مىرىنمويى(رابىندىرانات تاگور)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-28 12:01:25

مىرىنمويى(رابىندىرانات تاگور)بېنگال («نۇر ۋە كۆلەڭگىلەر» ھېكايىلەر توپلىمىدىن مەرىيەم ساقىم تەرجىمە قىلغان) Ⅰ ئوپوربا كوللىژ (كوللىژ ئىنستىتۇت دەرىجىسىدىكى ئالىي مەكتەپ)نى تاماملاپ كالكوتتىدىن ...

    مىرىنمويى(رابىندىرانات تاگور)
    بېنگال
    («نۇر ۋە كۆلەڭگىلەر» ھېكايىلەر توپلىمىدىن مەرىيەم ساقىم تەرجىمە قىلغان)

     

       ئوپوربا  كوللىژ (كوللىژ  ئىنستىتۇت دەرىجىسىدىكى ئالىي مەكتەپ)نى تاماملاپ  كالكوتتىدىن ئۆيگە قايتقان ئىدى.
        ئەنە، كىچىككىنە بىر دەريا، يامغۇر - يېشىن پەسلىگەندىن كېيىن، ئادەتتە، ئۇ تامامەن دېگۈدەك قۇرۇپ كېتىدۇ. لېكىن ھازىر سىرابون ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭغا سۇ ناھايتى نۇرغۇن كىرىپ، ئۇ يېزا قاشالىرى ۋە بامبۇك دەرەخلىرى ئۆسكەن ئورمان تۈۋىدە چايقىلىپ ئاقماقتا. ئۇزاقتىن بېرى ئېچىلماي كېلىۋاتقان تۇتۇق كۈنلەردىن كېيىن، بۈگۈن بىرىنچى قېتىم ھاۋا ئېچىلىپ، كۈن كۆزىنى  كۆرسەتتى. ئەگەر بىز شۇ مىنۇتلاردا قولۋاقتا ئولتۇرغان ئوپور باكىرشنانىڭ قەلبىگە قارايدىغان بولساق، ئۇ يەردىمۇ كۈننىڭ نۇرلىرىدا ۋالىلداپ، شامالدا لەپىلدەپ، دولقۇنلۇق، دەريا بىلەن بىللە شىلدام كېتىپ بارغان پارلاق ئارمانلارنى بايقىغا بولار ئىدۇق.
        قولۋاق يېزا پىرىستانىغا كېلىپ توختىدى. مۇشۇ دەريانىڭ قىرغىغىدىن دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى ئارا ئۇنىڭ تۇغۇلغان ئۆيىنىڭ كونا چىدىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۆيدىكىلەر ئۇنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلمەيتتى. شۇڭلاشقا پرىستاندا ھېچكىم يوق ئىدى. قولۋاقچى ئوپۇربانىڭ يۈكىنى شالماقچى بولىۋىدى، لېكىن ياش يىگىت ئۇنىمىدى ۋە يۈكنى ئۆزى ئېلىپ خۇشاللىق بىلەن ئالدىرىغان ھالدا قولۋاقتىن سەكرەپ چۈشتى. لېكىن بۇ يەردە قىرغاق لاتقا - لاي بولۇپ، ئوپۇربا يەرنى دەسسىشى بىلەنلا يۈك - مۈلكى بىلەن پاتقاققا يىقىلىپ چۈشتى. مانا شۇ پەيتتە ئەتراپتىكى دەرەخلەرنىڭ پۇتاقلىرىدا ئولتۇرغان قۇشلارنىمۇ ئۈركۈتۈپ، قاياقتىندۇر بىر قاتتىق جاراڭلىغان شوخ كۈلكە ئاڭلاندى. ھودۇقۇپ قالغان ئوپۇربا ئالدىراشلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇ يەر - بۇ يېرىنى تۈزىدى - دە،  ئەتراپىغا قارىدى. يېقىندىلا سودىگەرنىڭ قولۋىقى يېنىغا چۈشۈرۈلگەن  بىر دۆۋە خىش ياتاتتى. ياش يىگىت ئۇنىڭ ئۈستىدە بىر قىزنىڭ ئولتۇرغىنىنى كۆردى. ئۇ قىز ئېتىلىپ كەتكۈدەك چىڭقىلىپ، چىڭ كۈلمەكتە ئىدى.

       ئوپۇربا ئۇنى يېڭى خوشنىلىرىنىڭ قىزى، مىرىنمويى دەپ تونىدى. ئىلگىرى بۇ قىزنىڭ ئائىلىسى يىراقتا، چوڭ دەريانىڭ بويىدا ياشايتتى، لېكىن كەلكۈندىن كېيىن ئۇلارغا  ئۇياقتىن  كۆچۈشكە توغرا كەلدى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار مانا ئىككى ياكى ئۈچ يىلدىن بېرى مۇشۇ يېزىدا ياشىماقتا ئىدى.
       بۇ قىز ھەققىدە كۆپلىگەن غەلىتە پاراڭلار بار ئىدى. ئەرلەر ئۆزلىرىگە خاس بولغان كەڭلىك ۋە مەردانىلىق بىلەن مىرىنمويىنى شاللاق قىز دەيتتى. ئاياللار بولسا، ئۇ قىزنىڭ ئەدەپسىز مىجەزلىرى ئۈچۈن ئەيىپلەيتتى. ئۇ قىز مەھەللىدىكى ھەممىلا بالىلار بلەن دوست بولۇپ، بىر قۇربى قىزلارغا چەكسىز ئۆچ ئىدى. مىرىنمويى بۇ بالىلار دۇنياسىدا كىچىككىنە زالىم قىز ئىدى.
    دادىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان قىزى بولغىنى ئۈچۈنمۇ ياكى باشقا بىرەر سەۋەبتىنمۇ ھەرھالدا ئۇ ناھايىتى تەرسا ئىدى. قىزىنىڭ ئانىسى ئۇنى دادىسىنىڭ ئەركىلىتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، پات - پاتلا تونۇشلىرىغا شىكايەت قىلاتتى. لېكىن قىزنى دادىسىنىڭ قانداق ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ يىغىسى دادىسىنى ناھايىتى چوڭقۇر رەنجىتىدىغانلىقىنى ئېسىدە تۇتۇپ، ئانىسى قىزنى ھەتتا دادىسى يوق مەزگىللەردىمۇ يىغلىتىپ قويماسقا تىرىشاتتى.

        مىرىنمويى دائىم مۈرىلىرىگە چېچىلىپ چۈشۈپ تورىدىغان كالتە بۈدۈر چاچلىق قارا قۇمچاق قىز ئىدى. ئۇنىڭ چىرايى ئوغۇل بالىغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ يوغان قارا كۆزلىرىدە تارتىنىش، قورقۇش ياكى جىلۋە دېگەننىڭ ئەكسىمۇ يوق ئىدى؛ قىز ئىگىز بويلۇق ۋە بوي - تۇرقى كېلىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ساغلاملىق بىلەن قانداقتۇر بىر كۈچ - قۇۋۋەت بىۋاسىتە ئىپادىلىپ تۇراتتى. لېكىن ئۇنىڭ يېشىنى بىلىپ بېقىش  ھېچكىمنىڭمۇ ئويىغا كېلىپ باقمايتتى. ئەگەر يېشىنى بىلگەن تەقدىردە، ئادەملەر مۇقەررەر قىزنى شۇنچە ۋاقىتقىچە ئەرگە بەرمەي كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنى ئەيىپلىگەن بولار ئىدى.
        يېزا پىرىستانىغا تونۇش ئەمەس بىرەر زېمىندارنىڭ قولۋىقى كېلىپ توختىغان چاغلاردا، دېھقانلار مەڭدىشىپ، پايپىتەك بولىشاتتى. ئاياللار بولسا، بىردىنلا يۈزلىرىگە چۈمبەرلىرىنى چۈشۈرىشەتتى. مىرىنمويىزە چاچلىرى پاختايغان بويى، بىرسىنىڭ يالىڭاچ بوۋىغىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئالدىراش قىرغاققا ماڭاتتى. ئۇ گوياكى ھېچبىر خەتەرلىك يوق ئۆلكىدىن كەلگەن كىيىكنى ئەسلىتەتتى ۋە قايتىپ كېلىپ دوستلىرىغا كەلگەن كىشىنىڭ ئادەتلىرى ۋە تۇرقى - سۈپىتى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىش ئۈچۈن ھەربىر يوچۇن كىشىگە قورقۇمسىز قىزىقىش بىلەن سەپسېلىپ قارايتتى.
        ئوپۇربا دەم ئېلىشلارغا كەلگەندە، بۇ قىزنى بىرقانچە قېتىم كۆرگەن ئىدى. ئوقۇشتىن بوش  ۋاقىتلىرى  ھەتتا ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقاندىمۇ ئۇ قىز توغرۇلۇق ئويلار ئۇنىڭ بېشىدىن كەتمەيتتى.

    دۇنيادا ئادەمنىڭ كۆزىگە كۈندىلىكتە چېلىقىدىغان چىرايلار نۇرغۇن، لېكىن ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدىلا كىشىنىڭ قەلبىدىن جەزمەن ئورۇن ئالىدۇ. مۇنداق بولۇشى ئۇلارنىڭ چىرايلىقلىغىدىن ئەمەس، بەلكى پەقەت ئۆزلىرىگىلا خاس بولغان قانداقتۇر بىر خۇسۇسىيەتلەردىن ئىبارەت. مېنىڭچە بۇ خۇسۇسىيەت روشەن ئىپادىلەنگەن مۇستەقىللىقتۇر. كۆپ ۋاقىتلردا ئادەمنىڭ خاراكتېرىنى بىردىنلا بايقالمايسەن، لېكىن ئىچكى «مەن» دېگەن خىسلەت روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرغان چىراينى مىڭلىغان باشقا چىرايلار ئىچىدىن بايقايسەن ۋە شۇ پۇرسەتتىلا ئادەمنىڭ خاتىرىسىگە ئورناپ قالىدۇ. خۇددى كىيىككە ئوخشاش توسۇن ۋە چەبدەس بۇ قىزنىڭ كۆزىدىن، پۈتۈنلەي ئۇنىڭ خۇلقى - ئەخلاقىدىن چەكسىز ئاياللىق  خىسلەت ئەكس ئېتىلىپ تۇراتتى. شۇڭلاشقا بۇ تىتىك ھۆسننى بىر كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنتۇش تەس ئىدى.
    ئەلۋەتتە، مىرىنمويىنىڭ كۈلكىسى قانچە ئاھاڭلىق بولمىسۇن، ئوپۇرباغا ئۇ يىقىمسىز بولۇپ تۇيۇلغانلىقىنى ئوقۇرمەنگە ئېيتىپ تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ يۈكلىرىنى قولۋاقچىنىڭ قولىغا ئالدىراش بىرىۋەتتىدە، چىرايى ئوتتەك قىزىپ كەتكەن ھالدا ئىلدام ئۆز ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.

        بۇ كۆرۈنۈش يۈز بېرىپ ئۆتكەن يەردىكى تەبىئەت مەنزىرىسى شۇنداق ھەيۋەتلىك ئىدىكى، دەل - دەرەخلەر جان بېرىپ تۇرغان دەريا قىرغىقى، قۇشلارنىڭ چۇرۇلدىشى، كۈننىڭ چىقىپ كېلىشى ۋە يىگىتنىڭ يىگىرمە ياشقا كىرىشى! راست، دوگلىنىپ ياتقان خىش بۇ گۈزەللىك جەمىسىنى بۇزۇپ تۇرغانەك بولاتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان شەخس بۇ قاتتىق ۋە قولايسىز كىرىسلوغا قانداقتۇر بىر ئالاھىدە گۈزەللىك بېرىپ تۇرماقتا ئىدى... ئادەمنىڭ ئەنە شۇ دۇنياسىغا كىرىش ئۈچۈن قىلغان بىرىنچى ھەرىكىتىدىلا، ئۇنىڭدىكى پۈتۈنلەي ھەيۋەتلىك ھېسنى كۈلكىگە ئايلاندۇرۇۋېتىشتىن ئارتۇق رەھىمسىزلىك بارمۇ!

