كازافى ئەدەبىي خاتىرلىرىدىن

يوللىغۇچى : yegiostag يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-28 23:07:00

كازافى ئەدەبىي خاتىرلىرىدىنكازافى (لېۋىيە)ئەركىن نۇر تەرجىمىسىئاپتور ھەققىدە: مۇھامىل كازافى بۈيۈك ئەرەپ-لېۋىيە خەلق سوتسىيالىستلار ئاۋام دۆلىتى ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، ئۇ 1942-يىلىدۇنياغا كەلگەن...

    كازافى ئەدەبىي خاتىرلىرىدىن
    كازافى (لېۋىيە)

    ئەركىن نۇر تەرجىمىسى

    ئاپتور ھەققىدە: مۇھامىل كازافى بۈيۈك ئەرەپ-لېۋىيە خەلق سوتسىيالىستلار ئاۋام دۆلىتى ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى، ئۇ 1942-يىلى دۇنياغا كەلگەن. 1963-يىلى بېنگازى ھەربى ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، شۇندىن باشلاپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قورال ئارقىلىق كونا تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، باياشات ۋە ئادىل جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پىلانىنى تۈزۈشكە كىرىشكەن. 1964-يىلى مەخپىي يۇسۇندا «ئەركىن ئوفېتسىرلار ھەرىكىتى» تەشكىللەپ، «ئەركىن ئوفېتسىرلار ھەرىكىتى» مەركىزى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، 1969-يىلى 1-سىنتەبىر ئىنقىلاپ پارتلىغان، سابىق ئېدىرىس شاھ ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەرەپ-لېۋىيە جۇمھىريىتى قۇرۇلغان، ئۇ باشتىن-ئاخىر مۇستەقىل تاشقىي دېپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر قانداق بىر چوڭ دۆلەتنىڭ بېسىمىغا باش ئەگمىگەن.
    بۇ ئەسەرلەردىكى چوڭقۇر ئانالىز، ئىنسانىيەت پسىخىكىسى ئۈستىدىكى ئىزلىنىش، بەدىئىي ماھارەت جەھەتتىكى دادىللىق، چىن ۋە كۈچلۈك ھېسسىيات قاتارلىق ئالاھىدىكلەر ئەسەرنى شۇنداق بىر خىل تۈسكە كىرگۈزگەنكى، بۇ ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەرگە چەكسىز مەنىۋىي ھوزۇر ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا ھاياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ھەر خىل رېئالنى پاسسىپ ھادىسىلەرنى يېڭىپ، ھاياتتىكى بارچە گۈزەللىك، ئىزگۈلۈكلەرنى باغاشلاشقا يېتەكلەيدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ ئەسەرلەر ئارقىلىق كازافى يالغۇز يېتۈك سىياسىئۇنلا ئەمەس، شائىرانە مول تەسەۋۋۇر ۋە نازۇك قەلبكە ئىگە پەيلاسوپلارچە يازغۇچىدىن ئىبارەت يەنە بىر خىل سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىغان.
    تۆۋەندە بىز، زامانىمىزدىكى دۇنيا دىققەت مەركىزىدە تۇرۇۋاتقان گىگانت سىياسىئۇن، لېۋىيە خەلقىنىڭ مەنىۋىي داھىسى ۋە ئالى رەھبىرى بولغان كازافىنىڭ ئىدىيىۋىي سېستىمىسى بىلەن بىۋاسىتە تونۇشۇش مەقستىدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇمىز.

    شەھەر

    شەھەر كىشىلەر ئويلىغىنىدەك ھاياتنىڭ جەننىتى بولماستىن بەلكى، تۇرمۇشنىڭ قاباھەتلىك چۈشى. ئۇ ھازىرلا ئەمەس، ئەلمىساقتىن شۇنداق. مۇبادا، ئۇ جەننەت بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنى لاھىيىلىگەندىلا شاتلىقتىن ئىبارەت بۇ نىشانغا يېتىش مەقسەت قىلىنغان بولاتتى. ھالبۇكى، شەھەر ھەرگىزمۇ خاتىرجەملىك، ئاسايىشلىق، ئازادىلىك ياكى شاتلىق ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان ئەمەس. شەھەر بىر جايدا توپلىشىپ ياشاش ئورنى، كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئۇندىن ئايرىلسا ياشىيالمايدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇشىدىغان جاي. شەھەردە ماكان تۇتقانلاردىن بىرەرسىمۇ كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەن ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش، گۈزەل ئارزو-ئىستەكلەر ئۈچۈن، مېھنەت ئۈچۈن، ئېھتىياج ئۈچۈن، شەھەردە ياشىمىسا بولمايدىغان ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن.
    شەھەر كىشىلىك مېھىر-مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى. ئادەم شەھەرگە كىرسىلا ئۇنىڭ شەپقەتسىز دولقۇنلىرىدا ھالسىرايدۇ. ئاشۇ دولقۇن ئۇنى بىر كوچىدىن يەنە بىر كوچىغا، بىر رايوندىن يەنە بىر رايونغا، بىر خىزمەتتىن يەنە باشقا بىر خىزمەتكە، بىر دوستتىن يەنە بىر دوستقا تاشلايدۇ. شەھەر تۇرمۇشى ئۇنىڭ ماھىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن، ئۇنىڭ مەقسىتى مەنپەئەت ۋە پۇرسەت، ئۇنىڭ ئەخلاقى مىزانى بولسا پۈتۈنلەي ساختا، «شەھەرلەردىمۇ كۆپلىگەن ساخاۋەتچىلەر بار، ئۇلار ساختىلىق ئىچىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان»  ھەربىر ئىشتا شەھەر تۇرمۇشى تەلەپ قىلىدىغان ماددىي قىممەت بار. شەھەرلەر قانچىكى ئىلغارلاشقانسىرى  شۇنچە تەرەققى قىلىدۇ-دە، شۇنچىكى مۇرەككەپلىشىپ ھەمدە مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاقتىن يىراقلىشىپ بارىدۇ. ھەتتا، شەھەردىكى بىر بىنادا ئولتۇراقلىشىپ ياشاۋاتقانلارمۇ ئۆز ئارا بىر-بىرىنى تونۇشمايدۇ، چوڭ-چوڭ بېنالاردا تېخىمۇ شۇنداق. كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى، مۇناسىۋىتى نومۇرغا ئايلىنىپ قالغان. ئۇلار: «پالانى قەۋمنىڭ پۇستانى ئوغلى پوكۇنىچى» دېمەستىن، «ئانچىنچى ياكى مانچىنچى نومۇر»لا دېيىشىدۇ. شەھەرلىكلەر پاراڭلاشسا، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ياكى ئادىمىي مۇناسىۋەتتىن ئېغىز ئېچىشمايدۇ، بەلكى نومۇردىن سۆز ئاچىدۇ: «سىز X X  قەۋەت، X X  سېكسىيەدە ئولتۇرىدىغان ھېلىقى ئادەمغۇ دەيمەن-ھە!»، «مەن تېلىفون نومۇرى X X X X، ماشىنا نومۇرى X X X X  بولغان ھېلىقى كىشى بولۇمەن»...دېگەندەك، ۋاھا-كازالار. ئۇلار ئوخشاش بىر كوچىدا تۇرۇپمۇ بىر-بىرىنى تونۇشمايدۇ، چۈنكى، ئۇلار ئۆز ئارا بىر-بىرىنى دوست تارتىشقا ھاجىتى چۈشمەيدۇ، بەلكى ئۇلار ئۆزلىرى ئوخشاشلا بىر كوچا، بىر مەھەللىدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق بىر ئەھدىنىڭ يوقلۇقىنى، ئاللىقانداق يورۇق-يېقىنلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇلارنى باغلاپ تۇرغىنى ئۈچۈن بىر يەردە ياشاۋاتمايدىغىنىنى ئېنىق بىلىشىدۇ. ئەكسىنچە، شەھەر يېقىن-يورۇغلارنى يىراقلاشتۇرۋېتىدۇ، ئاتا بىلەن بالىنى، ئانا بىلەن بالىنى، بەزىدە ھەتتا بىر جۈپ ئامراق ئەر-خوتۇنلارنىمۇ بىر-بىرىدىن ئايرىپ تاشلايدۇ، بەلكى ئەشەددىي كۈشەندىسى، ئۆز ئارا قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان كىشىلەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدۇ. شەھەر تۇرمۇشى مانا شۇنداقكى، يېقىن كىشىڭدىن يىراقلاشتۇرىدۇ، نەدىكى ئاتام-ئانام كۆرمىگەن كىشىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ.
    شەھەر تۇرمۇشى، نوقۇل ھالدىكى بىرخىل چىۋىن لىچىنكىسى (جانلىقلار) شەكلىدىكى ھايات. ئۇندا ئادەم ئەھمىيەتىسز، مەنىسىز، چۈشىنىكسىز، تەپەككۇرسىزلا ياشايدۇ ۋە ئۆلۈپ كېتىدۇ. كىشىلەر تىرىك تۇرسۇن ياكى ئۆلۈپ كەتسۇن، ھەممىسى ئوخشاشلا بىر قەبرىدە تۇرۇۋاتقان بولىدۇ. شەھەردە نە ئەركىنلىك، نە ئازادىلىك، نە جىمجىتلىقتىن قىلچە ئەسەر بولمايدۇ. نەگىلا قارىسىڭىز تام، يەنە تام. مەيلى ئۆيىڭىز ياكى تالادا، بېنادا، كوچىلاردا، خىزمەتتە بولماڭ ئولتۇرغىڭىز كەلسە خالىغانچە ئولتۇرالمايسىز، قوپقۇڭىز كەلسە قوپۇپ چىقىپ كېتەلمەيسىز، ھەتتا ئاللىقانداق ۋاقىتلاردا ئورنىڭىزدىن تۇرالىشىڭىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. سىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، ئۇزۇندىن بېرى كۆرۈشەلمەي يۈرگەن دوست-يارەنلىرىڭىز ياكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىڭىز بىلەن تەساددىپىي ئۇچرىشىپ قېلىپ كۆرۈشۈش ئۈچۈن قول سوزغىنىڭىزدا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرسى تۇيۇقسىز ئالدىڭىزدىلا پەيدا بولۇدۇ-دە، سىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇسىز ياكى ئۇ سىزنى كۆرۈشمەكچى بولغان كىشىڭىزدىن ئايرىپ تاشلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن سىز يېقىن دوستىڭىزغا تەڭلىگەن قولىڭىزنىڭ بىر يولۇچى تەرىپىدىن غەرەزسىزلا توسۇۋېلىنغىنىنى ھېس قىلىسىز، ھېلىقى ئەبلەخ بولسا سىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھالىتىڭلارنى ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرگۈزمەستىن ئۆز يولىغا كېتىۋېرىدۇ. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بۇ ھەقتە قىلچە بىرنەرسە بىلمەيدۇ. مۇبۇدا، سىز چوڭ يولنى كېسىپ ئۆتمەكچى بولسىڭىز بۇمۇ ئاسانغا چۈشمەيدۇ: ئەگەر، سەللا بىخەستەلىك قىلسىڭىز، پەخەس بولمىسىڭىز، ئوڭ-سولغا، ئالدى-كەينىگە قايتا-قايتا قارىمىسىڭىز، يولدىن ئۆتكۈچە بىرەر بىلىكىڭىز، بىرەر پۇتىڭىز ياكى بەدىنىڭىزدىكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللىقانداق بىرەر ئەزالىرىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.  سىز بەلكىم يا ئالدىغا ماڭالماي، يا كەينىگە يانالماي، سانجاق-سانجاق ئادەملەر ئارىسىدا قالغاندەك ئەتىراپىڭىزدىكى ئۆتۈشۈپ تۇرغان يۈك ماشىنىسى، يولۇچىلار ئاپتۇبۇسى، پويىز، تازىلىق ماشىنىسى...نىڭ ئۇيان-بۇيانغا ئۇچقاندەك ئۆتۈشۈپ تۇرغانلىقىغا قارغىنىڭىزچە مىدىر-سىدىر قىلالماي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
    قىستا-قىستاڭچىلىق قاپلىغان شەھەردە، كىشىنىڭ كۆڭلىنى كۆتىرىدىغان دوستلۇق، مۇھەببەت خۇسۇسىدىكى ئىجتىمائىي ھېكايىلەر كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغاندەك كۆرىنىدۇ. ئەگەردە، راستتىنلا شۇنداق ئىش بولىدىغان بولسا، ئۇنى بەزىدە كىشىلەر چۈشىنەلمەيدۇلا ئەمەس، بەلكى ئۇ بەزىدە كىشىلەرگە ساختا، يالغان كۆرۈنۈشتەك تۇيۇلۇدۇ. شەھەر كوچىلىرىدا، چوڭ يوللاردا، چۈمۈلىدەك مىغ-مىغ ئادەم ۋە ئات-ئۇلاغلار ئارىسىدا ئادەم بىلەن مۈشۈكنىڭ دەرىجىسى ئوخشاش. سىز بىرەر ماشىنىنىڭ غاچچىدە تۇرمۇز تۇتقىنىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، ماشىنا بىردىنلا توختايدۇ، سىز ئىختىيارسىز ھالدا: «بۇ ئادەم ئەمەس، بەلكى بىر ھايۋانكەنغۇ» دەپ تاشلايسىز. چۈنكى، بۇ ئىككىسىدىن قايسى بىرى سىزنىڭ ئالدىڭىزدىن كېسىپ ئۆتكەن بولسۇن، ئوخشاشلا شۇنداق ئەھۋال رۇي بېرىدۇ، سىز ئوخشاش مۇئامىلە بىلەن ئىككىسىدىن ھەرقانداق بىرىنى سوقۇۋېتىشتىن قورقۇپ، ماشىنىڭىزنى ھاپىلا-شاپىلا تۇرمۇزلايسىز. ھەتتا، شەھەردىكى قاتناش ساقچىسىمۇ سىزنى، بەزى قاتناش ھادىسىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى، بىرەر ئادەم ياكى بىرەر مۈشۈكنىڭ يولنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈشىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت، دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.
    مانا بۇ شەھەر. شەھەردە «مەرھەمەت» دەيدىغان گەپ يوق، بەلكى ئۇنىڭ ئورنىغا بار بولغىنى «ئىتتىرۋېتىش»: مۈرۈدەپ ئىتتىرۋېتىش! قول بېرىپ تۇرۇپ ئىتتىرۋېتىش! پۇلىنى ئېلىۋېلىپ ئىتتىرۋېتىش! ھەرقانداق ئىجتىمائىي سالاھىيەت بىلەن ئىتتىرۋېتىش! شەھەر مانا شۇنداق «ئىتتىرۋېتىش»تۇر، ھەرگىزمۇ «مەرھەمەت» ئەمەس! شەھەردە، كىشىلەر سىزنى تامچىلىكمۇ ئىززەتلىمەيدۇ: سىز بەزىدە تامغا يۆلىنىپ ئاز-تولا ھاردۇقىڭىزنى ئېلىۋالالايسىز؛ تاملارغا ھەرخىل ئۇقتۇرۇش، ئېلان ۋە كۆرسەتمىلەر چاپلانغاندا، ئۇ سىزنى بارىدىغان جايىڭىزغا يېتەكلەپ بارىدۇ؛ ھالبۇكى، ئەگەر بىرەر كىشى بۇنداق ئۇچۇرلارغا ھاجەتمەن بولۇپ قېلىپ، شەھەرنىڭ بىرەر ئاھالىسى ياكى يولۇچىدىن سورىغىنىدا، ئۇنىڭ ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن جاۋابقا ئېرىشمىكى بەسى مۈشكۈل. مۇبادا، سىز شۇ يۇسۇندىكى ئىشلارنى شەھەرلىكلەردىن سورىماقچى بولسىڭىز، ئۇ سىزگە: «كەچۈرۈڭ! مېنىڭ ۋاقتىم يوقتى»، «ئەپسۇس، مېنىڭ يەنە جىددى ئىشىم بارتى!»، «خاپا بولماڭ! مەن پويىزغا ئۈلگۈرۈپ بارمىسام بولمايتتى»، «ماشىنام كېلىپ قالدى»...دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلىشىدۇ. ئۇ سىزگە: «تاملاردا نېمە دەپ يېزىلغانلىقىغا قاراپ باقتىڭىزمىكىن» دېيىشتىن يانمايدۇ. شەھەردە پەقەت تاملا ئۇ يەردە تۇرغان بولۇدۇ، شەھەرلىكلەر بولسا تامغا ئوخشاش ئۇ يەردە تۇرۇۋەرمەيدۇ. شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرى ئىس-تۈتەك ۋە توزانلار، مەينەتچىلىك، ھۆلچىلىك بىلەن تولغان. شەھەر چۆل-جەزىرىلىك ئوتتۇرسىدا بولۇپ، خىزمەت مۇھىتىڭىز پاكىزە بولغان تەقدىردىمۇ، سىز يەنە ئوخشاشلا مەينەتچلىك ئىچىدە ياشايسىز. سىز ئۆي ئاقارتىش، سىرلاش ياكى كېسەك قۇيۇش، لاي ئېتىشتەك ئىشلارنى قىلمىسىڭىزمۇ يەنىلا باش-كۆزڭىز توپا، ئۈستبېشىڭىز مەينەت بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر، سىز شەھەردە ياشاشنى ئىستىسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز بۇنداق مەينەتچىلىكلەردىن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايسىز؛ كۆينىكىڭىزنىڭ ياقىسىنى ئىس-تۈتەك ۋە توزانلارنىڭ بۇلغاپ، پاسكىنا قىلىۋېتىشىغا چىدىماي ئامالىڭىز يوق؛ مەيلى قانداقلا ئىش قىلماڭ، ئۈستبېشىڭىزنى سېسىق تەر قاپلايدۇ، پۈتكۈل بەدىنىڭىزگە تەرلەر شىلىمدەك چاپلىشىپ كېتىدۇ، سىزمۇ بۇنىڭغا چىداشقا مەجبۇر بولىسىز. شەھەردە، سىز ئۆزىڭىزنىڭ بەزىبىر ئىخچام، ئاددىي ۋە ئىشلەتمەي بولمايدىغان سۆز-ئىبارىلەر، قول ئىشارىلىرىنى بىلىپ-بىلمەي ئۆگىنىپ قالغانلىقىڭىزنى بايقايسىز، چۈنكى، ئۇلار شەھەردە كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئارلىشىش، باردى-كەلدى قىلىشىش ئۇسۇلىنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسىمى. جاۋاب بېرىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرغان مەسىللەرگە نىسبەتەن سىز بىر يۈرۈش ھەمجاۋابلارنى ئۆگىنىپ قويغان بولىسىز. سىز كىشىلەر سورىغان سوئاللارغا پەرۋاسىزلىق بىلەن: «يوق!»، «بولمايدۇ!»، «ئەزبىرائى خۇدا!»، «مانا شۇنداق!»، «ياق، تاغا!»، «ياق، تۇققۇنۇم!»، «ئۇلار شۇنداق دېگەن!»، «ئۇ دېگەن تەيپىنەم ۋاقتىدىكى ئىش!»، «يۈرۈڭ، سىزگە ئامەت يار بولسۇن!»، «يولۇمنى توسماي، يوقال كۆزۈمدىن!»، «پەخەس بولۇڭ!»...دېگەنگە ئوخشاش جاۋابلارنى بېرىدىغان بولۇسىز. ناۋادا، بىراۋ سىزدىن ياكى سىز ئۆز-ئۆزىڭىزدىن: «سەن بايام نېمىلەرنى دەپ كەتتىڭ؟» دەپ سورىغۇدەك بولسا، جاۋاب بېرەلمەيسىز، ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭ شۇنداق سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ سالغىنىڭىزنىمۇ ئەسلىيەلمەي قالىسىز. سەۋەبى، بۇ سۆز-ئىبارىلەر شەھەر تۇرمۇش ئادىتىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلىنىپ كەتكەن، ئۇ خىل سۆز-ئىبارىلەر ئېغىزىڭىزدىن ئىختىيارسىز تۆكۈلىدۇ، بۇ شەھەر تۇرمۇشىنىڭ ناشۇدلۇق، مەنىسىزلىك ئىچىدە ئۆتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. «يوق» دېگەن نېمە؟ نېمە نەرسە يوق؟ «مانا مۇشۇنداق» دېگەن نېمە؟ سىز نېمىگە ئاساسەن «يوق» دەيسىز؟ كىم سىزنىڭ تاغىڭىز؟ «ئۇلار شۇنداق دېگەن» قانداق گەپ؟ ئۇلار دېگەن كىم؟ «ئۇ دېگەن تەيپىنەمنىڭ ۋاقتىدىكى ئىش» دېگەن نېمە گەپ؟ ئۇ قايسى ۋاقىت؟ سىزنىڭ شەھەردىكى يولىڭىز نېمە؟ ئەگەر، بۇنداق سوئاللارنى ئۈستى-ئۈستىلەپ سىزگە قويىدىغان بولسا، سىز بەرداشلىق بېرەلمەيسىز، ھېچقانداق جاۋابمۇ بېرەلمەي قالىسىز. چۈنكى، شەھەردىكى بۇ سۆز-ئاتالغۇلار سەمەرقەنت سالىمى−تەكەللۇپ ئۈچۈن، ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنلا بولغان بولۇدۇ. بەرھەق، شەھەر تۇرمۇشى ۋاقىتنى نوقۇل ئاز-ئازدىن، تاكى باشقا بىر ۋاقىت−خىزمەت ۋاقتى، ئۇخلاش ۋاقتى ياكى بىدارلىق ۋاختى يېتىپ كەلگۈچە بىھۇدە ئىسراپ قىلىشتۇر.
    شەھەر دېمەكلىك مودا، يېڭى ئېقىم قوغلۇشۇش، قۇلاقنى يارغۇدەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىش، چاجى-پاجى كىيىنىش، باشقىلارنى دوراپ كۈلكىگە قېلىش، ئەيش-ئىشرەتلىك ياشاش، ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق قۇربان بېرىش، كۆپ تەلەپ قىلىش، ھېچبىر مەنىسى بولمىغان مەۋجۇدلۇق دېگەنلىك. ئەڭ يامىنى، شەھەردە قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارى بولمايدۇ. شەھەر ئاھالىلىرى مودىغا، يېڭى ئېقىمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم، ئۇلار بۇ نەرسىدىن ئاز-تولا زوقلانسىچۇ، كاشكى. ئۇلارنىڭ چۈشكۈنلۈككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يوق، ئۇلارنىڭ جان-جەھلى بىلەن قىلىنىدىغان ئاخىرى چىقماس چىقىملار، ئىستېماللارغا قارشى تۇرغىدەك رىغبىتىمۇ يوق. مۇبادا، سىز شەھەرنىڭ كونا ئاھالىسى بولماي، يېقىندا، يېڭىدىن شەھەرگە كىرگەن بولسىڭىز، ئۇنىڭغا ئۇنچىۋالا ماسلىشالمايسىز، ئۇنداقتا پۈتكۈل شەھەرنىڭ كۈلكە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىسىز. ئەگەر، سىز شەھەرلىكلەرنىڭ پىكرى، قىممەت قارىشى، يۈرۈش-تۇرۇش قائىدىسى بويىچە ئىش كۆرمەي، جاھىللىق بىلەن ئۆزىڭىز بىلگەننى قىلسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىر غەيرى مەخلۇققا ئايلىنىپ قالىسىز، سىزنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ. ئۆزىڭىزنى ئۆزگەرتىپ، شەھەرلىككە ئايلىنىشنى ئويلىغىنىڭىزدا، نە شەھەرلىككە، نە سەھرالىققا ئوخشىمايلا قالىسىز.
