مارس مەلىكىسى(25-باپ)

يوللىغۇچى : Oghuz-han يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-23 21:36:00

منارس مەلىكىسى يىگىرمە بەشىنچى باپئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان تەرجىمىسى زودانگادىكى بالايى - قازا مەن يوغان شەھەر دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا تۇراتتىم. دەرۋازا ئېچىلغاندىن كىيىن ئەللىك نەپەر ساكلىق رىتسا...

    منارس مەلىكىسى يىگىرمە بەشىنچى باپ
     ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان تەرجىمىسى

    زودانگادىكى بالايى - قازا مەن يوغان شەھەر دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا تۇراتتىم. دەرۋازا ئېچىلغاندىن كىيىن ئەللىك نەپەر ساكلىق رىتسار تارس تاركاسنىڭ باشچىلىقىدا ئاتلىرىغا مىنىشىپ ئىتىلىپ كىرىپ كەلدى. مەن ئۇلارنى باشلاپ خان ئوردىسى قورشاۋ تىمىنىڭ يېنىغا كەلدىم ۋە ھىچكىمنىڭ ياردىمىسىزلا بىرلا سەكرەپ ئىچىگە كىردىم. ئەمما ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن دەرۋازىنىڭ يېنىدا ئازاراق ئاۋارىيەگە يولۇقتۇم. دەرۋازا چاتقۇچ بىلەن ئېتۋىتىلگەن بولۇپ ئېچىش خېلى قىيىنغا توختىدى، شۇنداقتىمۇ بىر ئامال قىلىپ دەرۋازىنىڭ يوغان چاتقۇچىنى ئاچتىم. ئۇزاق ئۆتمەي مېنىڭ ياۋۇز ھەمراھلىرىم زودانگا خانىنىڭ گۈللىكىدىن ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كەتتى. خان سارىيىغا يىقىنلاشقان ۋاقتىمدا مەن بىرىنچى قەۋەتنىڭ چوڭ دىرىزىسىدىن سەيىن كوسىسنىڭ چىراق بىلەن يورۇپ تۇرغان قوبۇلخانىسىنى كۆردۈم. زال ئاقسۈڭەكلەر ۋە ئاقسۈڭەك ئاياللار بىلەن تولغان بولۇپ چوڭ بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۋاتقاندەك قىلاتتى. ئوردا سىرتىدا بىرمۇ قاراۋۇل كۆرۈنمەيتتى. قارىغاندا ئۇلار شەھەر سىپىلى ۋە ئوردا تېمىنى ھۇجۇم قىلىپ ئالغىلى بولمايدىغان مۇستەھكەم قورغان دەپ ئويلاپ بىخىرامان ئۆز ئىشى بىلەن بولۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. مەن ئالدىغا ئازاراق مېڭىپ ئەتراپنى ئەستايدىللىق بىلەن كۈزەتتىم. قوبۇلخانىنىڭ بىر بىشىدىكى بىرلىيانت ئولتۇرغۇزۇپ نەپىس ياسالغان كاتتا ئالتۇن تەخت ئۈستىدە سەيىن كوسىس بىلەن ئۇنىڭ خانىشى ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا دۆلەتنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ئىسىلزادىلەر تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئىككى تەرەپىدە بىر رەتتىن ئەسكەر تۇرغۇزۇلغان مەخمەل يول سوزۇلۇپ ياتاتتى. يەنە بىر تەرەپتە، زالنىڭ يىراق ئۇچىدا بىر رەت ئادەم تەختكە قاراپ كېلۋىتىپتۇ. ئۇلارغا باشلامچى بولۇپ ماڭغان كىشى تەخت ئالدىدىكى يولغا كىلىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن كىلۋاتقىنى يوغان بىر تەخسە كۆتۈرگەن خان مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ تۆت نەپەر ئوفىتسىرى بولۇپ تەخسىنىڭ ئىچىدىكى قىپقىزىل يىپەك تەگلىك ئۈستىگە ئىككى ئۇچىدا بىردىن ھالقا ۋە قولۇپ ئېسىلغان ئالتۇندىن ياسالغان بىلەيزۈك قويۇلغان ئىكەن. بۇ ئوفىتسىرلارنىڭ كەينىدىن سوڭدىشىپلا يەنە تۆت نەپەر ئوفىتسىر كىلۋاتقان بولۇپ قولىدا ئوخشاش تەخسە كۆتۈرگەن، تەخسە ئىچىگە زودانگا خان جەمەتىنىڭ شاھزادىسى بىلەن مەلىكىسىگە ئاتالغان نەپىس زىننەت بۇيۇملىرى قويۇلغان ئىدى. بۇ ئىككى گۇرۇپپا ئادەم تەخت ئالدىدا ئايرىلغاندىن كىيىن توختاپ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۆزئارا روبىرو تۇردى. كەينىدىنلا يەنە خان سارىيى ۋە ھەربىي قىسىمنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەرتىۋىلىكلىرى ۋە ئوفىتسىرلىرى يىتىپ كەلدى.
       ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەن ئىككى ئادەمنىڭ باش قىسىمى ئوتقاشتەك قىزىل يىپەك رەخت بىلەن ئورالغان بولۇپ ھىچكىم قىياپىتىنى تەسەۋۇر قىلالمايتتى. بۇ ئىككىسى تەختنىڭ ئالدىدا يۈزىنى سەيىن كوسىسقا قىلىپ ئۆرە تۇردى.
        زالغا كىرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى كىلىپ تىگىشلىك جايلىرىدىن ئورۇن ئالغاندىن كىيىن سەيىن كوسىس بۇ بىر جۈپ ئادەمنى ئۆز ئالدىغا چاقىرتتى. مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئېنىق ئاڭلىيالمىدىم. ئىككى نەپەر ئوفىتسىر دەرھال ئالدىغا چىقىپ ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ بىشىدىكى يىپەك رەختنى ئېلىۋەتتى. كانتوس كاننىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمىغانلىقىنى شۇ ھامانلا چۈشەندىم. چۈنكى مېنىڭ كۆز ئالدىمدا تۇرغىنى دەل زودانگا شاھزادىسى سابو سەيىن ئىدى. بۇ چاغدا سەيىن كوسىس تەخسىدىن بىر يۈرۈش زىننەت بۇيۇمى ئىچىدىن بىر دانە بۈلەيزۈكنى ئېلىپ ئوغلىنىڭ بوينىغا ئېسىپ چاتقۇچىنى مەھكەم چىتىپ قويدى ھەم ئۇنىڭغا بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلدى. ئاندىن ئۇ يەنە بىر ئادەمگە يۈزلەندى. ئوفىتسىر بۇ ئادەمنىڭ بىشىدىكى يۇپۇقنىمۇ ئېلىپ تاشلىدى.
        ئەمدى مېنىڭ كۆز ئالدىمدا تۇرغىنى دېكا تۇررېس - خىرىئان مەلىكىسى ئىدى. بۇقىتىمقى مۇراسىمنىڭ مەنىسىنى دەرھال چۈشۈنۈپ يەتتىم. دېكا تۇررېس ھازىرلا زودانگا شاھزادىسى بىلەن مەڭگۈ بىر گەۋدە بولۇپ كىتىش ئالدىدا تۇرۋاتاتتى. بۇ ئۇنتۇلغۇسىز، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مۇراسىم بولسىمۇ ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەن كۆرۋاتقان ئەڭ ئېچىنىشلىق ماتەم مۇراسىمىغا ئوخشايتتى.
