نېمىدىگەن گۈزەل مەملىكەت (ئەزىز نەسىن)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-05 00:25:03

نېمىدىگەن گۈزەل مەملىكەت!ئەزىز نەسىنتۈركچىدىن Hechkim تەرجىمىسىئىككى قوشنا مەملىكەت ئارىسىدا سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىش مەقسىدىدە، بىر مەملىكەتنىڭ سودا ئۆمىكى قوشنا دۆلەتكە باردى. مېھمان ئۆمەك با...

     

     

    نېمىدىگەن گۈزەل مەملىكەت!

     

    ئەزىز نەسىن

     

    تۈركچىدىن Hechkim تەرجىمىسى

     

    ئىككى قوشنا مەملىكەت ئارىسىدا سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىش مەقسىدىدە، بىر مەملىكەتنىڭ سودا ئۆمىكى قوشنا دۆلەتكە باردى. مېھمان ئۆمەك باشلىقى ئۆز دۆلىتىگە ھەر كۈنى دوكلات سۇنۇپ تۇراتتى. تۆۋەندە ئۇنىڭ بەزى دوكلاتلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرىسىز.
     

     


    ..19- يىلى، 3-مارت


    ئايرودرومدا تاموژنىدىكىلەردىن باشقا بىزنى ھىچكىم قارشى ئالمىدى. تاموژنا خادىملىرى چامادانلىرىمىزنى، سومكىلىرىمىزنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ ئاختۇرۇشقا باشلىدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ سودا ئۆمىكى ئىكەنلىكىمىزنى، ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى قانچە قىلىپمۇ چۈشەندۈرەلمىدۇق. گۇۋاھنامىلىرىمىزنى كۆرسەتتۇق، ئۇمۇ ئاقمىدى. «دىئاگنوز»دىن كېيىن يەنە ئىككى سائەت ساقلاتتى. ھېچكىم ئالدىمىزغا كېلىپ «ھە، كېلىپ قاپسىلەر...» دەپمۇ قويمىغاچقا، نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي قالدۇق. بۇ كېچە ئۆزىمىزگە بىر مېھمانخانا تېپىش قارارىغا كېلىپ تۇرغىنىمىزدا 500 كىشىگە يېقىن بىر توپ ئادەم بىزنى قارشى ئېلىشقا كەلدى. ئۇلارنىڭ چوڭى:
    - سىلەرنى دېڭىز يولى بىلەن كېلىدۇغۇ، دەپ ئويلاپ، ئەتىگەننىڭياقى پورتتا ساقلاپتىمىز سىلەرنى، - دېدى.
    - چاقچاققا ئۇستىكەنسىز، - دېدىم مەن. بۇ زاتنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دېڭىز يولى يوقلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەستە. تاموژنىدىن شىكايەت قىلدۇق. تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورىدى:
    - سىلەرنى ئۆز كۆرگىنى بۇ... بىر ئەتكەسچى گورۇھى كېلىۋاتىدۇ، دەپ خەۋەر كەپتىكەن...


    ئاندىن كۈلۈپ تۇرۇپ قوشۇپ قويدى:
    - سىلەرنىڭ چەت ئەللىك ئىكەنلىكىڭلارنى بىلمەي قاپتۇ. ئۆز ۋەتەنداشلىرىمىز، دەپ قالغان چېغى...
    - رەھمەت، - دېدىم.

     

    قارشى ئالغۇچىلارنىڭ باشلىقى:
    - سىلەرنى پەقەت شۇ بەش-ئالتە يۈز ئادەم بىلەنلا قارشى ئالالىدۇق، - دېدى، ۋە «نېمىشقا بۇنچە جىق ئادەم؟» دەپ سورىشىمغىمۇ ۋاقىت بەرمەستىن:
    - چۈنكى، - دېدى، - مۇخبىرلار ئامېرىكىدىن كەلگەن بىر ئارتىسنى قارشى ئېلىشقا كېتىشتى؛ مىنىستىر جاناب تەشۋىقات ئىشلىرى بىلەن؛ مۇئاۋىنى بولسا ئېچىلىش مۇراسىمىدا؛ خوجىلىق مۇدىرى توغان بېشىدا؛ ۋالى بازارنى تەكشۈرۈشكە كەتتى؛ تاشقى سودا مۇدىرى ۋوگزالدا زۇڭلنى ساقلاۋاتىدۇ؛ قانۇن مەھكىمىسى مۇدىرى بىلەن باش كاتىپ ئەپەندى بۈگۈن ئىشتىن بوشىتىلدى؛ كاتىبات مۇدىرى رۇخسەت سوراپتۇ؛ خوجىلىق مۇدىرىنىڭ مۇئاۋىنى ئىستىپانامە سۇنۇپتۇ، كېسەلمىش... شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى مەن قالدىم سىلەرنى قارشى ئېلىشقا چىقىدىغان. شۇڭا ئاران مۇشۇ ئادەم كەلدى. بولمىسا ئون بەش-يىگىرمە مىڭ ئادەم بولۇپ كېلەتتۇق ئالدىڭلارغا.
    - سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز نېمە؟ - قىزىقىپ سورىدىم.
    - مەن، مىنىستىرلىكنىڭ ئىككىنچى قول مۇئاۋىن مىنىستىرىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مۇدىر ياردەمچىسىنىڭ كاتىبىنىڭ ياردەمچىسىگە ۋەكىل بولۇپ كەلدىم. ئەگەر مىنىستىرلىكتىن ھېچقانداق بۇيرۇق ئالمىسام، كېسەل سەۋەبى بىلەن ئىستىپاغا قىستىمىسا، مەجبۇرى رۇخسەت بەرمىسە، زۆرۈرىيەت ئۈچۈن ئىشتىن بوشىلىتمىسام، «ۋەزىپەڭدىن كەچۈرۈم قىلدۇق»، دېيىشمىسە... ھازىرمۇ شۇ ۋەزىپىدىمەن.

     

    ماشىنىلارغا چىقىۋېتىپ:
    - قارشى ئېلىش مۇراسىمى دېڭىز بويىدا، - دېدى. - ھازىر شۇ يەرگە بارايلى، مۇراسىمدىن كېيىن ئارام ئېلىڭلار.


    ساھىلدا ماشىنىدىن چۈشتۇق. قېيىقلارغا ئولتۇرۇپ، بىر كاتېرغا چىقتۇق. (كاتېر قىرغاقتىن يىراق بولغىنى ئۈچۈن قېيىق بىلەن چىقتۇق) كاتېر قوزغىلىشى بىلەن بىزنى بايراق بىلەن پۈركەنگەن كېمىلەر قارشى ئالدى. ساھىلدا قىرىق بىر پاي توپ ئېتىلدى. قىرغاققا قايتتۇق. يىگىرمە-يىگىرمە بەش ياش ئارىسىدىكى كىچىك قىزلار (!) بىزگە گۈلچەمبىرەكلەر تاقىدى. ھەر يېرىگە «خۇش كەلدىڭلار!» دەپ يېزىلغان، مەجنۇنتال شاخلىرى، ھەر خىل ئوت-چۆپلەر بىلەن بېزەلگەن باراڭنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈۋاتقىنىمىزدا شەرىپىمىزگە قۇربانلىق قىلىندى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتۇق، رەسىمگە تارتىشتى. ئالقىشلار ئارىسىدا مېھمانخانىغا كەلدۇق.
     

     

     


    ..19- يىلى، 4-مارت


    مېھمانخانىدا مۇخبىرلار ئورىۋېلىشتى. رەسىمگە تارتىشتى.
    - دۆلىتىمىز قانداقراقكەن؟ - دەپ سوراشتى. بىزمۇ بۇرۇن بارغان ھەر بىر دۆلەتتە، ھەر زامان، ھەر يەردە بەرگەن جاۋابىمىزنى بەردۇق:
    - ئاجايىب... كارامەت... جەننەتتەك... تەرەققىياتىڭلارغا ھەيران قالدۇق... سىلەردىن ئۆگىنىمىز...


    مۇخبىرلاردىن بىرى مەندىن:
    - دۆلىتىمىزدە ئەڭ بەك ياقتۇرغىنىڭىز نېمە؟ - دەپ سورىدى. مەن بۇ سوئالغا نېمىدەپ جاۋاب بەرسەك ياخشىلىقىنى بۇ يەرگە كەلمەستىن بۇرۇن بىلىۋالغىنىم ئۈچۈن:
    - كاۋاپلىرىڭلار، دولمىلىرىڭلار (دولما - بىر خىل تۈرك تامىقى)، يەنە باققالىلىرىڭلار ئاجايىبكەن... دېدىم.


    مۇخبىرلاردىن ئەمدى كېتەيلى دەپ تۇراتتۇق، بىرى:
    - سىز نېمە ئوينايسىز؟ - دەپ سوراپ قالدى.
    - ئويۇننى ياخشى كۆرمەيمەن، - دېدىم. چىرايىمغا غەلىتە بىر قارىدى.
    - راست دەۋاتىمەن. ھاياتىمدا ئويناپ باقمىدىم، - دېدىم.
    ئۆمىكىمىزدىكى باشقا بىرىدىن سورىدى:
    - سىز نەدە ئوينايسىز؟
    ئۇمۇ ئوينىمايدىغانلىقىنى ئېيتىۋېدى، باشقا بىرىگە بۇرۇلۇپ سورىدى:
    - مۇسابىقىدە كىملەر ئوينايدۇ؟
    - نېمە مۇسابىقە؟ - دېدۇق.
    - سىلەر ماگسونار پۇتبول كوماندىسى ئەمەسمۇ؟


    ھاياتىمدا بۇنداق قىزىقچى خەلقنى كۆرمىگەنىكەنمەن. ئۇلاردىن بىرى:
    - ياقەي، بۇلار پۇتبولچى ئەمەس، موناكودىن كەلگەن چېلىش كوماندىسى...
    باشقا بىر مۇخبىرمۇ:
    - ياق، ياق، - دېدى. - قارىمامسىلەر ئۆلۈمتۈكلەرنىڭ تۇرقىغا. بۇلار چوقۇم ھونۇلۇلۇدىن كەلگەن بالېتچىلار... دېدى.
    بىز مۇخبىرلارغا ئۆزىمىزنىڭ تىجارەت ئۆمىكى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتتۇق. ئۇلار:
    - ئەمىسە نېمىشقا ئەتىگەننىڭزى بىزنى ئاۋارە قىلىسىلەر؟... دېيىشتى.


    ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورىدۇق.
     

     


    ..19- يىلى، 5-مارت


    كېچە ناھايتى ياخشى زىياپەت بولدى. زىياپەتتە بىر زات ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى مەدەنىيەت، سودا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئاسترونومىيە، خىمىيە، ماتېماتىكا... ئالاقىسى ۋە تەقدىرداشلىقىدىن سۆز قىلدى. شەرىپىمىز ئۈچۈن قەدەھلەر كۆتۈرۈلۈپ تۇرغاندا تۇيۇقسىز توك ئۆچتى. بىردەملىك تېڭىرقاشتىن كېيىن ھەممەيلەن سىرتقا قېچىشتى، نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدۇق.
    - توك ماس بولۇپ قاپتۇ!... ماس بولۇپ قاپتۇ!... دەپ ۋارقىرىشاتتى. دەسلەپ «بۇ دۆلەتنىڭ بىر ئۆرپ-ئادىتى، بىزنى ھەيران قالدۇرماقچى چېغى...» دەپ ئويلىدىم.


