مېھرىبان ئانىلارغا....

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-10 03:51:00

ھەر قېتىم "مېھرىبان ئانىلار" ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغىنىمدا ، ئاجايىپ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىدا يانىمەن.ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئۇلار تولىمۇ ئاددى ئەمما ئۇلۇغ ئىنسانلار! ئۇ...

       ھەر قېتىم "مېھرىبان ئانىلار" ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغىنىمدا ، ئاجايىپ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىدا يانىمەن.ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.
       ئۇلار تولىمۇ ئاددى ئەمما ئۇلۇغ ئىنسانلار!
       ئۇلار سانسىزلىغان ئانىلاردەك ئوز پەرزەنتلىرىنى بېقىپ ئۇلارنى خەلقىمىز ئۇچۇن ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈردى، دەرس مۇنبىرىدە تۇرۇپ سانسىزلىغان نوتىلارنى تەربىيىلىدى، ئۇلارنىڭ ياشلىقى ئەشۇ يىللاردا تۈگىمەس ھەرىكەتلەر داۋالغۇشلار ئىچىدە سەكپارە بولۇپ ئۆتتى...ئەمما ئۇلار ئوز بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئەشۇ يىللاردا ئەرلىرىنىڭ دىلكىشى بولدى، ياش نوتىلار ئالدىدىكى بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، پەرزەنتلىرىنى گۇزەل ئەھلاق، ئۇلۇغ غايىلەر بىلەن تەربىيىلىدى.
       مانا يېشى 60 تىن ھالقىغاندا ئۇلار دەم ئالسا ، پۇت-قولىنى سۇنۇپ پەرزەنتلىرىنىڭ كۈتۈشىگە ئېرىشكەن بولسا بولاتتى!
       ئەمما ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى بۇ يولنى تاللىمىدى.ياشلىقىدا لاۋۇلداپ يانغان بۇ ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىللىق باغرىنى ئەندى مىللەت پەرزەنتلىرى ئۇچۇن ئاچماقتا، ئوقۇشسىز قالغان ئەشۇ بالىلارغا مېھرى شەپقەت يەتكۈزمەكتە ئىدى.
       بەلكىم سورىشىڭىز مۇمكىن"ئۇلار ئارام ئالسا بولماسمىدى؟ئۇلار بۇنداق چېپىپ يۈرۈپ چارچىمىدىمۇ؟"  "ياق،  ئۇلار ئارام ئېلىشنى ئويلىمىدى ئەمەس،  ئۇلار ئويلايدۇ.ئۇلار چارچىدى، كېسەلچان بولدى، ئۇلار دەم ئېلىشقا ، باشقا ئانىلاردەك كۈتۈنۈشكە ئەلۋەتتە مۇھتاج! بۇنى مەن سىلەردىنمۇ بەكرەك چۈشىنىمەن.چۈنكى مېنىڭ ئاناممۇ ئەشۇ "مېھرىبان ئانىلار"نىڭ بىرى.
       ئانام بۇ يىل 70 كە كەلدى.ئۇ چارچىدى، سالامەتلىكى ئىلگىرىكىدەك ئەمەس، ئۇ بىز پەرزەنتلىرىنىڭ كۈتۈشىگە مۇھتاج ئىدى، ئۇ ئارام ئالسا بولاتتى!
       ئەمما ئۇ بۇنداق قىلمىدى.ئۇ ياشلىقىنى بىز ئۇچۇن، سانسىزلىغان ئوقۇغۇچىلىرى ئۇچۇن سەرپ قىلغان، ئىلىم يولىدا شام بولۇپ يانغان ئىدى.ئۇ ھىچكىمگە قەرزدار ئەمەس ئىدى، ئۇ ئوز بۇرچىنى ھەسسىلەپ ئادا قىلىپ بولغان، كەسپى ئۇچۇن، پەرزەنتلىرى ئۇچۇن ، يولدىشى ئۇچۇن، ئوقۇغۇچىلىرى ئۇچۇن بارلىق مېھرىنى سەرپ قىلغان ئىدى.ئۇ ئارام ئېلىشقا ھەقلىق ئىدى! لېكىن ئۇ بۇ يولنى تاللىمىدى.
       "بالام، سىلەر ئوز يولۇڭلارنى تاپتىڭلار. سىلەرگە قەرزىم تۈگىدى، ئەمما ئەشۇ سەبىلەر ياردەمگە، مۇھەببەتكە، ئىللىقلىغىمىزغا مۇھتاج، مانا بۇ مېنىڭ ۋە 30 ئانىنىڭ ئارزۇسى ، بۇرچى!" شۇ قېتىم، قىشنىڭ ئەشۇ قار ياققان كۈنى ئۇنىڭ ھارغىن تۇرقىغا قاراپ ، ئەشۇ قېتىملىق پائالىيەتكە بارماسلىقنى ئېيتقىنىمدا ، ئۇ كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ شۇنداق دىگەن ئىدى.
       "يول تېيىلغاق ، تاكسىدا بارغىن ئەمىسە." "ياق بالام، ئەشۇ تاكسىغا خەجلىگەن 10 سوم پۇلۇڭنى ماڭا بەر، مەن سەن ئۇچۇن ئەشۇ نارسىدىلەرگە بېرەي، كۆمۈر ئالسۇن! ئۇلار مۇشۇ سوغۇقتا مەشكە قالىغۇدەك كۆمۈر يوق سوغۇق سىنىپتا دەرس ئوقۇۋېتىپتۇ...."
       شۇ قېتىمقى ھىس-تۇيغۇمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن، ئۆزۈمنىڭ ئانامنى شۇ كۈنكى پائالىيەتكە بارماسلىققا ئۈندەپ قىلغان سۆزۈم ئۇچۇن قاتتىق خىجىل بولغان ئىدىم.يەنىمدىن ئاتىغىنىمنى چىقىرىپ "بۇنىمۇ بېرىپ قويغىن "دىگىنىمدە ، ئانام مېھرى بىلەن مەنى قۇچاقلىغىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە....
       ۋەتەندىن يىراقتىكى مۇشۇ كۈنلەردە، ھەر قېتىم ئانام بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكىنىمدە، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنى سورىغىنىمدا ئەشۇ بالىلارنىڭ ھالىنى سوراشنى، ئۇلار ئۇچۇن مېھرىنى ئاتا قىلىۋاتقان ئانىلارغا سالام ئېيتىشنى ھېچقاچان ئۇنتۇپ قالمايمەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق