ساختىلىق (ئۆمەر سەيفىددىن)

يوللىغۇچى : mehrigul يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-19 15:36:16

ساختىلىقئۆمەر سەيفىددىن (تۈركىيە)تۈركچىدىن توختى تىللا تەرجىمىسى بۇ ھەشەمەتلىك ئۆي ھەقىقەتەن كاتتا ساراي ئىدى. كەڭ مەرمەر پەلەمپەيدىن چىقىدىغان سۇپىدىكى ياڭاق ياغىچىدىن نەقىشلەپ ياسالغان كۆر...



    ساختىلىق

    ئۆمەر سەيفىددىن (تۈركىيە)

    تۈركچىدىن توختى تىللا تەرجىمىسى

     

      بۇ ھەشەمەتلىك ئۆي ھەقىقەتەن كاتتا ساراي ئىدى. كەڭ مەرمەر پەلەمپەيدىن چىقىدىغان سۇپىدىكى ياڭاق ياغىچىدىن نەقىشلەپ ياسالغان كۆركەم ئىشىكىنىڭ ئىككى يېنىدا قىزىل گرانات باشلىق مەرمەر تۈۋرۈكلىرى بار ئىدى. ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن خەۋەرلىشىش ئىزۋانۇكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۇنۇپكىسىنى باستىم. ئالدىمغا ياش ئەر خىزمەتكار چىقتى. مۇۋەققەت پارلامېنت ئەزاسىنى سورىدىم. مېنىڭ كېلىدىغانلىقىمدىن خەۋىرى بولسا كېرەك:

      -مەرھەمەت، -دېدى ۋە ئوڭ تەرەپتىكى مېھمانخانىغا باشلىدى. مەن ئىلگىرى سارايلارغا كۆپ كىرگەن بولساممۇ، بۇداق باي، ھەشەمەتچىلىك كۆرۈنۈشنى زادى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. يەردىكى يىپەك گىلەملەرنىڭ يوشاقلىقىنى ھېس قىلغاچ، كۆزلىرىمنى تامدىكى لەۋھەدىن ئۈزەلمىدىم. ئۇزۇن ئۆتمەي مۇۋەققەت پارلامېنت ئەزاسى كىرىپ كەلدى. بۇ قىزىل يۈز، قىسقا بۇرۇتلۇق ، سېمىز، كېلەڭسىز بىر ئادەم ئىدى. قولۇمنى سىقىپ كۆرۈشكىنىدە، بارماقلىرىدىكى ئالتۇن ئۈزۈكلەر كۆزلىرىمنى ئالاق-جالاق قىلۋەتتى.

    -ئولتۇرۇڭ، پاراڭلىشايلى، -دېدى ئۇ.

     بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ ئولتۇردۇق. ئۇ قىممەت باھالىق ئېسىل رەختتىن تىكىلگەن ئالا-چىپار شىم كىيۋالغان بولۇپ، شاۋۇرۇن كەشلەرنىڭ ئۈستىدىن رەڭلىك يىپەك پايپاقلىرى كۆزگە چېلقىپ تۇراتتى. ئۇچىسىدا تۆگە يۇڭىدىن توقۇلغان يەڭسىز قىسقا پوخايكا بار ئىدى. ئۇرۇش يىللىرىدا ھاياتنىڭ بىر قىسمىنى بۇخارست، ۋىنا، بېرلىنلاردا، ھەتتا شۋېيتسارىيىدە ئۆتكۈزگەن بىر كىشىنىڭ كېچىلىك كىيىم بىلەن مېھمان قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۆگەنمىگەنلىكى غەلىتە ئىش ئەمەسمۇ؟ مۇۋەققەت پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بۇنداق كىينىشىگە ھەيران بولۇپ ئىچىمدە ، "نە مىللىيچە قىياپەت ئەمەس، نە مىللىيچە ھۆرمەت ئەمەس"دەۋاتقاندىمۇ ، ئۇ توساتتىن سۈكۈتۈمنى بۇزدى:

    -قەدىرلىكىم، بىر كىتابتىن قانچىلىك پۇل تاپقىلى بولىدۇ؟

    -بىر كىتابتىن دېدىڭىزمۇ؟

    -بىر قانچە يۈز لىرا.

    -زادى قانچە يۈز لىرا؟

    . . .

    -بىر كىتابنى قانچە كۈندە يېزىپ بولغىلى بولىدۇ؟

    -ئىشقا باقىدۇ.