    خېلى ۋاقىتتىن كېيىن توك كەلدى. كچىىك پېئىل بىر زات:
    - كەچۈرۈڭلار، - دېدى. - بىز توك ماس بولۇپ قېلىپ ئوت كەتكەن ئوخشايدۇ، دەپ قاپتۇق. دائىم مۇشۇنداق ئوت كېتىپ تۇرىدۇچۇ، شۇڭا... بۇ قېتىم ئوت كەتمىگەنىكەن.
    - نېمە بوپتۇ؟ - دەپ سورىدىم.
    - بۇ قېتىم ئېھتىيات سىمى كۆيگەنمىش، - دېدى.


    داستىخانغا قايتتۇق. چىراقلار يەنە ئۆچتى. قېچىشلار، جەڭگى-جېدەللەر چىقتى يەنە. قاراڭغۇلۇقتا بىرىنى تۇتۇۋېلىپ سورىدىم:
    - ماسمىكەن، ئېھتىيات سىمى كۆيۈپتىمۇ؟
    - ھەر ئىككىسى ئەمەس. بۇ قېتىم توك توختاپتۇ.
    - قانچىلىك داۋاملىشار؟
    - ئېنىق ئەمەس. بەزىدە ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ، ئەمما بەزىدە بىر ئىككى سائەتتە ئوڭشىلىدۇ.


    خۇداغا شۈكرى، ناھايتىمۇ ئەتراپلىق ئويلايدىغان ئىنسانلار بولغانلىقلىرى ئۈچۈن دەرھال گازۋاي چىراقلار كەلتۈرۈشتى. لېكىن چىراقلارنىڭ گېزى يوقمىش. ئامال يوق، شام تېپىپ يېقىۋاتقانلىرىدا توك كەلدى.
     

     

     

    ..19- يىلى، 6-مارت


    بۇ كېچە تاڭ ئاتقۇچە ئويۇن كۆردۇق. ناخشىلار ئېيتىلدى، سازلار چېلىندى... ئىشقىلىپ بەك ياخشى ئوينىدۇق.
     

     


    ..19- يىلى، 11-مارت


    تۈنۈگۈن موزېيلارنى، ئاسارە-ئەتىقىلەرنى كۆرسىتىشتى. بۈگۈنمۇ يېڭى ئېچىلغان فابرىكىلارنى ئايلاندۇردى. ئەتە شەھەر ئايلاندۇرارمىش. تېخىچە تىجارەت ھەققىدە سۆزلەشكۈدەك بولمىدۇق. سەت بولمىسۇن، دەپ بىزمۇ ئالدىرىتالمىدۇق. ھەرھالدا بىر ئورۇنلاشتۇرۇشى باردۇر.

     

     


    ..19- يىلى، 16-مارت


    بۇ يەرگە تىجارەت ھەققىدە سۆزلەشكىلى كەلگىنىمىزنى ئەسكەرتىپ قويۇش لازىملىقى ياكى ئەمەسلىكىنى ھېچ بىلەلمەي قالدىم. بۇ ھەقتە بۇيرۇقىڭىزنى كۈتىمەن. تۈنۈگۈن پۈتۈن بىر كېچە شەرىپىمىزگە زىياپەت بەردى. بۈگۈن مەكتەپلەرنى كۆرسىتەرمىش، كېچە يەنە زىياپەت...
     

     

     

    ..19- يىلى، 19-مارت


    تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدە يىگىرمە ئالتە ماشىنىدا بىر يەرگە باردۇق. تاڭ ئاتقۇچە ئوينىدۇق. بۇ دوكلاتنى ئۇيقۇلۇقتا يېزىۋاتىمەن.
     

     


    ..19- يىلى، 20-مارت


    دەسلەپتە «بىزنى مېھماندارچىلىقلار، ئويۇنلار، زىياپەتلەر... بىلەن ھەيران قالدۇرۇۋېتىپ ئاندىن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئەكەلمەكچى، شۇنداق قىلىپ كېلىشىمدە بىزدىن نەپ ئۈندۈرمەكچى...» دەپ ئەنسىرەپتىكەنمەن، نەدىكىنى؟ ئۈچ ھەپتە بولدى ئويناۋاتقىلى، مۇزاكىرىنىڭ گېپىمۇ يوق.
     

