ئىشىق سەۋدايى(سىنگېر)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-30 20:05:00

ئىشىق ساۋدايى باشۋېس سىنگىر (ئامىرىكا) بىر كۈنى يېنتىر ھامماچام دوستلىرى بىلەن مۇھەببەت ئۈستىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ، ئۇلارغا مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى. ـ مۇھەببەت دېگەن بار نەرسە، ـ د...

    ئىشىق ساۋدايى

     باشۋېس سىنگىر (ئامىرىكا)

          بىر كۈنى يېنتىر ھامماچام دوستلىرى بىلەن مۇھەببەت ئۈستىدە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ، ئۇلارغا مۇنداق بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى.
       ـ مۇھەببەت دېگەن بار نەرسە، ـ دېدى ئۇ گېپىنى باشلاپ، ـ ھازىرمۇ بار، بۇرۇنمۇ بار ئىدى. كىشلەر بۇنى يېڭى نەرسە دېيىشىدۇ، ئۇنداق ئەمەس. «ئىنجىل» دا مۇھەببەت قەيت قىلىنغان ؛ رابىن قىزى لىيانى ياقۇپقا ياتلىق قىلغان، ئەمما ياقۇپ راجىينى ياخشى كۆرەتتى. پەيغەمبەرلەرنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى تەسەۋسۇر قىلىش تەس دەيدىغانسىلەر، ئەمما ئۇلارمۇ ئادەم ـ دە! ئەرنىڭ بىرەر ئايالغا ياكى ئايالنىڭ بىرەر ئەرگە كۆزى چۈشۈپ قالسا، بىر خىل سېھرىي كۈچ ئۇلارنى بىر ـ بىرىگە باغلايدۇ. بۇنىڭ ھازىرقى بىلەن پەرقى بىرلا. بۇرۇن بى رـ بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالسا، توي قىلىپ ئەر خوتۇن بولاتتى. ھازىر بولسا توي چېيىنى ئىچكۈزۈپ بولغاندىن كېيىنمۇ باشقا بىرىنىڭ پېيىگە چۈشىدۇ.
       تۇربىنىغا يېقىنلا بىر يەردە بىر يېزا مۆتىۋىرى ياشايتتى، ئۇ مۆتىۋەرنىڭ ئىسمى ۋېن چۋارىسكى بولۇپ، چۈشەنگىلى بولمايدىغانلا كىشى ئىدى. ئاغزى ئېچىلىپلا كەتسە سۆزلەپ توختىمايتتى. تېرىقچىلىقنى دائىم راسا دومبالاپ ئەدىبىڭلارنى بېرىمەن، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپلا يۈرەتتى، ئەمما بىرەرىگىمۇ قول تەككۈزۈپ باقمايتتى. تېرىقچىلىرىدىن بىرەرى ئاغىرىپ قالسا، تېۋىپلارنى چاقىرتىپ كېسىلىنى داۋالىتاتتى. ئۇ دائىم خىزمەتكارى بىكالېرنى، سنېى يا بوغۇپ ئۆلتۈرىۋېتىمەن يا ئېتىپ تاشلايمەن، دەپ قورقۇتاتتى، ئەمما ھەر قېتىملىق ھالقا سېلىش بايرىمىدا بېكارلىرىغا سوۋغات بېرەتتى، بىكالېرنىڭ قىزى ياتلىق بولغان چاغدا، ئۇ ئادەم ئۇنىڭغا تېخى تويلۇق سوغا بەرگەن، تويغا قاتنىشىپ يەھۇدىلار بىلەن تانسا ئوينىغانىدى، توي مەرىكىسىدە ئۇ نۇرغۇن كۈلكىلىك ئىشلارنى قىلغاچقا، مېھمانلار ئۈچىيى ئۈزۈلگۈدەك كۈلۈشتى. چىۋارىكى ئۆيلەتمىگەنىدى، ئۇ ئېرى بار بىر ئايالنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇ ئايالنىڭ ئىسمى ئالىشا ئىدى. بۇ ئايال ئانچە گۈزەل بولمىسىمۇ ھەر ھالدا زىلۋا، مۇلايىم، نازاكەتلىك ئىدى.
        ئادەتتە يەھۇدىلەردىن باشقا كىشلەرنىڭ چېچى سېرىق، كۆزى كۆك ، تېرىسى ئاق بولىدۇ، ئەما بۇ ئايالنىڭ تېرىسى قوڭۇر ، كۆزى قاپقارا، دائىم تەبەسسۇم يېغىپ تۇردىغان چىرايى بەكمۇ يېقىملىق ئىدى، ئېرى گراف لېپوسكى ئۇچىغا چىققان ھاراق كەش بۇلۇپ، ساق يۇرگەن ۋاقتىنى كۆرگىلى بولمايتتى. بارلىق ۋاقتىنى ھاراق ئىچىپ تۈگىتىۋەتكەنىدى. ئۇ خوتۇنىغا چىۋارسكىنىڭ ئاشىق ئىكەنلىگىنى بىلەتتى، ئەمما پەرۋا قىلمايتتى. ئەگەر ئالىشا دىيانەتسىز ، شاللاق ئايال بولغان بولسىدى ئەڭ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولاتتى. ئۇ لاتاپەتلىك خانىم ئىدى. ئۇ بۇرۇنلا چىۋارىسكىغا توي قىلدىم، ئەمدى ئارقامغا كىرىۋالماڭ، دېگەن بولسىمۇ، چىۋارىسكى ئۇنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن ، ئۇنداق قىلمىدى. ئۇ ھەر كۈنى ئالىشاغا خەت يازاتتى، لېكىن يىلدا ئىككى قېتىم مېنىڭ ئېرىم بار دىگەن خەتنى تاپشۇرۋالاتتى.
      چىۋارىسكى ئالىشانى قانغۇچە كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن ھەر ئىبادەت كۈنى چىركاۋغا باراتتى. ئەگەر ھەر ئىككىلىسى بىرەر قېتىملىق تانسىغا تەكلىپ قىلىنسا ئالىشا ئۇنىڭ بىلەن پەقەت بىرلا قېتىم تانسا ئويناشقا ئۇنايتتى. ئۇمۇ چىۋارىسكىنى ياخشى كۆردىغاندەك ، ئەمما ئېرىگە يۈزسىزلىك قىلىشنى راۋا كۆرمەيدىغاندەك قىلاتتى. پوپلا چىۋارىسكىدىن ئالىشانى بىردەم بولسىمۇ ئارامىدا قويۇشنى ئۆتىنەتتى، ئەمما ئۇ : «جاھاندا بىرلا ئالىشا بار، ھەر ئىبادەت كۈنى ئۇنى كۆرۈۋىلىش ھەر ھەپتىلىك تۇرمۇشۇمدىكى بىردىن بىر ئارزۇيۇم»دەپ جاۋاپ بېرەتتى. ئالىشانىڭ ئېرى لپوسكىغا دوختۇرلار ھاراق ئىچمەسلىكنى ئېيىتقان بولسىمۇ، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھاراقنى كالا سۈتى ئىچكەندەك ئىچىپ يۇرىۋەردى. گراف لپوسكى دائىم ھاراق ئىچىۋېلىپ مەست يۇرگەچكە، مال دۇنياسىنى غوجىدار باشقۇراتتى. غوجىدار ئۇنىڭ نۇرغۇن مال ـ مۇلىكىنى ئوغۇرلاپ ، قالغىنىنى قالايمىقان سورۇپ تۇگەتتى. ئالىشا ئىقتىسادىي ئىشلارنى ئەزەلدىن سۈرۈشتە قىلمايتتى، كىتاب ئوقۇشقا ئامراق ئىدى، باغدا ئايلىنىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ زادىلا پەرزەت يۈزى كۆرمىگەنىدى. لپوسكى ئۆلىدىغان چاغدا خۇدادىن گۇناھىنى تىلىمىدى، ۋەسىيەت قالدۇرمىدى. ئاڭلىشىمچە، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن جەسىتى خۇددى ياغاچ تۇڭدەك يېرىلىپ كىتىپتىمىش. ئۇ ھايات چېغىدا خۇلۇم ـ قوشنىلىرى بىلەن ئەپ ئۆتمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا ئاساسى جەھەتتىن ھىچكىم قاتناشمىدى.
