ئاتقا يېقىن فامىلە

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-27 11:19:45

ئاتقا يېقىن فامىلەئا.پ.چېخوپھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەن مايور بولدېيېۋنىڭ چىشى قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. ئۇ ئاغزىنى ھاراق بىلەنمۇ، كونياك بىلەنمۇ چايقىدى. ئاغرىغان چىشىغا ناسىۋال، ئەپيۇن، سىكىپدار،...

    ئاتقا يېقىن فامىلە

    ئا.پ.چېخوپ

    ھەربىي خىزمەتتىن چېكىنگەن مايور بولدېيېۋنىڭ چىشى قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. ئۇ ئاغزىنى ھاراق بىلەنمۇ، كونياك بىلەنمۇ چايقىدى. ئاغرىغان چىشىغا ناسىۋال، ئەپيۇن، سىكىپدار، كىرسىن ياقتى. ياڭىقىغا يود سۈركىدى. قۇلىقىغا ئىسپىرتقا چىلانغان پاختا تىقىپ باقتى. بىراق بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كار قىلمىدى، ئۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشاتتى. دوختۇر كەلدى. ئۇنىڭ چىشىنىڭ تۈۋىنى كولاپ خىنىن يېزىپ بەردى. لېكىن ئۇنىڭمۇ پايدىسى بولمىدى. ئاغرىغان چىشىڭىزنى يۇلىۋىتەيلى، دېگەن مەسلىھەتكە گېنىراك كۆنمىدى. ئۆي ئىچىدىكىلەرنىڭ بارلىقى: خوتۇنى، بالىلىرى، خىزمەتچى ئايال، ھەتتا ئاشپەز بالا چېتكىلارغىچە ـــــ ھەرقايسىسى ئۆزى بىلگەن ئامال-چارىلىرىنى كۆرسىتىپ بېقىشتى. شۇ ئارىلىقتا بولدېيېۋنىڭ ئىش باشقۇرغۇچىسى ئىۋان يېۋسېئىچمۇ كېلىپ دەم سېلىپ بېقىشنى مەسلىھەت قىلدى.

    -بىزنىڭ ناھىيىمىزدە، تەقسىر جانابلىرى،-دېدى ئۇ،-ئون يىل بۇرۇن باجگىرلىق قىلىپ يۈرگەن ياكوپ ۋاسلىۋېچ دېگەن بىرى بولىدىغان. چىشنى ئوقۇپ داۋالاشتا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق ئىدى. دېرىزە تەرەپكە قاراپ تۇرۇپ پىچىرلاپ، ئارقىغا ئۆرۈلۈپ سۈپلا دېدىمۇ، بولدى، ئاغرىق شىپپىدە توختايدىغان، شۇنداق بىر خاسىيەتكە ئىگە ئىدى...

    -ئۇ ھازىر نەدە؟

    -باجگىرلىقتىن چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ساراتوۋدىكى قىيىن ئانىسىنىڭكىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ھازىر چىش داۋالاش بىلەنلا كۈن كەچۈرۈۋاتىدۇ. ئەگەر بىرەرىنىڭ چىشى ئاغرىپ قالغۇدەك بولسا ئۇدۇل شۇنىڭ قېشىغا بېرىشىدۇ... ساراتوۋلۇقلارنى ئۆز ئۆيىدە داۋالايدۇ. جانابلىرى، ئۇنىڭغا، شۇنداق قىلىپ، قانداق دېگەندە، دېمەك.... خۇدانىڭ قولى ئالېكسىينىڭ چىشى ئاغرىپ قالدى، داۋالاپ قويۇشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن، دەپ تېلېگرامما ئەۋەتسىلە. داۋالاش ھەققىنى پوچتىدىن ئەۋەتسىلە بولىدۇ.

    -ئەخمەقلىق، ئالدامچىلىق.

    -شۇنداق بولسىمۇ سىناپ باقمامدىلا، تەقسىر جانابلىرى، ئۇ ھاراققا ناھايىتى ئامراق، خوتۇنى بىلەن ئەمەس بىر نېمىس خوتۇن بىلەن بىللە تۇرىدۇ. ئۇرۇشقاق، بىراق خاسىيىتى بار جاناب دېيىشكە بولىدۇ.

    -ئەۋەتسەڭچۇ، ئاليوشا!-دەپ يېلىندى گېنىرالنىڭ خوتۇنى،-سەن ئوقۇپ دەم سالغانغا ئىشەنمەيسەن، مېنىڭ بولسا ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن، ئىشەنمىگەن تەقدىردىمۇ، تېلېگرامما ئەۋەتىپ قويساڭ نېمە كېتىدۇ؟ قولۇڭ سۇنۇپ كەتمەيدىغۇ؟

    -ھە، بوپتۇ، ماقۇل،-دەپ قوشۇلدى بولدېيېۋ،-مۇشۇ تۇرقۇم تېلېگراممىنى باجگىرغا ئەمەس، شەيتانغا دېسەڭمۇ ئەۋەتەمىنا... ۋاي! جېنىم قالمىدىغۇ! ھە، قېنى، سېنىڭ باجگىرىڭ نەدە تۇرىدۇ؟ ئۇنىڭغا خەتنى قانداق يازىمىز؟

    گېنېرال ئۈستەلنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قولىغا قەلەم ئالدى.

    -ساراتوۋدا ئۇنى لالما ئىتلارمۇ بىلىدۇ،-دېدى ئىش باشقۇرغۇچى،-ساراتوۋ شەھىرى دەپ يازسىلا، تەقسىر جانابلىرى، ئاندىن كېيىن... ئەينى جانابىي ياكوپ ۋاسلىيىچقا... ۋاسلىيىچقا...

    -ھە؟

    -ۋاسلىيىچقا... ياكوپ ۋاسلىيىچقا... فامىلىسى نېمىتى... فامىلىسىنى مانا ئۇنتۇپ قاپتىمەن! ۋاسلىيىچقا... شەيتاننىڭ... فامىلىسى نېمە بولغىيتتىكىن؟ باياتىن، مۇشۇ يەرگە كېلىۋاتقىنىمدا ئېسىمدە بار ئىدى... تۇرۇپ تۇرسىلىچۇ.

    ئىۋان يېۋسېئىچ تورۇسقا تىكىلگەن ھالدا كالپۇكلىرىنى مىدىرلاتتى. بولدېيۋ بىلەن خوتۇنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە ئىدى.

    -ھە، قېنى؟ چاپسانراق ئويلانغىن!

    -ھازىر... ۋاسلىيىچقا... ياكوپ ۋاسلىيىچقا... ئۇنتۇپ قالغىنىمنى، ئاددىيلا بىر فامىلە ئىدى... ئاتنىڭ ئىسمىغا يېقىنلا... بايتالوپمىدى؟ ياق. بايتالوپ ئەمەس، تۇرۇپ تۇرسىلىچۇ... ئايغىر بايوپمۇيا؟ ياق، ئايغىر بايوپمۇ ئەمەس، فامىلىسىنىڭ ئاتقا يېقىن ئىكەنلىكى يادىمدىيۇ، نەق نېمە ئىكەنلىكى ئېسىمدىن چىقىپ قاپتۇ...

    -قۇلۇنچانوپمۇ؟

    -ياق، ياق، تۇرۇپ تۇرسىلا... بايتالبايوپ... بايتالبېكوپ تايغانوپ...

    -ئىتنىڭ ئىسمى بۇ، ئاتنىڭ ئەمەس. دونەنبېكوپمۇيا؟

    -ياق. دونەنبېكوپمۇ ئەمەس... يىلىقبايوپ... ئاتباقاروپ... قۇلۇنبايوپ... ھېچقايسىسىمۇ ئەمەس!

    -ئۇنىڭغا ئەمدى نېمە دەپ يازىمەن! ئوبدان ئويلان.

    -ھازىر، يىلىقبېكوپ... بايتالبېكوپ... ئىچكىئاتوپ...

    -ئىچكىئاتبايوپمۇيا؟-دېدى گېنېرالنىڭ خوتۇنى.

    -ياق، ئۇنداق ئەمەس. چەتكىئاتوپ. ياق، بۇمۇ ئەمەس. ئۇنتۇپ قالغىنىمنى قاراڭ.

    -ئۇنتۇپ قالىدىغان ئادەم نېمانچە خەققە مەسلىھەتچىلىك قىلغۇڭ كەپكەتتى، قارغىشتەگكۈر، يوقال كۆزۈمدىن!-دېدى ئاچچىقى كەلگەن گېنېرال.

    ئىۋان يېۋسېئىچ ئاستاغىنە چىقىپ كەتتى. گېنېرال بولسا ئېڭىكىنى تۇتقىنىچە ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ: «ۋاي دادىمەي! ۋاي ئانىمەي! يورۇق دۇنيانى كۆرەرمەنمۇ؟» دەپ توۋلاشقا باشلىدى.

    ئىش باشقۇرغۇچى باغقا چىقىپ، كۆككە قارىغىنىچە باجگىرنىڭ فامىلىسىنى ئەسلەشكە باشلىدى.

    -غونانبېكوپ... دونەنبايوپ... بەشياشاروپ... ياق، ئۇنداق ئەمەس! يىلىقچىيوپ.... يىلقىنھەيدەروپ.... تايباقاروپ... سېغىنبايوپ....

    بىر ئازدىن كېيىن ئىش باشقۇرغۇچىنى چاقىرىشتى.

    -تاپتىڭمۇ؟-دەپ سورىدى گېنېرال.

    -زادىلا تاپالمىدىم، تەقسىر.

    -بەلكىم ئاتتابايوپتۇر؟ يىلىقباقاروپمۇيا؟ ئەمەسمۇ؟

    ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بەس-بەستە فامىلە توقۇشقا باشلىدى. ئاتلارنىڭ ياش-قۇرامى، نەسلى ۋە جىنسىنى قويماي ئاقتۇرۇشتى. يال-قۇيرۇقلىرى، ئېگەر-جاندۇقلىرىنى قويماي ئەسلەشتى. ئۆيدە، باغدا، ياتاقخانىدا ۋە ئاشخانىلاردا كىشىلەر ئۇ بۇلۇڭدىن بۇ بۇلۇڭغا مېڭىشىپ پىشانىلىرىنى تاتلىغىنىچە فامىلە ئىزدىشەتتى.

       ئىش باشقۇچغۇچىنى ھېلىدىن-ھېلىغا چاقىرىشاتتى.

      -ئۇ يۈرىيايوپمۇيا؟ تۇياقبايوپتۇر بولمىسا؟ ئايغىر خانوپمۇيا؟

      -ئۇنداق ئەمەس،-دەپ جاۋاپ بېرەتتى ئىۋان يېچسېئىچ ۋە تورۇسقا تىكىلگىنىچە ئويلاشنى داۋاملاشتۇراتتى.

    -ئايغىربېكوپ... بايتالباغلاروپ...

    -دادا،-دەپ ۋارقىرىشاتتى بالىلار بۆلمىسىدىن،-ئۈچئاتلىقوپ؟ يۈگەنبايوپ!

    پۈتۈن قورو قوزغىلىپ كەتتى. ئاغرىقتىن قىينىلىپ تاقىتى قالمىغان گېنېرال شۇ فامىلىنى تاپقان كىشىگە بەش سوم بېرىمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئىۋان يېۋسېئىچنىڭ ئارقىسىدىن توپ-توپى بىلەن ئەگىشىپ يۈرىشەتتى.

    -تورۇقئاتوپ!-دېيىشەتتى ئۇنىڭغا،-يورتۇشىئاتوپ! ئاتچاپاروپ!

    كەچمۇ كىردى. فامىلە بولسا تېخىچە تېپىلمىغانىدى. شۇنداق قىلىپ، تېلېگرامما ئەۋەتىلمەي ھەممىسى ئۇخلاشقا تاراشتى.

    گېنېرال بولسا كېچىچە ئۇخلىيالماي، ئۇ بۇلۇڭدىن بۇ بۇلۇڭغا ماڭغىنىچە ۋاي-ۋايلايتتى... سەھەر سائەت ئۈچتە گېنېرال ئۆيدىن چىقىپ ئىش باشقۇرغۇچىنىڭ دېرىزىسىنى قاقتى.

    -ئاختائاتوپ ئەمەسمۇ؟-دەپ سورىدى ئۇ يىغلامسىرىغان ھالدا.

