ئاشنا(پوۋېست)- ماگرت. دوگلاس (3)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-09 12:38:45

ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى، مېنىڭ بىرەر تال ئۇزۇن پۈتۈن كۆينىكىم يوق ئىدى. مېنىڭ پۈتۈن كۆينىكىم ئاساسىي جەھەتتىن بىر تاغار تۈرىدىكى نەرسىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپامنىڭ كونا كۆينەكلىرى ئۆز...



    ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى، مېنىڭ بىرەر تال ئۇزۇن پۈتۈن كۆينىكىم يوق ئىدى. مېنىڭ پۈتۈن كۆينىكىم ئاساسىي جەھەتتىن بىر تاغار  تۈرىدىكى نەرسىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپامنىڭ كونا كۆينەكلىرى ئۆزگەرتكەن ئىدى. يەن ئاپامنىڭ بۇنداق پۈتۈن كۆينەكلىرى ئەسلىدىمۇ بىر تاغاردەك نەرسىلەر ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە قۇرلىرى ئاپام دۇ ھەدە دەپ ئاتايدىغان بىرى ماڭا تىكىپ بەرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. ئۇ بىر ئەزەلدىن ئاپامنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايدىغان بىر ئايال خوجىدار. ئاپام فىرانسىيىگە قايتىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئاكام ئىلگىرى  شالى شەھىردىكى ئۆيدە ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلىش غەرىزى بولغان تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ قولىمىزدا ئۇنىڭغا بەرگۈدەك  مائاش يوق ۋاقىتلار بولغان تەقدىردىمۇ،  ئۇ يەنىلا ئاپامدىن ئايرىلىشنى خالىمايتتى. دۇ ھەدە بىر  مۇناستىردا چوڭ بولغان ئىكەن. ئۇ گۈل تىكىشكە  بەك ئۇستا. پۈرمە تىكەلەيتتى. نەچچە ئەسىرلەر ئىلگىرىكى قول ھۆنىرىگە  ئوخشاش يىپ يىڭنە ئىشلىرىنى قىلالايتتى.  ئۇنىڭ ئىشلەتكەن يىڭنىلىرى ىۇددى چاچتەكلا ئىنچىكە، چۈنكى ئۇ ەۈل كەشتىلىيەلەيتتى. شۇڭا ئاپام  ئۇنىڭغا كارۋات ئەدياللىرىنى كەشتىلىتەتتى.  چۈنكى ئۇ جىيەك قىلاللايتتى. شۇنىڭ بىەلن ئاپام  ماڭا  يۈز پۈرمىلىك كۆينەك تىككۈزۈپ بەردى. جىيەك چىقىرىپ كۆينەك تىكەلەيتتى. مېنىڭ ئۇچامدىكىگە ئوخشاش بىر رەختلىك خالتا كۆينەك. چۈنكى بۇ كۆينەكلەر پوسۇنى بۇرۇنلا ۋاقتى ئۆتكەن، يەنە تېخى  ئۆسمۈر  بالىلارنىڭ كىيىم پوسۇنلىرى ئىدى. ئالدىغا ئىككى يول جىيەك سېلىنغان،   ياقىلىرى شۇنچىلىق قوپال، كۆوينە ھەددىن زىيادە بەدەنگە چاپلىشىپ تۇراتتى يدكى بولمىسا بىر يول يانتۇ رەخت  ئۇلاپ قوياتتى. مەن بۇنداق خالتا شەكلىلىك كۆينەكلەرنى كىيىپ بەلباغ چاقىۋالاتتىم،  ئاندىن شەكلىدىمۇ ئۆزەىرىش بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن  بۇ پۈتۈن كۆينەكلەر  ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇپ قالاتتى. كەيسىمۇ ئۆزگەرمەيدىغان بولاتتى.

    بۇ خىلدىكى خوتۇن-قىزلارئائىلىسى ئۆزىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىسى ئۈچۈن تالاش-تارتىپ قىلىپ كۈنلىشىپ، سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ، ئۆز-ئۆزىگە جاپا سېلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى.  مېنىڭچە بۇمۇ بىر خىل خاتالىق. ھېچقانداق بىر كەلتۈرگىدەك يات جىنىسلىق نەرسە يوق. ئۇ پەقەت ئايال تېنىدىكى ئەر كىشىگە بولغان تەلمۈرۈش ياكى  ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغان. بىرىنچى قېتىم كۆزلەر ئۇچىراشقان ۋاقىتتا، ياكى بولمىسا بۇ نەرسە ئاللىقاچان بار بولغان بولۇشۇ، ياكى بولمىسا ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ككز نۇرى بەلكىم بىر جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىكى بىۋاسىتە سىگنال بولۇشى ، ياكى بولمىسا ئەزەلدىن ھېچنىمىگە ھېساب بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. بۇ نۇقتىدا، مەندە ئاللىبۇرۇن «تىگى- تەكتىگە يېتىپ» بېقىشتىن بۇرۇنقى بارلىق چۈشەنچەم ئىدى.

    ئېلىننا لاڭگول  بۇ خىل نۇقساندىن ئۆزىنى چەتكە ئالالايدىغان بىردىنبىر كىشى. چۈنكى ئۇ بىر يېتىلىشى كېچىككەن بىر  قىز.

    بۇ داچىلارنىڭ سايىسى ئاستىدا، ئۇلار ئۆز-ئارا بېقىشىش ئۈچۈن كەلگەن، ئۇلار ئۇلارنى قارىشىچە ئۇلار بىر  رومانلاردىكى تۇرمۇشنى كەچۈرۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئۇزۇن كەتكەن داچىدىكى تام ئىشكاپلىرىدا، ئاللىبۇرۇنلا رەڭگارەڭ كىيىم –كېچەكلەر بىلەن تولغان ئىدى. كۆپلىكىدىن زادى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنىمۇ بىلمەيتتى. بۇ كىيىملەرنىڭ ھەممىسى ئۇلار بارلىق كۈتۈش ۋاقتىدىكى مۇشنىڭدەك يىغىلغان ۋاقىتتا بىردىن-بىردىن يىغقان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزىلىرى   زېرىكىشلىك سەۋەبىدىن ساراڭ بولۇپ قالغانلىرىمۇ بار ئىدى. بەزى ئاياللار ئەلىرىنى ئىندەككە كەلتۈرۋالغان ھەمدە ئۈن چىقارمىغان ياش ئايال مالايلارنى سۆككەنلىكى سەۋەبىدىن ئېرىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك جاراڭلىق  تەستەك يىگەن. جاراڭلىق سۆزىنىڭ مەنىسى دەل شۇ ئاياللارغا قارىتىپ ئېيتىلغان. بۇ تەستەكتىن چىققان ئاۋازغا ئوخشىتىلغىنى، دەل ئېرىنىڭ بەرگەن تەستىكىنىڭ ئاۋازى . بەزىلىرى شۇ سەۋەبلىكمۇ ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئىدى.

    شۇ ۋاقتىغا كەلگەندە،  ئۇلار ئاندىن ھەۋەس بىلەن شېرىن سۆزلەر بىلەن بۇ يەردىكى بارلىق ئىشلارنى دىيىشىدۇ. بۇ خىل مۇستەملىكتىكى ئالاھىدە تۇرمۇشتىكى  بۇ كىشىلەرنى سۆزلەپ باقايلى،  بۇ ئەر مالايلار ئۇلارغا نەقەدەر يېقىنچىلىق قىلىدۇ، كۈتۈشلىرى شۇنچىلىك ئەتراپلىق. بۇ يەردە يەنە  دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلار،  تانسا كېچىلىكىمۇ بار،  بۇ چەت جايدىكى كەنت بازارلاردىكى مۆتىۋەرلەرنىڭ ئاق رەڭلىق داچىلىرى، ئۆيلىرى ھەم ئىگىز، ھەم چوڭ ئىدى. قارىسىڭىز بېشىڭىزنى ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇ ئاياللار ھاقلاپ تۇرماقتا ئىدى. ئۇلار ھېچبىر مەقسەتسىز ئۆز-ئارا بىر-ربىگە قارىشاتتى.

    مەن بارلىق تەييارلىقلارنى قىلىپ قويغان ئىدىم. مەن بەزى ئىشلارنى بىلەلەيدىغان بولدۇم. مەن بىلىمەن، بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ گۈزەللىكى  ئۇنىڭ  كىيىنىشى  ياكى  ئۇنىڭ گۈزەل قول ھۆنىرىگە باغلىق ئەمەسلىكىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ يۈزىدىكى ئۇپا ئەڭلىكنىڭ قىممىتىگىمۇ باغلىق  ئەمەس. ھەتتا، ئۇنىڭدىكى زىبۇ-زىننەتنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ قىممەت ، ئەرزان ياكى ئېغىر يېنىكلىكى بىلەنمۇ باغلىق ئەمەس. مەن سېھرىي گۈزەللىكنىڭ  باشقا  تەرەپلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. بىراق مەن سېھرىي گۈزەللكىنىڭ زادى نەدىكىلىنى بىلمەيمەن. مەن پەقەت ئاياللار ئۆزىنىڭ  قايسى كىيىم-كېچەك، باش كىيىملىرىنىڭ شۇنچىلىك جەلىپ قىلارلىق ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. سايگون كوچا  بېشىدا، يېزىدىكى يامۇل دا، مەن نۇرغۇن ئاياللارنى كۈزىتىپ باققان.ئۇلارنىڭ ئارىسىسدا بەزىلىرى شۇنچىلىك چىرايلىق، تېرىلىرى شۇنچىلىك ئاق ھەم سۈزۈك، ئۇلار  بۇ يەردە ياسىنىپ تارىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بولۇپمۇ  سەھرادىكى يامۇل  ئىچىدە تېخىمۇ شۇنداق. ئۇلار ھەر كۈنى دىگۈدەك بىكار، پەقەت ئۆزىنى ئاسىراشنىلا بىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ياۋروپاسى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاشنىلىرى ئۈچۈن،  كەلگۈسى كۈنىدە ئىتالىيىگە ساياھەتكە بېرىش ئۈچۈن،  ئۈچ يىلدا بىر قېتىم  كىلىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق دەم ئېلىش ئۈچۈندۇر.

    بەلكىم مەن خاتا چۈشىنىپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن، مەن دائىم ئۆزۈمنى ئۇ چىرايلىق  ئاياللار بىلەن ئوخشاش ۋە  ئاشۇ دائىم باشقىلارنىڭ ئاياللىرىغا ئوخشاش جەلىپ قىلارلىق دەپ ھېس قىلاتتىم. چۈنكى راستىنلا نۇرغۇن كىشلەر ماڭا قاراشنى ياخشى كۆرەتتى. بىراق مېنىڭ كۆڭلۈمگە ناھايىتمۇ ئايان. ئەمەلىيەتتە مەسىلە مېنىڭ چىرايلىق ياكى كۆرۈمسىز ئىكەنلىكىمدىن ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدا  چوقۇم باشقا بىر گەپ بار. مەسىلەن ، شۇنداق،  چوقۇم باشقا بىر سەۋەب بار. مەسىلەن روھى ھالەتتىكى مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. مەن قانداق ياسانغىم كەلسە غۇنداق ياسىنىمەن. ئەگەر باشقىلارمېنى چىرايلىق  ياكى گۈزەل دېسە، ئۇنداقتا مەن چىرايلىق گۈزەل بولىمەن. مەسىلەن ئۆيدىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا چىرايلىق دېسە، بۇ پەقەت ئۆيدىكىلەرگىلا قارىتىلغان بولىدۇ. ئادەتتە باشقىلار  مېنى قانداق ياسىنىۋال دېسە مەن شۇنداق ياسىنىۋالىمەن. ھەمدە ئۆزۈمگە ئىشىنىشتە قىلچە گۇمان قويمايتتىم. مەن ئۆزۈمنىڭ سۈيۈملۈك ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەتتىم. ھەر قېتىم مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى گۈزەل دەپ بىلگەن ۋاقتىمدا، دەل مۇشۇ ۋاقىتتىكى گۈزەللكىم  باشقىلارنىڭ نەزىرىدىمۇ  ئەمەلىيەت بولۇپ چىقاتتى ھەمدە  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ  كۆزىگە ياخشى كۆرۈنىشىمنى ئارزۇ قىلغان ۋاقتىمدا، مېنىڭ كۆڭلۈمدىمۇ بۇنى ھېس قىلىپ بولاتتىم. شۇڭلاشقا مەن راستىنلا بىر كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان ئوماق ھالەتتە ياسىنالايتتىم. ھەتتا كىچىك ئاكام كېسەل سەۋەبلىك كۆڭلۈم پاراكەندە بولىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، مەن يەنىلا مۇشۇنداق ئوماق ھالەتنى ساقلاپ كەلدىم. كىچىك ئاكامنىڭ ئۆلىمىگە كەلسەك، پەقەت بىرلا شېرىكلىشىپ قەستلىگۈچى بار. ئۇ بولسىمۇ ئاپام. مېنىڭ بۇ يەردە ئىشلەتكەن «ئوماق» بىر سۆزۈم مېنىڭ ئادەتتىكى ئەتراپىمدىكى ئادەملەر ماڭا ياكى كىچىك بالىلارغا قارىتىلغان سۆز مەنىسىدۇر.

    شۇپۇر بىلەن ئىگىسى ئارىسىدا يەنە بىر  سېيرىلمىلىق ئەينەك ئىشىك بار ئىدى. يەنە تېخى قوشۇلغان قاتلىما ئورۇن بار ئىدى. ماشىنىنىڭ ئىچى چوڭلىقىدىن راستىنلا بىر كىچىك ھۇجۇرىغا ئوخشايتتى.

    ئاۋۇ «لموسىن» ئاپتوموبىلى ئىچىدە بىر تەقى-تۇرىقى  سالاپەتلىك كىلىشكەن بىر ئەر ماڭا قاراپ تۇراتتى. ئۇ بىرلا ئاقتەنلىك ئەمەس. بىراق ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى غەرىبچە ياسىنىۋېلىشى، بىر سايگون بانكىسىنىڭ ئاچ يىپەك خىزمەت فورمىسى كىيىۋالغان ئىدى. ئۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۋاتقان ئىدى. مەن باشقىلارنىڭ ماڭا  قارىشىغا كۈنۈپمۇ قالغان ئىدىم. مۇستەملىكە قىلىنغان يەردە، شۇ يەرلىك كىشىلەر دائىم ئاق تەنلىك ئاياللارغا تىكىلىپ قارايتتى. ھەتتا 12 ياشلىق قىزچاقلارنىمۇ كۆزدىن قاچۇرۇپ قويمايتتى. بىراق ئۈچ يىلدىن بېرى، مەن بازارلارغا چىققاندا، ئاقتەنلىك ئەرلەرمۇ ماڭا قارايدىغان بولىۋالدى. ھەتتا  ھەر قېتىم ئاپامنىڭ ھېلىقى ئەر دوستلىرىنىڭ ئاياللىرى بارىدىغان «تەنتەربىيە كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبى »غا بىليارد ئوينىغىلى بارغاندىمۇ،

    بۇ ئەرلەر دائىم قىزغىنلىق بىلەن مېنى ئۆيلىرىگە تاماقتىن كېيىنكى تاتلىق تۈرۈملەرنى يېيېىشكە تەكلىپ قىلاتتى.

    ئۇ كىچىك پارومدا، يولۇچىلار ئاپتومۇبىلىنىڭ يېنىدا، بىر  قارا رەڭلىك «لىموسىن» پىكاپى بارئىدى. ئىچىدە بىر ئاق رەڭلىك پاختا رەختتىن تىكىلگەن  كىيىم كىيىۋالغان شوپۇر ئولتۇراتتى. شۇنداق،  بۇ دەل مەن بىر قانچە كىتابلاردا كۆرگەن ھېقىلىدەك چوڭ تىپتىكى تاۋۇت ماشىنىسى. بۇ دەل ھېلىقى مورېس لېئون بورېل پىكاپى. فىرانسىيىنىڭ كالكوتتادا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ھېلىقى قارا رەڭلىك «رانلىس» پىكاپى تېخى مېنىڭ ئەسىرىمگە كىرگۈزۈلمىدى.

    ھېلىقى كىچىك كېمىدە، ماڭا قاراڭ، مەن تېخىچىلا ھېلىقى گۈزەل ئۇزۇن چېچىمنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم. مەن ئەمدىلا ئون بەش يېرىم ياش ئىدىم. بىراق مەن ئەڭلىك سۈرۈپ پەرداز قىلىشقا باشلىغان ئىدىم، مەن ھەر كۈنى «تۇگانۇن» ئەڭلىكىنى سۈرەتتىم. مېنىڭ مەڭزىمدىكى كۆزۈمنىڭ ئاستىدىكى سەپكۈنلىرىمنى ياپاتتىم. «تۇگانۇن» ئەڭلىكىنىڭ ئۈستىگە مەن يەنە تېرە ئاسرىغۇچ ئەڭلىكىنى سۈرەتتىم.  بۇ ئەڭلىك ئاپامنىڭ ئىدى. ئۇ پەقەت شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرغان كەچلىك مۇراسىملىرىدىلا بۇ ئەڭلىكنى سۈرەتتى. ئۇ كۈنى مەن تېخى لەۋ سۇرۇقىمۇ بار ئىدى. قارامتۇل قىزىل رەڭلىك، گىلاس رەڭگىگە ئوخشايتتى. مەنمۇ ئۇنى قەيەردىن ئەكىلىۋالغانلىقىمنى بىلمەيتتىم. بەلكىم ئېلىننا لانگول ئاپىسىنىڭكىنى ئوغرىلاپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭچمۇ تازا ئېنىق ئىسمدە قالماپتۇ. مېنىڭ ئەتىرەم يوق. ئاپامنىڭ ئۆيىدە پەقەت بىر گۈل سۈيى بىلەن پالما زەيتۇن كىر يۇيۇش سوپۇنى بار ئىدى.

    كىشىلەر مېنىڭ چېچىمنىڭ مەندىكى ئەڭ گۈزەل نەرسە دىيىشەتتى. مېنىڭ چۈشەنچىمچە بولسا، ئۇلار مېنىڭ تەقى تۇرىقىمنى چىرايلىق ئەمەس دېمەكچى خالاس. بۇ مېنىڭ  ئەڭ چېلىقىدىغان چېچىم مەن 12-13ياشلىرىم ۋاقىتلاردا، شۇ ئاپامدىن ئايرىلغان بەش يىلدىن كېيىن، پارىژدا كېسىۋەتتىم. مەن : كېسىۋېتىڭ! دېگەن ئىدىم ساتىراچ شۇنىڭ بىلەن كېسىۋەتتى. پەقەت بىر قايچا بىلەنلا ھەممىنى كېسىۋەتتى. چاچنىڭ تېگىنى رەتلىك قىلىش ئۈچۈن. ھېلىق مۇزدەك قايچا مېنىڭ بوينۇمدىن سۈركىلىپ ئۆتەتتى. چاچلىرىم يەردە تۇراتتى. ساتىراچ مېنىڭدىن چېچىمنى لازىم قىلىش قىلماسلىقنى سورىدى، ئەگەر لازىم قىلسام،  ئۇ ماڭا قاچىلاپ بېرەتتى. مەن ئالمايمەن دېدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، بىرەرسىمۇ مېنىڭ چىرايلىق چېچىم توغرىسىدا گەپ قىلىپ باقمىدى. دېمەكچى بولغىنىم كىشىلەر مېنى ئەزەلدىن چېچىم بار ۋاقىتتىكىدەك، چېچىمنى كەسمەستىن بۇرنقىدەك  چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىپ باقمىدى، پەقەت ئۇنىڭ كۆزى بەك چىرايلىق، ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى يامان ئەمەس دەپ باقتى.

    مەلۇم ۋاقىتلاردىن بۇيان، مەن چېچىمنى ناھايىتىمۇ چىڭ بوغىۋالدىم. كەينىگە تاراپ ئامال بار ئۇنى بېسىپ تۈزلەپ، باشقىلارنىڭ  شىلەپەمنى قىلىن ئىگىزكەن دېمىسۇن دەپ قىلىۋالاتتىم. ھەر كۈنى كەچتە مەن دائىم چېچىمنى تارايمەن. ھەمدە ئۇخلاشىن بۇرۇن ئاپام ماڭا ئۆگىتىپ قويغاندەك تەكشى تارايمەن. مېنىڭ چېچىم  ھەم توم ھەم يۇمشاق ئىدى.  كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدىغان تۈپتۈز مەيدىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان قىزل رەڭلىك ئۇزۇن چاچ.

    مەن  تېلېۋېزورلاردىمۇ ئەزەلدىن مەن بېشىمغا كىيىۋالغاندەك مۇنداق تۈز قىرلىق شىلەپىلەرنى كىيىۋالغان، مەيدىسىگە ئىككى تال چېچىنى چۈشۈرىۋالغان ھىندىئانلارنى كۆرۈپ باقمىدىم، شۇ كۈنى مەنمۇ  چېچىمنى ئىككى تال ئۆرۈپ چۈشۈرۋالغان ئىدىم، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ئېگىز  بوغىۋالمىغان ئىدىم. پەقەت شۇ كۈنىلا ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ تارىۋالغان ئىدىم. مەنمۇ بۇ كىنولاردا ئەزەلدىن كۆرۈنۈپ باقمىغان  قىزلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدىم. ئالدىمغا ئىككى تال ئۇزۇنغىنا ئۆرۈم چېچىمنى چۈشۈرۋالدىم، لېكىن كىچىك بالىنىڭ ئۆرۈم چىچىدەكلا، مەندە مۇشۇ شىلەپە بولغاندىن تارتىپ ، ئۇنى بېشىمغا كىيىۋېلىشىم ئۈچۈن، مەن ئىككىنچى  ئۇنداق قويىۋېتىپ باقمىدىم.

    داۋامى بار


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.