ئېلېكترونلۇق مېڭىدىن چاتاق چىققاندا(ئارت بوكۋارد)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-08 20:24:00

ئېلېكترونلۇق مېڭىدىن چاتاق چىققاندا... ئارت بوكۋارد (ئامىرىكا) بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، مەن ۋاشىنگتونغا بارىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلىتىنى ئالماقچى بولغانىدىم، بېلەت ساتقۇچى: ـ كەچۈرۈڭ، سىزگە بې...

    ئېلېكترونلۇق مېڭىدىن چاتاق چىققاندا...
       ئارت بوكۋارد (ئامىرىكا)

       بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، مەن ۋاشىنگتونغا بارىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلىتىنى ئالماقچى بولغانىدىم، بېلەت ساتقۇچى: ـ كەچۈرۈڭ، سىزگە بېلەت سېتىپ بىرىشكە ئامالسىزمەن، بىزنىڭ ئېلېكترونلۇق مېڭىدىن چاتاق چىقتى، ـ دېدى.
       ئېلېكترونلۇق مېڭىدىن چاتاق چىقتى دېگىنىڭىز قانداق گەپ؟ ئۇنىڭ كەيپىياتى تازا جايىدا ئەمەسمۇ ـ يا؟
       ـ ياقەي، ئۇنىڭ كۇنۇپكىلىرى ئىشلىمەس بولۇپ قالدى، شۇڭا ئۇنڭدىن چاتاق چىقتى.
        ـ ئەمىسە، ئۆزىڭىز بېلەت سېتىپ بېرىڭ.
       ـ بۇنداق قىلالمايمەن. پەقەت ئېلېكترونلۇق مېڭە ئارقىلىقلا بېلەت سېتىپ بەرگىلى بولىدۇ. مەن پۇكەيگە قارىدىم، ئۇ يەردە ساياھەت ئىشلىرى ۋاكالەتچىلىرى قەھۋە ئىچكەچ، ئېلېكترونلۇق مېڭە ئېكرانىغا قاراپ ئولتۇرۇشاتتى.
        ـ سىلەر نېمە ئىش قىلىدىغان ئادەملەر؟ بىز سىزنىڭ ساياھىتىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلېكترونلۇق مېڭىگە كىرگۈزىمىز، ئاندىن ئۇ سىزنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرسىڭىز بولىدىغان ـ بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
       ـ دېمەك، ئېلېكترونلۇق مەڭىدىن چاتاق چىقسا، سىلەرمۇ كارغا كەلمەيدىكەنسىلەر ـ دە!
        ـ ئەپەندى، ناھايىتى توغرا دېدىڭىز، مەن باشقىلارنىڭ بىزنى بۇنداق دېگىنىنى ئاڭلاپ باقىمىغانىدىم.
        ـ ئېلېكترونلۇق مېڭىنىڭ كاشىلىسى قانچىلىك ۋاقىتتا تۈزۈلىدۇ،
       ـ سورىدىم مەن تاقەتسىزلىنىپ. ـ مەنمۇ بىر نېمە دېيەلمەيمەن. بەزىدە ئون مىنۇت، بەزىدە ئىككى سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. بۇنىمۇ ئېلېكترونلۇق مېڭىدىن سورىمىساق بىلەلمەيمىز. ھازىر ئېلېكترونلۇق مېڭىدىن كاشىلا چىققاچقا، ئۇ بىزگە جاۋاپ بېرىشكە ئامالسىز.
        ـ مەركىزىي ئېلېكترونلۇق مېڭە بۇزۇلسا، سىلەردە زاپاس ئېلېكترونلۇق مېڭە يوقمۇ؟
       ـ مىنىڭچە يوق، سىز مۇشۇنداق ئېلېكترونلۇق مېڭىنىڭ باھاسىنىڭ قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟
        ـ ئېلېكترۇنلۇق مېڭە ھەققىدىكى گەپلەرنى قويۇپ تۇرايلى، سىلەرنىڭ ئايروپىلانىڭلارچۇ؟ ئۇلار يەنىلا ئۇچىدىغاندۇ؟
       ـ ئېلېكترۇنلۇق مېڭىدىن سورىمىساق بۇنىڭغىمۇ ئېنىق بىر نېمە دەپ بېرەلمەيمەن، بۇنى بايا سىزگە ئېيتتىمغۇ...
       ـ ئۇنىڭدىن كاشىلا چىققانلىقىنىغۇ بىلدىم، بەلكىم مەن بىۋاستە كىرىش ئېغىزغا بېرىپ، ئۇچقۇچىلاردىن ۋاشىنگتونغا ئۇچىدىغان ـ ئۇچمايدىغانلىقىنى سوراپ كۆرسەم بولار؟
       ـ دېدىم مەن بېلەت ساتقۇچىغا.
       ـ مەن سىزنىڭ قايسى كىرىش ئېغىزىغا بارسىڭىز بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن.
       ـ ئۆزۈم بېرىپ سىناپ باقساممۇ بولمامدۇ؟ ـ سورىدىم مەن.
       ـ ئۇچقۇچى ۋاشىنگتونغا ئۇچقان تەقدىردىمۇ، بېلىتىڭىز بولمىسا سىزنى ئايروپىلانغا چىقارمايدۇ.
       ـ سىزگە پۇل بەرسەم، سىز ھۈججەت كېسىپ بەرسىڭىز، ئۇنى ئۇچقۇچىغا كۆرسەتسەمچۇ؟
       ـ سىزدىن قانچىلىك پۇل ئېلىش لازىملىقىنى بىلمەيمەن. چۈنكى، بېلەت باھاسى ھەر سائەتتە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، پەقەت ئېلېكترونلۇق مېڭىلا بىلەن باھاسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ساقلىيالايدۇ.
       ـ ئىناۋەتلىك كارتۇچكامنى ئىشلەتسەم بولماسمۇ؟
        ـ ئۇنداق قىلساق تېىخىمۇ قاملاشمايدۇ. ئېلېكترونلۇق مېڭىدىن كاشىلا چىققاچقا، بانكىدىكى ئېلېكترونلۇق مېڭىگە سىزنىڭ ھېساباتىڭىزدىن پۇل ئېلىشنى ئۇقتۇرۇشقىمۇ ئامالسىز قالىمىز.
       ـ مۇشۇ بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ۋاشىنگتونغا ئۇچىدىغان باشقا ئايروپىلان بارمۇ؟
        ـ ئۇقمايمەن، ـ بېلەت ساتقۇچى قاپقارا ئېلېكترۇنلۇق مېڭە ئىكرانىنى كۆرسەتتى،
        ـ پەقەت «ئۇ» لا بىلىدۇ. ـ بىراق، ئۇ ھازىر ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ.   
        ـ «ئۇ» بىلىدۇ، ـ دېدى بېلەت ساتقۇچى ئۆزىنى ئاقلاپ،
       ـ پەقەت ۋاقتىنچە ئېيتىپ بېرەلمەيۋاتىدۇ.
        بۇچاغدا، ئۆچېرەت ناھايىتى ئۇزىراپ كەتكەنىدى. «ئېلېكترونلۇق مېڭىدىن چاتاق چىقىپتۇ»دېگەن خەۋەر ناھايىتى يېزلا بارلىق يولۇچىلارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بولدى. بۇ گەپنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. بىردىنلا يولۇچىلار توپىدىكى بەزىلىرى مىچىلداپ يىغىلاشقا باشلىدى. ئۆچېرەت قالايمىقانلىشىپ كەتتى.
       شۇ ئەسنادا، قىزىل رەڭلىك سپورتچىلار كىيىمى كىيىۋالغان بىر ئەر ئىچكىرى ئۆيدىن چىقىپ: ـ كۆپچىلىك، ئۆزۈڭلارنى بېسۋېلىڭلار. بىز ۋىچىتاغا خەۋەر قىلىۋەتتۇق، ـ دېدى.
       ـ ۋىچىتا بىلەن بۇ ئىشنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
       ـ ئۇ يەر بىزنىڭ مەركىزىي ئېلېكترونلۇق مېڭىمىز تۇرۇشلۇق جاي، كاشىلا ئوڭشالسىلا، ئۇ بۇ قېتىمقى ئايروپىلاندىن قېپقالغان يولۇچىلارنى بىر ئىستاكان ئىچىملىك بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.
    (خەنزۇچە «ياشلار ئۈچۈن پايدىلىنىش گېزىتى»نىڭ 1994 ـ يىللىق 8 ـ يانۋار سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق