خامېلېئون

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-27 16:19:00

خامېلېئونچېخوپئۈستىگە يېڭى شىنىل كىيگەن ۋە قولىغا بوپا تۇتقان ساقچى نازارەتچىسى ئوچۇمىلوپ بازار ئىچىدىن كېتىپ باراتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن مۇسادىرە قىلىنغان مېۋە بىلەن تولدۇرۇلغان غەلۋىرنى كۆتۈ...

    خامېلېئون

    چېخوپ

    \

     

    ئۈستىگە يېڭى شىنىل كىيگەن ۋە قولىغا بوپا تۇتقان ساقچى نازارەتچىسى ئوچۇمىلوپ بازار ئىچىدىن كېتىپ باراتتى. ئۇنىڭ كەينىدىن مۇسادىرە قىلىنغان مېۋە بىلەن تولدۇرۇلغان غەلۋىرنى كۆتۈرۈپ، سېرىق چاچلىق ساقچى كېتىپ باراتتى. ئەتراپ جىمجىت... بازار مەيدانىدا ھېچكىم يوق... دۇكان ۋە قاۋاقخانىلارنىڭ ئوچۇق قالغان ئىشىكلىرى، گوياكى ھاڭقىيىپ قالغان ئوچۇق ئېغىزلارغا ئوخشاش قايغۇلۇق كۆرۈنەتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئالدىدا گادايلارمۇ يوق.

    ئوچۇمىلوپنىڭ قۇلىقىغا تۇيۇقسىزلا؛

    -سەن تېخى چىشلىمەكچى بولامسەن، لالما؟ بالىلار ئۇنى قاچۇرۇپ قويماڭلار! ھازىر بىراۋنى چىشلەشكە رۇخسەت يوق! تۇت! ئا.... ئە!...-دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.

     ئىتنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئوچۇمىلوپ ئەتراپقا قاراپ، سودىگەر پىچۇگىننىڭ ئوتۇنخانىسىدىن بىر كۈچۈكنىڭ ئۈچ پۇتى بىلەن قېچىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. كۈچۈكنى چىت كۆڭلەك كىيگەن ۋە چاپىنىنىڭ تۈگمىلىرى يېشىلگەن بىر كىشى قوغلاپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ كۈچۈكنى قوغلاپ كېلىۋېتىپ، ئۆزىنى ئالدىغا ئاتتى-دە، كۈچۈكنىڭ ھاۋشىشى ۋە «قويۇۋەتمە!» دېگەن ۋارقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى. دۇكانلاردىن يېڭىلا ئۇيقۇدىن تۇرغاندەك ئۇيقۇلۇق كۆزلىرى بىلەن دۇكاندارلار باشلىرىنى چىقىرىپ قاراشتى ۋە ئوتۇنخانىنىڭ ئالدىغا بىردەمدىلا خۇددى يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەك ئادەملەر توپلاندى.

    -مۆھتەرەم ئەپەندى، بۇ تەرتىپسىزلىك...-دېدى ساقچى.

    ئوچۇمىلوپ سول تەرەپكە بۇرۇلۇپ، ئادەملەر يىغىلغان جايغا قاراپ ماڭدى. ئۇ يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن، تۈگمىلىرى يېشىلگەن كىشىنىڭ ئوتۇنخانا دەرۋازىسى ئالدىدا ئوڭ قولىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قانغا بويالغان بارمىقىنى ئادەملەرگە كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭ بىر ئاز مەستلىكىدىن خەۋەر بېرىپ تۇرغان چىرايىدا «سېنىڭدىن ئەمدى بىرەر نەرسە ئۈندۈرىمەنغۇ، مۇتتەھەم!» دەپ يېزىلغاندەك تۇيۇلاتتى ۋە بارماقنىڭ ئۆزىمۇ يېڭىپ چىققاننىڭ بەلگىسىدەك كۆرۈنەتتى. ئوچۇمىلوپ بۇ كىشىنىڭ زەرگەر خۇيۇكىن ئىكەنلىكىنى تونىدى. توپلانغان ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالدىنقى پۇتلىرىنى كېرىپ، پۈتكۈل ئەزايى تىترىگەن ھالدا غوۋغا چىقارغۇچى ئەيىبكارنىڭ ئۆزى ــــ ئۇچلۇق تۇمشۇق، سېرىق-ئالا كۈچۈك تۇراتتى. ئۇنىڭ ياشاڭغىراپ تۇرغان كۆزلىرىدىن غەمكىنلىك ۋە قورقۇنچ ئالامەتلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

    ئوچۇمىلوپ ئادەملەرنىڭ ئارىسىغا كىردى-دە:

    -سىلەر نېمىشقا بۇ يەرگە يىغىلىۋالدىڭلار؟ سەن نېمىشقا قولۇڭنى كۆتۈرۈپ تۇرىسەن؟... ۋارقىرىغان كىم؟-دەپ سورىدى.

    خۇيۇكىن قولىنى ئاغزىغا ئەكىلىپ، يۆتىلىپ سۆزلەشكە باشلىدى:

    -مەن، مۆھتەرەم ئەپەندى، ھېچكىمگە تەگمەستىن كېلىۋاتقانىدىم... مىترىي مىترىچ بىلەن ئوتۇن توغرۇلۇق پاراڭ قىلىشماقچى ئىدىم، بىر ۋاقىتتا قارىسام، مۇنۇ لالما، ھېچنىمدىن ھېچنىمە يوق، تۇيۇقسىزلا بارمىقىغا ئېسىلدى... سىز مېنى كەچۈرۈڭ، مەن ھازىر ئىشلەۋاتقان ئادەم... مېنىڭ ئىشىم ئۇششاق-چۈششەك ئىش. ئىتنىڭ ئىگىسى ماڭا ھەق تۆلەيدىغان بولسۇن، كىم بىلىدۇ، بەلكىم مەن بۇ بارمىقىمنى بىر ھەپتىگىچە مىدىرلىتالمايمەن... مۆھتەرەم ئەپەندى، مەخلۇقلارنىڭ ئازابىغا چىداش كېرەك دەپ قانۇندىمۇ ئېيتىلغان ئەمەس... ئەگەر ھەرنەرسە كېلىپ چىشلەۋېرىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا بۇ دۇنيادا ھايات كەچۈرمىگەننىڭ ئۆزى ياخشى...

    -م...ياخشى...-دېدى ئوچۇمىلوپ جىددىيلىك بىلەن يۆتىلىپ ۋە قاشلىرىنى مىدىرلىتىپ،-ياخشى... كىمنىڭ ئىتى؟ مەن بۇ ئىتنى مۇنداق قالدۇرمايمەن. مەن سىلەرگە ئىتلارنى بوش قويۇۋېتىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىمەن! قارارلارغا بويسۇنۇشنى خالىمايدىغان مۇنداق ئەپەندىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋاقىت يەتتى! ئۇ ئەبلەخلەرگە بىر جەرىمانە سالىدىغان بولسام، كوچىدا تېنەپ يۈرگەن ئىت ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدىغان بولىدۇ! مەن ئۇنىڭغا كۆرسىتىدىغاننى كۆرسىتىمەن!... يىلدىرىن،-دېدى نازارەتچى ساقچىغا قاراپ،-سەن بۇ ئىتنىڭ ئىگىسىنى تېپىپ ئارخىپ ياز! ئىتنى بولسا يوق قىلىش كېرەك. چاپسان! بول! بۇ ئىت بەلكى غالجىردۇر... بۇ كىمنىڭ ئىتى دەپ سوراۋاتىمەن؟

    -ئېھتىمال، گېنېرال ژىگالوۋنىڭ ئىتى بولسا كېرەك،-دەپ توپنىڭ ئىچىدىن بىرى جاۋاب بەردى.

    -گېنېرال ژېگالوۋنىڭكى؟ ھىم-ھىم... قېنى يىلدىرىن، مېنىڭ پەلتويۇمنى يېشىۋەتكىنە... كۈن بەك ئىسسىدى... يامغۇر ياغىدىغان بولسا كېرەك... مەن پەقەت بىرلا نەرسىگە چۈشىنەلمەيمەن؛ ئۇ سېنى قانداق قىلىپ چىشلىۋالدى؟-دەپ ئوچۇمىلوپ خۇيۇكىنگە مۇراجىئەت قىلدى،-ئادەمنىڭ بارمىقىغا كۈچۈكنىڭ بويى قانداق يېتىدۇ؟ ئۇ كىچىككىنە، سەن بولساڭ قانداق زور ئادەمسەن! سەن بەلكى بارمىقىڭنى مىخ بىلەن تېشىۋېلىپ، ئاندىن كېيىن كۈچۈكنى باھانە قىلىۋاتقاندۇرسەن. سېنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭ ھەممىگە مەلۇم، سەن ھارامزادىلەرنى بىلىمەن.

    -مۆھتەرەم ئەپەندى، كۈلكە بولسۇن ئۈچۈن، ئۇ تاماكىنىڭ چوغىنى كۈچۈكنىڭ تۇمشۇقىغا يېقىۋىدى، كۈچۈكمۇ ئەخمەق ئەمەستە، بۇنى غار-غۇرلا قىلىپ چىشلىۋالدى... بۇ كىشى ئۆزى شۇنداق چاتاقچى ئادەم ئىكەن، مۆھتەرەم ئەپەندى!

    -يالغان ئېيتىسەن، كاززاپ! كۆرمىگەندىن كېيىن يالغان ئېيتىشنىڭ ھاجىتى نېمە! جانابلىرى ئەقىللىق كىشى، كىمنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى، كىمنىڭ خۇدا ئالدىدا تۇرغاندەك، راست ئېيتىۋاتقانلىقىنى ھەممىسىنى بىلىدۇ... ئەگەر مەن يالغان ئېيتقان بولسام، سوت ھۆكۈم قىلسۇن. قانۇندا ھەممە ئېنىق ئېيتىلغان... ھازىر ھەممە بىردەك... مېنىڭ ئىنىم ژاندارمىدا ئىشلەيدۇ... ئەگەر بىلگۈڭلار كەلسە....

    -تالاشماڭلار!

    -ياق، بۇ گېنېرالنىڭ ئىتى ئەمەس... گېنېرالدا بۇنداق ئىتلار يوق. ئۇنىڭ ئىتلىرىنىڭ تولىسى ئوۋچى ئىتلار،-دەپ چوڭقۇرراق ئويلانغان ھالدا سۆزلەپ قويدى ساقچى.

    -سەن بۇنى ئېنىق بىلەمسەن؟

    -ئېنىق،جانابلىرى....

    -مەن ئۆزۈممۇ بىلىمەن. گېنېرالنىڭ ئىتلىرى قىممەت باھالىق ئېسىل ئىتلار. مۇشۇمۇ ئىتمۇ! يە يۇڭى يوق، يە تۈرى... پەقەت بىر ئىپلاس نەرسە... شۇنداق ئىتنىمۇ باقامدۇ؟! سىلەردە ئەقىل بارمۇ؟ مۇنداق ئىتنى پېتىربۇرگ ياكى موسكىۋاغا ئاپىرىپ كۆرۈڭلار، نېمە بولىدىغانلىقىنى شۇ ۋاقىتتا بىلىسىلەر، ئۇ يەردە مۇنداقلارنى قانۇنغا قاراپ تۇرماستىن، بىردىنلا ئۇجۇقتۇرغان بولار ئىدى! سەن، خۇيۇكىن، خېلى ئازاب چېكىپسەن، سەن بۇ ئىشنى ئېتىبارسىز قالدۇرما! ئۇلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىش كېرەك! ۋاقىت يەتتى...

    -بەلكى گېنېرالنڭكىدۇ...-دەپ ساقچى غودۇڭشىدى،-ئۇنىڭ ماڭلىيىغا يېزىپ قويۇلمىغان-دە،... مەن يېقىندا گېنېرالنىڭ ھويلىسىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىتنى كۆرگەنىدىم.

    -راست ئېيتىدۇ، گېنېرالنىڭ بولۇشى كېرەك،-دەپ توپنىڭ ئارىسىدىن بىر ئاۋاز چىقتى.

    -ھىم-ھىم! ... يىلدىرىن ئۇكام، ماڭا پەلتونى كىيگۈزۈپ قويغىنا... شامال چىقىپ قالدىغۇ... بەدىنىم شۈركىنىۋاتىدۇ... سەن ئىتنى گېنېرالنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ سورا. ئىتنى مېنىڭ تېپىپ ئەۋەتكەنلىكىمنى ئېيتقىن... ئۇنى كوچىغا چىقارمىسۇن، شۇنىمۇ ئېيت. بەلكى ئۇ قىممەت باھالىق ئىتتۇ، ئەگەر ھەر بىر تۇڭگۇز ئۇنىڭ تۇنشۇقىغا تاماكىنىڭ چوغىنى يېقىۋېرىدىغان بولسا، ئىت چاپسانلا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ئىت دېگەن ئۇ نازۇك ھايۋان... سەن ئەخمەق، قولۇڭنى تۆۋەن چۈشۈر! ئەخمەقلىق قىلىپ، بارمىقىڭنى كۆرسىتىپ تۇرۇشۇڭنىڭ ھېچبىر ھاجىتى يوق! ئۆزۈڭ ئەيىبلىكسەن!...

    -گېنېرالنىڭ ئاشپىزى كېلىۋاتىدۇ، شۇنىڭدىن سوراپ كۆرەيلى... ھەي پروخور، بېرى كەلگىنە ئەزىزىم! مۇنۇ ئىتنى كۆرگىنە... سىلەرنىڭكىمۇ؟

    -شۇمۇ سۆزمۇ! بىزدە مۇنداق ئىت ھېچقاچان بولمىغان!

    -بۇ توغرىدا سوراپ ئولتۇرۇشنىڭ ھېچبىر ھاجىتى يوق،-دېدى ئوچۇمىلوپ،-بۇ ئۆزى لالما ئىت! بۇ يەردە گەپنى ئۇزارتىپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ كېرىكى يوق... مەن لالما ئىت دەپ ئېيتتىمغۇ، دېمەك لالما ئىت... ئۆلتۈرۈش كېرەك، مانا شۇنىڭ بىلەن تامام.

    -بۇ بىزنىڭ ئەمەس،-دەپ داۋام قىلدى پروخوروۋ،-بۇ گېنېرالنىڭ يېقىندا كەلگەن ئىنىسىنىڭ ئىتى. بىزدە مۇنداق ئىتقا خۇشتار ئادەم يوق. ئۇ كىشىنىڭ ئىنىسى مۇنداق ئىتلارنى ياخشى كۆرىدۇ...

    -ھە، ئۇ كىشىنىڭ ئىنىسى كەلگەنمىدى؟ ۋىلادىمىر ئىۋانوۋېچ؟-دەپ سورىدى ئوچۇمىلوپ ۋە ئۇنىڭ چىرايى مۇلايىملىقىنى ئىزھار قىلغان ھالدا كۈلۈمسىرىدى،-بۇنى قارا... ھە، مەن بىلمەپتىمەن! مېھمان بولۇپ كەپتىمۇ؟

    -مېھمان بولۇپ كەپتۇ...

    -بۇنى قارا، يا خۇدا... ئاكىسىنى سېغىنىپ قالغان ئىكەن-دە... مەن بۇنى ھېچ بىلمەپتىمەن... بۇ ئىت شۇ مېھماننىڭ ئىكەن-دە؟ ناھايىتى خۇرسەن مەن... بۇنى ئېلىپ كېتەيلى... خېلىلا ياخشى كۈچۈك كۆرۈنىدۇ... ئۆزى تېتېككىنە.... تۇت، مانا مۇنۇنىڭ بارمىقىنى چىشلىۋاپتۇ، ھاھاھا... نېمە تىترەيسەن؟ تېخى ئاچچىقىنىڭ يامانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ تېرىككەكنىڭ...

    پروخور ئىتنى چاقىرىپ، ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ ئوتۇنخانىدىن چىقىپ كەتتى... توپلىنىپ تۇرغان كىشىلەر خۇيۇكىننى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشتى.

    -ئالدىرىما، ئەدىبىڭنى بېرىمەن تېخى!-دەپ ئوچۇمىلوپ خۇيۇكىننى قورقۇتتى ۋە چاپىنىنى يېپىنىپ بازار  مەيدانى بىلەن داۋام قىلدى.

    1884-يىل تاشپولات ئەبەيدۇللا تەرجىمىسى

    (گۈليارە تۇرسۇن)
     

    \

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خامېلېئون چېخوپ