    -ياق، ئاختائاتوپمۇ ئەمەس، تەقسىر،-دەپ جاۋاب بەردى ئىۋان يېسېئىچ ۋە ئەيىبدارلارچە خۇرسىنىپ قويدى.

    -بەلكىم فامىلىسى ئاتقا يېقىن بولماي باشقا بىر خىلدۇر؟

    -چىن سۆز، جانابلىرى، ئاتقا يېقىن... شۇنداق ئىكەنلىكى ئېسىمدە ناھايىتى ئېنىق تۇرۇپتۇ.

    -كاللاڭ يوق بىر نېمە ئىكەنسەنغۇ، ئاغىنە... مەن ئۈچۈن بۇ فامىلە دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك نەرسە بولۇپ قالغىنىنى قارىمامدىغان. ۋايجان، بەك قىيلىنىپ كەتتىم.

    ئەتىگەنلىكى گېنېرال دوختۇرنى يەنە چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى.

    -تارتسا تارتسۇن، ئەمدى چىدايدىغان ھالىم قالمىدى.

    دوختۇر كېلىپ ئاغرىغان چىشنى تارتىۋەتتى. چىشنىڭ ئاغرىقى دەرھال توختاپ گېنېرالنىڭ جېنىمۇ ئارام تاپتى. ئىشنى تۈگىتىپ، تېگىشلىك ھەقنى ئالغان دوختۇر ئۆزىنىڭ ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە ياندى. دەرۋازىنىڭ سىرتىدا، ئېتىز تەرەپتە ئۇنىڭغا ئىۋان يېۋسېئىچ ئۇچراشتى... ئىش باشقۇرغۇچى يولنىڭ چېتىدە تۇرۇپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن پۇتىغا تىكىلگىنىچە بىر نېمە ئويلىماقتا ئىدى.

    قاتتىق تۈرۈلگەن پىشانىسىدىكى قورۇقلار ۋە كۆزىدىن ئۇنىڭ ناھايىتى جىددىي ۋە قىيىن بىر نەرسىنى ئويلاۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى...

    -جىرەنوپ... ئايىلنايوپ،-دەيتتى ئۇ پىچىرلاپ،-قوشقونوپ... ئاتچىبايوپ...

    -ئىۋان يېۋسېئىچ،-دەپ ئۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلدى دوختۇر،-سىزدىن بىر ئاز سۇلۇ سېتىپ ئالالماسمەنمىكىن ئەزىزىم. ماڭا ئۆزىمىزنىڭ دېھقانلىرى سېتىپ بېرىشىدىيۇ، بىراق ناھايىتى ناچار....

    ئىۋان يېۋسېئىچ دوختۇرغا ئاڭقايغىنىچە قاراپ قانداقتۇر بىر ياۋايىلارچە كۈلۈمسىرەپ قويۇپ، بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمەستىن كاسسىسىغا بىرنى ئۇردى-دەم ئارقىسىدىن غالجىر ئىت قوغلىغاندەك ئۆلەر-تىرىلىشىگە باقماي ئۆي تەرەپكە قاراپ چاپتى.

    -تاپتىم، تەقسىر جانابلىرى،-دەپ گېنېرالنىڭ ئىشخانىسىغا ئوقتەك ئېتىلىپ كىرگىنىچە خۇشاللىقى قىن-قىنىغا سىغماي ۋارقىرىدى،-تاپتىم، تاپتىم خۇدايىم، دوختۇرىڭ تېنىنى سالامەت قىلسۇن. سۇلۇبايوپ! باجگىرنىڭ فامىلىسى سۇلۇبايوپ! سۇلۇبايوپ دەيمەن، تەقسىر جانابلىرى. سۇلۇبايوپقا دەرھال تېلېگرامما ئەۋەتسىلە!

    -مانى يە!-دەپ غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى گېنېرال ئىككى مۇشتۇمىنى ئىۋان يېۋسېئىچنىڭ تۇمشۇقىغا تەڭلەپ،-سېنىڭ ئاتقا يېقىن فامىلەڭنىڭ ئەمدى ماڭا كېرىكى يوق، بىلدىڭمۇ، ھارامتاماق.

                                          1985-يىل

                                   تەلئەت ئىمىن تەرجىمىسى

                                  (گۈليارە تۇرسۇن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.