        پاتقاق بولغان كىيىملىرى بىلەن دەرەخلەرنىڭ كۆلەڭگىلىرىگە مۆكۈنۈپ، يۈك - ياقى ۋە شارپىنى قولىدا تۇتقان ھالدا ئاخىرى ئۆيىگە يېتىپ بارغان چاغدىمۇ، ھېلىقى كۆڭۈللۈك كۈلكىنىڭ ئاۋازى ئوپۇربانىڭ قۇلىغىدا جاراڭلاپ تۇراتتى.
    ئوپۇربانىڭ تۇل ئانىسى بالىسىنىڭ تۇيۇقسىز كەلگىنىگە چەكسىز خۇرسەن بولدى. شۇ پۇرسەتتىلا خىزمەتكارلار سۈت، نان، بېلىق ۋە باشقىمۇ تاماقلارنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن يۈگۈرۈشۈپ كەتتى ۋە خوشنا ئۆيلەردىمۇ خىلىلا مەرىكەتنىڭ باشلانغانلىقى بايقالدى. تاماق ئۈستىدە ئوپۇربانىڭ ئانىسى توي توغرۇلۇق سۆز باشلىدى. ئوپۇربا بۇ پاراڭغا ئۆزىنى تەييارلىغان: تالاش بۇنىڭدىن كۆپ ئىلگىرى بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن دەۋرنىڭ تەلىپىگە  سادىق ياش يىگىت سەنئەت پەنلىرىنىڭ كاندىداتى ئۇنۋانىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆيلەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇنىڭ ئانىسى بۇ كۈننى تولىمۇ ئۇزاق كەتكەن  ئىدىكى، ئەمدى ھەرقانداق تارتىشلار پايدىسىز ئىدى.
     ئاۋال لايىق قىز تېپىلسۇن، ئاندىن كۆرىمىزغۇ، دېدى ئوپۇربا.
     بۇ توغرۇلۇق غەم قىلما. لايىقنىمۇ تېپىپ قويدۇق، دەپ جاۋاب بەردى ئانىسى.
    ئوپۇربا ئۆزىمۇ ئىشنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇپ تۇرغانلىقىنى سېزىۋاتاتتى. شۇڭلاشقا:  ھەتتا قىزنى كۆرمەي تۇرۇپلا، ئۆيلىنىشكە بولمايدىغۇ، دېدى.
    ئانىسى ئىلىرى ھېچقاچان مۇنداق ماجرا ھەققىدە ئاڭلىمىغانلىقى ئۈستىدە ئويلاپ قالدى. لېكىن بالىسىغا قارشى سۆز قىلمىدى.
    كېچىسى ئوپۇربا  لامپىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئۆزىنىڭ يالغۇز ئۆيىدە ئۇزاق ۋاقىت ئۇيقۇسىز ياتتى. يامغۇرلۇق كېچىنىڭ جىمجىتلىقىدا ئۇنى قۇلىقىغا يەنە ھېلىقى جاراڭلىق، يىقىملىق  كۈلكە كېلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ نېمىلا قىلىپ بولمىسۇن، ئەتىگەندىكى تەسىراتىنى ئۆزگەرتكىسى كېلەتتى.
    «ئۇ قىز مېنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىدىغان، ئۇزاق ۋاقىت كالكوتتىدا ياشىغان ئوپۇربا كىرىشنا ئىكەنلىكىمنى بىلمەيدىغۇ، دەيتتى ئۇ ئۆز - ئۆززىگە. ئەگەر مەن تاسادىپى رەۋىشتە پۇتلىشىپ، پاتقاققا كىرىپ كەتكەن بولساممۇ، ھەرھالدا مەن زاڭلىق قىلىپ، كۈلۈشكە لايىق بىر ساھرالىق يىگىت ئەمەسقۇ.»
    ئەتىسى ئوپۇرباغا ئۆزىنىڭ ئالىدىغان قىزىنى كۆرۈش مۇراسىمى بەلگۈلەنگەن ئىدى. يىقىنلا يەرگە بېرىشقا توغرا كېلەتتى، قىزنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئۆيىمۇ شۇ كوچىدا ئىدى. ياش يىگىت ئالاھىدە دىققەت بىلەن كىيىندى، دوخوت ۋە چادورنى يىشىۋېتىپ، ئۇ ئىپەك كەشتىلەر بىلەن نەقىشلەنگەن كۆينەك، بېشىغا كۆك تيوربان، پۇتىغا يېڭى توپلى كىيىپ، قولىغا ئىپەك كۈنلۈك تۇتۇپ، ئەتىسى ئەتىگەن يولغا راۋان بولدى.

        قىيناتىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا، ئۇنى چوڭ تەنتەنە بىلەن قارشى ئالدى. ئاخىرى بىر ۋاقىتتا كۈيئوغۇل بولغۇچى يىگىتنىڭ ئالدىغا، چاچلىرىنى چىرايلىق ئۆرۈپ يۆگىگەن، ئۆزىنى يىنى قىزىل جيا كىيىمگە ئورىغان ۋە يۈز - كۆزىنى ئاق، ھال، قىزىل ئۇپا بىلەن بويىغا، قورقۇپ كەتكەن قىزنى ئېلىپ كىردى. ئۇ قىز بۇلۇڭغا كىرىۋېلىپ بېشىنى تا تىزىغىچە ساڭگىلاتقان بويى جىمجىت ئولتۇردى. ئۇنىڭ كەينىدە يېشى توختىغان بىر خىزمەتكار ئايال ياش خانىمغا غەيرەت بېرىپ تۇراتتى. بۇ ئارىدا قىزنىڭ ئىنىسى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ئەزا بولماقچى بولۇپ كەلگەن جاناپنىڭ تىيورباننى، سائەتنىڭ بىغىنى ۋە يېڭىلا خەت تارتقان بۇرۇتىنى چەكسىز دىققەت بىلەن بايقاشقا بېرىلگەن ئىدى.
    بىراز ۋاقىت ئوپۇربا ئۆزىنىڭ بۇرۇتىنى چىمداپ - تولغاپ تۇردى - دە، ئاخىرى جىددىي يوسۇندا قىزدىن:
     سەن نېمىنى ئوقۇۋاتىسەن؟ دەپ سورىدى. قىزنىڭ كىيىملىرىنىڭ تاتىنىشلىق شىلدىرلاپ كىتىشىدىن باشقا ھېچقانداق جاۋاب ئاڭلانمىدى. لېكىن سوئال يەنە بىرقانچە قېتىم تەكرارلانغاندىن  ۋە ئۈزلۈكسىز دۈمبىسىگە تىگىۋاتقان قۈرئەتلەندۈرگۈچ نوقۇشلاردىن كېيىن قىز بىر نەپەس بىلەنلا ئېيتىپ تاشلىدى.
     «چارۇ پاتىخچارۇ پاتىخ  ئوكخوي كۇماردوتتونىڭ كىتابى. (1866  1820) ئۇنىڭدا تەبىئەتنى ئۆگىنىشنىڭ ئاساسلىرى كۆرسىتىلگەن، بۇ كىتاب ئۈچ قىسىمدىن ئىبارەت.نىڭ ئىككىنچى قىسمىنى، گرامماتىكىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى، جۇغراپىيە، ھېساب، ھىندىيا تارىخىنى...  ئەنە شۇ مەزگىلدە كوچىدا ئالدىراش قەدەم تىۋىشلىرى ئاڭلاندى ۋە شۇ ئارىدىلا ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ، چاچلىرى چۇگۇلۇپ، مۈرىسىگە چۈشكەن مرىنمويى كىرىپ كەلدى. ئوپۇرباغا ھېچبىر زېھىن قويمايلا، ئۇ تۇرمۇشقا چىقارماقچى بولۇۋاتقان قىزنىڭ ئىنىسىنىڭ يېنىغا كەلدى - دە، ئۇنىڭ يېڭىدىن تارتتى. ئۆيلەنگۈچى يىگىتنى بايقاشقا پۈتۈنلەي بېرىلىپ كەتكەن راكخالنىڭ ھېچبىر قوزغالغۇسى كەلمەيتتى. خىزمەتكار ئايال ئاۋازىنى مۇمكىن قەدەر سىلىقراق چىقىىشقا تىرىشىپ تۇرۇپ، مىرىنمويىنى جىملەشكە باشلىدى. ئوپۇرباكىرىشنا ئۆزىگە خاس بولغان بارلىق سالاپەت بىلەن جىددىيلىكنى ئىشلەتتى؛ ئۇنىڭ تيوربان كىيگەن تۇرقى - سۈپىتى ھېچبىر ئۆزگەرمىدى. قولى بولسا يانچۇق سائىتىنىڭ بېغىنى تارتىشتۇرۇشنى داۋام قىلماقتا ئىدى. ئاخىرى مىرىنمويى دوستىنى ئۆزىگە قارىتىشنىڭ ھېچبىر ئىمكانىيىتى يوقلىغىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ دۈمبىسىگە بىرنى سالدى - دە ۋە كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقىچە بىچارە قىزنىڭ يۈزىدىكى چۈمپەردىسىنى يۇلىۋېلىپ، ئۆيدىن قۇيۇندەك چىقىپ كەتتى. خىزمەتكار ئايال پاي - پىتەك بولۇپ، ۋاڭ  - چۇڭ كۆتەردى. ياش بالا بولسا شۇنداق تۇيۇقسىز يۈزى ئوچۇق قالغان ھەدىسىگە قاراپ قاقاھلاپ كۈلۈشكە باشلىدى.

        راكخال دۈمبىسىگە مىرىنموينىڭ قاتتىق ئۇرغىنى ئۈچۈن رەنجىمىدى. مۇنداق مۇناسىۋەت ئۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكى ئەھۋال ئىدى. چۈنكى كۆپ ۋاقىتلاردا بۇ بالا مىرىنموينىڭ چاچلىرىنى چۇگۇپ قىزنىڭ مۈرىسىگە چۈشۈرىۋېتەتتى. بىر قېتىم مىرىنموينىڭ ئارقىسىدىن ئاستا ماراپ كېلىپ، قايچا بىلەن ئۇنىڭ بىر تۇتام چېچىنى قىرقىۋەتكەن، ئۇ چاغدا مىرىنمويى ناھايىتى تېرىكىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ راكخالنىڭ قولىدىن قايچىنى تارتىۋېلىپ، قالغان چېچىنى ئۆزى كىسىۋەتكەن ۋە ئۇنىڭ دۈگلەك - دۈگلەك ئايلىنىپ ئۆسكەن چىرايلىق چاچلىرى گوياكى ئۈزۈلگەن ئۈزۈم ساپاقلىرىدەك، بىر توپ بولۇپ يەرگە چۈشكەن ئىدى... ئۇلار ئەنە شۇنداق ئۆگىنىپ قالغان.
    مىرىنمويى كەتكەندىن كېيىن جىم - جىت ئولتۇرۇپ، قاراشلارمۇ چەكلەندى. بۇلۇڭغا تۈگۈلىنىپ تۇرغان قىزنى ئاران ئۆرە قىلدى ۋە خىزمەتكار ئاياللار ئۇنى ئۆينىڭ ئاياللار بۆلىمىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى.

        ئوپۇربا ئالاھىدە سالاپەتلىك كۆرىنىشتە، ئۆزىنىڭ بىلىنەر - بىلىنمەس بۇرۇتىنى تولغاشقا تىرىشقان ھالدا، ئورنىدىن تۇردى - دە، ئىشىككە قاراپ ماڭدى. لېكىن بوسۇغىغا بېرىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىپەك يىپ بىلەن كەشتىلەنەن يېڭى توفلىيىنىڭ يوقلىغىنى بىلدى. ناھايىتى كۆپ ئىزلەشتى. لېكىن تېپىلمىدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ بارلىقى ناھايىتى خىجىلەت بولدى ۋە گۇمان قىلغان قىزنى بارچە يامانلىدى. ئاخىرى ئۇزاق ۋاقىت ئىزلىگەندىن كېيىن، ئوپۇرباغا ئۆي ئىگىسىنىڭ تېشىلىپ يەنچىلىپ كەتكەن كونا سەندىلىنى كىيىشتىن باشقا ئىلاج قالمىغان ئىدى. ئۇ بېشىدا تيوربان پۇتىدا يىرتىق سەندال كىيگەن ھالدا يېزىنىڭ پاتقاق كوچىسى بىلەن ئېھتىياتلىق بېسىپ، ئۆيگە قاراپ ماڭدى. كۆلنىڭ يېنىدىن ئۆتىدىغان چىغىر يول بىلەن كېتىپ بېرىپ، ئۇ زاڭلىق قىلىپ كۈلگەن قاتتىق كۈلكىنى ئاڭلىدى. بۇ كۈلىۋاتقان جان گوياكى دەرەخلەر پۇتاقلىرى ئارىسىغا مۈكۈۋالغان جاڭگال شەيتىنى بولۇپ، شۇنچە غەلىتە توفلىنى كۆرگەندە  چىدىماي، كۈلۈپ كەتكەندەك تۇيۇلدى.

        ئوپۇربا نېمە قىلىشىنى بىلمەي، ئەتراپىغا كۆز يۈگۈرتكەن ھالدا، ئىختىيارسىز توختاپ قالدى. شۇ پەيتتە قورقۇمسىز بەڭۋاش قىز باراقسان چاتقاللىقنىڭ ئىچىدىن چىقتى ۋە ئوپۇربانىڭ ئالدىغا ئۇنىڭ يېڭى توفلىينى ئەكېلىپ قويۇپ، قىچىپ قۇتۇلۇپ كەتمەكچى بولىۋىدى، لېكىن ياش يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، قولىدىن تۇتىۋالدى. مىرىنمويى قولىنى بوشىتىۋېلىش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە يولقىناتتى. ئۇنىڭ بۇلۇتتەك پاخپايغان چاچلىرى، يېنىپ تۇرغان ۋە بەڭۋاش كۈلكە ئارقىلىق قانداقتۇر بىر قىزغىن نۇر ئىپادىلەنگەن يۈزىگە تۇيۇقسىزلا كۈننىڭ ئادەم كۆزىنى چېقىپ كەتكەندەك پارلاق شولىسى چۈشتى. بەئەينى زىھىنلىك يولوچى، ئۇچقۇنلار ئوخشاش ۋالىلدىغان سۈزۈك ئېقىننىڭ تۈۋىگە دىققەت بىلەن قارىغاندەك، ئوپۇربامۇ مىرىنموينىڭ يۇقىرى قارالغان يۈزىگە، ئۇنىڭ روشەن كۆزىگە سىنچىلاپ قارىماقتا ئىدى. ئاندىن كېيىن ئۇ گoياكى ئۆزىنىڭ مەقسىدىنى ئادا قىلمىغاندەك، خالىماي تۇرۇپ، قولىنى بوشاتتى - دە، تۇتقۇننى قويىۋەتتى. ئەگەر ئوپۇبا غەزەپكە كېلىپ مىرىنموينى ئۇرغان بولسا، بۇ ئەھۋال قىزنى ھېچ ئەجەبلەندۈرمىگەن بولار ئىدى. لېكىن ئۇ بۇ ھېچكىم يوق چىغىر يولدا جىمجىت قاراش ئارقىلىق غەلىتە جازالاشنىڭ ماھىيىتىنى بىلەلمىدى. ئاھاڭلىق كۈلكە خۇددى تەبىئەت ئۇسۇلچىسىنىڭ سادالىرىدەك شاراقلاپ كەتتى. ئوپۇربا كىرىشنا ئۆزىنىڭ ئويلىرىغا چۆككەن ھالدا، ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.

        كەچ كىرگىچە ئوپۇربا ھەر خىل باھانىلار بىلەن ئانىسىغا كۆرۈنمەي يۈردى ۋە ئاياللار قىسمىدىكى ئانىسىنىڭ يېنىغا كىرمىدى. ئۇ ھەتتا كەچكى تاماقنىمۇ خوشنىلارنىڭكىدە يىدى. پەقەت كەچ قاراڭغۇدا ئۆيگە قايتتى.
    ئىلىم - پەننى بىلىدىغان، پەم - پاراسەتلىك ئوپۇربانىڭ  بەڭۋاش قىز ئالدىدا ئۆز قەلبىدىكى مەردانىلىق بىلەن مەخپىي پەخرىنى شۇنچە تىرىشچانلىق بىلەن ئېچىپ كۆرسىتىشنىڭ نېمىگە ھاجەت ئىكەنلىكىنى بىلىش خىلىلا تەس ئىدى. قانداقتۇر بىر قورقۇمسىز شوخ سەھرالىق قىز ئۇنى ھېچبىر ئارتۇقچىلىقى يوق ئاددىي ئادەم دەپ ئويلاپ قالسا، نېمە بولماقچى؟ مىرىنموينىڭ پەقەت بىراز ۋاقىتقىلا ئۇنى زاڭلىق قىلىپ، ئاندىن ئېتى راكخال بولغان ئەخلاقسىز بىر كىچىك بالا بىلەن بىللە ئويناشقا قىزىقىپ، ئۇنى تامامەن ئۇنتۇپ كېتىدىغانلىقى بىلەن  ئوپۇربانىڭ نېمە ئىشى؟ ھەر ئايدا چىقىدىغان «دۇنيا مەشئىلى» دېگەن ژۇرنالغا ئۇنىڭ كەڭ تەقرىزلەر يازىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ چاماداندىكى ئەتىرلەر، توخلىيلار، رەڭلىك قەغەزلەر ۋە «فىسگار موندا ئويناشنىڭ يول - يورىغى» بىلەن قاتار گوياكى قاراڭغۇ كېچىنى بېسىپ كېلىۋاتقان پارلاق تاڭغا ئوىشاش ئۆز ۋاقتىنى كۈتۈپ ياتقا قويۇق يېزىلغان دەپتەرنىڭ بارلىغىنى قىزغا بىلدۈرۈش شۇنچە ھاجەتمىدى؟ لېكىن يۈرەكنى قانائەتلەندۈرۈش قىيىن، شۇڭلاشقا ھىكمەتلىك سەنئەت كاندىداتى ئوپۇربا كىرىشنا تىتىك سەھرا قىزى ئالدىدا ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى زادىلا ئىقرا قىلغۇسى كەلمەيتتى.
        گۇگۇم چۈشكەن مەزگىلدە ئوپۇربا ئانىسىنىڭ يېنىغا كىرگەندە، ئۇنىڭدىن ئانىسى:
         قانداق ئوغلۇم؟ قىز ساڭا ياقتىمۇ؟ دەپ سورىدى.
     مەن ئىككى قىز كۆردۈم ئاپا، دېدى ئوپۇربا ھودۇققان ھالدا، ئۇلارنىڭ بىرسى ماڭا ياقتى.
     توختىغىنە، يەنە كىمنى كۆردۈڭ سەن ئۇ يەردە؟ دەپ سورىدى ئانىسى ئەجەبلىنىپ.
        ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن، ئۇ ئاخىرى ئوغلىغا خوشنىسى  شوروتنىڭ قىزى مىرىنموينىڭ ياققانلىقىنى پەرەز قىلدى ۋە ئۆزىنىڭ مەلۇماتلىق ئوغلىنىڭ تاللىشىغا ھەيران بولدى!
       دەسلەپ ئوپۇربا ناھايىتى ئىشەنچسىز تۇردى. لېكىن ئۇنىڭ خائىشىغا ئانىسىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل قارشى ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، ئۇ جۈرئەتسىزلىكى تامامەن يوقىلىپ كەتتى. ئوپۇربا مىرىنمويدىن  باشقا ھېچكىمگە ئۆيلەنمەيدىغانلىقىنى جىددىي رەۋىشتە ئېيتتى. ئۇ يەنە بىر قوچاققا ئوخشاش ھەرىكەتسىز قىزنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسىلا، تامامەن ئۆيلىنىش مەسىلىسىگە قارىتا يىرگىنىش پەيدا بولاتتى. تالاش - تارتىش جىملەشلەر بىلەن ئىككى - ئۈچ كۈن ئۆتتى. ئاخىرى بىرنەچچە قېتىم تاماق يىمەي، تاڭ ئاتقىچە ئۇخلىماي چىققاندىن كېيىن، ياش يىگىت غالىبىيەت قازاندى.
       ئوپۇربانىڭ ئانىسى مىرىنمويى تېخى بالا، ئۇنىڭ ئانىسى قىزىغا ياخشى تەربىيە بېرەلمەيدىغان بولغانلىقتىن، تويدىن كېيىن ئۇ ئېرىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كېلىدۇ. قىز ئۇنىڭ قولىغا كىرگەندىن كېيىن بولسا، بىردىنلا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، دەپ ئۆزىنى باسقاندەك بولاتتى.

        پەيدىن - پەي بۇ ئايال ئۆزىنى ھەتتا مىرىنمويى چىرايلىق دەپمۇ ئىشەندۈرۈشكە قابىل بولدى. لېكىن بولغۇسى كېلىنىنىڭ تەرتىپسىز پاخپىيىپلا تۇرىدىغان چاچلىرى ئىسىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ قەلبى باشقىدىنلا غەزەپكە تولاتتى. لېكىن ئۇ چاچنى لىنتىلار بىلەن چىڭ چىگىپ، قويۇق قىلىپ مايلاپ تۇرسا، ئاستا - ئاستا بۇ كەمچىلىكنىمۇ تۈزەشكە بولار دەپ ئويلايتتى.
    خوشنىلارنىڭ ھەممىسىلا ئوپۇربانىڭ مىرىنمويىغا بولغان ئىشقىنى جىددىي ئەمەس دەپ ھېسابلايتتى. بەڭۋاش مىرىنمويى كۆپ كىشىلەرگە ياقاتتى. لېكىن ھېچكىم ئۇنى ئۆزىگە كېلىن قىلىشنى لايىق كۆرمەيتتى.
    ئۆز پەيتىدە مىرىنموينىڭ دادىسى ئىشان موجۇمدارغا خەۋەر قىلدى. ئۇ كىمە شىركەتچىلىكىدە خىزمەت قىلىپ، دەريا پىرىستاننىڭ چىتىدىكى تۆمۈر چىدىرلىق بىر كىچىككىنە كاتەكتە يۈكلەرنى يوللاش، بېلەت سېتىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى.
    قىزنىڭ ئەرگە تىگىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئىشان قاتتىق يىغلاپ كەتتى. بۇ يىغىدا دەرت بىلەن خۇرسەنلىكنىڭ قايسىسى كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئۆلچەلمىگەن بولار ئىدى.
    مىرىنمويىنىڭ تويى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشان خوجايىندىن دەم ئىش سوراپ ئەرىزە بەردى.  لېكىن جاناپ بۇ سەۋەبنى ئۇنچە ئەھمىيەتلىك ئىش دەپ ھېسابلىماي، ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىشان توينى پۇجابەيرىمگە قالدۇرۇشنى ئۆتىنىپ ۋە شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ بارالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆيگە خەت ئىۋەتتى. لېكىن ئوپۇربانىڭ ئانىسى دەل مۇشۇ ئايدا سائادەتلىك كۈننىڭ بارلىقىنى ۋە توينى كېچىكتۈرەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
    ئىلتىماسى ئىككىنچى قېتىم رەت قىلىنغاندىن كېيىن ئىشان قارشىلىق قىلىشنى قويدى ۋە يۈرەككە تولغان دەرت - ئەلەم، بىلەن توۋارلارنى ئۆلچەشنى، بېلەت سېتىشنى داۋام قىلدى.

    بۇ ئارىدا مىرىنموينىڭ ئانىسى ۋە مەلىنىڭ ھەممىلا چوڭ ئاياللىرى ئەندى قىزغا ئۆزىنى قانداق تۇتۇش كېرەكلىكى توغرۇلۇق ئۆزلۈكسىز نەسىھەت قىلىشقا كىرىشكەن ئىدى. قىزغا ئەندى ئويۇنلارنى، يۈگرەپ يۈرۈشنى، قاتتىق كۈلۈشنى، بالىلار بىلەن ۋالاقلىشىشنى، لەززەتلىنىپ تاماق يېيىش ئادەتلىرىنى ئۇنتۇشنى ئەسكەرتتى. ئۇلار ئەرگە تىگىشنى بىر دەھشەتلىك نەرسە قىلىپ كۆرسىتىشكە مۇۋەپپەق بولدى. مەڭدەپ قورقۇپ كەتكەن مىرىنمويىغا بۇ ھال ئۇنىڭ ياشلىغىنى تۈرمىگە سولاپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم چىقىرىلغاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى. ئۇ گويا توسۇن ئاتقا ئوخشاش، بېشىنى تۆۋەن ساڭگىلىتىۋېلىپ قەتئىي تۈردە:
     مەن ئەرگە تەگمەيمەن، دېدى.

        شۇنداق بولسىمۇ، ئەرگە تىگىشكە توغرا كەلدى. ئاندىن كېيىن تەربىيە باشلاندى. ئاجايىپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىرىنموينىڭ پۈتۈن ھاياتى ئوپۇربا ئۆيىدىكى ئونتوخپورنئونتوخپورن  ئۆينىڭ ئاياللار قىسمى.غا سولاندى.
    قىينانا قىزىنى تەربىيىلەپ، ئۆزگەرتىشكە كىرىشتى. ئۇ تەرىنى تۈرگەن ھالدا:
     ماڭا قارىغىنا قىزىم، سەن ئەندى بالا ئەمەسسەن، بىزنىڭ ئۆيدە ئۆزىنى ئەسكى تۇتۇش ئادەت بولمىغان، دەپ مىرىنمويىغا مۇراجەت قىلدى.

        لېكىن مىرىنمويى ئۇنىڭ سۆزىنى تامامەن باشقىچە چۈشەندى. ئۇ ئەرنىڭ ئۆيىدە ھەممە نەرسە مېنىڭ ئۈچۈن مەنئىي ئىكەن، لېكىن بۇ مەنئىيلىك باشقا يەردە ئىشلىمەيدىكەن دېگەن ئويغا كەلدى. كەچقۇرۇنلىغى مىرىنمويىنىڭ ئىزىمۇ قالمىغان ئىدى. ئىزلەشكە باشلىدى: ئۇ قېنى؟ نەگە يوقاپ كەتتى؟ ئاخىرى خائىن راكخال قىزنى ئۇنىڭ مۆكىۋالغان مەخپىي جايىدىن ئېلىپ چىقتى. مىرىنمويى پارخانت تخاكۇرنىڭ دەرەخ ئاستىدا بۇزۇلۇپ ياتقان ھارۋىسىغا مۆكىۋالغان ئىكەن. قىزنىڭ  قېينانىسى، ئۆز ئانىسى ۋە يېزىدىكى مەمەدان ئاياللارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن دەشنام ۋە پەندى - ناسىھەتلىرىنى ئوقۇرمەنلەر ئوڭايلا كۆز ئالدىغا كەلتۈرىشى مۇمكىن.
        كېچىسى ھاۋا پۈتۈنلەي تۇتۇلۇپ، يامغۇر چىلەكلەپ قويغاندەك يىغىشقا باشلىدى. ئوپۇربا  ئېھتىياتلىق بىلەن مىرىنمويىغا يىقىنلاشتى - دە سىلىقلىق بىلەن قۇلىقىغا:
     مىرىنمويى سەن مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟ دەپ سورىدى.
     ياق! دەپ قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب بەردى قىز،  ھېچقاچان، ھېچقاچان مەن سېنى ياخشى كۆرمەيمەن!
    ئۇ ئۆزىگە ئېيتىلغان بارلىق تەنبىھلەر ئۈچۈن بولغان غەزەبلىرىنى گوياكى چىقىلغاندەك زەربىلىك ھالدا ئوپۇربانىڭ بېشىغا ئۇرغان ئىدى.
    نېمىشكە ئەمدى؟ مەن ساڭا نېمە گۇنا قىلدىم؟ دەپ سورىدى زەردىگە تەككەن ياش يىگىت.
     سەن نېمىشقا ماڭا ئۆيلەندىڭ؟ دەپ ۋارقىرىدى مىرىنمويى.
    مۇنداق ئەيىپلەشكە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىش ئاسان ئەمەس ئىدى. لېكىن ئۇپۇربا نېمىلا قىلىپ بولمىسۇن، بۇ ئالاھىدە مىجەزلىك قىزنى ئۆزىگە تەسلىم ئېتىشكە قارار قىلدى.
    ئەتىسى قېينانىسى مىرىنمويىنىڭ ئىسيان چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى سىزىپ، ئۇنى بۆلمىگە سولاپ قويدى. دەسلەپ قىز بۆلمىنىڭ ئىچىدە خۇددى قەپەزدىكى قۇشقا ئوخشاش، ھەريان تىپىرلىدى. ئاخىرى قېچىپ كېتىشكە بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، ئورۇندىن ياپقۇچنى ئېلىپ پارچە - پارچە يىرتىپ يەرگە تاشلىدى؛ ئاندىن ئۆزىمۇ يەرگە دەم يىتىۋېلىپ «دادا، دادا...» دەپ يىغلاپ كەتتى.
    ئەنە شۇ پەيتتە كىمدۇ بىرى ئۇنىڭ يېنىغا ئاستا كېلىپ ئولتۇردى - دە، مىرىنمويىنىڭ توپا بولۇپ كەتكەن چېچىنى ئېتىيات بىلەن ماڭلىيىدىن كۆتۈرۈپ، قايرىپ قويماقچى بولدى. لېكىن قىز كەسكىنلىك بىلەن تەتۈر قارىۋالدى - دە، ئۇ قولنى سىلكىۋەتتى. شۇندىن كېيىن ئوپۇربا ئىڭشىپ قىزنىڭ قۇلىقىغا:
     مەن ئىشىكنى ئاستا ئاچتىم، يۈر ئۆينىڭ كەينىگە، باققا قېچىپ چىقىپ كېتىمىز، دەپ پىچىرلىدى.
     ياق، دېدى مىرىنمويى تارام - تارام ياش تۆككەن ھالدا بېشىنى چايقاپ.
     سەن ئاۋال كىمنىڭ كەلگەنلىكىگە قاراپ كۆرسەڭچۇ! دېدى ئوپۇربا ۋە قىزنىڭ ئىڭىگىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭ بېشىنى كۆتۈرمەكچى بولدى. ئولتۇرغان مىرىنمويىغا ئالاقزادىلىك بىلەن قاراپ بوسۇغىدا راكخال تۇراتتى. قىز بېشىنى كۆتەرمەستىنلا، ئوپۇربانى ئىتتىرىۋەتتى.
     ئاۋۇ بالا ساڭا كەلدى، سەن ئۇنىڭ بىلەن ئوينىغىلى چىقمامسەن؟ دەپ سورىدى ئوپۇربا.
     ياق، دەپ كەسكىن جاۋاب بەردى قىز، راكخال بۇ يەردە تۇرۇۋېرىشكە خىجالەت بولۇپ، ئۆيدىن يېنىچە چىقىپ كەتتى - دە، بىر يېنىكلەشكەندەك تىندى. ئوپۇربا بولسا، مىرىنموينىڭ يېنىدا ئۈنچىقماي ئولتۇرۇپ قالدى. قىز يىغلاپ ھېرىپ، كۆزى ئۇيقۇغا كەتكەندە، ئىشىكنى يېپىپ قويدى.
    ئەتىسىگە مىرىنمويى دادىسىدىن خەت ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك قىزى مىرىنمويىنىڭ تويىغا كېلەلمىگەنلىكىگە ئىچىنىش بىلەن، ياش جۆرىلەرگە ئۆزىنىڭ خەيرىخاھلىق دۇئاسىنى يوللاپتۇ.
     مەن دادامنىڭ يېنىغا باراتتىم، دېدى مىرىنمويى قېينانىسىغا.
    لېكىن قېينانا ئۇنىڭ شۇنچە غەلىتە ئىلتىماسى ئۈچۈن سۆكەشكە باشلىدى.
     مانا سىلەرگە كېرەك بولسا! دەيتتى ئۇ، دادىسىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى بەلگۈسىز، ھەتتا ئادرېسىمۇ يوق، ھە بۇزە:« دادامنىڭ يېنىغا باراتتىم» دەيدا! ھەجەپ بىر قەغىشلىك! قىز ئۈنچىقماستىن ئۆزىنىڭ بۆلمىسىگە كىردى - دە، ئىشىكنى ئىچىدىن ئېتىۋالدى.
     مىنى ئۆزۈڭنىڭ يېنىغا ئەپكەتكىن دادا، دەپ يالۋۇرغان ھالدا تەكرارلايتتى مىرىنمويى، مەن تامامەن يالغۇزمەن، ئەگەر بۇ يەردە قالسام ئۆلۈپ كېتىمەن!
    ھەسرەت بىلەن نەپرەت ئىچىدە قالغان ئادەملا ئەنە شۇنداق ھالدا خۇداغا مۇراجەت قىلىدۇ.
    يېرىم كىچىدە، ئېرى ئۇخلاپ قالغان چاغدا، مىرىنمويى ئاستا ئىشىكنى ئاچتى - دە، ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئاسماندا پارچە بۇلۇتلار ئۈزۈپ يۈرەتتى. لېكىن ئاي يولنى خېلىلا روشەن يورۇتماقتا ئىدى. مىرىنمويى دادىسىنىڭ يېنىغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن قايسى تەرەپكە قاراپ مېڭىش كېرەكلىكىنى تامامەن بىلمەيتتى. لېكىن ئۇ ئەگەر ئىلدام ماڭىدىغان پوچتىچىلارنىڭ يولى بىلەن ماڭسا، يەر يۈزىدىكى ھەرقانداق جاينى ئىزلەپ تېپىش مۇمكىنلىكىگە جىددى ئىشىنەتتى. شۇڭلاشقا قىز پوچتىغا بارىدىغان چىغىر يول بىلەن ماڭدى. ئۇ ئۇزاق ماڭدى ۋە ئاخىرى ھېرىپ قالغانلىقىنى سىزىشكە باشلىدى. تۈنمۇ تۈگەپ كېلىۋاتاتتى. ئاۋال ئويغۇنۇپ كەتكەن قۇشلار جاڭگالدا غەمكىن سايرىماقچىمۇ بولۇشتى. لېكىن شۇ چاغدا  ۋاقىتنىڭ ناھايىتى ئەتىگەنلىكىنى بىلىپ توختاپ قالدى.