    شەھەردە، ئوغلىنىڭ ئاتىسىنى ئۆلتۈرىشىگە بىر نەرسە دەپ بولمايدۇ، شۇنداقلا ئاتىسىنىڭ ئۆز ئوغلىنى قەتلى قىلىشىغىمۇ بىر نېمە دەپ بولمايدۇ: ئۇلاردىن بىرەرسى سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ، پويىز، ئاپتومىبېل ياكى ئاللىقانداق ماشىنىنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ ماڭغان بولسا، ئويلىمىغان يەردىن ئۆزىنىڭ قېرىندىشىنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. مانا بۇ شەھەرنىڭ سۈرئىتى، شەھەرنىڭ قىستاڭچىلىقى، شەھەرنىڭ نەپسانىيەتچىلىكى. شەھەردە، ئوغلى ئۆز ئاتىسىنى تىللىمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ: ئاتىسىنىڭ ماشىنىسى ئۇنىڭ بىلەن يول تالاشقاندا ياكى ماشىنىسىنىڭ چىرىقىنى ياندۇرۇپ ئۇنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۋەتكەن، شۇنداقلا ئۇ بۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى تامامەن بىلىشكە ئۈلگۈرمىگەن ئەھۋالدا مانا شۇ خىل ئەھۋال رۇي بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شەھەردە ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن كىشىلەر بىخەستەلىك قىلىپ، ھە دېگەندە گېپىنى بىر قىلىۋالىدۇ، نامۇۋاپىق ئىشلارمۇ مۇۋاپىق ئىشلار بىلەن ئارلاشتۇرۋېتىلىدۇ.
    مەسىلە ئادەمدە، شەھەر ئاھالىسىدە ئەمەس: ئادەم، مەيلى ئۇ شەھەرلىك ياكى سەھرالىق بولسۇن، ئاللىقانداق ئىشلار−قىممەت قارىشى، ئەخلاق ئۆلچىمى قاتارىقلاردا ھەممىسى ئوخشاش بولۇپ، كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، جۈملىدىن، ئوخشاش بىر مىللەت، ئوخشاش بىر دىندىكى كىشىلەر تېخىمۇ شۇنداق. مەسىلە شەھەرنىڭ ئەسلى ماھايىتىدىن كېلىپ چىققان: ئۇ، كىشىلەرگە ئاستا-ئاستا ھەممىنى قايتىدىن باشلىمىسا، جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇتىدۇ، ھەتتا شەھەردىكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ھەممە نەرسە قۇرۇق رەسىم-يۇسۇنلارغا، كۆنمىسە بولمايدىغان ئەخلاققا ئايلىنىدۇ. كىشىلەر ئەسلىدە ئېھتىياجلىق بولغىنى ئۈچۈنلا شەھەر بەرپا قىلىشقان، شۇغۇنىسى، شەھەر بىنا قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنى بەرپا قىلغان ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەرگە نىسبەتەن، شەھەر ئۇلار قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدىغان قاباھەتلىك چۈشكە ئايلىنىپ قالىدۇ. شەھەردە، ھەممە نەرسە پۇل بىلەن ئۆلچىنىدۇ، ئاللىقانداق راھەت-پاراغەت ئۈچۈن تەييارلانغان زىبۇ-زىننەت بويۇملىرىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر بويۇم ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ھەر خىل باھانىڭ ماددىي باھاسى ۋە مەنىۋىي باھاسى بولۇدۇ، مۇنا بۇلار شۇنداق قىلىپ شەھەر تۇرمۇشىىدا كرىزىس پەيدا قىلىدۇ.
    شەھەر يېزا ئېگىلىكى بىلەن قارمۇ-قارشى بولۇدۇ: ئۇ، يېزا ئېگىلىك زېمىنىدا قەد كۆتىرىدۇ؛ ئۇ، ساپساق بىر ئوبدان تۇرغان دەرەخلەر، ھەتتا ئۇنىڭ يىلتىزلىرىدىن تارتىپ قومۇرۋېتىدۇ؛ ئۇ، دېھقانلارنى ئازدۇرۇپ، يېزا ئېگىلىكىنى تاشلاتقۇزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى شەھەر كوچىلىرىدا تىنەپ يۈرىدىغان يەلقاۋ، ساختىپەز، تىلەمچى، ئىشسىز سەرگەردانلارغا ئايلاندۇرۇپ قويۇدۇ...شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەر جىمىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى يۇتىۋالىدۇ، ئۇنىڭ داۋاملىق كۆپىيىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ؛ شەھەر ئاھالىسىغا كېرەك بولغان بۇ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى دېھقانلارنىڭ ئېتىز-ئېرىقلىرى ۋە ئۇندا ئىشلىگۈچى دېھقانلارغا ئېھتىياجلىق. شەھەر بىلەن ئىشلەپچىقىرىش قارمۇ-قارشى بولۇدۇ: ئىشلەپچىقىرىش جاپالىق ئەجىر-مېھنەتنى تەلەپ قىلىدۇ، شەھەر بولسا ئۇنىڭ ئۆز ماھىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولۇپ، ئۇ جاپالىق ئەجىر-مېھنەت، ئىخلاس-سەمىمىيەتنى كېرەك قىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئالسام-سالساملا دەيدىغان، بەرگۈسى كەلمەيدىغان، ئېستىمال قىلىشنىلا بىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى بىلمەيدىغان تەبىئىتىدىن كەلگەن. شەھەر ئۆزىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە قاراپ سوزۇلىدۇ، سىرتقا چەكسىز كېڭىيىپ بارىدۇ؛ ئۇ گويا تاز تەمرەتكىسىدەك ئۆز ئەتراپىدىكى ھەممە يەرنى ئېگەللەپ، تىرىكتاپلىق بىلەن ياشايدۇ؛ ئۇ يەنە سەككىز ئاياغقا ئوخشاش ئانتېنناسىنى  چىقىرىپ، زەھىرىنى چاچىدۇ؛ ئۇ ساپ ھاۋانى بۇزۇدۇ: ساپ ئوكسىگېننى زەھەرلىك كاربون تۆت ئوكسىدىغا ئايلاندۇرىدۇ؛ ئۇ، ئانا تەبىئات مەنزىرىسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ؛ ئۇ ئانا تەبىئەتنىڭ سۈزۈك ئەينىكىنى ھورداپ قالغاندەك تۇتۇقلاشتۇرۋېتىدۇ؛ ئۇ، ئىس-تۈتەك ۋە ھەرخىل زەھەرلىك پۇراقلارنى پۈركەپ، ئادەمنىڭ دېمىنى سىقىدۇ، ھەممە نەرسىنى بۇلغاپ، ئاي، يۇلتۇز، ھەتتا قۇياشنىمۇ توسۇدۇ؛ ئۇ شاۋقۇن-سۆرەن، ۋاڭ-چۇڭ، قاتتىق ۋارقىراش-جارقىراش، غەۋغا كۆتىرىش، قۇلاقنى پاڭ قىلىۋەتكۈدەك دەھشەتلىك ئاۋازلار ئارقىلىق ئادەمنىڭ قۇلاق-مېڭىسىنى يەپ، بېشىنى ئاغرىتىدۇ؛ ئۇ ئەتراپىغا كېڭىيىپ، دېھقانچىلىق قىلىدىغان مۇنبەت تۇپراقنى يۇتۈۋالىدۇ، ئەتىراپىدىكى كەنت-مەھەللىلەرنى يۇتۈۋالىدۇ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ بۇلغانغان، ئادەمنىڭ نەپسىنى بوغىدىغان كېلەڭسىز قاناتلىرى ئاستىغا ئالىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن يىرتقۇچقا ئايلىنىدۇ−ئاشۇ كوچا-كۇيلار، بىنالار، ئاممىۋىي ئەسلىھەلەر ئۇنىڭ تىرناق ۋە چىشلىرىدۇر...ئۇ، ئەزەلدىن خاتىرجەم، تېنچ، يەككە-يىگانە مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان مەھەللە-كەنتلەرگە ۋەھشىلەرچە ھەملە قىلىپ تاشلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاشۇ كەنت-مەھەلىلەر بىردىنلا شەھەر ئەتىراپى رايونىغا، ئاندىن شەھەر سېپىلىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى رايونغا ئايلىنىدۇ-دە، ئاخىرى شەھەرنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بولۇپ سىڭىپ كېتىدۇ. شۇنداق كېتىۋەرسە، شەھەر ئاشۇ كەنت-مەھەلىلەرنى يەنچىپ تاشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ تېنچ، خاتىرجەم، پاكىزە، ھۈپپىدە گۈل-چېچەكلەرگە پۈركۈنگەن، ئادەملىرى ئىجىل-ئىناق، ئىشلەپچىقىرىش ماكانى بولغان كەنت-مەھەلىلەرنى شەھەرنىڭ زۇلمەتلىك، كېسەل پىلازمىسىغا، شەھەرنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندۇرىدۇ. پۈتكۈل شەھەر ئېغىر يۈك، كېسەللىكتىن دېرەك بېرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانمىسىمۇ، ئادەمنى جاپا-رىيازەت چەكتۈرىدۇ، ئەمگەك قىلمىسىمۇ ئادەمنى ھېرىپ-چارچىتىدۇ، شەھەر تۇرمۇشىنىڭ ھېچقانداق نىشانى يوق، مەۋجۇدىيىتىدە ھېچقانداق ئىنتىلىشمۇ يوق.
    شەھەر ئادەمنىڭ ھېسسىيات ۋە ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئۆلتۈرۈپ، تەلەتىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان، سېزىمسىز قىلىپ قويىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئەسلىدىكى سەھرا، بوستان، چۆل-جەزىرىلەردە كىشىلەرنىڭ كۆزىگە ئاسانلا چېلىقىدىغان ئىش-ھەرىكەت، كۆرۈنۈشلەر شەھەرلىكلەرنىڭ كۆزىگە سىڭىپ قالغان، نورمال ئىشتەك تۇيۇلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىدا. شەھەردە، مەيلى قانچىلىك چاققان ھەرىكەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەممىسى لىڭتاسمىلىق بىلەن قىلىنغان ھەرىكەت بولۇدۇ، ئەدەملەرنى يىغىپ ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتمۇ، كىشىنى تارقىتىۋېتىدىغان ھەرىكەت، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە سىز ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيسىز، ئۇنى سوراپ-سۈرۈشتە قىلىپ يۈرمەيسىز ياكى باشقىلار سىزدىنمۇ سوراپ يۈرمەيدۇ. چۈنكى، ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى سىزگە نىسبەتەن ئاللىقاچان كۆرسىڭىزمۇ كۆرمەسكە سالىدىغان، ئادەتتىكى نورمال ئىشقا ئايلىنىپ قالغان بولغاچقا، سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى تارتالمايدۇ ياكى سوراپ يۈرۈشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ. بۇ خۇددى قاتتىق ئۇرۇش-جېدەل بولۇپ، بىرلىرى يىغلاۋاتقان، يەنە بىرلىرى يولدىلا  يېتىپ قالغان ياكى ئاللىقانداق بىر جايغا ئوت كەتكەن بولسا−سىزنىڭ ئىشىكىڭىزنىڭ ئالدىغا ئوت كەتمىسىلا ۋە سىز يولدا ئۇچراتقان ئاشۇ جاپاكەش كىشى چوڭ يول بويىدىلا ئۇخلاپ قالسىمۇ ياكى بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا تۇرۇپ قالسىمۇ، تام ياكى دەرەخكە مىنگىشىپ قالسىمۇ، ھەتتا ئۇلار سىزگە ئېغىز ئېچىپ بىر نېمە دېسىمۇ ياكى سىزگە قولىنى تەڭلەپ سەدىقە سورىسىمۇ سىز ھەمىشە پەرۋايىڭىز پەلەك كېتىۋېرىسىز. چۈنكى، بۇنداق كۆرۈنۈشلەر شەھەردە تولا كۆزگە چېلىقىۋېرىپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى كىشىلەرنىڭ سىزىملىرىغا تەسىر قىلماس بولۇپ قالىدۇ، بەلكى بۇنداق ئىشلار شەھەرنىڭ بىر پارچە قىستۇرما رەسىمىگە ئايلىنىپ قالغان بولۇدۇ. شۇنداق بولغاچقا، سىزنىڭ ئالدىڭىزغا بۇنداق كۆرۈنۈشلەر ئۇچراپ قالغۇدەك بولسا، سىز ئۇنداق ئىشلارنى كۆپ كۆرۈپ كۆنۈپ كەتكىنىڭىز ئۈچۈن ئۇ ئىشلارغا ھەيران قېلىپمۇ يۈرمەيسىز. بۇنداق ئىشلار دەسلەپ يۈز بېرىشكە باشلىغاندىلا كىشىلەر ئۇنى توختۇتۇشقا ياكى ئۇ مەسىلىنى ئوبدان ھەل قىلىشقا كىرىشىدۇ، ھالبۇكى، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، شەھەر تۇرمۇشى بۇنداق كۆڭۈل بۆلۈشلەرگە ئىمكان بەرمەيدۇ. ئەگەر، كىمدە كىم بۇنداق ئىشلارغا قول تىقىپ ئارلىشىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ كىشى شەھەردە داۋاملىق ياشىيالماي قالىدۇ. سەۋەبى، بۇنداق ئىشلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئەگەر، سىز بۇنداق ئىشلارنى ھەر بىر ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىكەنسىز، قېرىپ ئۆلۈپ كەتكۈچىمۇ بۇنداق ئىشلارنى تۈگىتەلمەيسىز. چۈنكى، شەھەر پۇقراسى ھەقەقەتەن كۆپ، يەنە كېلىپ ئۇلار ئوخشاش بولمىغان قاتلام، ئوخشاش بولمىغان توپلارغا بۆلۈنگەن، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى، ئىجتىمائىي قاتلىمىمۇ ئوخشىمايدۇ، شەھەردە ياشىغىنى سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان كىشىلىك مۇناسىۋىتى، ئىجتىمائىي ئالاقىلىرى ئاللىقاچان ئۈزۈلۈپ قالغان، سۇسلاشقان بولۇپ، ھەتتا قولۇم-قوشنىلارمۇ بىر-بىرى بىلەن تونۇشمايدۇ−چۈنكى، ئۇلار ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئۆز ئارا قارشى تەرەپكە ھاجىتى چۈشمەيدۇ، ئادەتتە ھەركىم ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش−ئانداقتا، شەھەردە سىز غېمىنى يەپ يۈرگەن ئاشۇ مۇساپىر، سىز قايغۇسىغا تەڭ قايغۇرۇپ يۈرگەن مۇساپىر ياكى سىزنىڭ ئىچىڭىزنى ئاغرىتقان شۇ كىشى سىزنىڭ ئىشىڭىزغا قىلچە كۆڭۈل بۆلۈپمۇ قويمايدۇ، سىز يەنە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ نېمە كەپتۇ؟ چۈنكى، شەھەر دېگەندە شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇنداق مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا مەخسۇس تەشكىلاتلارنى مەسئۇل قىلغان بولىدۇ، شۇڭا ئوت ئۆچۈرۈش مېنىڭ ئىشىم ئەمەس، ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ئىشى، يەنە كېلىپ مەن ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىمۇ ئەمەس، مېنىڭمۇ قىلىدىغان ئۆز ئىشىم بار. تىلەمچىلەرنىڭ ئىشىغا كەلسەك، ئىجتىمائىي خەير-ساخاۋەت تارماقلىرى قىلىدىغان ئىش. مۇبادا، مەن شەھەرنىڭ دوقمۇش-دوقمۇشلىرىدا ئۇچرىغانلىكى دىۋانىلەرنىڭ ھەر بىرىگە سەدىقە بېرىۋەرسەم، بار-يوق پۇللۇرۇمنىڭ ھەممىسىنى سېلىپ بەرسەممۇ يەتمەيدۇ. چۈنكى، ساھىل يالغۇز مېنىڭ ئالدىمدىكى شۇ بىرسى بىلەنلا تۈگىمەيدۇ، بەلكى ھەر بىر كوچىدا ساھىل بار. ئانداقتا، ئۇنىڭ سورىغان سەدىقىسىگە پەرۋا قىلماڭ! ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭ راستتىنلا شۇنداق بىچارە ئىكەنلىكىگە كىممۇ ھۆددە قىلالالىسۇن؟! ئۇ، ئىش خوش ياقمايدىغان ھورۇن ياكى بىر ئالدامچى بولۇپ چىقىپ قالامدۇ-تېخى! سىز كىشىنىڭ سىرتقى قىياپىتىگىلا ئالدىنىپ قالماڭ، چۈنكى، شەھەردە بۇنداق ئالدامچىلار قىياپىتىدىكىلەر ساماندەك تولىغۇ! ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققىلى بولمايدۇ-دە! جېدەل-ماجرانى بېسىقتۇرۇش، ساقچىلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى. مەن يا ساقچى بولمىسام، نېمە دەپ باشقىلارنى ئاجرىتىپ يۈرگىدەكمەن. ھەتتا، بىرەر قارا نىيەت، قىز-ئاياللارغا شەھەرلىكلەرنىڭ كۆزىچىلا زوراۋانلىق قىلسا، ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن قىلچە كارى بولمايدۇ. بۇنداق ئىشلارغا ژاندارما، تەرتىپ ساقلىغۇچى ساقچىلار ياكى جازالاش-ئاگاھلاندۇرۇش جەمئىيەتلىرى مۇسئۇل. ئەگەر، سىز ئوت ئاپىتى، ئۇرۇش-جېدەل، قىز-خوتۇنلارغا زورلۇق قىلىش ياكى ساھىل، يىغلاپ-قاخشاۋاتقان، ئەرز-ھالىنى ئېيتىۋاتقان، بىچارە...خۇدانىڭ ھەر قۇتلۇق كۈنى شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان بۇنداق كۆرۈنۈشلەرنىڭ ھەر بىرىنى كۆرگەندە ئارلىشىمەن دەپ قەدىمىڭىزنى توختىتىۋېرىدىغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا سىز بارىدىغان جايىڭىزغا سىزنى بىرسى يەتكۈزۈپ قويامدۇ ياكى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويامدۇ؟ يەنە كېلىپ، ئۇنداق تۈرلۈك ئىشلارنى ھەل قىلىپ كەتكۈدەك كارامىتىڭىز بارمۇ؟ شۇنداق بولغاچقا شەھەردە كىشىلەر ئاستا-ئاستا بۇنداق ئىشلارغا ئۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قېلىشقان، چۈنكى ئاقىل ئۆزىنى ئايايدۇ-دە! دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىكى شەھەردە بۇنداق ئىشلارغا مۇشۇنداق سوغۇققان بولمىغاندا، كىشىلەر ئۇنى بەك ساددا ئىكەن، دەپ ئويلىشىدۇ. بىرەر خىزمەتچى ئۆز ئىشخانىسىدىن يۈگۈرەپ چىقىپ، چوڭ يولدا ماشىنا ۋەقەسى سەۋەبلىك يارىلانغان بىرسىنى قۇتقۇزۋالغان بولسا، خىزمىتىدىن ھەيدىلىدۇ، چۈنكى، گۇناھكارنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشى، ئۇ ئارلىشىشقا تېگىشلىك بولمىغان، بەلكى ساقچى ۋە قۇتقازغۇچى خادىملار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشقا ئارلىشىپ قالغانلىقىدا. ناۋادا، شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەشكىلىي تارماقلىرىنىڭ ئورنىدا ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن ياردەم بېرىشنى خالىسىڭىزمۇ خەق سىزنىڭ بۇنداق شەپقىتىڭىزنى قوبۇل قىلماي رەھمەت ئېيتىپلا قويۇشىدۇ؛ تېخى ئەكسىنچە سىزگە بىر خىل ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت نەزىرىدە قارىشىدۇ، چۈنكى سىز شەھەردە باشقىلار يەۋاتقان ئېشىغا چاڭ سالغان بولىسىز-دە!
    مانا بۇ شەھەر: شەھەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇ غايەت زور تۈگمەن؛ شەھەرنى بەرپا قىلغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ بىر قاباھەتلىك چۈش. ئۇ سىزنىڭ ئوبرازىڭىزنى، سىزنىڭ قىممەت قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ: سىز شەھەرلىك خاراكتېرىنى ئالىسىز، بۇ بىر خىل رەڭسىز، تەمسىز، پۇراقسىز، مەنىسىز خاراكتېردۇر؛ ئۇ بىر خىل چىۋىن لىچىنكىسى (جانلىقلار) شەكلىدىكى ھايات، بۇنداق ھايات سىزنى باشقىلارنىڭ تىنىقلىرى بىلەن نەپەسلىنىشكە مەجبۇر قىلىدۇ، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي سىز ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەيسىز؛ سىز ئۇلارغا تايىنىپ ئۆز-ئۆزىڭىزنى قوغدايسىز، ئەمما ئۇلار سىزنى قوغدىمايدۇ ياكى سىزنىڭمۇ ئۇلارنى قوغدىشىڭىزغا ھاجەت توغۇلمايدۇ. شەھەر باشقىلارنىڭ گەپلىرىنى سىزگە ئاڭلىتىدۇ، گەرچە ئۇلار بىلەن پاراڭلاشمىغان بولسىڭىزمۇ؛ شەھەردە سىز باشقىلارنىڭ تىنىقلىرىدىنمۇ نەپەس ئالىسىز، گەرچە سىز ئۇلارغا بۇنداق تەلەپنى قويمىغان بولسىڭىزمۇ؛ شەھەردە سىز ھەرخىل ماتورلارنىڭ گۈرۈلدەشلىرى ۋە ھەر خىل بازغانلارنىڭ تاراڭ-تۇرۇڭلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىسىز، گەرچە سىز بۇنداق ئاۋازلارغا كۆڭۈل بۆلمىسىڭىزمۇ.
    شەھەردىكى بالىلارغا كەلسەك، ئۇلار ئاشۇ چوڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بىچارە. ئۇلار، بىر زۇلمەتتىن يەنە بىر زۇلمەتكە، ئۈچىنچى زۇلمەتتىن تۆتىنچى زۇلمەتكە كىرىدۇ. شەھەردىكى ئولتۇراق ئۆيلەر ئائىلە ئەمەس، بەلكى ئۇۋا؛ ئەتىراپنى قورشاپ تۇرغىنىنىڭ ھەممىسى شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرى، ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنا ۋە ئادەملەردىن ھاسىل بولغان تەتۈر ئېقىن، كىشىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە خۇددى دېڭىزنىڭ دەھشەتلىك دولقۇنلىرىدىن قورقۇپ تۈگۈلىۋالغان دېڭىز قۇلۇلىسىغا ئوخشاش قورقۇمسىراپ تۇرۇشىدۇ. شەھەر بىر دېڭىز، ئۇندا شىددەتلىك ئېقىن، دولقۇن، قاينام، ئەخلەت-چاۋا، ئوت-چۆپ، كۆپۈك ۋە قۇلۇلىلەر مەۋجۇت. ئەنە شۇ قۇلۇلىلەر شەھەرلىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ بىچارە بالىلىرىدۇر. شەھەردىكى ھەممە نەرسە بالىلارغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئادەملەر مىغ-مىغ كوچىلاردا بالىلىرىمىزغا بىر ئىش بولۇپ قالمىسۇن، دەپ ئۇلارنى قۇلۇلە قېپىغا نىقتاپ كىرگۈزۋېتىشىدۇ. بالىلار كوچىلارنى كېسىپ ئۆتسىمۇ پايدىسى يوق، چۈنكى، كوچىنىڭ يەنە بىر بېشى «دېڭىز قۇلۇلىسى»، «ئۇۋىسى»، «قاتتىق قېپى». ئاھ، بىچارە بالىلار! سىلەر نەگىمۇ بارارسىلەر؟ ئاشۇ جايلاردىكىسى باشقىلارنىڭ ئۆيلىرى، سىلەر ئۇلارنى تونۇمايسىلەر! ئەسلىدە بۇ يەردە ئولتۇرىدىغانلار ئاللىقاچان كۆچۈپ كەتكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كوچىلار سىلەرگە تەئەللۇق ئەمەس-تە! ئۇ، يولۇچىلارغا مەنسۇپ! بالىلار، كوچىلار سىلەرنىڭ ئوينىشىڭلار ئۈچۈن ياسالمىغان! كوچا سېپى ئۆزىدىن بالىلارنى ئازابلايدىغان نەرسە: تېخى تۈنۈگۈنلا بىر بالا كوچىدا ئوينىماقچى بولغانىكەن، نەتىجىدە ماشىنا سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ؛ ئۆتكەن يىلى كىچىك بىر قىزچاق يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان بىر ماشىنىنىڭ چاقى ئاستىغا كىرىپ كېتىپ، كىچىككىنە جىسمى نەچچە پارچە قىلىۋېتىلىپتۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ چېچىلىپ ياتقان تەن پارچىلىرىنى تېرىشتۈرۈپ يۈرۈپ ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ پەرىجىسىگە تۆكۈپ بېرىشكەنىكەن؛ يەنە بىر قىزچاقنى بىر كەسپ ئەھلى ئېلىپ قېچىپ كېتىپ، بىر نەچچە كۈنگىچە ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى بەرمەپتۇ، ئوغرىلار ئۇ قىزنىڭ بىر بۆرىكىنى ئېلىۋېلىپ، ئاندىن ئۇنى ئىشىكى ئالدىغا تاشلاپ قويۇپتۇ؛ يەنە بىر كىچىك ئوغۇل بالىنى كوچىدىكى بىر ئەبلەخ قەغەز يېشىككە تىقىپ قويۇپتۇ، ئاقىۋەت ماشىنا شوپۇرى بۇ قەغەز يېشىكتە ناتىۋان بىر بالىنىڭ بارلىقىنى بىلمەي، بېسىپ مىجىغانچە ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
    يەنىلا كىرىپ كېتىڭلار، زۇلمەتلىك، ھەم سوغ ھەم قاراڭغۇ ھەم دىمىق ھەم مەينەت ئۆيىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار! ئۇندىن ئۆزگە ئامال يوق، شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرى بۇلغانغان. ھەرگىزمۇ چوڭ يول بويىدا ئويناش خىيالىدا بولماڭلار. ئۇ يەرلەر ئەخلەت ۋە ئىپلاسلىق بىلەن تولغان. بالىلار تارام-تارام يوللارنىڭ ئالدىدا تۇرغىنىدا، ئۇ يوللارنىڭ ھەممىسىلا ھەر خىل قورقۇنچلۇق شەكىلدە ئىتىۋېتىلگەن بولىدۇ−بالىلارنى بېسىپ مىجىقىنى چىقىرۋېتىش ئەمەس، يەنچىپ ئۇ يەر-بۇ يەرگە چېچىۋېتىدۇ، ياكى بولمىسا باسقاندىن كېيىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پارچە-پارچە قىلىپ تاشلايدۇ−بۇ چاغدا، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ يەڭگىل ئاگاھلاندۇرۇش، چىركىنلىك ۋە ئىپلاسلىق بولۇپ قالىدۇ. بىراق، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆيگە سولۇنۇپ ئولتۇرۇشتەك زېرىكىشلىك بولمايدۇ! چۈنكى، ھەممىسى ئاقىبەتتە ئوخشاشلا ھالاك بولۇشتۇر! شۇنداق ئەمەسمۇ! شەھەر دېڭىزى ھەرقانداق بىر دېڭىزغا ئوخشاش بولىدۇ، ئۇندا ئەجەللىك ئېقىن، خەتەرلىك قىرغاقلار، يوشۇرۇن خادا تاشلار، ئادەمخور كىت-لەھەڭلەر بار، شۇنداق ئىكەن بۇ جاي قانداقمۇ بالىلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلسۇن؟! ھالبۇكى، ئۇلار شەھەردە ياشىماقتا. نە چارە؟ بىردىن-بىر چارىمىز بالىلارنى بېسىش، ئۇلارنى ئۇرۇش، ئۇلارنى ئۆيگە قاماپ قويۇش، پۇت-قوللىرىنى چۈشەپ ئۇجۇقتۇرۇش، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقتىن قېن-قېنىغا سىغماي، تىزگىنسىز ئەركىن-ئازادە يۈرۈشىگە يول قويماسلىق، ئۇلارنىڭ قۇياش نۇرى ۋە ھاۋادىن بەھرلىنىشىنى چەكلەش...مانا بۇ شەھەر تۇرمۇشى: ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا ئۆچرەتتە تۇرۇش، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىش، ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى يېپىش، ئىشىك سىرتىدا دوست-بۇرادىرى بولماسلىق؛ بالىلار يېسىلىسىدىمۇ ئۆچرەتتە تۇرۇش، ھەر خىل تەرتىپ، قائىدىلەر...مەكتەبلەرمۇ ئوخشاش؛ دوختۇرخانا، بازارلارمۇ شۇنداق...ھەمىسىدىلا «ئېچىش!»، «ئىتتىرىش!»، «يېپىش!»، «ئۆچرەت!»، «چاپسان بولۇش!»...شەھەردىكى بالىلارمۇ باشقا جانلىقلاردەك ئۆسۈپ-زورىيىدۇ، بىراق، ئۇلار قەلبىدە بۇنداق چەكلىنىش، قىسىلىشلار ۋە ھەر خىل تەرتىپ-قائىدىلەرنى قوبۇل قىلىشقا، ماسلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئۇ ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغان، ھەرخىل پسىخىك توسالغۇلارغا ئۇچايدىغان، كىرپىدەك تۈگۈلۈپ ئۆز-ئۆزىنى مەھكەم ئېتىۋالىدىغان، تىپىك بىنورمال ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن، نېمىشقا كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشى، نورمال باردى-كەلدى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقىنىنى؛ شەخسىيەتچىل، مەنپەئەتپەرەس، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان؛ مېھمان خالىماس، باشقىلار بىلەن ئارلىشىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتقىنىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھەسەت پسىخىكىسى يېتىلىپ قېلىۋاتقىنىنى چۈشەنمەك ئانچە تەس بولمىسا كېرەك.
    سەھراغا كەلسەك، مەيلى تاشقىي شەكلىدىن ۋە مەيلى ئىچكىي ماھىيىتىدىن بولسۇن، ئۇ شەھەرگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان باشقىچە بىر دۇنيا. ئۇ يەردە بالىلارنى توسۇش، كونترۇل قىلىشنىڭ زۆرۈريىتى يوق، ئەكسىنچە ئاتا-ئانىلار بالىلارنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، تېزگىنسىز، ئەركىن-ئازادە ھالدا يۈرەكلىك بىلەن ئۆيدىن چىقىپ، بىپايان دالىلارغا بېرىشقا ئۈندەيدۇ؛ ئۇ يەردە ئۇلار قۇشتەك ئەركىن پەرۋاز قىلالايدۇ، گۈلدەك ئىچ-ئىچىدىن ئېچىلالايدۇ، ئۇ يەردە كوچىلار، ئەخلەت-چىركىنلىكلەر يوق، شۇنداقلا تونۇمايدىغان بىرەر ئادەممۇ يوق؛ جىمى مەھەللىداشلار، كەنتداشلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىجىل-ئىناق، ھەر خىل ماددىي ۋە مەنىۋى مۇناسىۋەتلەر ئۇلارنى شۇنداق بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلىۋەتكەن. ئۇ يەردە، بالىلار قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ قوزىچاقتەك تاقلىشىدۇ، سۈتتەك ئاي يورۇقىدا ساماۋى چۆچەكلەرنى ئاڭلىشىدۇ، ئىزغىرىن شامالدىن نەپەس ئېلىپ، سىم-سىم يامغۇردا يۇيۇنىشىدۇ؛ بالىلار بۇ يەردە شىددەتلىك بوران-چاپقۇنلاردىن قورقمايدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ياۋا ئاتتەك شاش، تېزگىنسىز چوڭ بولۇشىدىن ۋايىم يېمەيدۇ: چۈمۈلىدەك قىم-قىم ئادەملەر يوق، ئۇنى ئېچىش، بۇنى يېپىش دېگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس−بارچە نەرسىلەر يارالمىشىدىنلا ئۇلۇغ ئوچۇق ھالەتتە تۇرغان بولۇدۇ، شۇنداق ئىكەن ئۇنى تەبىئىي ھالدا يېپىشمۇ كەتمەيدۇ؛ ئۇندا بالىلار گۈل-گىياھتەك تەبىئىي مۇھىتتا ئۆسۈپ چوڭ بولۇدۇ: بېسىم-سىقىلىشلار بولمايدۇ، ئۇلار تەبىئىي رەۋىشتە پسىخىك توسالغۇسىز، ساغلام چوڭ بولۇپ يېتىلىدۇ.
