نېمە ئۈچۈن باي بولماپتۇ

يوللىغۇچى : mehrigul يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-28 13:28:50

نېمە ئۈچۈن باي بولماپتۇئۆمەر سەيفىددىن (تۈركىيە)توختى تىللا تەرجىمىسىبىر مۇئەللىمنىڭ خاتىرە دەپتىرىدىن«تارىخسىز مىللەت بەختلىك» دېيىشىدىكەن. مەن : «خاتىرىسىز ئادەم بەختلىك» دەيمەن....



      

    نېمە ئۈچۈن باي بولماپتۇ

    ئۆمەر سەيفىددىن (تۈركىيە)

    توختى تىللا تەرجىمىسى

    بىر مۇئەللىمنىڭ خاتىرە دەپتىرىدىن

    «تارىخسىز مىللەت بەختلىك» دېيىشىدىكەن. مەن : «خاتىرىسىز ئادەم بەختلىك» دەيمەن. بەش يىلدىن بېرى تارىخ دەرسى ئۆتۈۋاتقانلىقىم ئۈچۈن نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇشقا مەجبۇر بولدۇم. رامبېئو، لاسسېلارنىڭ ئەسەرلىرىنى مەكتەپتىن چىقىپلا ئالدۇرغانىدىم. شۇنىڭدىن بېرى تەدىرىجىي شەكىللەنگەن كىتاب يىغىش ئادىتىم كۇتۇبخانەمنى خېلى چوڭايتىپ قويدى. ھازىر بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئوقۇپ چىققاندەك تۇرىمەن. دەققەت قىلدىمكى، تارىخ دېيىلگەن نەرسە پالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان ۋاسىتە ئىكەن. ئۇ بەخت –سائادەتتىن زادى ئېغىز ئاچمايدۇ. ياكى يۈزەكى توختىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەڭ خۇشاللىنارلىق، ئەڭ بەختلىك دەۋرلەرگىمۇ ئۇ پاجىئە، ۋاپاسىزلىق، ھەسرەتكە ئوخشاش زەھەرلەرنى چاچىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرىسى بولغان تارىختىكى بۇ ئېچىنىشلىق يۈزلىنىش شەخسەن ئىنساننىڭ ئۆزىدىمۇ بار. پالاكەتلەر، ئازابلار، ماتەملەر روھىمىزدا گويا ياردەك چوڭقۇر ئىز قالدۇرۇلىدۇ. بەخت-سائادەتلىرىمىز، خۇشاللىقلىرىمىز، خۇش كۈنلىرىمىز خۇددى بىر چۈشتەك ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. مانا، بۈگۈن ئەتىگەن ئۈستەل تارتمامنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئون يىلنىڭ ئالدىدا يېزىشقا باشلىغان خاتىرە دەپتىرىمنى كۆردۈم. يازغانلىرىمغا قارىسام كىشىنى خۇشال قىلغۇدەك بىرەر نەرسە يوق. راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ئانامنىڭ قانداق يۈز يۇمغانلىقى، بىچارىنىڭ ساقايماس كېسەل ئىچىدە ئىڭراپ، قانداق ئازابلانغانلىقىنى ئۇزۇندىن-ئۇزۇن يېزىپ كېتىپتىمەن...ۋاقىت نېمىدېگەن رەھىمسىز! ھازىر ئۇ ئەلەملەرنىڭ مىڭدىن بىر زەررىسىنىمۇ ھېس قىلالمايمەن. كېيىن سىرتقا چىقىپ كېتىپتىمەن. بۇنىڭغا دائىر پەقەت ئىككى قۇرلا بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيلەنگەنىدىم. بۇ ھەقتە بىر ئېغىز سۆزمۇ يوق. بالىلىق بولغانلىقىمنىمۇ يازماپتىمەن. كۈن تەگمىگەن بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈندۇر سارغىيىپ كەتەكەن بۇ ۋاراقلارنى ئىختىيارسىز پۇراپ كەتتىم. ئۇنىڭدا ئۆتكۈر، ھوشسىزلاندۇرغۇچى، خەستە بىر كەچ كۈز ھىدى بار ئىدى. ئېھ، بۇ كونا قەغەزلەردىن، كونا كىتابلارنىڭ ئارىسىدىن، ئۇنتۇلغان كونا دەپتەردىن چىققان ماتەم پۇرىقى!