        مىرىنمويى دەريانىڭ بويىغا، چوڭ بازار مەيداننى ئەسلىتىدىغان بىر بوشلۇققا چىقتى. قىز ئەمدى قاياققا مېڭىشنى ئويلاپ تۇرغاندا، تونۇش قەدەملەرنىڭ تىۋىشى ئاڭلاندى. مۈرىسىگە خەت سالىدىغان خوجۇن ئارتقان ۋە ئىلدام مېڭىشتىن ھاسىراپ كەتكەن پوچتىچى ئالدىراش كەلمەكتە ئىدى. مىرىنمويى ئالدىراپ ئۇنىڭ يېنىغا باردى - دە، يالۋۇرغان ھەم ھارغان ھالدا:
     مەن كۇشىنگونجىغا دادامنىڭ يېنىغا باراتتىم، بىللە ئېلىپ كەتسەڭچۇ، دېدى.
     مەن كۇشىنگونجىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، دەپ جاۋاب بەردى پوچتىچى. ئاندىن كېيىن ئۇ ئۇخلاپ قالغان قولۋاقچىنى ئويغاتتىدە، قولۋاق قىرغاقتىن قوزغۇلۇپ كەتتى. قىزغا ئىچىنىشقا يا ئۇنىڭدىن سوراشتۇرۇشقىمۇ ئۇنىڭ ۋاقتى يوق ئىدى.
    بۇ ئارىدا پىرىستانمۇ، مەيدانمۇ جانلىنىپ كەتتى. مىرىنمويى دەريانىڭ بويىغا چۈشۈپ، قولۋاقچىلارنىڭ بىرىگە مۇراجەت قىلدى:
     سىز مېنى كۇشىنگوجىغا ئاپىرىپ قويمامسىز؟
    لېكىن قولۋاقچى جاۋاب بەرگىچە، خوشنا قولۋاقتىن كىمدۇ بىرى:
     ھەي كىم بۇ؟ ھەي مىنو، سەن بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىڭ؟ دەپ ئۈنلۈك سۆزلەپ كەتتى.
    ھاياجانلىقتا ھاسىراپ تۇرۇپ مىرىنمويى:
     مەن كۇشىنگوجىغا، دادامنىڭ يىنىغا كېتىپ بارىمەن، قارا بونومالى، سەن مېنى ئۇ يەرگە ئۆزۈڭنىڭ قولۋىغىدا ئاپىرىپ قويغىنا، دېدى.
    بونومالى مىرىنمويى بىلەن بىر يېزىلىق ئىدى. بۇ ئالاھىدە مىجەزلىك قىزنى ياخشى بىلگەنلىكتىن ئۇ:
     دېمەك سەن داداڭنىڭ يېنىغا كېتىپ بېرىپسەن - دە؟ ياخشى ئولتۇرغىن. مەن سېنى ئۇ يەرگە ئاپىرىپ قوياي، دېدى.
    مىرىنمويى قولۋاققا ئولتۇردى. قولۋاق قىرغاقتىن قوزغالدى ۋە ئۇلار يولغا راۋان بولدى. لېكىن تۇيۇقسىزلا ئاسماننى بۇلۇتلار قاپلىدى - دە، قاتتىق يامغۇر يىغىشقا باشلىدى. كۈزلۈك كەلكۈندە دەريا قايناپ، دولقۇنلانماقتا ئىدى. قولۋانى ھەر يان تاشلاشقا باشلىدى. مىرىنمويىنى ئۈگدەپ باستى. كىيىمىنىڭ چېتىنى ئاستىغا سىلىپ، ئۇ قولۋاقنىڭ تۈۋىدە ياتتى. بىرازدىن كېيىن تەرسا قىز گوياكى تەبىئەتنىڭ چوڭقۇر سۆيىدىغان ئەركە پەرزەنتىگە ئوخشاش، دەريانىڭ تەۋرىتىشى بىلەن خاتىرجەم ئۇخلاپ كەتتى.
    قىز ئۇيقۇدىن ئويغانغان چاغدا، ئۆزىنى ئېرىنىڭ ئۆيىدە، ئورۇندا ياتقانلىقىنى كۆردى. خىزمەتكار ئايال ئۇنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى بايقاپ، كىمنىدۇ بىرىنى چاقىردى. ئۇنىڭ چاقىرغىنىغا ئوپۇربانىڭ ئانىسى كەلدى ۋە  مىرىنمويىنى جىددىيلىك بىلەن جىملەشكە باشلىدى. قىز كۆزلىرىنى يوغان ئاچقان ھالدا قىينانىسىغا قاراپ، جىم - جىت ئولتۇراتتى. قىينانا قىزنىڭ ئاتىسىنىڭ مەلۇماتى خۇسۇسىدا بىر زەھەرلىك سۆز قىلغاندىن كېيىن، مىرىنمويى خوشنا بۆلۈمگە قىچىپ چىقتى - دە، ئىشىكنى ئىلىۋالدى.
    شۇنىڭدىن كېيىن ئوپۇربا ئاپىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ:
     ئاپا، نېمىشقا ئايالىمنى بىرنەچچە كۈنگە دادىسىنىڭ يېنىغا ئىۋەتمەيمىز؟ دېدى.
    ئانىسى ئوغلىنى «ھاماقەت» دەپ ئاتىدى ۋە يىزىدا باشقا نۇرغۇن قىزلار تۇرۇپ، ئۆيگە مۇنداق ئۇشتۇمتۇتنى ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى راسا تىللىدى.

    كەچ كىرگىچىلا جۇدۇن بولۇپ تۇردى. ئوپۇربانىڭ ئۆيىمۇ ئادەتتىكىدەك بىئارام ئىدى. يىرىم كېچىدە ئوپۇربا مىرىنموينى ئاستا ئويغاتتى.
     داداڭنىڭ يېنىغا بارامسەن؟ دەپ سورىدى ئۇ.
     بارىمەن، دەپ جاۋاب بەردى قىز كەسكىنلىك بىلەن ۋە ئوپۇربانىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئورنىدىن كۆتۈرۈلدى.
     ئۇنداق بولسا كەل ئاستا قىچىپ كېتەيلى، مەن قولۋاق تەييارلاپ قويدۇم، دەپ پىچىرلىسدى ياش يىگىت.
    مىرىنمويى قىزغىن مىننەتدارلىق بىلەن ئېرىغا قارىدى. ئاندىن كېيىن ئالدىراشلىق بىلەن تۇردى - دە، كىيىمىنى يۆتكەپ كىيدى. كىچىكمەيلا ئۇ تەييار بولدى. ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ياش يىگىت خەت يېزىپ قويدى - دە ئۇ ئىككى ياش ئۆيدىن چىقتى. ئەنە شۇ قاراڭدۇ كېچىسى، جىمجىت چۆلدەرەپ تۇرغان يىزا كوچىسىدا مىرىنمويى ئۆزى دەسلەپكى قېتىم ئېرىنىڭ قولىنى ئىشەنچلىك تۇتۇپ، يىقىن يۆلىنىپ ماڭدى  ۋە  نازۇك قوللىرىنىڭ سىلىق سۈركۈلىشلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ سوقۇشى ئوپۇرباغا ئۆتمەكتە ئىدى.
    ئۇلار شۇ كىچىسىلا قولۋاققا چۈشۈپ،  يولغا چىقتى. خۇشاللىق ھاياجانغا قارىماي، مىرىنمويى بىردەمدىلا ئۇخلاپ قالدى. ئەتىسى بولسا ئۇنى ئەركىنلىك ۋە بەخت قارشى ئالدى! دەريانىڭ قىرغاقلىرىدا قانچىلىغان مەلىلەر، قانچىلىغان ئوچۇقچىلىق، ئىتىزلىق ۋە ئورمانلىقلار! قانچىلىغان قولۋاقلار ئۇلارنىڭ يىنىدىن ئۈزۈپ ئۆتمەكتە. ھەرقانداق بولار - بولماس ھادىسىنىڭ ھەممىسى مىرىنمويىدا يۈزلىگەن سوئاللارنى تۇغدۇراتتى: «ئاۋۇ قولۋاقتا نېمە بار؟ بۇ ئادەملەر نەدىن؟ بۇ يەرلەرنى نېمە دەپ ئاتايدۇ؟» ئەلۋەتتە، مۇنداق سوئاللارغا جاۋابنى ئوپۇربا ھېچقانداق كوللىژدىن بىلىۋېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى ۋە كالكوتتىدىن ئالغان ھەرقانداق تەجرىبە بۇ سوئاللارنى توغرا يىيىشكە ياردەم بېرەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى مۇنداق سوئاللاردىن ئىزا تارتقان بولار ئىدى. لېكىن ئۆزىنىڭ كۆپچىلىك جاۋابلىرى ھەقىقەتكە توغرا كەلمىسىمۇ، ئوپۇربا ھەر بىر سوئالغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشاتتى ۋە كۈنجۈتنى  سۈپۈرگە ئۇرىغى، پانچېر شەھىرىنى  پايشاگور ۋە سوت بىناسىنى  زېمىندار ئىدارىسى دەپ ئاتاپ، ئۇيۇلۇش خىجالەت بولۇش سىزىملىرىنى زادىلا كەچۈرمەي كېتىپ باراتتى. مانا بۇ خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى  مەردانە تىڭشىغۇچىسىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشىنىشىنى ھېچبىر كىمەيتمەيتتى.
    ئەتىسى كەچقۇرۇنلىغى قولۋاق كۈشكونىغا يىتىپ كەلدى. تۆمۈر چىدىرلىق  بوتكىسىدا، توقۇلغان بىر ئورۇندۇقتا ئىشان چوندىرو ئولتۇراتتى ۋە كىرسىن لامپىسىنىڭ يورۇغىدا، كىچىككىنە ئۈستەل ئۈستىدە تۇرغان ئىدارە دەپتىرىگە قاراپ ھېسابلارنى يەكۈنلىمەكتە ئىدى. مانا شۇ پەيتتە ئىشىكتىن ياش جۆرىلەر كىرىپ كەلدى.
     دادا! دەپ ۋارقىرىۋەتتى مىرىنمويى.
    بۇ بۆلمە ھېچقاچان مۇنداق ئاۋازنى ئاڭلىمىغان ئىدى. ئىشاننىڭ كۆزلىرىنى ياش ئەگىشىپ، ئاندىن كېيىن مەكزىلىرىگە ئىقىپ چۈشتى. ئۇ نېمە قىلىشىنى، نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى. كۈيئوغلى بىلەن قىزى بەئەينى شاھزادىلەردەك كۆرۈندى. ئۇنىڭغا ھەر خىل پىكىرلەر كەلگەن ئىدى: ئۇ بۇ يۈكلەر ئارىسىدا بالىلىرىغا لايىق قانداق تەخت ئورنىتىشنى بىلمەيتتى. ئاندىن كېيىن تاماقچۇ؟ ئۇنىڭ توغرۇلۇقمۇ ئويلىنىشقا توغرى كېلەتتى! كەمبەغەل ئەمەلدار گۇرۇچنى ئۆز قولى بىلەن ئاخلاپ، ئۆزى پىشۇرۇپ يەيتتى. لېكىن بۈگۈن مۇنداق بەيرەم كۈنى نېمە قىلىشى كېەك. قىممەتلىك مېھمانلارنى نېمە بىلەن كۈتۈش كېرەك؟
     بۈگۈن بىز ھەممىمىز بىللە تاماق ھازىرلايمىز دادا، دېدى مىرىنمويى. ئوپۇربا بۇ تەكلىپكە قىزغىنلىق بىلەن قوشۇلدى.
    ئۆيدە ئورۇن يىتىشمەيتتى ۋە خىزمەتكارلارمۇ يوق ئىدى. لېكىن تار جايدىن تاغ سۈيى ئىككى ھەسسە كۈچ بىلەن ئېتىلىپ چىققاندەك، كەمبەغەل ھاياتتا خۇشاللىق تېخىمۇ ئوچۇق ئەكس ئەتتى.
    شۇ ھالدا ئۈچ كۈن ئۆتتى. سائەت ئىككىدە ئادەتتە پاراخوت كېلەتتى. ئۇ ئۆزى بىلەن ئادەملەر ھەم پاي - پىتەكلىك ئېلىپ كېلەتتى. كەچقۇرۇنلۇغى قىرغاق تامامەن بوش قالاتتى ۋە شۇ چاغدا... شۇ چاغدا ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەقىقىي ئەركىنلىكتە سىزەتتى! ئۇلار ئۈچ تاماققا كىرەك نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى، ئۇلارنى كېلىشتۈرەلمەي، تالاي قېتىم بۇزۇپمۇ قويۇشتى. لېكىن ئاخىرى بىرنېمە پۇشۇرۇشتى. ئاندىن مىرىنمويىنىڭ دادىسى بىلەن ئېرى ئۇنىڭ بىلەيزەكلەر جىرىڭلاپ تۇرغان سۆيۈملۈك قوللىرىدا سۇنۇلغان تاماقنى ئېلىپ يىيىشكە كىرىشەتتى. پەم - پاراسەتلىك مىرىنمويى ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىدىكى كۆپلىگەن يىتىشمەسلىكلەرگە ھەممىدىن ئاۋال كۈلەتتى. لېكىن شۇ ئۆي ئىگىلىكىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ شوخ خۇرسەنتلىكى بىلەن بالىلىق  پەخرىگە سەۋەبچى بولاتتى.
    شۇ ھالدا ئۈچ كۈن ئۆتتى. ئاخىرى ئوپۇربا ئەندى كېچىكىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مىرىنمويى ئەڭ بولمىغاندا يەنە بىر كۈن تۇرايلى دەپ يالۋۇردى. لېكىن ئۇنىڭ دادىسى ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
    كېتىدىغان كۈنى ئىشان قىزىنى كۆكرىكىگە قىسىپ، ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ، تەنتەنىلىك رەۋىشتە:
     قىزىم سەن لاكشىمىلاكشىمى  ھىندى رىۋايىتىدە بەخت، گۈزەللىك، بايلىق تەڭرى ۋە ۋىشنى دېگەن خۇدانىڭشەپقەتلىك، سادىق ئايالى دەپ تەسۋىرلىنىدۇ.غا ئوخشاش قېيناناڭنىڭ ئۆيىگە بەخت ئېلىپ كېلىشىڭ لازىم. ھەرقاچان شۇنداق قىلغىنكى، ھېچكىم مېنىڭ قىزىم مىنۇ توغرۇلۇق سەلبى سۆز ئېيتالمىسۇن، دېدى.
    مىرىنمويى تارام - تارام ياش تۆككەن ھالدا كەتتى. ئىشان بولسا ئۆزىنىڭ تار، شىلگەركىدىنمۇ مىسكىن بولۇپ كۆرۈنگەن كاتىكىدە ئادەتتىكىچە كۈنلەر، ئايلار داۋامىدا توۋارنى ئۆلچەشنى داۋام قىلىۋەردى.

