ئۆپكە كېسىلى بولۇشى كېرەك ئىكەن-دە...(ئەزىز نەسىن)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-23 17:04:53

مەن ئۆيلەندىم... ئۆيلەنگەندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكتۇ؟... نېمە قىلىشنى بىلمەي تۇرۇپ نېمىشقا ئۆيلەندىڭ؟ بۇنى بىلمەيدىغان ئىش بولامدۇ؟ ئاجايىپ بىلىمەن-دە،... ئادەم ئۆيلەنگەندىن كېيىن قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى قىشلىق كۆمۈرنى ھازىرلاش بولىدۇ. تونۇش بىلىشلە

    ئۆپكە كېسىلى بولۇشى كېرەك ئىكەن-دە...

    ئەزىز نەسىن

    (تۇرسىناي ساقىم تەرجىمىسى)

    \

    مەن ئۆيلەندىم... ئۆيلەنگەندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكتۇ؟... نېمە قىلىشنى بىلمەي تۇرۇپ نېمىشقا ئۆيلەندىڭ؟ بۇنى بىلمەيدىغان ئىش بولامدۇ؟ ئاجايىپ بىلىمەن-دە،... ئادەم ئۆيلەنگەندىن كېيىن قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى قىشلىق كۆمۈرنى ھازىرلاش بولىدۇ. تونۇش بىلىشلەردىن كۆمۈر ئېلىشنىڭ يولىنى سورىدىم.

    -ۋاييەي... ئالالمايسىلەر،-دېيىشتى ئۇلار.

    -نېمە ئۈچۈن؟

    -ئالالمايدىغانلىقىڭلار ئۈچۈندە....

    -ئېلىشقا ھەققىمىز يوقمۇ، خۇدايا توۋا....

    ئەگەر كىمكى ماڭا «كۆمۈر ئالالمايسىلەر» دەيدىغان بولسىلا، ئۇنىڭغا ھەققىمنىڭ ۋە ھوقۇقىمنىڭ بارلىقى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغان بولدۇم.

    مەھەللە باشلىقىنىڭ قېشىغا باردىم. ئۇ قېرىنىڭ يۆتىلىنىڭ توختىشىنى ئون مىنۇتچە كۈتۈپ تۇرغاندىن كېيىن:

    -قايسى پارتىيىنى ياقلايسىز؟-دەپ سورىدىم.

    -دېموكراتلارنى،-دېدى ئۇ.

    -ھە.... مەنمۇ شۇ پارتىيىنى قوللايمەن، مەن پالان كوچىدىكى پالان نومۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرىمەن، كۆمۈر ئالماقچى ئىدىم، بىز بىر پارتىيىدىن بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، ماڭا ئېتىۋار بېرىپ قويارسىز.

    -ھازىرغىچە قانداق كۆمۈر ئېلىپ كەلگەن ئىدىڭىز؟

    -زادىلا ئېلىپ باقمىغان، تۇنجى ئالماقچىمەن.

    -بۇ يەرگە نېمە ئۈچۈن كەلدىڭىز؟

    -ئەپەندىم، مەن بىر بەخىتلىك ئائىلە قۇرغان ئىدىم. ئۇنىڭدىن بۇرۇن نەدە قونسام، شۇ يەردە قوپۇپ يۈردۈم. ئەمدى بەخىتلىك ئائىلەمنىڭ قىشىنى ئىسسىق ئۆيدە ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن كۆمۈر ئالماقچىمەن.

    -ئۆزىڭىز ۋە ئايالىڭىزنىڭ كەلگەن يېرىدىن تونۇشتۇرۇش خېتى ئېلىپ كېلىڭ!

    تېز تېلگېراممېلار، تېلېفونلار، زاكاز خەتلەر ئارقىلىق تونۇشتۇرۇش خېتىمۇ بىر يېرىم ئايدا كەلدى. بۇ قېتىم مەھەللە باشلىقى:

    -ئەمدى كۆمۈر تارقىتىش ئىدارىسىغا خەت يېزىشىڭىز كېرەك!-دېدى.

