ۋاقىتنى ئويلىشىدىغان مال ساتقۇچى( شىنيىچى خوشى )

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-10-20 16:07:00

ۋاقىتنى ئويلىشىدىغان مال ساتقۇچى شىنيىچى خوشى (ياپۇنيە) ئابدۇشۇكۇر ئابدۇكېرىم تەرجىمىسى دەسلەپكى غەلبە ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بېسىپ، ئىسىم كارتامنى ئىشىكنى ئاچقان ئايالغا ئۇزاتتىم، كارتامغا قاراپ...

    ۋاقىتنى ئويلىشىدىغان مال ساتقۇچى
       شىنيىچى خوشى  (ياپۇنيە)
          ئابدۇشۇكۇر ئابدۇكېرىم تەرجىمىسى


    دەسلەپكى غەلبە
       ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بېسىپ، ئىسىم كارتامنى ئىشىكنى ئاچقان ئايالغا ئۇزاتتىم، كارتامغا قاراپلاپ ئۇنىڭ چىرايى ئۆڭىدى .
       ـ بىزگە ھېچ نەرسە كېرەك ئەمەس.
       ئۇنىڭ مۇنداق دېيىسىنى بىلەتتىم. شۇڭا ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك مەنسىتمەسلىك بىلەن نارازى بولۇپ غۇدۇرىدىم:
       ـ مېنى مال ساتقۇچىمىكىن دەپ قاپسىز ـ دە، ئۇنداقتا تامامەن خاتالاشقان بولىسىز. بۇنىڭدىنغۇ يامانلىغىلى بولمايدۇ، تىنچلىق ھەمىشە مال ساتقۇچىلارنىڭ ئىشىك قېقىشى بىلەن بۇزۇلىدۇ، بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئىش يوق.
       ـ ھىم، شۇ ئەمەسمۇ.
       ئۇ مېنى رەت قىلشىقا باھانە ئىزدەۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم:
       ـ يېقىندىن بېرى بىۋاستە يەتكۈزۈلىدىغان پوچتا ئېلانلىرى بەك كۆپىيىپ كەتتى، پوچتا ساندۇقىڭىز شۇنداق ئېلانلارغا توشۇپ كەتكەندۇ ھەقاچان؟
       ـ شۇنى دەڭا، ئاشۇ ئېلانلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىن خويمۇ زېرىكتىم.
       ئۇنىڭ نەزىرى پوچتا ساندۇقىغا ئاغدۇرۇلدى. دېگەندەك، پوچتا ساندۇقى ئېلان ۋەرەقىلىرى بىلەن لىق توشقانىدى.
       ـ سىزگە ئوخشاش ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىلەر دەل ئاشۇ ھىيلىگەر مال ساتقۇچىلارنىڭ نىشانى بولۇپ قالدى. تېلېۋىزور ئېلانىدىنغۇ تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈۋېتىپلا قۇتۇلغىلى بولىدۇ، بۇنداق بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدىغان پوچتا ئېلانلىرىدىن قۇتۇلماق تەس.
       ـ ھەقىقەتەن شۇنداق، ـ دېدى ئۇ سۆزۈمنى قۇۋەتلەپ.
       ـ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىدىغان ئاشۇ ئېلانلارنى بىرمۇ-بىر ئوقۇپ، تاشلايدىغاننى تاشلاپ يوقاتمىسىڭىز بولمىغان، شۇنىڭغا ئىسراپ بولغان ۋاقىتتا شېئىر ئوقۇش ياكى تىنچقىنا ئولتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىشنى ھەقىقىي تۇرمۇشتىن لەززەتلىنىش دېسە بولىدۇ. ئۆمرىمىزنى ئېلان ئوقۇشقىلا سەرىپ قىلىۋەتكىلى بولماس؟ بىز زىيالىيلارزە ئوتتۇرىغا چىقىپ مۇنداق  ئېلانلارنى چەكلىمىسەك بولمايدىغان يەرگە يەتتى.
       «تەپەككۇر»، «زىيالىي» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ئاجايىپ ئۈنۈمى بولدى. ئۇنىڭ تەقى ـ تۇرقى شائىرەلەرگە ئاز تولا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى.
       ـ ھەي ... تەپەككۇر، تىنچ ئولتۇرۇپ تەپەككۇر قىلمىغىنىمغا ئۇزۇن يىللار بولۇپ كەتتى.
       مەن ئامالنىڭ بارىچە ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشكە تىرىشتىم:
       ـ كۆڭلىڭىزنى پۈتۈنلەي چۈشىنىمەن، چۈنكى بۇرۇن مەنمۇ شۇنداق بولغان.
       ـ نېمە؟ سىز «بولغان» دەيسىزغۇ؟ ئەجەبا ھازىر ئۇنداق ئەمەسما؟
       تەڭرىمگە شۈكۈر، ھەر ھالدا ئۇنىڭ دىقىتىنى تارتالىدىم. ئەمما، ھازىرلا مەقسەتكە كۆچۈشكە بولمايتتى.
       ـ ھەئە، ئەلۋەتتە. بىراق، بۇ ئىشلارنى كېيىن سۆزلەپ بېرەي،  دېدىم مەن ئەتەيگە
       ـ دەپ باقسىڭىز يامان بولماستى؟
       ئۇ تۇزىقىمغا ئاسانلا چۈشتى. بىراق، بۇنداق چاغدا تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشۇم كېرەك ئىدى.
       ـ ئەمەلىيەتتە دېگۈدەك ئىشمۇ يوق، بىر خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەن شۇ، ـ مەن چەبدەسلىك بىلەن سومكامدىن ئەسۋابنى چىقاردىم، ـ مانا مۇشۇ مەھسۇلات، ئاۋۋال پوچتا ساندۇقىڭىزغا ئورنىتاي، كۆرۈپ بېقىڭ.
       ئەسۋابنىڭ گېزىت ئارىسىغا قىستۇرۇلغان ئېلانلارنى بىر ـ بىرلەپ سۇغۇرۇۋاتقانلىقىغا قارىغاچ گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم:
       ـ بۇ ئەسۋابنى ئورناتقانلارنىڭ ھەممىسى بەكمۇ خۇرسەن بولۇشتى، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ۋاقتىمىزنى تېجەپ، تەپەككۇر قىلىشىمىزغا ۋاقىت چىقىرىپ بېرىدۇ.
       ـ باھاسى قانچە ئىكەن؟
       مەن باھاسىنى دەپ بەردىم.
       ـ سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم ـ ھە، مەن قايتاي، ـ مەن شۇنداق دېگەچ ئەسۋابنى چىقىرىۋالماقچى بولغان قىياپەتكە كىرىۋالدىم.
       ـ بولدى، بۇنى مەن سېتىۋالاي.
       ـ بىراق، بۇنداق قىلسام مەن ئىشىك ئالدىغا كېلىپ مال ساتقۇچى بولۇپ قالمامدىم؟ ـ مەن قوشۇمامنى تۈرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ تەقەززا قىلدىم.
       ـ ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ، قىلچە كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، سىز باشقىلارغا تەپەككۇر قىلىدىغان ۋاقىت چىقىرىپ بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭىز.
       ـ ئۇنداقتا ئەسۋابنى مۇقىملاشتۇرۇۋېتەي. تېجىۋالغان ۋاقتىڭىزدىن چوقۇم تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىسىز. ھە راست، پۇلىنى ئۆزىڭىزگە قۇلايلىق چاغدا تۆلىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
       شۇنداق قىلىپ، تۇنجى قېتىملىق مال سېتىش ئوڭۇشلۇق بولدى، مەن تەشەككۈر سادالىرى ئىچىدە رازىمەنلىك بىلەن قايتتىم.


