ھايات-ماماتلىق ئوقۇش(بىخارد.سىلنېك)-3

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-09 12:41:00

3- بۆلۈممەن ئۇ ئايالنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن. قولۇمدا بىر دەستە گۈل بار ئىدى. ئارسالدا بولۇپ، بىنا ئالدىدىكى ئىشىك ئالدىدىكى قوڭغىراق ئالدىغا كىلىپ قالدىم. مېنىڭ راستىنلا قايتىپ كەتكۈم كەلدى. ب...




    3-   بۆلۈم

    مەن ئۇ ئايالنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن. قولۇمدا بىر دەستە گۈل بار ئىدى. ئارسالدا بولۇپ، بىنا ئالدىدىكى ئىشىك ئالدىدىكى قوڭغىراق ئالدىغا كىلىپ قالدىم. مېنىڭ راستىنلا قايتىپ كەتكۈم كەلدى. بىراق بۇ ۋاقىتتا، ئىشىكتىن بىرەيلەن چىقىقپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ مەندىن كىمنى ئىزدەيدىغانلىقىمنى سورىدى ھەمدە مېنى تۆتىنچى قەۋەتتىكى سىمىت خانىمنىڭ ئۆيىگە ئەچىقىپ قويدى. گەج بىلەن قىلغان نەقىشلەرمۇ يوق، ئەينەك يوق، گىلەممۇ يوق. كارىدوردا ئەسلىدە ھېلىقىدەك تۈز بولغان، ئىشىك ئالدىدىكىسىگە سېلىشتۇرغاندا ناھايىتىمۇ كۆركەم بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭدىن ئەسەر قالمىغان ئىدى.

    پەلەمپەيدىكى قىزىل سىر دەسسىلىپ يوقاپمۇ كەتكەن ئىدى. پەلەمپەي يېىنىدىكى تامغا چاپلانغان، ئادەم مۈرىسىچىلىك ئىگىزلىكتە، گۈل نۇسخىسى بېسىلغان يېشىل رەڭلىك لاتا سۈركىلىپ پارقىراپ كىتىپتۇ. پەلەمپەي تۇتقۇچىنىڭ ھەممىلا يېرى بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىدى. تېخى ئارغامچىمۇ تارتىپ قويۇلغان ئىدى.كارىدۇردا  يەنە كىرلەرنىڭ پۇراقلىرى  بار ئىدى. بەلكىم بۇلارنى مەن كېيىن ھېس قىلغان بولىشىم مۇمكىن. ئۇنىڭ دائىم شۇنداق ئۇزۇن يىللاردىمۇ رېمونت قىلىنمىغان ئىدى. دائىم شۇنداق پاكىز، پۇراۋاتقان  بىرخىل كىرلەرنىڭ پۇراقلىرى بەزىدە يېسىۋېلەك بىلەن ياپىلاق پۇرچاقنىڭ پۇرىقى بىلەن قوشۇلۇپ، يەنە بەزىدە تاماق ئەتكەن پۇراقلار، كىر يۇيغان پۇراقلار بىرلىشىپ كىتەتتى. بۇ پۇراقلاردىن، ئىشىك ئالدىدىكى پۇت سۈرتكۈچ ۋە ئىشىك قوڭغىرىقى ئاستىدىكى ئىسىم-فامىلىسى تاختىسىدىن باشقا مەن بۇ يەردىكى ھېچقانداق ئادەمنى تۇنىمايتتى.

    مەن كارىدوردا باشقا تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنى ئۇچىراتقان ئۇچىراتمىغانلىقىمنى ئەسلىيەلمىدىم. مەن يەنە سىمىت خانىم بىلەن قانداق سالاملاشقانلىقىمنىمۇ ئەسلىيەلمىدىم. بەلكىم  مەن ئاۋۋال ئۆزۈمنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدا بىر ئىككى ئېغىز گەپ تەييارلىۋالدىم. ئۇنىڭ قىلغان ياردىمى ۋە ئۇنىڭغا  بولغان رەھمەت سۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا يادىلاپ بەردىم. ئۇ مېنى ئاشخانا ئۆيىگە باشلىدى. ئاشخانىسى باشقا ئۆيلەرگە قارىغاندا ئەڭ چوڭراقى ئىدى. ئۇ يەردە ئايلانما توك ئۇچىقى بار ئىكەن. قول يۇيۇش ئورنى، ۋانا، سۇ ئىسىتقۇچ، بىر ئۈستەل، ئىككى ئورۇندۇق، بىر توڭلاتقۇ، بىر كىيىم ئىشكابى ۋە بىر كىرىسلو بار ئىكەن. كىرىسلو بىلەن ئورۇندۇقتا بىر پارچىدىن قىزىل تۇرنىنىڭ سۈرىتى بار تىۋىتلىق رەخت قويۇلغان ئىكەن.

    ئاشخانا ئۆيدە دېرىزە يوق ئىكەن،  يورۇقلۇق بالخانا ئىشىكىنىڭ دېرىزىسىدىن كىرگەن ئىكەن. ئانچە يورۇقلۇق يوق ئىدى. پەقەت ئىشىكنى ئېچىپ قويغاندا ئاندىن  ئاشخانا ئۆي يورۇق بولىدىكەن. بىراق مۇشۇنداق تۇرۇپمۇ ھويلىدىكى لاپاستىكى ياغاچچىنىڭ ياغاچ ھەرىدەۋاتقان چېقىراق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن. يەنە ياغاچنىڭ پۇرىقىمۇ كېلىپ تۇراتتى. يەنە بىر ھەم تار ھەم كىچىك بولغان بىر تۇرمۇش ئۆيى بار ئىكەن. ئىچىدە بىر كىچىك ئاشخانا جابدۇقلىرى ئىشكابى بار ئىكەن. ئۈستەل، تۆت ئورۇندۇق، قۇلاق شەكىللىك تۇتقۇچلۇق كىرىسلو ۋە بىر مەش بار ئىكەن.

    بۇ ئۆي قىشتا ئەزەلدىن ئوت قالاپ باقمىغان ئىكەن. يازدىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن  ئىشلىتىلىپ كەتمەيدىكەن. دېرىزىسى پويىز ئىستانسىغا قارالغان، ئىلگىرىكى كولاپ ۋەيرانە بولۇپ كەتكەن  كونا پويىز ئىستانسىسى بىلەن يېڭىدىن ئۇل سالغان سوت مەھكىمىسى ۋە ھۆكۈمەت دەرىجىلىك خىزمەت بىنالىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئۆيدە يەنە بىر دېرىزىسى يوق ھاجەتخانىسىمۇ بار ئىدى. ئەگەر ھاجەتخانا ئىچىدە سېسىق پۇراق بولسا، ئۆيدە ياكى كارىدوردا پۇراپ قالاتتى. ئاشخانىدا ئولتۇرۇپ بىزنىڭ نېمە دېيىشكەنلىكىمىز يادىمدا قالماپتۇ.

    سىمىت خانىم كىيمگە دەزمال سېلىۋاتقان ئىكەن. ئۇ ئۈستەلگە بىر تال يۇڭ ئەدىيال بىلەن بىر شارپىشىنى يېيىۋالغان ئىكەن. سېۋەت ئىچىدىن بىر تالنىڭ كەينىدىن بىر تالدىن چىقىرىۋاتاتتى. دەزماللاپ بولغاننى ئورۇندۇقلارنىڭ بىرگە ئارتىۋاتقان ئىدى. مەن يەنە بىر ئورۇندۇقتا ئورلتۇرغان ئىدىم. ئۇ تېخى ئۆزىنىڭ  كالتە ئىشنىنى دەزماللاۋاتقان ئىدى. مېنىڭ قارىغۇم يوق ئىدى. لېكىن كۆز نەزىرىمنى باشقا ياققا قاچۇرالمىدىم. ئۇ بىر  كامانە يەڭلىك كۆڭ تەگلىك كىچىك قىزىل گۈللۈك پەرتۇق كىيىۋالغان ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ مۆرىسى بىلەن تەڭ ئالتۇن رەڭلىك ئۇزۇن چېچىنى چاچ قىسقۇچ بىلەن كەينىگە تاراپ قىسىۋاپتۇ.

    ئۇنىڭ يالىڭاچ قالغان بېلەكلىرى شۇنچىلىك ئاپپاق ئىدى. ئۇ دەزمالنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ، بىردەم دەزماللاپ يەن قويۇپ، دەزماللاپ بولغانلارنى ئورۇندۇق ئۈستىگە ئارتىپ قوياتتى. ۇنىڭ قولىنىڭ ھەرىكىتى شۇنچىلىك ئاستا، شۇنچىلىك ئەستايىدىل، كەينىگە بۇرۇلۇشى، بېلىنى ئىگىشى، تۇرغاندىكى ھەرىكىتى ئوخشاشلا ناھايىتى ئاستا ئىدى. ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى چىراي ئىپادىسى مېنىڭ كېيىنكى ئەسلىمىلىرىم ئۇنتۇلدۇرۇپ قويۇپتۇ. ئەگەر مەن كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قىياپىتىنى ئەسلەپ باقسام، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ ئىپادىسىنىڭ قانداقلىقىنى ئەسلىيەلمىدىم. مەن چوقۇم ئۇنى قايتىدىن ياسام چىقىشىم كېرەك. ئۇنىڭ پىشانىسى ئىگىز، ياڭاق سۆڭىكى( مەڭزىدىكى سۆڭىكى) ئىگىز، بىر جۈپ سۇس كۆك رەڭلىك كۆزى، ئاستى-ئۈستى تولغان تەكشى لىۋى، ئىڭىكى شۇنداق كۈچلۈكتەك كۆرىنەتتى. بىر  ئاددى، سوغۇق  ئايالنىڭ چىرايى. بىلىشىمچە مەن بۇرۇن ئۇنى ناھايىتى گۈزەل دەپ قارايتتىم.  كۆزىنىڭ ئاسىتىدا ئۇنىڭ چىرايلىق يەنە بىر يېرىنى كۆرگەن

    ئىدىم.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.