يۈز مەشھۇر شەخسنىڭ 25-سى مارتىن لۇتېر

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2007-08-07 02:57:00

يېڭى دەۋرنىڭ ياراتقۇچىسى، پەيغەمبەر ئەمەس دىنى داھى مارتىن لۇتېر ( Martin Luther )ھازىرقى گېرمانىيەگە تەۋە ساكسونىيە شىتاتىدا 1483-يىلى11-ئايدا تۇغۇلغان. ئەسلىدە قانۇن ئۆگەنگەن بولۇپ كېيىن «قانۇندىن...

       يېڭى دەۋرنىڭ ياراتقۇچىسى، پەيغەمبەر ئەمەس دىنى داھى مارتىن لۇتېر ( Martin Luther )ھازىرقى گېرمانىيەگە تەۋە  ساكسونىيە شىتاتىدا 1483-يىلى11-ئايدا تۇغۇلغان. ئەسلىدە قانۇن ئۆگەنگەن بولۇپ كېيىن «قانۇندىن چاقماق چېقىلىش ھادىسىسىسىنى بەرپا قىلغۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلگىلى بولمىغاچقا» كەسپىنى دىن ئۆگىنىشكە قاراتقان. 1912-يىلى دىنشۇناسلىق بويىچە دوكتۇرلۇق ئۈنۋانى ئېلىپ ۋېيترنبېرگداىكى بىر مۇناستىردا ئىنجىل ئۆگەتكۈچى بولغان. 1517-يىلى رىم پاپاسى گۇناھ يۇيۇش بېلىتى سېتىش ئۈچۈن گېرمانىيەگە ئادەم ئەۋەتكەندە مارتىن لۇتېر «95ماددىلىق بايانات» نى ئېلان مۇناستېرنىڭ تېمىغا چاپلاپ كىشىلەرنى رىم پاپاسىغا ئەمەس بەلكى خىرىستوسقا ئەگىشىشكە، ئىنجىلدە دىيىلمىگەن سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىككە، گۇناھ تىلەش ۋە باشقا ھەرقانداق پائالىيەتتە خىرىستوستىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنى تىلغا ئالماسلىققا چاقىرغان. 1925-يىلى ئىنجىلنى گېرمان تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى تاماملاپ كىشىلەرنى لاتىنچە ئىنجىل ئوقۇماي گېرمانچە ئىنجىل ئوقۇشقا چاقىرىپ «ئىبادەتتە پوپنىڭ ۋاستىچىلىك قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، خىرىستوس دۇنيادىكى ھەممە تىلنى بىلىدۇ» دەپدىگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مۇناخ قىز كاتىرىنا بىلەن توي قىلىپ «پوپلارنىڭ ۋە مۇناخلارنىڭ توي قىەلماسلىقىنىڭ ئۆزى خىرىستوسنىڭ دۇنيانى يارىتىشتىكى پىرىنسپىغا خىلاپلىق قىلغانلىق» دەپ قارىغان.
       مارتىن لۇتېرنىڭ ئىنجىل تەرجىمىسىدە ئىشلەتكەن بۈگۈنگە قەدەر گۈزەل ھىساپلىنىدىغان تىل ئۇسلۇبى ئۇنىڭ گېرمان تىل ئەدەبىياتىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسى ھىساپلىنىدۇ، گەرچە ئەسەبى دىن مۇرتلىرى ۋە پاپا دائىرىلىرى مارتىن لۇتېرغا شىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، دەل مۇشۇ مول ئەدەبى قابىلىيەت ئىنجىلنىڭ تەرجىمىسىدە ئىپادىسىنى تاپقانلىقتىن شۇنداقلا ئۇ مۇرەككەپ ۋە ئېغىر كاتولىك ئىبادەتلىرىنى زور دەرىجىدە ئاددىلاشتۇرۇپ خەلقنى قايىل قىلالىغانلىقتىن ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تېز كۆپەيگەن.  گېرمانىيەدىكى شىتاتلاردا تارقاق يۈرگەن ئەگەشكۈچىلەر 1546-يىلى مارتىن لۇتېر ئۆلگەندىن كېيىنمۇ نەچچە يۈز يىلغىچە سادىقلىق بىلەن مارتىننىڭ ئەقىدىسىنى تارقاتقان، ئەنگىلىيەلىكلەرمۇ بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ كاتولىك پاپىسىنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلغان، يەنە بىر دىنى ئىسلاھاتچى كالۋىنمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ يېڭى دىننىڭ ئوخشىمىغان شاخلىرى بارلىققا كەلگەن، نەتىجىدە ياۋروپادا يېڭى بىر ئىدىيىۋى ئىسلاھات مەيدانغا كېلىپ، كىشىلەر دىنغا قارغۇلارچە ئەمەس بەلكى مۇنازىرە ۋە ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولغان، يەنە شۇ تۈپەيلى ياۋروپانىڭ ھەممە يېرىدە دىگۈدەك ئۈزۈلمەي دىنى ئۇرۇش بولغان.  مارتىن لۇتېر ئوتتۇرىغا قويغان دىنى ئىسلاھات 1580-يىلىغا كەلگەندە ياۋروپادىكى بىر قانچە دۆلەتنىڭ يىغىن ئېچىپ قارار قىلىشى بىلەن دۆلەت دىنى بولۇپ قالغان.
       ھازىر دۇنيادا  مارتىن لۇتېرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تەسىس قىلغان، 107 ئەزا دۆلىتى بار خەلقارا مارتىن لۇتېر يولى يىغىنى بار،  گېرمانىيەنىڭ شىمالىدىكى ئىستونىيە، لاتۋىيە، شىۋىتسىيە، نورۋېگىيە، دانىيە ئىسلاندىيە قاتارلىق  ياۋروپا دۆلەتلەرنىڭ پۈتۈن ئاھالىسى، گېرمانىيە ئاھالىسىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەگى  ۋە ئامېرىكىدىكى يۈز مىلىيۇندىن كۆپ ئادەم مارتىن لۇتېر ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى دىنغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇنىڭ ئۆزى مارتېن لۇتېرنىڭ «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر يۈز شەخس» قاتارىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇشىدىكى بىردىنبىر سەۋەپ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.