سېمىز ۋە ئورۇق

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-27 17:34:43

سېمىز ۋە ئورۇق چېخوپنىكولايېۋ تۆمۈر يول ۋوگزالىدا ئىككى دوست ئۇچرىشىپ قېلىشتى. ئۇلارنىڭ بىرى سېمىز، ئىككىنچىسى ئورۇق ئىدى. سېمىز يېڭىلا ۋوگزال ئاشخانىسىدا تاماق يېگەچكە، ئۇنىڭ ياغلىق لەۋلىر...


    سېمىز ۋە ئورۇق

    چېخوپ 

    \

    نىكولايېۋ تۆمۈر يول ۋوگزالىدا ئىككى دوست ئۇچرىشىپ قېلىشتى. ئۇلارنىڭ بىرى سېمىز، ئىككىنچىسى ئورۇق ئىدى. سېمىز يېڭىلا ۋوگزال ئاشخانىسىدا تاماق يېگەچكە، ئۇنىڭ ياغلىق لەۋلىرى پىشقان ئالۇچىدەك پارقىراپ تۇراتتى. ئۇنىڭدىن خېرېس دېگەن مەينىڭ ۋە فىلىرد ئورانژې ئەتىرىنىڭ پۇرىقى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇراتتى. ئورۇق، بولسا يېڭىلا ۋاگوندىن چۈشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قوللىرىدا چامادان، بوپا ۋە كاردون قەغىزىدىن ياسالغان قۇتىلار بار ئىدى. ئۇنىڭدىن سۈرلىگەن چوشقا گۆشىنىڭ ۋە قەھۋەنىڭ ھىدى كېلەتتى. ئۇنىڭ كەينىدە ئورۇق، ئېڭىكى سوزۇق كەلگەن ئايالى ۋە يۇمىلاق كۆزلۈك، ئېگىز بويلۇق گىمنازىيە ئوقۇغۇچىسى ــــ ئۇنىڭ ئوغلى تۇراتتى.

    -پورفىرىي!-دەپ ۋارقىرىدى سېمىز ئورۇقنى كۆرۈپ،-سەنمىدىڭ؟ ئايلىنىپ كېتەي دوستۇم! ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى كۆرۈشمىدۇق-ھە!

    -ھوي!-دېدى ئورۇق ھەيران بولۇپ،-مىشا! كىچىككىنە بالا ۋاقتىمدىكى دوستۇم! سەن قاياقتىن كېلىپ قالدىڭ؟

    دوستلار يېنىپ-يېنىپ ئۈچ قېتىم سۆيۈشتى. كۆزلىرى ياشقا تولۇپ، بىر-بىرىگە بېقىشتى، ھەر ئىككىلىسى خۇشاللىقتىن ھاڭ-تاڭ قېلىشتى.

    -قەدىردان دوستۇم!-دەپ گەپ باشلىدى ئورۇق ھال-ئەھۋال سورىشىپ بولغاندىن كېيىن،-بۇنى قارا! مەن سېنى كۆرىمەن دەپ ئويلىمىغانىدىم! بۇ كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق! قېنى، ماڭا ياخشىراق قارىغىنا! ھازىرمۇ ئاۋۋالقىدەكلا چىرايلىق ئىكەنسەن! بۇرۇنقىدەكلا يېقىملىق ۋە ياسانچۇق! ئەي، پەرۋاردىگارىم! خوش، ھال-ئوقۇتۇڭ قانداق؟ باي بولدۇڭمۇ؟ ئۆيلەندىڭمۇ؟ مەن ئۆيلەندىم، مانا بۇ مېنىڭ ئايالىم لۇئىزا، ۋانتىسىنباختا تۇغۇلغان... بۇ بولسا ئوغلۇم نافانائىل، ئۈچىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىسى. نافانە، بۇ كىچىك ۋاقتىمدا بىللە ئۆسكەن دوستۇم! گىمنازىيىدە بىللە ئوقۇغان ئىدۇق!

    نافائىل بىر ئاز ئويلىنىپ تۇرۇپ بېشىدىن شەپكىسىنى ئالدى.

    -گىمنازىيىدە بىللە ئوقۇغانىدۇق،-دېدى ئورۇق سۆزىنى داۋام قىلىپ،-يادىڭدىمۇ، سېنى نېمىدەپ شاڭخو قىلىشاتتى؟ ھۆكۈمەتنىڭ كىتابىنى تاماكىنىڭ چوغى بىلەن كۆيدۈرگەنلىكىڭ ئۈچۈن سېنى نام-شۆھرەتچى دەپ زاڭلىق قىلىشاتتى. مېنى بولسا باشقىلار بىلەن مۇنازىرىلىشىشنى ياخشى كۆرىدىغىنىم ئۈچۈن خىيانەتچى دەپ شاڭخو قىلىشاتتى. ھاھا... بالا ئىدۇق! تارتىنما، نافانە، بۇنىڭغا يېقىنراق كەل... مۇنۇ بولسا مېنىڭ ئايالىم، ۋانتسىنباختا تۇغۇلغان... ليۇتېرنى ياقلايدىغانلاردىن....

    نافانائىل بىر ئاز ئويلاپ تۇرغاندىن كېيىن، ئاتىسىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋالدى.

    -خوش، تۇرمۇشۇڭ قانداق، دوستۇم؟-دېدى سېمىز دوستىغا خۇشاللىق كۆزى بىلەن قىيناپ،-قايسى يەردە خىزمەت قىلىسەن؟ يۇقىرى خىزمەتلەرگە ئىگە بولدۇڭمۇ؟

    -خىزمەت قىلىمەن، قەدىردان دوستۇم! ئىككى يىلدىن بېرى مەمۇرىي خىزمەت قىلىۋاتىمەن، ئوردېن ئالدىم. مائاشىم تۆۋەن.. مەيلى ھېچ ۋەقەسى يوق. ئايالىم مۇزىكىدىن دەرس بېرىدۇ، مەن بوش ۋاقتىمدا ئۆيدە ئولتۇرۇپ تاماكا قۇتىسى ياساپ ساتىمەن. ناھايىتى ياخشى قۇتىلارنى ياسايمەن! بىرىنى بىر سومدىن ساتىمەن. ئەگەر ئون دانىسىنى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپنى بىراقلا ئالىدىغان خېرىدار بولسا ئۇنىڭغا ئەرزانراق بېرىمەن. قەدىر ئەھۋال كېتىپ بارىمىز. بۇرۇن بۆلۈم مۇدىرى بولۇپ كەلدىم... ئەمدى مۇشۇ يەردە خىزمەت قىلىمەن... خوش ئەمدى سەنچۇ؟ بۈگۈنگىچە سېنىڭ دەرىجەڭ ئۆسۈپ كەتكەندۇ؟

    -قەدىردان دوستۇم، يۇقىرىراقتىن كېلىۋەرگىن،-دېدى سېمىز،-مەن ھەتتا ئۈچىنچى دەرىجىگە بېرىپ يەتتىم... ئىككى يۇلتۇزلۇق ئوردېن ئالدىم.

    ئورۇقنىڭ بىردىنلا رەڭگى تاتىرىپ، يۈزى تاشتەك قېتىپ قالدى، لېكىن ئۇ دەررۇلا كۈلۈمسىرىگەندەك بولۇپ ھىجايدى؛ ئۇنىڭ يۈز-كۆزىدىن گويا ئۇچقۇنلار چاچراپ تۇرغاندەك سېزىلەتتى. ئۆزى پۈكلىشىپ، دۈمچىيىپ، قورۇلۇپ كەتتى... ئۇنىڭ چامادان، بوپا ۋە كاردون قۇتىلىرى پۈكلەشتى، قورۇلدى... ئايالىنىڭ سوزۇق ئېڭەكلىرى تېخىمۇ ئۇزىراپ كەتتى؛ نافانائىل تىك تۇرۇپ، مۇندىرىننىڭ بارلىق تۈگمىلىرىنى ئەتتى...

    -مەن، ئالىيجانابلىرى.... ناھايىتى خۇشال!... كىچىك چېغىڭدىن بېرى دوست بولۇپ كەلگەن كىشىنىڭ مۇنداق دەرىجىگە ئىگە بولسا! ھى-ھى!

    -قويساڭچۇ!-دېدى سېمىز تەرىنى تۈرۈپ،-خۇشامەت قىلىپ سۆزلەشنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟ بىز سېنىڭ بىلەن كىچىك چېغىمىزدىن دوست، مەنسەپكە بېقىپ كىشى ھۆرمەتلەشنىڭ كېرىكى نېمە!

    -كەچۈرىسىز.... نېمە دېگىنىڭىز.... –دەپ خۇشامەت قىلغان ھالدا كۈلدى ئورۇق ۋە تېخىمۇ مۈكچەيدى،-جانابلىرىنىڭ شەپقەتلىك دىققىتىنى ... بەجايىكى جاننى روھلاندۇرىدىغان ... مانا بۇ ئالىيجانابلىرى، ئوغلۇم نافانائىل... ئايالىم لۇئىزا، ھەرھالدا يامان ئەمەس...

    سېمىز  ئۇنىڭغا قارشى بىر نەرسىلەرنى دېمەكچى بولدى. لېكىن ئورۇقنىڭ چىرايىدىن ھەددىدىن تاشقىرى ھۆرمەتلەش، زوقلىنىش، خۇشامەت قىلىش ئالامەتلىرىنى كۆرۈپ قۇسقۇسى كەلدى. ئۇ بۇرۇلۇپ ئورۇق بىلەن خوشلىشىشقا قول ئۇزاتتى.

    ئورۇق ئۇنىڭ ئۇششاق قولىنى قىسىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەزىم قىلىپ خوشلاشتى ۋە «ھى ھى ھى » دەپ ھىجايدى. ئايالى كۈلۈمسىرىدى، نافانائىل ئورنىدىن قوزغالغاندا، شەپكىسى قولىدىن چۈشۈپ كەتتى. ئۇلار ئۈچۈلىسى ناھايىتى مەمنۇن بولۇشتى.

                                    1883-يىلى تاشپولات ئەبەيدۇللا تەرجىمىسى

                                        (گۈليارە تۇرسۇن)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.