ئاخىرقى ئۇچرىشىش(ئىۋان ئالېكسېيېۋىچ بۇنىن)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-10-20 16:03:00

ئاخىرقى ئۇچرىشىش ئىۋان ئالېكسېيېۋىچ بۇنىن (رۇسىيە) (1933 ـ يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى) نۇرمۇھەممەد دۆلەتى تەرجىمىسى كۈز، ئايدىڭ كېچە. ھاۋا نەمخۇش ھەم سوغۇق. سترېشنېف: ـ ئاتن...

    ئاخىرقى ئۇچرىشىش 

     ئىۋان ئالېكسېيېۋىچ بۇنىن (رۇسىيە) (1933 ـ يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى)

    نۇرمۇھەممەد دۆلەتى تەرجىمىسى

             كۈز، ئايدىڭ كېچە. ھاۋا نەمخۇش ھەم سوغۇق. سترېشنېف:
    ـ ئاتنى توقۇۋەت، ـ دېدى خىزمەتكارغا.
       ئاي شولىسى ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان تۈتۈندەك، قاپقاراڭغۇ ئات ئېغىلىنىڭ ئۇزۇنچاق دېرىزىسىگە چۈشۈپ تۇراتتى. بۇ ئاختا ئاتنىڭ كۆزى ئاي نۇرىدا گۆھەردەك چاقناپ تۇراتتى. خىزمەتكار ئاتقا يۈگن سالدى، ئېغىر، ئېگىز باشلىق كازاك ئېگىرىنى ئەكېلىپ ئاتنى توقۇدى، ئاتنىڭ قۇيرۇقىنى تۈگۈپ قويۇپ، چۇلۋۇرىدىن يېتىلەپ ئېغىلدىن ئېلىپ چىقتى. بۇ ياۋاش ئات ئىدى. خىزمەتكار ئۇلاڭنى چىڭىتىۋاتقاندا، ئات قورسىقىنى كۆپتۈرۈپ چوڭقۇر نەپەس ئالدى. بىر ئۇلاڭنىڭ ئۇچى ئۈزۈلۈپ كەتكەچكە، ئاتنىڭ قورسىقىغا ئارانلا يېتىدىغان بولۇپ قالغانىدى. خىزمەتكار ئۇلاڭنى چىشلەپ تۇرۇپ ئارانلا چىڭىتىۋالدى. ئات ئېگەرلەنگەندىن كېيىن، خۇددى يېڭى كىيىم كىيگەن ئادەمدەك، خېلىلا ئىسكەت كىرىپ قالدى. خىزمەتكار ئۇنى يېتىلەپ لەمپە ئالدىغا ئەكەلدى، چۇلۋۇرىنى كونىراپ كەتكەن مومىغا باغلاپ قويدى. ئات چىرىپ كەتكەن بۇ مومىنى غاجىلاپ قوياتتى ـ دە، شاما چاينىغاندەك بولۇپ، گويا نارازى بولغاندەك، توختىماي پۇشقۇرۇپ قوياتتى. ئاتنىڭ يېنىدىكى كۆلچەكتىن ئاي شولىسى غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شالاڭ تۇمان خۇددى شايىدەك، يوپۇرماقلىرى چۈشۈپ كەتكەن باغقا ئاستا يېپىلماقتا ئىدى. سترېشنىف ئاتنى چۇلۋۇرىدىن يېتىلىگەن پېتى دەھلىزنىڭ پەلەمپىيىگە كەلدى. سترېشنېف قۇش بۇرۇن، جۈدەڭگۈ گەۋدىلىك بولۇپ، كەينىگە گىدىيىپلا يۈرەتتى. بەل پۈرمە ئەترەڭ چاپان كىيىپ، بېلىگە كۈمۈش بىلەن زىننەتلەنگەن بەلۋاغ تاقاپ، بېشىغا ئۈستى قىزىل كازاك تۇمىقى كىيىۋالغانىدى. شۇڭا چاققان، روھلۇق كۆرۈنەتتى. يېرىلىپ كەتكەن يۈزلىرى، تاتارغان چىرايى، يىرىك، ئاندا ـ ساندا ئاق سانجىلغان، بۈدۈر ساقال ـ بۇرۇتلىرى، بوينىنىڭ سىڭىرلىرى، كونىراپ كەتكەن ئۆتۈكى، پەلتوسىنىڭ پېشىنىڭ ئۇچىدىن توشقان قېنىنىڭ دېغى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. لەمپە يېنىدىكى قاپقاراڭغۇ دېرىزىنىڭ پورتۇچكىسى ئېچىلدى.
       ـ ئاندروشا (ئاندرىنىڭ ئەكىلەتمە ئىسمى)، نەگە ماڭدىڭ؟ ـ دېگەن ناتونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى.
       ـ جېنىم ئاپا، مەن كىچىك بالا ئەمەسقۇ، ـ دېدى سترېشنېف قاپىقى تۈرۈلگەن ھالدا ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى يېشىۋېتىپ. پورتۇچكا يېپىلدى. زالنىڭ ئىشىكى «تاراق» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئېچىلدى. پاۋىل سترېشنېف ساپما كەشنى پالاقلىتىپ ئىشىك ئالدىغا كەلدى. بۇ ئادەمنىڭ يۈزى، قاپاقلىرى ئىششىپ كەتكەنىدى. ئاپپاق ئاقىرىپ كەتكەن چېچى ئارقىسىغا تارالغان، كۆڭلىكىنىڭ ئۈستىگە يازلىك پەلتو كىيىۋالغانىدى. ئۇ ئىلگىرىكىدەكلا مەستلەردەك ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەشكە باشلىدى.
       ـ ئاندرى، نەگە ماڭدىڭ؟ ـ دېدى ئۇ چىرقىراپ، ـ ۋىرا ئالېكسېيېۋناغا مېنىڭ ئوتلۇق سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قوي، مەن ئۇنى بەك ھۆرمەتلەيمەن.
    ـ سىز تېخى باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلەمسىز؟ ـ دېدى سترېشنېف ئىتتىكلا، ـ ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىز نىمىشقا ھەدېسە خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىسىز؟
    ـ كەچۈرگىن، كەچۈرگىن! ـ دېدى پاۋىل،    ـ «ياش يىگىتلەر ئوينايدۇ، يورغا ئاتنى چاپتۇرۇپ، چوكان ـ قىزلار ساقلايدۇ، بۇلاق بويىدا ئولتۇرۇپ» سترېشنېف ئاچچىقىدا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ ئاتقا مىنمەكچى بولدى، ئۇ ئەمدىلا ئۈزەڭگىگە پۇتىنى ئېلىۋېدى، ئات جانلىنىپ پۇتىنى چىڭ دەسسەپ پىرقىراشقا باشلىدى. سترېشنېف پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ شاققىدە ئاتقا چىقىپ، غىچىرلاپ تۇرغان ئېگەرگە ئولتۇرۇۋالدى. ئات بېشىنى كۆتۈرۈپ، بىر پۇتى بىلەن سۇدىكى ئاي شولىسىغا دەسسەپ يۈرۈپ كەتتى.ئاي شولىسىغا بۆلەنگەن نەمخۇش دالىدا، ئېتىز ـ قىرلاردىكى پاكار شىۋاقلار غۇۋا ئاق نۇر چېچىپ تۇراتتى. بىردىنلا بىر نەچچە چوڭ قاناتلىەق مۈشۈكياپىلاق شەپىسىزلا قىر بېشىدىن ئۇچۇپ چىقىۋېدى، ئۈركۈگەن ئات پۇشقۇرۇپ، ئۆزىنى چەتكە ئالدى. چوڭ يول كىچىك بىر دەرەخلىككە تۇتىشاتتى. دەرەخلىكنى جىمجىتلىق باسقانىدى. ئاي شولىسى ۋە شەبنەمدىن دەرەخلىكتىن ئادەمگە ئاچچىق سوغۇق ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. سۇدەك تىنىق ئاي شولىسى يالىڭاچلىنىپ قالغان دەرەخ شاخلىرىدا يالتىراپ تۇراتتى. يوپۇرماقلىرى چۈشۈپ كەتكەن شاخلار سۇدەك بۇ ئاي شولىسىغا سىڭىپ كەتكەنىدى. تېرەك قوۋزاقلىرى ۋە سارغىيىپ كەتكەن غازاڭ بىلەن تولغان ئېرىقلاردىن بىر خىل ئاچچىق پۇراق چىقىپ تۇراتتى... ئات سۇ يىغىلىپ قالغان ئويمانلىققا قاراپ ماڭماقتا. ئويمانلىقتىن خۇددى تۈۋى يوق ھاڭدەك ھور كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى. ئاتتىنمۇ ھور چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئەينەكتەك يالتىراپ كەتكەن چاتقالىقتا كېتىپ بارماقتا ئىدى. ئاتنىڭ ئاياغ ئاستىدىكى شاخ ـ شۇمبىلاردىن ۋاراسلىغان ئاۋاز چىقىپ ، ئۇدۇلدىكى قاراڭغۇ دەرەخلىكتىن ئەكس سادا قايتۇراتتى...
        بىردىنلا ئات قۇلاقلىرىنى تىك تۇتۇپ تۇرۇپ قالدى. چۈنكى، كەڭ يەلكىلىك، بوينى توم، پۇتلىرى ئىنچىكە ئىككى بۆرە ئويمانلىقتا يالتىراپ تۇرغان تۇمارندا قاراپ تۇراتتى. بۆرىلەر سترېشنېف يېقىنراق كەلگەندە لىككىدە سەكرەپ، پۇتلىرىنى قوپاللىق بىلەن قويۇۋېتىپ، تۇماندا نەملىشىپ ئاقارغان، رەڭگارەڭ نۇرغا تولغان ئوتلارنى دەسسەپ تاغقا قاراپ كېتىشتى.
        ـ ئەگەر كۈندۈزدىمۇ ئاي بولسا، قانداق بولۇپ كېتەتتىكىن، ـ دېدى سترېشنېف ئۆكۈنۈش بىلەن بېشىنى بۇراپ ئايغا قاراپ. پۇچۇق ئاي قاغجىرىغان، كۈمۈشتەك ئاقارغان، تۇمان قاپلاپ تۇرغان ئوتلاقنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئېسىلىپ تۇراتتى... بۇ دېگەن كۈزنىڭ گۈزەل مەنزىلىرىنىڭ مەيۈس بىر كۆرۈنۈشى ـ دە! ئېگەر غىچىرلاپ تۇراتتى، ئات ساغلام ئىچكى ئەزالىرىنىڭ كۈچىنى چىقىرىپ، چاتقاللىقتىن سىرغىپ چىققان سۇدىن ئويمان بولۇپ كەتكەن يولنى بويلاپ ئېگىزلىكتىكى قويۇق دەرەخلىككە قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئات بىردىنلا پۇتلىشىپ كېتىپ يىقىلغىلى تاس قالدى، سترېشنېف ئاچچىقىدا يۈزى تارتىشىپ كەتتى ـ دە، قامچىسى بىلەن ئاتنىڭ بېشىغا قاتتىق بىرنى سالدى.
       ـ تۇفى قېرى ئىت! ـ ئۇ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن ئاۋازىنى چىقىرىپ، قەھرى بىلەن تىللىۋېدى، پۈتكۈل دەرەخلىكتىن ياڭراق ئەكس سادا قايتتى. دەرەخلىكتىن چىققاندا ئالدىدا كەڭ دالا نامايان بولدى، پەقەت بۇغداي غولىلا قالغان ئېتىزنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى دۆڭدە نەرسە كېرەك قويىدىغان بىر نەچچە ئېغىز ئۆي ۋە ئۈستى پاخالدا يېپىلغان لەمپىسى بار، نامراتچىلىق يېغىپ تۇرغان قورۇقلا بار ئىدى. بۇلار ئاي شولىسىدا تولىمۇ غۇربەت، مىسكىن كۆرۈنەتتى، ئەتراپ جىمجىت ئىدى. سترېشنېف ۋاقىتنىڭ بەك كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى ـ دە، ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتتى.
       ئۇ ئېتى بىلەن ھويلىغا كىردى، لەمپە ئاستى قاپقاراڭغۇ ئىدى. سترېشنېف يۈگەننى تارتىپ ئاتتىن چۈشتى، ئات بېشىنى پۇتىغا قويۇپ تۈگۈلۈپ ياتاتتى. ئۇ مىدىرلاپمۇ قويماستىن، قاپىقىنى كۆتۈردى ـ دە، قاراپ قويۇپ قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندەك قىلىپ، قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندەك قىلىپ قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ قويدى. سترېشنېف ئايۋانغا كىرىدى. ئامباردىن گۈپۈلدەپ ھاجەتخانا پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. دالان قاراڭغۇ ئىدى. ئەينەكلىك دېرىزە كۈننىڭ سوغۇقلۇقىدىن توڭلاپ كەتكەنىدى. بۇ چاغدا قاپقاراڭغۇ دەھلىزدىن نېپىز ئاق رۇباشكا كىيگەن، نازۇك بىر چوكان يۈگۈرۈپ چىقتى. سترېشنېف ئۇنىڭغا تەزىم قىلدى. ئۇ ئىتتىك كېلىپ، يالىڭاچ بىلەكلىرى بىلەن ئۇنىڭ ئورۇق بوينىدىن قۇچاقلاپ، يىغلامسىرىغان پېتى بېشىنى ئۇنىڭ سوكنا پەلتوسىنىڭ ئىچىگە تىقتى. سترېشنېف ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ بېلىلارنىڭكىدەك سوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى، ئۇنىڭ مەيدىسىگە كرېست ئېسىۋالغانلىقىنى سەزدى. بۇ ئالتۇن كرېسىت ئىدى، بۇ ئۇنىڭغا مومىسىدىن قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى بىر بايلىقى ئىدى.
       ـ بۈگۈن ئاخشام كەتمەيدىغانسىز؟ ـ دەپ سورىدى ئۇ پەس ئاۋاز بىلەن ئىتتىكلا، ـ شۇنداقمۇ، مەن بۇنداق بەختكە ئېرىشكەنلىكىمگە ئىشىنەلمەيۋاتىمەن.
