. بىر ـ بىرىگە يار ـ يۆلەك بولۇش، بىر ـ بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش پرىنسىپى ئۈچۈن بىرلىشىش كېرەك، ئەمما ھەر قايسى مىللەت ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى بەزى جەھەتلەردە ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ساقلىشى كېرەك. ناۋادا بۇ ئالاھىدىلىكلەر كېرەكسىز قىلىنسا، ئۇ ھالدا بىر ـ بىرىگە يار ـ يۆلەك بولۇش، بىر ـ بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش دېگەندىن ھېچنىمە قالمايدۇ، بىرلىشىشنىڭ زۆزۈرلۈكىمۇ يوقىلىدۇ. مەن چوڭقۇر ئىشنىمەنكى، رېئاللىقتا ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مۇھىم تىلنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ھەمدە شارائىت يارىتىپ مۇشۇ تىللارنىڭ ئۆزگە مىللەتلەرنىڭ مەنىۋى ۋە ماددىي تۇرمۇشىدىكى يېڭى نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ، شارائىت يارىتىپ تىلىنىڭ ئىچكى راۋاجلىنىش يولى يەنى دۇنيادىكى ئىلغار تىللارنىڭ تەقرىبىلىرىگە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك تايىنىپ ئۆز تىلىمىزنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش يولى ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ تولۇق ئىمكانىيىتى بار. ئېلىمىزنىڭ تەجرىبىلىرى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدا چوڭ ـ كىچىك يۈز نەچچە مىللەت بار. ئۇلار ئاتمىش يىل بۇرۇن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىرلىشىش ئاساسىدا بىرلىككە كەلگەن سوۋېت دۆلىتىنى قۇرغان. بىز ئۆتۈپ كەتكەن ئۇزاق يىللاردىلا تاللاش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەنىدۇق: يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغان تىلنى ئىشلىتىش كېرەكمۇ ياكى بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش يولىغا يەنى ئىلغار مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن پايدىلىنىپ، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تىلىنى ئۇلار بىلەن بىر قاتاردا راۋاجلاندۇرۇش يولىغا ماڭىمىزمۇ؟ ئەلۋەتتە، تامامەن مول ئەدەبىيات ۋە ئىلمىي ئەنئەنىسى بار، يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغان تىلغا ئۆتۈپ ، ئىجادىيەت بىلەن شۇ تىلدا شۇغۇللىنىش، ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تىلىنى راۋاجلاندۇرىمىز دەپ جاپا چەكمەسلىك يولىغا مېڭىش، شۈبھىسىزكى، ناھايىتى يەڭگىل ئىدى. بۇنداق ئەركىن تاللاش ئادەمنى مەھلىيا قىلاتتى. بىراق، بۇنداق تاللاش ئۆز مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى سۇلغۇنلاشتۇرۇپ، قۇرۇتۇپ قويماسمۇ؟ ئۇ مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ دەۋر روھى جەھەتتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىشنى ئىلگىرى سۈرەلەرمۇ؟ ئەڭ مۇھىمى، بۇ خىل ھالەت تارىخنىڭ «يارىتىشى»غا ئۇيغۇن بولۇپ، ناھايىتى مۇرەككەپ، ناھايىتى كۆپ خىل دۇنيانىڭ ئورتاق پايدا ـ مەنپەئىتىگە ئايلىنالامدۇ؟ قېنى، كىم ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىدە نېمىلەرنى ساقلاشنىڭ ياخشى، نېمىلەرنى ساقلاشنىڭ يامان بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ؟ بۇ مەسىلە توغرىسىدا دائىم ئويلىنىشقا، « قوللاش » ياكى «قارشى تۇرۇش»نى دەڭسەپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. تىلنى تاللايدىغان چاغدا، ئەركىن تاللاشنىڭ مۇمكىنچىلىكىگە ۋە بى رگراژداننىڭ خەلق ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچىغا ھۈرمەت قىلىش زۆرۈرلۈكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. چۈنكى خەلق بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ . ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى بولغان تىلنى بىزگە ئاتا قىلغان. بىز ئانا تىلنىڭ كارامىتىگە ئاپىرىن ـ تەھسىن ئېيىتماي تۇرالمايمىز. بىز پەقەت بالىلىق چاغلىرىمىزدىن باشلاپ ئىگىلىگەن ئانا تىل بىلەنلا ئادەم قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىكى مىللىي غۇرۇر بۇلىقىنى ئاچالايمىز: ئانا تىل بىلەنلا خەلق تەجرىبىلىرىدىن تۇغۇلغان شېئىر ئارقىلىق يۈرەك ـ قەلبلەرگە مادار ـ دەرمان بېرەلەيمىز، پەقەت شۇندىلا ئەسلى ـ نەسلىمىزدىن تارتىپ قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئاجايىپ مۆجىزىلىك، مەزمۇنى دېڭىز ـ ئوكيانلاردىن چوڭقۇر ئانا تىلدىن ئېستېتىك زوق ئالالايمىز. پەقەت بالىلىق دەۋردىلا ئانا تىلنى ھەقىقىي چۈشىنەلەيمىز، پەقەت بالىلىق دەۋردىلا ئۆزىمىز بىلەن ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەر، قاتلام ـ تەبەقىلەر ۋە مەلۇم مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز. دېمەكچىمەنكى، ھېچبولمىغاندا ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، بىر ئادەم بالىلىق دەۋرىدە ئۆزى ئادەتتە ئۇچرىشىپ تۇرغان ئىككى خىل، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك تىلنى ماھىيەت جەھەتتىن چوڭقۇر ئىگىلىيەلەيدۇ، گەپ بۇ تىللارنىڭ باشتىلا ئۇنىڭغا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەنلىكىدە، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، رۇس تىلى ئانا تىلدىن، يەنى قىرغىز تىلىدىن تۆۋەن تۇرمايدۇ. قىرغىز تىلى بالىلىق چېغىمدىلا ئانا تىلىم بولغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇ مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ئانا تىلىم. ئۆزگە مىللەتلەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە راۋاجلانغان مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلانمىساق، بىز كۆپ خىل مىللەتلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرالمايمىز. مانا بۇ بىزنىڭ ئىككىنچى خىل يولنى تاللىشىمىزدىكى سەۋەب، بۇ يول مۈشكۈلرەك، ئەمما مول نەتىجىلىك يول، بىزدىكى ئۈچتىن بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ يېزىقى يوق ئىدى، كېيىنچە ئۇلارنىڭ يېزىقى بولدى. شۇڭا سوۋېت ئەدەبىياتى سەكسەن نەچچە مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدىن تەشكىل تاپتى.بۇ ئەمەلىيەت مىللەتلەرنىڭ مەمۇرىي رايونلىرىدا، تامامەن باراۋەرلىك پرىنسىپى ئاساسىدا ئۆز تىلىنى ئىشلىتىشنى يولغا قويۇشنىڭ بىر ئۇنۇملىك چارە ئەكەنلىكىنى يولۇق ئىسپاتلىدى. مەن بۇ يەردە رۇس تىلىنىڭ تولى توغرىسىدىمۇ سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن، رۇس تىلى ۋاستىچى، تارىختا، ھەر قايسى مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ بۈيۈك قىرغاقلىرىنى ئەڭ دەسلەپ تۇتاشتۇرغان كۆۋرۈك. ھالبۇكى، بۇ مىللەتلەر تېخى يېقىندىلا بىر ـ بىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىشمەيتتى. مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقىمۇ ناھايىتى زور ئىدى، ھەممىسىنىڭ بىر ـ بىرىنىڭكىگە ئوخشاشمايدىغان ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرى بار ئىدى. ئۆز ئارا پەقەتلا چۈشىنەلمەيدىغان تىل ئىشلىتەتتى. رۇس تىلى كۆپ مىللەتلىك سوۋېت جەمىئىيىتىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە ـ تىلىغا ـ يېڭى «مەدەنىيىلەشتۈرۈش» بىلەن مەدەنىيەتنىڭ بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان تىلغا ئايلاندى. چۈنكى ئۇ ئادەم سانى ئەڭ كۆپ مىللەتنىڭ تىلى ئىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئېلىمىزدىكى باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىغا تەسىر كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشىش داۋامىدا ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە بېيىتتى. ھازىر بىز شۇنداق جاكالىيالايمىزكى، بىز ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن، بىلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتنىڭ تىلىنى ئىشلىتىدىغان سوۋېت مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلدۇق. ئۇ ئېلىمىزدىكى بارلىق چوڭ كىچىك مىللەتلەرنىڭ ئەڭ ئېسىل نەتىجىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ مىللەتلەر تا بۈگۈنگە قەدەر تەپەككۈر، پىسخىكا ۋە تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزلىرىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ، سوۋېت مەدەنىيىتى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىنتىرناتسىئونالىزىملىق مەدەنىيەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھەر خىل مىللىي شەكىللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەتتۈر. بۇ خىل مەدەنىيەتتىكى ئىنتىرناتسئونالىزىملىق يېقىندىن بۇيانقى مەلۇم تەشۋىقاتلاردا دېيىلگنىدەك مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئورنىغا قاتمال شەكىللەرنى دەسسىتىش بولماستىن، بەلكى ئىمكانقەدەر پۈتكۈل جەمىئىيەتنىڭ ئىدىيىۋى بىرلىكى ئاساسىدا بارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى راۋاجلاندۇرىدىغان ئىنتىرناتسىئونالىزىمدۇر. بىز مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى ساقلاش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق پەرقلەرنى تامامەن يوقىتىۋېتىش ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى ئىستىلا قىلىۋېتىش خاھىشىغا تاقابىل تۇرىمىز. بۇ مىللىي مەدەنىيەتلەر ئاللىقاچان ئۆز ئورنىنى ئىگىلەپ بولغان، شۇڭلاشقا ئۇنى يوقىتىۋېتىش خاھىشى كىشىلەردە دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئىستىقبالىغا نىسبەتەن ئەندىشە پەيدا قىلىپ قويىدۇ. مېنىڭچە، ئالىيجاناپ گۇمانىزم «ئىنسانپەرۋەرلىك» ۋە ئەخلاقنىڭ ئەھمىيىتى سوتسىيالىسىتىك مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ بىرلىشىش جەريانىدا، ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئىندىۋىدۇئاللىقىنىڭ يوقالمايدىغانلىقىدا، ئۇلارنىڭ ئەزەلدىن بار ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ يوققا چىقىرىلمايدىغانلىقىدا، ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز بېيىتىدىغانلىقىدا، مۇكەممەللىشىدىغانلىقى ۋە راۋاقلىنىدىغانلىقىدا، يوشۇرۇن شەرتلەرنى قازىدىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق شەرتلەر ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا مەۋجۇت شەرتلەرلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنە، مەنىۋى مىراسلىرىدىن، ئۇزۇن مۇددەت داۋامىدا جۇغلانغان تارىخىي تەجرىبىلىرىدىن بىۋاسىتە ۋارىسلىق قىلىنىغان شەرتلەردۇر. ئەلۋەتتە، بۇ ئوڭايلا ئورۇنلىنىدىغان ئاددىي جەريان ئەمەس. بىز بۇ جەرياننى ئورۇنلاش ئۈچۈن غايەت زور، بەزىدە خېلىلا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردۇق ھەمدە بۇرۇن زادىل كۆرۈلمىگەن بەدىئىي تەپەككۈرنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ھارماي ـ تالماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ۋە ئىزدىنىپ ئورتاق تەجرىبىنى قولغا كەلتۈردۇق. بىز تۇرمۇشنى دېئالىكتىكىلىق تونۇش، نۇرغۇن قالدۇق ئىدىيىلەرنى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدىكى «بالىلىق كېسىلى»نى يېڭىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردۇق، سوۋېت ئىتتىپاقىدەك غايەت زور، كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا، مىللىي مۇناسىۋەت جەھەتتە دائىم دېگۈدەك يېڭى جەريان ۋە يېڭى مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلمىسلىكى مۇمكىن ئەمەس. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بەزى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردە باشقا مىللەت گىراژدانلىرىنىڭ سانى ناھايىتى تېز كۆپەيدى، ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇشى جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدە تەلىپى بار، مانا بۇ بىزنىڭ يۇقىرىقى سۆزىمىزنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مىللەتلەر تۇرمۇشىنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە، تۇرمۇش ھەر سائەت، ھەر مىنۇتتا ئۆزگەرمەكتە. بىز ئۇزۇندىن بۇيان قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە دەپ قاراپ كەلگەن ئالاھىدىلىكلەر تۇرمۇشتىن ۋە كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىن بارغانسېرى يوقاپ، مەدەنىيەت جەھەتتە بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزدىكى توسالغۇغا ئايلىنىپ قالدى. ئارىمىزدىكى ئوخشاشمايدىغان مىللىي ئالاھىدىلىكلەرنى پەرقلەندۈرۈشنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، بىز ھامان دېگۈدەك تۇرمۇشىمىزدىكى مۇشۇنداق كۆپلىگەن نەرسىلەرنىڭ بىزدەك تەقدىرى، ئىدىيە سېستىمىسى بىر بولغان، بىر دەۋردە ياشاشۋاتقان ئادەملەرنى يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى تولۇق مۆلچەرگە ئالالماي قالىمىز. قاتلاملارنى، كونكرېت مۇھىتنى، كەسىپنىڭ تۈرلىرىنى، ئەڭ مۇھىمى، يېڭى ئادەملەرنىڭ پىسخىك ھالىتىنى مۆلچەرلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلىش كېرەك. سوۋېت كىشىلىرىنىڭ دۇنيا قاراش، پىسخىك ھالەت ۋە ھەرىكەت جەھەتتىكى ئۆزگىرىشنى ئەڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىش. گەرچە بىز باشقا ـ باشقا مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلساقمۇ، ئەمما تۇرمۇشقا بولغان قاراشتا، تۇرمۇشنى سېلىشتۇرۇشتا، باھالاشتا ۋە تۇرمۇشقا قويغان ئۆلچەمدە ئورتاقلىقىمىز بار. مېنىڭچە، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش جەريانىدا، يېڭى، زامانىۋى مىلودىيە «ئاساسلىق كۈي» ۋە يېڭى ئىدىيىۋى ئېقىمنى ئالقىشلاش كېرەك. بۇلار ئەسلىدىكى مىللىي شەكىللەرنى بېيىتىدۇ، ئۇنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ شەرتى بار. بۇ شەرت ئۇ خىل زامانىۋى مىلودىيە ۋە يېڭى ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ ئۆز مىللىتىمىزنىڭ تىلىدىن ئۆزىگە مۇۋاپىق ئىپادىلەش شەكلىنى تاپالاش ـ تاپالماسلىقىدۇر. ھازىر بىز يېڭى يۈكسەكلىككە ئۆرلەۋەتىمىز، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئادەمنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز، بۈگۈنكى تۇرمۇشنى بۈگۈنكى ئۇسۇللار بىلەن كۆزىتىشنى ئۆگىنىۋاتىمىز. شۇڭلاشقا، مىللىي شەكىلدە ھازىرقى دەۋر تۈسى جەۋلان قىلىشقا باشلىدى. ئەگەر قاتتىق بېكىنمىچىلىق قىلساق قانداق نەتىجە بولۇشى مۈمكىن؟ ئۇ ھالدا بىزنىڭ ئېرىشكىنىمىز ماھىيەت جەھەتتىكى جا مەدەنىيەت بولۇشى مۈمكىن چۈنكى ئۇنىڭدا ئەكس ئەنكىنى، ئەڭ كۆپ بولغانىدىمۇ شۇ بىر مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ بىر تەرىپىلا بولىدۇ. باشقا مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى بىلەن ئالماشتۇرۇش بولمىسا، بولۇپمۇ بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان مىللەتنىڭ مدەنىيىتى بىلەن ئالماشتۇرۇش بولمىسا، بۇ ئەمەلىيەتتە شۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىش مەنبەسىنى توسۇپ، ، بوغۇپ قويغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر «مىللەت ئالاھىدىلىكى»نى ساقلاپ قېلىش ئەڭ ئاخىرقى مەقسەت قىلىنغان بولسا، ئۇ ھالدا مۇبداق «ئالاھىدىلىك » ئالغا باسماي بىر ئىزدا توختاپ قېلىش، ئالەمدىن بىخەۋەر ئۆتۈش، نەزەر دائىرىسى تار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە شۇ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ سىرتقا تارقىلىشغىمۇ توسقۇن بولىدۇ. مىللىي غۇرۇر ۋە تەكەببۇرلۇق، ناھايتى روشەنكى، تامامەن مەنىداش نەرسە ئەمەس، ئالدىنقىسى ئۆز مىللىتىنىڭ گۇمانلىنىشقا بولمايدىغان ئارتۇقچىلىقلىرىدىن پەخىرلىنىش، ئەمما ئۇنى تېپىلماس نەرسىدەك ھەممە يەردە كۆس ـ كۆس قىلىپ يۈرمەسلىكنى كۆرسەتسە، كېيىنكىسى ئۆزىنىڭ ساختا ئارتۇقچىلىقلىرىدىن مەغرۇرلىنىشنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرمەسكە سېلىش، ھەتتا ئۇلارنى شۇ مىللەتنىڭ «ئارتۇقچىلىقى» قىلىۋېلىشنى كۆرسىتىدۇ. باشقا مىللەتلەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئېلېپ بارغاندا غۇرۇر بىلەن تەكەببۇرلۇقنىڭ چەك ـ چېگىرىسىنى ئايرىۋېلىشقا زور ياردىمى بولىدۇ. تەبىئىيكى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇلسا مىللىي ئالاھىلىكلەردە ئۆزگىرىش بولىدۇ ھەمدە مىللىي شەكىل پەيدا بولىدۇ. ئۇلار بىر ـ بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر ـ بىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، بىر