      كونا ئۇسۇلنى قايتا ئىشلىتىش
       
      بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، مەن ئىككىنچى قېتىم مال ساتقىلى ئۇ ئۆيگە يەنە باردىم.
       ـ قانداقراق، ئەسۋاب ياخشى ئىشلەۋاتقاندۇ؟
       ھېلىقى ئۆي ئىگىسى ئايال چىرايلىرى گۈلدەك ئېچىلىپ ئالدىمغا چىقتى.
       ـ بەك ياخشى، خېلى ئارام تېپىپ قالدىم. چوڭ ياردىمى بولدى.
       بىراق، قارىسام بۇرۇنقىدەكلا پەرىشان كۆرۈنىسىز...
       ـ ئۇنى بىر دېمەڭ، ھەممىسى بىزنىڭ ئېلان كۆرمەيدىغانلىقىمىزنى بىلىۋالدىمۇ قانداق، مال ساتقۇچىلار تولا كېلىۋالىدىغان بولدى، زادى ئامال قىلالمىدۇق.
       ئۇنىڭ چىرايى تۇتۇلدى. ئۇ مېنى مال ساتقۇچى دەپ قارىمىدى بولغاي، دەردىنى تۆكۈپلا كەتتى.
       ـ چېكىدىن ئاشقان  بۇ مال ساتقۇچىلارنى سىلەرگە ئوخشاش بۇنداق يۇقىرى تەبىقىدىكى ئائىلىلەرنىڭ رەت قىلىشى  ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ، بۇنى ئوبدان چۈشىنىمەن.
       ـ بۇنىڭغا بىرەر ئامالىڭىز بارمۇ؟
       ـ ئەلۋەتتە بار. بۈگۈن سىزنىڭكىگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىممۇ دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن. سىز ئىتنى ياقتۇرامسىز؟
       ـ ئىت؟
       ـ شىركىتىمىز مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ئىت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇ ئىتلار مال ساتقۇچىلارنى پەرق ئېتەلەيدۇ ھەمدە قاۋاپ ئۇلارنى ھەيدىۋېتىدۇ، باشقىلارغا بولسا قۇيرۇق شىپپاڭلىتىپ يېقىنچىلىق قىلىدۇ.
       ـ مۇشۇنداقمۇ ئىت بارمۇ؟
      مەن دەرھال ھەرخىل ئىتلارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن مەھسۇلات تۈرلىرى جەدۋىلىنى چىقاردىم.
       ـ ياقتۇرىدىغىنىڭىزنى تاللىۋېلىڭ. مال ساتقۇچىلارغا تاقابىل تۇرىدىغان ئۇنداق زېرىكىشلىك ئىشنى ئىتقا قويۇپ بېرىڭ. ئادەم دېگەن ئادەمدەك ياشىشى، ئازادىلىك ئىچىدە تىنچ ئولتۇرۇپ تەپەككۈر قىلىشى كېرەكتە...
      شۇنداق قىلىپ، بىر يۈرۈش مەھسۇلاتنى بۇ ئائىلىگە سېتىپ بەردىم. بۇنىڭدىن تېگىشلىك شېرىنكانىگىمۇ ئېرىشتىم. بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ نېمىلەرنى تەپەككۇر قىلىشىغا كەلسەك، ئۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ ئىدى.
      