    -بۇ نىمە دېگىنىڭىز؟

    -كىتابقا قارايدۇ. بىر ئايدا يېزىپ بولىدىغان كىتاب بار، ئون ئايدا، ھەتتا ئون يىلدا يېزىپ بولىدىغان كىتابمۇ بار! ياۋروپادا يىگىرمە بەش يىلدا بىر كىتاب يازغان كاتتا ئاپتورلارمۇ بار.

    -ئۇنداق ئەمەستۇ، بۇرادەر؟

    -شۇنداق. . .

    -ئۇنداقتا ھۇرۇن بىر نېمىلەر بولسا كېرەك. . . خەۋرىڭىز بار، تۈركلەرنى "ھۇرۇن"دەيدۇ، بىراق سادىغاڭ كېتەي ئەخمەت مىتھاتنى يىگىرمە بەش ئىچىدە بەش يۈزدىن ئارتۇق كىتاب يازغان دېيىشىدۇ.

    ئۇ يانچۇقىدىن ئالتۇن قاپلىق بىر تاماكا قۇتىسى چىقىرىپ ، ماڭىمۇ بىر تال تاماكا سۇندى ۋە سەرەڭگە بىلەن ئاۋۋال ئۆزىنىڭكىنى تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن، قولىدىكى ئوتنى ماڭا ئۇزاتتى. ئۇنىڭ كىتابتىن، ئەدەبىياتتىن سۆز ئېچىشى سۈكۈتۈنمى بۇزۇۋەتكەنىدى:

    -شۇنداقلا بىزدىمۇ يىگىرنە-يىگىرمە بەش يىلدا بىر كىتاب يازدىغان ئاپتورلارمۇ بار. . . دېدىم

    -مەسلەن كىم؟

    -تەۋفىق فىكرەت.

    - تەۋفىق فىكرەت دېگەن كىم؟

    -ۋاي، ئۇنى تونۇمامسىز؟

    -ياق.

    -ئىسمىنىمۇ ئاڭلىمىغانمىدىڭىز؟

    -ئېسىمدە يوق.

    بىچارە مەشھۇر سەنئەتكارنىڭ خاپا چىرايى كۆز ئالدىمغا كەلدى، دېمەك، ئاتاقلىق بىر پارلامېنت ئەزاسى ئەڭ مەشھۇر بىر شائىرىمىزنىڭ ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ياق. . . سىياسىي ۋەقەلەرنى ئېسىگە سېلىش ئارقىلىق بۇ خۇمپەرگە جەزمەن . ئۇنى ئەسلىتىشىم كېرەك، دەپ ئويلىدىم.

    -ئەسلەڭ، ئويلاپ بېقىو. . . -دېدىم.

    -ئەزبىرايى ئېسىمگە ئالالمىدىم. ئۇنىڭ يازغىنى رومانمىدى؟

    -ياق، شېئىر.

    -تېمىسى؟

    -چېقىلغان راۋاب.

    -بۇ نىمە دېگەنلىك؟

    -چېقىلغان بىر چالغۇ ئەسۋابى دېگەنلىك.

    -چېقىلغان چالغۇ؟ . . . ئانچىكىم بىر نەرسە بولسا كېرەك. شۇڭا بىلمەيدىكەنمەن-دە. مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغانلىكى نەرسىنى ئوقۇپ تۇرىمەن. بىراق، كىتاب ئالدى بىلەن تۈركچە بولۇشى كېرەك. راستنى ئېتسام، پارسچە ، ئەرەبچىلەردىن خەۋرىم يوق.

    -قانداق ئەسەرلەرنى ئوقۇدىڭىز؟

    -ئورۇندا يالغۇز قالغان چاغلىرىمدا ئۇيقۇم قاچىدۇ. قولۇمغا كىتابنى ئالساملا ئۇخلاپ قالىمەن. شۇڭا، كىتابلارنىڭ ئىسمىمۇ ئېسىمدە قالمايدۇ.

    -ياخشى دورا ئىكەن، -دەپ كۈلۈپ قويدۇم.

    ئۇمۇ كۈلدى:

    -شۇنداق ئەمەسمنۇ؟

    -شۇنداق، لېكىن تەۋفىق فكراتنى چوقۇم ئېسىڭىزگە ئالالايسىز. ئۇ غەلىتە ساراي مەكتىپىدە مۇدىر بولغىنىدا مائارىپ نازىرىنىڭ ئەمرى بىلەن ئىشتىن بوشىتىلمىغانمىدى؟

    -قايسى مائارىپ نازىرى؟

    -ئەمرۇللا ئەپەندى.