    ئىلتىماسنىمۇ يازدىم. ئاھالىلەر كومىتېتى تەرەپتىن توشقۇزۇلىدىغان بىر ئانكىتنى بەردى. ئەمدى مېنى «كۆمۈر ئالالمايسەن!» دەپ باقسۇنچۇ قېنى؟... مانا ئانكىتنىمۇ ئالدىم. مەھەللە باشلىقى قول قويۇپ بەردى. كۆمۈر تارقىتىش ئىدارىسىگە ئېلىپ باردىم. ئۇلارمۇ ئىمزا قويۇپ بەردى... ئىش پۈتتى دېگەن سۆز... كۆمۈرنى ئالامدىم، ئالالمامدىم، ئەمدى ئۇلار كۆرۈپ باقسۇن! ئەپەندىم، بىزنىڭ خەلقىمىز يانچۇقىدا پۇلى بولسىلا، ھەرقانداق نەرسىنى ئالالايدۇ. «ماڭا بىر توننا كۆمۈر بېرىڭ» دەيدۇ-دە، كۆمۈرنى ئېلىپ كېتىدۇ.

    -توۋا! شۇنداق ئىشلارمۇ بولارمۇ؟ بۇ يەر باققال دۇكىنىمىدى؟ باققال دۇكىنىغا بارغان ھالەتتىمۇ ئۆچرەتتە تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

    بۇ يەردە شۇنچە كۆپ كادىرلار بار. ئۇلار نېمە ئىش قىلىدىغاندۇر؟ ئۇ يەردىمۇ يەنە بىر مۇنچە ئىمزا قويۇش.... ئىمزالار قويۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرقى ئۈستەلدە ئولتۇرغان كادىرنىڭ ئالدىغا باردىم، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:

    -كۆمۈر ئالماقچىمۇسىز؟-دېدى.

    -شۇنداق.... كۆمۈر ئالماقچىمەن.

    كادىرنىڭ يۈزىدىكى كۈلۈمسىرەش كۈچىيىشكە باشلىدى.

    -دېمەك كۆمۈر ئالىدىكەنسىز-دە؟

    مەن خۇشخۇي ئادەملەرنى ياخشى كۆرەتتىم. شۇڭا مەنمۇ بۇ خۇشخۇي، يېقىملىق كادىردەك كۈلۈمسىرەشكە تىرىشىپ:

    -ھەئە.... كۆمۈر.... كۆمۈر... ئالماقچىمەن،-دېدىم.

    سىلەر دىققەت قىلدىڭلارمىكىن، بىلمەيمەن، بىزنىڭ كادىرلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ چىرايى ئېچىلمايدۇ. خەلقنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان بۇ ئادەملەرنىڭ خەلققە تەرىنى تۈرۈۋېلىشىنىڭ سەۋەبىنى زادىلا چۈشىنەلمەيمەن. بۇ كادىر رەسمىي كۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى:

    -كۆمۈر ئالىمەن دېدىڭىزما؟

    مەنمۇ ئۇنىڭدەك كۈلۈپ تۇرۇپ:

    -ھەئە، كۆمۈر... كۆمۈر ئالىمەن،-دېدىم.

    ئۇ تېخىمۇ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ قاقاھلاپ كۈكۈۋاتقان يەردە، مەن قاراپ تۇرامدىمەن، مەنمۇ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىم. ئالدىڭىزدىكى ئادەم كۈلۈۋاتقان يەردە، سىز تەرىڭىزنى تۈرەلمەيسىز-دە.... ئۇ كۈلگەچكە مەنمۇ كۈلدۈم. خۇدايىم ھەممىمىزنى كۈلۈشكە نىسىب قىلسۇن.

    -ھا ھا ھا... كۆمۈر دەڭ ھا ھا ھا !

    ئادەم قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتكەندە ئوڭايلىقچە ئۆزىنى باسالمايدۇ. مەن ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىقراق كۈلۈپ كەتتىم.

    -كۆمۈر.... ھا ھا ھا.... ھا ھا!

    بىز قورساقلىرىمىزنى تۇتۇپ كۈلۈۋاتىمىز، كۆزلىرىمىزدىن ياشلار چىقىپ كېتىۋاتىدۇ، تاس قالدۇق ھۇشىمىزدىن كەتكىلى.

