مۇھەببەت ۋە ئەركىنلىك(كىرىشانمورىت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-13 23:18:23

مۇھەببەت ۋە ئەركىنلىك(نەسىر)كىرىشانمورىت(ھىندىستان)نۇرگۇل ھېيىت تەرجىمىسى بىر ئادەمنى سۆيۈشنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بىر تۈپ دەرەخنى، بىر قۇشنى ياكى بىر ئوماق ھايۋاننى ياخشى...

    مۇھەببەت ۋە ئەركىنلىك(نەسىر)

    كىرىشانمورىت(ھىندىستان)

    نۇرگۇل ھېيىت تەرجىمىسى



     

    بىر ئادەمنى سۆيۈشنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟  بىر تۈپ دەرەخنى، بىر قۇشنى ياكى بىر ئوماق ھايۋاننى  ياخشى كۆرسىڭىز ئۇلار سىزگە ھىچقانداق جاۋاپ قايتۇرالمىسىمۇ، سىز يەنىلا ئۇلارنى ياخشى كۆرىۋىرىسىز. ئۇنى قوغدايسىز، باقىسىز، ئۆستۈرىسىز. سىز بۇلارنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟



    نۇرغۇن كىشىلەر بۇ خىل ئۇسۇلدا  سۆيمەيدۇ.  بىز بۇ خىل مۇھەببەتنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز. چۈنكى بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز دەككە- دۈككە، گۇمان ۋە قورقۇنىچ بىلەن كىشەنلەنگەن. بۇ بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇرلىقىدىكى ئىچكى دۇنيارىمزدا دائىم باشقىلارغا تايىنىۋالىدىغانلىقىمىزدىن ، سۆيۈلۈشكە ئىرىشىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىمىزدىن دىرەك بىرىدۇ. سۆيۈلۈشكە ئىرىشىشتىن باشقا بىز ھىچنەرسىنى سۆيمەيمىز.  مۇھەببەتنى تاشلىۋىتىمىز. بۇ خىل ئىنتىلىش ئىچىدە بىز باشقىلارغا تايىنىدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ، مۇھەببەت بىلەن ئەركىنلىك بىر- بىرىدىن پەقەت ئايرىلالمايدۇ. مۇھەببەت بىر خىل ئەكىس سادا ئەمەس. ئەگەر مەن سىزنى مىنى سۆيگەنلىكىڭىز ئۈچۈنلا ياخشى كۆرسەم، بۇ بىر خىل سودا بولۇپ قالىدۇ. مۇھەببەت بازاردا ئىلىپ- ساتىدىغان، ئالماشتۇرىدىغان بويۇمغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ مۇھەببەت ئەمەس. مۇھەببەت ھىچقانداق جاۋاپ قايتۇرۇشقا مۇھتاج بولماسلىقى، ھەتتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەلۇم نەرسىلەرنى بىغىشلاۋاتقانلىقىڭىزنى  ھىس قىلالماسلىقىڭىز كىرەك. پەقەت مۇشۇنداق مۇھەببەتلا  ئەركىنلىكنى ھەقىقى چۈشىنەلەيدۇ. لىكىن سىز شۇنى بىلىۋىلىڭكى، بىز بۇلار ھەققىدە ھىچقانداق تەربىيە ئالمىغان. سىز ماتىماتىكا، خىميە، جوغراپىيە، تارىخ ئۆگەندىڭىز، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ  بىردىنبىر كۆڭۈل بۆلىدىغىنى – سىزنىڭ ياخشى خىزمەت  تىپىپ، تۇرمۇشتا غالىبىيەتچىلەردىن بولۇپ چىقىشىڭىزدۇر، ئەگەر ئۇلار پۇلدار بولسا سىزنى چەتئەللەرگىچە چىقىرىپ ئوقۇتۇشى مومكىن. خۇددى باشقىلار غا ئوخشاشلا ، ئۇلارنىڭ مەخسىدى سىزنىڭ باي بولۇشىڭىز، جەمىيەتتە ياخشى ئورۇنغا ئىرىشىپ، يۈز- ئابرۇي تىپىشىڭىزدۇر.



    گەرچە سىياسىئونلار، ئادۇۋكاتلار، ئاتالمىش داڭلىق ئەرباپلار تىنىچلىق ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ تۇرسىمۇ، بۇ ھىچنىمىدىن دىرەك بىرەلمەيدۇ. سىز ۋە مەن ئەركىنلىك دىگەن بۇ مەسىلىنى تونۇشىمىز كىرەك. بىز ئۆزىمىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشىمىز كىرەك. چۈنكى بىزدە سۆيگۈ- مۇھەببەت بولمىسا، غايە ۋە ئەخلاقنىڭ بولۇشىمۇ مومكىن ئەمەس. بىز ھەرگىز باشقىلارنى ئويلىيالمايمىز. باشقىلارنى ئويلاشنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟  چىغىر يولدىكى ئۇچلۇق بىر تاشقا نۇرغۇن پۇتلارنىڭ تىگىپ يارىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئىلىپ تاشلىۋەتسىڭىز، بۇ تاشنى ئىلىۋىتىشنى باشقىلار بۇيرىمىسىمۇ، سىز باشقىلار ئۈچۈن بۇ تاشنى ئىلىۋىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلالىغان بولىسز. بۇ باشقىلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز. سىز بەلكىم تاشقا پۇتلىشىپ كەتكەن ئۇ ئادەمنى بىرەر قىتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان بولىشىڭىز مومكىن.



    بىر تۈپ دەرەخ تىكىپ ئۇنى چوڭ قىلىش، دەريا- ئىقىنلارنىڭ كۆرۈش ۋە زىمىننىڭ گۈزەللىكىدىن ، بايلىقىدىن ھوزۇرلىنىش، قانات قىقىپ ئۇچۇۋاتقان بىر قۇشنى كۈزىتىش ۋە ئۇنىڭ پەرۋاز قىلغان چاغدىكى گۈزەللىكىنى ھىس قىلىش، قەلبى سەزگۈرلۈككە تولۇش ۋە ھاياتنىڭ بۇ خىل ئاددى ھەركىتىدىن كۆڭلى ئىچىلىشلارغا ئەركىنلىك كىرەك. ئەركىنلىككە ئىرىشىش ئۈچۈن سىزدە مۇھەببەت بولۇشى كىرەك. مۇھەببەت بولمىسا ھىچقانداق ئەركىنلىك بولمايدۇ. مۇھەببەتسىز ئەركىنلىك ھىچقانداق قىممىتى يوق بىر ئۇقۇمغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ھىسيات جەھەتتىن تايىنىۋالغانلىقىنى ھىس قىلالىغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلىلالىغان، سۆيۈشنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى بىلەلىگەن ئادەملا ھەقىقى ئەركىنلىككە ئىگە بولالايدۇ. پەقەت شۇلارلا بىر خىل يىڭى مەدەنىيەت، باشقىچە بىر دۇنيا يارىتالايدۇ.



    خەنزۇچە «يېڭى ئەسىردىكى ياشلار ئوقۇشقا تېگىشلىك چەتئەل نەسىرلىرى»ناملىق توپلامدىن تەرجىمە قىلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.