قېنى، توققۇزىدىن قايسىسىنى ئالىسىز؟(جوكاي مور)

يوللىغۇچى : kalbinur1124 يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-25 11:29:28

قېنى، توققۇزىدىن قايسىسىنى ئالىسىز؟ جوكاي مور (ۋېنگرىيە) بۇرۇنىسىدا پېشىت دېگەن بۇ كاتتا شەھەردە بىر نامرات موزدوز ئولتۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ كۈنى ناھايىتى تەستە ئۆتەتتى. يا كىشىلەر توساتتىن ئۆتۈك...

    قېنى، توققۇزىدىن قايسىسىنى ئالىسىز؟

    جوكاي مور   (ۋېنگرىيە)

     

      بۇرۇنىسىدا پېشىت دېگەن بۇ كاتتا شەھەردە بىر نامرات موزدوز ئولتۇرغان ئىدى. ئۇنىڭ كۈنى ناھايىتى تەستە ئۆتەتتى.

      يا كىشىلەر توساتتىن ئۆتۈك كىيمەسلىك قارارىغا كەلمىدى، يا ئەمەلدارلار ئۆتۈكنى يېرىم باھادا سېتىش توغرىسىدا پەرمانمۇ چۈشۈرمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۇستا موزدوز بولغاچقا، خېرىدارلار ئۇ تىككەن ئۆتۈكلەرنى چىداملىق دەپ ئالاھىدە تەرىپلىشەتتى، خېرىدارلارمۇ ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرۇشاتتى، كەلگەنلىرى خۇشال ھالدا پۇلنى بېرىپلا كېتىشەتتى، ھېچقايسىسى نېسى قىلمايتتى، شۇنداقتىمۇ يوھان ئۇستام يەنىلا بۇ دۇنيادا جېنىنى جان ئېتەلمەيتتى ھەتتا بەزى چاغلاردا جېنىدىن تويۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچىمۇ بولاتتى. بىراق بۇ ئاغزىدىكىلا گەپ ئىدى. ئۇ خىرىستىئان دىنىنىڭ سادىق مۇرىتى بولغاچقا، ھەرقانچە كۈلپەت تارتسىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالمايتتى.

      يوھان ئۇستام زادىلا روناق تاپالمىدى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا باشقىچە بىر خىل بەخىت ئاتا قىلغاچقا، ئۇ ھەر يىلى بىردىن پەرزەنت كۆرۈۋەردى، بالىلارنىڭ بەزىسى ئوغۇل، بەزىسى قىز بولۇپ، بىرسى بىرسىدىن تېمەن، سېمىز، ساغلام ئىدى.

      بالىلارنىڭ ئالتىنچى، يەتتىنچى، سەككىزىنچىلىرى تۇغۇلۇپ ئائىلىگە بىردىن نوپۇس قوشۇلغان چاغدا يوھان ئۇستام: «يا ھەزرەت، بالىلار نەچچىگە يەتكەندە ئاندىن توختايدىغاندۇ؟» دەپ ئاھ ئۇرغان ئىدى،  كىيىن توققۇزىنچىسى تۇغۇلغاندا، خوتۇنى ئۆلۈپ كېتىپ ئاندىن توختىدى.

      يوھان ئۇستام توققۇز بالىسى بىلەن بۇ دۇنيادا يالغۇز قالدى، بىر ئەر كىشى ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەن ئوڭاي ئىش ئەمەس-تە!

    چوڭراق ئىككى-ئۈچ بالىسى مەكتەپكە باراتتى، ئىككىسى ئۆمىلەيتتى، يەنە بىرى قۇچاقتا بولۇپ قولىسىن چۈشمەيتتى. بىرىگە تاماق يىگۈزسە، بىرىگە كىيىم كىيگۈزەتتى، يەنە بىرىنىڭ يۈزىنى يۇياتتى، ئىشقىلىپ توققۇز بالىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك ئىدى، بۇ بىر ئەر كىشى ئۈچۈن ھەقىقەتەن كىچىك ئىش ئەمەستە، چىن پۈتمىسەڭلار، قېنى سىناپ كۆرۈپ بېقىڭلار!