        مەن شۇ چاغدا تېخى كىچىك ئىدىم؛ تاۋۇت دېرىزىمىزنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۆلۈم ئۇزۇتۇپ ماڭغانلارغا قىزىقىپ قالدىم. ئىككى ئەر كىشى ئالىشانى يۆلەپ مېڭىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ئالىشانىڭ ئىنىسى بۇلۇپ ، ئۇنى تۇنجى قېتىم كۈرۈشىم ئىدى. چىۋارىسكى لپوسكىنىڭ قەددى ـ قامەتلىك بەستىگە سېلىشتۇرغاندا، پاكار، ئورۇق ئىدى. چىۋارىسكى قارىلىق كىيىم كىيگەن ئالىشانى خۇددى ئېلىپ قېچىپ كېتىدىغاندەك، بىلىكىدىن چىڭ تۇتۇپ كېتىۋاتاتتى. لپوسكى ئۆلگەندىن كېيىن خەقلەر ئۇنىڭ تۇل قالغان خوتۇنىنى چىۋارىسكىغا تېگىۋالىدۇ دەپ پەرەز قىلىشقانىدى، ئەمما ئالىشا ئېرىگە بىر يىل قارلىق تۇتتى. لپوسكى ۋەسىيەت قالدۇرمىغاچقا، تەرەپ ـ تەرەپتىن مىراس خورلار كىلىشتى. ئۇلارنىڭ نەلەردىن پەيدا بولغانلىقىنى ھىچ كىم بىلمەيتتى، ئۇلار ئالىشانىڭ ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ كەتتى. ئەمىليەتتە ئۇلار ئېلىپ كەتكۈدەكمۇ نەرسە قالمىغانىدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان چىۋارىسكى مىلتىق كۆتىرىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋەتمەكچى بولدى. ئالىشا، ئارلاشماڭ دەپ تۇرۋالدى. ئالىشانىڭ سۆزى ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇدانىڭ پەرمانىغا ئوخشاش ئىدى. ئاخىر ئۇ ئادەملەر ئالىشاغا تۆت تامدىن باشقا ھىچنىمە قالدۇرمىدى. ئۇ نۇرغۇن يىل لپوسكى بىلەن يەتكۈچە جاپا چەككەن بولسىمۇ ، ھېچكىمگە دەردىنى ئېيتامىغانىدى. كېيىن ئۇلار ئالىشاغا بىر ھۈججەت ئېلىپ كېلىشنى ، ئۇ ھۆججەتنى ئوقۇپمۇ كۆرمەي ئۇنىڭغا ئىمزا قويدى.
        بىر ئاي ئۆتمەيلا، بىر سودىيە ۋە بىر نەچچە ئەمەلدارلار ئالىشانىڭ ئۆيىگە كىلىپ ، ئۇنىڭ ئۆيدىن كۆچۈپ كىتىش كېرەكلىكىنى، ئۆي ۋە ئۆينىڭ ئىچىدىكى سەرەمجانلارنىڭ ئەمدى ئۇنىڭغا تەۋە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى. چىۋارىسكى بۇ قېتىممۇ ئۇنى قوغداشقا كىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قورورىغا بېرىپ تۇرۇشنى ئېيىتتى، ئەمما ئالىشا توي قىلغاندىن كېيىن باراي دەپ تۇرۋالدى. ئالىشا كەنتتىكى بىر دېھقاننىڭ كونا بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتى. مەرھۇم ئېرىنىڭ ئورۇق ـ تۇققانلىرى ئۇنىڭغا بىر كارۋات بىلەن ئۇنىڭ كىتاپلىرىنى قالدۇرغانىدى. بۇ نەرسىلەر دەپ ئۇ ئېھتىياجلىق نەرسىلەر ئىدى. ئۇ ئاتا ـ ئانىسى ئېلىپ بەرگەن ئۈنچە ـ مەرۋايىتلىرىنى ھېلىمۇ ياخشى يوشۇرۇپ قويغانىدى، شۇ نەرسىلەرنى ساتقۇزۇپ بىر يىل تۇرمۇشنى قامدىدى. بىر يىلدىن كېيىن ئالىشا قايتىدىن ياتلىق بولدى. يېقىن ئەتىراپتىكى ئاق سۆڭەكلەر ئۇنىڭ توي مەرىسىگە قاتناشتى. ئالىشا تويدا قارىلىق كىيىم كىيدى. خەقلەر ئۇنىڭغا گۈل