        سەيىن كوسىس بۈلەيزۈكنىڭ قۇلىپىنى ئېچىپ ئۇنى دېكا تۇررېسنىڭ گۈزەل قامىتىگە ئارتماقچى بولۋاتقاندا مەن شەمشىرىمنى بىشىمدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ پۇختا سېپى بىلەن دىرىزە ئەينەكلىرىنى چېقىپ زالغا ئېتىلىپ كىردىم ھەم توپتۇغرا سەيىن كوسىسنىڭ يېنىدىكى پەلەمپەيگە سەكرەپ بېرىپ نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغان خاننىڭ قولىدىكى دېكا تۇررېس بىلەن يەنە بىر ئادەمنى ئۆزئارا مەڭگۈلۈك باغلايدىغان بىلەيزۈككە غەزەپ بىلەن چاپتىم.
      ئىشلار بىر دەمدىلا قالايمىقانلىشىپ كەتتى. سانسىز شەمشەر تەرەپ تەرەپتىن ماڭا قاراپ يۇپۇرلۇپ كەلدى. سابۇ سەيىن تويلۇق زىننەت بۇيۇملىرى ئىچىدىن بىر دانە ئالماس بىلەن نەقىشلەنگەن خەنجەرنى چىقىرىپ ئالدىمغا سەكرەپ كەلدى. مەن ئۇنى بىر تال چىۋىننى ئۆلتۈرگەندەك ئاسانلا ئۆلتۈرۈپ تاشلىيالايتتىم. ئەمما بارسۇملۇقلارنىڭ ئادىتى مېنى بۇنداق قىلىشتىن توسۇپ قويدى. ئۇ خەنجەرنى ماڭا قارىتىپ زەرپ بىلەن شىلتىغاندا مەن ئۇنىڭ قول بېغىشىنى ئامبۇردەك قىسۋىلىپ شەمشىرىم بىلەن زالنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرسىتىپ:
        - قاراڭلار، زودانگا تۈگەشتى، - دەپ ۋارقىرىدىم.
       ھەممەيلەننىڭ نەزىرى مەن كۆرسەتكەن تەرەپكە ئاغدى. تارس تاركاس شۇ ھامان قول ئاستىدىكى ئەللىك نەپەر رىتسارنى باشلاپ يوغان جەڭ ئاتلىرىغا مىنىپ زال ئىشىكىدىن بۈسۈپ كىرىپ كەلدى. كىشىلەر توپى چۈچىگىنىدىن چىقىرىشىپ كەتتى. ئەمما ھىچكىم قورققاندەك قىلمايتتى. زودانگالىق ئەسكەر ۋە ئاقسۈڭەكلەر شەمشەرلىرىنى يالىڭاچلاپ باستۇرۇپ كىرگەن ساكلىقلارغا قاراپ يۇپۇرلۇپ كەتتى.
        مەن سابۇ سەيىننى مۇنبەردىن ئىتىرىپ چۈشۈرۋىتىپ دېكا تۇررېسنى يېنىمغا تارتىۋالدىم. تەختنىڭ كەينىدە بىر كىچىك ئىشىك بولۇپ سەيىن كوسىس شەمشىرىنى چىقىرىپ ئىشىك ئىچىدىن ماڭا قاراپ تۇراتتى. بىز دەرھاللا ئۆزئارا تۇتىشىپ كەتتۇق.
       رەقىبىم نانقىپىلىردىن ئەمەسكەن. بىز كەڭ مۇنبەر ئۈستىدە ئېلىشۋاتقاندا، سابۇ سەيىننىڭ دادىسىغا ياردەمگە كىلۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ قولىنى كۆتۈرۈپ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا دېكا تۇررېس ئۇنىڭ ئالدىغا سەكرەپ بېرىپ ئۇنى تۇسىۋالدى. دەل شۇ پەيتتە مېنىڭ شەمشىرىم سابۇ سەيىننى زودانگانىڭ خانلىق ئورنىغا ئولتۇرغۇزدى.
        ئۇنىڭ دادىسى ئەجەللىك زەربە يەپ يەردە دومىلاۋاتقاندا يېڭى خان دېكا تۇررېستىن ئاجىراپ چىقىپ بىز روبىرو تۇتۇشۇپ قالدۇق. شۇ ھامان تۆت نەپەر ئوفىتسىر ئۇنىڭغا ھەمدەمگە يىتىپ كەلدى. مەن تەختنى دالدا قىلىپ دېكا تۇررېس ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشتىم ھەم ئۆزەمنى قوغداشقا مەجبور بولدۇم، چۈنكى سابو سەيىننى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلتۈرسەم بولمايتتى. مەن سۆيىدىغان ئايالنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت سابۇ سەيىندە ئىدى. شەمشىرىم چاقماقتەك ھەركەت قىلىپ رەقىبىمنىڭ قىلىچىنى كەينىگە قايتۇراتتى. ئوفىتسىرلاردىن ئىككىسى قۇرالسىزلانغان، بىرى يەر چىشلىگەن بولسىمۇ يەنە نەچچىسى يۈگۈرەپ كىلىپ يېڭى خانىغا ھەمدەم بولۇپ كونا خان ئۈچۈن قىساس ئېلىشقا تىرىشۋاتاتتى. ئۇلار باستۇرۇپ كەلگەندە بىرى:
    - ئاۋۇ ئايالنى ئۆلتۈرۋىتەيلى، ئۇنى ئۆلتۈرۋىتەيلى، بۇ ئۇنىڭ سۈيىقەستى، - دەپ ۋارقىرىدى.
        مەن دېكا تۇررېسنى كەينىمگە ئۆتىشكە چاقىردىم ھەم ئامال قىلىپ تەخت كەينىدىكى كىچىك ئىشىككە يۈتكەلدىم. ئوفىتسىرلار مەقسىدىمنى بىلىپ قالدى بولغاي ئۇلاردىن ئۈچىسى كەينىمگە ئۆتتى. دېكا تۇررېسنى قوغداش ئۈچۈن مەن پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىم. ساكلىقلار زالنىڭ ئوتتۇرسىدا ئالدىراش بولۇپ تارس تاركاس ئەتراپىدىكى پاكارلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشۋاتاتتى. شۇڭا مەن پەقەت مۈجىزە يۈز بەرگەندىلا تۇررېس ئىككىمىزنىڭ ھايات قالىدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. تارس تاركاسنىڭ يوغان قىلىچى بىر چۈشكەندە يەرگە بىر جەسەت يىقىلاتتى. ئۇ مۇشۇنداق قانلىق يول ئېچىپ بىردەمدىن كىيىن مېنىڭ يېنىمدا پەيدا بولۇپ ئوڭ - سولدىن تەڭلا قىر - چاپقا چۈشتى. زودانگالىقلارنىڭ باتۇرلۇقى ئادەمنى قايىل قىلىدىكەن. بىرمۇ ئادەم قىچىپ كىتىشنى خىيال قىلمىدى. ئاخىرىدا زالدا پەقەت ساكلىقلار بىلەن دېكا تۇررېس ئىككىمىز ھايات قالدۇق. جەڭ ئاخىرلاشتى. سابۇ سەيىن دادىسىنىڭ يېنىغا يېقىلىپ ئۆلدى. تارس تاركاسنىڭ ئەجەللىك زەربىسى ئۇنىڭ خىرىئان مەلىكىسىگە ھامىيلىق قىلىش ھوقوقىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قىلغان ئىدى. باشقا زودانگالىق ئاقسۈڭەك ۋە ھەربىي قىسىمدىكى سەرخىل ئەسكەرلەرنىڭ جەسىدى قان دەريا ياساپ ئېقىۋاتقان پولدا دۈۋلىنىپ ياتاتتى.