    -ھە، ھە، ھە. . . -دەپ توۋلاپ كەتتى ئۇ. -شۇنداق، ئەمدى يادىمغا كەلدى. ئاللا رەھمەت قىلسۇن، بىچارە ئەمرۇللا ئەپەندى. . . دەرۋەقە فىكرەت، فىكرەت. . . چۈشەندىم، ئەمرۇللا ئەپەندى مەكتەپنى كۆرگىلى بارغابدا، مۇدىرىيەت ئىشخانىسىدا ئاياللارنىڭ نەرسىلىرىنى كۆرۈپتىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى خىزمەتتىن بوشىتىۋەتكەن. ئۇ چاغدا گېزىتلەرمۇ بىر ئاز شاۋ-شۇۋ قىلىقانىدى. مەرھۇم ئۇ مەكتەپكە مەجلىسكە كەلگىنىدە مۇدىر ئىشخانىسىدا كۆرگەن ئەينەكلىك ئىشكاپ، تارىنىش بۇيۇملىرى، ئۇپا-ئەڭلىك، ئەتىر-كولۇنلارنى غەزەپ بىلەن سۆكۈپ، ھەممىزنى ساراسىمگە سالغان. مېنىڭ "ئالىقاناتنى" دارغا ئېسىش كېرەك! " دەپ ۋارقىرىغىنىم زادى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئەمرۇللا ئەپەندىنىڭ يېنىدا تۇرغان تەلئەت ئاڭا كۈلۈمسىرەپ "شۇك"دەپ شەرەت قىلغاندى.

    -شۇك بولغانمىدىڭىز؟

    -شۇئان. . .

    -سىياسىي پارتىينىڭ ئىنتىزامى ئۈچۈن. بىز گەپ قىلغاندا ھامان باش قوماندا تەلئەتنىڭ چىرايىغا قارايتتۇق. ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ قويساق، ئۇ بىر كوماندا بىلەن ئىشنى تۈزىتەتتى.

    مۇۋەققەت پارلامېنت ئەزاسى شۇ چاغدىكى سىياسىي پارتىيە ھاياتىدىكى ئىنتىزام ئۈستىدە توختالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە ، "ھۆرىيەت"، "چۈشىنىش"دېگەندەك جەمئىيەتلەر قەتئىي سىياسىي پارتىيە بولالمايتتى. ئۇ :"سىياسىي پارتىيە بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىتاقەت ، ئىنتىزام ۋە بىرلىك كېرەك. بىرلىكتىن كۈچ ھاسىل بولىدۇ. . . "دېدى. ئاندىن بىرلىكنىڭ قانداق پارچىلىنىدىغانلىقىغا ئۆتتى ۋە بىردىنلا مەندىن سورىدى:

    -ئەمدى بىرلىك تەرەپدارلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلامسىز؟

    -سىز بىرلىك تەرەپدارى ئەمەسمۇ؟

    -سىز ماڭا قارىماڭ. بىز زامانغا ماسلىشىمىز. مەن تەلئەت، ئەنۋەر دېگەنلەرنى دەۋاتىمەن. ئۇلار كېلەرمۇ؟

    -بىر نىمە دېيەلمەيمەن.

    -نېمىشقا بىر نېمە دېيەلمەيسىز؟ بىر مۇخبىر، ئۇلار كېلىدۇ ۋە كەلمەكچى دەۋاتىدۇي.

    -سىزمۇ ئۇنىڭغا قارىماڭ.

    -نېمىشقا؟

    -بايقۇشنى ۋەھىمە بېسىۋاپتۇ.

    -راستىنى ئېيتسام، بۇ ۋەھىمە مەندىمۇ بىر ئاز بار. ئەسلىمىلىرىمنى يېزىپ باستۇرماقچىمەن. بۇ ناھايىتى يامان بىر ئەسەر بولغۇسى. بۇ ئەسەردە ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېچىپ تاشلايمەن. بىراق. . .

    -ئەگەر كەلسىچۇ؟ ئۇ چاغدا ماڭا يېلىنىپ، "نېمە كېرەك بولسا مانا"دەپ تۇرماسقا ئامالى يوق.