ـ بىرىنى بېيىتىدۇ ھەمدە ۋاقتى ئۆتكەن كونا رامكىلاردىن قۇتۇلىدۇ. ئەمما، ھەر قېتىم دېگۈدەك گەپ مىللىيلىك ئۈستىگە كەلگەندە، نېمە ئۈچۈنكى، بەدىئىي تەپەككۈر قايسى دەۋردە بولسا، ئۇنىڭ شۇ دەۋرگە خاس ئىجتىمائىي مەنىۋى ھالەتنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، بىزنىڭ كۆزىمىز كۆپرەك ئۆتكەنكىنى كۆرىدۇ. ياق، مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ئەسىرلەردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن مىللىي ئالاھىدىلىكلەرنىڭ يىغىنىدىسى ئەمەس. مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى دېگەن بۇ ئۇقۇم ئىچىدە ئەزەلدىنلا بار بولغان، ۋاقىتنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن نەرسىلەر، بۇرۇنقى دەۋرلەردە شەكىللەنگەن تەجرىبىلەر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ھازىرقى دەۋر رېئاللىقىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن يېڭى نەرسىلەرمۇ بار. سوۋېتنىڭ كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل نەتىجىلىرىدە جەمئىيەتنىڭ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئۇلۇغ غايىلىرى بار، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ مىللىيلىكى ئىنتىرناتسىئونالىزىمدىن زادىلا ئايرىلمايدىغان مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن، ئىنتىرناتسىئونالىزم بۇ يەردە ئالاھىدە مىللىي شەكىل بولۇپ ئىپادىلەنگەن. ئۇلارنىڭ مۇلايىملىق بىلەن بىرىكىشى پىشىپ يېتىلگەن سەۋىيىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. ھالبۇكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئېڭى، باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشىش تەشنالىقى ۋە باشقىلارنى چۈشىنىش ئۈمىدى بولسا مانا مۇشۇ يەردىن باشلانغان، ئۇلارنىڭ مەنبەسى مانا مۇشۇ يەردە. مەن بۈگۈنكى دۇنيادا نۇرۇغۇن بەس ـ مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان مىللىي مەدەنىيەت مەسىلىسىنى تەپسىلىي شەرھلەپ ئۆتتۈم. ھەر بىر مىللەتنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى ئۆز مەدەنىيىتىگە «ئوخشاشمايدىغان قىياپەت» بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىش ئىمكانىيىتىنى ئاتا ـ قىلغان. ئانا يۇرت بىلەن، ئۆز مىللىتىمىز بىلەن ، مىللىتىمىزنىڭ تۇرمۇشىدىكى جىددىي مەسىلىلەر بىلەن بولغان ئالاقە ـ مۇناسىۋەت گويا ھاياتىي كۈچكە تولغان ھەمدە مول ئۈنۈملۈك سۈتكە ئوخشاش، مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيىتىگە جان، قۇدرەت بېغىشلاپ، ئۇنى راۋاجلاندۇرىدۇ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ كەڭ زېمىنىغا باشلايدۇ. چۈنكى، ھەر بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدا، ئۇلارنىڭ دۇنيانى بىلىشى جەريانىدا نۇرغۇن ئورتاق نەرسىلىرى بولىدۇ، شۇڭا مىللىي نەرسىلەرنى ئىنتىرناتسىئونالىزملىق نەرسىلەر بىلەن قارىمۇ ـ قارشى قىلىپ قويماسلىق كېرەك. مەسىلەن، بىر قىسىم ئاسىيا، ئافرىقا زىيالىيلىرىنىڭ ياۋروپانىڭ مەركەزچىلىكىگە، مەدەنىي تەپەككۈر شەكلىگە قارىتا ئۆز قارىشى بار. بۇنىڭ سەۋەبىنى، ئەلۋەتتە، چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئۇلارنىڭ ئېسىگە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى، مىللىي غۇرۇرىغا قىلىنغان ھاقارەتلەرنى سالىدۇ. ئەمما، ئىلغار ئاسىيا، ئافرىقا زىيالىيلىرى ياۋروپانىڭ تەجىبىلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئاللىبۇرۇنلا باشلىۋەتكەن ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى بېيىتقان. ئۇلار ياۋروپانىڭ تەجرىبىلىرىنى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بايلىقى، يەر شارىدا ياشاۋاتقان بارلىق ئادەمگە مەنسۇپ دەپ تونۇغان. «دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ 1988 ـ يىل 3 ـ سانىدىن» ئېلىندى. (ئاپتورنىڭ خەنزۇچە «ئەدەبىيات ۋە سەنئەت توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم» ناملىق توپلىمىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق