ماتېروۋ فارگاۋىنا(پروسپېر مېرىمې)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-03 11:11:44

ماتېروۋ فارگاۋىناپروسپېر مېرىمې(فرانسىيە) (كورسىكا ئارىلى فرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بىر ئارىلى بولۇپ ئىلگىرى گېنۇياجۇمھۇرىيىتىگە قارايتتى. 1790-يىلى فرانسۇزلار كورسىكانى ئىشغال قىلغاندىن كېي...

    ماتېروۋ فارگاۋىنا
    پروسپېر مېرىمې(فرانسىيە)


              (كورسىكا ئارىلى فرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بىر ئارىلى بولۇپ ئىلگىرى گېنۇيا جۇمھۇرىيىتىگە قارايتتى. 1790-يىلى فرانسۇزلار كورسىكانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن كورسىكالىقلار فرانسىيە ھۆكۈمىتىگە باش ئەگمەي ئۇزاققىچە قارشىلىق ھەركەتلىرىنى ئېلىپ باردى. مېرىمېنىڭ بۇ ھىكايىسىدىكى ۋەقەلىك ، كورسىكالىقلار ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا تارقىلىپ يۈرگەن بىر ۋەقەدىن ئېلىنغان ).

       پوردوۋېجو(كورسىكادىكى يەر نامى)دىن غەربىي شىمالغا ، ئارالنىڭ ئوتتۇرىسىغا قاراپ ماڭسىڭىز يەر يۇقۇرىغا كۆتىرىلىپ بارىدۇ. ئۇ يەردە گايى چوڭ قىيا تاشلار بىلەن توسالغان، گايى جىرالار ئارقىلىق ئۈزۈلگەن چىغىر يول بىلەن 3 سائەت ماڭغاندىن كېيىن، كەڭ ئورمانلىقنىڭ چېتىگە چىقىسىز. ئورمانلىق كورسىكالىق چارۋىچىلار ۋە قېچىپ كېلىۋالغان جىنايەتچىلەر توپلانغان جاي. كورسىكالىق دىخانلار يەرنى ئوغۇتلاشقا ئېرىنىپ مەلۇم دائىرىگە ئوت قويۇپ تاغنى كۆيدۇرىدۇ. ئوتنىڭ يامراپ كېتىشى بىلەنمۇ ھېساپلاشمايدۇ. كىشىلەر كۈل يېيىلغان يەرنى تېرىيدۇ  دە، ھاۋانىڭ قانداق كېلىشىدىن قەيئىي نەزەر ھەمىشە ىشەنچىلىك ھالدا مول ھوسۇل ئېلىۋېرىدۇ. ھوسۇلنى يىغىۋالغاندا، كىشىلەر بۇغداينىڭ بېشىنىلا ئۈزۈۋېتىپ، ئورۇش تەس بولغان پايىسنى قويۇپ قويىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنىڭ يەر تېگىدە تۇرسىمۇ ئاسان چىرىمەيدىغان يىلتىزىدىن ىككىنچى يىلى باھاردا قويۇق يېڭى شاخلار كۆكلەپ چىقىدۇ  دە، نەچچە يىلدىن كېيىن 7 -8 گەز ئېگىزلىكتە ئۆسۈپ كېتىدۇ. بۇنداق باراقسان ئوت  - چۆپ، دەل - دەرەخلىكنى كىشىلەر ئورمانلىق دىيىشىدۇ. بۇ خىل ئورمانلىق تۈرلۈك دەرەخ ۋە چاتقاللاردىن تەبىي ھاسىل بولغان. ئورمانلىق شۇنچىلىك قويۇقكى، ھەتتا ئارقارلارمۇ كىرەلمەيدۇ، قولىغا پالتا ئالغان كىشىلەرلا يول ئېچىپ كىرەلەيدۇ.
       ئەگەر سىز ئادەم ئۆلتۈرسىڭىز پوردوۋېجو ئورمانلىغىغا قېچىپ بېرىۋېلىڭ. بەلەن مىلتىقتىن بىرنى، ئازراق ئوق  - دورا ئېلىۋالسىڭىزلا ئۇ يەردە خاتىرجەم ياشاۋېرىسىز؛ يەنە باشلىغى بار قوڭۇر رەڭ پەلتو ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ، چۈنكى ئۇ سىزگە يوتقان ھەم كۆرپە ئورنىدا خىزمەت قىلىدۇ، چارۋىچىلار سىزنى سۇت، قۇرۇت، كاشتانلار بىلەن باقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز ئوق - دورا ئۈچۈن شەھەرگە بېرىشىڭىزنى ھىساپقا ئالمىغاندا، سوت ۋە ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تەۋەسىدىن قىلچە قورقمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

      1831- يىلى، مەن كورسىكا ئارىلىدىكى چاغدا، ماتېروۋفار گاۋىنانىڭ ئۆيى مۇشۇ ئورماندىن ئاران بىر چاقىرىم يىراقلىقتا ئىدى. ئۇ شۇ جايدا خېلى باي ئادەم بولۇپ، قوي پادىلىرى بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتى. قىلىدىغان جىق ئىشلىرى بولمىغاچقا بوش - بىكار يۇرەتتى. ئوت - چۆپكە قاراپ كۆچۈپ يۇرىدىغان چارۋىچىلار قويلارنى تاققا ئاپىرىپ باقاتتى. مەن سۆزلىمەكچى بولغان ۋەقە يۇز بېرىپ 2 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنى كۆرگىنىمدە قارىماققا ئۇ كۆپ بولغاندا 50 ياشلاردا بار ئىدى. ئۇ پاكار بەرجەس ئادەم بولۇپ، چاچلىرى قاپ - قارا پاقىراپ تۇراتتى، ئىلمەك بۇرۇن، كالپۇكلىرى نېپىز ئىدى، يوغان كوزلىرى روھلۇق چاقنايتتى، ئوڭى ئوتۇكنىڭ ئەستىرىگە ئوخشايتتى. ئۇنىڭ ئۇستا مەرگەنلىگى ماھىرلار توپلاشقان كورسىكا ئارىلى بويىچىمۇ ھەممە كىشى تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى . مەسىلەن، ماتېروۋ ئارقارلارنى زادىلا چاچما ئوق بىلەن ئېتىپ يۇرمەيتتى، بەلكى 120 قەدەم نېرىدا تۇرۇپ بىر تال ئوق بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا ياكى كۆكرىگىگە ئېتىپ ئۆلتۈرەتتى. مىلتىقنى ئۇ كېچىسىمۇ كۇندۈزدىكىدەك بەھوزۇر ئېتىۋېرەيتتى. ئۇنىڭ مەرگەنلىگى توغرىسىدا كىشىلەر ماڭا دەپ بەرگەن ۋەقەنى كېسكا ئارىلىغا كېلىپ باقمىغان كىشى ئاڭلىسا ئىشەنمەسلىگى مۇمكىن، بىرسى 80 قەدەم نېرىدا تۇرۇپ بىر تال شامنى يېقىپ ئۇنى تەخسىنىڭ چوڭلۇغىدىكى سۇزۇك قەغەزنىڭ كەينىدە قويۇپ، ئۇ قارىغا ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئۆچۈرىۋەتكەن؛ بىر مىنۇتتىن كېيىن قول سۇنسا بارماقنى كۆرگىلى بولمايدىغان قاراڭغۇدا ئاتقان 4 پاي ئوقنىڭ ئۈچى سۈزۈك قەغەزنى تېشىپ ئۆتۈپ كەتكەن.

             ماتېروۋ فارگاۋىنا بۇ خىل قالتىس مەرگەنلىگى بىلەن يۇقۇرى ئابروي قازانغان بولۇپ، كىشىلەر  ئۇنى كارامەت ياخشى دوست شۇنداقلا ئىنتايىن خەتەرلىك دۈشمەن، دىيىشەتتى. ئۇ مەرتلىگى ۋە خەيرى  - ساخاۋىتى بىلەن پوردوۋېجو رايونىدا كۆپچىلىك ۋە خۇلۇم-خوشنىلىرى بىلەن ئوبدان ئۆتەتتى. بىراق، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ ئۆيلەنگەن كىتى دىگەن يەردە ئۆز رەقىبىنى - جەڭ ۋە مۇھەببەت جەھەتتە ھەرقانداق كىشىنى ئەيمەندۇرىدىغان كۈچلۈك دۈشمىنىنى شۇنداق ئاسان يوقاتقان. يەنى ئۇنىڭ رەقىبى دەرىزىگە ئېسىقلىق ئەينەككە قاراپ ساقىلىنى چۈشۈرۈۋاتقاندا توساتتىن ئېتىلغان ئوقتىن يىقىلغان. كىشىلەر بۇ ئىشنى چوقۇم ماتېروۋ قىلدى دىيىشكەن. ئىش جىمىققاندىن كېيىن ماتېروۋ توي قىلغان. ئايالى گىسبا دەسلەپتە 3 قىز تۇغدى، ئەڭ ئاخىرىدا بىر ئوغۇل تۇغۇپ ئىسمىنى فوردېنادو قويدى. ئۇ ئائىلىنىڭ ئۈمىدى، مىراسخور، ئىزباسارى ئىدى. قىزلىرى بەك ئوبدان كىشىلەرگە تەگدى، زۆرۈر بولۇپ قالغاندا ئۇ كۇيۇغوللىرىنىڭ قىلىچ - مىلتىقلار بىلەن ياردەمگە كېلىشىدىن ئۈمىت كۈتەلەيتتى. ئوغلى ئاران 10 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، شۇدى بار بالا بولىدىغانلىغى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.
     
     كۈز پەسلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ماتېروۋ سەھەردىلا ئايالى بىلەن پادىلىرىنى كۆرگىلى ئورمانلىق ئىچىدىكى بىر پارچە بوشلۇققا كەتتى. فوردېنادومۇ بارماقچى ئىدى ، بىراق ئۇ يەر يىراق ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيگە بىرسى قارىمىسىمۇ بولمايتتى، شۇ سەۋەپتىن دادىسى ئۇنىڭ بېرىشىنى رەت قىلدى. بىز كېيىن ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا پۇشايمان يىگەن - يىمىگەنلىگىنى كۆرىمىز.
      دادىسى ئۆيدىن چىقىپ كەتكىلى بىرقانچە سائەت بولدى. فېردېنادو ئاپتاپتا يېشىل تاغلارغا قاراپ جىمجىت يېتىپ، كېلەر يەكشەنبە «كاپورا» تاغىنىڭ ئۆيىگە تاماق يىگىلى بارىدىغانلىغى توغرىلىق خىيال سۈردى. دەل شۇ چاغدا ئېتىلغان ئوق ئاۋازى ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئوق ئاۋازى چىققان تۈزلەڭلىككە قارىدى. ئارقىدىن يەنە بىر نەچچە پاي ئوق ئېتىلدى. مىلتىق ئاۋازى گاھ يوقاپ، گاھ پەيدا بولۇپ بارغانسېرى يېقىنلاشتى. تۈزلەڭلىكتىن ئۆيگە كېلىدىغان چىغىر يولدا بىر ئادەم كۆرۈندى. ئۇ بېشىغا تاغلىقلارچە ئۇچلۇق قالپاق كىيگەن، ساقاللىق، كىيىملىرى جۇل - جۇل بولۇپ، مىلتىق كۆتەرگەن ھالدا ئاران مېڭىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يوتىسىغا بايا ئوق تەككەن ئىدى.
       بۇ ئادەم «باسمىچى» بولۇپ كېچىلەپ مېڭىپ ئوق - دورا سېتىۋالغىلى شەھەرگە بارغان، يولدا كېسكا ياساۋۇل توپىنىڭ پىستىرمىسىغا ۇچراپ قالغان ىدى. كەسكىن قارشىلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇ اخىر چېكىنگەن بولسىمۇ، كەينىدىن قاتتىق قوغلاپ كېلىشىۋاتاتتى. ئۇ بىر ياقتىن ئېتىشىپ، بىر ياقتىن تاشتىن- تاشقا ئىرغىپ يۇرۇپ قېچىپ كېلىۋاتاتتى. ئەسكەرلەر ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپلا قالغان ئىدى. يارىسى ئۇنىڭ ئورمانلىق ئىچىگە كىرىۋېلىپ ئەسكەرلەردىن قۇتۇلۇشىغا ئىمكان بەرمەيتتى.
      ئۇ فوردېنادونىڭ قېشىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:
    _ سەن ماتېروۋفار گاۋىنانىڭ ئوغلىمۇ؟ - دىدى.
    _ھەئە.
    _مەن گېنادو زانبېئىر مەن. «سېرىق ياقىلىق»لار كەينىمگە چۈشۈۋالدى. يىراققا كېتەلمەيمەن، مېنى مۆكتۈرۈپ قويغىن.
    _دادامنىڭ رۇخسىتىسىز سېنى موكتۇرۇپ قويسام ئۇ نىمىمۇ دەر؟
    _ ئۇ سېنى ئوبدان قىپسەن دەيدۇ.
    _شۇنداق دەمدۇ - دىمەمدۇ، قانداق بىلىسەن؟
    _چاپسان بولغىن، ئۇلار كېلىپ قالدى.
    _دادام كەلسۇن، تۇرۇپ تۇرغىن.
    _تۇرۇپ تۇرغىن دەيسىنا؟ ئەبلەخ! ئۇلار 5 مىنۇت ئىچىدە يېتىپ كېلىدۇ. چاپسان بول، مېنى مۆكتۈر، بولمىسا سنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن.
    _مىلتىڭىغنىڭدىكى ئوقۇڭنى ئېتىپ بوپسەن، ئوقدىنىڭدىمۇ ئوق قالماپتۇ، - دىدى فوردېنادو بىپەرۋالىق بىلەن.
    _خەنجىرىم بار.
    _ئەمما مېنىڭدەك تېز يۈگۈرەلمەيسەن؟
    ئۇ بىر سەكرەپ قارشى تەرەپ تۇتالمايدىغان يەرگە بېرىۋالدى.
    _سەن ماتېروۋفار گاۋىنانىڭ ئوغلى ئەمەسكەنسەن، مېنى ئىشىگىڭ ئالدىدا تۇتتۇرۇپ قويامسەن؟
    بالىغا بۇگەپ سەرى قىلدى بولغاي:
    _ سېنى مۆكتۈرۈپ قويسام ماڭا نىمە بېرىسەن؟ - دىدى ئۇ يېقىن كېلىۋېتىپ.
    «باسمىچى»چەندازىسىدىن 5 فرانكلىق تەڭگىنى ئالدى، بۇ ئۇنىڭ ئوق - دورا سېتىۋېلىشقا ھازىرلىغان پۇلى ئىدى. فوردېنادو پۇلنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرىدى ۋە ئۇنى كاپ قىلىپ ئېلىۋېلىپ گېنادوغا:
    _قورقما، - دىدى.
      ئۇ تېزلىكتە ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئوت - چۆپ دوۋىسىدىن بىر ئۆڭكۈرنى ئاچتى. گېنادو ئۇنىڭ  ئىچىگە كىرىپ پۈكلىنىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن بالا ئۇنى ئوت - چۆپ بىلەن كۆمۈپ قويدى ۋە ھاۋا كىرگىدەك كىچچىككىنە جاي قالدۇردى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئادەم بارلىغىنى باشقىلار سېىپ قالمىسۇن ئۈچۈن ئۇ ناھايىتى ئەپچىل، ئاددى بىر چارە ئويلاپ تاپتى. يەنى ئۇ بىر مۈشۈكنى ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە ئاسلىنىنى ئەكىلىپ ئوت - چۆپ ئۈستىگە قويۇپ قويدى، بۇنداق قىلغاندا خەقلەر بۇ ئوت - چۆپكە ھىچكىم تەگمەپتۇ، دەپ بىلەتتى. ئاندىن ئۇ كگە يېقىن يولدىكى قانلارنى كۆرۈپ پەم بىلەن توپىدا كۆمۈۋەتتى. ھەممە ئىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۇ يەنە ھىچ ئىش بولمىغاندەك بېرىپ ئاپتاپتا ياتتى.
       بىرقانچە مىنۇتتتىن كېيىن، سېرىق ياقىلىق، قوڭۇر رەڭلىك ھەربى كىيىم كىيگەن 6 ئادەم بىر توپ بېشىنىڭ باشلىشىدا ماتېروۋنىڭ ئىشىگى ئالدىغا كەلدى. بۇ توپ بېشى فارگاۋىناغا يۇمغاقسۇتنىڭ ئۇرۇغىدەك تۇققان كېلەتتى. ئۇنىڭ ئسمى دىئادور گانبا بولۇپ، كورسىكالىقلار ئىچىدىن فرانسىيەگە خىزمەت قىلىۋاتقانلار ئىچىدە ئاكتىپلىقى بىلەن نام ۋە پۇلمۇ قازانغان  ناھايىتى زېرەك ئەبلەخ ئىدى. ئۇ بىرقانچە «باسمىچى»نى تۇتۇۋالغانلىغى ئۈچۈن ئۇلار ئۇنىڭدىن بەك قورقاتتى.
     _ ياخشىمۇسەن ئىنىم،- دىدى ئۇ فوردېنادوغا يېقىنلاپ كېلىۋېتىپ، - چوڭ بولۇپ كېتىپسەن! بايا بىرسىنىڭ بۇ يەردىن ئۆتكىنىنى كۆردىڭمۇ؟
    _ھە! مەن تېخى سىزچىلىك چوڭ بولمىدىم، ئاكا،  دىدى بالا ئەخمەقلەرچە جاۋاپ بېرىپ.
    _ئاز قاپسەن، ئاز قاپسەن. ئېيتقىنا، بۇ يەردىن بىرسىنىڭ ئۆتكىنىنى كۆردىڭمۇ؟
     _ بۇ يەردىن بىرسىنىڭ ئۆتكىنىنى كۆردىڭمۇ دەپ سوراۋاتامسىز؟
    _ ھەئە، بۇ ئادەم بېشىغا قارا تاۋاردىن ئۇچلۇق شىلەپە، ئۇچىسىغا قىزىل سېرىق يىپتىن گۇل تىكىلگەن كۆينەك كىيگەن.
    _ ئۇ ئادەم بېشىغا قارا تاۋاردىن ئۇچلۇق شىلەپە، ئۇچىسىغا قىزىل، سېرىق يىپتىن گۈل تىكىلگەن كۆينەك كىيگەن دەمسىز؟
    _ ھەئە، چاپسان جاۋاپ بەر، سۆزلىرىمنى تەكرارلىما،
    _بۈگۈن ئەتىگەن چېركاۋىمىزنىڭ پوپى ئۆزىنىڭ «بەيلو»دىگەن ئېتىغا مىنىپ ئۆيىمىز ئالدىدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ مەندىن داداڭنىڭ سالامەتلىگى قانداق دەپ سورىغان ئىدى مەن...
    _ ھوي ھارامزادە، مۇغەمبىرلىك قىلما. ماڭا گېنادونىڭ نەگە كەتكەنلىگىنى تېز ئېيتىپ بەر، بىز ئۇنى ئىزلەۋاتىمىز، ئۇ چوقۇم مۇشۇ يەردىن ئۆتتى.
    _ كىم شۇنداق دەيدۇ؟
    _كىم شۇنداق دەيدۇ؟ سەن ئۇنى چوقۇم كۆرگەن.
    _ئۇخلاۋاتقاندا يولدىن ئۆتكەن كىشىنى كورگىلى بولامدۇ؟
    _سەن ئۇخلىمىدىڭ لۇكچەك، مىلتىق ئاۋازى سېنى ئويغاتتى.
    _ئاكا، سىز مىلتىغىڭىزنىڭ ئاۋازىنى شۇنچە قاتتىق دەمسىز؟ دادامنىڭ مىلتىغىنىڭ ئاۋازى قانچىلىك، بىلەمسىز؟
    _ سېنى شەيتان ئۇرۇپتۇ بەدبەخ ! سەن گېنادونى چوقۇم كۆردۇڭ، ئۇنى تېخى يوشۇرۇپ قويغان بولۇشۇڭمۇ مۇمكىن. كېلىڭلار بۇرادەرلەر، ئۆيگە قاراپ باقايلى، بىز تۇتىدىغان ئادەم بارمۇ - يوق؟ ئۇنىڭ بىرلا پۇتى ساق، شۇڭا يارىدار پۇتىنى سۆرەپ ئورمانغا كىرىپ كېتەلمەيدۇ، بۇ مۇناپىق قۇۋلۇق ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قاننىڭ ئىزىمۇ مەشەدە يوقالغان.
    _ دادام نىمە دەر؟- دىدى فوردېنادو سوغاق كۈلۈپ،_ئۇقسا ئۇ نىمىمۇ  دەر؟
      _ھۇ جەللىگۇر، - دېدى گانبا ئۇنىڭ قۇلىغىنى سوزۇپ، - مېنىڭ سېنى باشقىچە گەپ قىلدۇرالايدىغانلىغىمنى بىلەمسەن- يوق؟ ئەھۋالدىن قارىغاندا قىلىچنىڭ كەينى بىلەن 20نى يىسەڭ ئاندىن راست گەپ قىلىدىغان ئوخشايسەن.
    _ مېنىڭ دادام ماتېروۋ فارگاۋىنا، _ دىدى ئۇ ھەيۋە بىلەن.
    _ھوي ھارامزادە، بىلەمسەن، مەن سېنى كىتى ياكى باستىيارغا ەكىتىشىم مۇمكىن. سېنى تۈرمىگە تاشلاپ، پۇتۇڭغا كىشەن سېلىپ، ساماندا ياتقۇزىمەن. گېنادونىڭ نەدىلىگىنى ئېيتىپ بەرمىسەڭ سېنى ئاپىرىپ ئۆلتۈرۈۋېتىمەن.
      بۇ خىل كۈلكىلىك تەھدىتكە بالا قاقاقلاپ كۈلۈش بىلەن جاۋاپ قايتۇردى.
    _ مېنىڭ دادام ماتېروۋ فارگاۋىنا،_ دىدى ئۇ تەكرارلاپ.
    _توپ بېشى، دىدى بىر ياساۋۇل ئاستىغىنا، _ماتېروۋ بىلەن ئيتىشماڭ ، جۇمۇ.
    روشەنكى، گانبا قىيىن ئەھۋالدا قالغان ىدى. ئۇ پىچىرلاپ ياساۋۇللىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ياساۋۇللار پۇتۇن ھويلىنى تىنىتىپ چىقتى. بۇنىڭغا ئانچە جىق ۋاقىت كەتمىدى، سەۋەپ كېسكالىقلارنىڭ ياغاچ ئۆيى چاپ - چاسا بولۇپ ئۆي جاھازلىرى بىر جوزا، بىرقانچە ئۇزۇن ئورۇندۇق، بىرقانچە ساندۇق، بىر قىسم ئوۋچىلىق سايمانلىرى ۋە قاچا - قۇمۇچتىن ىبارەت ئىدى. ۋاھالەنكى، كىچىككىنە فوردېنادو بولسا ئاكىسى ۋە ياساۋۇللارنىڭ قىن  - قىنىغا پاتمىغاندەك مۇشۇگىنى سىلاپ تۇراتتى.
      بىر ياساۋۇل ئوت - چۆپ دۆۋىسىگە يېقىنلاشتى. مۇشۇكنى. كۆرۈپ پەرۋازىلىق بىلەن ئوت دۆۋىسىگە قىلىچىنى تىقىپ كۆرۈپ ئۆزىنىڭ ئارتۇقچە ئىنچىكىلىگى ئۆزىگە كۈلكىلىك تۇيۇلغاندەك مۇرىلىرىنى قىسىپ قويدى. ئۇ ھىچنىمىگە تەگمىگەچكە بالىنىڭ چىرايىدىمۇ قىلچە ھاياجانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى.
      توپ بېشى بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ئۈمىتسىزلەندى. ئۇلار تۈزلەڭلىك تەرەپكە دىققەت بىلەن قاراپ ئۆزلىرى كەلگەن يول بىلەن قايتىشقا ھازىرلاندى. توپ بېشىنىڭ فارگاۋىنانىڭ وغلىغا تەھدىت قىلىشى ھىچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىغىغا ھەقىقىي تۈردە كۆزى يەتكەندىن كېيىن، چىرايلىق سۆزلەر ۋە سوغاتلار بىلەن ئۇنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىم ئۇرۇنۇپ كۆرۈش نىيىتىگە كەلدى.
      _ ئۇكام،_ دىدى ئۇ، _سەن ئەقىللىق، چەكسىز ئىستىقبالغا ئىگە بالىسەن! ئەگەردە ماتېروۋ ئاكامنىڭ كۆڭلىنى يېرىم بولمىسۇن دىمەيدىغان بولسام، سېنىڭ مېنى مۇنداق ئەخمەق ئەتكەنلىگىڭگە سېنى راستىن ئېلىپ كېتەتتىم.
    _ راستمۇ؟
    _لېكىن ئاكام قايتىپ كەلگەندە مەن بولغان ئىشنىڭ جىمىسىنى ئۇنىڭغا ئېيتىمەن. ئۇ سېنى قان چىققىچە قامچىلاپ يالغان سۆزلىگىنىڭنىڭ جاجىسىنى بېرىدۇ.
    _شۇنداق قىلارمۇ؟
    _ شۇ چاغدا كۆرەرسەن.....بىراق،ھوي......راستىڭنى ئېيتساڭ ساڭا بىرنەرسە بېرىمەن.
    _ئاكا سىزگە سەمىمى نەسىھەت قىلىپ قوياي: يەنە بۇ يەردە كېچىكىۋەرسىڭىز گېنادو ئورمانلىققا كىرىپ كېتىپ قالىدۇ، ئۇ چاغدا ئۇنى تۇتۇشقا سىزدەك باتۇردىن بىرسى ئازلىق قىلىپ قالىدۇ.
      توپ بېشى يانچۇغىدىن قىممىتى 10 ئەيجۇ كېلىدىغان كۈمۈش سائەتنى ئالدى؛ فوردېنادونىڭ پاقىراپ تۇرغان كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلىپ قالغىنىنى كۆرۈپ زەنجىرنىڭ بىر ئۇچىدا ئېسىپ تۇرغان سائەتنى كۆرسىتىپ:
    _ ھوي مۇغەمبىر، سەن مۇشۇنداق بىر سائەتنى ئېسىۋېلىشنى بەك ئارزۇ قىلىدىغانسەن - ھە،بۇنى ئېسىۋېلىپ پوردوۋېجو كوچىلىرىنى ئايلىنىپ توزدەك مەغرۇرلىنىپ يۈرۈشنى ئولايدىغانسەن بەلكىم؛ ئۇ چاغدا كىشىلەر سەندىن: «سائەت قانچە بولدى؟» دەپ سورايدۇ، سەن ئۇلارغا:«سائىتىمگە قاراڭلار» دەيسەن.
    _مەن چوڭ بولغاندا كاپورا تاغام ئېلىپ بېرىدۇ.
    _شۇنداق قىلار! بىراق تاغاڭنىڭ ئوغلىنىڭ بىرسى بار.......راستىنى ئېيىتقاندا بۇنىڭچىلىكمۇ چىرايلىق ئەمەس........ ئۇ تېخى سەندىن كىچىك.
    بالا ئۇلۇغ كىچىك تىندى.
    فوردېنادونىڭ سائەتكە قارىغاندىكى ئەلپازى بەئەينى ئالدىغا ئەكىلىپ قويغان پۇتۇن بىر توخۇغا قاراپ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىدىن قورقۇپ چاڭگال سالالمايۋاتقان، لېكىن كۆزلىرى ئويناپ كېتىۋاتقان، ئېزىپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن ئۆزىنى ناھايىتى چىڭ تىزگىنلەپ تۇرغان بولسىمۇ، توخۇ ئىگىسىگە قاراپ: «نىمانچىۋالا قاتتىق چاخچاق قىلىدىغانسىز» دەۋاتقاندەك لېۋىنى يالاپ تۇرغان مۇشۇككە ئوخشايتتى.
    ئەمما توپ بېشى سائەتنى چىندىن بېرىدىغاندەك قىلاتتى، فوردېنادو سائەتكە قول ئۇزارتماستىن ئاچچىق كۈلۈپ:
    _ سىز نىمىشقا مېنى ئوينىتىسىز؟ _ دىدى ئۇنىڭغا.
    _خۇدا گۇۋا! چاخچاق قىلمايۋاتىمەن. گېنادونىڭ نەدىلىگىنى ئېيتىپ بەرسەڭلا، سائەت سېنىڭ بولىدۇ.
    فوردېنادونىڭ چىرايىدا شۇبھىلىك تەبەسسۇم پەيدا بولدى، قاپ _ قارا كۆزلىرى بولسا توپ بېشىنىڭ كۆزىگە تىكىلدى، ئۇ توپ بېشىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىشكە بولىدىغان - بولمايدىغانلىغىنى بىلىشكە تىرىشاتتى.
    - ئەگەر مەن قىلغان لەۋزىم بويىچە سائەتنى ساڭا بەرمەيدىغان بولسام ئەمىلىم ئېلىنىپ كەتسۇن! بۇرادەرلەر گۇۋا بولسۇن، مەن لەۋزىمدىن يېنىۋالمايمەن.
     ئۇ سۆزلەۋېتىپ سائەتنى بالىنىڭ تاتارغان يۈزىگە تېگىپ كېتەي دىگۈدەك قىلىپ يېقىن ئەپكەلدى. بالىنىڭ كۆڭلىدىكى مېھمانغا ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەنئەنە بىلەن ئاچكۆزلۈك ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقان كۈرەش ئۇنىڭ چىرايىغا ئېنىق چىقتى. ئۇنىڭ ئوچۇق مەيدىسى گويا تۇنجۇقۇۋاتقاندەك قاتتىق كۆتىرىلىپ - چۈشۈشكە باشلىدى. سائەت بولسا پۇلاڭلايتتى، پىقىرايتتى، بەزىدە بۇرنىنىڭ ئۇچىغا تېگىپ كېتەتتى. بارا - بارا ئۇنىڭ قولى سائەتكە سوزۇلدى، بارماقلىرى سائەتكە تەگدى؛ سائەت پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئالقىنىغا كىردى. ئەمما توپ بېشى بولسا زەنجىرنى قويۇۋەتمەيتتى. سائەتنىڭ يۈزى ھاۋا رەڭ. ....... قېپى يېقىندا پاقىرتىلغان ....... قۇياش نۇرىدا ۋال - ۋۇل قىلىپ يالتىرايدۇ........ ئادەمنى شۇنداق ئۆزىگە تارتىدۇ.
    فوردېنادو سول قولىنى كۆتىرىپ، باشمالتىغى بىلەن مۇرىسى ئارقىلىق ئارقىسىدىكى ھىلىقى ئوت - چۆپ دۆۋىسىنى كۆرسەتتى. توپ بېشى دەرھال چۈشىنىپ سائەتنىڭ زەنجىرىنى قۇيۇۋەتتى.
      فوردېنادو ئۆزىنىڭ سائەتنىڭ بىردىن - بىر خوجايىنى بولغانلىغىنى ھىس قىلدى. ئۇ چىپار بۇغىدەك چىچەنلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوت - چۆپ دۆۋىسىدىن 10 نەچچە قەدەم نېرى جايغا بېرىۋالدى، ياساۋۇللار بولسا شۇئان ئوت - چۆپ دۆۋىسىنى ئاختۇرۇشقا كىرىشتى.
      بىر پەستىن كېيىن كىشىلەر دوۋىنىڭ مىدىرلىغىنىنى كۆردى؛ قانغا مىلەنگەن بىر ئادەم خەنجەر تۇتقان ھالدا ئۇنىڭ ئارىسىدىن چىقتى؛ ئۇ تۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، يېڭىدىن تېڭىلغان يارا ئۇنىڭ تۇرۇشىغا ئىمكان بەرمىدى. توپ بېشى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىلىپ خەنجىرىنى تارتىۋالدى. ئۇ جېنىنىڭ بېرىچە قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، كىشىلەر ئۇنى ھەش - پەش دىگۈچە چەمبەرچەس باغلىۋەتتى.

      گېنادو بىر باغلام ئوتۇندەك باغلىنىپ يەردە ياتاتتى. ئۇ بېشىنى بۇراپ ئۆزىگە يېقىن كېلىۋاتقان فوردونادوغا قارىدى:
    _ ھارامزادە! _ دىدى ئۇ غەزەپتىن كۆرە مەنسىتمەسلىك كۆپرەك بولغان تەلەپپۇزدا.
      
      بالا ئۇنىڭدىن ئالغان بايىقى پۇلنى تاشلاپ بەردى، چۇنكى ئۇ ئۆزىنى ئەمدى بۇ پۇلنى ئىشلىتىش لاياقىتىم يوق دەپ ھىس قىلاتتى؛ ئەمما جىنايەتچى ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىگە ئىرەن قىلماي ئىنتايىن ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن توپ بېشىغا:
    _ئەزىزىم گانبا، مەن ماڭالمايمەن؛ مېنى شەھەرگە يۈدۈپ ئەكىرىدىغان  بولدۇڭ، _ دىدى.
      _ بايا كىيىكتىن تېز چېپىۋاتاتتىڭغۇ! _ دىدى رەھىمسىز غالىپ جاۋاپ بېرىپ، بىراق خاتىرجەم بولغىن،  سېنى تۇتۇۋالغىنىمغا بەكمۇ خوشالمەن، شۇڭا سېنى يۈدۈپ بىر چاقىرىم ماڭساممۇ ھارمايمەن. ئۇندىن باشقا بىز شاخ - شۇمبا ۋە سېنىڭ جۇۋاڭدىن بىر جىرغا ياسىماقچىمىز. كىلىسپورى يېزىسىغا بارغاندا ئاتنىڭ يولىنى قىلارمىز.
      _ماقۇل، - دىدى جىنايەتچى،_ جىرغىغا ئوت - چۆپ سېلىپ بېرىڭلار، يۇمشاقراق ياتاي.
      ياساۋۇللارنىڭ بەزىلىرى كاشتان دەرىخىنىڭ شېخىدىن جىرغا ياساشقا كىرىشتى. بەزىلىرى گېنادونىڭ يارىسىنى تاڭدى. دەل شۇ چاغدا ماتېروۋ فارگاۋىنا بىلەن ئايالى توساتتىن ئورمانلىققا كېتىدىغان چىغىر يولنىڭ دوقمۇشىدا پەيدا بولدى. ئايال يولغا بىر تاغار كاشتاننى يۇدۇپ تەسلىكتە كېلىۋاتاتتى، ئەر بولسا بىخىرامان ماڭاتتى، قولىدا بىر مىلتىق بولۇپ، يەنە بىر مىلتىقنى كەمىرىگە قىڭغىر ئېسىۋالغان، ئەر كىشى مىلتىقتىن باشقا نەرسە كۆتىرىشكە تېگىشلىك ئەمەس ئىدى.
      ياساۋۇللارنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا كەلگەن بىرىنچى ئوي ئۇلار مېنى تۇتقىلى كەلگەن ئوخشايدۇ، دىگەندىن ئىبارەت بولدى. ئۇنىڭغا نىمىشقا بۇنداق ئوي كېلىدۇ؟ ماتېروۋ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانمۇ؟ ياق، ئۇنىڭ ئاتىغى ياخشى ئىدى. خەقلەر ئېيتقاندەك ئۇ «ياخشى ئاتىغى بار ئادەم» بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كورسىكالىق _ تاغلىق ئادەم ئىدى. ئوبدان ئويلاپ كۆرۈلسە، فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئالدىدا ھەر قانداق كورسكالىق تاغلىقلار ئانچە - مۇنچە، پارچە پۇرات سەۋەنلىكتىن خالى ئەمەس ئىدى، چۈنكى كورسىكالىقلار پات - پات فىرانسىيە بىلەن ئېتىشىپ - چېپىشىپ قوياتتى، جىدەللىشەتتى: ھىچ بولمىغاندا فىرانسىيەنىڭ غەيۋىتىنى قىلاتتى. ماتېروۋنىڭ كۆڭلى باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭكىدىن توق ئىدى، چۈنكى بۇ ئون يىل مابەينىدە ئۇ ئادەم ئاتمىغان؛ شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ناھايىتى ئېھتىيات قىلىپ ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئۆزىنى قوغداشقا ئەستايىدىل تەييارلاندى.
    - خوتۇن، تاغارنى قويۇپ تۇرغىن.
      ئايال شۇئان بويسۇندى. ئۇ پۇتلىشىش ئېھتىمالى بولغان كەمىرىدىكى مىلتىغىنى ئۇنىڭغا بېرىپ،  قولدىكىنى ئوقلىدى. ئاندىن كېيىن يول ياقىسىدىكى دەرەخنى بويلاپ ئاستا ئۆيىگە قاراپ ماڭدى؛ ئۇ قارشى تەرەپتىن سەل - پەل دۈشمەنلىك كۆرۈلسىلا دەرەخنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋېلىشقا تەييار ھالدا ماڭدى. ئۇ ھالدا ئۇ ھەم ئۆزىنى دالدىغا ئالالايتتى، ھەم ئېتىشالايتتى. خوتۇنى ئالماشتۇرۇشقا كېرەك بولىدىغان مىلتىق ۋە ئوق قۇتىسىنى كۆتەرگەن ھالدا ئۇنىڭغا يېقىن ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. ئەخلاقلىق ئايالنىڭ جەڭ ۋاقتىدىكى ۋەزىپىسى ئېرىگە ئوق - دورا يەتكۈزۈپ بېرىش ئىدى.
      ئۇياقتىكى توپ بېشىمۇ ماتېروۋنىڭ مىلتىق تۇتقان، بارماقلىرىنى مىلتىغىنىڭ تەپكىسىگە قويغان ھالدا بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ كېلىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ دەككە - دۈككىگە چۈشتى.
      «ناۋادا گېنادو ئۇنىڭ تۇققىنى ياكى دوستى بولۇپ قېلىپ ئۇنى قوغداپ قالماقچى بولسا ئۇ ئىككى مىلتىغى بىلەن ئارىمىزدىن ئىككى ئادەمنى پوتا ساندۇغىغا خەت تاشلىغاندەك دەللىكتە ئېتىپ تاشلىيالايدۇ. ئەگەردە ئۇ تۇققانلىغىمىزغا قارىماستىن مېنى قارىغا ئالسا.........» دەپ ئويلىدى ئۇ.
      مۇشۇنداق ئوڭايسىز شارائىتتتا ئۇ خېلىلا باتۇرلۇق قىلىپ بىر قارارغا كەلدى - دە، كونا دوستلارغا ئوخشاش ماتېروۋنىڭ ئالدىغا ئۆزى يالغۇز بېرىپ بولغان ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرمەكچى بولدى؛ ئۇنىڭ بىلەن ماتېروۋنىڭ ئارىلىغى ناھايىتى قىسقا بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا بەك ئۇزۇن تۇيۇلۇپ كەتتى.
      -ھوي، ئاغىنە،- دىدى ئۇ،_ تېنىڭ تازىمۇ؟ بۇ مەن، سېنىڭ تۇققىنىڭ گانبا.
       ماتېروۋ جاۋاپ بەرمەستىن توختىدى، قارشى تەرەپ سۆزلەشكە باشلىغاندا ئۇ مىلتىغىنىڭ ئاغزىنى ئاستا كۆتىرىشكە باشلىغان ئىدى، توپ بېشى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە مىلتىغىنىڭ ئاغزى پۈتۈنلەي ئاسمانغا قارىدى.
    _ ياخشىمۇسەن تۇققان.
    _بۇيەردىن ئۆتۇۋىدىم، سەندىن ۋە ھەدەم گىسادىن بىر ئەھۋال سوراپ كېتەيچۇ، دىدىم. بۈگۈن بىز بەك ئۇزۇن يول يۇردۇق؛ لېكىن ئەجىرىمىز زايا كەتمەي ناھايىتى زور ئۇتۇققا ئېرىشتۇق، بىز گېنادو زانبېئىرنى تۇتۇۋالدۇق.
    _خۇداغا شۇكرى، ئۇ ئۆتكەن ھەپتە بىر ساغلىق قويىمىزنى ئوغرىلاپ كەتكەنتى.
    بۇ سۆز گانباغا بەك يېقىپ كەتتى.
    _ بىچارە، دىدى ماتېروۋ، _ ئۇنىڭ قوسىغى ئېچىپتۇ.
    _كاساپەت شىردەك قارشىلىق كۆرسەتتى، بىر قېرىندىشىمىزنى ئۆلتۈرگىنىگە قانائەت قىلماي شىياتون باشلىغىمىزنىڭ قولىنى سۇندۇرۇۋەتتى، لېكىن بۇ ھىچقانچە چوڭ ئىش ئەمەس، چۇنكى بۇ باشلىق فرانسۇز. ئۇ ئىشنى تۇگىتىپ تېخى جىن-شاياتۇنلارمۇ تاپالمايدىغان يەرگە مۆكۈۋاپتۇ. ئىنىمىز فوردېنادو بولمىغان بولسا بىز ئۇنى مەڭگۈ تاپالماس ئىكەنمىز.
    _فوردېنادو!_ ماتېروۋ ۋاقىرىۋەتتى.
    _فوردېنادو!_ تەكرارلىدى گىسبامۇ.
    _ھەئە، گېنادو ئاۋۇ ئوت - چۆپ دۆۋىسىگە موكۇۋاپتىكەن؛ مەن سائەتنى بېرىدىغانغا ۋەدە بەرگەندىن كېيىن ئىنىم ماڭا ئۇنىڭ ھىلىسىنى ئاشكارىلاپ قويدى. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ كاپورا تاغىسىغا ئيتىپ، ئۇنىڭ بۇ خىزمىتىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن ياخشى سوغات ئېلىپ بېرىمەن. ئۇنىڭ ۋە سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى جيەنچاگۇەنگە يوللايدىغان دوكلادىمغا يازىمەن.
    _ۋاي بەدبەخ!_ دەپ پىچىرلىدى ماتېروۋ.
    ئۇلار قوشۇن تۇرغان يەرگە يېتىپ كەلدى. گېنادو جىرغىدا مڭىشقا تەييارلىنىپ ياتاتتتى. ئۇ ماتېروۋ بىلەن گانبانىڭ بىللە تۇرغىنىنى كۆرگەندە ھىرايىدا غەلىتە بىر تەبەسسۇم پەيدا بولدى، ئاندىن ئۇ دەرۋازا تەرەپكە ئۆرۈلۈپ دەرۋازىغا تۇكۈردى:
    _ ساتقىننىڭ ئۆيى!
       كورسىكادا پەقەت جېننى تىكىپ قويغان ئادەملەرگە فارگاۋىنانى ساتقىن دەپ تىللىيالايتتتى. بۇ خىل ھاقارەتنىڭ جاجىسىنى پەقەت بىر پاي ئوق ياكى ئۆتكۈر خەنجەر بىر پەستىلا بېرىشى مۈمكىن ئىدى. ئەمما ماتېروۋ قاتتىق چارچىغان ئادەمدەك پىشانىسىنى تۇتقىنىچە قىمىر قىلماي تۇرۇپ قالدى.
    فوردېنادو دادىسىنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. بىردەمدىن كېيىن ئۇ بىر كۇرۇشكا سۇت ئېلىپ چىقىپ بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا گېنادوغا سۇندى.
    _يوقال!_جىنايەتچى قاتتىق ۋاقىرىدى.
    ئاندىن كېيىن ئۇ قايرىلىپ ياساۋۇللارغا:
    _قېرىنداشلار، ماڭا ئازراق ئۇسسىلىق بېرىڭلار،_دىدى.
    ياساۋۇللار سۇداننى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.
    «باسمىچى»بايا ئۆزى بىلەن ئېتىشقان كىشىلەر بەرگەن سۇنى ئىچتى. ئاندىن ئۇ قولىنى ئارقىسىغا باغلىماي كۆرىگىگە گىرەلەشتۈرۈپ باغلاشنى تەلەپ قىلدى.
     - بىخىرامانراق ياتاي.
    كىشىلەر شۇئان ئۇنىڭ تەلىۋىنى قاندۇردى؛ كېيىن توپ بېشى يولغا چىقىشقا ئىشارەت قىلىپ ماتېروۋ بىلەن خەيىرلەشتى _ ماتېروۋ ئۇنىڭغا پىسەن قىلمىدى. گانبا تۈزلەڭنىككە قاراپ چاپسان يۇرۇپ كەتتى.
    ماتېروۋ خېلىغىچە زۇۋان سۈرمىدى. بالا ئەنسىز كۆزلىرى بىلەن بىردە دادىسىغا، بىردە ئاپىسىغا قارايتتى. دادىسى مىلتىغىغا يۆلەنگىنىچە ئۇنىڭغا قەھرى - غەزىۋى بىلەن تىكىلىپ تۇراتتى.
    - ئوبدان ئىش قىلىپسەن - ھە! _ ماتېروۋ ئاخىر ئېغىز ئاچتى، ئۇنىڭ ئاۋازى تەمكىن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئوبدان بىلىدىغانلارغا بۇ ئاۋاز شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئىدى.
    _ دادا!_ بالا توۋلاپ ئالدىغا ماڭدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولغان بولۇپ دادىسىنىڭ پۇتىغا باش قويماقچى ئىدى.
    لېكىن ماتېروۋ ئۇنىڭغا ۋاقىرىدى:
    _ يوقال كۆزۈمدىن!
    بالا دادىسىدىن بىرقانچە قەدەر نېرىدا توختاپ، ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى ، ئەمما قىمىر قىلمىدى. گىسبا ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ يانچۇغىدىن چىقىپ تۇرغان سائەتنىڭ زەنجىرىنى كۆرۈپ قالدى.
    _ بۇسائەتنى كىم بەردى؟ _ دەپ سورىدى ئۇ قاتتىق ئاۋازدا.
    _ توپ بېشى ئاكام.
    فارگاۋىنا سائەتنى يۇلۇپ ئېلىپ بىر پارچە تاشقا ئۇرۇپ سۇندۇرۇپ، چۇل - چۇل قىلىۋەتتى.
    _ خوتۇن، _ دىدى ئۇ،_ بۇ مېنىڭ بالاممۇ؟
    گىسبانىڭ قوڭۇر يۈزى قىپ - قىزىل بولۇپ كەتتى.
    _ نىمىلەر دەۋاتىسىز؟ ماتېروۋ، كىمگە گەپ قىلىۋاتقىنىڭىزنى بىلەمسىز؟
    _ئۇنداق بولسا بۇ بالا ئۆز جەمەتىنىڭ تۇنجى ساتقىنى.
    فوردېنادو تېخىمۇ قاتتىق يىغلاپ كەتتى. فارگاۋىنانىڭ ئوت چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى ئۇنىڭغا مىختەك قادالدى.
     ئاخىر ئۇ مىلتىقنىڭ پاينىكىنى يەرگە ئۇرۇپ _ ئۇرۇپ قويۇپ مۈرىسىگە ئاستى، فوردېنادونى مەن بىلەن ماڭ دەپ ئورمانلىققا بارىدىغان ھىلىقى يولدا قايتىدىن يۇرۇپ كەتتى، بالا ئۇنىڭ دىگىنىنى قىلدى.
      گىسبا ماتېروۋنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئئۇنىڭ مۈرىسىدىن تۇتتى.
    _ ئۇ، سېنىڭ ئوغلۇڭغۇ ئاخىر! دىدى ئۇ تىترىگەن ئاۋازدا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ قاپ -قارا كۆزلىرى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى نىيىتىنى بىلمەكچى بولغاندەك ئېرىگە قاتتىق تىكىلدى.
    _قۇيۇۋەت! _ دەپ جاۋاپ بەردى ماتېروۋ، _ مەن ئۇنىڭ ئاتىسى.
     گىسبا بالىنى قۇچاقلاپ سۈيدى  دە، يىغلىغان پېتى ئۆيگە كىرىپ مەريەم ئانىنىڭ سۈرىتى ئالدىدا تىز چۆكۈپ چىن سەمىمىيىتى بىلەن دۇئا - تەگبىر قىلىشقا باشلىدى. بۇ چاغدا ماتېروۋ چىغىر يولسا تەخمىنەن 200 قەدەمچە مېڭىپ ئۆزى بايىلا مېڭىپ بىر ئويمانلىققا كلېىپ توختىدى. مىلتىقنىڭ پاينىگى بىلەن توپىنى ئۇرۇپ كۆرۈپ، بۇ يەرنىڭ توپىسىنىڭ يۇمشاق، كولاش ئاسان ىكەنلىگىنى سەزدى. ئۇ بۇ يەرنى ئۆز پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇۋاپىق دەپ تاپتى.
    _ فېردېنادو، يوغان تاشنىڭ يېنىغا بېرىپ تۇر.
     بالا ئۇنىڭ بۇيرۇغى بويىچە بېرىپ تىزلىنىپ ئولتۇردى.
    _ئايەت ئوقۇ!
    _دادا، دادا مېنى ئۆلتۈرمىگىن.
    _ئايەت ئوقۇ!_ ماتېروۋ قورقۇنچلۇق ئاۋاز بىلەن تەكرارلىدى.
    بالا يىغلاپ دۇرۇپ «ئاللا ئېگەم» ۋە «ئىشىنىمەن» دىگەن ئايەتلەرنى ئوقۇدى. دادىسى ھەر بىر ئايەت ئوقۇلۇپ بولغاندا ئۇنلۇك جاۋاپ قايتۇرۇپ «ئامىن!»دەپ تۇردى.
    _بىلىدىغان ئايەتلىرىڭ مۇشۇلىمۇ؟
    _دادا، مەن يەنە «ياھۇ مەريەم»نى ۋە ھامما ئۆگىتىپ قويغان دۇئانى بىلىمەن.
    _بۇ دۇئا بەك ئۇرۇن، بوپتۇ كېرەك يوق، ئوقۇغىن!
    بالا زەئىپ ئاۋازدا دۇئا ئوقۇشقا باشلىدى.
    _ھەم، دادا، رەھىم قىلىڭ، گۇنايىمدىن ئۆتۈڭ، ئككىنچى ئۇنداق قىلمايمەن! كاپورا تاغامدىن گېنادونى قويۇۋېتىشنى تىلەي.
    ئۇ سۆزلەۋەردى، ماتېروۋ بولسا مىلتىغىنى ئوقلاپ بولۇپ، قارىغا ئېلىۋېتىپ:
    _گۇنايىڭدىن خۇدايىم ئۆتسۇن!_ دىدى.
    بالا ئۇمىدى ئۈزۈلگەن ھالدا تىرىشپ _ تىرمىشىپ ئورنىدىن تۇرۇپ دادىسىنىڭ تېزلىرىنى قۇچاقلاپ سۈيمەكچى بولدى - يۇ، ئەمما كېچىكتى. ماتېروۋ ئوق چىقاردى، فوردېنادو ئاۋاز بىلەن تەڭلا يىقىلدى.
    ماتېروۋ جەسەتكە قاراپمۇ قويماستىن ئۆيگە ماڭدى. ئۇ گۈرجەك ئەكىلىپ ئوغلىنى كۆمۈپ قويماقچى ئىدى. ئەمدى مېڭىشىغا مىلتىقنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن گىسبا بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.
    _نىمە ئىش قىلدىڭىز؟- ئۇ چۆچۈپ ۋاقىرىۋەتتى.
    _جازا بەردىم.
    _قېنى ئۇ؟
    _ئويمانلىقتا، مەن بېرىپ گۈرجەك ئەكىلىپ ئۇنى كۆمۈۋېتەي. ئۇ ئىمانى بىلەن كەتتى. مەن ئۇنىڭ نەزىر _ چىرىغىنى ئۆتكۈزىمەن. كۇيوغلۇم دىيادولوپىئىنىسننى چاقىرتىمەن، ئۇ كېلىپ بىز بىلەن بىللە تۇرسۇن.

    مەريەم مەمتىمىن تەرجىمىسى  

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.