كرېسلو رېمونت قىلغۇچى ئايال(مۇپاسسان)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-10 15:42:58

كرېسلو رېمونت قىلغۇچى ئايالمۇپاسسان (فرانسىيە)مۇھەممەت ساۋۇت خۇدا بەردى تەرجىمىسى ماركىز دى بېرتراننىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوۋغا چىقىشنى تەبرىكلەش زىياپىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالغانىدى. ئوۋغا چىقى...

    كرېسلو رېمونت قىلغۇچى ئايال
    مۇپاسسان (فرانسىيە)
    مۇھەممەت ساۋۇت خۇدا بەردى تەرجىمىسى


     

    ماركىز دى بېرتراننىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوۋغا چىقىشنى تەبرىكلەش زىياپىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالغانىدى. ئوۋغا چىقىدىغان ئون بىر ئەر، سەككىز ياش ئايال ۋە بىر دوختۇر شاملار يېقىلغان ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشقان، ئۈستەلگە تۈرلۈك نازۇ - نېمەتلەر قويۇلغانىدى.مۇھەببەت توغرۇلۇق قىزغىن پاراڭ باشلانغاندا كەسكىن مۇنازىرە باشلىنىپ كەتتى.
    مۇنازىرە چىن مۇھەببەت بىر كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر قېتىملا بولامدۇ ياكى بىر نەچچە قېتىممۇ دېگەن مەڭگۈ ئايىغى چىقمايدىغان چېگىش مەسىلە ئۈستىدە بولۇۋاتاتتى.بەزىلەر ھاياتىدا بىر قېتىملا چىن مۇھەببەت باغلىغانلارنى مىسال كەلتۈرسە، بەزىلەر، ئىشق - مۇھەببەتكە ئەسەبىيلەرچە بىر نەچچە قېتىم بېرىلگەنلەرنى مىسال كەلتۈرەتتى.بەزى ئەرلەر مۇھەببەت خۇددى كېسەلگە ئوخشاش يوقۇملۇق بولىدۇ؛ ئەگەر بىر كىشى مۇھەببەت يولىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا جېنىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ، دەپ قارىدى. گەرچە بۇ خىل قاراشنى رەت قىلىش تەس بولسىمۇ، ئەمما ئاياللار كۆپ ھاللاردا ئەمەلىيەتنى ئەمەس، بەلكى شېئىرىي ھېسسىياتنى ئاساس قىلاتتى. شۇڭا، ئۇلار چىن مۇھەببەت ھاياتتا بىر قېتىملا بولىدۇ؛ ھالبۇكى، بۇنداق مۇھەببەت خۇددى چاقماقتەك يۈرەكنىڭ بېغىشىغا بېرىپ تېگىدۇ، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ باشقا ھەرقانداق كۈچلۈك ھېسسىياتمۇ ھەتتا ھەرقانداق شېرىن خىياللارمۇ شۇنىڭ بىلەن يوققا چىقىدۇ .... دەپ قارىدى. ماركىز ئىلگىرى كۆپ قېتىم مۇھەببەتلەشكەن بولغاچقا بۇ قاراشقا دەرھاللا قارشى چىقتى.
    - مېنىڭچە بىر كىشى بارلىق كۈچ - قۇدرىتى ۋە چىن  قەلبى بىلەن كۆپ قېتىم مۇھەببەتلەشسە بولىدۇ. سىلەر مىسال كەلتۈرگەن، ئۆزىنى مۇھەببەتنىڭ قۇربانى قىلغان ئاشۇ كىشىلەردە مۇھەببەتنىڭ قايتا تىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس. مەن شۇنداق دەپ ئېيتالايمەنكى، ئۇلار ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغان ئەخمىقانە ئىشنى قىلمىغان بولسا - ناۋادا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالسا قايتا مۇھەببەتلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ - ئۇلارنىڭ قەلبىدە مۇھەببەت ئوتى قايتا يېنىپ يېڭىۋاشتىن مۇھەببەتلىشەلەيدۇ. بۇ مۇھەببەت ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىنىدۇ. ئاشىقلىق ھاراقكەشنىڭ ئەھۋالىغا پۈتۈنلەي ئوخشايدۇ. ئىچكەنسېرى ئىچكۈسى كەلگەندەك، مۇھەببەتلەشكەنسېرى مۇھەببەتلەشكۈسى كېلىدۇ. بۇ پۈتۈنلەي خاراكتېر مەسىلىسى.
    ئۇلار ئىلگىرى پارىژدا دوختۇرلۇق قىلغان، ياشانغاندىن كېيىن يېزىغا قايتىپ كەلگەن دوختۇرنىڭ بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ پىكرىنى قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

    - خۇددى ماركىز ئېيتقاندەك، بۇ پۈتۈنلەي خاراكتېر مەسىلىسى، - دېدى دوختۇر، - مەن مۇنداق بىر چىن مۇھەببەت ۋەقەسىنى كۆرگەن. بۇ مۇھەببەت ئەللىك يىل داۋام قىلغان، ھەتتا شۇ كىشى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر بىر مىنۇتمۇ ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەس. ماركىز خانىم خۇشاللىقىدىن چاۋاك چېلىۋەتتى:
    - بۇ نېمىدىگەن شېرىن مۇھەببەت - ھە! مۇشۇنداق مۇھەببەتكە ئېرىشىشنى كىشى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ! ئەللىك يىل مۇھەببەت قوينىدا ياشاش نېمىدىگەن بەخت - ھە! مۇشۇنداق سۆيگۈسىن لەززەتلەنگەن ئەرنىڭ كۆڭلى قانچە يايراپ كەتكەندۇ! ئۇ مۇشۇنداق گۈزەل كىشىلىك ھاياتىنى قانداق شېرىن سۆز بىلەن مەدھىيلىگەندۇ!- توغرا ئېيتتىڭىز خانىم، ياخشى كۆرۈلگۈچى ئەر كىشى، - دېدى دوختۇر كۈلۈپ تۇرۇپ، - ئۇنى سىزمۇ بىلىسىز، كەنتىمىزدىكى دورا دۇكىنىنىڭ خوجايىنى شۇگې ئەپەندى. ئۇ ئايالغا كەلسەك، سىز ئۇنىمۇ ئىلگىرى كۆرگەن، ئۇ ھەر يىلى مەھەللىمىزگە كېلىپ كرېسلو رېمونت قىلىدىغان ھېلىقى موماي. مەن سىلەرگە بۇ توغرىدا تەپسىلىي سۆزلەپ بېرەي.
    ئاياللارنىڭ كەيپى بىردىنلا ئۆچتى. ئۇلار خۇددى مۇھەببەتنىڭ قەدىر - قىممىتىنى پەقەت يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرلا بىلىدۇ، ئۇنىڭدىن تەربىيە كۆرگەن مەرتىۋىلىك كىشىلەرلا بەھرىمەن بولالايدۇ، دەۋاتقاندەك يىرگىنىشلىك قىياپەتتە چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈشەتتى.
    دوختۇر سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

    - بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى كۆز يۇمۇش ئالدىدا تۇرغان بۇ موماي مېنى كارىۋىتى يېنىغا چاقىرتتى. ئۇ شۇ كۈندىن بىر كۈن بۇرۇن كەچتە ئۆزىنىڭ يېتىپ قوپىدىغان ئۆيى ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلگەن ئات - ھارۋىسىغا چۈشۈپ مېنى ئىزدەپ كەلگەنىكەن. ھارۋىغا قېتىلغان ئاتنى سىلەرمۇ كۆرگەن. ئۇنىڭ ھەم دوستى، ھەم مۇھاپىزەتچى بولغان ھېلىقى ئىككى يوغان قارا ئىتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەپتۇ. مەن ئۇنىڭ قېشىغا بارغاندا چېركاۋىمىزنىڭ پوپىمۇ كېلىپ بولغانىكەن.ئۇ ئىككىمىزنى ئۆزىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئىجرا قىلغۇچى بولۇپ بېرىشكە چاقىرتقانىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن پۈتكۈل ھاياتىنى بىزگە سۆزلەپ بەردى. مېنىڭچە بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك تەسىرلىك ئىش بولمىسا كېرەك. ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى كرېسلو رېمونت قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئەزەلدىن مۇقىم تۇرۇشلۇق ئورنى بولغان ئەمەس. ئۇنىڭ كۈنى كىچىكىدىن تارتىپلا سەرگەردانلىقتا ئۆتكەن. كىيىملىرى يىرتىق، ئۈستىۋاشلىرىنى پىت بېسىپ كەتكەن. مەينەتلىكىدىن كىشىنىڭ قارىغۇسىمۇ كەلمەيتتى. ئۇلار كەنتكە كەلسە كەنت ئېغىزىدىكى ئېرىق بويىدا توختاپ ئاتنى ھارۋىدىن چىقىرىپ ئوتقا قويۇۋېتەتتى. ئىتلىرى يەرگە چاپلىشىپ يېتىپ ئۇخلايتتى. قىزى چۆپلۈكتە دومىلاپ ئوينايتتى. ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى يول بويىدىكى چوڭ قارىياغاچ ئاستىدا مۇشۇ مەھەللىدىن يىغىپ كەلگەن كونا كرېسلولارنى رېمونت قىلاتتى. بىر - بىرى بىلەن كەمدىن كەم گەپلىشەتتى. «كرېسلو رېمونت قىلىمەن» دېگەن ئاشۇ سۆزنى كىمنىڭ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ توۋلىشىنى بەلگىلەش ئۈچۈنلا بىر نەچچە ئېغىز سۆزلىشىشكە مەجبۇر بولۇشاتتى. گېپى تۈگىگەندىن كېيىن بىر - بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرۇشاتتى. قىزى يېنىدىن يىراقلاپ كەتسە ياكى كەنتتىكى بالىلار بىلەن ئوينىسا دادىسى دەرغەزەپ بىلەن «بۇياققا كەل، ياغاچ قۇلاق» دەپ ۋارقىرايتتى. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىردىنبىر كۆيۈنۈش سۆزى ئىكەن. ئۇ سەل چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاتا - ئانىسى ئۇنى كونا كرېسلو يىغىپ كېلىشكە ئەۋەتىدىغان بوپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇيەر، بۇ يەرلەردە بىر نەچچە بالا بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ، بىراق ئۇنىڭ يېڭى دوستلىرىنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ئۆز بالىلىرىنىڭ بۇ قىز بىلەن ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسىلا «بۇ ياققا كەل قۇياڭقا، سېنىڭ ئۇ قەلەندەر بىلەن گەپلەشكىنىڭنى بىر كۆرەي قېنى ...» دەپ چاقىرىۋالىدىغان بوپتۇ.
        بالىلار بۇ قىزغا ھەمىشە تاش - چالمىلارنى ئاتىدىكەن، بەزى خانىملار ئۇنىڭغا بىر نەچچە تومپۇر بەرسە، ئۇ بۇ پۇللارنى خەجلىۋەتمەي يىغىدىكەن. ئۇ قىز ئون بىر ياشقا كىرگەندە بىر كۈنى بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قەبرىستانلىقنىڭ ئارقىسىدا كىچىك شۇڭگېنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. ئۇ بىر ساۋاقدىشى ئۇنىڭ ئىككى تومپۇرىنى ئېلىپ قاچقانلىقى ئۈچۈن يىغلاۋاتقانىكەن. دۆلەتمەن ئائىلىدە چوڭ بولغان بۇ بالا ئۆي - ماكانسىز، ئىشسىز بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان بۇ قىزچاقنىڭ خىيالىدا مەڭگۈ غەم - غۇسسىسىز ياشاۋاتقان بالا بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى بۇ قىزچاقنىڭ يۇمران قەلبىنى تەسىرلەندۈرۈپتۇ. ئۇ بۇ بالىنىڭ نېمە سەۋەبتىن يىغلىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆزى يىغقان بار - يوقى يەتتە تومپۇرىنى ئۇنىڭغا بېرىپتۇ. ئۇ بالا ياشلىرىنى سۈرتۈپ پۇلنى ئېھتىيات بىلەن ئاپتۇ. قىزچاق خۇشلۇقىدىن قىن - قىنىغا سىغماي قاپتۇ - دە، غەيرەتكە كېلىپ ئۇنى بىرنى سۆيۈپ قويۇپتۇ. بالا قولىدىكى پۇل بىلەن بولۇپ كېتىپ قىزچاقنىڭ نېمە قىلىشى بىلەن كارى بولماپتۇ. ئۇنىڭ ئۆزىنى رەت قىلمىغانلىقىنى ھەم ئۇرمىغانلىقىنى كۆرگەن قىزچاق يەنە بىرنى سۆيۈپتۇ. ئاندىن يۈگۈرگەن پېتى كېتىپ قاپتۇ. بۇ بىچارە قىزچاقنىڭ خىيالىغا نېمە كەلدى. ئۇ بۇ ئوغۇل بالىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سەرگەردانلىقتا يۈرۈپ يىغقان ھەممە پۇلىنى ئۇنىڭغا بېرىۋەتتىمۇ ياكى تۇنجى يۇمران سۆيگۈ ئۇنى مەست قىلىپ قويدىمۇ، بۇ بالىلار ۋە چوڭلار ئۈچۈن ئوخشاشلا بىر سىر. قىزچاق ئۇ ئىشنى بىر نەچچە ئايغىچە ئەسلەپ ئۇ بالىنى سېغىنىپ يۈرۈپتۇ. قىزچاق ئۇنىڭ بىلەن يەنە كۆرۈشۈش ئۈمىدىدە كېرسلو رېمونت قىلغاندا ياكى يېمەكلىك سېتىۋالغاندا ئاتا - ئانىسىغا يالغان سۆزلەپ ئۇنىڭدىن بىر تومپۇر، بۇنىڭدىن بىر تومپۇر قايرىۋېلىپ پۇل يىغىپتۇ. ئۇ ئاخىر ئۇ ئوغۇل بالىنى يەنە بىر قېتىم ئۇچرىتىپتۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭدا ئىككى فرانك بار ئىكەن. ئەمما ئۇ بۇ قېتىم پاكىز كىيىنگەن بۇ كىچىك خوجايىننى پەقەت ئۇنىڭ دادىسىنىڭ دورا دۇكىنىنىڭ دېرىزە تەكچىسىگە قويۇلغان بىر بوتۇلكا قىزىل دورا سۈيى بىلەن بىر تال تاسما قۇرت ئارىلىقىدىلا كۆرەلىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ قىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشق - مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچىيىپتۇ. دورا سۈيىنىڭ كۆركەم رەڭلىرى ۋە خروستال ئەينەكتىن چاقنىغان چىرايلىق نۇرلار ئۇنى مەپتۇن قىلىپ قاتتىق ھاياجانغا ساپتۇ. ئۇ قەلبىدە ئۆچمەس ئەسلىمىلەرنى ساقلاپ يۈرۈپتۇ. ئىككىنچى يىلى قىز ئۇنى مەكتەپ كەينىدە ساۋاقداشلىرى بىلەن رەگەتكە ئويناۋاتقاندا ئۇچرىتىپ، بىردىنلا ئۇنىڭغا ئېتىلىپ بېرىپ، ئۇنى مەھكەم قۇچاقلىۋېلىپ سۆيۈۋېرىپتۇ. بالا قورققىنىدىن چىرقىراپ كېتىپتۇ. قىزچاق ئۇنى تېنچلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىككى فرانك يىگىرمە سانتىم بېرىپتۇ. بۇ خېلى كۆپ پۇل ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بالا كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ پۇلغا قارىغىنىچە تۇرۇپلا قاپتۇ. ئۇ پۇلنى ئالغاندىن كېيىن قىزچاقنىڭ قانغۇدەك سۆيۈۋېلىشى ئۈچۈن تۇرۇپ بېرىپتۇ. تۆت يىل ئىچىدە قىزچاق يېمەي - ئىچمەي يىغقان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭغا بېرىپتۇ. ئوغۇل بالىمۇ مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك دېگەندەك، پۇلنى چۆنتىكىگە سېلىۋېرىپتۇ. چۈنكى، بۇ پۇللار ئۇنىڭ ئۆزىنى سۆيۈۋاتقانلىقىنىڭ ھەققى ئىكەن. بىر قېتىم ئوتتۇز تومپۇر، بىر قېتىم ئىككى فرانك، يەنە بىر قېتىم ئون ئىككى تومپۇر بېرىپتۇ. ئاخىرقى قېتىم بەش فرانك بېرىپتۇ. بۇ چوڭ ھەم يۇمىلاق مېتال پۇل بالىنى بەكلا خۇشال قىلىۋېتىپتۇ. قىزچاق بۇ بالىدىن باشقا ھېچكىمنى ئويلىمايدىكەن. بالا بولسا، ئۇنىڭ كېلىشىنى ھەرھالدا تەقەززالىق بىلەن كۈتىدىكەن. ئۇنىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرگەن ھامان ئالدىغا يۈگۈرۈپ بارىدىكەن. بۇنداق چاغلاردا قىزنىڭ يۈرىكى پوكۇلداپ سېلىپ كېتىدىكەن. كېيىن ئۇ بۇ بالىنى ئۇچراتماپتۇ. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەنىكەن. قىزچاق ئۇيەر - بۇ يەردىن ئۇقۇشۇپ يۈرۈپ بۇنى بىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەتىل مەزگىلىدە ئاتا - ئانىسىنىڭ مۇشۇ يول بىلەن ئۆتۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەپچىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئاتا - ئانىسىنىڭ ماڭىدىغان يولىنى ئۆزگەرتىپتۇ.