    ئاياق تىكمەكچى بولسا، توققۇز جۈپ ئاياق تىكىشكە؛ بولكا توغرىماقچى بولسا، بولكىنى توققۇز پارچە قىلىشقا؛ ئورۇن سالسا...پۈتۈن ئۆينىڭ ئىشىگىدىن تارتىپ دېرىزىسىگىچە كارىۋات قويۇشقا توغرا كېلەتتى.

      كارىۋاتلاردىن سېرىق چاچلىق، قوڭۇر چاچلىق كىچىك باشلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

    «يائاللا، ئۇلۇغ خۇدايىم، ماڭا قانداق مىھرى-شەپقەت ئاتا قىلغان بولغىيتىڭ!» بۇ بالىلارنى بېقىش ئۈچۈن يېرىم كېچىلەردە ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئالدىراش ئاياق تىكىۋاتقان ياكى جىم ئۇخلىماي قەغىش قىلىۋاتقان بالىلارنى گۆللەپ ئۇخلىتىۋاتقان چاغدا، بۇ ئاق كۆڭۈل ھۈنەرۋەن ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ ئەمىشە مۇشۇنداق ئاھ ئۇراتتى. ئۇلار توققۇز، توپ-توغرا توققۇز ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ خۇداغا شۇكرى دېمەي تاپا-تەنە قىلىشقا ھەققى يوق ئىدى، توققۇز بالىنىڭ ھەممىسى روھلۇق، تېتىك، ئەخلاقلىق، چىراي-شەكلى جايىدا، تېنى ساغلام، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشتەيلىك ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر بولكىنى توققۇزغا بۆلۈش بىر ئادەمنىڭ دورا يېگىنىدىن ياخشىراق، بىر ئۆينى توققۇز كارىۋات بىلەن تولدۇرۇش، ھەرھالدا ئۆينىڭ ئوتتۇرىغا جىنازىدىن بىرنى قويۇپ قويغاندىن ياخشىراق، خۇدا ھەربىر ئاتا-ئانىنى مۇشۇنداق بالا-قازادىن ساقلىسۇن، بىرەرسى قازا قىلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، قالغان سەككىزىنى ساقلىسۇن.

      بىراق، يوھان ئۇستامنىڭ بالىلىرىغا ئۆلۈم يېقىنمۇ يولىمايتتى. كەرىمى كەڭ خۇدا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، توققۇز بالىنىڭ بىرسىمۇ بۇ دۇنيادىن چېكىنمەي ياشاۋەردى. مەيلى يامغۇر ياكى قار بولسۇن، ھىچنىمە ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. يەيدىغىنى قاتتىق بولكا بولسىمۇ، بۇ ئۇلارغا ھىچقانداق يامان تۇيۇلمايتتى.

      روژدېستوۋ بايرىمى كۈنى ئاخشىمى يوھان ئۇستام بىر ئىش بىلەن بولۇپ ئۆيىگە كېچىكىپ قايتتى، ئۇ ھەرخىل تەييارلانغان خرۇملارنى ۋە ئۆزىنىڭ قول ھۈنىرىنى ۋە بىر ئۆينىڭ كۈندىلىك تىرىكچىلىك ئىھتىياجىنى قامداشقا ئارانلا يەتكۈدەك پۇل ئېلىپ ياندى. ئۇ ئالدىراش ئۆيىگە كېتىۋىتىپ تەقۋادار ئايال يايمىچىلارنىڭ ھەممە كوچا ئېغىزلىرىدا ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەردىن ھەل بېرىلگەن بۇتلارنى ۋە مەنپىس كەمپۈتلەرنى يېيىپ قويۇپ سېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى پەقەت ئەدەپلىك بالىلارغىلا ساتاتتى. ئۇلار ھەتتا ئالدى بىلەن مال سېتىۋالغۇچى بالىلارنىڭ ئەدەپلىك ياكى ئەدەپلىك ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتە قىلاتتى، چۈنكى ئۇلار نەرسىلىرىنى كەپسىز بالىلارغا سېتىشنى راۋا كۆرمەيتتى. يوھان ئۇستام بىر نەچچە چەرچىننىڭ ئالدىدىن توختاپ ئۆتتى، بىر نەرسە ئالاي دېسە، توققۇز بالىنىڭ ھەممىسىگە ئېلىشقا توغرا كېلەتتى، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ئېغىر كېلىدۇ-دە! لېكىن ئۇ يالغۇز بىر بالىغىلا ئاتاپ ئالسا بولمايتتى، بۇنداق قىلىش مۇمكىنمۇ؟ بۇنداقتا باشقا بالىلىرى بىئارام بولمامدۇ؟ ياق، ئۇ بالىلىرىغا باشقا بىر خىل روژدېستوۋ سوۋغىسى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. بۇ سوۋغات چىرايلىق، قىزىقارلىق، ھەرقانداق قېقىندى-سوقۇندىغا ئۇچرىسىمۇ سۇنمىغۇدەك، ھەرقانچە ئوينىسىمۇ بۇزۇلمىغۇدەك، بالىلىرىنىڭ ھەممىسى ياقتۇرغىدەك ۋە ھىچقايسىسى تالاشمىغۇدەك بولۇشى كېرەك.

    -ھوي بالىلىرىم! بىر-ئىككى، ئۈچ، تۆت...ھەممىڭلار بارمۇ؟-دەپ سورىدى يوھان ئۇستام توققۇز بالىسى بار ئۆيىگە بارغاندا،-بۈگۈن وژدېستوۋ بايرىمى ئىكەنلىكى ئېسىڭلاردىمۇ؟ بۇ مۇقەددەس چوڭ بايرام، ئەڭ خۇشاللىق بايرام كۈنى. بۈگۈن كەچتە ھىچ ئىش قىلماي ئولتۇرۇپ، ھەممىمىز تازا بىر كۆڭۈل ئاچايلى.

      بالىلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇش بولۇپ كەتتىكى، ئۆينى كۆتۈرىۋەتكۈدەك قىلىشتى.

    -توختاپ تۇرۇڭلار، مەن سىلەرگە ئۆزەم بىلىدىغان بىر ياخشى ناخشىنى ئۆگىتىپ قوياي. بۇ ناھايىتى يېقىملىق مۇقەددەس ناخشا. بۇ ناخشىنى كۆڭلۈمدە بىلىپ بۈگۈنگىچە ئالاھىدە ساقلاپ كەلگەن ئىدىم. بۇ مېنىڭ روژدېستوۋ بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سىلەرگە تەقدىم قىلىدىغان سوۋغام بولۇپ قالسۇن.

      كىچىك ئەزىمەتلەر دادىسىنىڭ قۇچىقىغا يامىشىپ، قوللىرىنى كېرىپ بوينىغا گىرە سېلىشىپ، بۇ يېقىملىق ناخشا ئۈچۈن دادىسىنىڭ ئۈستىلىنى ئۆرۈۋەتكىلى تاسلا قالدى.

    -ھە، نېمە دېدىم! كەپسىزلىك قىلماڭلار! كېلىڭلار، ھەممىڭلار قاتار بولۇڭلار، كىچىكلىرىڭلار ئالدىدا، چوڭلىرىڭلار كەينىدە تۇرۇڭلار.

      ئۇ بالىلىرىنى خۇددى گارمون توپچىسىدەك قاتار تىزدى. ئەڭ كىچىك بالىنىڭ بىرسى ئۇنىڭ تېزىغا، بىرسى ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىپ تۇرۇشتى.

    -قېنى، ئەمدى جىم تۇرۇڭلار!-دېدى دادىسى،-مەن بىر ئېغىز ئوقۇسام سىلەر ماڭا ئەگىشىپ بىر ئېغىزدىن ئوقۇڭلار.

      شۇنىڭ بىلەن يوھان ئۇستام بىر خىل جىددى قىياپەتتە ئىخلاس بىلەن كۆكۈش شەپكىسىنى بېشىدىن ئېلىپ، يېقىملىق مۇقەددەس ناخشىنى ئېيتىشقا باشلىدى.

