غىلاپ بەندىسى(چېخوپ)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-25 19:27:23

غىلاپ بەندىسىئا. پ. چېخوپكەچ قالغان ئوۋچىلار مىرونوستىس يېزىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى ئاقساقال پروكوفنىڭ چوڭ ئامبىرىغا كېلىپ قونالغۇغا جايلاشتى. ئۇلار ئىككى ئادەم بولۇپ، بىرى مال دوختۇرى ئىۋان ئىۋا...



     

    غىلاپ بەندىسى

    ئا. پ. چېخوپ

    \

    كەچ قالغان ئوۋچىلار مىرونوستىس يېزىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى ئاقساقال پروكوفنىڭ چوڭ ئامبىرىغا كېلىپ قونالغۇغا جايلاشتى. ئۇلار ئىككى ئادەم بولۇپ، بىرى مال دوختۇرى ئىۋان ئىۋانىۋىچ، يەنە بىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بۇركىن ئىدى. ئىۋان ئىۋانىچنىڭ ئۆزىگە زادىلا قاملاشمىغان چىمشا-گىمالايىسكى دېگەن غەلىتە بىر قوشما فامىلىسى بولغاچقا، پۈتۈن ۋىلايەت بويىچە ھەممە كىشىلەر ئۇنى پەقەت ئۆزىنىڭ ۋە ئاتىسىنىڭ ئىسمى بىلەنلا ئاتىشاتتى. ئۇ، شەھەرگە يېقىن بولغان بىر ئات زاۋۇتىدا تۇراتتى ۋە بۇ يەرگە ساپ ھاۋادىن بەھىر ئېلىپ، ئوۋ قىلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بۇركىن بولسا، ھەر يازلىغى گراف پ.لارنىڭ ھوزۇرىدا مېھمان بولاتتى ۋە ئۇزۇندىن بۇ يەرنىڭ ئۆز ئادىمىدەك بولۇپ قالغان ئىدى.

    ئۇلار ئۇخلاشتا ياتمىدى. ئېگىز بويلۇق، جۈدەڭ كەلگەن ۋە بۇرۇتلىرى ئۇزۇن ئۆسۈپ كەتكەن بوۋاي ئىۋانىچ تاشقىرىدا ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ، غاڭزىسىنى تارتماقتا ئىدى، ئاينىڭ شولىسى ئۇنىڭ گەۋدىسىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. بۇركىن ئامبار ئىچىدىكى پىچەن ئۈستىدە ياتقاچقا، قاراڭغۇدا ئۇنى كۆرگىلى بولمايتتى.

    ئۆزئارا تۈرلۈك ۋەقەلەر ھېكايە قىلىنماقتا ئىدى. سۆز ئارىسىدا ئۇلار ئاقساقالنىڭ خوتۇنى ماۋرا ساغلام ۋە خېلىلا ئوڭلۇق ئايال بولسىمۇ، ئۆمرىدە ئۆز يېزىسىدىن سىرتقا چىقىپ باقمىغانلىقى، شۇ كەمگىچە بىرەر شەھەرنىمۇ ياكى تۆمۈر يولنىمۇ كۆرۈپ باقمىغانلىقى توغرىسىدا، ئاخىرقى ئون يىلنىڭ مابەينىدە بولسا، مەشنىڭ يېنىدىن نېرى كەتمەستىن، پەقەت كېچىلىرىلا تالا-تۈزگە چىقىدىغان بولۇپ قالغانلىقى توغرىسىدىمۇ سۆزلىشەتتى.

    -بۇنىڭ ئەجەبلەنگۈدەك نېمىسى بار؟-دېدى بۇركىن،-تەبىئىتى جەھەتتىن پىنھان ياشايدىغان، خۇددى قىسقۇچپاقا ياكى قۇلۇلىگە ئوخشاش ئۆز پوستلىرىنىڭ ئىچىدە سۇقۇنۇپ يېتىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن ئادەملەر بۇ دۇنيادا ئاز ئەمەس، ئېھتىمال، بۇ بىر تۈرلۈك ئاتاۋىزىم ھادىسىسى بولسا كېرەك. ئىنسانلارنىڭ ئەجدادلىرى تېخى ئىجتىمائىي مەخلۇق بولۇپ يېتىلمەستىن، ئۆزلىرىنىڭ ئۇۋىسىغا كىرىۋېلىپ تەنھالىقتا ياشىغان زامانلارغا قايتىش ھادىسىسى بولسا كېرەك، ياكى ئادەتتىكىچە، ئىنسان خاراكتېرىنىڭ بىر تۈرى بولۇشىمۇ مۇمكىن، كىم بىلىدۇ دەيسىز؟ مەن تەبىئەتشۇناس ئەمەس ۋە بۇنداق مەسىلىلەر ئۈستىدە باش قاتتۇرۇپ ئولتۇرۇش مېنىڭ ئىشىم ئەمەس. مېنىڭ دېمەكچى بولغۇنۇم، ماۋراغا ئوخشايدىغان ئادەملەر خېلى بار. گەپنى يىراقتىن باشلاشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى بىزنىڭ شەھىرىمىزدە يۇنان تىلى ئوقۇتقۇچىسى بىلىكوپ قازا تاپتى. سىز ئۇ توغۇرلۇق ئاڭلىغان بولغۇيتىڭىز، ئەلۋەتتە. بۇ ئادەم شۇنىڭ بىلەن تونۇلغان ئىدىكى، دائىم، ھەتتا ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق بولغان كۈنلەردىمۇ كالاچ كىيىپ، كۈنلۈك تۇتۇپ ۋە ئىسسىق پاختىلىق پەلتو كىيىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ كۈلۈگىمۇ خالتىدا، سائىتىمۇ سېرىق تېرىدىن تىكىلگەن خالتىدا ئىدى، قېرىنداش ئۇچلاش ئۈچۈن يېنىدىن قەلەمتىراچنى چىقارسا، شۇ قەلەمتىراچنىڭمۇ خالتىدا ئىكەنلىكىنى كۆرەتتىڭىز؛ ئۇنىڭ يۈزىمۇ خالتىنىڭ ئىچىگە تىقىلىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى، چۈنكى ئۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا يۈزىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىنغان ياقىسىنىڭ دالدىسىغا ئېلىپ يۈرەتتى. ئۇ، قارا كۆزەينەك تارتىپ، پوپايكا كىيىپ، قۇلاقلىرىغا پاختا تىقىپ يۈرەتتى ۋە خادىك ھارۋىغا چۈشكەن چاغلىرىدا سايىۋىنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ قويۇشقا بۇيرۇيتتى. قىسقىسى، بۇ كىشىدە ئۆزىنى پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىش، ئۆزىنى ئۆزى ھەلەكچىلىككە يالغۇز قويۇپ، تاشقى تەسىرلەردىن مۇھاپىزەت قىلىدىغان بىر غىلاپ يارىتىش كويىدىكى دائىمى ۋە ئۈزلۈكسىز بىر ئىنتىلىش كۆرۈنەتتى. بارلىق مەۋجۇدىيەت ئۇنىڭ جېنىغا تېگەتتى، قورقىتاتتى ۋە ھامان تەشۋىشكە سېلىپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرەكسىزلىكىنى، ھازىرقى ھالەتكە بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئاقلاش ئۈچۈن بولسا كېرەك، ھەمىشە ئۆتكەن زاماننى ۋە ئەمەلىيەتتە ھېچقاچان مەۋجۇت بولمىغان نەرسىلەرنى ماختايتتى، ئۇنىڭ ئوقۇتىدىغان قەدىمىي تىللىرىمۇ، توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ئەنە شۇ كالاچ ۋە كۈنلۈكنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى.

    -ئاھ... يۇنان تىلى نەقەدەر جاراڭلىق، نەقەدەر يېقىملىق!-دەيتتى ئۇ ھوزۇرلانغان ئاھاڭدا ۋە گويا ئۆزىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى دەلىللەش يۈزىسىدىن كۆزلىرىنى سۈزۈپ تۇرۇپ، بىر بارمىقىنى چىقىرىپ كۆتىرەتتى-دە، «ئانتروپوس!» (يۇنان تىلىدا ئىنسان دېگەن سۆز) دەپ قوياتتى.

    بىلىكوپ ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنىمۇ غىلاپ ئىچىگە يوشۇرۇشقا تىرىشاتتى. ئۇ بىرەر نەرسە مەنئىي قىلىنىپ يېزىلغان يۇقىرىنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى ۋە گېزىت-ماقالىلىرىنىلا ئېنىق چۈشىنەلەيتتى. ئەگەر بۇيرۇقتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەچ سائەت توققۇزدىن كېيىن كوچىغا چىقىشى چەكلەنگەن ياكى بىرەر ماقالىدە جىنسىي ھەۋەسلەر مەنئىي قىلىنغان بولسا، بۇ گەپلەر ئۇنىڭغا ناھايىتىمۇ روشەن، ئېنىق ئۇقۇم بېرەتتى. مەنئىي قىلىنغان ئىكەن، دېمەك، ئىش تامام. رۇخسەت قىلىش ياكى يول قويۇشتا بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھامان شۈبھىلىك، تولۇق ئېيتىلمىغان ۋە مۇجمەل بىر نەرسە يوشۇرۇنۇپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى. قاچانكى، شەھەردە تىياتىر ئۆمىكى تەشكىل قىلىشقا، يا بولمىسا، كۈتۈپخانا ياكى چايخانا ئېچىشقا رۇخسەت قىلىنسا، ئۇ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ بوش ئاۋاز بىلەن مۇنداق دەيتتى:

    -بۇغۇ شۇنداققۇ، ئەلۋەتتە، بۇ ياخشى ئىش، شۇنداق بولسىمۇ، بۇنىڭدىن بىر چاتاق چىقىپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ، ئىشقىلىپ.

    قانداق شەكىلدىكى بولمىسۇن، قائىدىگە بوي سۇنماسلىق، رىئايە قىلماسلىق ياكى خىلاپلىق قىلىشلا ئۇنى غەمگە سالاتتى. بۇنداق ئىشلار بىلەن ئۇنىڭ نېمە چاتىقى دەيمەن-دە، ئەگەر دوستلىرىدىن بىرەرسى ئىبادەتكە كېچىكىپ قالسا ياكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قانداقتۇر بىر كەپسىزلىكلىرى توغرىسىدا گەپ-چۆچەكلەر چىقىپ قالسا ۋە ياكى قاراڭغۇ كېچىدە بىر ئوقۇتقۇچى خانىمنىڭ قانداقتۇر بىر ھەربىي كىشى بىلەن بىللە كېتىۋاتقانلىقى كۆزگە چېلىقىپ قالسا، ئۇ ناھايىتى بىئارام بولاتتى ۋە ھەمىشە: ئىشقىلىپ بىر چاتاق چىقمىسىلا بولاتتىغۇ، دەپ يۈرەتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىغىنلىرىدا بولسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئېھتىياتچانلىقى، گۇمانخورلۇقى ۋە غىلاپلىق مۇلاھىزىلىرى بىلەن بىزنىڭ جېنىمىزغا تېگىپ، مۇنداق گەپلەرنى قىلاتتى: «ئوغۇللار ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ياشلار ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلمەيدۇ-يەي، سىنىپ ئىچىدە ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشىدۇ-يەي، ئاھ، باشلىقلارنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالمىسا بولاتتىغۇ، ئاھ، ئىشقىلىپ بىر چاتاق چىقمىسىلا بولاتتىغۇ، ئەگەردە ئىككىنچى سىنىپتىكى پىتروۋ، تۆتىنچى سىنىپتىكى يىگوروۋ مەكتەپتىن قوغلاپ چىقىرىلسا بەكمۇ ياخشى بولاتتى» شۇنىڭ بىلەن قانداق بولدى دېمەمسىز؟ ئۇ ئۆزىنىڭ ۋايساشلىرى، كوتۇلداشلىرى بىلەن ۋە كىچىككىنە سۇلغۇن يۈزىدىكى قارا كۆزەينىكى بىلەن ھەممىمىزنىڭ كەيپىمىزنى ئۇچۇراتتى ۋە بىز ئۇنىڭ بىلەن تاكاللاشماستىن پىتروۋ ھەم يىگوروۋلارنىڭ ئەخلاق نومۇرلىرىنى بىر دەرىجە تۆۋەنلىتەتتۇق. ئۇلارغا سولاپ قويۇش جازاسىنى بېرەتتۇق، ئاخىرى بېرىپ، پىتروۋنىمۇ، يىگوروۋنىمۇ مەكتەپتىن چىقىرىۋېتەتتۇق. ئۇنىڭ پات-پات بىزنىڭ ئۆيلىرىمىزگە قاتناپ تۇرىدىغان غەلىتە بىر ئادىتى بار ئىدى. ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرەيلەننىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېلەتتى-دە، خۇددى پايلاقچىلىق قىلىش غەرىزى بىلەن كەلگەندەك ئۈنچىقماستىن ئولتۇراتتى. شۇ تەرىقىدە گەپ-سۆز قىلماستىن بىر-ئىككى سائەتچە ئولتۇرغاندىن كېيىن يەنە قايتىپ چىقىپ كېتەتتى. بۇنداق قىلغىنى ئۇ ئۆزىچە «دوستلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇش» دەپ ئاتايتتىم روشەنكى، بىزنىڭ ئۆيلەرگە كېلىپ كېتىش ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇنداق قىلىشنى ئۆزىنىڭ دوستلۇق بۇرچى دەپ ھېسابلايتتى. بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭدىن قورقاتتۇق. ئۇنىڭدىن ھەتتا مەكتەپ مۇدىرىمۇ قورقاتتى. كۆرمەمسىز بۇ ئىشنى، بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ھەممىسى پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا، ئەدەپ-ئەخلاققا ئىگە كىشىلەر. ئۇلار تۇرگىنىۋ ۋە شىدىرىنلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ تەلىم ئالغان، يەنە شۇنداق تۇرۇقلۇق ھەردائىم كالىچىنى سۆرەپ، كۈنلۈكىنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان ئاشۇنداق بىر رەزگى ئادەم تولۇق ئون بەش يىل داۋامىدا بىزنىڭ مەكتىپىمىزنى ئۆز چاڭگىلىدا تۇتۇپ تۇردى! ياق، بىر مەكتەپلا ئەمەس، پۈتۈن شەھەرنى ئۆز چاڭگىلىغا ئالغان ئىدى! بىزنىڭ خانىملىرىمىز ئۇنىڭ ئۇقۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ، شەنبە ئاخشاملىرى ئائىلىۋىي كۆڭۈل ئېچىش ئولتۇرۇشلىرىنى ئۇيۇشتۇرمايدىغان بولدى. روھانىي ئۆلىمالارمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا روزىدا پەرز قىلىنغان تائاملارنى يېيىشكە ۋە قارتا ئويناشقا پېتىنالمايتتى. بىلىكوپقا ئوخشاش ئادەملەرنىڭ كاساپىتىدىن، ئاخىرقى ئون، ئون بەش يىلدىن بۇيان بىزنىڭ شەھىرىمىزدە كىشىلەر ھەممە نېمىدىن قورقىدىغان بولۇپ كەتتى. ئۈنلۈكرەك گەپ قىلىشتىنمۇ قورقىدۇ. خەت ئالاقىسى قىلىشتىنمۇ، كىشىلەر بىلەن تونۇشۇشتىنمۇ، كىتاب ئوقۇشتىنمۇ قورقىدۇ، كەمبەغەللەرگە سەدىقە بېرىشتىنمۇ، خەت-ساۋات ئۆگىتىشدىنمۇ قورقىدۇ....

    ئىۋان  ئىۋانىچ بىر نېمە دېمەكچى بولۇپ يۆتىلىپ قويدى، لېكىن ئالدى بىلەن غاڭزىسىنى تارتىۋىلىپ ئايغا قارىدى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنلا سۆزلىرىنى بۆلۈپ-بۆلۈپ شۇنداق دېدى:

    -توغرا پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ياخشى ئادەملەر شىدىرىننىڭمۇ، تۇرگىنىۋنىڭمۇ، بوكلىيغا ئوخشاشلارنىڭمۇ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدۇ ۋە يەنە باشقا نەرسىلەرنىمۇ ئوقۇيدۇ. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا باش ئېگىپتىغۇ، تاقەت قىلىپ تۇرۇپتىغۇ.... گەپ مانا شۇنىڭدا.

    -بىلكوپ مەن بىلەن بىر بىنادا تۇراتتى،-دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى بۇركىن،-ئىككىمىز بىر قەۋەتتە، ئىشىكلىرىمىزمۇ قارىمۇ-قارشى. بىز پات-پات كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەردار ئىدىم، ئۇنىڭ ئۆيىدىكى ئەھۋالمۇ خۇددى شۇنداقلا ئىدى. يەنە شۇ ئۇزۇن چاپان، شۇ شەپكە، شۇ دېرىزە قاپقىلىرى، ئىشىكنىڭ قاغا تۇمشۇقلىرى، يەنە شۇ خىمۇخىل مەنئىي قىلىشلار، چەكلىمىلەر، گەپ قىلسا دەيدىغىنى يەنە شۇ «ئاھ، ئىشقىلىپ بىر چاتاق چىقمىسىلا بولاتتى!» پەرىز قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش زىيانلىق، ئاددىراق تاماقلار بولمايدۇ، چۈنكى باشقىلار يەنە بىلىكوپ تاماق يېيىشكە كەلگەندە پەرىز ۋاجىپلارغا دىققەت قىلمايدۇ، دەپ قېلىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ كالا يېغىدا قورۇلغان سۇداك بېلىقىنىلا يەيتتى، بۇنداق بولغاندا، بۇ پەرىزگىمۇ توغرا كېلىدۇ ھەم بەك گادايلارچە غىزا دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئۇ، باشقىلار گۇمانى قاراشلاردا بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئۆيىگە ئايال خىزمەتكارلارنى يولاتمايتتى، بەلكى بىر چاغلاردا ھەربىيلەرنىڭ شەخسىي خىزمىتىدە بولغان ۋە قازان ئىشىدىن ئانچە-مۇنچە خەۋىرى بولغان 60 ياشلار چامىسىدىكى ئافاناسىي ئىسىملىك بىر قېرى ھاراقكەش دەلدۈشنى ئاشپەزلىككە ياللىۋالغان ئىدى. بۇ ئافاناسىي ئادەتتە قوللىرىنى مەيدىسىنىڭ ئۈستىدىن ئالماشتۇرۇپ تۇتقان ھالدا ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى ۋە تۇرۇپ-تۇرۇپلا چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ:

    -بۇنداق ئادەملەر بۇ زاماندا ئەجەپمۇ كۆپىيىپ كەتتى-دە،-دەپ غۇدۇڭشۇپ قوياتتى.

    بىلىكوپنىڭ ياتاق ئۆيى كىچىككىنە ساندۇققا ئوخشايتتى، كارىۋېتىنىڭ تۆت ئەتراپىغا پەردە تارتىلغان ئىدى، ئۇخلاشقا ياتقاندا ئۇ بېشىنى پۈركۈۋالاتتى، ۋاھالەنكى، ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق، ئۆي ئىچى دىمىق ئىدى، چىڭ يېپىلغان ئىشىككە شامال سوقاتتى، مەشتىن گۈرۈلدىگەن سادا كېلىپ تۇراتتى؛ ئاشخانا تەرەپتىن ۋەھىمىلىك ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

    ئۇ يوتقان ئىچىدە ياتقاندا ئىنتايىن يۈرەكزادە بولاتتى. بىر چاتاق چىقىپ قالماسمۇ، دېگەن خىيال بىلەن قورقۇنچ ھېس قىلاتتى، ئافاناسىي مېنى بوغۇزلاپ تاشلىماسمۇ، ئوغرى كىرىپ قالماسمۇ، دەپ قوياتتى ۋە كېچىچە ئۇنى قارا بېسىپ چىقاتتى. ئەتىگەنلىكى بىز مەكتەپكە بىللە كېتىۋاتقاندا، ئۇ غەمكىن، چىرايى تاتىراڭغۇ كۆرۈنەتتى ھەمدە شۇنچە ئاۋات، ئادەمگە تولغان مەكتەپ ئۇنىڭغا قورقۇنچلۇق تۇيۇلۇۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى سەسكەندۈرۋاتقانلىقى، شۇنداقلا، تەبىئىتىگە تەنھالىق ئىستىگى سىڭىپ كەتكەن بۇ ئادەمگە مېنىڭ بىلەن بىللە مېڭىشمۇ بىر ئازاب بولۇۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ قەدەر نادامەتلىكى كەيپىياتتا تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمەكچى بولغاندەك:

    -مەكتىپىمىزدىكى سىنىپلارنىڭ ئىچىدە بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭ تولا، بۇ ھەرگىزمۇ ياخشى ئەھۋال ئەمەس،-دەپ قوياتتى.

    \

    ئەنە شۇ يۇنان تىلى ئوقۇتقۇچىسى، شۇ غىلاپ بەندىسى بىر چاغلارغا كەلگەندە ئۆيلەنمەكچى بولۇپ قالدى.

    ئىۋان ئىۋانىۋىچ دەرھال ئامبارغا قارىدى ۋە:

    -چاقچاق قىلماڭ!-دېدى.

    -ھە، بۇ گەپكە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، لېكىن ئۇ راستىنلا ئۆيلەنمەكچى بولدى. بىزنىڭ مەكتەپكە يېڭىدىن بىر تارىخ، جۇغراپىيە ئوقۇتقۇچىسى كەلدى. بۇ كىشى ئۆزى خاخوللاردىن بولۇپ، ئىسمى مېخائېل ساۋۋىچ كوۋالىنكو ئىدى. ئۇ يالغۇز ئەمەس، بەلكى ۋارىنكا ئىسىملىك ھەدىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. كوۋالىنكو ئۆزى ياش، ئېگىز بويلۇق، بۇغداي ئۆڭلۈك كىشى بولۇپ، قوللىرى يوغان ھەمدە بىر قاراشتىلا ئۇنىڭ ئاۋازى بوم ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشقا بولاتتى ۋە ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇنىڭ ئاۋازى خۇددى يوغان بىر تۇڭ داراڭلىغاندەك «بوڭ، بوڭ، بوڭ» قىلىپ چىقاتتى، ئۇنىڭ ھەدىسى بولسا، ئانچە بەك ياش ئەمەس، يېشى ئوتتۇزغا بېرىپ قالغان، ئەمما، ئۇمۇ خۇددى شۇنداقلا ئېگىز بويلۇق، قەددى-قامىتى كېلىشكەن، قاشلىرى قارا، مەڭزىلىرى قىزىل ــــــ يىغىپ ئېيتقاندا، ناۋاتتەك شېرىن بىر قىز ئىدى. ئۆزى شۇنداق شوخ، ئويۇنچى بولۇپ، ھەردائىم مالورۇس خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىپ، قاقاھلاپ كۈلۈپ يۈرەتتى. كىچىككىنە بىر ئىش بولۇپ قالسىلا، ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن ئەتراپنى چاڭ كەلتۈرۈپ كۈلۈپ كېتىدۇ. كوۋالىنكولار بىلەن بىزنىڭ دەسلەپكى رەسمىي تونۇشىشىمىز مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆيىدىكى بىر زىياپەتتە بولغانلىقى يادىمدا. قارىغۇدەك بولساق، زىياپەتلەرگىمۇ مەجبۇرىيەت ئاستىدا بارىدىغان سورۇن ۋە زېرىكىشلىك مۇئەللىملەرنىڭ ئارىسىدا بارىدىغان سورۇن ۋە زېرىكىشلىك مۇئەللىملەرنىڭ ئارىسىدا، توساتتىنلا گوياكى دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ كۆپۈكلىرىدىن بىر يېڭى ئافرودىتا (يۇنان ئەپسانىلىرىدە بىر ساھىپجامال ئايالنىڭ قىياپىتىدىكى تەڭرى. ئەپسانىلەردە ئېيتىلىشىچە، ئافرودىتا دېڭىز يۈزىدىكى سۇ كۆپۈكلىرىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىكەن.) بىنا بولۇپ چىقىپ كەلدى: قولى بىلەن بېلىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئۇيان-بۇيان مېڭىپ يۈرىدۇ، قاقاھلاپ كۈلىدۇ، ناخشا ئېيتىدۇ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ. ئۇ «شامال چىقماقتا» دېگەن ناخشىنى ناھايىتى زوق بىلەن ئېيتىپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر ئىشقىي ناخشىسىنى ئېيتىپ بەردى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر ناخشا ئېيتتى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ھەممىمىزنى ھەتتا بىلىكوپنىمۇ ئۆزىگە مەپتۇن قىلدى. بىلىكوپ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى ۋە مۇلايىملىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:

    -مالورۇس تىلىنىڭ يۇمشاقلىقى ۋە يېقىملىق ئاڭلىنىشى قەدىمقى يۇنان تىلىنى ئەسلىتىدۇ،-دېدى.

    بۇ سۆزلەر ۋارىنكانى خۇرسەن قىلدى ۋە ئۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ھېسسىياتلىق، قايىل قىلارلىق رەۋىشتە بىلىكوپقا گادەچ ئۇلۇسىدا ئۆزىنىڭ بىر قورغىنى بار ئىكەنلىكى ھەققىدە، قورغاندا ئۇنىڭ ئانىسى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋە يەنە ئۇ يەردە نەشپۈت، قوغۇن-كاۋىلارنىڭ شۇنداق ھەرخىل بولىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. ئۇلارنىڭ قىزىل پەمىدۇر، كۆك چەيزە سېلىپ پىشۇرغان شورپىسى «شۇنداق تاتلىق، شۇنداق مېزىلىك بولىدۇكى، سۆز بىلەن ئېيتىپ بېرىش مۇمكىن ئەمەس!» بىز ئۇلارنىڭ گېپىگە قۇلاق سېلىپ ئولتۇردۇق ۋە تۇيۇقسىزدىن ھەممىمىزنىڭ دىلىمىزغا ئوخشاشلا بىر پىكىر كېلىپ قالدى.

    -بۇ ئىككىسىنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويساق ياخشى بولاتتى-ھە،-دېدى ماڭا مۇدىرنىڭ ئايالى پەس ئاۋازى بىلەن.

    بىز ھەممىمىز نېمە ئۈچۈندۇر پەقەت شۇندىلا بىلىكوپنىڭ بويتاق ئىكەنلىكىنى يادىمىزغا ئالدۇق ۋە شۇ كەمگىچە بۇ ھالغا ئېتىۋار بەرمەستىن، ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بۇنداق بىر مۇھىم ئىشنى تامامەن نەزىرىمىزگە ئالماي كەلگەنلىكىمىزدىن ئەمدى ئۆزىمىزمۇ ئەجەپلەندۇق. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئاياللارغا بولغان كۆز قارىشى قانداقراق، بۇنداق بىر ئەھمەيەتلىك مەسىلىنى ئۇ زادى قانداق بىر ياقلىق قىلماقچى؟ بۇنىڭدىن بۇرۇن بىز بۇ مەسىلىگە زادىلا كۆڭۈل بۆلمىگەن ئىدۇق. ئەكسىچە ھاۋارايىق قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئايىقىدىن كالاچلىرىنى تاشلىمايدىغان، ئۇخلىغاندىمۇ پەردىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ياتىدىغان مۇشۇنداق ئادەمدىمۇ مۇھەببەت بولىدىغانلىقى بىزنىڭ خىيالىمىزغىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئىدى.

    -بۇ ئادەمنىڭ يېشى ئاللىقاچان قىرىقتىن ئاشقان، قىز بولسا ئوتتۇزدا بار،-دېدى مۇدىرنىڭ ئايالى ئۆز پىكرىنى ئىزاھلاپ،-مېنىڭچە قىزمۇ ياق دېمەس.

    بىزنىڭ چەت ۋىلايەتلىرىمىزدە بىكارچىلىقتىن نېمە ئىشلار چىقمايدۇ، قانچىلىغان پايدىسىز، بولمىغۇر ئىشلار بولۇپ ئۆتمەيدۇ دەيسىلەر! بۇنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىكى، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار زادى قىلىنمايدۇ، ئالايلۇق، بۇ بىلىكوپ دېگەننى ئۆيلەپ قويۇشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بولسۇن؟ ئۇنىڭ خوتۇن ئېلىپ ئۆي تۇتۇشنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ مۇدىرنىڭ ئايالى، ئىنىسپىكتورىنىڭ ئايالى ۋە مەكتىپىمىزدىكى بارلىق خانىملار بەجايىكى تۇيۇقسىزدىنلا ھاياتىنىڭ چىن مەناسىنى كۆرۈپ قالغاندەك جانلىنىپ كېتىشتى، ھەتتا چىرايلىرىمۇ باشقىچە نۇرلىنىپ كەتتى. مۇدىرنىڭ ئايالى تىياتىرغا بارغاندا ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر لوژىدا ئولتۇرىدۇ ۋە بىر چاغدا قارىغۇدەك بولساق، ئۇنىڭ لوژىسىدا قولىغا ئاجايىپ بىر خىل يەلپۈگۈچ تۇتۇۋالغان، گۈل-قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتكەن، شادلىقتىن يايراپ كەتكەن ۋارىنكا ئولتۇرىدۇ، ئۇنىڭ يېنىدا بولسا، بەجايىكى ياتقان يېرىدىن ئامبۇر بىلەن تارتىپ چىقىرىلغاندەك مۈكچىيىپ قالغان كىچىككىنە بىلىكوپ ئولتۇرىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن كەچكى زىياپەت ئۆتكۈزمەكچى بولدۇم، بۇ گەپنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ خانىملارنىڭ ھەممىسى بىلىكوپ بىلەن ۋارىنكانىمۇ چوقۇم تەكلىپ قىلىشىمنى تەلەپ قىلىشتى. قىسقىسى، ھەممە بىردەك ھەرىكەتكە كېلىشتى، مەلۇم بولۇشىچە، ۋارىنكامۇ ئەرگە تېگىشكە قارشى ئەمەس ئىكەن، ئۇ ئىنىسى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇۋېرىشتىنمۇ زېرىكىپتۇ، ئۇلارنىڭ كۈنى ئەتىدىن-كەچكىچە گەپ تالىشىش ۋە تىلىشىش بىلەنلا ئۆتىدىغان بولۇپ قاپتۇ، مانا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن بىر كۆرۈنۈش؛ كوچىدا ئېگىز بويلۇق، گەۋدىلىك كوۋالىنكو كېتىپ بارماقتا، ئۇنىڭ ئۇچىسىدا كەشتلەنگەن كۆينەك، شەپكىسىنىڭ ئاستىدىن چىقىپ تۇرغان چاچلىرى ماڭلىيىغا چۈشۈپ تۇرىدۇ، بىر قولىدا بىر توپ كىتاپ، يەنە بىر قولىدا يوغان بىر تاياق. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەدىسى كەلمەكتە، ئۇنىڭ قولىدىمۇ بىر نەچچە كىتاپ.

    -سەن مېخائېل، ئۇ كىتاپنى ئوقۇمىغانغۇ!-دەيدۇ ۋارىنكا ئىنىسى بىلەن گەپ تالىشىپ،-مەن چوقۇم ئېيتالايمەن، ئەزبىرايى خۇدا، سەن ئۇ كىتاپنى زادىلا ئوقۇپ باقمىغان!

    -مەن ساڭا ئېيتىپ قويايكى، ئۇ كىتاپنى مەن ئوقۇغان!-دەپ ۋارقىرايدۇ كوۋالىنكو، تايىقىنى يەرگە ئۇرۇپ تۇرۇپ.

    -يائاللاھ، مىنچىك! نېمىشقا مۇنچىۋالا خاپا بولىسەن، بىز پىرىنسىپلىق مەسىلە ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتىمىزغۇ.

    -مەن ساڭا ئېيتتىمغۇ، ئوقۇغان!-دەپ تېخىمۇ بەتتەر ۋارقىرايدۇ كوۋالىنكو.

    ئۆيدىكى ۋاقىتلىرىدا بولسا، سىرتتىن بىرەر كىشى كىرىپ قالسىلا شۇ ھامان جېدەل چىقىدۇ، قارىغاندا، ۋارىنكا بۇنداق ھاياتتىن بىزار بولۇپ، تۇرمۇشقا چىقىش تىلىگى قوزغالغان بولسا كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياش مەسىلىسىنىمۇ ئېتىۋارغا ئالماي بولمايدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەمدى ئەر تاللايدىغان ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن، ئىشقىلىپ، ئەر كىشى بولسىلا بولىۋېرىدۇ. ھەتتا ئاشۇ يۇنان تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولسىمۇ مەيلى، بىزنىڭ خېنىم-قىزلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمىغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ئەھۋال خۇددى ئوخشاش، كەم بولسىمۇ كارى چاغلىق، ئىشقىلىپ ئەرگە تېگىۋالسىلا بولدى. قانداقلا بولمىسۇن، ۋارىنكا بىزنىڭ بىلىكوپقا مەيلى بارلىقىنىڭ ئىپادىسىنى ئوچۇق كۆرسىتىشكە باشلىدى.

    بىلىكوپچۇ؟ ئۇ بىزنىڭ ئۆيلەرگە قاتناپ يۈرگىنىگە ئوخشاش كوۋالىنكونىڭ ئۆيىگىمۇ قاتناپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغاندىمۇ خۇددى شۇنداقلا كىرەتتى-دە، زۇۋان سۈرمەستىن ئولتۇراتتى. بىلىكوپ زۇۋان سۈرمەي ئولتۇرىدۇ. ۋارىنكا بولسا، ئۇنىڭغا «شامال چىقماقتا» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بېرەتتى ياكى بولمىسا خىيالغا پاتقان ھالدا قارا كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرىدۇ ۋە ئۇشتۇمتلا ئۆزىنى باسالماستىن كۈلۈپ كېتىدۇ: «ھاھاھا!»

    مۇھەببەت ئىشىدا، بولۇپمۇ ئۆيلىنىش ئىشىدا باشقىلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھەممەيلەن بۇرادەرلەرمۇ، خانىملارمۇ بىلىكوپقا ئۇنىڭ ئۆيلىنىشى لازىملىقىنى، ئۇنىڭ ھاياتىدا ئەمدى ئۆيلىنىشتىن باشقا ھېچقانداق بىرەر چوڭ ئىشنىڭ قالمىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى. بىز ھەممىمىز ئۇنى مۇبارەكلىدۇق، جىددىي قىياپەتتە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا نىكاھ ئىشى بەك ياخشى ئىش، دېگەندەك ھەرخىل قوپال چاقچاقلارنى قىلاتتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋارىنكامۇ قىزىقسا بولغۇدەك خېلى تۈزۈكلا قىز ئىدى. يەنە كېلىپ، ئۇ بىر چوڭ باشلىقنىڭ قىزى، ئۇنىڭ ئۆز قورغىنى بار، ئەڭ مۇھىمى، ئۇ بىلىكوپقا ئىشقى بىلەن سەمىمىي مۇناسىۋەتتە بولغان بىردىن-بىر ئايال كىشى ئىدى. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ بېشى ئايلىنىپ كەتتى ۋە ئاخىرى ئۇ ھەقىقەتەن ئۆيلەنمىسەم بولمىغۇدەك دېگەن قارارغا كەلدى.

    -ئەنە شۇ چاغدا ئۇنىڭ كالاچلىرى كۈنلۈكىنى تارتىۋالساڭلار بوپتىكەن،-دەپ قوشۇپ قويدى ئىۋان ئىۋانىچ.

    -ئەپسۇسكى ئۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىدى. ئۇ ۋارىنكانىڭ رەسىمىنى ئۆزىنىڭ ئۈستىلى ئۈستىگە تىكلەپ قويدى ۋە ھە دېسىلا مېنىڭ يېنىمغا كىرىپ، ۋارىنكا توغۇرلۇق، ئائىلىۋىي تۇرمۇش توغۇرلۇق، نىكاھ ئىشى ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكى توغۇرلۇق پاراڭ سالىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ پات-پات كوۋالىنكونىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇراتتى، ئەمما ئۆزىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى قىلچىلىكمۇ ئۆزگەرتمىدى. بەلكى ئەكسىچە، ئۆيلىنىش قارارى ئۇنىڭغا قانداقتۇر غەيرىي تەسىر كۆرسەتتى، ئۇ ئورۇقلاپ، چىرايى تاتىرىلپ كەتتى ۋە غىلاپ ئىچىگە تېخىمۇ بەكرەك كىرىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدى.

    \

    -ۋارۋارا ساۋۋىشنا مېنىڭ كۆڭلۈمگە ياقىدۇ،-دېدى ئۇ ماڭا ئاغزىنىڭ بىر بۇرجىكى بىلەن بىچارىلەرچە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،-ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆيلىنىشى كېرەكلىكىنى مەنمۇ بىلىمەن، بىراق.... بىلەمسىز، بۇ ئىشلار شۇنداق بىر تاسادىپىي بولۇپ قالدىكى.... ئوبدانراق ئويلاپ بېقىش كېرەك.

    -بۇنىڭ ئويلاپ ئولتۇرغۇدەك نېمىسى بار؟-دېدىم مەن،-ئۆيلەنسىڭىزلا ئىش پۈتمىدىمۇ؟

    -ياق، ئۆيلىنىش مەسىلىسى ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس، ئالدى بىلەن زىممەڭگە چۈشىدىغان ۋەزىپىلەرنى، جاۋابكارلىقنى ئوبدان دەڭسەپ كۆرۈش كېرەك... بولمىسا كېيىن بىر چاتىقى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ مەسىلە مېنى شۇنچىلىك بىئارام قىلىۋاتىدۇكى، ئەمدى مەن تۈن بويى ئوخلىمايدىغان بولۇپ قالدىم. راستتىنى ئېيتسام، مەن قورقىمەن؛ ئۇلارنىڭ ئىنىسى بىلەن ئىككىيلەننىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇللىرىنى چۈشەنگىلى بولمايدىكەن، بىلەمسىز، ئۇلار غەلىتە بىر گەپلەرنى قىلىشىدۇ ۋە خۇلقى-مىجەزلىرىمۇ ناھايىتى ئىتتىك. يەڭگىللىك قىلىپ ئويلىنىپ قويغان بىلەن يەنە كېيىن ئويلىمىغان يەردىن بىر پالاكەتكە تىقىلىپ قالىدىغان ئىش چىقمىسۇن.

    شۇنداق قىلىپ، بۇ ھەقتە ۋارىنكاغا ئېغىز ئاچماي يۈرۈۋەردى ۋە مۇدىرنىڭ ئايالى بىلەن بىزنىڭ ھەممە خانىملىرىمىزنى غايەت زور دەرىجىدە ئەپسۇسلاندۇرۇپ، توي ئىشىنى كەينىگە سۈرۈۋەردى، ھە دېسىلا كەلگۈسىدىكى ۋەزىپە ھەم جاۋابكارلىق ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ يۈرۈۋەردى، شۇنداق تۇرۇپ يەنە ھەر كۈنى دېگۈدەك ۋارىنكا بىلەن بىللە سەيلى قىلىپ يۈردى. ئېھتىمال، ئۇ بۇنداق قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا نىسبەتەن مۇناسىپ ئىش، دەپ ھېسابلىسا كېرەك. كېيىن ئۇ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، ئائىلىۋىي تۇرمۇش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى سۆزلەپ بېرەتتى. ھەممە ئالامەتلەردىن قارىغاندا، ئاخىرى بېرىپ ۋارىنكاغا توي قىلىش ھەققىدە ئېغىز ئېچىپ قېلىشمۇ مۇمكىن ئىدى ۋە شۇنداق بولغاندا، بىزنىڭ ئارىمىزدا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان مىڭلىغان ئەخمىقانە ۋە ئورۇنسىز تويلاردىن يەنە بىرى بولۇپ ئۆتەر ئىدى. لېكىن، شۇ ئارىدا بىر چوڭ كېلىشمەسلىك يۈز بېرىپ قالدى. شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش لازىمكى، ۋارىنكانىڭ ئىنىسى كوۋالىنكو دەسلەپكى تونۇشقاق كۈنىدىن باشلاپلا بىلىكوپقا ئۆچ بولۇپ قالغان ئىدى ۋە ئۇنى كۆرەر كۆزى يوق ئىدى.

    -چۈشىنەلمەيمەن،-دەيتتى ئۇ بىزگە مۆرىلىرىنى قىسىپ،-زادى چۈشىنەلمەيمەن، سىلەر بۇ ئىپلاس چېقىمچى بىلەن قانداقمۇ چىقىشىپ ئۆتۈۋاتىسىلەركىن-تاڭ. ھەي، جاناپلار، سىلەر بۇ يەردە قانداق چىداپ ياشاۋاتىسىلەر! سىلەرنىڭ مۇھىتىڭلار ئادەمنى بۇرۇختۇم قىلىدىغان سېسىق ھاۋا بىلەن تولغان. سىلەرمۇ تەربىيىچىمۇ، سىلەرمۇ ئوقۇتچىمۇ؟ سىلەر مەنسەپ مەستانىلىرى، سىلەرنىڭ مەكتىپىڭلار ئىلىم-مەرىپەتنىڭ قىبلىگاھى ئەمەس، بەلكى شەخسىي مەنپەئەتنىڭ سەجدىگاھى، خۇددى پولتسىنىڭ گۇندىخانىسىدەك بىخسىپ، سېسىپ تۇرىدۇ. ياق، ئاغىنىلەر، سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا ئۇزاققىچە تۇرالمىغۇدەكمەن، ئۆزۈمنىڭ قورغۇنۇمغا قايتىپ كېتىمەن، بېرىپ قىسقۇچ پاقا ئوۋلايمەن، خاخول بالىلىرىنى ئوقۇتىمەن، قايتىپ كېتىمەن، سىلەر بۇ يەردە ئۆزۈڭلارنىڭ ئاشۇ مەخلۇقۇڭلار بىلەن قېلىۋېلىڭلار، لەنەت!

    ياكى بولمىسا، ئۇ گاھ تۆۋەن، گاھ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كۈلۈپ كېتەتتى، كۆزلىرىدىن ياش چىققۇچە كۈلۈپ كېتەتتى ۋە ھەيران بولغان ھالدا قوللىرىنى كەڭ يېيىپ شۇنداق دەيتتى:

    -ئۇ مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرىۋېلىپ نېمە قىلىمەن دەپ  ئولتۇرىدۇ؟ مېنىڭ يېنىمدا نېمە بار ئۇنىڭغا؟ زۇۋان سۈرمەستىن ئولتۇرغىنى-ئولتۇرغان.

    ئۇ ھەتتا بىلىكوپقا «تەييارتاپ ئۆمۈچۈك» دېگەن بىر لەقەممۇ قويۇۋالدى.  بىز بولساق، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ھەدىسى ۋارىنكا ئەنە شۇ «تەييارتاپ»قا تەگمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە گەپ قىلماسلىققا تىرىشاتتۇق: بىر كۈنى مۇدىرنىڭ ئايىلى ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ھەدىسىنى بىلكوپتەك مۇشۇنداق بىر سالامەتلىك ۋە ھۆرمەتلىك زاتقا قوشۇپ قويساق مۇۋاپىق بولاتتى، دېگەن مەزمۇندا سۆز ئاچقان ئىكەن. ئۇ قاپىقىنى تۈرگەن ھالدا:

    -بۇ مېنىڭ ئىشىم ئەمەس، ئۆزى خالىسا ھەتتا زەھەرلىك يىلانغا تېگىۋالسىمۇ كارىم يوق، مەن باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىشنى ياخشى كۆرمەيمەن،-دەپتۇ.

