مارس مەلىكىسى -3-باپ

يوللىغۇچى : Oghuz-han يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-23 13:23:00

ئۈچىنچى باپ مەن مارسقا كەلدىم كۆزۈمنى ئېچىپ بىر قەدىمىي مەنزىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. مارسقا يىتىپ بارغانلىقىم ئايان بولدى. مېنىڭ ئۇخلاپ قالغىنىم يوق، ئەس ھۇشۇم جايىدا، مىڭەم سەگەك ئىكەنلىكىگ...

    ئۈچىنچى باپ

         مەن مارسقا كەلدىم كۆزۈمنى ئېچىپ بىر قەدىمىي مەنزىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. مارسقا يىتىپ بارغانلىقىم ئايان بولدى. مېنىڭ ئۇخلاپ قالغىنىم يوق، ئەس ھۇشۇم جايىدا، مىڭەم سەگەك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ھىسسىي تۇيغۇ ماڭا مارستا ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ بەرمەكتە، خۇددى سىزنىڭ يەر شارىدا ئىكەنلىكىڭىزنى سىزگە ئېيتىپ بېرۋاتقىنىدەكلا. مەن مارىستا ئىكەنلىكىمدىن گۇمانلانمايمەن، خۇددى سىزمۇ يەرشارىدىلىقىڭىزدىن گۇمانلانمىغاندەك. مەن ئۆزەمنىڭ سارغۇچ بىر خىل يىپىنچا ئۆسۈملۈك ئۈستىدە ياتقانلىقىمنى بايقىدىم. بۇ ئۆسۈملۈك مېنىڭ تۆت ئەتراپىمدا كۆز يەتكۈسىز ھالدا بىر نەچچە ئېنگىلىز مىلى يېيىلىغان ئىدى. مەن بىر دانە چوڭ يومۇلاق تەخسە شەكىللىك ئويمان يەردە ياتاتىم. ئەتراپقا نەزەر تاشلىغاندا بۇ يەرنىڭ گىرۋىكىنى بويلاپ چۆردەپ تۇرغان كىچىك تاغلارنىڭ ئىگىز - پەس قانونيەتسىز تۈزلۈشىنى پەرق ئەتكىلى بولاتتى.

        بۇ دەل چۈش ۋاقتى بولغاچقا قوياش نۇرى ماڭا تىك چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ تەپىتى مېنىڭ يالىڭاچ بەدىنىمگە چۈشۈپ قىزىق ئىفىكت پەيدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئارىزونا شىتاتىنىڭ ئاپتىپىدىن ئاجىز ئىدى. ھەممىلا يەردىكى تاشلار قۇياش نۇرىدا يالت - يۇلت چاقناپ خۇددى كۇۋارتىستەك جۇلالىنىپ تۇراتتى. نەزىرىم سول تەرپىمدىكى ئانچە يىراق بولمىغان جايدا تۇرغان تەخمىنەن يۈز يارد ئۇزۇنلۇقتىكى پاكار قورشاۋ تامغا چۈشتى. تامنىڭ ئىگىزلىكى تۆت فوت ئەتراپىدا كىلەتتى. ئەتراپتا يىپىنچا ئۆسۈملۈكتىن باشقا ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئۆزەمنىڭ سەل ئۇسىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. شۇڭا ئەتراپنى تەكشۈرۈپ بىقىش قارارىغا كەلدىم. مەن ئورنۇمدىن تۇرۋىتىپ چۈچۈپ كەتتىم، چۈنكى ئورنۇمدىن تۇرۇش ھالىتىم يەر شارىدىكى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردە ئورنۇمدىن تۇرغان چاغدىكى كۈچۈنۈش مېنى يەر يۈزىدىن ئۈچ يارد ئەتراپىدا كۆتۈرۋەتتى ھەم يەر يۈزىگە قايتىپ چۈشكىنىمدە روشەن سىلكىنىشنى بايقىمىدىم. ئارقىدىنلا بىر تالاي كۆلكىلىك ئىشلار يۈز بەردى. مەن يول مىڭىشنى يېڭى باشتىن ئۆگەنمىسەم بولمايدىغاندەك قىلاتتى. يەر شارىدىكى بىر قەدەم ئېلىش ئۈچۈن مۇسكىللار پەيدا قىلغان كۈچ مارستا ئىنتايىن قىزىقارلىق ھەركەت ھاسىل قىلىدىكەن. مەن ئىختىيارسىز رەڭگى - تۈرلۈك قىلىقلارنى چىقىرىپ نورمال يول يۈرۈشكە ئامالسىز قالدىم. ھەر بىر سەكرىشىمدە يەر يۈزىدىن نەچچە فوت كۆتۈرلۈپ كىتەتتىم، ئىككىنچى ، ئۈچۈنچى قەدەمنى تاشلىغىنىمدا يەرگە يىقىلغانلىقىمنى ياكى ئوڭدامغا چۈشكەنلىكىمنى كۆرەتتىم. مەن تېزلا بۇنى چۈشۈنۈپ يەتتىم. ئەسلىدە مېنىڭ مۇسكۇللىرىم يەر شارىدىكى ئېغىرلىق كۈچىگە ئادەتلەنگەچكە مارسنىڭ ئاجىز تارتىش كۈچى ۋە ئاتمۇسفورا بىسىمىغا كۈنەلمىگەن ئىدى. ھەرقانچە كۆڭۈل قويۇپ تىرىشساممۇ مەغلۇپ بولاتتىم.

       يەر شارى ئىنسانلىرىغا خاس بولغان ھەربىر ھەركىتىممۇ مېنى توپتەك قاڭقىتىپ يوقىرىغا تاشلايتتى. مەن ئالدى بىلەن پاكار قورشاۋ تامنى تەكشۈرۈپ بىقىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئەتراپتا ھىچقانداق باشقا ئىمارەت ياكى دەل - دەرەخ يوق بولۇپ پەقەت مۇشۇ قۇرلۇشلا بۇ يەردە ئادەم بارلىقىنىڭ بىردىنبىر ئىسپاتى ئىدى. شۇڭا تامنىڭ يېنىغا بېرىش ئۈچۈن مېنىڭ قىلىدىغان بىردىن بىر ئىشىم بىرىنچى ھەركەت قانونىيىتى - ئۈمۈلەش بولدى. مېنىڭ ئۆمۈلەش ھەركىتىم يامان ئەمەس بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا قورشاۋ تامنىڭ يېنىغا يىتىپ باردىم. قورشاۋ تامدا ئىشىك ياكى بىرەر دىرىزىمۇ كۆرۈنمەيتتى. مەن ئىھتىيات بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ تامنىڭ ئۈستىدىن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان غەلىتە مەنزىرىگە نەزەر سالدىم. قورشاۋ تامنىڭ ئۆگزىسى قاتتىق ئەينەكتىن ياسالغان بولۇپ قىلىنلىقى تۆت-بەش فوت كېلەتتى. ئەينەك ئۈگزىنىڭ ئىچىدە ئاق رەڭلىك، يۇپيۇمۇلاق نەچچە يۈز دانە تۇخۇم تۇراتتى. تۇخۇملارنىڭ چوڭ كىچىكلىكى بىردەك، دىئامېتىرى تەخمىنەن ئىككى يېرىم فوت ئەتراپىدا ئىدى. دەل شۇ چاغدا بەش - ئالتە تۇخۇم يېرىلىپ، ئىچىدىن شەكىلى غەيرى بىر نەرسە چىقىپ بىر چەتكە بېرىپ ئەينەكتىن چۈشۈپ تۇرغان قۇياش نۇرى ئاستىدا ئولتۇرۇپ كۆزنى چىمىلداتقىلى تۇردى. بۇلارنى كۆرۈپ ئەس - ھۇشۇمنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم.
        بۇ نەرسىلەرنىڭ گەۋدىسى ئاساسەن باش قىسمىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ بەدىنى ناھايىتى ۋىجىك، بوينى ئۇزۇن، ئالتە پۇتلۇق ئىدى. مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇم بۇيىچە ئۇلارنىڭ ئىككى قولى، ئىككى پۇتى بار، يەنە ئىككى قۇلى پۇت بىلەن قولى ئارلىقىغا ئۆسكەن ئىككى تال خالىسا قول ياكى پۇت قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئەزاسىدىن ئىبارەت ئىدى. ئىككى كۆزى بېشىنىڭ مەركىزىنىڭ سەل ئۈستى ئىككى يانغا جايلاشقان بولۇپ، باش قىسمىدىن كۆتۈرلۈپ چىقىپ تۇراتتى، ھەم ئالدىغا ھەم ئارقىغا قارىيالايتتى، بىشىنى بۇرىماي تۇرۇپمۇ بىرلا ۋاقىتتا ئىككى تەرەپنى كۆزىتەلەيتتى. شۇڭا بۇ غەلىتە نەرسىنى ھەرقانداق تەرەپكە قاراپ تۇرۇپتۇ دىسە خاتا بولمايتتى. قولىقى كۆزىنىڭ سەل ئۈستى تەرىپىدە ئۆزئارا يېقىن جايلاشقان، ۋىجىك، ئۈچ بولۇڭ شەكىلىك بولۇپ ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققان بۇ ھايۋانلارنىڭ بىشىدىن ئارانلا بىر سۇڭ ئەتراپىدا چىقىپ تۇراتتى. بۇرنى توغرا يېرىقچە شەكىلىدە يۈزىنىڭ مەركىزىگە، ئېغىزى بىلەن قولقىنىڭ ئارلىقىغا ئۆسكەن ئىدى. بەدىنىدە تۈك يوق، تېرىسى سېرىققا مايىل يېشىل ئىدى. مەن ئۇزاق ئۆتمەي قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ تېرىسى زەيتون دەرىخى رەڭگىدە قىنىق، ئەركىكىنىڭ رەڭگى چىشىسىنىڭكىدىن توق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ باش- گەۋدە سىلىشتۇرما نىسبىتى يېڭى چىققانلارنىكىدىن چوڭ پەرق قىلاتتى. چوڭلىرىنىڭ بەدەن شەكىلى ئاساسىي جەھەتتىن يەر شارى ئادەملىرىنىڭكىگە يىقىن كېلەتتى. كۆزى ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭكىدەك قان رەڭگىدە بولۇپ ، كۆز قارچۇقى قارا ئىدى. كۆز ئالمىسىنىڭ رەڭگى چىشنىڭ رەڭگىگە ئوخشاش ناھايىتى ئاق ئىدى. بۇ ئالامەتلەر ئۇلارنىڭ قورقۇنۇچلۇق چىرايى بىلەن قوشۇلۇپ ناھايىتى ياۋۇز تەسۋىر پەيدە قىلغان ئىدى. تۆۋەنكى چىشى يوقىرىغا قاراپ ئىگىلگەن ھالدا ئۆسكەن بولۇپ، ئۆتكۈر ئۇچى تەخمىنەن يەر شارى ئىنسانلىرىنىڭ كۆز ئورنىغىچە كىلەتتى. چىشى قار رەڭگىدە ئاق بولۇپ نۇر چىقىرۋاتقان ساپالغا ئوخشاش ناھايىتى روشەن ۋە ئىنتايىن ۋەھشى كۆرۈنەتتى. بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى مەن كىيىن بىلدىم. چۈنكى مېنىڭدە بۇ يېڭى نەرسىلەرنى تەپەككۈر قىلغۇدەك ۋاقت تامامەن يوق ئىدى.
        مەن بۇ قورقۇنۇچلۇق نەرسىلەرنىڭ تۇخۇمدىن چىقۋاتقانلىقىنى كۆزىتىۋاتقان چىغىمدا، كەينىمدە يىگىرمە نەپەر ياش مارس ئادىمىنىڭ يىقىنلاپ كەلگەنلىكىنى سەزمىگەن ئىدىم. مارسلىقلار يىپىنچا ئۈسۈملۈك ئۈستىدە تىپتىنىچ، ئاۋازسىز مىڭىپ كەلمەكتە. بۇ ئۈسۈملۈك ئەمىلىيەتتە ئىككى قار - مۇزلۇق قۇتۇپ ۋە تارقاق تېرىلغۇ يەردىن باشقا پۈتكۈل مارس يۈزىنى قاپلىغان ئىدى. مارسلىقلارنىڭ مۇدىئاسى ئىنتايىن قەبىھ بولۇپ، ئەسلى مېنى ناھايىتى ئاسانلا تۇتقۇن قىلماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق چاغدا ئەڭ ئالدىدىكى بىرىنىڭ قورالى چىقارغان ئاۋاز مېنى ئاگاھلاندۇردى. مۇنداق بىر كىچىك ۋەقە مېنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى. بۇنداق دائىم ئاسانلا خەتەردىن قۇتۇلۇپ قىلىشىم مېنى ئەجەپلەندۈردى. ئەگەر بۇ بىر ئەترەت ئادەمنىڭ باشلىقىنىڭ قورالى(بۇ قورال ئات ئىگىرىنىڭ يېنىدىكى ئىلغىغا ئېلىقلىق ئىدى.) سىلكىنگەن ۋاقىتتا ئۇنىڭ مېتال بىلەن تېڭىلغان ئۇزۇن نەيزىسىگە تىگىپ كەتمىگەن بولسام مەن ئاللىقاچان ئۈلۈمنىڭ يىقىنلاپ كىلۋاتقانلىقىدىنمۇ خەۋەرسىز ھالدا ئۇلار تەرپىدىن يوقۇتۇلغان بولاتتىم. ئەمما نەيزىگە تىگىشىم بىلەنلا پەيدا بولغان ئاجىز ئاۋازدىن مەن كەينىمگە بۇرۇلدۇم، بىر نەيزىنىڭ ئۇچى كۆكرىكىمدىن ئون فوتتەكلا يىراقلىقتا تۇراتتى، نەيزىنىڭ ئۇزۇنلىقى قىرىق فوت ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆتكۈر ئۇچى پارقىراق مىتالدىن ئىشلەنگەن ئىدى، نەيزە تۇتقان ئەبلەخنىڭ رەڭگى - رويى تۇخۇمدىن چىقۋاتقان غەيرىلەر بىلەن ئوپئوخشاش، ئاتقا مىنگەن بولۇپ نەيزىنى بېلىگە تىرەپ تۇتۇپ تۇراتتى. ئۈچمەنلىك بىلەن ماماتلىقنىڭ دەھشىتى ھەم قورقۇنۇچىنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن بۇ مەخلۇقلارغا قارىغاندا ئەينەك ئۆي ئىچىدىكى مەخلۇقلار يەنىلا ناھايىتى يىقىملىق ۋە زىيانسىز كۆرۈنەتتى.
        مەن ئالدىمدا تۇرغانلارنى ئادەم دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئىگىزلىكى ئون بەش فوت ئەتراپىدا بولۇپ، يەر شارىدا بولسا بۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تۆت يۈز قاداق ئەتراپىدا چىقىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ تۆۋەندىكى ئىككى قولى بىلەن ئۆزى مىنگەن ھايۋاننىڭ گەۋدىسىنى قاماللاپ تۇتىۋالغان، ئىككى ئوڭ قولى نەيزە تۇتقان ھالدا بىلىگە تەكشى تىرەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتى بىزنىڭ ئات مىنىشىمىزگە ئوخشاپ قالاتتى. ئىككى سول قولى يان تەرەپكە قاراپ تەكشى سوزۇلغان بولۇپ بۇ ھەركىتى ئۇنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرەتتى. ئۇ مىنۋالغان ھايۋان ئىگەرلەنمىگەن بولۇپ چولۋۇرىمۇ كۆرۈنمەيتى. ئۇنىڭ ئاستىدىكى مىنىۋالغان ھايۋانى يەر شارى تىلى بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايتتى.
       بۇ نەرسىنىڭ مۈرىسى يەر يۈزىدىن ئون فوت كۆتۈرلىگەن ، ئىككى تەرپىدە تۆتتىن پۇتى، كەڭ ياپىلاق قۇيرىقى بار، گەۋدىسىنىڭ كەينى تەرىپى باش تەرىپىدىن يوغان، كېلەڭسىز ئىدى. ئۇ تېز ماڭغاندا قۇيرۇقى كەينىگە قاراپ تۈزلىنەتتى. يېرىق شەكىلدىكى ئاغزى ئونىڭ بۇرنىدىن باشلاپ چوڭ ھەم ئۇزۇن بوينىغىچە سوزۇلغان بولۇپ بېشىنى ئىككىگە بۆلۈپ تۇراتتى. تېرىسى ئىگىسىگە ئوخشاشلا تۈكسىز بولۇپ كۆك قارا رەڭدە ناھايىتى سىيلىق ۋە پارقىراق ئىدى. قۇرساق قىسمى ئاق رەڭدە بولۇپ ئالدى - كەينى پۇتى، مۈرىسى ۋە ساغرا قىسمىدىن باشلاپ ئەسلىدىكى كۆك قارا رەڭدىن بارا- بارا روشەن سېرىق رەڭگە ئۆزگەرگەن ئىدى. پۈت قىسمى گۆشلۈك بولۇپ تىرنىقى بولمىغاچقا ئالغا ئىلگىرلىگەندە ئاياق تېۋىشى چىقمايتى. بۇندىن باشقا پۈتى ناھايىتى كۆپ بولۇپ مارس ھايۋانلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىدى. كىيىن بىلسەم مارستا پەقەت ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئادەم ۋە باشقا بىرخىل ھايۋاندىلا تىرناق ئۆسىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا مارستا تۇياقلىق، تىرناقلىق ھايۋان يوق ئىكەن. بىرىنچى بولۇپ يىتىپ كەلگەن مارسلىقنىڭ كەينىدە يەنە ئون توققۇز مارسلىق بار ئىدى. ئۇلار ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئۆزئارا ئوخشاش بولۇپ مەن كىيىن خۇددى بىز ئىنسانلار تاشقى جەھەتتىن ئوخشاش بولساقمۇ ئوپئوخشاش ئىككى ئادەم بولمىغىنىغا ئوخشاش ئۇلارنىڭمۇ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بىلدىم. بۇ ھالەت ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا مارسقا چىقىپلا تۇنجى كۆرگەن قاباھەتلىك چۈش كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ئۇلارغا يۈزلەنگەن چىغىمدىلا مەندە تۇيۇقسىز بىر قورقۇنۇچلۇق تەسىرات پەيدا قىلدى. مەن ھىچقانداق قورال ئالمىغان ھەم قىپيالىڭاچ بولساممۇ، ئەمما نەيزىدىن ئۆزەمنى ئېلىپ قىچىشتىن ئىبارەت بىرىنچى تەبئى قانونىيەت كاللامدا يالت قىلىپ چاقناپ ئۆتتى. شۇڭا چاقماق تېزلىكىدە خەتەردىن ئۆزەمنى قاچۇردۇم.
        مەن بىر سەكرەپلا مارسلىقلار تۇخۇم باسىدىغان ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقۋالماقچى بولدۇم. مەن ئاللىقاچان بۇ ئۆينىڭ تۇخۇم باسىدىغان ئۆي ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن ئىدىم. مېنىڭ قىچىشىم ناھايىتى مۇۋاپەقىيەتلىك بولدى. ئوڭۇشلۇق ھەركىتىم شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدە مېنى ھەم مارسلىقلارنى قاتتىق چۆچىتىۋەتتى. چۈنكى مەن سەكرىگەندە بوشلۇققا قاڭقىپ چىقىپ يەر يۈزىدىن ئوتتۇز فوت ئەتراپىدا كۆتۈرلۈپ مېنى تۇتماقچى بولغانلاردىن يۈز فوت يىراقلىققا، قورشاۋ تامنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە چۈشكەن ئىدىم. شۇنداقلا مەن يىپىنچا ئۈسۈملۈك ئۈستىگە ئاستا چۈشتۈم، ھىچقانداق يارلانمىدىم. كەينىمگە بۇرۇلۇپ مېنى تۇتماقچى بولغان دۈشمەنلەرنىڭ قورشاۋ تامنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بىر قاتار بولۇپ تىزىلغانلىقىنى كۆردۈم. بىر قانچىسى غەلىتە چىراي ئىپادىلەرنى چىقىرىشىپ مېنى كۆزۈتۈۋاتاتتى. كىيىن مەن بۇنداق ئىپادىنىڭ ناھايىتى قورققانلىقنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. قالغانلىرى مېنىڭ ئۇلارنىڭ يېڭىدىن تۇخۇمدىن چىقۋاتقان بالىلىرىغا دەخلى قىلمىغىنىمنى كۆرۈپ مەندىن خاتىرجام بولغاندەك قىلىشتى. ئۇلار ئۆزئارا پەس ئاۋازدا سۆزلىشىپ قول ئىشارىتى قىلىشىپ مېنى كۆرسىتىشەتتى. ئۇلار مېنىڭ كىچىك مەخلۇقلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىمنى ، مېنىڭ قورالسىز ئىكەنلىكىمنى بايقاشتى. بۇ بايقاش ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان ئۈچمەنلىكىنى تارقىتۋەتكەن بولسا كېرەك. كىيىن بىلسەم ماڭا ئەڭ پايدىلىق بولغىنى مېنىڭ ئىگىزگە سەكرەش ماھارىتىم ئىكەن. مارىسلىقلار ناھايىتى يوغان، ئۇستىخىنىمۇ چوڭ بولۇپ ئېغىرلىقى بىلەن بەدىنىدىكى كۈچى ئۆزئارا ئوڭ تاناسىپ كىلەتتى. ئەمما ئىستىراتىگىيە جەھەتتىن يەر شارىدىكى ئادەملەر بىلەن سىلىشتۇرغاندا ئۇلار يەنىلا كالامپاي، ئاجىز كۆرۈنەتتى. ئەگەر ئۇلاردىن بىرىنى تۇتۇپ يەر شارىغا ئاپىرىپ قويسا ئۇنىڭ يەر يۈزىدىن ئۆز گەۋدىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرالمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولاتتى. شۇنداق قىلىپ مارىستىكى ھەيران قالارلىق ماھارىتىم مارسلىقلارنىڭ مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمەنلىك نەزىرىنى بىراقلا مېنى قانداقتۇر يېڭى بىر جانلىقنى بايقاشقا ئۆزگەرتىپ مېنى تۇتۇپ ئاپىرىپ كۆرگەزمە قىلماقچى بولۇشتى .
        مېنىڭ ئويلاپمۇ باقمىغان ھەركىتىم ئازاراق ئارام ئېلۋىلىشىمغا ، كىيىنكى قەدەمنى قانداق بىسىشنى ئويلىۋىلىشىمغا ھەم بۇ غەلىتە مەخلۇقلارنى تەپسىلىي كۈزۈتىشىمگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى. چۈنكى بۇ ئەبلەخلەر بىلەن بىر كۈن ئاۋال مېنى قوغلىغان ئىندىئانلارنى ئايرىپ قاراشقا بولمايتتى. مەن مارسلىقلارنىڭ نەيزىسىدىن باشقا يەنە نەچچە خىل قورال بىلەن قوراللانغانلىقىغا دىققەت قىلدىم. بۇ قورالنىڭ بىر خىل مىلتىق ئىكەنلىكىگە، ئۇلارنىڭ بۇ مىلتىقنى ئىشلىتىشكە ئالاھىدە ماھىر ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيتتى. بۇ خىل قورال ئاق رەڭلىك مىتالدىن ياسالغان بولۇپ ياغاچتىن ياسالغان مىلتىق قوندىقىغا ئورنىتىلغان ئىدى. مەن كىيىن بۇ خىل ياغاچنىڭ ناھايىتى يىنىك ، ئىنتايىن قاتتىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. بۇ ياغاچ مارستا ئىنتايىن ئەتۋارلىنىدىكەن، ئەمما يەر شارىلىقلار بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدى. مىلتىق سىتىۋولى ئاليومىن ۋە پولات بىرىكمىسىدىن ياسالغان بولۇپ ئۇلار بۇنداق بىرىكمە مېتالنى ناھايىتى قاتتىق قىلىپ تاۋلاشنى بىلىدىكەن. ئۇنىڭ قاتتىقلىقى بىز بىلىدىغان پولاتنىڭ قاتتىقلىقىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ چۈشىدىكەن. بۇ خىل مىلتىق يىنىك، كالبىرى كىچىك، سىتىۋولى ئۇزۇن، پارتلايدىغان رادىيلىق ئوق بىشى سەپلەنگەن بولۇپ ئادەمنى ناھايىتى ئاسانلا ئۆلتىرەلەيتتى. نەزەرىيە جەھەتتىكى ئېتىش ئارلىقى ئۈچ يۈز ئېنگىلىز مىلى بولۇپ، يەرشارىلىقلار بۇنى ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلالمايتى. ئەمما، سىمسىز ئارلىق ئۆلچەش ئۈسكىنىسى ۋە قارىغا ئېلىش قورۇلمىسى ئورنىتىلسا ئەمىلىي ئىشلىتىشتە ئەڭ يىراق بولغاندىمۇ ئىككى يۈز ئېنگېلىز مىلىدىن ئازاراق ئاشاتتى. بۇنداق يېراققا ئېتىش ئارلىقى مېنىڭ مارسلىقلارغا بولغان ھۆرمەت ھىسياتىمنى قوزغىدى. بىر خىل ھىسسىي تۇيغۇ مېنىڭ مۇشۇنداق ئوچۇقچىلىقتا ماڭا بەتلىنىپ تۇرغان يىگىرمە تال مىلتىقنىڭ ئالدىدا قىچىشنىڭ ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۆتتى .
        مارسلىقلار بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن بىرسى قىلىپ قالغانلىرى ئۆرۈلۈپلا ئەسلىدىكى كەلگەن يۈلۈنىشكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى . ئۇلار تەخمىنەن ئىككى يۈز يارد ماڭغاندىن كىيىن توختاپ مىنگەن مەخلۇقلىرىنى مەن تەرەپكە بۇراپ نەزىرىنى مەن تەرەپتە قىپقالغان مارسلىققا تىكىشتى. قىپقالغان مارسلىق ئىلگىرى ماڭا نەيزە تەڭلىگەن، كىچىك ئەترەتنىڭ باشلىقى بولۇپ، باشقىلارنىڭ ھەركىتى دەل بۇ باشلىقىنىڭ كۆرسىتىشى بۇيىچە بولغان ئىدى. مارسلىقلار جايلىرىدا توختىغاندىن كىيىن ئەترەت باشلىقى مىنگەن مەخلۇقىدىن يەرگە چۈشۈپ نەيزە ۋە باشقا قوراللىرىنى تاشلاپ قويۇپ تۇخۇم بىسىش ئۆيىنى ئايلىنىپ مەن تەرەپكە كىلىشكە باشلىدى. ئۇ ھەممە قورالىنى تاشلىۋەتكەن بولۇپ ئۈستى - بىشى ، مەيدىسىگە ئاسقان زىننەت بۇيۇملىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش يالىڭاچ ئىدى. ئۇ ماڭا تەخمىنەن ئەللىك فوت قالغاندا بىر دانە مىتالدىن ياسالغان يوغان يەڭ بەلگىسىنى يېشىپ قول ئالقانلىرىغا قويغىنىچە مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كىلىپ ئۇچۇق، ياڭراق ئاۋاز بىلەن ماڭا گەپ قىلدى. ئەمما مەن ئونىڭ تىلىنى چۈشۈنەلمىدىم. ئۇ سوزلەشتىن توختىدى، قارىماققا مېنىڭ جاۋاپ قايتۇرۇشۇمنى كۈتۋاتقاندەك قىلاتتى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا قولقىنى دىڭ تۇتۇپ غەلىتە كۆزىنى ماڭا توغۇرلاپ تۇردى. ئارىمىزدىكى جىمجىتلىق چىكىگە يەتكەندە مەن تەۋەككۈل قىلىپ بىر قانچە جۇملە سۆزلەشنى قارار قىلدىم. چۈنكى ئۇ تەشەببۇسكار ھالدا مەن بىلەن تېنچلىقتا بىللە تۇرماقچى بولغان ئىدى. ماڭا يىقىنلىشىشتىن ئاۋال قورالىنى تاشلىۋېتىش، ئادەملىرىنى چىكىندۈرۈش، مانا بۇلار يەر شارىنىڭ ھەممىلا يىرىدە ئوموملاشقان تىنچلىق تەكلىپىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، مارستىكى ئىپادىسىمۇ ئوخشاش ئىكەن. بۇنى قوبۇل قىلىشقا ۋە چۈشۈنىشكە بولاتتى. چۈنكى تىنچلىقنى خالايدىغانلار ھەرگىز قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقى يوق رەقىبىگە ھۇجۇم قىلمايدۇ. مەن قولۇمنى مەيدەمگە قويۇپ ئالدىمدىكى مارسلىققا قاراپ چوڭقۇر تازىم قىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم. گەرچە مەن ئۇنىڭ تىلىنى چۈشەنمىسەممۇ ئۇنىڭ ھەركىتى تېنچلىق ۋە دوسلتۇقنى بىلدۈرگەن ، بۇنداق ئىپادىلەش ماڭا ناھايىتى يىقىنچىلىقنى ھىس قىلدۇرغان ئىدى. مېنىڭ دىگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە جىرا سۇلىرى چىقارغان شىلدىرلىغان ئاۋازغا ئوخشاش بولۇپ سۆزۈم تۈگىگەندىن كىيىن دەرھال قولۇم بىلەن بىر ھەركەت قىلدىم. مېنىڭچە ئۇ بۇ ھەركەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەتتى. مەن بىر تەرەپتىن ئونىڭغا قولۇمنى سوزۇپ بىر تەرەپتىن ئونىڭغا يىقىنلاشتىم. ئونىڭ ئېچىلغان ئالقانلىرىدىن يەڭ بەلگىسىنى ئېلىپ جەينىكىمنىڭ ئۈستىگە باغلىدىم ھەم ئونىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم. ئونىڭ ئېچىلغان ئېغىزىمۇ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ماڭا جاۋاپ قايتۇرغاندەك كۈلۈمسىرىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئونىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر قولى مېنىڭ بىلىكىمگە ئۆتكۈزۈلۈپ بۇرۇلۇپ ئونىڭ مەخلۇقىغا قاراپ مىڭىپ كەتتۈق. شۇ ۋاقتنىڭ ئۆزىدە ئۇ ھەمراھلىرىغا ئىشارەت قىلدى.
        ئۇلار ماڭا قاراپ يۈگرۈشۈپ كىلىشتى. ئەمما ئۇ سىگىنال بىرىپ ئۇلارنىڭ يۈگرەپ كىلىشىنى چەكلىدى. چۈنكى ئۇ مېنىڭ بۇ ئۆزگىرىشلەردىن قورقۇپ قىچىپ كىتىشىمدىن ئەنسىرەپ قالغان ئىدى. ئۇ ئادەملىرى بىلەن بىر قانچە ئېغىز سوزلەشكەندىن كىيىن مېنىڭ مەخلۇققا مىنىشىمگە ئىشارەت قىلدى. مەن بىر رىتسارنىڭ كەينىدە ئولتۇردۇم. ئارقىدىن ئۇ ئۆزىنىڭ ھايۋىنىغا مىندى. ئۇ كۆرسەتكەن رىتسار ئۈچ قولىنى سوزۇپ مېنى كۆتۈرۈپ كەينىگە ، مەخلۇقنىڭ پارقىراق دۈمبىسىگە ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. مەن پەقەتلا ئۇنىڭ قۇرال باغلىغان تاسمىسى ۋە باشقا زىننەت ئۈچۈن ئاسقان نەرسىلىرىنى تۇتۇپ ئولتۇردۇم. ئۇلار بۇرۇلۇپلا يىراقتىكى تاغ تىزمىسىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈرۈپ كەتتى.

       ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان تەرجىمىسى

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-13 21:07:51][qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 12:39:45]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.