      «قۇلاق سېلىڭلار پەرىشتىلەرنىڭ جاراڭلىق ناخشىسىغا...»

      ئوغۇل ۋە قىزلىرىنىڭ چوڭراقلىرى بۇ ناخشىنى بىر ئاڭلاپلا ئۆگىنىۋالدى، كىچىكرەك بىر نەچچىسى ماسلىشالماي ئېزىپ كېتىپ، رېتىمغا چۈشۈرەلمەيتتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆگىنىۋېلىپ، بۇ يېقىملىق ناخشىنى توققۇزى بىر بولۇپ كىشىنىڭ زوقى كەلگۈدەك ئېيتتى. بۇ ناخشىنى ئەسلىدە پەرىشتىلەر خاتىرە ئاخشاملىرىدا ئېيىتقان بولۇپ، شۇ تاپتا بۇ سەبى ئوماق توققۇز ئەزىمەتنىڭ مۇشۇ ئاھاڭدا شادىيانە ناخشىنى تەڭكەش قىلىشى ئاسماندىكى پەرىشتىلەرگە جۆر بولۇش ئۈچۈن ئىدى. پەرىشتىلەر ئاسماندا بالىلارنىڭ ناخشىسىنى قارشى ئالاتتى، ئەلۋەتتە.

      بىراق بۇ ناخشا بىنانىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى خوجايىننىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولالمىدى.

      ئۇ يەردە بىر بويتاق بايۋەچچە ئۆزى يالغۇز توققۇز ئېغىزلىق ئۆيگە ئورۇنلاشقان ئىدى. ئۇ بىر ئۆيدە ئولتۇراتتى، بىر ئۆيدە ئۇخلايىتتى، ئۈچىنچى ئۆيىدە سىگارت چىكەتتى، تۆتىنچى ئۆيدە تاماق غىزالىناتتى. قالغان بەش ئېغىز ئۆيىدە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ھىچكىمگە مەلۇم ئەمەس ئىدى.

      ئۇنىڭ يا خوتۇنى، يا بالىسى يوق بولسىمۇ، ساناپ تۈگەتكۈسىز پۇلى بار ناھايىتى باي كىشى ئىدى.

      شۇ كۈنى ئاخشامدا بۇ بايۋەتچە دەل سەككىزىنچى ئۆيدە ئىچى پۇشۇپ ئولتۇرۇپ، نېمىشقا يىگەن غىزايىم شۇنچە تەمسىز؟ نېمىشقا گېزىتلەر ئاشۇنداق مەنىسى يوق خەۋەرلەر بىلەن توشقان؟ نېمىشقا مۇشۇنداق ئازادە ئۆيدە شۇنچە زېرىكىمەن؟ نېمىشقا يۇمشاق سىم كارىۋاتتا بىخارامان ئۇخلىيالمايمەن؟ دېگەن خىياللارنى قىلىۋاتقاندا، يوھان ئۇستام ئولتۇرۇشلۇق تۆۋەن قەۋەتتىكى ئۆيدىن قىزغىن ۋە زوق-شوىقا تولغان ناخشا ساداسى ئاڭلاندى. ناخشا دەسلەپتە بىلىنەر-بىلىنمەس ئاڭلىنىپ بارغانسىرى كۈچىيىپ كەتتى.

      ئۇ، دەسلەپتە پەرۋا قىلماي ھە دېگەندىلا ناخشىنىڭ توختاپ قېلىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ، بىراق بالىلار ناىشىنى ياندۇرمىلاپ ئونىنچى قېتىم ئېيىتقاندا، ئۇ زادىلا چىداپ تۇرالمىدى.

      ئۇ چچېكىۋاتقان سىگارتىنى ئۆچۈرىۋېتىپ، ئۇخلاش كىيىمىنى كىيدى-دە، ئۇدۇل موزدوز ئۇستامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلدى. ئۇ ئۆيگە كىرىشىگە بالىلار ناخشىنىڭ بىرىنچى قىسمىنى تۈگەتكەن ئىدى. يوھان ئۇستام ئۈچ پۇتلۇق ئورۇندۇقتىن قوپۇپ، ئىززەت-ئىكرام بىلەن بۇ خوجايىننى كۈتۈۋالدى.