     

     

    ..19- يىلى، 25-مارت


    بۈگۈن خوجىلىق مۇدىرىدىن سۆھبەت ھەققىدە سورىماي تۇرالمىدىم. ھاڭ-تاڭ قېلىپ:
    - نېمە سۆھبەت؟ - دېدى.
    - تىجارەت سۆھبىتىچۇ، - ئۆزۈمنى تونۇشتۇردۇم ئاجايىپ ھەيرانلىقتا.
    - ھە؟ سىلەر تىجارەت ھەيئىتىمىدىڭلار؟ - دېدى ئۇ مەندىنمۇ بەتتەر ھەيران قېلىپ... -ئاپلا، بىز سىلەرنى باشقا بىر دۆلەتنىڭ ياردەم ئۆمىكى بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويۇپتۇق.


    كەچتە شەرىپىمىزگە يەنە بىر زىياپەت بار.
     

     

     

    ..19- يىلى، 1-ئاپرېل


    تۈنۈگۈن ئۆمىكىمىزدىن ئۈچەيلەن قاتتىق مەست بولدى. بىز زەيبەك، چىفتەتەللى (تۈرك ئۇسسۇللىرى) ئويناشنى ئۆگەندۇق. زىياپەتلەردە بىزمۇ سەكرەپ، ئىسقىرتىپ، ۋارقىراپ، بەل تولغاپ... يۈردۇق.


    تىجارەت مەسىلىسىنى يەنە ئەسلىتىۋېدىم:
    - بەك ئاسان! دېيىشتى. - بىز سىلەرگە كاشتان، تاماكا، پاختا، فېندېك (بىر خىل قاتتىق پوستلۇق مېۋە)... ساتىمىز، سىلەر بىزگە قەھۋە ساتىسىلەر، تامام.
    - بىزدە قەھۋە بولمىسا، ئۆزىمىزگىمۇ يېتىشمەيدۇ، دېدۇق.
    - ئۇنداقتا بۇغداي سېتىڭلار! دېدى.
    - بىز تېخى ئالتە ئاي بۇرۇن سىلەردىن بۇغداي سېتىۋالدۇققۇ، - دېدىم.
    - ھېچقىسى يوق، ئاشقاننى يەنە بىزگە سېتىڭلار، دېيىشتى.


    نېمىدىگەن قىزىقچى ئىنسانلار...


    ئەتىسى گېزىتلەرگە رەسىملىرىمىز چىقتى. ئاستىدا شۇنداق يېزىقلىق:
    «دوستانە قوشنا دۆلەت بىلەن ئارىمىزدا 500 مىليون دوللارلىق توختام ئىمزالاندى. زۆرۈر ئېھتىياجىلىرىمىز ئۈچۈن ئۇلاردىن لەۋ سۇرۇق، مەرمەر، ناھال مىقى، ساپان چىشى سېتىۋالىمىز.»

     

     


    ..19- يىلى، 19-ئاپرېل


    قايتىش بۇيرۇقىڭىزنى ئالدۇق. لېكىن، ئۆمىكىمىز بۇ مەملىكەتكە شۇنچىلىك كۆنۈپ قاپتۇقكى، قايتالمىغۇدەكمىز. بۇ يەردە يەۋاتىمىز، ئىچىۋاتىمىز، ئويناۋاتىمىز، كۆڭۈل ئېچىۋاتىمىز... شۇڭا ئۆمەكتىكى ھەممەيلەننىڭ دۆلەت تەۋەلىكىمىزنى ئۆزگەرتىپ بۇ يەردە قېلىشنى قارار قىلغىنىمىزنى ھۆرمەت بىلەن سىزگە بىلدۈرمەكچىمىز. 

     

    مۇندەرىجىگە قايتىش

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.