        كەسكىن جەڭ ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مېنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئويلىغىنىم كانتوس كان بولۇپ دېكا تۇررېسنى تارس تاركاسنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ ئۆزەم ئون ئىككى رىتسارنى باشلاپ تېزلىكتە خان ئوردىسىنىڭ يەر ئاستىدىكى زىندىنغا يىتىپ باردىم. قاراۋۇللارنىڭ ھەممىسى زالدىكى جەڭگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەتكەچكە سىرلىق كارىدور ئىچىدە ھىچقانداق قارىشلىققا ئۇچرىمىدۇق. ھەر بىر كارىدور ۋە ئۆي كۆرۈنگەندە مەن كانتوس كاننىڭ ئىسمىنى ئۈنلۈك چاقىردىم. ئاخىرى ئاجىز بىر ئاۋاز جاۋاپ قايتۇردى. ئاۋازنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئۇزاق ئۆتمەي كىچىك بىر قاراڭغۇ ئۆيگە يالغۇز سۇلانغان كانتوس كاننى تاپتۇق. ئۇ مېنى كۆرۈپ جەڭنىڭ نەتىجىسىنى بىلدى ھەم خۇشاللىقىدىن ئېلىشىپ قالغىلى تاس قالدى. جەڭ مايدانىدىكى ئاۋازلار بۇ يەرگە ئانچە - مۇنچە ئاڭلىنىپ تۇرغان ئىكەن. ئۇ ماڭا ھىلقى كۈنى مۇنارغا بارماي تۇرۇپلا چارلىغۇچى ئايرۇپىلاننىڭ ئۆزىنى تۇتىۋالغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن سابۇ سەيىننىڭ قارىسىنى كۆرۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەي زىندانغا تاشلىنىپتۇ. بىز تەكشۈرۈپ زىنداننىڭ ئىشىك ۋە كىشەنلىرىنى ئاسان ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدۇق. كانتوس كاننىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن مەن زالغا قايتىپ بېرىپ زىندان ئىشىكىنى ۋە كىشەننى ئاچىدىغان ئاچقۇچنى تاپماقچى بولدۇم. بەختكە يارىشا ناھايىتى ئاسانلا ئۇنىڭغا قارايدىغان قاراۋۇلنىڭ جەسىدىنى تىپىپ ئاچقۇچنى ئالدىم. ئۇزاق ئۆتمەي كانتوس كان ئىككىمىز قۇچاقلاشقىنىچە قوبۇلخانا زالىدا پەيدا بولدۇق. قاتتىق زەمبىرەك ئوقى كىشىلەرنىڭ ۋاراڭ - چۇرۇڭلىرىنى بىسىپ شەھەر كوچىلىرىدا يامرىدى. ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇم باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. تارس تاركاس سىرىتقا چىقىپ جەڭگە قوماندانلىق قىلمىسا بولمايتتى. كانتوس كان ئۇنىڭغا يول باشلاش ئۈچۈن چىقىپ كەتتى. باشقا رىتسارلار خان ئوردىسىنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا يۇشۇرنىۋالغان دۈشمەنلەرنى ۋە جەڭ غەنىمەتلىرىنى ئىزلەپ چىقىپ كەتتى. زالدا پەقەت دېكا تۇررېس ئىككىمىزلا قالدۇق. ئۇ بىر ئالتۇن كۇرس ئۈستىدە ئولتۇراتتى. مەن ئۇنىڭغا بۇرۇلغاندا ماڭا قاراپ سوغۇقلا كۈلۈپ قويدى.
    - مۇشۇنداقمۇ ئەر بولىدىكەن، - دىدى ئۇ ۋارقىراپ، - مېنىڭ بىلىشىمچە بارسومدا ھىچقاچان سىزدەك ئادەم چىقىپ باقمىغان. ئەجەبا يەر شارىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سىزگە ئوخشاشمۇ؟ سىرتقى دۇنيادىن كەلگەن ئاجايىپ بىر ئادەم، قوغلاش، تەھدىتكە ئۇچراش ۋە تۈرلۈك زىيانكەشلىكلەرگە، ھەر ۋاقت يوقۇتۇلۇش خەۋىپىگە دۈچ كىلۋاتقان بىر ئادەم، قىسقىغىنە بىر نەچچە ئاي ۋاقت ئىچىدە بارسومنىڭ تارىخىدا ھازىرغىچە ھىچكىم قىلالمىغان ئىشنى قىلدى. دىڭىز تىگىدىكى ياۋايى خەلقلەرنى بىر يەرگە يىغىپ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، قىزىل تەنلىك خىرىئانلىقلارنىڭ دوستىغا ئايلاندۇرالىدى.
    - بۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئاددى، دېكا تۇررېس، - مەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردىم، - بۇ ئىشلارنى قىلغان مەن ئەمەس، بەلكى ھەقىقى سۆيگۈ - دېكا تۇررېسقا بولغان يالقۇنجاپ تۇرغان مۇھەببەت. ئۇنىڭ كۈچ - قۇدرىتى بۇ قىتىم كۆرگەندىنمۇ بۈيۈك مۈجىزىلەرنى يارىتالايدۇ.
    ئۇنىڭ يۈزىدە چىرايلىق قىزىللىق پەيدا بولدى.
    - سىز ھازىر ھىلقى گەپنى قىلسىڭىز بولىدۇ، جون كارتېر. مەنمۇ ئۇ گەپنى ئاڭلاشقا تەشنا. چۈنكى مەن ئەمدى ھىچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايمەن. - مەن ھازىرلا بۇ گەپنى قىلىمەن، بۇ قىتىم ھەرگىز كېچىكمەيمەن، - دىدىم مەن،
    - بۇ ئۆمرۈمدە نۇرغۇن كەم ئۇچىرايدىغان غەلىتە ئىشلارنى قىلدىم. مېنىڭدىن ئەقىللىق كىشىلەر قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالىدىم. لېكىن مېنىڭ تەسەۋۇرۇمدىكى ئەڭ توغرا دەپ قارىغان ئىشلار ئىچىدە، دېكا تۇررېس ئىسىملىك بىر قىزغا ئېرىشىشنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. چۈنكى پۈتۈن كائىناتتا خىرىئان مەلىكىسى دەپ ئاتىلىدىغان مۇنداق ئايالنىڭ بارلىقىنى ئەزەلدىن چۈشۈمدىمۇ كۆرمىگەنمەن. سىز بىر مەلىكە بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن مېنى بۇنچىلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندىگىنىڭىز يوق. بەلكى سىزنىڭ ئۆزىڭىز، سىزنىڭ بۈيۈكلىكىڭىز ۋە يۈكسەكلىكىڭىز. مۇشۇنداق بولغاچقا، مېنىڭ مەلىكەم ماڭا ياتلىق بولىدىغان چاغدا ئەقلىي - ھۇشۇمنىڭ جايىدا بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيمەن.
    - تەلەپ قويۇشتىن ئاۋال قوبۇل قىلىدىغان ئادەمنىڭ خىجىل بولىدىغانلىقىنى ئىنىق بىلىش لازىم،- دىدى ئۇ ۋە ئورنىدىن تۇردى. تۇررېس يېنىمغا كىلىپ قولىنى مۈرەمگە قويدى. مەن دەرھال ئۇنى قۇچاقلاپ قىزغىن سۈيۈپ كەتتىم. شۇنداق قىلىپ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق، ئۇرۇش ئوتىغا تولغان شەھەر مەركىزىدە، ئەتراپىمىزدا ئۈلۈم ۋە يوقۇتۇلۇش ھەر ۋاقت يۈز بېرىۋاتقان چاغدا دېكا تۇررېس - خىرىئان مەلىكىسى، ئۇرۇش ئىلاھى مارسنىڭ ھەقىقى قىزى ۋىرگىنىيىلىك ئەرباپ جون كارتېرغا ياتلىق بولۇشقا قوشۇلدى.

    ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان تەرجىمىسى

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 9:49:45][admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 10:48:43][qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 12:41:23]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.