پۇلغا يارايدىغان دادا(بۇخۋارد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-20 09:41:07

پۇلغا يارايدىغان دادا(بۇخۋارد)ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسىبىر كۈنى ئوغلۇمنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ماشىنىكىدا خەت ئۇرۇلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدىم.-نېمە يېزىۋاتىسەن؟ – سورىدى...



    پۇلغا يارايدىغان دادا(بۇخۋارد)
    ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى

     

     

    بىر كۈنى ئوغلۇمنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ماشىنىكىدا خەت ئۇرۇلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قالدىم.

    -نېمە يېزىۋاتىسەن؟ – سورىدىم ئۇنىڭدىن.

    -ئاتا – بالىلىق مۇناسىۋىتىمىز ھەققىدە كىتاب يېزىۋاتىمەن.

    بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇشال بولدۇم.

    -يازغىن ئوغلۇم، ئەمما ئوبرازىمنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ قويما.

    -خاتىرجەم بولۇڭ دادا، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن، – دېدى ئۇ، – ھە راست، دادا، سىز بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار ئىدى. مېنى كالا ئېغىلىغا سولاپ قويغىنىڭىزنى، تاسما بىلەن ئۇرغىنىڭىزنى يازسام بولار؟

    مەن داڭ قېتىپلا قالدىم.

    -مەن سېنى ئەزەلدىن كالا ئېغىلىغا سولاپ قويمىدىم ھەم تاسما بىلەنمۇ ئۇرۇپ باقمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئۆيدە نەدىمۇ كالا ئېغىلى بولسۇن!

    -مۇھەررىر كىتابىمنىڭ بازارلىق بولۇشى ئۈچۈن، چوقۇم مۇشۇنداق ئىشلارنى، مەسىلەن، مەن خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، سىزنىڭ ئەدەبلەيدىغانلىقىڭىزنى، ھەتتا ھاجەتخانىغا سولاپ قويىدىغانلىقىڭىزنى يېزىشىمنى ئېيتقانىدى.

    -لېكىن مەن سېنى ئەزەلدىن ھاجەتخانىغا سولاپ قويمىغان تۇرسام!

    -ئۇغۇ راست، لېكىن مۇھەررىر كىتابىمنىڭ كىتابخانلارغا ياققۇدەك يېزىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن، خۇددى كارىل كروسبىي بىلەن كىرىستىنا كروسودلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنى تەسۋىرلەپ يازغىنىدەك. ئوقۇرمەنلەر پەردە ئارقىسىدىكى ھەقىقىي قىياپىتىڭىزنى چۈشىنىشنى بەكمۇ خالايدىكەن. ھازىرقى بالىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق كىتابلارنى يېزىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىتابلارمۇ بازارلىق كىتاب بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر مەن ئوبرازىڭىزنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ يازسام قارشى تۇرمايدىغانسىز؟

    -سەن چوقۇم مۇشۇنداق يازامسەن؟

    -چوقۇم شۇنداق يازىمەن. مەن ئاللىقاچان 10 مىڭ دوللار زاكالەت پۇلىنى ئېلىپ بولدۇم. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر شەرتى چوقۇم سىزنىڭ مەخپىيەتلىكىڭىزنى ئاشكارىلاش ئىكەن. سىز كىتابىمنىڭ ئىككىنچى بابىنى ئوقۇپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭدا بىر قېتىملىق نۇتۇقتا كۈلكىلىك ئىش قىلىپ قويۇپ، ئۆلگۈدەك ھاراق ئىچىپ ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ھەممىمىزنى ئويغىتىپ پول سۈرتۈشكە بۇيرۇغانلىقىڭىز تەسۋىرلەنگەن.

    -مەن ئەزەلدىن ئۇنداق ئىش قىلمىغانغۇ؟

    -ۋاي – ۋۇي، دادا! بۇ دېگەن كىتابتىكى گەپ! مۇھەررىر مۇشۇنداق كىتابلارنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۈچىنچى بابى ئۇنىڭغا يېقىپ قالدى، بۇ بابتا، ئاپامنى ئۇرۇپ – دۇمبالىغانلىقىڭىزدەك ئەسكىلىكىڭىز يېزىلغان.

    -نېمە؟ مەن ئاپاڭنى ئۇرامدىكەنمەن؟

    -مەن سىزنى ئاپامنى راستىنلا ئۇردى دېمەكچى ئەمەس. لېكىن مەن يەنە ئاپامنىڭ تاياق يېگەن چاغدىكى ئېچىنىشلىق ئاۋازىنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن كارۋاتنىڭ ئاستىغا مۆكۈۋالىدىغانلىقىمنىمۇ يازماقچىمەن.