        ـ ۋىرا، مەن ئاتنى جايلاشتۇرۇپ قوياي، ـ دېدى سترېشنېف ئۇنىڭ قۇچىقىدىن ئاران ئاجراپ چىقىپ، ـ بۈگۈن كەتمەيمەن، كەتمەيمەن، ـ دېدى ۋە ئىچىدە«ئاھ تەڭرىم، ئۇنىڭ نەپىسى كۈندىن ـ كۈنگە يوغىناپ كېتىۋاتىدىغۇ! تاماكىنى شۇنچە كۆپ چېكىپ تۇرۇپ ـ ھە؟! ئۇ ماڭا بەك سۈركىلىپ كېتىۋاتىدۇ ـ دە!» ۋىرا ئۇپا ـ ئەڭلىك سۈركۈۋالغان بولغاچقا، يۈزى بەك نازۇك، يۇمران كۆرۈنەتتى. ئۇ ئېڭىكىنى ئاياپقىنە ئۇنىڭ لېۋىگە تەگكۈزدى. يۇمشاق لېۋىنى ئۇنىڭ لېۋىگە باستى. ئۇنىڭ ئوچۇق مەيدىسىدە كرېست يالتىراپ تۇراتتى. ئۇ ئۇچىسىغا تولىمۇ سىپتا مايكا كىيىۋالغانىدى. بۇنى ئۇ مۇشۇنداق پەيتلەردە كىيىشكە ئېلىپ قويغانىدى، بۇ ئۇنىڭ بىردىنبىر ياخشى مايكىسى ئىدى. «ھېلىمۇ ئېسىمدە، ـ سترېشنېف ۋىرانىڭ ياش قىز ۋاقتىدىكى قىياپىتىنى ئەسلىدى، «ئېسىمدە، بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بىر كۆرۈشۈش ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەستىن 15 يىللىق ھاياتىمنى بېرىشكە رازى بولغانىدىم!».
       تاڭ يورۇش ئالدىدا، كارىۋات يېنىدىكى پولدا شام يېنىپ تۇراتتى، ئېگىز بويلۇق سترېشنېف شارۋار ئىشتان، ياقىسى يانتۇ، ئىزمىسى ئېچىۋېتىلگەن كۆڭلەك كىيىۋالغانىدى. ئىككى ئالىقىنىنىبېشىنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ئۆيدىكى غۇۋا يورۇققا قاراپ ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ۋىرا ئۇنىڭ يېنىدا جەينىكىنى تىزىغا قويۇپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى قىپقىزىل بولۇپ قىزىرىپ يىغىدىن ئىششىپ كەتكەنىدى. ئۇ تاماكا چەككەچ، پۇتىنى ئالماپ، پولغا قاراپ جىم ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ كىچىككىنە پۇتىغا كىيىۋالغان چاققان، چىرايلىق كەشىگە ئۆزىنىڭمۇ ھەۋىسى كېلەتتى. لېكىن، ئۇ تاپتا يۈرىكى ئازابتىن ئۆرتەنمەكتە ئىدى.
        ـ سىزنى دەپ ھەممە نېمەمنى قۇربان قىلدىم، ـ دېدى ئۇ پەس ئاۋازدا، ئۇنىڭ كالپۇكى تىترەپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاۋازىغا شۇ قەدەر نازۇكلۇق، بالىلارچە ئازاب يوشۇرۇنغانىدى
        ـ سىز قانچىلىك نېمىڭىزنى قۇربان قىلدىڭىز؟ ـ دەپ سورىدى سترېشنېف كۆزىنى ئېچىپ سوغۇقلا.
       ـ ھەممىنى، ھەممىنى، ئالدى بىلەن ئىپپىتىمنى، ياشلىقىمنى...
        ـ شۇغىنىسى، ئىككىلىمىز ئۇنچىۋالا ياش ئەمەسقۇ؟ قېرىپ يېشىمىز بىر يەرگە باردىغۇ...
        ـ قارىڭە قوپاللىقىڭىزنى، ئىچىڭىز ئاغرايمۇ دېمەيدۇ، ـ دېدى ئۇ ئەركىلىگەندەك قىلىپ ئاغرىنىپ.
       ـ دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق دەيدۇ، پەقەت شۇ تىلىلا ئوخشىمايدۇ، خالاس. دەسلەپتە ئۇ ھەيران بولغان ھەم خۇشال بولغاندەك قىلىپ: «سىز نېمىدىگەن ئالىيجاناپ، ئادەمنىڭ ھالىغا يېتىدىكەنسىز» دەپ ماختايدۇ. ئاندىن «سىز نېمىدېگەن قوپال، ئادەمگە ئىچىڭىز ئاغرىمايدىكەن» دېيىشىدۇ.