    شۇنداق، يازىدىغان ئەسلىمىلىرىم بولمىسىچۇ كاشكى! بىر-بىرىدىن پەرقلەنمەيدىغان ئۆلۈك كۈنلەر نېمىدېگەن مەنىسىز! بىراق نېمە دېگەن تىنچ... ئۇرۇشتىن كېيىن بۇ مەنىسىزلىك، يەنى بۇ جىمجىتلىق بىردىنلا بۇزۇلدى. ئادىتىمنى يوقاتقان بولسام كېرەك، ئىككى يىلدىن بېرى باشتىن كەچۈرگەنلىرىمنى بۇ يەرگە كىرگۈزمەپتىمەن. قانائەت، تىرىشچانلىق ۋە ئىلىم غايىسىنىڭ ھېچقانداق لەززەتكە ئوخشىمايدىغان مەنىۋى ھۇزۇرى ئىچىدە بەختىيار ياشاۋاتقان بىر كىشى توساتتىن قورقۇنۇچلۇق بىر مەئىشەت گىردابىنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىغا دومىلاش، ئاچلىق بوران-چاپقۇنى ئىچىدە ئۈمىدسىز ئىڭرىغان قەدىردانلارنىڭ ئۈن-تىنسىز ياتقان ئۆلۈكلىرىنى كۆرۈش نېمەدېگەن بەختسىزمەن! خوتۇنۇمنىڭ بار-يوقىنى سېتىپ يېدۇق. ئانىسىنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كەلگەن تويلۇقلاردىن بىر دانە ماتا لۆڭگە چاغلىق نەرسىمۇ قالمىدى. ئورۇن-كۆرپە، كارىۋاتلار ۋە دادامدىن يادىكار قالغان ياڭاق ياغىچىدىن ياسالغان كىتاب جاۋىنىم، ھەتتا ئوغلۇم ئورخاننىڭ ھارۋىسىمۇ كونا-يېڭى بازىرىغا كەتتى. مائاشىم ئون بەش لىرا... ئاپامدىن قالغان، ماڭا ئالتە لىرا كىرىم كىرگۈزىدىغان ئۆينىمۇ رەنىگە قويدۇق. يەيدىغىنىمىز نورمىلىق نان، مەكتەپتە بېرىدىغىنى زەيتۇن يېغى بىلەن بۇلغۇر!خوتۇنۇمنىڭۇ غەيرىتىگە ھەيرانمەن. بالىغا قارايدۇ، يەنە ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىلىدۇ. ھۈنىرىڭ نېمە، پايپاق ياماش، كونا-يېڭىنى ئەپلەپ مېنى ۋە بالىلارنى كىيىندۈرۈش.

    -خۇدا بۇيرۇسا، ئۇرۇش ئاياغلاشسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ!-دەيدۇ ئۇ.

    بىراق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئۇرۇشنىڭ يېقىندا ئاياغلىشىشىغا كۆزۈم يەتمەيدۇ. ئاقىۋىتىمىز قانداق بولار؟ بەزىدە سىرتجايلارغا كېتىشنى ئويلايمەن. بىراق ئۇ يەردىن كەلگەنلەرمۇ ئاچلىقنىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ. ئەتىكى كۈننىڭ دەھشىتىنى ئەسلەش زېھنىمنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. گاڭگىراپ قالدىم. مانا ھازىرمۇ تەمتىرەپ نېمە يېزىشىمنى ئېسىمگە ئالالمايمەن.