دەستە تۇتتى. پوپ نىكاھ مەرىكىسىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئىلگىرى دېھقانلارنىڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تويىغا قاتناشقانلىقىنى ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىغانىدى، بۇ تويغا يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ ھەممىسى كەلدى. چۈنكى ئالىشا دېھقان ئۆيىدە ئولتۇرغانلىقىنى ئۈچۈن ، دېھقانلار ئۇنى ئۆز ئادىمىمىز دەپ ھىسابلىشاتتى. ئالىشا تويغا ئۆي ئېگىسى دېھقاننىڭ تۆت ئاتلىق ھارۋۇسىغا ئولتۇرۇپ كەلدى. چېركاۋدىن چىۋارىسكىنىڭ ئۆيىگە بارغۇچە سەككىز ئاتلىق پەيتۇنغا ئولتۇردى. دېھقانلار سەپ تارتىپ پەيتۇننىڭ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭدى. ئۇلار يەنە چىۋارسكىنىڭ قوروسىغا كىردىغان ئېغىزغا گۈل ۋە دەرەخ شاخلىرىدىن زىننەت دەرۋازىسى ياسىدى. ئوركستېرلا «كەچلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن» مۇزىكىسىنى ئورۇنلىدى. چىۋارسكى ناھايىتى باي ئىدى.
       ـ ئالدىرماڭلار، مەن بىرەر يۇتۇم ئۇسۇزلۇق ئىچىۋالاي. مەن ھامماچامغا بىر ساپلىق سۇ ئەكىلىپ بەردىم. ئۇ بىر چوقۇنۇۋېلىپ سۇنى ئىچتى.
       ـ سىلەر مېنى زاڭلى قىلماڭلار، مېنىڭ ئۈن سېلىپ يىغلىۋالغۇم كىلۋاتىدۇ، ـ دىدى ئۇ قولياغلىقى بىلەن بۇرنىنى سۈرتىپ قويۇپ، ـ تويدىن كېيىن چىۋارىسكى شاھ ئوردىلىرىدىمۇ ئاز ئۇچىرايدىغان ، كاتتا تانسا ئۇيۇشتۇردى. ئۇ ھالقا سېلىش بايرىمىدىن بىر نەچچە ھەپتە كېيىنكى ۋاقىت بۇلۇپ ، ھاۋا ناھايىتى ياخشى ئىدى. چىۋارسكىنىڭ خۇشاللىقىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكالىغۇسى كېلەتتى. ئۇ تانسىغا نەچچە يۈز ئاقسۆڭەكنى چاقىردى، بۇلاردىن بەزىلىرى تېخى يىراق شەھەرلەردىن كەلدى. شۇ كۈنى سەھەردىن باشلاپ بۇ يەردە ئات ـ ھارۋىلارنىڭ ئايغى ئۈزۈلمىدى. تانسا توپتوغرا بىر كۈن داۋاملاشتى.تۇلبىندىكى ماگېزىنلار راسا پۇل تاپتى. نەچچە يىلدىن كېيىنمۇ خەقلەر شۇ قېتىمقى كاتتا تانسا ۋە تانسىدىكى ئېسىپ نازۇ ـ نېمەتلەر، مەي ـ شارابلار، ئۇسۇل ـ مۇزۇكىلار ھەققىدە سۆزلىشىپ يۈردى. بىكارلېرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ تانسىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ، چىۋارىسكى بىر قىسىم ئورمىنىنى ئەرزەن باھادا سېتىشقا مەجبۇر بولغانىكەن. ئەتىسى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھەممىسى ئوۋغا چىقىپ نۇرغۇن ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىدى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، قورۇق جىمىتلىققا چۆمدى. ئالىشا چىۋارىسكىدىن بەدخەجلىك قىلماسلىقنى بۇرۇنلا ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما چىۋارىسىكى تېخىچىلا بەخىت ئىچىدە مەست ئىدى.
        چىۋارىسكىنىڭ مال ـ دۇنياسى بىر يىلغىمۇ يەتمىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي كىشلەر ئالىشانىڭ ئاغىرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. چىۋارىسكى يەنە بىر قىسم يەرلىرىنى سېتىپ ئەڭ داڭلىق دوختۇرلارنى تەكلىپ قىلدى. ئالىشانىڭ كېسىلى بىر نەچچە ئايغا سۇزۇلدى. ھەممەيلەن ئۇنىڭ ساقىيىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن بولسىمۇ، چىۋارىسكى تەرەپ ـ تەرەپتىن دوختۇرلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلدى. لېكىن ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا داۋا تاپالمىدى. ئالىشا سەكراتقا چۈشۈپ تېزلا جان ئۈزدى. چىۋارىسكىنىڭ قايغۇلۇق ئاھۇ ـ زارىنى تىل بىلەن ئىپادىلەش تەس. دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. چىۋارىسكى بۇرۇنلا ئالىشا ۋە ئۆزىگە ئاتاپ يەرلىك سېتۋالغانىدى. ئۇ خۇددى يېڭىلا كېسەلدىن قوپقاندەك، چىرايى تاتىرىپ ، ئىنتايىن زەئىپلىشىپ كەتكەنىدى، ساقىلىمۇ ئاقىرىپ كەتتى. كىشىگە ئەجەل كەلمىسە، ئۆلىمەن دەپمۇ ئۈلۋالغىلى بولمايدىكەن . چىۋارىسكى ئۆلۈۋېلىش ئۈچۈن ئوغىمۇ ئىچكەنىدى، كىشلەر سىزىپ قېلىپ قۇتۇلدىرىۋالدى. بىكالېر قانچە تېجەپ خىراجەت قىلسىمۇ، چىۋارىسكىنىڭ مال ـ مۈلىكىدىن چېچنىمە قالمىدى. ئارىدىن بىر ـ ئىككى يىل ئۆتتى، چىۋارىسكى يەنىلا ھايات ئىدى. ئۇ كۈن بويى ئالىشانىڭ رەسىمىگە قاراپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ تۇپراق بېشىدا ئولتۇرغان ۋاقتى ئۆيدە تۇرغان ۋاقتىدىن كۆپ بالاتتى. ئۇ تۇپراق بېشىغا مەقبەرە ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا ئالىشاغا تازىمۇ ئوخشىتىپ بىر پەرىشتىنىڭ رەسىمىنى سىزدۇردى.
       ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتتى. ئۆلگەن كىشى ھامىنى ئۇنتۇلىدۇ، دىگەن گەپ بار، ئەمما چىۋارسكى ئالىشانى ئۇنتالمىدى، يېزىدىكى پوپلار ئۆلگەن كىشىگە بەك ئۇزۇن قارىلىق تۇتسا يامان بولىدۇ ، دىدى. ئۇنىڭ ئورۇق ـ تۇققانلىرىمۇ چىۋارىسكىنى يوقلاپ كەلگەندە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش ئۈچۈن شۇنچە ئۇرۇنغان باقتى، ئەمما بۇلارنىڭ ھىچ بىر پايدىسى بولمىدى. ئۇ ئەمدى ھاراققا كىرىشتى. ئەتىراپتا چىرايلىق چوكانلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى، لېكىن چىۋارىسكى ئاياللارغا زادىلا كۆز قىرىنى سالمايتتى. ئالىشا ئۆلگەندىن كېيىن ، چىۋارىسكى ھۇجرىسىنى قۇلۇپلاپ قۇيۇپ ھىچكىمنى كىرگۈزمىدى، ئالىشانىڭ ھۇجرىسىنىمۇ قۇلۇپلاپ قۇيدى، ئۆزى ئىنىكئانىسىنىڭ ئۆيىدە يېتىپ ـ قوپتى. ئاشپەز ئېتىپ بەرگەن تاماق زادىلا ئاغزىغا تېتىمىدى. ئۇ بۇرۇنقىدىنمۇ ئورۇقلاپ ۋىجىكلىشىپ كەتتى، ساقىلىمۇ ئۇزۇن ئۈسۈپ كەتتى، كېيىن ئۇ چاكارلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋېتىپ، ئىنىكئانىسىنىلا ئېلىپ قالدى. ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى گاس، يېرىم ئەما موماي ئىدى. شۇ يىلى قىش بەكمۇ سوغۇق بولدى، يەر توڭلاپ كەتكەنلىكتىن، تېرىلغان ئۇرۇقلارمۇ ئۈنمىدى، ئۈستى ـ ئۈستىلەپ ياغقان قار نۇرغۇن ئۆيلەرنى كۈمىۋەتتى. مۇشۇنداق قاتتىق سوغۇق بولۋاتقان چاغدىمۇ چىۋارىسكى ھەر كۈنى تۇپراق بېشىغا بېرىپ تۇردى. بىر كۈنى چىۋارىسكى گۈرجەك ئېلىپ قەبرىستانلىققا كەتتى، بەلكى ئۇ تۇپراق بېشىدىكى قارلارنى تازلىۋەتمەكچىدۇ. چىۋارىسكى قارلارنى تازلىۋەتمەكچىدۇ، چىۋارىسكى كۈنلەپ ـ كۈنلەپ قەبرىستانلىقتا بولاتتى، بەزىدە ھەتتا يېرىم كېچىدە ئاندىن قايتاتتى.