    -ھە، سىز يوھان ئۇستام بولامسىز؟-دەپ سورىدى ھېلىقى بايۋەتچە.

    -شۇنداق، تەقسىر، ماڭا بىرەر تاپشۇرۇقىڭىز بارمىدى؟ لاكلانغان ئۆتۈكتىن بىرەرنى تىكتۈرەمتىڭىزيا؟

    -ياق، بۇنى دەپ كىرگىنىم يوق، ۋاھ، بالىلىرىڭىز بىر تالاي ئىكەنغۇ؟

    -خوش تەقسىر، چوڭ-كىچىك بولۇپ بالىلىرىم خېلى بار، ھەممىسىنىڭ ئاغزى ماڭا قاراشلىق، مەن ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلىشىم كېرەك.

    -بۇغۇ بىر گەپ، ناخشا ئېيىتسىمۇ شۇنچە ئېغىز ئېچىلىدۇ-ە. قېنى قۇلاق سېلىپ تۇرۇڭ، يوھان ئۇستام، سىلەرگە بىر ئامەت كەلتۈرەي، بالىڭىزدىن بىرنى ماڭا بېرىڭ، ئوغۇل قىلىۋالاي، ئوقۇتاي، ئۆزۈم بىلەن بىرلىكتە چەتئەللەرگە ساياھەتكە ئېلىپ باراي. ئۇنى شۇنداق ئېسىلزادىلەردىن قىلىپ يېتىشتۇرەيكى، كەلگۈسىدە ئۇ پۇل تېپىپ، قالغان بالىلىرىڭىزغا يار-يۆلەك بولسۇن.

      بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان يوھان ئۇستامنىڭ كۆزلىرى بەئەينى چۆچەكتەك بولۇپ كەتتى. بىر نامرات ھۈنەرۋەن بالىسىنىڭ ئېسىلزادىلەردىن بولۇپ قېلىشى ھەقىقەتەن ھەركىم ئۈچۈن ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك چوڭ ئىش ئىدى.

      ئۇ بىر ئوغلىنى بايۋەتچىگە بېرىشنى ئەلۋەتتە خالايدۇ-دە، چۈنكى بۇ تەلەينىڭ ئوڭدىن كەلگىنى ئىدى.

      -ئەمىسە، ئۇلاردىن بىرنى تاللاپ بېرىڭ، بىز كېتەيلى.

      يوھان ئۇستام قايسىسىنى بەرسەم بولار دەپ ئويلىنىۋېتىپ، ئاندىن دېدى:

    -بۇ كىچىڭ سادۇل، بۇ ئوبدان ئوقۇۋاتىدۇ، كەلەۈسىدە پوپ بولىدۇ، بۇنى بەرسەم بولمايدۇ. ئىككىنچى بالام قىز، بۇ جاناب قىز بالىنى ئالمايدىكەن. بۇنىڭ ئارقىسىدىكى فېلونىس، ئۇ ماڭا ياردەملەشكۈدەك بولۇپ قالدى. ئونىڭسىز مېنىڭ ئوقىتىم يۈرۈشمەيدۇ. ماۋۇ كىچىك يوھان مەن بىلەن ئىسىمداش، ئۇنىڭغا پەقەت چىدىمايمەن. كىچىك يوسكامغا كەلسەك، ئۇنىڭ سىياقى ئانىسىغىلا ئوخشايدۇ، سىياقىغا قارىسام خۇددى قەدىناسىمنى كۆرگەندەك بولىمەن. ئۇنى ئۆيدە قالدۇرۇپ قېلىشىم كېرەك. بۇنىڭ ئارقىسىدىكىمۇ قىز بالا، بۇنى ئويلاپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز. كىچىك پالىغا كەلسەم، ئۇنىڭغا ئانىسى رەھمىتى بەك ئامراق ئىدى، بۇنى ناتونۇش ئادەمگە بېرىۋەتسەم، بىچارە قەدىناسىمنىڭ روھى مېنىڭدىن قورۇنۇپ خاتىرجەم ياتالمايدۇ.