        گۇناھكار جۆرىلەر ئۆيگە قايتىپ كەلگەن مەزگىلدە، ئوپۇربانىڭ ئانىسى ئۇلارنى جىمجىت خاپىلىق بىلەن قارشى ئالدى. ئۇ ئايال جازالىماي تۇرۇپلا، ئازابلاشنى بىلەتتى. بۇ جىمجىت ئەيىپلەش بۇ جىمجىت رەنجىش چەكسىز ئېغىر دەرت - ھەسرەت بولۇپ، ئۆينىڭ ئۈستىدە ساڭگىلاپ تۇرغاندەك تۇيۇلدى.
    ئاخىرى ئوپۇربا چىدىماستىن بىر كۈنى:
     ئاپا، يىقىندا كوللىژ ئېچىلىدۇ،  ماڭا ھوقۇق قانۇنىيەتلىرى پېنىنى ئۆگىنىشكە مېڭىش كېرەك، دېدى.
     ئايالىڭنى نېمە قىلماقچىسەن؟ دەپ سالقىنلىق بىلەن سورىدى ئانىسى.
     ئايالىم مەشەدە قالىدۇ، دېدى ئوپۇربا.
     يوغىسو جاناب، ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇنى ئۆزىڭىز بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىڭ، دېدى ئۇ خوتۇن. ئۇ دائىم بالىسىنى «سەن» دەپ سۆزلەيدىغان.
     خوپ، دېدى ئاھانەت ئاڭلىغان ئوپۇربا.
    كالكوتتىغا مېڭىش تەييارلىقى تۈگىگەن ئىدى. مېڭىش ئالدىدىكى كېچىسى ئوپيربا مىرىنمويىنىڭ ياتقان ئورنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ يەنە يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە بىردىنلا ئۇنىڭ يۈرىكى مۇجۇپ كەتتى.
     سېنىڭ مېنىڭ بىلەن كالكوتتىغا ماڭغىڭ يوقمۇ؟ دەپ رەنجىگەن ھالدا سورىدى ئۇ.
     ھەئە، دېدى قىز.
     سەن مېنى ياخشى كۆرمەمسەن؟
    كۆپلىگەن چاغلاردا بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ناھايىتى ئوڭاي بولىدۇ. لېكىن بۇ شارائىتتا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىش تەس ئىدى.
     سېنىڭ راكخالدىن ئايرىلغىڭ كەلمەمدۇ؟ دېدى ئوپۇربا.
     ھەئە، دەپ ئوچۇق - كۆڭۈللۈك بىلەن جاۋاب بەردى مىرىنمويى.
    كىچىككىنە بالىغا قارىتا قوزغالغان تارلىق ئوقۇمۇشلۇق كاندىداتنىڭ يۈرىكىگە يىڭنە ئوخشاش چوڭقۇر ۋە تۇيۇقسىز قادالدى.
     مەن ئۇزاق ۋاقىت ئۆيگە كېلەلمەيمەن، دەپ يەنە سۆزلىدى ئۇپۇربا، بەلكىم ئىككى يىلچە، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ۋاقىت كېلەلمەيمەن.
     قايتىپ كەلگىنىڭدە راكخالغا ئۈچ تىغى بار بەكە ئېلىپ كېلىشنى ئۇنتۇمىغىن، دېدى مىرىنمويى.
    ئورنىدىن بىراز كۆتىرىلىپ، ئوپۇربا ئايالىغا مۇراجەت قىلدى:
     نېمە، سەن مۇشۇ ئۆيدە قالامسەن؟
     مەن ئاپام بىلەن بىللە تۇرىمەن، دەپ جاۋاب بەردى مىرىنمويى.
     خوپ، ددى ئوپۇربا ئۇلۇغ - كىچىك تىنغان ھالدا، لېكىن شۇنى ئەستە تۇتقىنقى، مەن تا سەن كەلگىن دەپ خەت يازمىغىچە قايتىپ كەلمەيمەن. ئەمدى سەن رازى بولغانسەن؟
    مىرىنمويى ئېرىغا جااب قايتۇرۇشنى ئارتۇق دەپ بىلگەن بولۇشى كېرەك، شۇڭلاشقا ئۇ ئۈگدەشكە باشلىدى. لېكىن ئوپۇربانىڭ ئۇيقۇسى كەلمىدى ۋە ئۇ تەكىيگە جەينەكلىنىپ ئۇزاق ئولتۇردى.
    كېچىسى ئاسماندا ئاي كۆرۈنگەندە، ئۇنىڭ يورىغى تۇيۇقسىز ئورۇنغا چۈشتى. ئوپۇربا مىرىنمويىغا ئۇزاق قارىدى. ئۇنىڭغا قىز گوياكى كىمدۇر بىرى سېھىرلىك كۆمۈش چوكا بىلەن جۇدا قىلىپ، ئۇخلىتىپ قويغان پەرىدەك كۆرۈنەتتى. ئەمدى پەقەت ئالتۇن چوكىسى بار ئادەملا بۇ ئۇخلاۋاتقان جاننى ئويغىتىپ، بۇ گۈزەل بىلەن نىكاھ چەمبىرىنى ئالماشتۇرۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايتتى ئۇ.
    كۈمۈش چوكا  ئۇ كۈلكە، ئالتۇن بولسا  يىغا!
    تاڭ ئاتقاندا ئوپۇربا مىرىنمويىنى ئويغاتتى.
     مېنىڭ ماڭىدىغان ۋاقتىم بولدى. جۈر، مەن سېنى ئاپاڭنىڭكىگە ئاپىرىپ قويىمەن، دېدى.
    قىز تۇرغاندىن كېيىن ياش يىگىت ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ سۆزلەشكە باشلىدى.
     مېنىڭ ساڭا بىر ئىلتىماسىم بار، دەپ باشلىدى ئۇ، مەن نۇرغۇن قېتىم سېنىڭ دېگىنىڭنى ئورۇنلىدىم، مانا ئەمدى خوشلۇشۇش مەزگىلىدە كىچىككىنە بىر ھەدىيە سورايمەن.
     قانداق؟ دەپ سورىدى مىرىنمويى.
     مېنى سەن ئۆزۈڭ سۆيۈپ قويغىن. مەن سېنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى بىلەي.
    شۇنچە غەلىتە ئىلتىماسنى ئاڭلاپ ۋە ئوپۇربانىڭ جىددىيلىكىنى كۆرۈپ، مىرىنمويى قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئاخىرى ئۇ ئۆزىنى تۇتۇپ چىرايىنى جىددىي قىلغان ھالدا، ئېرىنى سۆيۈشكە تەييارلانغان ئىدى، لېكىن ئۇنىڭغا يۈزىنى يىقىن ئاپىرىپ، يەنە ئۆزىنى تۇتىۋالالماي قاقاھلاپ كۈلىۋەتتى. ئاخىرى ئىككى قېتىم نەتىجىسىز تەمشىلىشتىن كېيىن ئۇ تېخىچىلا كۈلكىسىنى باسالماي، ياغلىقى بىلەن يۈزىنى يىپىۋالدى. ياش يىگىت جازا سۈپىتىدە، قىزنىڭ قۇلىغىنى تارتىپ قويدى.
    ئوپۇربا ئۆزىگە ئېغىر مەقسەت قويغان ئىدى. ئۇ مەجبۇر قىلىش بىلەن بۇلاڭچىلىقنى ئۆزى ئۈچۈن يات نەرسە دەپ ھېسابلايتتى. ئۇ گوياكى ئىلاھتەك ھېچنەرسىگە ھەرىكەت قىلمايتتى، ھېچنەرسىنى ئۆز قولى بىلەن ئالماي، پەقەت ئۆز خائىشى بىلەن تەقدىم قىلىنغاننىلا ئالماقچى بولاتتى.
    مىرىنمويى كۈلكىسىنى توختاتتى.
    سەھەرلىكتە قىزنى جىمجىت كوچىلار ئارقىلىق ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئۇزۇتۇپ قويدى - دە، ئاندىن ئۆز ئانىسىنىڭ يېنىغا كىردى.
     مەن ئويلاپ كۆرۈپ، شۇنداق قارارغا كەلدىم: ئەگەر ئايالىمنى كالكوتتىغا بىللە ئېلىپ كەتسەم، ماڭا ئوقۇشقا تەس بولىدۇ، دېدى ئوپۇربا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيەردە مىرىنمويىنىڭ تونۇشلىرىمۇ يوق. سەن بولساڭ ئۇنى ئۆزۈڭ بىلەن قالدۇرۇشنى خالىمىدىڭ. شۇڭلاشقا مەن مىرىنمويىنى ئانىسىنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ قويدۇم.
    ئانىسى بىلەن بالىسى بىر - بىرسىگە چوڭقۇر رەنجىگەن ھالدا ئايرىلىشتى.

        مىرىنمويى ئۆز ئۆيىگە قايتىپ باردى. لېكىن ئۇ يەردە ئەمدى ھېچنەرسىلا ئۇنى خۇش قىلالمايتتى. ئۆيدە ھەممە ئۆزگىرىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. ۋاقىت بىر يەردىلا تۇرغاندەك سېزىلەتتى. ئۇ نەگە بېرىشنى، نېمە بىلەن مېلىكە بولۇشنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ھېچكىمنىمۇ كۆرگىسى كەلمەيتتى.
    قىزغا بارلىق ئۆيدە، پۈتۈنلەي مەلىدە ھېچكىم يوقتەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى. ئۆزىگە مەلۇم بولمىغان بىر سەۋەب بىلەن نېمىشكىدۇ ئۇنىڭ كالكوتتىغا ناھايىتى بارغۇسى كەلدى. تېخى ئۆتكەن كېچىلا ئۇنىڭدا مۇنداق خائىشنىڭ ئۇرانىمۇ يوق ئىدى! يىقىندىلا ئۆزى شۇنچە كۆرگەن ھاياتقا ئەمدى ئۇنىڭ كۆزقارىشىنىڭ تامامەن تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى بەلگۈسىز ئىدى. ئۆتمۈش گوياكى دەرەخنىڭ پۇتاقلىرىدىن كۈزنىڭ سارغايغان يوپۇرماقلىرى ئۇچۇپ چۈشكەندەك ئوڭاي ۋە بىلىنمەستىن ئۆتۈپ كەتتى.
    شۇنداق ئۆتكۈر قىلىچلارنى سوقىدىغان ئۇستىلار باركى، ئۇ قىلىچ بىەلن چاپقاندا ئادەم ئىككى بۆلىنىپ كەتكىدەك، لېكىن ھەتتا ئۆزىنىڭ قىيىلىپ كەتكەنلىكىنى سەزمىگىدەك، پەقەت ئۇنىڭ بەدىنىگە قول تەككۈزگەندىن كېيىنلا، ئۇ ئىككىگە بۆلىنىپ چۈشكىدەكمىش. تەڭرىنىڭ قىلىچىمۇ ئەنە شۇنداق: مىرىنمويى ئۆز بالىلىغى بىلەن ياشلىغىنىڭ ئارىسىنى تەڭرىنىڭ قاچان بۆلىۋەتكەنلىكىنى پەقەت سەزمەي قالدى. پەقەت ئەمدى ھاياتتا قانداقتۇر بىر ئۆزگۈرىشنى سېزىپ، ئۇ كىچىك قىز مىرىنمويىنىڭ ھاياتىنىڭ كەينىدە قىلىپ قويغانلىقىنى ئىچىنىش، ھەيرانلىقى بىلەن بىلدى. تۇغۇلغان ئۆيدىكى مىرىنمويىنىڭ ياتىدىغان بۆلمىسى ئۇنىڭغا يات بولۇپ كۆرۈندى. ئىلگىرى بۇ بۆلمىدە تۇرغان مىرىنمويى ھازىر بىردىن يوق بولغان ئىدى. قىز يۈرىكىنىڭ قېتىدا باشقا ئۆي، بۆلمە تۇراتتى. قىز باشقا ئورۇننى كىنەتتى.
    ئەمدى ھېچكىم مىرىنمويىنى ئۆيدىن باشقا يەردە كۆرمەيتتى. ئۇنىڭ كۈلكىسىمۇ جاراڭلىمايتتى. راكخال ئۆزىنىڭ دوستىدىن ئېھتىيات قىلاتتى. بالىلىق ئويۇنلار قىزنىڭ ئويىغىمۇ كەلمەيتتى.
     ئاپا، مېنى ئېرىمنىڭ ئۆيىگە ئىۋەتكىنە، دەپ سورىدى مىرىنمويى بىر كۈنى.
    بۇ ئارىدا ئوپۇربانىڭ ئانىسى خوشلۇشۇش ۋاقتىدىكى ئوغلىنىڭ رەنجىگەن چىرايىنى ئەسلىدى ۋە ئۇنىڭ ئانىلىق قەلبى قاقشىماقتا ئىدى. بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئاچچىغىغا بەس كېلەلمەي كېلىنىنىڭ ئۆز ئانىسى بىلەن تۇرۇشىغا قايىل بولغانلىقى ئۇنى كۆپ قىينايتتى.
    بىراق بىر كۈنى يېپىنچىسى بىلەن پۈركەنگەن ھالدا مىرىنمويى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ، مۇڭلۇق كۆرىنىشتە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، تېز پۈكتى. قېينانا كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا قىزنى ئالدىراشلىق تۇرغۇزدى - دە، مېھرىبانلىق بىلەن قۇچاقلىدى. مانا شۇ زامانلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تولۇق ياخشى خۇيلۇق ئورنىدى. كېلىنگە قاراپ ئوپۇربانىڭ ئانىسى ھەيران قالدى: ئىلگىرىكى مىرىنمويىنىڭ ئىزىمۇ قالمىغان ئىدى. ئاددى ئادەم ئۈچۈن مۇنداق كەسكىن ئۆزگۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ئۆزىنى ئۆزى مۇنداق ئىدارە قىلىش ئۈچۈن غايەت چوڭ ئىرادە كېرەك.
    قېينانا مىرىنمويىنىڭ خاراكتېرىدىكى كەمچىلىكلەرنى پەيدىن - پەي يوقاتماقچى ئىدى. ئەمما كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان غايىبانە تەربىيچى مەلۇم ئەمەس ۋە چاپسان تەسىر قىلىدىغان بىر ۋاستىنى قوللىنىپ، گويا قىزنى باشقىدىن ياراتقاندەك ئۆزگەرتىۋەتكەن.
    ئەمدى مىرىنمويىمۇ قېينانىسىنى ياخشى چۈشىنەتتى. قېينانىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە، كېلىنىنى يېقىندىن تونۇشقا سازاۋەر بولدى. ئۆينىڭ بارلىق ئىگىلىكىنى ئۇلار ئىككىسى بىللە ئىجرا قىلاتتى ۋە گوياكى دەرەخ بىلەن پۇتاققا ئوخشاش ئايرىلماي بولۇپ قالدى.
    مىرىنمويىنىڭ چىرايىدىن سالماقلىق، خاتىرجەم ئاياللىق خۇلۇق چىقىپ تۇراتتى. بۇ خۇلۇق بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈنلەي ۋۇجۇدى تولۇپ تاشقاندەك تۇيۇلاتتى ۋە ياش ئايال ئۆزىدە قانداقتۇر بىر ھەسرەتكە ئوخشاش تۇيغۇنى سېزىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ يىغىسىنى كەلتۈرىدىغان قانداقتۇر بىر ئاچچىق رەنجىش خۇددى ئاشارخئاشارخ  ھىندى كالىندارىنىڭ ئۈچىنچى ئېيى. بىزنىڭ ئىيون - ئىيول ئايلىرىغا توغرا كېلىدۇ.نىڭ باشلىرىدىكى قاپقاراڭغۇ چېقىلغانلىق بۇلۇتقا ئوخشاش ئۇنىڭ يۈرىكىگە قونىۋالغان ئىدى. بۇ رەنجىش گويا ئۇنىڭ ئۇزۇن قارا كىرپىكلىرىنىڭ كۆلەڭگىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرغاندەك بولاتتى.
    «مەنغۇ ئۆزۈمنى - ئۆزۈم چۈشەنمەپتىمەن، لېكىن نېمىشقا سەن مېنى چۈشەنمىدىڭ؟ دەيتتى مىرىنمويى خىيالىدا ئېرىغا مۇراجەت قىلىپ، نېمىشقا سەن مېنىڭ ئەدىپىمنى بەرمىدىڭ؟ نېمىشقا مېنى ئۆزۈڭگە بېقىندۇرۇشقا مەجبۇرلالمىدىڭ؟ نېمىشقا مەن ئەخمەق بارمايمەن دېگەندە، سەن كالكوتتىغا زورلاپ ئېلىپ كەتمىدىڭ؟ نېمىشقا سەن مېنىڭ سۆزۈمگە كىردىڭ؟ مېنىڭ خائىشلىرىمغا رېئايە قىلدىڭ، قەغىشلىكلىرىمگە چىدىدىڭ؟»
    ئاندىن كېيىن ئۇ بىر قېتىم ئوپۇربانىڭ ھېچكىم يوق كۆلنىڭ يېنىدىكى چىغىر يولدا ئۆزىنى تۇتىۋالغانلىقىنى ۋە ھېچ سۆز ئېيتماستىنلا، كۆزىگە قارىغانلىقىنى ئەسكە ئالدى. مىرىنمويى شۇ كۆلنى ئۇنىڭ يېنىدىكى دەرەخنى، ئەتتىگەنلىك كۈننى ۋە ئوپۇربانىڭ توپتوغرا يۈرەككە ئۆتكەن قارىشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى، ئۇ قاراشنىڭ مەنىسى ئۇنىغا ئەمدى چۈشىنىشلىك بولماقتا ئىدى ۋە مىرىنمويى ئەگەر شۇ چاغدا باشقىچە مۇئامىلە قىلغان بولسام، پەقەت بىرلا سوئالغا باشقىچە جاۋاب بەرگەن بولسام، نېمە بولغان بولار ئىدى دەپ خىيال سۈرەتتى.
    ئىلگىرى ئوپۇربا مىرىنمويى تامامەن مېنى چۈشەنمەيدۇ دېگەن ئوي بىلەن قىينىلاتتى. ئەمدى مىرىنمويى يالغۇز قىلىپ ئوپۇربا مېنىڭ توغرامدا نېمە دەپ ئويلاپ قالغاندۇ، مېنى قانداق ئادەمگە ئوخشاتقاندۇ، دېگەن سوئاللار ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئويلىناتتى. قىز ئوپۇربا مېنى ياش يۈرەكنىڭ بارلى يالقۇنى بىلەن مۇھەببەت تەشنالىقىنى قاندۇرالايدىغان ئايال سۈپىتىدە كۆرمەي، بەلكى بىر تەرسا، شاللاق ۋە ئەخمەق قىز دەپ ھېسابلىدى، دېگەن ئويغا كەلگەندە، ئۇ ئۆزىدە ئېچىنىشلىق ئاچچىق ۋە ئۇياتلىق ھېسلارنىڭ پەيدا بولغىنىنى سىزەتتى ۋە ئۆزىنىڭ قەرزىنى - قىزغىن ۋە يالقۇنلۇق ئىشتىياق بىلەن بولغان سۆيۈشنى ئوپۇربانىڭ تەھسىگە بېرەتتى.
    شۇ ھالدا نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتتى.
        ئوپۇربا مىرىنمويىدىن خەت ئالمىغىچە، ئۆيگە قايتمايمەن دېگەن ئىدى. بۇنى ئەسكە ئېلىپ مىرىنمويى بىر كۈنى ئۆزىنىقڭ بۆلمىسىگە كىردى - دە، ئىشىكنى ئېلىپ ئېرىغا خەت يېزىشقا ئولتۇردى. مىرىنمويى ئوپۇربا تەقدىم قىلغان، چەتلىرىگە ئالتۇن يالاتقان رەڭلىك قەغەزنى ئالدى - دە، ئويلاپ قالدى. ئاندىن كېيىن قەغەزنى دىققەت بىلەن لېكىن قىڭغىر سىزىپ چىقتى ۋە قولىنى سىياغا چىلىۋېلىپ ھېچقانداق مۇراجەتسىز ھەر خىل يوغانلىقتىكى ھەرپلەر بىلەن «سەن نېمىشقا ماڭا خەت يازمايسەن؟ قانداق ياشاۋاتىسەن، ئۆيگە كەلگىن، يەنە نېمە يېزىشنى بىلمەيمەن» دەپ يازدى. ئۇ يازماقچى بولۇپ يۈرگەن نەرسىنىڭ ھەممىسى ئېيتىلىپ بولغان ئىدى. لېكىن جەمئىيەتتە ئويلىغىنىدىن تاشقىرى يەنە بىرنېمىلەر ھەققىدە سۆزلەش قايىدە بولغان. مىرىنمويى بۇنى بىلەتتى. شۇڭلاشقا ئۇ بىراز ئويلاپ تۇرغاندىن كېيىن، يەنە  بىرقانچە سۆز قوشۇپ قويدى. «ئەمدى سەنمۇ ماڭا يازغىن جۇمۇ، قانداق ياشاۋاتقىنىڭنى يازدە، ئۆيگە قايت، ئاپامنىڭ تېنى تازا، مەلىدىكى قىزلار ۋە بالىلار ئامان - ئىسەن، بىزنىڭ قارا كالا تۈنۈگۈن تۇغدى» شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ دۇئايى سالىمىنى تۈگەتتى. ئاندىن كېيىن قىز خەتنى كونۋېرتقا سېلىپ، ھەربىر ھەرپكە يېشىنى تىمىتقان ھالدا، ئىشتىياق بىلەن: «جانابى ئوپۇربا كىرىشنارايغا» دەپ سىزغان بولدى. ئۇنىڭ مۇھەببىتى قانچە ئۇلۇغ بولمىسۇن ئۇ قۇرلارنى تۈز يازالمىدى. ھەرپلەر چىرايلىق چىقمىدى. كانۋېرتنىڭ تېشىغا ئىسىمدىن تاشقىرى يەنە ئادرېسىنى يىزىشنىڭ كىرەكلىكىنى مىرىنمويى بىلمەيتتى. ئۇ خەت قېينانىسىنىڭ ياكى باشقا بىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالمىسۇن دەپ قورقۇپ، ئۇنى بىر ئىشەنچلىك خىزمەتكار ئايال ئارقىلىق پوچتىدىن ئىۋەتىۋەتتى.
    بۇ خەتنىڭ ھېچقانداق نەتىجە بەرمىگەنلىكى توغرۇلۇق ئېيتىپ ئولتۇرۇش ئارتۇقچە، چۈنكى ئۇنى ئوپۇربا ئالغىنى يوق.