    -توۋا! مەن ئاپاڭنى ئەزەلدىن ئۇرۇپ باقمىغان تۇرسام!

    -بىراق مەن مۇشۇنداق يازمىسام بولمايدۇ، مۇھەررىر ماڭا ھازىرقى ياشلارنىڭ 15 – 16 دوللار خەجلەپ ‹‹ساڭنېبورگ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى رېبىكا›› دېگەندەك كىتابلارنى سېتىۋالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

    -ماقۇل، مەن تاسما بىلەن سېنى ئۇرغان، ئاپاڭنى ئەدەبلىگەنمۇ بولاي، بۇلاردىن سىرت، مەن يەنە قانداق ئىشلارنى قىلدىم؟

    -ھە توغرا، كىتابىمنىڭ تۆتىنچى بابىدا گۈللۈكنى بۇزۇپ – چەيلىگەنلىكىڭىز يېزىلىدۇ. ئەگەر مەن ھەمىشە ئەتىگەن سائەت ئۈچتە ئۇسسۇلچى قىزلارنى ئۆيگە باشلاپ كېلىدىغانلىقىڭىزنى يازسام، كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشىنەرمۇ؟

    -كېسىپ ئېيتىمەنكى، كىشىلەر بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ.

    -ئادەتتە، سىزنىڭ باشقىلارغا قوپال مۇئامىلە قىلىدىغان يامان ئادىتىڭىز يوق، شۇڭا ئاشۇنداق يازسام، ئوقۇرمەنلەرنى قىزىقتۇرغىلى، ھاياجانغا سالغىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ماڭا ھېچقانداق زىيىنى يوق.

    -ساڭا زىيىنى بولمىغان بىلەن، ماڭا نىسبەتەن دوزاخقا كىرگەندەك ئازابلىق ئىش بۇ!– مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي ۋارقىراپ تاشلىدىم،– ئۇنداقتا، مەن زادى ياخشى ئىش قىلىپ باقمىدىممۇ؟

    -قىلدىڭىز، كىتابىمنىڭ مەلۇم بىر بابىدا ماڭا تۇنجى قېتىم ۋېلىسىپىت ئېلىپ بەرگىنىڭىز يېزىلغانىدى، لېكىن مۇھەررىر ئۇنى چىقىرىۋەتتى، چۈنكى مەن يەنە مىلاد بايرىمىدىكى ئىشنىمۇ يازغانىدىم. شۇ قېتىم مەن سىز بىلەن تاكاللىشىپ قالسام، ئاچچىقىڭىزدا بىر قاچا تۇغدىكۆك(ياڭيۇ) قىيامىنى بېشىمغا ئاتتىڭىز. مۇھەررىر بۇ ئىككى ئىشنى بىرلەشتۈرۈپ يازساڭ ئوقۇرمەنلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويىسەن، دەيدۇ.

    -ئۇنداقتا، سەن نېمىشقا ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا ئەلا بولۇپ باھالانغىنىڭدا ئۈستىبېشىڭغا سوغۇق سۇ چاچقانلىقىمنى يازمايسەن؟

    -توغرا ئېيتتىڭىز.ئەمىسە مەن مۇنداق يازاي، بىر قېتىم مەن ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغىنىمدا، سىز مېنى بىرەر قېتىممۇ يوقلاپ بارمىغان.

    -قارىغاندا سەن مېنى 10 مىڭ دوللارغا سېتىۋېتىپسەن – دە؟

    -بۇ پۇل ئۈچۈنلا ئەمەس، مۇھەررىر ماڭا ئەگەر مەن ھەممە سىرىڭىزنى ئاشكارىلىسام، ھەتتا بابرا ۋاردىستەك داڭلىق رىياسەتچىلەرنىڭ ئۆز پروگراممىسىدا مېنى مەخسۇس زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ چاغدا مەن سىزگە تايانمايمۇ تۇرمۇش كەچۈرسەم بولىدۇ.

    -ماقۇل، ئەگەر بۇ كىتاب ساڭا ھەقىقەتەن شۇنداق كۆپ پايدا يەتكۈزىدىغان بولسا، سەن داۋاملىق يېزىۋەرگىن، ياردىمىم كېرەكمۇ – يا؟

    -تولىمۇ ئوبدان گەپ بولدى. ماڭا كومپيۇتېر ئېلىپ بېرەلەرسىزمۇ؟ ئەگەر شۇنداق قىلسىڭىز، كىتابىم مىلاد بايرىمىدىن بۇرۇن پۈتكەن بولاتتى. ۋاكالەتچىم كىتابنىڭ نەشر قىلىش ھوقۇقىنى فىلىم ئىشلەش سودىگىرىگە سېتىپ بەرسىلا، پۇلىڭىزنى دەرھال قايتۇرۇپ بېرىمەن...

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.