    -كۆمۈرمۇ؟ ھا ھا... ھا ھا

    -ھەئە، كۆمۈر.... ھا ھا ....

    -يوقتى....

    -نېمە؟.... يوقما؟ نېمىشقا كۈلىسىز؟

    -يوق بولغىنى ئۈچۈن كۈلۈۋاتىمەن. ھا ھا ....!

    ئەمدى مېنىڭ كۈلمەسلىگىم، ھەتتا يىغلىشىم كېرەك ئىدى. ئەمما ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالايتتىممۇ، بولۇشىچە كۈلدۈم. بۇ نېرۋىنىڭ كۈلكىسى ئىدى. خۇدايىم رەھىم قىلسۇن. مېنى بىر ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. بىر ئىستاكان سۇ قۇيۇپ بەردى. چېكىلىرىمنى ئۇۋۇلاپ ئەتىر پۇراتتى، مەن سەل ئۆزۈمگە كەلگەندىن كېيىن سورىدىم:

    -خوپ، ئەمدى مەن كۆمۈر ئالالمايمەنمۇ؟

    -بۇرۇندىن كۆمۈر ئېلىپ كېلىۋاتقانلارغىمۇ بېرىش تەس كېلىۋاتىدۇ. سىز تېخى يېڭى، سىزلەرگە كۆمۈر يوق.

    -ئۇنداقتا بۇ زىمىستان قىشتا بىزنىڭ بەخىتلىك ئائىلىمىز نېمە بولىدۇ؟

    -بىر شەرت بىلەن ئالالايسىز.

    -نېمە شەرت؟

    -ئۆيىڭىزدە رېماتىزىم ئاغرىقى بارلار بولسا، بىر ئىسپىراپكا ئېلىپ كەلسىڭىز، چارەك توننا بېرىمىز.

    ئۆيگە يۈگۈرۈپ كېلىپ:

    -ئاراڭلاردا رېماتىزىم ئاغرىقى بارلار بارمۇ؟-دېدىم. قېينىئانام:

    -ۋاي خۇدايىمەي، بۇ كېسەلنىڭ دورىسى تېپىلىپتىمۇ؟ ئون يىلدىن بېرى شۇ رېماتىزىمنىڭ دەردىنى تارتىپ كېلىۋاتىمەن، قانچىلىك ئازابلانمىدىم، بىر خۇدايىم بىلىدۇ، بىر ئۆزۈم،- دېدى.

    «قېينى ئانا» دەپ ئېتىۋارسىز قارىماڭ، بەزىدە قېينى ئانىنىڭ رېماتىزىم كېسىلى مۇشۇنداق ئىشلارغا ياراپ قالىدۇ، ئىسپىراپكىنى ئالدۇق.

    يا خۇدايىم، شۇ كۆمۈرنى بىر ئالسام، ماڭا «كۆمۈر ئالالمايسەن!» دېگۈچىلەرگە نېمىنى دېيىشىمنى ئۆزۈم بىلىمەن-دە، ۋاي ئۈمىدسىزلەر! ئاغرىقلار تۇرغان يەردە، ساقلارغا كۆمۈر بېرەتتىمۇ؟ سەنمۇ رېماتىزىم بولغىن، ئاندىن كۆمۈر ئالالايسەن!

    ئىسپىراپكىنى ئېلىپ باردىم.

    -بۇ ئىسپىراپكا ئۆتمەيدۇ.-دېدى ئۇلار.

    ئۇلار بەلكىم بۇ ئىسپىراپكىنى ساختا دەپ بىلگەن بولسا كېرەك. ئۇلارمۇ ھەقلىق، چۈنكى ھازىر شۇنچە كۆپ ساختا ئىنژېنىر، ساختا باشلىق، ساختا ئادوۋكات، ساختا دوختۇرلار پەيدا بولۇپ كەتتى، بۇ ئىسپىراپكىنى يازغان دوختۇرنىڭ ساختا ئەمەسلىگىنى ئولار نەدىن بىلسۇن! ئولارغا تاشقى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ ئىسپىراپكىسى كېرەككەن، بۆلۈمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ساختا بولۇپ كەتمىگەندۇ... بۇ ئىسپىراپكىنى ئېلىش كۆمۈر ئېلىشتىنمۇ تەس چۈشتى. بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىقتىن كېيىن، ئىسپىراپكىنى بىر ئايدا ئاران ئالدىم. ئىسپىراپكىنى قولۇمغا ئېلىپ ئەركىن نەپەس ئالدىم. كۆمۈر بېرىلمەيدۇ، دەپ توغرا ئېيتىشىدۇ، قولۇڭدا ئىسپىراپكاڭ بولمىسا قانداق قىلىپ كۆمۈر بەرسۇن؟

    ئىسپىراپكىنى كۆرسەتتىم.

    -ئەپسۇسكى....

    -نېمە؟ مانا بۇ ئىسپىراپكىغۇ؟

    -بۇ رېماتىزىم كېسىلى ئۈچۈن بېرىلگەن ئىسپىراپكا ئىكەن.

    -سىز مۇشۇنداق ئىسپىراپكىنى تەلەپ قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن بۇنى ئېلىپ كەلدىم. راكنىڭ ئىسپىراپكىسىنى تەلەپ قىلغان بولسىڭىز، گەپ يوق، ئۇنىمۇ ئېلىپ كەلگەن بولاتتىم.

    -بۇرۇن رېماتىزىملار ئۈچۈن كۆمۈر بېرەتتۇق، ھازىر رېماتىزىملار ئۈچۈنمۇ كۆمۈر يېتىشمەي قالدى. شۇڭا ئولارغىمۇ بەرمەيدىغان بولدۇق.

    -ۋاي خۇدايىم!... مېنىڭ بەختىيار ئائىلەم نېمە بىلەن ئىسسىيدۇ؟

    -ئۆيىڭىزدە ئۆپكە كېسىلى بولغانلار بارمۇ؟ ئۆپكە كېسىلى. ھازىر پەقەت كېسەللەرگىلا كۆمۈر بېرىمىز.

    -يوق.

    -ئۇنداق بولسا، ئامال يوق. كۆمۈر ئېلىش ئۈچۈن ئۆپكە كېسىلى بولغانلار بولۇشى كېرەك.

    ئۈمىدسىز ياشىغۇچى كىشىلەرگە بەكلا خاپا بولدۇم. كۆمۈر بەرمەيدۇ، دېيىشىدۇ تېخى. قاراڭلار، ئۆپكە كېسەللىرىگە بېرىدىكەنغۇ! كۆرۈپ قالارسىلەر، خۇدايىم بۇيرىسا بۇ قىشنى تىرىكلا چىقىرىۋالساق، كېلەر يىلى ھەممىمىزگە كۆمۈر بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ چاغدا سوغۇقتا ئۆپكە كېسىلى بولمىغان بىرمۇ ئادىمىمىز قالمايدۇ-دە.

    «بەرىبىر بېرىدىكەنسىلەر، ئونداقتا ئۆپكە كېسىلى قىلماي تۇرۇپ بەرسەڭلار بولمامدۇ؟» دېسە، «بولمايدۇ!....» دەيدۇ ئۇلار. ئۆپكە كېسىلى بولغاندىن كېيىن بولسا «كۆمۈر ئېلىش ئۈچۈن ئۆلۈش لازىم؛ بىز پەقەت ئۆلۈكلەرنى يۇيىدىغان سۇنى ئىسسىتىش ئۈچۈن بېرىمىز» دېيىشى مۇمكىن.

    تېخى «كۆمۈر بەرمەيدۇ؟» دېيىشەرمىش. بۇ تولۇق رەسمىيەت ...... بىزدە شۇنداق قائىدىلەر بېكىتىلىپ تۇرىدۇ. سەن ئۆلمىسەڭ ئۇلار ساڭا قانداق قىلىپ كۆمۈر بېرەلەيدۇ؟ خەپ، شۇ كۆمۈرنى ئالاي، ئاندىن كۆمۈر ئالالمايسەن، دېگەنلەرنىڭ كۆزىگە ئاپىرىپ تىقاي.

    (گۈليارە تۇرسۇن)

    \

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۆپكە كېسىلى