        ئانا كانىكولنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلەتتى. لېكىن ئوپۇربا ئۆيگە كەلمىدى. ئۇ ئوغلىنى تېخىچىلا ئاچچىق قىلىپ يۈرۈپتۇ - دە، دېگەن ئويغا كەلدى.
    مىرىنمويى بولسا، ئوپۇربانى ماڭا ئاچچىق قىلىپ يۈرىدۇ دەپ ئويلايتتى ۋە ئۆزىنىڭ خېتىنى ئەسكە ئېلىپ، يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك خىجالەت بولاتتى. ئۇ خەت شۇنداق بىچارىلىقنى كۆرسىتەتتى، ئۇنىڭدا بىرمۇ ئەقىللىق سۆز يوق ئىدى. ئۇنىڭدا قىز ھەتتا ئۆزىنىڭ ئويىنىمۇ ئىپادە قىلالمىدى. ئوپۇربا ئۇ خەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مېنى تېخىمۇ كىچىك بالا دەپ، تېخىمۇ ئەخمەق قىز ئىكەن، دەپ ھېسابلايدۇ دېگەن ئوي مىرىنمويىنىڭ يۈرىكىگە ئوقيادەك سانجىلاتتى.
     سەن خەتنى پوچتىغا ئاپىرىۋەتتىڭمۇ؟ دەپ مىرىنمويى يېنىپ - يېنىپ سورايتتى خىزمەتكار ئايالدىن.
     ئەلۋەتتە، مەن ئۇنى ئۆز قولۇم بىلەن خەت يەشىكىگە سېلىۋەتتىم، دەيتتى خىزمەتكار ئايال، بەلكىم ھېلىغىچە جاناب ئۇنى ئالغاندۇ.
    بىر كۈنى ئوپۇربانىڭ ئاپىسى مىرىننويىنى يېنىغا چاقىرىۋېلىپ:
     قىزىم، ئوپۇربا ئۇزاق بولدى ئۆيگە كەلگىنى يوق. ئەمدى مەن ئۇنى كۆرۈشكە كالكوتتىغا بېرىپ كەلمەكچىمەن، مېنىڭ بىلەن بارامسەن؟ دېدى.
    مىرىنمويى رازىمەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بېشىنى لىڭشىتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۆلمىسىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ، ئىشىكنى ئىتىۋالدى. ئاندىن كېيىن ئۇ ئۆزىنى كارۋاتقا ئاتتى - دە، تەكىينى قۇچاقلىۋېلىپ ئۆز خۇشالىقىنى بارچە ئىپادە قىلىپ، قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى. لېكىن ئاستا - ئاستا ئۇ پەسلەپ قالدى ۋە تامامەن كەيپى بۇزۇلغان، ھەر خىل ئەندىشىلەر بىلەن تولغان ھالدا يىغلاپ كەتتى.
    ئۆزلىرىنىڭ كېلىشى توغرۇلۇق ئوپۇرباغا خەۋەر قىلمايلا، ئاچچىق پەندىيەت يىگەن ئاياللار ئوپۇربادىن رەھىم سوراش ئۈچۈن كالكوتتىغا قاراپ ماڭدى. ئوپۇربانىڭ ئانىسى كۈيئوغلىنىڭ ئۆيىگە چۈشتى.
    ئۇ ئارىدا ئوپۇربا مىرىنمويىدىن خەت كۈتۈپ - كۈتۈپ، ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى بۇزماقچى بولدى. ۋە بىر كۈنى كەچقۇرۇنلۇغى ئۇنىڭغا خەت يېزىشقا كىرىشتى. لېكىن ئۇ لايىق سۆزلەرنى زادىلا تاپالماي، ئاۋارە بولدى. ياش يىگىت مۇھەببەتمۇ كۆرىنىپ تۇرىدىغان ۋە رەنجىشمۇ سىزىلىدىغان سۆزلەرنى ئويلاپ تېپىشنى خالايتتى. لېكىن ئوپۇربا لايىق ھېچنەرسە تاپالمىدى. شۇڭلاشقا ئۇنىڭدىكى ئۆز ئانا تىلىغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك تېخىمۇ كۈچلىنىپ كەتتى. ئەنە شۇ مەزگىلدە ئۇنىغا ھەدىسىنىڭ ئېرىدىن خەت ئەپكېلىپ بەردى. ئۇ خەتتە ئوپۇربانىڭ ئانىسى كەلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە غىزا يىيىشكە ئۈلگۈرىشى ئۈچۈن مۇمكىن قەدەر چاپسان كېلىشىنىڭ كېرەكلىكى ئېيتىلغان ئىدى. خەتنىڭ ئاخىرىدا ئۆيدە ھەممە نەرسىنىڭ ئۆز ئورنىدا ئىكەنلىكى خەۋەرلەندۈرۈلگەن ئىدى. ئۇنىڭغا قارىماي ئوپۇربانىڭ قەلبى قايغۇلۇق ئەندىشىلەر بىلەن تولدى. ئۇ ھايال قىلماتىنلا ھەدىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭدى.
    ئانىسىنى كۆرە - كۆرمەيلا ئۇ:
     ھېچنېمە بولمىغاندۇ، ئاپا؟ دېدى.
     ھەممە ياخشى، دەپ جاۋاب بەردى ئانىسى، سەن كۆپ بولدى ئۆيگە بارمىدىڭ ۋە دەم ئېلىش ۋاقتىدىمۇ كەلمىدىڭ، شۇڭلاشقا مەن ئكزۈم سېنى ئېلىپ كەتمەكچى بولۇپ كەلدىم.
     مۇنداق ئېغىر سەپەرگە چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، دېدى ئوپۇربا، مەن دۆلەت ھوقۇقىدىن ئىمتىھان ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتىمەن...
     ماڭا قارا، سەن نېمىشقا ئايالىڭنى ئۆزۈڭ بىلەن ئېلىپ كەلمىدىڭ؟ دەپ سورىدى.
     دۆلەت ھوقۇقىنى ئۆگىنىش... دەپ جىددىي يوسۇندا باشلىغان ئىدى ياش يىگىت.
     يوق سۆزنى قىلمىغىن، دەپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى ھەدىسىنىڭ ئېرى، سەن ئايالىڭنى بىزگە كۆرسىتىشكە قورقىسەن...
     پاھ، كۆردۈڭمۇ بۇ دەھشەتلىك ئادەمنى! دەپ ئېرىنىڭ سۆزىنى بۆلدى ئايالى، كىچىك قىز سېنى كۆرۈشى بىلەن قورقۇپ كېتىشى تۇرغان گەپ.
    پاراڭ ئەنە شۇنداق چاقچاقلار بىلەن داۋام قىلدى. لېكىن ئوپۇربانىڭ چىرايى تىخىچىلا تۇتۇق ئىدى. چاقچاقلار ئۇنى جىلە قىلاتتى. ئۇ، ئەگەر مىرىنمويى خالىغان بولسا، ئاپام بىلەن بىللە كېلەتتى، دەپ ئويلىماقتا ئىدى. بەلكى ئاپام ئۇنى سايە قىلىپ باققاندۇ، لېكىن مىرىنمويى ئۇنىمىغان بولۇشى كېرەك. ئوپۇربا ھەر خىل ئەندىشىلەر قوينىدا ئولتۇرۇپ، ئانىسىدىن بىرەر نەرسە توغرۇلۇق سوراشقا جۈرئەت قىلمايتتى. ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ەنرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا چەكسىز ئالداش بولۇپ سىزىلەتتى.
    تاماق ئېچىلىپ بولغان چاغدا، قاتتىق شامال چىقىپ يامغۇر قۇيىۋەتتى.
     بۈگۈن بىزنىڭكىدە قون! دېدى ھەدىسى.
     ياق، ئۆيگە بېرىشىم كېرەك، ئىشىم بار، دېدى ياش يىگىت.
     كېچىسى قانداق ئىش بولۇشى مۇمكىن؟ دەپ ئىنكار قىلدى ھەدىسىنىڭ ئېرى، بىزنىڭ ئۆيدە قونۇپ قالساڭمۇ، سەن ھېچكىمنىڭ ئالدىدا جاۋاب بەرمەيسەنغۇ، نېمە تەشۋىشلىنىسەن؟
    ئۇزاق ۋاقىت ئۇنىماي تۇرغاندىن كېيىن، ئوپۇربا ئاخىرى ناھايىتى كۆڭۈلسىزلىك بىلەن قونۇپ قالماقچى بولدى.
     بايقىشىمچە سەن ھېرىپ قاپسەن، بوپتۇ ئاۋۇ بۆلمىگە كىرىپ ئۇخلىغىن.
    بۇ تەكلىپ ئوپۇربانىڭ خائىسىغا ناھايىتى مۇۋاپىق كەلدى. ئۇ ئۇخلايدىغان بۆلمىدە يالغۇزدىن - يالغۇز يېتىپ، بەلكى ئېغىر خىياللاردىن بىراز قۇتۇلارمەن دېگەن ئويغا كەلگەن ئىدى... پاراڭغا ئارىلاشقۇسى كەلمەيتتى.
    ئۇخلايدىغان بۆلمىنىڭ بۇسۇغىسىدىن ئۆتۈپلا، ئۇ بىر قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدى.
     لامپا شامالدا ئۆچۈپ قاپتۇ. باشقىسىنى ئەكىرىپ بېرەيمۇ؟ دېدى ھەدىسى.
     ياق، كېرەك ئەمەس، دەپ جاۋاب بەردى ئوپۇربا، مەن قاراڭغۇدا ئۇخلايمەن.
    ھەدىسى چىقىپ كەتتى. ئوپۇربا ئاستا كارىۋات تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ يىتىشقا تايىن تاپقان ئىدى. لېكىن شۇ پەيتتە ئۇ تۇيۇقسىزلا بىلەيزەكلەرنىڭ جىرىڭلىشىنى ئاڭلىدى ۋە نازۇك ئىككى بىلەك ئۇنى قۇچاقلىۋالدى. كىمنىڭدۇ بىرىنىڭ نەپسى گۈلنىڭ پەۋەزلىرىگە ئوخشىغان لەرلىزى تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ مەڭزىگە كېلىپ تەگدى ۋە ياش تامچىلىرى بىلەن ئارىلاشقان قىزغىن سۆيۈشلەر يىگىتكە ئۆزىنىڭ ئەجەبلىنىشىنى ئىپادىلەشكىمۇ ئىمكانىيەت بەرمىدى.
    دەسلەپ ئوپۇربا تەئەججۈپلەندى. ئاندىن كېيىن ئىلگىرى كۈلكە كاشىلا بولغان ئىلتىماسىنىڭ ئورۇنلىنىشىغا بۈگۈن كۆز ياشنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندى.

    1893 - يىل

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.