    ئەي ئاقىللار! مېھرىبانلار! ئادىمىيىلىكىنى يوقاتمىغان كىشىلەر! يۈرەك-باغرىڭلارنى يېرىپ چىققان ئۆز پەرزەنتىڭلارغا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن! ئۇلارنى ئالداپ، داۋاملىق شەھەردە ياشاۋېرىشكە مەجبۇر قىلماڭلار! پەرزەنتىڭلار چاشقاندەك بىر كاماردىن يەنە باشقا بىر كامارغا تىشىپ چىقمىسۇن، ئۇلارنى بىر ئازگالدىن يەنە بىر ئازگالغا چاپتۇرماڭلار، كۆچۈمىز دەپ ئۇلارنى كوچىمۇ-كوچا سۆرەشتۈرۈپ يۈرمەڭلار. شەھەرلىكلەر ئۆز بالىلىرىغا باشقىلارنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالسا، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىدۇ، يەنى ئۆزىنىمۇ، بالىسىنىمۇ ئالدايدۇ−شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرخىل بويۇنتۇرۇق، كىشەنلەرنى پەيدا قىلىپ، بالىلىرىنىڭ سۆيۈملۈك ئاۋازىنى ئۆزلىرىدىن يىراق قاچۇرىدۇ، بالىلارنىڭ ئەسلىدىنلا ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشكە رايى يوق بولىشى بالا بىلەن ئاتا-ئانىنى ئايرىپ تاشلايدۇ. سەۋەبى، بالىنىڭ يېقىن-يورۇغلىرى−چۈنكى، ئۇلار شەھەر ئاھالىسى−نىڭ تۇرمۇشى ئۇلارنى ئۆز يۈرەك پارىسىدىن ئايرىمىسا ۋە بالىسىغا نەيرەڭ ئىشلەتمىسە بولمايدىغان قىلىپ قويغان. چۈنكى، ئۇلار شەھەر تۇرمۇشىدىن ئىبارەت بۇ قاباھەتلىك چۈشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ۋاقتىنى خىزمەت تېپىش، ئىشلەش بىلەنلا يا ئۆلمەي، يا تىرىلمەي ئۆتكۈزۈشكە، ئارتۇقچە قۇرۇق قائىدە-يۇسۇنلارنى دەپ سۇنىڭ ئېقىشىغا، تۈكنىڭ يېتىشىغا ئىش كۆرۈشكە، تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئۆتكۈزىلىدىغان كېچىلىك بەزمە-باراۋەتلەرگە قاتنىشىشقا، ھارامزادىلىك ۋە ساختىلىق قىلىپ باشقىلار بىلەن ئاتالمىش دوستلۇق، يېقىن مۇناسىۋەت ئورنۇتۇشتەك بىھۇدە ئىشلارغا سەرىپ قىلىشقا مەجبۇر بولۇشۇدۇ... شۇنداق قىلىپ، شەھەرگە ماسلىشىش ئۈچۈن شەھەر ئاھالىسى ئۆز ۋۇجۇدىدىكى شۇ خىل دوزاقلارچە تۇرمۇشنى ئۆزىگە تېڭىشىدۇ، ئۇلار ئويغۇنۇپ بۇ ھالەتتىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولغىنىدا بولسا بالىلار ئۇنىڭ ئارزوسىنى روياپقا چىقرىشى ئۈچۈن توسالغۇ، پۇتلىكاشاڭغا ئايلىنىپ قالغان بولۇدۇ. يەسلى، ئانا تەربىيىسى، بالىلار باغچىسى...ھەتتا مەكتەبلەرمۇ زامانىۋىي ئۇسۇلدىكى تىرىك تۇرغۇزۇپ كۆمۈش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاشۇ بىگۇناھ بالىلاردىن قۇتۇلۇش ھەرىكىتى، شۇنداقلا ئۇلارنى كولدۇرلىتىدىغان نەيرەڭلەردۇر.
    شەھەر ئۆزىنىڭ ئاشۇ بىچارە ئاھالىسىغا نىسبەتەن نەقەدەر شەپقەتسىز، نەقەدەر پەسكەش-ھە! شەھەر ئۇلارنى شۇمۇ گەپمۇ دېگۈدەك بىمەنە ئىشلارنى قوبۇل قىلىشقا، شۇنداقلا ئۇنى ئەقىلغا ئويغۇندەك كۆرسىتىپ، ئىچىگە يۇتۇۋېتىشقا، كۆشەپ يۈرۈشكە مەجبۇر قىلىدۇ. بۇنى ئەڭ ياخشى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغىنى، شەھەرنىڭ ئۆز ئاھالىسىدە ئەنە شۇنداق بىمەنە ئادەت يېتىلدۈرگنىدە. سىز بەلكىم شەھەردە مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن كىشىنىڭ ئىككى خورازنىڭ سوقۇشىشىنى تاماششا قىلىۋاتقىنىنى ئۇچرىتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بەزىدە، تالاي كىشىلەرنىڭ ھاۋا بىلەن تولغان، تاۋۇز چوڭلۇقىدىكى بىر خالتىنىڭ ئارقىسىدىن بىر نەچچە ئادەمنىڭ قوغلۇشۇپ يۈرگىنىنىگە قاراپ قالمايدۇ ۋە بىمەنە ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئۇيان-بۇيان چېپىپ يۈرمەيدۇ، دەپ ھۆددە قىلغىلى بولمايدۇ. يەنە بەزىدە تېخى ئەنە شۇنداق تالاي كىشىلەر شەھەرنىڭ بىمەنە ئەنئەنىۋىي يىغىلىشلىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈنلا قاتنىشىدۇ. ئۇلار بىرەرسى شاتۇتىدەك كۆز ئالدىدا تۇرۇپ بەرسىلا، ھەتتا ئېنىق بىرنەرسە دېمىسىمۇ قۇلاقنى پاڭ قىلغۇدەك ۋارقىراپ-جارقىرىشىدۇ، گاھىدا، ئۇ باشقىلارغا نېمە دەپ كۇسۇرلىغىنىنى بىلدۈرمىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەر ماشىنىغا ئوخشاش بىر خىل ئارىلاشما ئاۋازدا توۋلىشىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى نېمە دەپ توۋلىنىۋاتقىنىنىمۇ ئاڭقىرالمايدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بىرەر مەست ياكى ساراڭ چاۋاك چالسا، باشقىلارمۇ بىلىپ-بىلمەيلا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ چاۋاك چېلىشقا باشلايدۇ، ئۆزىنىڭ خاتا قىلغىنى ئوچۇق بولسىمۇ كۆپچىلىك بىردەكلىكنى ساقلاپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇرۇشىدۇ. مانا بۇ كىشىلەرنىڭ شەھەردە ياشاش جەريانىدا يېتىلدۈرمىسە بولمايدىغان ھازىرقى زامان ساختىلىقى ۋە لولىلىقى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بولغان ئىككى ئادەمنىڭ ھە دەپ ئۇرۇشۇشلىرىنى−چېلىشىۋاتقان ياكى مۇشتلىشىۋاتقان، مۇشتلىشىش ناھايتى ياۋۇز، قورقۇنچلۇق تۈس ئالغان بولسىمۇ نۇرغۇن ئادەملەر بۇ بىر خىل ئېلىشىشنى كۆرۈپ ھوزۇرلىنىشىدۇ. شۇ مەيداندىكى كىشىلەر ئۇلارنى ئاجرىتىۋېتىشقا كۆزى يەتسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ چاتىقى بولمايدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ كارى بولمىغىنى ئەمەس، بەلكى شەھەر تۇرمۇشىنىڭ ئۇلارنى كارى بولماسلىققا قىستىغىنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بۇنداق كۈچلۈك ۋە قەبىھ مۇشتلۇشۇشلار غەرەزلىك قىلىنىۋاتقان بولۇپ، شەھەر مۇشۇنداق ياۋايى ئۇسۇلنى تاللاشقا مەجبۇر قىلغان.
    شەھەر ئاشۇ بايقۇش شەھەرلىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، نەقەدەر شەپقەتسىز، نەقەدەر پەسكەش-ھە!


    (چاڭ جىياڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتى نەشر قىلغان «كازافى پىروزىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.)
    تەڭرىتاغ ژورنىلىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.