        ھاۋا بارا ـ بارا ئىللىپ، قارلار ئېرىپ يېزىدا ئەگىز بولۇپ ئېقىشقا باشلىدى. ھالقا سېلىش بايرىمىدىن كېيىن ئانچە ئۇزۇن ئۆيمەي قەبرىستانلىققا قارايدىغان شەيخ ساقچى ھەھكىمىسىگە ئالىشانىڭ قەبرىسىنىڭ ئەتراپىدىكى تۇپراقنىڭ خاڭدالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. شۇ چاغلاردا قەبرىدىن جەسسەت ئوغۇرلايدىغان ئوغۇرىلار بار ئىدى. ئۇلار جەسسەتنى ئوغۇرلاپ دوختۇرخانىلارغا ساتاتتى. ئەمما ئۇنداق ئوغۇرلار يېڭى كۈمۈلگەن جەسەتنىلا ئوغۇرلايتتى. ئاللىقاچان چىرىپ كەتكەن جەسەتنى قانداقمۇ تەجىربىگە ئىشلەركىلى بولسۇن؟ تۇبىللىقلار، ئالىشا كېچىلىرى قەبرىسىدىن چىقىپ شەھەردە يۈرەرمىش، دىگەن گەپنى تاپتى. بۇ سۆز تارقىلىشى بىلەنلا، ئۇنىڭغا نۇرغۇن شاھىدلارمۇ چىقتى: بىرى ئۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم دېسە، يەنە بىرى ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم دەيتتى؛ يەنە بىرى ئۇ بىر ئۆينىڭ دېرىزىسىنى چېكىپتۇ، دەيتتى. چارروسيە ھۆكۈمىتى بىر نەچچە ئەسكەرنى ئالىشانىڭ قەبرىسىنى ئېچىشقا بۇيرىدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان چىۋارىسكى ئەينى چاغدا پولشانىڭ تېخى مۇستەقىل دۆلەت ئەمەسلىكىنى ئۇتۇپ قالغاندەك، قاتتىق غەزەپكە كەلدى. چارروسىيە ئەسكەرلىرى ئۇنى بىر چەتكە ئىتتىرىۋېتىپ قەبرىنى ئېچىپ، تاۋۇتنى ئېلىپ چىقتى قاپقىقىنى ئاچتى: تاۋۇتنىڭ ئىچى قۇرۇق ئىدى. شەھەرلىكلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك بۇ قورقۇنچلۇق غەلىتە ئىشنى كۆرۈشكە كېلىشتى. ئالىشانىڭ جەسىتى راستلا ئوغرىلانغانىدى. كىشلەر بۇ خەۋەرنى دەررۇ چىۋارىسىكىغا يەتكۈزۈۋىدى، ئۇ خۇددى ساراڭدەك ۋاقىراپ جاقىراپ كەتتى. ئۇ چاغدا بىكالېر تېخى ھايات ئىدى. ئەمما ئۇ ئەمدى چىۋارىسكىنىڭ خىزمەتكارى ئەمەس ئىدى. يەھۇدىلەر بۇ ئىشنى يەھۇدىلەر قىلغان دەپ ئەرز قىلىشتىن ئەنسىرەيتتى، دېمىسىمۇ، بەزى كىشلەر: يەھۇدىلەر ئالىشانىڭ قېنىدىن ھالقا سېلىش بايرىمىغا ئاتاپ بولكا ياساپتىمىش، دېگەن گەپلەرنى تارقىتىپ يۈرۈشەتتى.