    -دېمەك ئۇلار ھەققىدە شۇ قەدەر قاتتىق يازىدىكەنسىز-دە؟

    -ياق، قەدىرلىكىم، -دەپ مەقسىتىنى قالايمىقان چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتى. گويا ئۇ بىر مۇنچە ئىشلارنى، قومانداننىڭ پۈتۈن سىرلىرىنى بىلسە كېرەك. ئاتقان-چاپقان، دارغا ئاسقان، تالان-تاراج قىلغانلىرىنى. . . ئۇنىڭدەك پاش قىلالايدىغان كىشى يوق ئىدى. مۇۋەققەت پارلامېنت ئەزاسىنىڭ بۇنداق ئاشكارلاشتىن مەقسىتى ھەم پۇل تېپىش ، ھەم شۆھرەت قازىنىش ئىدى. بىراق . ۇلار كېلىپ قالسىچۇ. . . مانا بۇ يېرىنى ئويلايتتى.

     ئۇلارنىڭ كېلىشى سىزگە ھېچقانداق زىيان كەلتۈرمەسلىكى مۇمكىن ، -دېدىم.

    -قانداقچە؟ ، -دېدى ئۇ.

    -ئەسلىمىڭىزدە قاچقانلارنىڭ يامانلىق تەرەپلىرىنى زادى تىلغا ئالمايسىز ياكى مۇمكىنقەدەر زىيانسىز ئەيىبلىرىنى يۈزەلا بېرىپ قويىسىز، پۈتۈن گۇناھنى ئۆلگەنلەرگە ۋە بۈگۈن ئىنتىقام ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۆڭگەيسىز.

    -مەسىلەن كىملەرگە؟

    -ئەمرۇللا ئەپەندى، رەپىق ساراڭ، ياقۇپ تۆگە، ئەلى خام كاللا. . . قىسقىسى ئۆلگەن بىرلىك تەرەپدارلىرى كۆپ. . .

    -راست، راست. . . ، -دەپ قولىنى تىزلىرىغا ئۇردى ۋە تاماكىسىنى تۈگەتمەي تۇرۇپ يەنە بىرنى تۇتاشتۇردى.

    -ياش خىزمەتكار گىرىك ئىككىمىزگە قەھۋە ئېلىپ كىردى، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىۋېتىپ چۈشەندىمكى، بۇ ئادەم ئىنتايىن شۆھرەتپەرەس بولۇپ، بايلىققا تويمىغانىدى، پارلامېنت ئەزالىقىنىڭ خۇشامەتلىرى كاللىسىدىن تېخى چىقىپ كەتمىگەن. لېكىن ئۇچىغا چىققان كالۋا ئىدى، مەن ئۇنىڭ ناھايىتى ئەقىللىق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېيتقىنىمدا كۈلۈپ كەتتى، ئۇ بۇنداق ئۇچرىشىشلاردا بەكمۇ ھېرىسمەن ئىدى، مەن تەلەپپۇزۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، "سىزنىڭ قانداق يېتىشكەن ئادەملىكىڭىزنى بىلىمەن . ھەر ھالدا پوچۇركا ، ئىملالىرىڭىزغا قارىغاندا ، ئانچە كۆپ ئوقۇمىغاندەك تۇرىسىز. . . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ئاناتولىيىنىڭ تازا كىندىكىدىن چىققان ئىكەنسىز. شۇنداقتىمۇ ئەنۋەر ، تەلئەتلەرگە يېتىشىۋاپسىزۋە مىليونلاپ پۇل تېپىپسىز. بۇ كىچىك ئەقىلمۇ ؟ تەلئەت ، ئەنۋەرلەرگە مەن-مەن دېگەن زىيالىيلار يېقىن كېلەلمەيتتى. سىززە. . .

    كۆرسەتكەن دەلىللىرىمدىنىۇش بولدى بولغاي:

    -مىليون-مىليونلار. . . يېرىمى تۆھمەت . بۇ رەقەملەرنى دېگۈچىلەر ئۆمرىدە بىرەر تاغار پۇرچاقنى ساناپ بېقىپتىمۇ؟ -دېدى. ئۇ بۇنداق دېيىش بىلەن ئۆزىنىڭ باي ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى ۋە بۇ قۇرۇق سۆزنى دۈشمەنلىرى بىلەن ئۆزىنى كۆرەلمەيدىغان بىر قانچە دوستلىرى چىقارغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، پۇل بىلەن ئىماننىڭ كىمدە ئىكەنلىكى نامەلۇم ئىدى. شۇڭا ، بىكار ئېغىز جورىتىپ ئۆزىنىڭ كەمبەغەللىكىنى ئىزاھلاشقا ئۇرۇنمىدى. مەن يېڭىۋاشتىن ، پۇلنىڭ ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ زور كۈچ، ئەڭ زور شەرەپ ۋە ئېسىللىقنىڭ ئەڭ زور كاپالىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا باشلىدىم. ئاستا-ئاستا ئۇمۇ يۇمشىدى ۋە:

    -ئاران بىر قانچە يۈز مىڭ لىراچە. . . -دېگەن بولدى.

    شۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە:

    -سىز داھىي؟ -دېدىم.

    -داھىي دېگەن نىمە؟

    -ئىنتايىن ئاقىل ئادەم. مىليوننىڭ ئىچىدىن ئاران بىرى چىقىدۇ.

    ئۇنىڭ پەخىرلەنگەنلىكى ھىجىيىشىدىن مەلۇم ئىدى:

    -شۇنداق ، ئامېرىكىدا، ياۋروپادا، ھەتتا ئافرىقىدا پۇل تېپىش ئانچە تەس ئىش ئەمەس، -ئۇ دېدى، -چۈنكى ئۇ يەرلەردە بىر مۇنچە ئىقتىساد مۇئەسسەلىرى ، مەبلەغ، سانائەت ، بانكا، چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر قاتارلىقلار بار. لېكىن تۈركىيدە ، يەنى بۇ ئاچ-يالىڭاچ زېمىندا ياۋروپا، ئامېرىكىلاردەك ئوتتۇز-قىرىق ئاي ، ھەتتا بىز قانچە كۈننىڭ ئىچىدە مىليونېر بولۇپ كېتىش. . . -چۈشەندۈرۋېتىپ بۇ مۇۋەپىقىيەتىنىڭ كاتتىلىقىنى مەدھىيلىگىنىدە، چىرايىمغا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەك مەسۇم قىياپەت بېرەتتىم. ئۇ مېنىڭ سۆزۈمگە ئىشەندى، -شۇنداق، ھەر ھالدا مەن ئەقىللىق ئادەم.

    -بۇنىڭدا شۈبھە يوق. ئەقىلىڭىز سىزنى پەقەت بىرلا ئىشتىن چەكلىشى كېرەك!

    -قايسى ئىشتىن؟

    -قايسى ئىشتىن بولسۇن؟ سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن! بىر تالاي خەتەرلىك ئىنتىقامچى ئادەملەر ھەققىدە نېرى-بېرى . ىشلارنى يېزىش ئاقىللىق ئەمەس.

    -ئۇنداقتا قانداق قىلمەن؟ ئۇلار ھەققىدە ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى بىلەتتىم-دە. . .

    -ئىچىڭىزدە بىلىڭ.

    -ئىچىمدە تۇتالمايمەن.

    -تۇتۇڭ. باشقىلارنىڭ سەلبىي تەرەپلىرىنى ئېيتىشتىن باش تارتىش ناھايىتى خەيرىلىك ئىش.

    -راست دەيسىز ، قەدىرلىكىم.

    -بىراق ، بىر ئەسەرنى مەيدانغا چىقىرىشنى ئويلىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى، ئۆز ھاياتىڭىزنى يېزىڭ.

    -ئۇنداق قىلسام بولامدۇ؟

    -نېمىشقا بولمىسۇ؟ بىر روماندەك، يەنى خۇددى بۇ ئادەم ئۆزىڭىز ئەمەستەك قىلىپ يازىسىز.

    ئۆز ھاياتىنى يېزىش بۇ پارلامېنت ئەزاسىنى ئورنىدىن سەكرىتىۋەتتى:

    -راست، قەدىرلىكىم، بۇ كاتتا بىر رومان بولغۇسى! -دېدى ئۇ ئاغزى قۇلقىغا يەتكۈچە ھىجىيىپ.

    مەن كاتتا ئادەملەرنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك بىر تارىختىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم. نۇېغۇن كىشلەر، مەسلەن، ناپالېئون بوناپارت، جاك كازانوۋا، كامىل پاشا، سائىت پاشا، ھەتتا ئالتە-يەتتە ئاي ئىچىدە ئۆزىنى ئەقىللىق داھىي دەپ ئالەمگە داۋراڭ سالغان ھاماقەت دامات فەرىت پاشامۇ ئەسلىمىلىرىنى يازغان يەردە، ئۇ نىمىشقا يازمىسۇن؟ . . .

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.