تەلەي ھەققىدە

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-10 18:10:30

بىر چاشقان لەمپىدە كېتىۋېتىپ ناھايىتى يوغان بىر مۈشۈككە ئۇچراپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاچاي دەپمۇ قاچالماي بىر بۇلۇڭغا قاپسىلىپ قاپتۇ.


    تەلەي ھەققىدە

    مۇراكامى خارۇكى [ياپونىيە]
    چىمەنگۈل كەنجى تەرجىمىسى
     
    -سىز چاشقان بىلەن گۆش يېمەيدىغان مۈشۈكنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغانمۇ؟
    -ئاڭلىماپتىكەنمەن.
    -ئۇنداقتا ئاڭلىغۇڭىز بارمۇ؟
    -ئاڭلىغۇم بار.
    -بىر چاشقان لەمپىدە كېتىۋېتىپ ناھايىتى يوغان بىر مۈشۈككە ئۇچراپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قاچاي دەپمۇ قاچالماي بىر بۇلۇڭغا قاپسىلىپ قاپتۇ. چاشقان قورققىنىدىن لاغىلداپ تىترىگەن ھالدا:
    -مۈشۈك ئالىيلىرى، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مەن ئۆيۈمگە كەتمىسەم بولمايدۇ، بالىلىرىم قورسىقى ئاچ ھالدا يولۇمغا تەلمۈرۈپ تۇرىدۇ، سىزدىن ئۆتۈنەي، مېنى قويۇۋېتىڭ،-دەپ يالۋۇرۇپتۇ.
    -ئەنسىرىمىگىن، مەن سېنى يىمەيمەن، راست گەپ قىلسام، بۇ گەپنى يۇقىرى ئاۋازدا دېسەم بولمايدۇ،-مەن گۆشسىز غىزا يېگۈچى، ماڭا ئۇچراپ قالغىنىڭ سېنىڭ تەلىيىڭ،-دەپتۇ مۈشۈك.
    بۇنى ئاڭلىغان چاشقاننىڭ شۇ ھامان كۆڭلى جايىغا چۈشۈپتۇ-دە:
    -پاھ، نېمىدېگەن گۈزەل بىر كۈن –ھە! مەن نېمىدېگەن تەلەيلىك، ئويلىمىغان يەردىن گۆش يېمەيدىغان مۈشۈككە ئۇچراپتىمەن ئەمەسمۇ،-دەپتۇ.
    دەل شۇ چاغدا مۈشۈك چاشقانغا ئوقتەك ئېتىلىپ، كۈچلۈك تىرناقلىرى بىلەن چاشقاننى قىسماققا ئاپتۇ، جېنى ھەلقۇمغا كېلىپ قالغان چاشقان ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ مۈشۈكتىن:
    -سەن ماڭا گۆش يېمەيمەن دېگەنتىڭغۇ؟ ئەجەبا دېگەنلىرىڭ يالغانمۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
    مۈشۈك لەۋلىرىنى يالىۋەتكەندىن كېيىن مۇنداق دەپتۇ:
    -شۇنداق، مەن گۆش يېمەيمەن، بۇ يالغان ئەمەس، ئەمدى مەن سېنى ئاپىرىپ كۆكتاتقا تېگىشىمەن.
    -بۇ ھېكايىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى نېمە؟
    -بۇ ھېكايىدە ئالاھىدە بىر ئىدىيە يوق، بايا تەلەي ھەققىدە سۆز بولغاندا تۇيۇقسىز بۇ ھېكايىنى ئەسلەپ قالدىم، خالاس. ھېكايىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تېپىش ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-سان
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تەلەي مۈشۈك چاشقان