        ـ ياراملىق ئايال بولالمىغىنىم بىلەن.... مۇزىكىنى ياخشى كۆرىمەن، بۇ جەھەتتە ئازدۇر ـ كۆپتۇر نەتىجەم بار، ـ دېدى ۋىرا ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندەك قىلىپ، پەس ئاۋازدا يىغلاپ تۇرۇپ.
       ـ ھىم، سىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىڭىز مۇزىكا ئەمەس، پەقەت پادالىسكىنىڭ سىزگە...
        ـ گېپىم بار دەپ دەۋەرمەڭە، ئاندوروشا... ھازىر مەن ئاقسۆڭەك قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بىر بىچارە رويال ئوقۇتقۇچىسىلا بولدۇم . ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ مەكتەپ قايەردە دېمەمسىز، مەن ئەزەلدىن ئۆچ كۆرىدىغان، قارغىش تەگكەن شەھەردە! مەن راستىنلا ماڭا تىنچ، خاتىرجەملىك ئائىلە ئاتا قىلىدىغان ئادەم تاپالماسمەنمۇ؟ مېنى سۆيىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم تاپالماسمەنمۇ؟ لېكىن، مەن ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت...نى ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن. سترېسنېف بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى ۋە ئاستا دانىمۇ دانە قىلىپ مۇنداق دېدى:
       ـ ۋىرا، ئىككىلىمىز ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئەۋلادى، مۇھەببەتنى ئويۇن قاتارىدا كۆرمەيمىز. بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇھەببەت دېگەن يۈكسەك خۇشاللىق، ئەمەلىيەتتە ، پۈتۈن ئۆمۈرنى بىكار ئۆتكۈزۈۋاتقان ئادەم سىز ئەمەس، مەن. بۇنىڭدىن 15 ـ 16 يىللار بۇرۇن، مەن ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلەتتىم، ھەتتابوسۇغۇڭىزنىڭ سىرتىدا تۈنىسەممۇ رازى ئىدىم. ئۇ چاغدا مەن كۆزۈم ئېچىلمىغان، ئىش كۆرمىگەن، قىزغىن، مۇلايىم بىر گۆدەك ئىدى،
       ... تاماكا ئۆچتى. ئۇ تاماكا قالدۇرقىنى تاشلىۋەتتى، قولىنى ئىككى يېنىغا قويۇپ تورۇسقا قاراپ ئوڭدا ياتتى.
        ـ ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇھەببىتى، ئۇلارنىڭ سوقىچاق رامكىغا ئېلىنغان سۈرەتلىرى، ئاستىغا ئالتۇن رەڭلىك قەغەز ئېلىنغان، چۆرىسىگە زەڭگەر جىيەك تۇتۇلغان .... مۇقەددەس مۇرىتلاردىن گۇرىئان، سىمون، ئورىغلارنىڭ مۇقەددەس سۈرەتلىرى، ئۇلار بىزنىڭ بۇ قەدىمىي ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھىماتى، بۇلارغا سىز بىلەن مېنىڭدىن بۆلەك كىم ۋارىسلىق قىلاتتى؟ ئەينى چاغدا مەن بىر كۇبلېت شېئىر يازغانىدىم: سۆيىمەن سېنى، سۈرىمەن خىيال، بوۋىلىرىم مۇھەببەتلەشكەن ئۇ جايدا. باراتتىم ھەر كۈنى كەچ شۇ چۆكل باغقا، يۇلتۇزلارمۇ مارايتتى شۇ چاغدا.