       شۇ پەيىتتە يېزىدا يەنە بىر پاراكەندىچىلىك يۈز بەردى: چىۋارىسكىنىڭ خىزمىتىنى قىلدىغان موماي شۇ كۈنى ئۇنىڭغا كۆممىقوناق پۇشۇرۇپ بېرىۋاتقاندا قولى تىتىرەپ كىتىپ، يېنىۋاتقان بىرتال ئوتۇن قولىدىن پولغا چۈشۈپ كىتىپ ، ئۆيگە شۇ ھامان ئوت كەتتى . موماي قورقۇپ ۋاقىرىدى، دېھقانلار كېلىشتى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىدىكلەرمۇ كەلدى. بىرەيلەن ئالىشانىڭ قۇلۇپلاقلىق ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكىنى بۇزدى،..
       ـ  بۇ ئىشنى تىلغا ئالسام ھېلىمەن قورقۇپ كېتىمەن . - چىۋارىسكى خورەك تارتىپ بەخۇدۈك ئۇخلاۋاتاتتى، ئۇ ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ يېنىدا بىر ئادەم ئىسكىلىتى ياتاتتى. ئەسلىدە چىۋارىسكى قەبرىنى ئېچىپ ئالىشانىڭ جەسىتىنى ئەكىلىۋالغانىكەن. ساقچىلار ئۇنى ساقچى مەھكىمىسىگە ئېلىپ سوراق قىلىۋىدى، ئۇ بۇ ئىشنى ئىقرار قىلدى. ئۇ:«شۇ چاغدا جەسەت چىرىپ كېتىپتىكەن، مەن گۆشىنى شىلىۋېتىپ ئىسكىلىتىنىلا قالدۇردۇم» دېدى. ساقچىلار ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى. ئۇلار:«سەن قانداقلارچە بۇنداق ۋەھشىيانى ئىشنى قىلدىڭ؟» دەپ سوراپتىكەن، ئۇ : «مەن سېغىنىش ئازابىغا چىدىيالمىدىم، ئىسكىلىتنى بولسىمۇ كۆرۈپ تۇراي دېدىم. ئەگەر مېنى دارغا ئاسىمىز دېسەڭلار، بوپتۇ دارغا ئېسىڭلار، ئەمما جەسىتىمنى ئالىشانىڭ يېنىغا كۆمۈڭلار» دەپتۇ. ساقچىلارنىڭ چېچقايسىسى بۇ خىلدىكى جىنايەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەلمەيتتى. ئۇلار دوكلات يېزىپ رۇبلىن ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتكا يوللىدى. رۇبلىندىكى ھۆكۈمەت دائىرلىرىمۇ بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمەي، ۋارشاۋادىن يوليورۇق سورىدى. ۋارشاۋا بولسا پېتىربۇرگدىن يوليورۇق سورىدى. مۇشۇ مەزگىلدە، ئۇلار چىۋارىسكىنى ئىشنىڭ نەتىجىسىنى كۈتكىن دەپ ئۆيىگە قايتۇرۇۋېتىپ، ھېلىقى ئىسكىلىتنى كۆمۈۋەتتى. چىۋارىسكى شۇ ئىشتىن كېيىن بىر يىللا ھايات كەچۈرەلمىدى. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئورۇقلاپ ئىسكىلىتقىلا ئايلىنىپ قالغانىدى. كىشلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن كاتتا دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى ھەمدە ئۇنى ئالىشانىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى.«ئىنجىل» دا «دۇنيادا مۇھەببەتلا ئەڭ يالقۇنلىق، كۈندەشلىك ئەڭ ۋەھشىيلىك» دەپ يېزىلغانغۇ؟ بولدى، تاۋاب كۈنى ئاياغلىشىپ قالدى. مەن ئاسماندا ئۈچ دانە يۇلتۇزنى كۆردۇم. يېڭى بىر ھەپتىدە بىزگە بەختلىك تۇرمۇش ئاتا بولغاي.

     (خەنزۇچە«تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 1988 ـ يىلى 1 ـ ساندىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سىنگېر يەھۇدى