    كۈتۈلمىگەن بالا ـ قازا

    يېڭى بىر سېتىش تۈرى توغرىسىدا ئويلىنىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ئىشىك  قوڭغۇرىقى سايراپ كەتتى. بىرەر دوستۇم كەلگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدىم. چۈنكى، مېنىڭ ئۆيۈمگىمۇ مال ساتقۇچىلاردىن مۇداپىئەلىنىدىغان بىر يۈرۈش قۇرۇلما ئورنىتىلغانىدى. مەن خۇشياقمىغان ھالدا ئاستا بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم. ئىشىك ئالدىدا ناتۇنۇش بىرەيلەن قولىدا بىر سومكىنى تۇتۇپ تۇراتتى.
       ـ سىز كىم؟
       ـ ئاڭلىسام سىز مال ساتقۇچى ئىكەنسىز، شۇڭا تەۋەككۈل قىلىپ ئالدىڭىزغا كېلىشىم. يېقىندىن بېرى مال سېتىش رىقابىتى بەك كەسكىنلىشىپ كەتتى، سىزدەك مال سېتىش ماھىرىنىڭ ئوقىتىمۇ ئىلگىرىكىدىن قىيىنلىشىپ كەتكەندۇ. ئەمما، مەن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بۇ بىر يۈرۈش نەرسىنى ئىشلەتسىڭىز، رىقابەتتە چوقۇم ئۇتۇپ چىقىسىز، ئىشلىرىڭىز يۈرۈشۈپ كېتىدۇ.
       ـ ئوھۇي، مۇشۇنداق نەرسىمۇ بەرمىكەن؟ ئەكېلىڭە كۆرۈپ باقاي.
       بۇنداق قىزىقتۇرۇش ھەرقانداق ئادەمنى جەلپ قىلاتتى.
       ـ مال سېتىشنىڭ قىيىن ئەھۋالىغا چۈشۈپ قېلىشىغا ھەممە ئائىلىلەرنىڭ ئاجايىپ مۇداپىئە قۇرۇلمىسى ئورنىتىۋالغانلىقى سەۋەپ بولغان. مەندىكى بۇ نەرسە ئېلاننى شاللىۋېتىشتىن مۇداپىئە كۆرىدىغان مەخسۇس كونۋېرت ۋە ئىتنىڭ چىشلىۋېلىشىدىن ساقلىنىدىغان بىھۇش  دورىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بولامدىكەن؟ بۇ نەرسە بولسىلا مال سېتىش چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، ھېچقانداق قىينچىلىق تۇغۇلمايدۇ.
       ئىش چاتاق، كۈتۈلمىگەن بالا ـ قازا دېگەن شۇ ئەمەسمۇ، مېنىڭ روناق تېپىۋاتقان ئىشلىرىم تۈگەشتى دېگەن گەپتە. بىراق، بۇنى قايسى ئەبلەخ ئويلاپ تاپتىكىنە؟
       ـ بۇنى مېنىڭ خانىمىم ئويلاپ تاپقان. يېقىندىن بېرى ئۇ بىكار بولۇپ قالغانىدى، شۇنىڭ بىلەن كاللىسىنى ئىشقا سېلىپ تەپەككۇر قىلىدىغان بولدى، ئاخىر بۇ قالتىس كەشپىياتنى ئويلاپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ خىزمىتىمدىن ئىستېپا بېرىپ، بۇنى سېتىشقا ئاتلاندىم. بۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋالغان  مال ساتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى بەك رازى بولۇشتى، مەنمۇ پايدا ئالدىم. بۇ قالتىس خۇشاللىنارلىق ئىشتە...
        
                                    (خەنزۇچە « مىكرو ھېكايىلەردىن تاللانمىلار» ژۇرنىلىنىڭ 2009 - يىللىق 7 - سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.