        ـ ئۆز ۋاقتىدا نېمىدەپ كېتىپ قالدىڭىز؟ يەنە كېلىپ كەينىدىن سوكۇلداپ كەتكەن ئادىمىڭىز قانداقتى؟ ئۇ ئادەم سىزگە لايىقمىدى؟
       ـ دېدى ئۇ ۋىراغا قاراپ قوپاللىق بىلەن. ئۇ ئۆزىنى رۇسلاپ، ئۇنىڭ پاخپىيىپ كەتكەن قاپقارا چېچىغا غەزەپلىك تىكىلدى:
       ـ مەن سىزنى سېغىنغان چېغىمدا، ھامان خۇشاللىق ۋە ھۆرمەت ئىلكىدە سىزنى ئۆز خوتۇنۇمدەك كۆرەتتىم. تەقدىر قاچان ئىككىمىزنى باغلىغان؟ سىز مەن ئۈچۈن قانداق ئادەم؟ سىزنى خوتۇنۇم دەپ ھېسابلىغىلى بالاتتىمۇ؟ ئەينى چاغلاردا، مېنىڭمۇ ياشلىقىم، خۇشاللىقىم، ساپ بالىلىقىم، ئاناردەك مەڭزىم، يانتۇ ياقىلىق شولكىۋاي كۆڭلىكىم بولغان... كۈندە سىزنىڭكىگە كېلەتتىم، سىزنىڭمۇ شولكىۋاي كۆڭلىكىڭىزنى، تومۇزغىنىڭ قانىتىدەك يەڭگىل، ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىقىڭىزنى كۆرگەنمەن، يالىڭاچ بىلەكلىرىڭىزنىڭ پىژغىرىم ئاپتاپتا كۆيگەنلىكىنى، ئاتا ـ بوۋىلىرىمىزنىڭ قېنى سەۋەبىدىن قارىداپ كەتكەنلىكىڭىزنى كۆرگەنمەن. تاتارلارنىڭ كۆزىدەك چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىڭىزنى كۆرگەنمەن. لېكىن، بۇ كۆز ماڭا قاراپمۇ قويمىغان! قاپقارا كۆمۈرگە ئوخشاش چېچىڭىزغا سانجىلغان سېرىق ئەتىر گۈلنى كۆرگەنمەن. ئەخمەقلەردەك، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان، تولىمۇ ئوماق تەبەسسۇمىڭىزنى كۆرگەنمەن، ھەتتا باغدىكى چىغىر يولدا مېنى تاشلاپ كېتىپ قالغانلىقىڭىزنىمۇ، كۆڭلىڭىزدە باشقا بىرى بولسىمۇ، گاھ ـ گاھ ۋەللەي قوغلاۋاتدەك قىياپەتكە كىرىۋالغانلىقىڭىزنىمۇ كۆرگەنمەن. يەنە ئاپىڭىزنىڭ بالكوندىن ئېڭىشىپ تۇرۇپ، ئادەمنى ھاقارەتلەيدىغان گەپلەرنى قىلغانلىقىنى، بۇ گەپلەرنى ماڭا قارىتىپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانمەن...
       ـ بۇلارنى مېنىڭدىن كۆرمەي، ئۇنىڭدىن كۆرۈڭ، ـ دېدى ۋىرا كۈچەپ گەپ قىلىپ.
        ـ ياق! بىرىنچى قېتىم موسكۋاغا قايتقان ۋاقتىڭىزدىكى ئەھۋاللار يادىڭىزدىمۇ؟ سىز نەرسە ـ كېرەكلىرىڭىزنى يىغىشتۇرغاچ، كۆڭلىڭىز جايىدا بولمىغان ھالدا ئاللىقانداق بىر ناخشىغا غىڭشىپ، ماڭا قاراپمۇ قويمىغان ئىدىڭىز. مەن بولسام سىزگە تەلمۈرۈپ بەخكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ يۈرگەنىدىم. مەن ئاتلىق سىزنى ئۇزىتىپ قويغان. ئۇ كۈنى كەچتە ھاۋا ئوچۇق، غۇر ـ غۇر سوغۇق شامال چىقىپ تۇرغانىدى. دەرەخلەرنىڭ سايىسى سەپەق نۇرىدا جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئېڭىزلىك ۋە مەپىنىڭ قايرىۋېتىلگەن پەردىسى قىزىل ئەتىرگۈل رەڭگىگە كىرىپ قالغانىدى...ھەي! ـ سترېشنېف نەپرەتلەنگەن ھالدا كۆزىگە ياش ئالدى، ئۇ يېڭىۋاشتىن ياستۇققا بېشىنى قويدى، ـ قولىڭىزدىن تىزمىگۈلنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى. بۇ پۇراقمۇ مېنىڭ قولۇمدا قىلىپ، يۈرگەن، ئېگەر، ئات تىرىنىڭ پۇرىقى ئارىلىشىپ كەتكەنىدى. لېكىن، يەنىلا بۇ پۇراقنى ھېس قىلماقتىمەن. جاھاننى قاپلىغان قاراڭغۇلۇقتا مەن چوڭ يولنى بويلاپ قايتتىم. كۆزۈمدىن ئېتىلىپ چىققان ياش... ئەگەر بىراۋ ھەممىنى قۇربان بەردى، پۈتكۈل ھاياتىنى قۇربان قىلدى دېسە، ئۇ كىشى دەل مەن بولىمەن، كونا ھاراقكەس مەن بولىمەن. سترېشنېف يېشىنىڭ يۈزى ۋە بۇرۇتلىرىدىن سىرغىپ لېۋىگە چۈشكەنلىكىنى سەزدى. لېۋى ياشنىڭ ئىلمان، توزلۇق تەمىنى تېتىدى. ئۇ ئۆرۈلۈپ كارىۋاتتىن چۈشتى، ئۆيدىن چىقتى. ئاي پاتتى، ئاپئاق، شالاڭ تۇمان دالىنىڭ تاغ باغرىغا يىغىلىپ، ئەتراپ جىمجىت، قاپقارا بولۇپ قالدى. تۇماننىڭ نېرىسىدىكى يىراق ـ يىراق يەرلەردە قىزغۇچ شەپەق كۆرۈندى. يىراق بىر يەردە سوغۇق چىقىپ تۇرغان قاپقاراڭغۇ ئورماندا، ئورمان باقارنىڭ ھويلىسىدىكى كۈركە قىچقاردى. سترېشنېف پايپاقچانلا لەمپىنىڭ پەلەمپىيىدە ئولتۇردى. ئۇ سوغۇق، نەمخۇش ھاۋانىڭ نېپىز كۆڭلىكىدىن ئۆتۈپ پۈتۈن بەدىنىگە يامرىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
       ـ كېيىن بېرىپ ئەلۋەتتە رول ئالغۇچى ئۆزگەردى، ـ دېدى ئۇ زېرىككەن روھىي ھالەتتە پەس ئاۋازدا، ـ بىراق، ئەمدى بەرىبىر ئوخشاش. ھەممە تۈگىدى... ئەتىگەندە ئۇ ئىككىيلەن سوغۇق كارىدوردا ئولتۇرۇپ چاي ئىچىشتى. چوڭ ساندۇق ئۈستىگە ساماۋەر قويۇلغانىدى. ئۇزاقتىن بۇيان سۈرتۈلمىگەن بۇ ساماۋەر داتلىشىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئىشلىتىلمىگىنىگىمۇ ئۇزاق بولغان ئىدى. ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، دېرىزە توڭلاپ كەتكەنىدى. سۇ مۇنچاقلىرى ئەينەكنى بويلاپ ئاستا ساقىپ تۇراتتى. دېرىزىدىن ئەتىگەندىكى سوغۇق كۈن نۇرى. بىر نەچچە تال يوپۇرمىقى قالغان دوڭغاق سۆگەت كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئەمدىلا ئويغانغان قىزغۇچ چاچلىق بىر قىز قاپاقلىرىنىڭ ئىششىقى يانمىغان ھالدا يالىڭاچ پېتى يۈگۈرۈپ كېلىپ:
        ـ مېترى بىرىچكىنى ھەيدەپ كەلدى، ـ دېدى. ـ تۇرۇپ تۇرسۇن، ـ دېدى سترېشنېف قاراپمۇ قويماي. ۋىرامۇ قارىمىدى. ئۇ بىر كېچىدىلا جۈدەپ، كۆزىنىڭ چۆرىسى قارىداپ قالغانىدى. ئۇ قارا كۆڭلەك كىيىۋالغاچقا، ئادەتتىكىدىن ياش ۋە چىرايلىق بولۇپ قالغانىدى. چېچى قارا بولغاچقا، ئەڭلىك ئېتىلگەن يۈزى قىزغۇچ كۆرۈنەتتى. سترېشنېفنىڭ ئورۇق، سوغۇق چىرايى تولىمۇ سۆرۈن ئىدى. ئۇ ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئۇنىڭ يىرىك، بۈدۈر ساقىلىنىڭ ئارىسىدىن يوغان بۇغدىيىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھويلىدا ئەمدىلا چۈشكەن قۇياش نۇرى كۆزنى قاماشتۇراتتى. پەلەمپەينى ئاقۇش قىرو باغلاپ كەتكەنىدى. ئوتلار ۋە ھويلىنىڭ يۇيەر، بۇ يەرلىرىدە چېچىلىپ ياتقان قۇلۇلە قېپىدەك كۆكۈچ، كۈل رەڭ يېسىۋېلەك يوپۇرماقلىرىدىكى قىرو تۇز چاچقاندەك يالتىراپ تۇراتتى. پەلەمپەي ئالدىدا توختىتىپ قويۇلغان بىرىچكىغا مەڭگەن سېلىنغان بولۇپ، بۇ مەڭگەنلەرنىمۇ قىرو باغلاپ كەتكەنىدى. چېقىر كۆزلۈك ھارۋىكەش بىرىچكىنى ئايلىنىپ تۇراتتى، ئاغزىدىكى مۇشتەكتىن چىققان ئىس مۈرىسىدىن ھالقىپ ئارقىسىغا تارقىماقتا ئىدى. ۋىرا پەلەمپەيگە كەلدى، ئۇ ئۇچىسىغا قىممەت باھالىق، يېنىك، لېكىن كونىراپ قالغان جۇۋا، بېشىغا يازلىق چىغ شىلەپە كىيىۋالغانىدى، شىلەپىسىگە تاقىۋالغان قىزغۇچ تاۋار گۈل كونىراپ قېتىپ كەتكەنىدى. سترېشنېف مەھەللىدىن سوزۇلغان نەم يولنى بويلاپ چوڭ يولغا چىقتى. ئۇ ئېتىغا مىنىپ بىرىچكىنىڭ ئارقىسىدىن كېلىۋاتاتتى، ئات بىرىچكىدىكى مەڭگەننى يېمەكچى بولۇپ بوينىنى سوزدى. سترېشنېف قامچا بىلەن ئاتنىڭ بېشىغا ئۇرۇۋېدى، ئات بېشىنى كۆتۈرۈپ پۇشقۇرۇپ قويدى. سترېشنېف ئۈن ـ تىن چىقارماي، ئاتنى ئىتتىكمۇ ئەمەس، ئاستىمۇ ئەمەس، بىر خىلدا ماڭدۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. قورۇقتىكى قېرى ئىت سترېشنېفنىڭ ئارقىسىدىن ئەزمىلىك بىلەن يورغىلاپ كەلمەكتە. نەيزە بويى ئۆرلىگەن قۇياشنىڭ تەپتى ئادەمگە ئىسسىق تېگەتتى. ھاۋا ئوچۇق، سۈزۈك ئىدى. چوڭ يولغا كېلەي دېگەندە، ھېلىقى ھارۋىكەش بىردىنلا:
        ـ خانىم، بۇ يىل يازدا مەن يەنىلا ھېلىقى ئوغلۇمنى خانىلىرىدا مەدىكارچىلىق قىلىشقا ئەكېلىپ بېرەي دەيمەن، يەنە ئۇنى ئۆزلىرىگە پادىچى قىلىپ بەرگۈم بار، ـ دېدى ۋىرا سترېشنېفقا قاراپ قويۇپ، خىجالەت بولغاندەك كۈلۈمسىرەپ قويدى. سترېشنېف شىلەپىسىنى ئېلىپ، ئېگەردىن ئېڭىشىپ ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئۇزاق سۆيدى، ئۇمۇ ئۇنىڭ ئاقارغان چېكە چاچلىرىغا قاتتىق سۆيۈپ:
       ـ قەدىرلىكىم، سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن، سىزگە يۈز كېلەلمىگەن يەرلىرىم بولسا كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، مېنى كەچۈرۈۋېتىڭ، ـ دېدى پىچىرلاپ. ھارۋىكەش بىرىچكىنى غىچىرلىتىپ، تېز ھەيدەپ چوڭ يول بىلەن ئىلگىرىلىدى. سترېشنېف ئېتىنىڭ بېشىنى بۇراپ، يولدىن چىقىپ ئېڭىز بىلەن مېڭىپ ئۆيىگە قايتتى. ئىت ئىېلى يىراقتا قېلىپ سوكۇلداپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇنى سارغۇچ دالىدا ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى. سترېشنېف ئاتنىڭ تېزگىنىنى تارتىپ، قامچىسىنى شىلتىپ ئىتقا ھەيۋە قىلىۋېدى ئىتمۇ توختىدى، زوڭزايدى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى گويا ئۇنىڭدىن: «مېنى نەگە بار دەيلا» دەپ سورىغاندەك ئىدى. سترېشنېف مېڭىۋېدى، ئىتمۇ سالماق قەدەم بىلەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن سوكۇلداپ مېڭىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا سترېشنېفنىڭ خىيال كەپتىرى يىراق ۋوگزالغا قاراپ پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى. يالتىراپ تۇرغان رېلىس ۋە ۋوگزالدىن چىقىپ جەنۇبقا قاراپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان پويڭزنىڭ مورىسىدىن چىققان ئىسلار كۆز ئالدىغا كەلدى. ئۇ ئېتىنى مىنگەن پېتى فېرمىغا كەلدى. فېرمىنىڭ بىر تالاي يېرى پۈتۈنلەي بىر تۇتام ئوتمۇ ئۆسمىگەن، ھاۋاسى تىنجىق شېغىللىق ئىدى. كۈز كۈنلىرىدە كېچە ـ كۈندۈز ھاۋا ئوچۇق بولاتتى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر ئۈنسىز يېيىلىپ تۇراتتى. قاقاس دالا، جىلغا ۋە بىپايان رۇس يايلىقىدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرەتتى. قامغاق ۋە قۇرۇپ كەتكەن قېرىقىزنىڭ بەرگى ئۇياق ـ بۇياققا ئۇچۇپ يۈرەتتى. سېرىق قۇشقاچلار قېرىقىزنىڭ شېخىغا قونۇۋالغانىدى. ئۇلار كۈن بويى قېرىقىزنىڭ شېخىغا ئەنە شۇنداق قونۇۋالاتتى. ئاندا ـ ساندا باشقا جايغا ئۇچۇپ بېرىۋالاتتى، ھېچنەرسىگە پىسەنت قىلمايدىغان، گۈزەل بەختلىك تۇرمۇشنى بىللە ئېلىپ كېتەتتى.

     1912 ـ يىل 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى ئىتالىيە، كاپرى

     تەھرىرلىگۈچى: قەيسەر قەييۇم

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.