      ئاخىرىدا يوھان ئۇستام بايۋەتچىگە قاراپ دېدى:

    -ئاخىرقى بۇ ئىككىسى بەك كىچىك، بۇلارنى ئېلىپ نېمە قىلىسىز؟

      شۇنداق قىلىپ ئۇ بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر قېتىمدىن ئويلاپ كۆرۈپ بىر قارارغا كېلەلمىدى. ئاخىرى يەنە يېڭىۋاشتىن ئويلاپ كۆردى، بۇ نۆۋەت ئەڭ كىچىك بالىسىدىن باشلاپ ئويلاپ كۆرگەن بولسىمۇ، نەتىجىسى پۈتۈنلەي يۇقۇرقىدەك بولۇپ چىقتى، ئۇ بالىلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئامراق بولغانلىقتىن، قايسىسىنى بېرىشنى بىلەلمەي بېشى قاتقىنىچە تۇرۇپ قالدى.

    -مۇنداق قىلايلى، بالىلىرىم، سىلەر ئۆزۈڭلار قارار قىلىڭلار: قايسىڭلار ئۆيدىن ئايرىلىپ خوجايىن بولۇپ پەيتۇندا ئولتۇرۇشنى خالايسىلەر؟ قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار؟ قايسىڭلار خالىساڭلار ئوتتۇرىغا چىقىڭلار!

      بىچارە موزدۇز سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، يىغلاپ تاشلىغىلى تاس قالدى. بالىلارنىڭ ھەممىسى يوھان ئۇستامنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋالدى. ئۇلار ھېلىقى ناتونۇش جاناپتىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ئۈچۈن دادىسىنىڭ قوللىرىغا ئېسىلىپ، پۇتلىرىنى قۇچاقلاپ تېرە پەرتۇقىنىڭ پەشلىرىنى تارتىشىپ، ئۇنىڭغا چىڭ چاپلىشىۋالدى.

      موزدۇز ئۇستام ئاخىرى چىداپ تۇرالماي قوللىرىنى كەڭ ئېچىپ بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى مەھكەم قۇچاقلاپ، ئۇلارنى باغرىغا چىڭ باستى-دە، يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆز يېشى بالىلىرىنىڭ باش-كۆزىگە تاراملاپ چۈشۈۋىدى،بالىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يىغا-زارە قىلىشتى.

    -بۇ مۇمكىن ئەمەس، قەدىرلىك جاناب، مۇمكىن ئەمەس!-دېدى يوھان ئۇستام،- سىز باشقا ھەرقانداق نېمىنى سورىسىڭىز مەيلى، بىراق، شەپقەتلىك پەرۋەردىگەرىم بالىلارنى ماڭا ئاتا قىلغانىكەن، مەن ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسىدىن ۋاز كېچەلمەيمەن.

    ھېلىقى بايۋەتچە بۇنى چۈشىنىپ موزدۇزنىڭ بالىلىرى ھىچبولمىغاندا ئىككىنچى ناخشا ئېيىتمىسىلا مىڭ پانگو بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.

    يوھان ئۇستام ئۆمرىدە بۇنچىلا كۆپ پۇلنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى، شۇڭا ئۇ، ئەمدى قولۇم پۇل كۆرىدىغان بولدى دەپ ئويلىدى.

      ھېلىقى جاناب يەنە ئۆزىنىڭ ھېلىقى زېرىكىشلىك ئۆيىگە چىقىپ كەتتى. يوھان ئۇستام ئەزەلدىن كۆرمىگەن ھېلىقى مىڭ پانگو پۇلغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كىيىن، تەشۋىشلەنگەن ھالدا پۇلنى ساندۇققا سېلىپ، ئاچقۇچنى يانچۇققا سېلىۋالدى-دە، جىمىپ كەتتى. شاكىچىكلەرمۇ ئۈن-تىن چىقارمىدى، چۈنكى ئۇلار ناخشا ئېيتىشتىن چەكلەنگەن ئىدى.

      چوڭراق بىر نەچچىسى تىت-تىت بولغان ھالدا ئۈستەلگە تۈگۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ ئۇكىلىرىنى زۇۋان سۈرگىلى قويمىدى. ئۇلارغا ھەرگىز ناخشا ئېيىتماسلىقنى تاپىلىدى. چۈنكى بىنانىڭ ئۈستىدىكى ھېلىقى جاناب ئاڭلاپ قالاتتى.

      يوھان ئۇستام ئۆزى ئۈن-تىن چىقارماي، ئۆيىدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ خوتۇنى ھايات ۋاقتىدا تولىمۇ ئارزۇلايدىغان ئوغلى كېلىپ ئۇنىڭدىن ھېلىقى ئەڭ يېقىملىق ناخشىنى يەنە بىر مەرتىۋە ئۈگىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى، چۈنكى، بۇ بالا ئۇ ناخشىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى.

      لېكىن يوھان ئۇستام ئۇنى قوپاللىق بىلەن ئىتتىرىۋېتىپ:

    -ناخشا ئېيتىشقا بولمايدۇ!-دېدى.

      ئارقىدىن ئۇ چىرايىنى تۈرگەن ھالدا ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ، بىر پاي ئۆتۈكىنى قولغا ئالدى-دە،بولقا بىلەن مىخلىرىنى چىڭىتقىلى باشلىدى. ئۇ پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن بېرىلىپ ئىشلەۋېتىپ، ئىختىيارسىزلا «قۇلاق سېلىڭلار-پەرىشتىلەرنىڭ جاراڭلىق ناخشىسىغا...» دەپ غىڭشىپ ناخشا ئېيىتقانلىقىنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالدى. شۇ ھامان ئۇ ھەممىسىدىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئاغزىغا ئۆزى ئۇرۇپ، ئارقىدىن يەنە ناھايىتى ئاچچىقلاپ كەتتى ۋە بولقىنى چۆرۈپ تاشلاپ ئولتۇرغان كىچىك ئورۇندۇقنىمۇ تېپىۋەتتى-دە، ساندۇقنى ئېچىپ ھېلىقى مىڭ پانگو پۇلنى ئېلىپ بىنانىڭ ئۈستىدىكى ھېلىقى بايۋەتچىنى ئىزدەپ چىقتى.

     -ھۆرمەتلىك جاناب، مۇنۇ پۇلنى قايتۇرىۋېلىڭ، بۇ ماڭا لازىم ئەمەس، ناخشا ئېيىتقۇم كەلگەندە، ناخشا ئېيىتقىلى قويۇڭ، بۇ مەن ئۈچۈن مىڭ پانگودىن كۆپ ئەلا.

      ئۇ پۇلنى شىرە ئۈستىگە قويۇپلا ئۇچقاندەك ئۆيگە كىرىپ بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرلەپ سۆيۈپ چىقتى ۋە ئۇلارنى خۇددى گارمون توپچىسىدەك قاتار قىلىپ تىزىپ، ئۆزى ئۇلارنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا كىردى-دە، ئۆزىنىڭ پاكار ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ، ياڭراق ناخشىسىنى ئېيتىشقا باشلىدى:

      «قۇلاق سېلىڭلار، پەرىشتىلەر جاراڭلىق ناخشا ئېيتىۋاتىدۇ...»

      بالىلار گويا پۈتۈن بىنا ئۆزىگە تەئەللۇق بولۇپ كەتكەندەك ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتى.

      ھېلىقى بايۋەتچىگە كەلسەك، ئۇ، يەككە-يىگانە ھالدا ئۆزىنىڭ ھېلىقى توققۇز ئېغىزلىق ئۆيىدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپ تىت-تىت بولغان ھالدا: ھەي، بۇ ئەھمىيەتسىز دۇنيادا باشقىلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە شات- خۇرام ئۆتىدىغاندۇ؟... دەپ ئويلىدى.

     

    ئىسلامجان شىرىپ   تەرجىمىسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.