      ئەمدى گەپنىڭ داۋامىنى ئاڭلاڭ. كىمدۇر بىر شاڭخوچى بىر ھەجۋىي رەسىم سىزىپتۇ: بىلىكوپ كەلمەكتە. ئايىقىدا كالاچ، شىمنىڭ پۇشقاقلىرى تۈرۈلگەن، بېشىنىڭ ئۈستىگە كۈنلۈك كۆتۈرۈۋالغان ۋە ئۇنى ۋارىنكا قولتۇقلىۋالغان. ئاستىغا: «ئاشىق بولغان ئانتىروپوس» دېگەن خەتلەر يېزىلغان، رەسىمدىكى قىياپەت ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن سىزىلغان ئىدى. رەسسام بۇ رەسىم ئۈستىدە بىر نەچچە كۈن ئىشلىگەن بولسا كېرەك، چۈنكى، ئوغۇللار ئوتتۇرا مەكتىپى ھەم قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچىلىرىغا، سىمنارىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە باشقىلارغا، ئىشقىلىپ ھەممىگە بىر نۇسخىدىن تەگدى، بىلكوپنىڭ ئۆزىگىمۇ تەگدى. بۇ ھەجۋىي رەسىم ئۇنىڭغا ھەممىدىن قاتتىق تەسىر قىلدى.

    بىرىنچى ماي كۈنى، يەكشەنبە ئىدى، بۇ كۈنى بىز ھەممىمىز يەنى مۇئەللىملەر ۋە ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئالدىدا يىغىلىپ، بىرلىكتە شەھەر سىرتىدىكى ئورمانلىققا پىيادە ئوينىغىلى چىقىشقا كېلىشىۋالغان ئىدۇق، بىلكوپ بىلەن ئىككىمىز ئۆيدىن بىللە چىقتۇق. ئۇنىڭ چىرايى قارا بۇلۇتتىن بەتتەر تۇتۇلۇپ، كۆكىرىپ كەتكەنىدى.

      -جاھاندا نېمە دېگەن ئىچى يامان، نېمە دېگەن ۋەھشىي ئادەملەر بولىدۇ-ھە!-دېدى ئۇ ۋە ئۇنىڭ لەۋلىرى تىتىرەپ كەتتى.

      بىچارىگە ھەتتا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. بىللە ماڭدۇق. بىر چاغدا شۇنداق قارىساق، ۋەلىسپىت مىنىۋالغان كوۋالىنكو يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ كەينىدىن خۇددى شۇنداقلا ۋەلىسپىتكە مىنىۋالغان ۋارىنكا كېتىپ باراتتى، ئۇ قىزىرىپ ھاسراپ كەتكەن ھەتتا تېتىك ۋە خۇشال ئىدى.

      -بىز ئالدىدا بېرىپ تۇرايلى!-دېدى دەپ ۋارقىراپ ئۇ،-ئاھ، نېمە دېگەن ياخشى ھاۋا، نېمە دېگەن ياخشى ھاۋا، نېمە دېگەن راھەت!

    شۇ گەپ بىلەن ئىككىسى كۆزدىن غايىپ بولدى. بىزنىڭ بىلىكوپنىڭ كۆكىرىپ كەتكەن چىرايى ئەمدى ئاقىرىپ كەتتى. ئۇ تۇرغان جايىدا قېتىپ قالغان ھالدا ماڭا قارىدى....

    -كەچۈرۈڭ، قانداق گەپ بۇ،-دەپ سورىدى ئۇ،-يا ماڭا شۇنداق كۆرۈنۈپ كەتتىمۇ؟ ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئايال كىشىلەر ۋېلىسپىت مىنىپ يۈرسە بولامدۇ؟

      -بولمايدىغان نېمىسى بار؟ دېدىم مەن،-مىنسە مىنىۋەرمەمدۇ؟

      -بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟،-دەپ ۋارقىراپ تاشلىدى ئۇ مېنىڭ خاتىرجەملىكىمگە ھەيران بولۇپ،-سىز نېمە دەۋاتىسىز؟

    ئۇ شۇ قەدەر گاڭگىراپ قالدىكى، ھەتتا ئورمانلىققا بېرىشتىن ۋاز كېچىپ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

    \

    ئەتىسى ئۇ كۈن بويى ئەسەبىيلىك بىلەن قوللىرىنى ئۇۋىلاپ ۋە سەسكىنىپ يۈردى ۋە ئەپتىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ھالى خاراپ بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. شۇ كۈنى ئۇ ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم دەرىسنىمۇ تاشلاپ كەتتى. قورسىقىغا بىر نەرسىمۇ يېمىدى. ئۇ كەچ كىرگەندىن كېيىن، شۇ تاپتا تامامەن ياز بولۇپ قالغىنىغا قارىماستىن، ئىسسىققىنا كىيىنىپ كوۋالىنكولارنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. ۋارىنكا ئۆيدە يوق بولۇپ، ئىنىسى ئۆزى يالغۇز ئىدى.

    -مەرھەمەت، ئولتۇرۇڭ،- دېدى كوۋالىنكو سوغاققىنا ۋە قاپىقىنى سالدى. ئۇ تېخى يېڭىلا چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئارام ئېلىشقا ياتقان بولۇپ، چىرايى ئۇيقۇسىرىغان ۋە كەيپى جايىدا ئەمەس ئىدى.

    بىلىكوپ ئون مىنۇتچە جىم تۇرغاندىن كېيىن، سۆزىنى باشلىدى:

    -مەن سىزنىڭ يېنىڭىزغا ئىچىمنى بىر ئاز بوشىتىۋالاي دەپ كەلدىم. مەن ئىنتايىن، ئىنتايىن ئېغىر خاپىچىلىقتا قالدىم، قانداقتۇر بىر ئۇياتسىز مېنى ھەم ھەر ئىككىمىزگە يېقىن بولغان بىر مۆھتەرەم خانىمنى مەسخىرە قىلىدىغان بىر رەسىمنى سىزىپ چىقىپتۇ. بۇ ئىشتا مېنىڭ ھېچقانداق ئەيىۋىم بولمىغانلىقىنى سىزگە تەكىتلەپ قويۇشنى بۇرچۇم دەپ ھېسابلايمەن. بۇنداق سەتچىلىكنىڭ كېلىپ چىقىشى ئۈچۈن مەن تەرەپتىن ھېچقانداق سەۋەنلىك ئۆتمىگەن، ئەكسىچە، ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆزۈمنى تامامەن تەرتىپلىك تۇتۇپ كەلگەن بىر ئادەم مەن.

    كوۋالىنكو قاپىقىنى سالغان ھالدا گەپ قىلماستىن ئولتۇراتتى. بىلىكوپ يەنە بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئاستا ۋە غەمكىن ئاۋاز بىلەن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.

    -مېنىڭ سىزگە دەيدىغان يەنە بەزى گەپلىرىم بار. مەن ئۇزۇندىن بۇيان خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئادەم، سىز بولسىڭىز خىزمەتكە ئەمدىلا قەدەم قويدىڭىز، شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن سىزنىڭ چوڭ دوستىڭىز بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن سىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇشنى ئۆزۈمنىڭ بۇرچۇم دەپ ھېسابلايمەن. سىز ۋېلسىپىت مىنىدىكەنسىز، لېكىن بۇنداق ھەۋەس ياشلارنىڭ تەربىيىچىسى بولغان كىشىگە توغرا كېلىدىغان ئىش ئەمەس.

    -نېمە ئۈچۈن؟-دەپ سورىدى كوۋالىنكو بوم ئاۋاز بىلەن.

    -بۇنى يەنە چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى بارمۇ، مىخائېل ساۋۋىچ، ئۆزلۈكىدىنلا چۈشىنىشلىك ئەمەسمۇ؟ ئەگەر مۇئەللىم بولغان كىشى ۋېلسىپىتكە مىنىپ يۈرسە، ئوقۇغۇچىلار نېمە قىلىدۇ؟ ئۇلار ئادەمنىڭ بېشىغا چىقىپ ماڭىدىغان بولمامدۇ! قانۇن تەرىپىدىن رەسمىي يول قويۇلمىغان ئىشلارنى قىلماسلىق كېرەك. تۈنۈگۈن مېنىڭ يۈرۈگۈم قېپىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالدى! ھەدىڭىزنى كۆرۈپ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. ئايال كىشى ياكى قىز بالا ۋېلسىپىتكە مىندى دېگەن قانداق گەپ بۇ!

    -سىز زادى نېمە دېمەكچى بولىسىز؟

    -مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم باشقا گەپ ئەمەس، مەن پەقەت سىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويماقچى، مىخائېل ساۋۋىچ، سىز بىر ياش، ئىستىقبالىڭىز تېخى ئالدىڭىزدا، سىز ئۆزىڭىزگە ئىنتايىن، ئىنتايىن ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك، لېكىن سىز شۇنداق بەڭۋاشلىق قىلىۋاتىسىز، ئاھ، شۇنداق بەڭباشلىق قىلىۋاتىسىز! سىز كەشتىلەنگەن كۆينەكلەرنى كىيىپ، ئاللىقانداق كىتاپلارنى كۆتىرىپ، كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرىسىز، ئەمدى يەنە ۋېلسىپىت مىنىدىغان ئىشىڭىزمۇ چىقتى. سىزنىڭ ۋە ھەدىڭىزنىڭ ۋېلسىىپىت مىنىپ يۈرگەنلىكىنى مەكتەپ مۇدىرى ئۇقۇپ قالسا، بۇ گەپ كېيىن نازىرنىڭ قۇلىقىغىمۇ يېتىدۇ. بۇنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولامدۇ؟

    -ھەدەم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ۋېلسىپىت مىنىشىمىزگە ئارىلىشىۋېلىشقا ھېچقانداق ئادەمنىڭ ھەققى يوق!-دېدى كوۋالىنكو ۋە ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى،-ئەگەر كىمدە-كىم مېنىڭ ئۆي ئىشىمغا ۋە ئائىلە مەسىلىلىرىمگە چات كېرىۋالىدىغان بولسا، مەن ئۇنداق ئادەمنىڭ كۆرگۈلۈگىنى كۆرسىتىپ قويىمەن.

    بىلىكوپنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتتى ۋە ئورنىدىن تۇردى.

    -سىز مەن بۇنداق كەيپىياتتا سۆزلىشىدىغان بولسىڭىز، مەن بۇ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرالمايمەن،-دېدى ئۇ،-ۋە بۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ئالدىمدا باشقىلارغا دارىتىملاپ بۇنداق گەپلەرنى قىلماسلىقىڭىزنى سورايمەن. سىز رەھبەرلىكنى ھۆرمەت قىلىشىڭىز لازىم.

    -مەن رەھبەرلىك توغرىسىدا نېمە يامان گەپ قىپتىمەن؟-دەپ سورىدى كوۋالىنكو ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ،-مەرھەمەت قىلىپ يولىڭىزغا  مېڭىڭ. مەن بىر ۋىجدانلىق ئادەم، سىزگە ئوخشاش جانابلار بىلەن سۆزلىشىشنى خالىمايمەن. مەن چېقىمچىلارنى ياخشى كۆرمەيمەن.

    بىلىكوپ ئەس-ھۇشىنى يوقىتىپ ھودۇقۇپ كەتتى ۋە ئالدىراشلىق بىلەن كىيىنىشكە باشلىدى، ئۇنىڭ چىرايىدا قورقۇنچ ئىپادىسى ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. بۇ ئۇنىڭ مۇنداق قوپال گەپلەرنى ئۆمرىدە بىرىنچى قېتىم ئاڭلىشى  ئىدى.

    -نېمە دېسىڭىز دەۋېرىڭ،-دېدى ئۇ، دالان ئۆيدىن پەلەمپەينىڭ مەيدانچىسىغا چىقىۋېتىپ،-لېكىن مەن سىزگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بەلكىم بىز قىلىشقان بۇ گەپلەرنى بىرەر كىشى ئاڭلاپ قالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا، بىزنىڭ بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ مەزمۇنىنى كىشىلەر باشقىچە چۈشىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ۋە بىرەر چاتاق چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بىزنىڭ ئارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن گەپلەرنى... بۇ گەپلەرنىڭ نۇقتىلىق مەزمۇنلىرىنى بولسىمۇ مۇدىر جانابلىرىغا يەتكۈزۈپ قويۇشۇم كېرەك. بۇ مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم.

    -يەتكۈزۈپ قويىمەن؟ يوقال، يەتكۈزىدىغان گېپىڭنى يەتكۈزىۋەر!

    كوۋالىنكو ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېلىپ گەجگىسىدىن تۇتتى-دە، تۆۋەنگە قارىتىپ بىرنى ئىتتىردى ۋە بىلىكوپ كالاچلىرىنى پالاقلاتقان بويىچە پەلەمپەيدىن موللاقلاپ چۈشتى. پەلەمپەي ئېگىز ۋە تىك ئىدى. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ ئۇ تۆۋەنگە ساق-سالامەت چۈشۈۋالدى ھەمدە ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆزەينىكىنىڭ سۇنغان-سۇنمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ، بۇرنىنى تۇتۇپ باقتى. بىراق ئۇ دەل پەلەمپەيدىن دومىلاپ چۈشۈۋاتقاندا، ئىككى خانىم بىلەن بىللە ۋارىنكا كىرىپ قالدى. ئۇلار پەستىن ئۇنىڭغا قارىشىپ تۇراتتى. بىلىكوپ ئۈچۈن ھەممىدىن بەكرەك يامان بولغىنى شۇ ئىدى. بوينى قايرىلىپ ئۆلسىمۇ، ئىككى پۇتى سۇنۇپ كەتسىمۇ، بۇنداق رەسۋاچىلىققا قېلىشتىن ياخشى بولار ئىدى، مانا ئەمدى بۇ گەپ پۈتۈن شەھەرگە تارقىلىپ كېتىدۇ. مۇدىرنىڭ، نازىرنىڭ قۇلىقىغا بېرىپ يېتىدۇ. ئاھ، ئىشقىلىپ بىر چاتاق چىمىسىلا بولاتتىغۇ! ئەمدى يەنە يېڭىدىن ھەجۋىي رەسىملەر پەيدا بولىدۇ ۋە ئاخىرى خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىشكە توغرا كېلىدۇ....

    ئۇ ئورنىدىن تۇرغاندا ۋارىنكا ئۇنى تونىدى ھەمدە ئۇنىڭ كۈلكىلىك چىرايىغا، پۇرلىشىپ كەتكەن پەلتۇسىغا، كالاچلىرىغا قاراپ، نېمە بولغانلىقىنى ئۇقماستىن، ئۇنى ئۆزى پۇتلىشىپ كېتىپ يىقىلىپ چۈشكەن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدى-دە، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، پۈتۈن بىنانى بېشىغا كىيىپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى:

    -ھا ھا ھا!

    ئەنە شۇ جاراڭلىق، جۇشقۇنلۇق كۈلكە ساداسى بىلەن ھەممە ئىشنىڭ خۇلاسىسى چىقتى: توي ئىشىمۇ ۋە بىلىكوپنىڭ بۇ دۇنيالىق ھاياتىمۇ تامام بولدى. ئۇ ۋارىنكانىڭ نېمە دېگەنلىگىنىمۇ ئاڭلىمىدى ۋە ھېچنەرسىنىمۇ كۆرمىدى. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۈستەل ئۈستىدىن ۋارىنكانىڭ رەسىمىنى ئېلىۋەتتى، ئاندىن كېيىن ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ياتقىنىچە ئىككىنچىلەپ ئورنىدىن تۇرمىدى.

    \

    ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، مېنىڭ يېنىمغا ئافاناسىي كىردى ۋە خوجايىنىنىڭ مىجەزى ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، دوختۇر چاقىرتىش كېرەكمىدۇ،-دەپ سورىدى. مەن بىلىكوپنى كۆرگىلى كىردىم. ئۇ پەردە ئىچىدە، يوتقانغا ئورۇنۇپ گەپ قىلماستىن ياتاتتى. گەپ سورىساڭ «ھە» ياكى «ياق» دېگەندىن باشقا ھېچنىمە دېمەيدۇ. ئۇ ياتىدۇ، ئۇنىڭ يېنىدا بولسا، رەڭگە ئۆڭۈپ كەتكەن، قاپىقى يامان ئافاناسىي ئايلىنىپ يۈرىدۇ ۋە تۇرۇپ-تۇرۇپلا چوڭقۇر ئۇھ تارتىدۇ، ئۇنىڭ ئاغزى بەئەينى قاۋاقخانىدەك ھاراق پۇراپ تۇرىدۇ.

    بىر ئايدىن كېيىن بىلىكوپ ئۆلدى. ئۇنى دەپنە قىلىشقا بىز ھەممىمىز، يەنى ھەر ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە سىمنارىيىدىكىلەر بىرلىكتە قاتناشتۇق. ئەمدى ئۇ تاۋۇتتا ياتقاندا، ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى مۇلايىم، يېقىملىق، ھەتتا مەڭگۈلۈككە ئىچىدىن چىقمايدىغان بىر غىلاپ ئىچىگە كىرىۋالغانلىقىدىن خۇشال بولۇۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. شۇنداق، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇراد-مەقسىدىگە يەتتى! خۇددى ئۇنىڭغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندەك شۇ كۈنى ھاۋامۇ بۇلۇتلۇق بولۇپ، يامغۇر يېغىپ تۇراتتى. شۇڭلاشقا ھەممىمىز كالاچ كىيىپ، كۈنلۈك كۆتىرىۋالغان ئىدۇق. دەپنە قىلىش مۇراسىمىغا ۋارىنكامۇ ئىشتىراك قىلدى ۋە مېيىت ساندۇقىنى گۆرگە قويغاندا كۆز يېشى قىلدى. مەن شۇ نەرسىگە دىققەت قىلدىمكى، خاخول قىزلىرى بىر بولسا يىغلايدۇ، بىر بولسا كۈلىدۇ، ئۇتتۇرىدىكى كەيپىيات ئۇلاردا كۆرۈنمەيدۇ.

    ئىقرار قىلىشىم لازىمكى، بىلىكوپقا ئوخشاش ئادەملەرنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىش ـــ تولىمۇ خۇشاللىق ئىشتۇر. بىز قەۋرىستانلىقتىن قايتىپ كېلىۋاتقاندا، ھەممىمىزنىڭ چىرايىمىزدىن مۇسىبەتنىڭ ئىپادىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بىز ھېچقايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ بۇنداق خۇشاللىق تۇيغۇمىزنى يەنى ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى بالىلىق چاغلىرىمىزدا، ئۆيدىكى چوڭلار سىرتقا چىقىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىدا بىرەر-يېرىم سائەت باغ ئىچىگە كىرىپ ئۆزىمىز خالىغانچە ئەركىن يايراپ ئوينىۋالغاندا ھېس قىلغانلىرىمىزغا ئوخشايدىغان خۇشاللىق تۇيغۇمىزنى شۇ تاپتا بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشاتتۇق، ئاھ، ئەركىنلىك، ئەركىنلىك! شۇ ئەركىنلىكنىڭ ھەتتا كىچىككىنە ئىپادىسىمۇ ھەتتا ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا بولغان كىچىككىنە ئۈمىدمۇ ئىنسان قەلبىنى نەقەدەر قانائەتلەندۈرىدۇ-ھە، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

    بىز قەبرىستانلىقتىن روھىمىز ئۆسۈپ قالغان ھالدا قايتىپ كەلدۇق. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتەر-ئۆتمەستىن كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز يەنە ئۆز ئىزىغا چۈشتى، يەنە شۇ جىددىي، تىنىمسىز، مەنىسىز ھايات، يەنە شۇ قانۇندا رەسمىي چەكلەنمىگەن، ئەمما تولۇق ئەركىنلىكمۇ بېرىلمىگەن ھايات؛ ھال-ئەھۋالىمىز يەنىلا ئوڭشالمىدى. دەرھەقىقەت بىلىكوپنىغۇ كۆمۈپ قويدۇق، لېكىن ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان غىلاپ بەندىلىرىدىن يەنە قانچە-قانچىلىرى ساقلىنىپ قالدى، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانچە-قانچىلىرى پەيدا بولىدۇ!

    -گەپ شۇنىڭدا-دە،-دېدى ئىۋان ئىۋانىچ ۋە غاڭزىسىنى چېكىشكە باشلىدى.

    -بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانچە-قانچىلىرى پەيدا بولىدۇ!-دەپ تەكرارلىدى بۇركىن.

    ئوقۇتقۇچى ئامباردىن تاشقىرىغا چىقتى. بۇ، پاكار بويلۇق، سېمىز ۋە چاچلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك چۈشۈپ كەتكەن بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ قاپ-قارا ساقىلى مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىككى ئىتمۇ بىللە چىقتى.

    -ئاينى قاراڭە، ئاينى!-دېدى ئۇ ئاسمانغا قاراپ.

    يېرىم كېچە بولۇپ قالغان ئىدى. ئوڭ تەرەپتە پۈتۈن يېزا كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۇنىڭ كوچىسى بەش چاقىرىملارچە كەلگۈدەك يەرگە سوزۇلۇپ ياتاتتى. پۈتۈن ئەتراپ تېپ-تېنىچ ۋە چوڭقۇر ئۇيقۇغا چۆمۈلگەن، ھېچقانداق ھەرىكەتمۇ كۆرۈنمەيدۇ، ھېچقانداق تاۋۇشمۇ ئاڭلانمايدۇ، ھەتتا تەبىئەتتە شۇ قەدەر جىمجىت بولىدىغانلىقىغا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. ئايدىڭ كېچىدە ئازادە يېزا كوچىسىدىكى كەپە ئۆيلەرنى، ئوت-چۆپ دۆۋىلىرىنى، ئۇيقۇغا چۆمگەن مەجنۇنتاللارنى كۆرگەندە، ئادەمنىڭ كۆڭلى ئارام تاپىدۇ، ئەنە شۇنداق ئارام تاپقان كۆڭۈل تۈن قاراڭغۇسى ئىچىدە ھارغىنلىق، غەم ۋە قايغۇ-ھەسرەتلەردىن خالىي بولۇپ مۇلايىملىشىدۇ، مۇڭلىنىدۇ، گۈزەللىككە تولىدۇ ۋە ھەتتا يۇلتۇزلارمۇ مېھرى بىلەن قاراپ تۇرغاندەك، ئەمدى يەر يۈزىدە ھېچقانداق يامانلىقلار قالماستىن، ھەممە ئىشلار ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بولۇۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. يېزىنىڭ سول تەرىپى ئاي دالىغا تۇتاشقان ئىدى. ئۇپۇققا تۇتاشقان بۇ پايانسىز دالانى ئاي نۇرى يورۇتۇپ تۇراتتى ۋە ئۇ ياقلاردىمۇ ھېچقانداق ھەرىكەت كۆرۈنمەيتتى، ھېچقانداق تاۋۇشمۇ ئاڭلانمايتتى.

    -ھە، گەپ شۇنىڭدا-دە،- دەپ تەكرارلىدى ئىۋان ئىۋانىۋىچ،-مانا بىز ئۆزىمىزنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، بىز شەھەردە تۇرىمىز، تۇنجۇقۇپ قالغۇدەك قىستاڭچىلىق ئىچىدە ھايات كەچۈرىمىز، قىلچە پايدىسى بولمىغان خەتلەرنى يازىمىز، قارتا ئوينايمىز، مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى غىلاپ ئەمەسمۇ؟ بىز پۈتۈن ئۆمرىمىزنى كارغا كەلمەيدىغان جىدەلخورلارنىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈزىمىز، ئۇيۇندىن باشقىنى بىلمەيدىغان ئەخمەق خوتۇنلار بىلەن ئارىلىشىپ يۈرىمىز، نەدىكى بىر پىتنە-پاساتلارنى ئاڭلاپ غەيۋەت قىلىشىمىز، بۇمۇ بىر غىلاپ ئەمەسمۇ؟ ئەگەر خالىسىڭىز مەن سىزگە ئىنتايىن ئىبرەتلىك بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىمەن،

    -ياق، ئەمدى ئۇخلايلى،-دېدى بۇركىن،-ئەتىگىمۇ قالسۇن.

    ئىككىيلەن ئامبارغا كىرىپ پىچان ئۈستىگە ياتتى. ئۇلار چاپانلىرىنى يېپىپ ئەمدىلا كۆزلىرىنى يۇمۇشىغا، تۇيۇقسىزدىن «دۈپ-دۈپ» قىلىپ ئاڭلانغان ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى. كىمدۇر بىرى ئامبارنىڭ يېنىدا مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇ بىر نەچچە قەدەم ماڭدى-دە، توختاپ قالدى، بىردەمدىن كېيىن يەنە «دۈپ-دۈپ» قىلىپ مېڭىشقا باشلىدى... ئىتلار ھاۋشۇپ قويدى.

    -ماۋرا ئايلىنىپ يۈرۈيدۇ،-دېدى بۇركىن.

    ئاياق تىۋىشلىرى جىمىقتى.

    -يالغان گەپ قىلىدىغانلارنى كۆرۈپمۇ تۇرۇۋاتىمىز، ئاڭلاپمۇ تۇرۇۋاتىمىز،-دېدى ئىۋان ئىۋانىچ ۋە بۇ يېنىدىن ئۇ يېنىغا ئۆرۈلۈپ يېتىۋالدى،-شۇ يالغان گەپلەرگە سۈكۈت قىلىپ تۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن قاپاقباش دەپ ھاقارەتلىنىۋاتىمىز، ھەرقانداق دىل ئاۋازى ۋە كەمسىتىشلەرگە تاقەت قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ۋىجدانلىق، ئەركىن پىكىرلىك ئادەملەر تەرىپىدە تۇرىدىغانلىقىمىز، ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايمىز، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ يالغان گەپ قىلىپ، ھىجىيىىپ تۇرىمىز ۋە بۇنىڭ ھەممىسى پەقەت بىر پارچە نان ئۈچۈنلا بولۇۋاتىدۇ. ياق، ئەمدى بۇنداق ھاياتقا چىداپ تۇرۇۋېرىش مۇمكىن ئەمەس!

    -قۇيۇڭ بۇ گەپنى، ئىۋان ئىۋانىچ، ئەمدى سىز باشقا مۇقامغا چۈشۈپ قالدىڭىز.-دېدى ئوقۇتقۇچى،-قېنى، ئەمدى ئۇخلايلى.

    ئون مىنۇتلاردىن كېيىن بۇركىن قاتتىق ئۇيقۇغا كەتتى. ئىۋان ئىۋانىچ بولسا، بىردەم ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆرۈلەتتى ۋە ئۇلۇغ كىچىك تىناتتى. ئاخىرى ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، يەنە تاشقىرىغا چىقتى ۋە ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ غاڭزىسىنى تارتىشقا باشلىدى.

                  روسچىدىن پەرھات جىلان تەرجىمىسى

                      (گۈليارە تۇرسۇن)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.