شەيتان ئاشىق

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-19 09:30:49

بۇ ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكى ئەنگىلىيىگە كەڭ تارقالغان شۇ نامدىكى بىر ۋەقەلىك بايان قىلىنغان خەلق قوشىقىدىن ئېلىنغان.دوروۋ خانىم لوندون شەھىرىدىكى ئىشىنى تۈگىتىپ، ئېلىپ كېتىدىغان نەرسە-كېرەكلىرىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە ماڭدى. ئۇ نەرسە كېرەكلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆزىن



     

    شەيتان ئاشىق

    ئېلزابىت باۋن

    دىلشات سۇلتان تەرجىمىسى

    \

    «شەيتان ئاشىق» ئاپتورنىڭ نادىر ھېكايىلىرىدىن بىرى، بۇ ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكى ئەنگىلىيىگە كەڭ تارقالغان شۇ نامدىكى بىر ۋەقەلىك بايان قىلىنغان خەلق قوشىقىدىن ئېلىنغان.

    ھېكايىنىڭ بېشىدىلا ئاپتور دۇروۋ خانىمنىڭ ئۆيىگە قايتقانلىقى، ئىشىكتىن كىرىپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىققانلىقى قاتارلىق ئۇششاق تەپسىلاتلارنى ناھايىتى ئۇزۇن تەسۋىرلەپ بېرىدۇ، ئاندىن ۋەقەلىكنى «شەيتان ئاشىق» تەرەپكە يۆتكەيدۇ. بۇنداق بايان قىلىش ھېكايىنىڭ جىددىيلىكىنى، ۋەھىمىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتمەستىن، ئەكسىچە ئوقۇرمەنلەرنى كېيىنكى ۋەقەلىككە ئۇستاتلىق بىلەن سۆرەپ كىرىدۇ. ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا كىرا ئاپتوموبىلىنىڭ دۇروۋ خانىمنى ئېلىپ قاچقانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بۇ ھەقتە ئوبزورچىلار ھەرخىل قىياسلارنى قىلىشقان. كىرا ئاپتوموبىلىغا چىققان دورۇۋ خانىم زادى نېمىنى كۆردى؟ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان ئاشىق زادى ئادەممۇ ياكى شەيتانمۇ؟ قېنى بۇ مەسىلىلەرگە قىزىقسىڭىز ھېكايىنىڭ ئۆزىگە كېلېڭ!

     

    دوروۋ خانىم لوندون شەھىرىدىكى ئىشىنى تۈگىتىپ، ئېلىپ كېتىدىغان نەرسە-كېرەكلىرىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە ماڭدى. ئۇ نەرسە كېرەكلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنىڭ، بەزىلىرى ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئىدى. ئۇلار يېزىغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن سەھراغا خېلىلا كۆنۈپ قېلىشتى. ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرى بولغاچقا، ھاۋا سۇس تۇمانلىق ئىدى، بەزىدە ئارىلاپ ئۆتكۈنچى يامغۇر يېغىپ قوياتتى. بۇنداق كۈنلەردە قۇياش دىدارىنى كۆرمەك تەس ئىدى، بەزىدە قۇياش پاللىدە چىقىپ قالسا، يول ياقىسىدىكى دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى يالتىرىپ كېتەتتى. ئۇپۇقتا بۇلۇتلار يىغىلىپ، بارغانچە قۇيۇقلىشىشقا باشلىدى. قارا بۇلۇت ئاستىدا ئۆرۈلۈپ كەتكەن تۇرخۇنلار ۋە تام-ۋادەكلەر كۆرۈنۈپ تۇراتتى. دورۇۋ خانىمغا ئىنتايىن تونۇشلۇق بۇ كوچا مانا ئەمدى پاسكىنا، باشقىچىلا پۇراقلارغا تولغاندەك بىلىنمەكتە. بىر مۈشۈك ۋادەك ئاستىدىن كىرىپ كەتتى. دورۇۋ خانىمنىڭ قايتىپ كەلگىنىگە ھېچكىم دىققەت قىلمىدى. ئۇ قولىدىكى بىر نەچچە بوپىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ تۇرۇپ، ئىشىكنىڭ دات بېسىپ كەتكەن قۇلۇپىنى ناھايىتى تەستە ئاچتى، قىيىپ كەتكەن ئىشىكنى تىزى بىلەن ئىتتىرىپ ئېچىپ ئۆيگە كىردى. بۇرنىغا بىرخىل بىخسىق پۇراق ئۇرۇلدى.

    پەلەمپەي يېنىدىكى دېرىزىنى ياغاچلار بىلەن مىخلىۋەتكەچكە، دالان قاراڭغۇ، ئەمما قىيا ئېچىقلىق تۇرغان ئۆي ئىشىكىنى پەرق ئەتكىلى بولاتتى. ئۇ ئۇدۇللا شۇ ئۆيگە كىردى-دە، يوغان دېرىزىنى ئېچىۋەتتى. دورۇۋ خانىم مىجەزى ئېغىر ئاياللاردىن ئىدى. ئۇ ئەتراپقا قارىدى، ئۆيدىكى ھەر بىر نەرسىدە ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق تۇرمۇشىنىڭ ئىزناسى بار ئىدى، ئۇلارغا قاراپ، دورۇۋ خانىم نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى: ئاق مەرمەر تاشتىن ياسالغان تام مەشنىڭ ئۈستى ئىستىن سارغىيىپ كەتكەن، ئۈستەلدە لوڭقىنىڭ ئىزى، تام قەغىزى يىرتىلغان، ھەر قېتىم ئىشىكنى يوغان ئاچقاندا ئىشىكنىڭ يوغان تۇتقۇچى يىرتىۋەتكەنىدى؛ پېئانىنونى ساقلاشقا ئاپىرىپ بەرگەچكە، پولدا ئۇنىڭ ئىزلىرى قالغان، ئۆيدىكى نەرسىلەرنى سۇس بىر قەۋەت توپا باسقان؛ ئۆيگە ھاۋا كىرىدىغان يەر پەقەتلا تۇرخۇن بولغاچقا، مېھمانخانىدىن بىر خىل مۇزدەك ئوتخانا پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى. دورۇۋ خانىم بوپىلىرىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ، ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقماقچى بولدى، ئۇ ئالماقچى بولغان نەرسىلەر ھۇجرىدىكى ساندۇقتا ئىدى.

    ئۇنىڭ ئۆيلەرنى بىر كۆرۈپ چىققۇسى كەلدى. ئاڭلىسا، بىر نەچچە خوشنىسى بىلەن بىرلىشىپ ياللىۋالغان ئۆي باققۇچى بۇ ھەپتە دەم ئالغىلى كېتىپ قايتىپ كەلمەپتۇ. ئۇ ئادەم دەم ئالمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ ئۆيلەرگە دائىم كېلىپ يۈرمەيتتى. دوروۋ خانىم دەسلىپىدىلا بۇ ئادەمنى ئىشەنچلىك ھېس قىلمىغان. ئۆتكەنكى بومباردىمانچىلىق تۈپەيلىدىن تاملارنىڭ بىر نەچچە يېرىگە دەز كەتكەن ئىدى، ئۇ دەزلەرگە قاراپ باقماقچى بولدى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنى ياساپ ئورنىغا ئەكىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

    دېرىزىدىن چۈشۈپ سۇنغان نۇر، دالانغىمۇ قىيپاش چۈشۈپ تۇراتتى، ئۇشتۇمتۇت، دۇروۋ خانىم ئۈستەل ئۈستىدە تۇرغان بىر پارچە خەتنى كۆرۈپ توختاپ قالدى.

    ئۇنىڭ كاللىسىدىن دەرھال ئۆي باققۇچى قايتىپ كەلگەن چېغى، دېگەن خىيال كەچتى. ئەمما، بۇ ئۆينىڭ ئىشىك دېرىزىلىرى ھىم ئېتىك تۇرسا، كىممۇ بۇ خەتنى خەت ساندۇقىغا تاشلاپ قويار؟ ئۇ يا ئېلان ۋەرەقىسى ئەمەس. پوچتىخانا بۇ ئۆيگە كېلىدىغان پوچتا يوللانمىلىرىنى يېزىدىكى ئادرىسىغا ئەۋەتىدىغان بولغان. دۇروۋ خانىم ھېچكىمگە ئېتمىغاچقا، ئۆي باققۇچى قايتىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، دۇروۋ خانىمنىڭ بۈگۈن لوندۇنغا كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ ئادەمنىڭ بۇ خەتنى بىپەرۋالىق بىلەن تاشلاپ  قويغانلىقىغا دۇروۋ خانىمنىڭ ئاچچىقى كەلدى. ئۇ شۇ ئاچچىقى بىلەن خەتنى ئالدى، خەتكە ماركا چاپلانمىغانىدى. بۇ مۇھىم خەت بولمىسا، ئۇلار... دۇروۋ خانىم خەتنى ئېلىپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتى ۋە ھۇجرىغا كىرىپ دېرىزىنى ئاچتى، ئۆي يورىدى. ھۇجرىنىڭ دېرىزىسىدىن ئۇلارنىڭ ۋە قوشنىلارنىڭ گۈللۈگى كۆرۈنۈپ تۇراتتى؛ ئەمدى قۇياش پۈتۈنلەي ۇلۇتلار كەينىگە ئۆتكەن، بۇلۇتلار قۇيۇقلىشىپ كەتكەنىدى، دەرەخلەر ۋە ئۆسۈپ كەتكەن چىملىق خىرە گۇگۇمدا قالغاندەك كۆرۈنەتتى. دۇروۋ خانىمغا خەت ئەۋەتكۈچى ئۇنىڭغا تازا ھۆرمەت قىلمىغاندەك بىلىنگەچكە، خەتنى دەرھال ئوقۇمىدى. ئەمما، يامغۇر ياغىدىغاندەكلا تۇرغاچقا، ئۇ ئاخىر خەتنى ئېچىپ ئوقۇدى. خەت قىسقىلا يېزىلغانىدى.

     

    سۆيۈلۈكۈم كاتىرىن:

    سىز بۈگۈنكى كۈننىڭ خاتىرە كۈنىمىز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز. ئاي-كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلاشقاندەك كەينى-كەينىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئەمما، ھەممە نەرسە ئۆزگەرمىدى، سىزنىڭمۇ ۋەدىڭىزدە تۇرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. لوندۇندىن كەتكەنلىكىڭىزدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم، ئەمما ۋاقتىدا قايتىپ كېلىدىغانلىقىڭىزدىن كۆڭلۈمگە ئەمىن تاپتىم، قېنى، دېيىشىپ قويغان ۋاقىتتا مېنى ساقلاڭ.

    ئۇ چاغدا...

     

    دۇروۋ خانىم خەتنىڭ چېسلاسىغا قارىدى. ۋاقىت بۈگۈن ئىدى. ئۇ خەتنى كارىۋاتقا تاشلاپ قويدى، ئەمما ئارقىدىنلا ئۇنى ئېلىپ يەنە ئوقۇدى. ئۇنىڭ لەۋ سۇرۇخنىڭ يۇقۇندىسىلا قالغان لەۋلىرى ئاقىرىپ كەتتى، ئۆزىگە چىرايىمۇ تاتىرىپ كەتكەندەك بىلىندى. ئۇ تىكلىمە ئەينەك ئالدىغا كېلىپ، ئەينەكتىكى چاڭ-توزاننى يۈزى كۆرۈنگىدەك قىلىپ سۈرتتى-دە، ئۇنىڭغا قارىدى. ئەينەكتىن 44 ياشلىق ئايالنىڭ چىرايى كۆرۈندى. بېشىدىكى باشنىكى سەل ساڭگىلاپ قالغان، باشنىك ئاستىدىكى كۆزلەر ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى. ئۇ چايخانىدا چاي ئىچكەندىن كېيىن يۈزىگە ئەڭلىك سۈرتمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئورۇق بوينىدىكى، تويدا ئېرى ئېلىپ بەرگەن مەرۋايىت مارجىنى يۇلغۇن چېچىكى رەڭلىك پوپايكىسىنىڭ ياقىسىدىن ئىچىگە كىرىپ قالغانىدى. بۇ پوپايكىنى بۇلتۇر كۈزدە ھەدىسى ئوچاق ئالدىدا ئولتۇرۇپ توقۇپ بەرگەنىدى. دۇروۋ خانىم كۆپ چاغلاردا بىرخىل ساراسىمە ئىچىدە قالغاندەك يۈرەتتى، ئەمما چىرايىدىن ھەرقانداق ئىشقا ماسلىشالايدىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئۈچىنچى ئوغلىنى تۇغقاندىن كېيىن قاتتىق بىر ئاغرىدى، شۇنىڭدىن كېيىن سول جاۋغىيى دائىم تىترەپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ ئىش قىلغاندا ناھايىتى روھلۇق، ئۆزى بولسا ناھايىتى تەمكىن يۈرەتتى.

    ئۇ ئەينەكتىن يۈزىنى ئۆرۈدى-دە، ئۇدۇل ساندۇقنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قۇلۇپنى ئاچتى، ساندۇق ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ نەرسە ئىزدەشكە باشلىدى. بىردىنلا يامغۇر تاراسلاپ يېغىپ كەتتى. ئۇ ئىختىيارسىز كارىۋاتنىڭ ئۈستىدىكى ھېلىقى خەتكە لەپپىدە قاراپ قويدى. شۇ ئەسنادا چېركاۋنىڭ قوڭغۇرىقى ئالتىنى ئۇردى، ئۇ ھەربىر قوڭغۇراق ئاۋازىنى سانىغاندا، قەلبىدىكى ۋھىمە شۇنچە كۈچىيىپ باراتتى. «دېيىشىپ قويغان ۋاقىت... ۋاي خۇدايىم،- دېدى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە،- قايسى ۋاقىتتۇ؟ قانداق قىلارمەن...؟ 25 يىل ئۆتۈپ كەتكەن تۇرسا...»

    گۈللۈگدە بىر قىز بىر ھەربىي بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. قاراڭغۇ چۈشپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار دەرەخ ئاستىدا تۇرغاچقا، قىز يىگىتنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىدى.  بۇ خوشلىشىش مىنۇتلىرىدا يىگىتنىڭ چىرايىنى كۆرەلمىگەن قىز ئۇنىڭ بىلەن شۇ دەقىقىلەردە سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېقىش ئۈچۈن قولىنى سوزۇپ يىگىتنى تۇتۇپ باقماقچى بولاتتى، ئەمما ھەرقېتىمدا يىگىت ناھايىتى قوپاللىق بىلەن ئۇنىڭ ئالقىنىنى ھەربىي پەلتوسىنىڭ تۈگمىسىگە چىڭ بېسىۋالاتتى. بۇنداق چاغدا قىزنىڭ ئالقىنى ئاغرىپ كېتەتتى. قىزنىڭ ئالقىنىدىكى شۇ تۈگمە ئىزلىرى قىزغا قالغان چوڭ خاتىرە بولدى. يىگىت فىرانسىيىدىن دەم ئېلىشقا كەلگەن، مانا ئەمدى ۋاقتى توشۇپ قايتىپ كەتمەكچى بولۇۋاتاتتى. بۇ 1916-يىلى ئاۋغۇست ئېيى ئىدى، يىگىت قىزنى سۆيۈپ قويمىدى، ئەكسىچە ئۇنى ئىتتىرىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى. قورققىنىدىن قىزنىڭ تېنى شۈركىنىپ كەتتى، چۈنكى قىزۈە يىگىتنىڭ كۆزلىرىدە ئىككى پارچە ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقاندەك بىلىنگەنىدى. قىز چىملىقنىڭ نېرىسىدىكى دەرەخلەر ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان مېھمانخانا ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدىكى چىراغ نۇرىغا قارىدى، ئۇ چوڭقۇر تىندى، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاپىسىنىڭ ۋە ھەدىسىنىڭ ئۇنى قوغدايدىغان قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپ تۇرۇپ: «مەن قانداق قىلىمەن؟ قانداق قىلارمەن، ئۇ كېتىدىغان بولدى.» دەپ نالە قىلىۋاتقاندەك تەسەۋۋۇر قىلدى.

    قىزنىڭ ئېغىر تىنغانلىقىنى ئاڭلىغان سۆيگىنى بىر خىل پەرۋاسىزلىق بىلەن ئۇنىڭدىن:

    -سوغۇقمۇ؟- دەپ سورىدى.

    -شۇنداق، يىراققا كېتەمسىز؟

    -سىز ئويلىغاندەك يىراق ئەمەس.

    -مەن بىلەلمىدىم.

    -بىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق،-دېدى يىگىت،- سىز ھامان بىلىسىز، بىز دېيىشكەن گەپلەرنى بىلسىڭىزلا بولدى.

    -ئەمما ئۇ چاغدا، دېمەكچىمەنكى، ئەگەر سىز...

    -ئىككىمىزنىڭ بىرگە بولىدىغانلىقى ھامان بولىدىغان ئىش، بۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ،-دېدى يىگىت،-سىز ھېچ نەرسە قىلماي، مېنى ساقلاپ تۇرسىڭىزلا بولدى.

    بىر مىنۇتتىن كېيىن قىز ئەركىنلىككە چىقتى. ئۇ يۈگۈرگەن پېتى چىملىقتىن ئۆتتى، دېرىزىدىن ئاپىسى بىلەن ھەدىسىنى كۆردى، ئەمما ئۇلار ئۇنى كۆرەلمەيتتى. ئۇنىڭغا ھېلىقى ئەقىلگە سىغمايدىغان ۋەدە ئۇنى بارلىق ئىنسانىيەتتىن ئايرىۋەتكەندەك بىلىندى.

    ھەرقانداق ئۆزىنى بېغىشلاش ئۇنى بۇنداق يىگانە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويمىغان، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىسا قارغىشقا قالىدىغانلىقى ئېنىق، ئۇ ئەمدى بۇنىڭدىنمۇ بەتتەر شۇملۇق چىقىپ تۇرىدىغان ۋەدىگە ماقۇل بولماس.

    نەچچە ئايدىن كېيىن، توي قىلماقچى بولغان يىگىتنىڭ ئۇرۇشتا يوقاپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى، ئۇنى قۇربان بولۇپ كەتتى دېيىشكىمۇ بولاتتى. ئۇ ئۆزىنى شۇنچىلىك تەمكىن تۇتۇۋالدى، ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ غەيرىتىگە ھەيران قالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار قىزنىڭ قايغۇنى تېزرەك ئۇنتۇپ، ئۆشىنى ئوڭشىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، ئەگەر ئوڭلانسىلا، كېيىنكى ئىشلار ئاسانغا توختايتتى. قىزنىڭ قايغۇسى ئانچە چوڭقۇر بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا بىر خىل گاڭگىراش بار ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭغا تەكلىپ قويغۇچىلارمۇ چىقمىدى. بىر نەچچە يىل شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ 30 ياشقا يېقىنلاشقاندىلا، ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش تىتىلداشقا باشلىدى. ھەرخىل ئوي-خىياللارغا پاتىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ 32 ياشقا كىرگەندى ۋېليام دۇروۋ ئەپەندى ئۇنىڭغا تەكلىپ قويدى، ئۇ ئۆزىنى گويا چوڭ بىر يۈكتىن ئازاد بولغاندەك ھېس قىلدى. ئۇلار توي قىلدى. ئۇلار ياپيېشىللىققا پۈركەنگەن كېنىشىنگتوندا خاتىرجەم ھايات كەچۈردى. مانا مۇشۇ ئۆيدە يىللار كەينى-كەينىدىن ئۆتىۋەردى، بالىلىرى تۇغۇلدى ۋە مۇشۇ يەردە چوڭ بولدى. ئۇرۇش پارتلاپ، بۇ ئەتراپقا چۈشكەن بومبا ئۇلارنى بۇ ئىسسىق ماكاندىن ھەيدىدى. دۇروۋ خانىمنىڭ تۇرمۇش دائىرىسى چەكلىك، ئۇ ئەزەلدىن ئۆز تۇرمۇشىنى باشقىلار نازارەت قىلارمىكىن، دېگەندەك ئەندىشىلەردە بولمايتتى.

     

    خەت يازغان ئادەم مەيلى ئۆلۈك، مەيلى تىرىك بولسۇن، بۇ بىرخىل تەھدىت ئىدى. دۇروۋ خانىم يۈكۈنگەن يېرىدە بىردەم ئولتۇرۇپ قالدى. لېكىن، ئۇ يەنە بۇنداق ئولتۇرۇشنى بىئەپ كۆردى بولغاي، ساندۇق ئالدىدىن تۇرۇپ، تام تۈۋىگە قويۇلغان ئورۇندۇققا بېرىپ  ئولتۇردى. بۇ ئۆي ھازىر تاشلاندۇق بولۇپ قالدى. ئۇ تويدىن كېيىن ھايات كەچۈرگەن لوندۇندىكى بۇ ئائىلىنىڭ كىشىگە بېرىدىغان تەسىرى گويا دەز كەتكەن ئىستاكاندەك بولۇپ، ئۇ ئادەمنى خاتىرجەم قىلىدىغان ئەسلىمىنى ئېقىتىۋاتقاندەك بولغاچقا، كايىنلىندا بىر خىل ۋەھىمە پەيدا قىلىپ قويغان ئىدى. خەت يازغان ئادەم مانا شۇ ۋەھىمىنى بىلىۋالغاچقا، دەل مۇشۇنداق چاغدا ئۇنىڭغا زەربە بەرگەنىدى. شۇ تاپتا، بۇ ئۆيدىكى بۇرۇنقى كۈلكە-چاقچاق، قايناق ھايات، گۈپۈرلەپ تۇرىدىغان ئاياغ تىۋىشى ئاڭلانمىغاچقا، مانا ئەمدى بۇ جىمجىت، قۇرۇق ئۆيدە ئۇلار خۇددى بىر چۈشتەكلا بىلىنەتتى. ئۇ يېپىق تۇرغان دېرىزىدىن ئۆگزىدىن چۈشۈۋاتقان يامغۇر ئاۋازىنى ئاڭلىدى. ئۇ ئۆزىنى روھلۇق تۇتماقچى بولۇپ، كۆزلىرىنى بىردەم يۇمۇپ ئۆزىگە، خەتنىڭ پەيدا بولۇشى پەقەت بىر خىيالىي تۇيغۇ، دېدى. ئەمما كۆزىنى ئېچىۋېدى، يەنە  كارىۋاتتىكى خەتنى كۆردى.

    بۇ خەت قانداق كەپقالدى؟ ئۇنىڭ بۇ ھەقتە چوڭقۇرراق ئويلانغۇسى كەلمىدى. بۈگۈن ئۆينى كۆرگىلى قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى لوندوندا ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۆي باققۇچى قايتىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ دۇروۋ خانىمنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە، ئۇخەتنى پۇرسىتى كەلگەندە پوچتىدىن يېزىغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولاتتى. ئەمما، ئۆي باققۇچىنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىرەر ئالامەت يوق، بىراق ئۇ قايتىپ كەلمىگەن بولسا، ئادەمسىز ئۆيگە خەت ئۇچۇپ كىرىپ قالامتى؟ قارىغاندا خەت يازغۇچى كايىنلىننى خەتنى چوقۇم كۆرسۇن دەپ، بىرەر ئادەمدىن پايدىلانغان گەپ، شۇغىنىسى، ئۆينىڭ ئاچقۇچى پەقەت ئۆي باققۇچىدىلا بار تۇرسا، ئۇ بۇ ھەقتە كۆپ ئويلاشنى خالىمىدى. بەزى ئەھۋاللاردا ئۆيلەرگە ئاچقۇچىسىزمۇ كىرگىلى بولىدىغۇ، شۇ تاپتا، بەلكىم بۇ ئۆيدە ئۇ ئۆزىيالغۇز ئەمەستۇ، پەستە ئۇنى بىرى ساقلاپ تۇرغاندۇ! ساقلاپ تۇرامدۇ؟ قاچان؟ «دېيىشكەن ۋاقىت» دېگىنى سائەت ئالتە ئەمەستۇ؟ سائەت ئالتىگە قوڭغۇراق ئاللىقاچان چېلىنىپ بولدى.

    ئۇ تېزدىن ئىشىكنى ئىچىدىن قۇلۇپلىۋالدى. ئامال قىلىپ بۇيەردىن كېتىش كېرەك. قېچىپ كېتەيمۇ؟ ياق بولمايدۇ. ئۇ ئەزەلدىن گېپىدە تۇرىدىغان، ئىشەنچلىك بولغاچقا، ئائىلىسىدە ئالاھىدە ئىناۋەتلىك ئىدى. شۇڭا ئۇ ئېلىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى ئالماي يېزىغا، ئېرى، بالىلىرى ۋە ھەدىسىنىڭ ئالدىغا بارالمايتتى. ئۇ يەنە ساندۇقنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئالىدىغان نەرسىلەرنى تاللىدى-دە، ئۇلارنى ئالدىراپ-سالدىراپ بىرنەچچە بوپا قىلىپ باغلىدى. بۇ بوپىلاردىن باشقا ئۇنىڭ يەنە بازاردىن سېتىۋالغان نەرسىلىرى بار، بۇنداق كۆپ نەرسە-كېرەكلەرنى ئۇ ھەرگىز كۆتۈرۈپ ماڭالمايتتى. خىيالىغا كىرا ئاپتوموبىلى كېلىشى بىلەن كۆڭلى سەل خاتىرجەم بولۇپ، تىنىقلىرىمۇ نورماللاشقاندەك بولدى. ئۇ ئويلىدى: تېلىفون بېرىپ كىرا ئاپتوموبىلى چاقىرتاي، ماشىنا شۇ ھامانلا كېلەلمەيدۇ، سىرتتا ماشىنا ئاۋازى ئاڭلانغاندىن كېيىن چىقساممۇ بولىدۇ، راست، تېلىفون سىمىنى ئۈزۈۋەتكەن تۇرسا... قانداق تېلىفون بېرەلەيمەن... قېچىپ كېتەي... ئۇ ئەزەلدىن ماڭا ئىسسىق چىراي ئېچىپ باققان ئەمەس، مېھرىبانلىقمۇ يەتكۈزمىگەن. ئاپاممۇ، ئۇ ساڭا ھەرگىز كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىغان، دەيتتى. ئۇ پەقەت م ېنى كەلتۈرۋېلىشنىلا ئويلىغان، ئەمەلىيەتتە راست شۇنداق بولغان، بۇنى قانداقمۇ مۇھەببەت دېگىلى بولسۇن. مۇھەببەت بولمىسا، باشقىلارغا كۆيۈنمىسەم ئۇنىڭ نېمە قىلغىنىغا مەن ئۇنداق ۋەدە بەرگۈدەكمەن، 25 يىل شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى... ئۇ ئىختىيارسىز ئالقىنىدا شۇ چاغدىكى تۈگمە ئىزىنى كۆرمەكچى بولغاندەك قارىدى. ئۇ يىگىتنىڭ شۇ چاغدىكى ھەربىر ھەرىكىتىنى، ھەربىر ئېغىز سۆزىنى، شۇنداقلا ئۆز ئەركىنلىكىنى يوقاتقان ئاشۇ ئاۋغۇستتىككى شۇ ھەپتىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ چاغدىكى مەن ئۆزۈم ئەمەس ــــ باشقىلارمۇ شۇنداق دېگەن. ئۇ ھەممە ئىشنى ئېسىگە ئالدىيۇ، ئەمما ھەرقانداق قىلىپمۇ يىگىتنىڭ چىرايىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلمىدى.

    ئۇ قەيەردە ساقلىسۇن، مەن ئۇنى بەرىبىر تونۇمايمەن، شۇنداق ئىكەن، ئۇ يېنىمدا بولۇپ قالسىمۇ، چىرايىنى بىلمىگەندىن كېيىن قاچالمايمەن-دە!

    ئۇنىڭ سائەت قانچىدە دېگىنىنىمۇ بىلگىلى بولمىسا... ئىمكان بار ئۇ دېگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن ماشىنىغا چىقىۋېلىش كېرەك. ئۇ تار كوچىدا ئاستا مېڭىپ، چوڭ يولغا چىقىۋېلىپ كىرا ئاپتوموبىلىنى توسۇپ ئىشىك ئالدىغا باشلاپ كەلسە، ئۆيدىكى بوپىلارنى شوپۇر ئېلىپ چۈشۈپ بېرىدۇ. شوپۇرنى ياردەمگە چاقىرىش كېرەك، دېگەن خىيال ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن غەيرەت ئاتا قىلدى. ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ، پەلەمپەي ئالدىغا كېلىپ پەستىكى قەۋەتكە قۇلاق سالدى.

    ئۇنىڭغا ھېچقانداق شەپە ئاڭلانمىدى، ،ئەمما شۇ ئەسنادا نەدىندۇر پەيدا بولغان بىر خىل سالقىن شامال ئۇنىڭ يۈزىنى سىپاپ ئۆتتى ۋە دالاندىكى بۇرۇقتۇما ھاۋانى يوقاتتى. بۇ يەر ئاستى ئۆيدىن چىققان سالقىن شامال: دەل شۇ چاغدا يەر ئاستى ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋاتقان بىرى ئۇنىڭ ئىشىكىنى ياكى دېرىزىسىنى ئاچقان بولسا كېرەك.

    يامغۇر توختىغانىدى. دۇروۋ خانىم ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاستا ئېچىپ كوچىغا چىقتى. يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن كوچىدا ئادەم دىدارى يوق ئىدى. ئۇ ئۇدۇلدىكى ئۆيلەرگە قاراپ-قاراپ قوياتتى، كونىراپ كەتكەن ئۆيلەرنىڭ دېرزىلىرى ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراۋاتقاندەك بىلىنەتتى، ئۇ ئارقىغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. ئوي-خىيالى چوڭ كوچىغا چىقىۋېلىپ كىرا ئاپتوموبىلى توسۇش ئىدى. ئەتراپ بەكلا، ھەددىدىن ئارتۇق تېنچ ئىدى. بۇيىل يازدا ئۇرۇش تۈپەيلى لوندون كوچىلىرىنىڭ بۇرۇنقى كوچىلىرىغا ھەسسىلەپ جىمجىتلىق قوشۇلغان ئىدى. ئەگەرشۇ تاپتا كوچىدا بىرەر ئادەم بولغان بولسا، ئۇ چوقۇم ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلىغان بولاتتى. ئۇ تار كوكچىدىن چىقىپ، ئاخىر ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرغان چوڭ كوچىغا چىقتى، شۇ چاغدىلا ئۇ ئۆزىنىڭ بەكلا ھودۇقۇپ كەتلەنلىكىنى ھېس قىلىپ، قەدەملىرىنى ئاستىلىتىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالدى. مەيدان چوڭ كوچىنىڭ ئۇ بېشىدا ئىدى، ئىككى كوچا ئاپتوبۇسى ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. كوچىدا كېتىۋاتقان ئاياللار، چارلاپ يۈرگەن ساقچىلار، ۋېلسىپېت مىنىپ كېتىۋاتقان ئادەملەر، قول ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتقان ئەر... مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇيەردە نورمال تۇرمۇش داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. بۇرۇن مەيداننىڭ ئادەم ئەڭ كۆپ يىغىلىدىغان يېرىدە كىرا ئاپتوموبىللىرى بېكىتى بار ئىدى. ئۇ شۇ يەرگە باردى. پەقەت بىرلا ماشىنا تۇراتتى. ئۇنىڭغا بۇ ماشىنا ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغاندەكلا بىلىندى. شوپۇر ئارقىغا قاراپمۇ قويماي ماتورنى ئوت الدۇردى، دۇروۋ خانىم ئارقا تەرەپتىن كېلىپ ماشىنا ئىشىكىنىڭ تۇتقۇچىنى ئەمدىلاتۇتۇشىغا سائەت يەتتىگە داڭ ئۇردى، ماشىنا چوڭ كوچىغا قاراپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىش ئۈچۈن ماشىنا ئارقىغا بۇرۇلۇشى كېرەك. دۇروۋ خانىم ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىغا ئولتۇردى. ماشىنا قوزغۇلۇپ بۇرۇلۇشقا باشلىدى، ئۇ بۇ ئىشقا ھەيرانلا قالدى، ئۇ ئۆزىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، شوپۇر ئۇنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلىدىغاندەك ئىدى، ئۇ شوپۇر بىلەن ئۇنى ئايرىپ تۇرىدىغان ئەينەك توسۇقنى چەكتى.

    شوپۇر بىردىنلا تورمۇز تۇتتى-دە، كەينىگە بۇرۇلۇپ توسۇقنى ئاچتى. تۇيۇقسىز تورمۇزدىن دۇروۋ خانىم ئالدىغا ئاغدۇرۇلۇپ، ئەنەك توسۇققا ئۈسۈۋالدى، ئېچىلغان ئەينەك توسۇقتىن ئىككىيلەن بىر-بىرىگە لەپپىدە قاراشتى، شۇ كىچىككىنە دەقىقە ھەر ئىككىيلەنگە ئەبەدىي تۇيۇلدى. دۇروۋ خانىم ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى-دە، بىردىنلا چىرقىراپ تاشلىدى. ئارقىدىن ئۇ كەينى-كەينىدىن ۋارقىراپ پەلەي كىيىۋالغان ئالقانلىرى بىلەن ماشىنا ئەينەكلىرىنى جېنىنىڭ بارىچە ئۇردى. كىرا ئاپتوموبىلى رەھىمسىزلەرچە ئىتتىكلەپ، ئادەمسىز كوچىنى بويلاپ ئۇچقاندەك ماڭدى.

    \

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.