       قىزچاق ئاخىر ئۆز ئارزۇسىغا يېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۇ بالىنى كۆرمىگىنىگە ئىككى يىل بولغانىكەن. تونۇيالمىغىلى تاسلا قاپتۇ. چۈنكى، بالىدا كۆپ ئۆزگىرىش بولغان، بوي تارتىپ تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەن، ئۇچىسىدىكى ئالتۇن تۈگمىلىك ئوقۇغۇچىلار فورمىسى ئۇنى ئىنتايىن سۆلەتلىك قىلىۋەتكەنىدى. بالا قىزچاقنى قەستەن كۆرمىگەنگە سېلىپ گىدىيىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. قىزچاق ئۇنىڭ بۇ قىلغىنىغا ئىككى كۈن يىغلاپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ تۈگىمەس ئازاب ئىچىدە قاپتۇ.ئۇ ھەر يىلى قايتىپ كېلىدىكەن. لېكىن قىز ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە ئۇنىڭغا گەپ قىلىشقا پېتىنالمايدىكەن. ئۇ بۇ قىزغا كۆز قىرىنى سېلىپمۇ قويمايدىكەن. ئۇنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ نەزىرىدە پەقەت ئاشۇ بىرلار ئەركەك، شۇ دوختۇرلار بار ئىكەن. دۇنيادا يەنە باشقا ئەركەكلەرنىڭ بارلىقنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايدىكەن. ئاتا - ئانىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ ئۇ ئاتا - ئانىسىنىڭ كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئەمما، ئۇنىڭ باققىنى بىر ئەمەس، ئىككى ئىت، ھەرقانداق ئادەم چىشىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىككى يامان ئىت ئىكەن.بىر كۈنى يىگىتنىڭ مەھەللىسىگە كېلىپ، بىر ياش ئايالنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى كىشىسىنى قولتۇقلىۋېلىپ، شۇگې دورا دۇكىنىدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ. بۇ شۇگېنىڭ خوتۇنى، دېمەك ئۇ توي قىلغان. شۇ كۈنى كەچتە ئۇ قىز ئەلەمگە چىدىماي كۆلگە ئۆزىنى تاشلىۋاپتۇ. تۈن يېرىمىدا بۇ يەردىن ئۆتكەن بىر مەست ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىقىپ دورا دۇكىنىغا ئېلىپ كەپتۇ. شۇگې ئۇنى داۋالاپتۇ. ئۇنى تونۇماسقا سېلىپ كىيىملىرىنى يېشىپ بەدەنلىرىنى ئۇۋۇلاپ بولغاندىن كېيىن كەسكىن تەلەپپۇزدا «ساراڭ بولدۇڭمۇ! بۇنداق ئەخمىقانە ئىش قىلىپ يۈرمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى» دەپتۇ. مۇشۇ گەپنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ ساقىيىپ كېتىشىگە شىپا بوپتۇ: چۈنكى ئۇ بۇ قىزغا گەپ قىلىپتۇ. قىز خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە ئۆزىنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىپ يۈرۈپتۇ. قىز داۋالاش ھەققىنى تاپشۇرىمەن دەپتىكەن، يىگىت ئالغىلى ئۇنىماپتۇ.
    ھەممەيلەن ھىكايىنىڭ داۋامىغا قىزقىپ دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىپ ئولتۇراتتۇق، دوختۇر كېسەللىك ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك سۆزلىمەكتە ئىدى.
    -  شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ پۈتكۈل ھاياتىنى كرېسلو رېمونت قىلىش، شۇگېنى ئويلاش بىلەن ئۆتكۈزۈپتۇ. ئۇ دائىم دېرىزىدىن شۇگېغا قارايدىكەن. ئۇنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ دورا ئالىدىكەن. شۇ ئارقىلىق شۇگېنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە ئېغىز پاراڭلىشىۋالىدىكەن ھەم ئۇنىڭغا پۇل بېرىدىكەن. مەن باشتا سىلەرگە سۆزلەپ بەرگىنىمدە ئۇ بۇ يىل ئەتىيازدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قايغۇلۇق تارىخىنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن مېنىڭ ئۆزى بىر ئۆمۈر يىغقان پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ياخشى كۆرۈپ كەلگەن ئاشۇ كىشىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى. چۈنكى، ئۆزىنىڭ دېگىنى بويىچە ئۇ شۇگې ئۈچۈنلا ئىشلەپ كەلگەن. پۇلنىمۇ ئۆزى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ھېچبولمىغاندا شۇگېنىڭ ئۆزىنى ئەسلەپ قويۇشى ئۈچۈنلا يىغقان. ھەتتا ئاچلىق ئازابىغىمۇ چىداپ كەلگەنىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە يەتتە فرانكنى ماڭا تاپشۇردى.ئۇ جان ئۈزگەندىن كېيىن مەن ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن چېركاۋىمىزدىكى پوپقا يىگىرمە يەتتە فرانكنى بېرىپ، قالغان پۇلنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتىم. ئەتىسى مەن شۇگېنىڭ ئۆيىگە باردىم. ئۇلار ناشتا قىلىپ بولغانىكەن. ھەر ئىككىسى سېمىز، مەڭزىلىرى قىزىل، تېتىك ھەم كۆڭلى ئازادە كۆرۈنەتتى. ئۈستېۋېشىدىن دورا پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى. ئۇلار مېنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، بىر قەدەھ گىلاس ھارىقى سۇندى. مەن ئۇنى ئالغاندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا كەلگەنلىكىمنى ئېيتتىم. سۆزۈمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇلارنى كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلايدۇ دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن، ئۇ قىزنىڭ ئۇنىڭغا ئاشىق بولغانلىقىنى ئاغزىمدىن چىقىرىشىمغا شۇگې ئاچچىقىدىن سەكرەپ كەتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىن ئۇنىڭ ياخشى نامىنى، ئېسىلزادىلەرگە خاس ئىززەر - ھۆرمىتىنى، ھاياتتىنمۇ قىممەتلىك بىر نەرسىسىنى ئوغرىلاپ كەتكەندەك ئەلپاز چىقىپ تۇراتتى. خوتۇنىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاشلا غەزەپلىنىپ، خۇددى دەيدىغانغا گەپ تاپالمىغاندەك ئارقا - ئارقىدىن ھۇ پاسكىنا تىلەمچى، ھۇ پاسكىنا تىلەمچى! بۇ پاسكىنا تىلەمچىنى قاراڭ! ...» دەپ كەتتى. شۇگې ئورنىدىن دەست تۇرۇپ ئۇيان - بۇيان ماڭغىلى تۇردى. «سىز بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشىنەمسىز؟ بىر ئەر ئۈچۈن بۇ ئىش ھەقىقەتەنمۇ بەك قورقۇنچلۇق! قانداق قىلىش كېرەك؟ ھەي، ئەگەر بۇ ئىشنى ئۇ ھايات ۋاقتىدا بىلگەن بولسام، چوقۇم ساقچى چاقىرتىپ، ئۇنى مەڭگۈ تۈرمىگە سولىتىۋەتكەن بولاتتىم. چوقۇم شۇنداق قىلاتتىم!» دەپ بىرمۇنچە سۆزلەپ كەتتى. مەن تۇرۇپلا قالدىم. ئۆزۈمنىڭ ياخشىلىق قىلىمەن دەپ، بۇنداق ئاقىۋەتكە قېلىشىمنى ئويلىماپتىكەنمەن. نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم. نېمە دېسەم، قانداق قىلسام بولار؟ لېكىن بىراۋنىڭ ھاۋالىسىنى قانداقلا بولسۇن ئورۇندىشىم كېرەك - تە. «شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ يىغقان پۇلىنى مېنىڭ سىزگە تاپشۇرۇپ بېرىشىمنى ئېيتقان. جەمئىي ئىككى مىڭ ئۈچ يۈز فرانك، بايا قىلغان سۆزۈم سىزنى خاپا قىلىپ قويغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ پۇللارنى ئەڭ ياخشىسى نامراتلارغا بېرىۋېتەيلى» دېدىم. ئەر - خوتۇن ئىككىسى قاتتىق چۆچۈپ ماڭا قارىغىنىچە تۇرۇپلا قېلىشتى، مەن يانچۇقۇمدىن پۇلنى ئالدىم. بۇ مىڭ بىر جاپادا يىغقان پۇللارنىڭ ئىچىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇللىرىمۇ، ئالتۇن تەڭگىلەرمۇ، مىس تەڭگىلەرمۇ بار ئىدى. «بۇ پۇلنى قانداق قىلىشنى ئۆزۈڭلار بىر نېمە دەڭلار» دېدىم ئۇلارغا. «ئۇ ئايالنىڭ ئاخىرقى ئارزۇسى شۇنداق بولسا بىزمۇ رەت قىلالمىغۇدەكمىز» دېدى شۇگې خانىم ئاۋۋال ئېغىز ئېچىپ، ئېرى سەل ئوڭايسىزلىنىپ: «بۇ پۇلغا بالىلىرىمىزغا نەرسە - كېرەك ئېلىپ بەرسەك بولار؟» دېدى.«ئىختىيارىڭلار» دېدىم سوغۇققىنا كۈلۈپ قويۇپ، ئۇ ئاندىن: «ئۇ سىزگە ھاۋالە قىلغانىكەن، پۇلنى بىزگە بېرىڭ. بىز پۇلنى ئامال بار خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتەيلى» دېگەننى قوشۇپ قويدى. مەن پۇلنى قويۇپ خوشلىشىپ چىقىپ كەتتىم.ئەتىسى شۇگې مېنى ئىزدەپ كەلدى. مەن بىلەن كۆرۈشۈپلا: «ئۇ ... ئۇ ئايال ھارۋىسىنىمۇ مۇشۇ يەرگە قويۇپ قويغانغۇ دەيمەن؟ سىز ئۇ ھارۋىنى قانداق قىلاي دەيسىز؟» دەپ سورىدى. «تېخى بىرىگە بېرىۋەتمىدىم، سىزگە كېرەك بولسا ئېلىپ كېتىڭ» دېدىم. «بەك ئوبدان بولدى. ماڭا كېرەك بولۇپ قالغانىدى. ئۇنى كۆكتاتلىقىمغا كەپە قىلىۋالاي دېگەنىدىم» دېدى ئۇ. ئۇ مېڭىشقا تەمشىلىۋىدى ئۇنىڭغا: «ئۇنىڭ يەنە بىر قېرى ئېتى بىلەن ئىككى ئىتىمۇ بار سىزگە لازىممۇ؟» دېدىم. ئۇ چۆچۈپ كېتىپ: «ياق، ھاجەتسىز، ھاجەتسىز ئۆزىڭىز بىر تەرەپ قىلىۋېتەرسىز» دېدى. ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ قولىنى ماڭا سوزدى، مەن نائىلاج ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم، نېمە ئامال دەيسىلەر، بىر يېزا دوختۇرىنىڭ دورا دۇكىنىنىڭ خوجايىنى بىلەن ئېيتىشقاننىڭ بەرىبىر پايدىسى يوق. ئىككى ئىتنى مەن ئېلىپ قالدىم. پوپنىڭ قورۇسى چوڭ بولغانلىقتىن ئاتنى ئۇ ئېلىپ كەتتى. ھارۋىنى شۇگې كەپە قىلدى. ئۇ ھېلىقى پۇلغا بەش تۆمۈر يول پاي چېكى سېتىۋالدى. مەن ھاياتىمدا مانا مۇشۇنداق چىن مۇھەببەتنى كۆرگەن.

    دوختۇر سۆزىنى تۈگەتتى. ماركىز خانىم كۆزىگە ياش ئېلىپ قاتتىق بىر خورسىندى - دە:
    - راستىنى ئېيتقاندا، قانداق ياخشى كۆرۈش كېرەكلىكىنى پەقەت ئايال كىشىلا بىلىدۇ، - دېدى.

     مۇھەممەت ساۋۇت خۇدا بەردى تەرجىمىسى    1995 - 4

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.