    بۇ بەختسىز خاتىرىنى قايتا يازمايمەن. تۈنۈگۈن ئورخان ئاغرىپ قالدى. يۈز-خاتىر ئۈچۈن ھەقسىز داۋالىغان دوختۇر قوشنىمىز ئۇنىڭغا سۈت بېرىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. سۈت...كىلوسى يېرىم لىرا! بار يوق كىتابلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ساتتىم. قولۇمغا ئاتمىش لىراچە پۇل كىردى. يىگىرمە لىراغا ئوتۇن-كۆمۈر ئالدىم. چۈنكى سوغۇق بەك قاتتىق ئىدى.

    بىر ئاز ئويلاپ چۈشەندىمكى، جان بېقىش تەس بولۇپ كېتىپتۇ. تۈنۈگۈن ئايغىمنى مايلىتىۋېتىپ، مايلامچىدىن، ئۇستىسى ئۇنىڭدا ئايدا قانچە پۇل بېرىدىغانلىقىنى سورىدىم.

       -20 لىرا!-دېدى.

    ئۇ 16 ياشلىق بىر سىگان بالىسى ئىدى! مەن 31 ياشقا كىردىم. باياشات ئىچىدە ئۆتكەن بىر تارىخى ئائىلىنىڭ ئەۋلادىمەن.خوتۇنۇم ۋە بىر بالام ئۈچىمىز ئون بەش لىرا قوشۇپ جان ساقلاپ كەلدۇق. لېكىن بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايدۇ. بىر ئايدىن كېيىن ساتىدىغان نەرسەممۇ قالمايدۇ. بىر ئىش تېپىشىم كېرەك. ئەپەندىچىلىك ھازىر ئادەمنى ئەمەس، بىر توخۇنىمۇ باقالمايدۇ.

    ئون بەش كۈندىن بېرى ئىش ئىزدەپ يۈرىمەن. ئاخىر بىر نەشىرىياتتىن بىر بېتىنى ئون كۇرۇشقا تەرجىمە تاپتىم. شۇنداق خۇش بولۇپ كەتتىمكى، قويۇۋېرىڭ... ئۈچ يۈز بەتلىك بىر كىتابتىن ئوتتۇز لىرا ئالىدىغان بولدۇم.

    ھەر كېچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئون بەت تەرجخمە قىلىشقا ئادەتلەندىم. بۇنىڭغا تۆت سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. ھەر ھالدا تۇرمۇشىمىز بىر ئاز ياخشىلانغاندەك بولدى. ئورخانغا سۈت ئېلىپ بېرەلەيدىغان، سەمىخە ئىككىمىزمۇ بىردىن ئاياغ ئېلىپ كىيەلەيدىغان بولدۇق. لېكىن ھەر كېچە دەم ئالماي ئىشلەش كۆزۈمنى تۈگەشتۈردى. لېكىن بۇنىڭمۇ ئامالىنى تاپتۇق. ئۆتكەن ھەپتە كۆز دوختۇرىدىن بىر كۆزەينەك سېتىۋالدىم. تۈنۈگۈن پىۋىخانىدا بىر ساۋاقدىشىم بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدىم. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە قوغلاندى بولغانىدى، ئارىلاپ كۆرۈپ قالاتتىم. ھازىر تىجارەت قىلۋېتىپتۇ.

    -ئىككى ئاي ئىچىدە نەق يەتمىش بەش مىڭ لىرا تاپتىم،-دېدى ئۇ.

    -چاقچاق قىلىۋاتمايدىغانسەن؟- دەپ كۈلدۈم.

    -ئەزبىرايى، خالىغان بانكىدىن سوراپ باق... –دېدى.

    -ھەي تاڭەي، شۇنداق ئاسان ئىش بولارمۇ؟

    -يولىنى تاپساڭ ناھايىتى ئاسان.

    ئىچىمدە بىردىنلا بىر تەمە قوزغالدى. ئىككى ئاي ئىچىدە يەتمىش بەش مىڭ لىرا... نېمىسلاردىن سېتىۋالغان گاز لامپىنىڭ تۈۋىدە بىر لىرا ئۈچۈن ھەر كۈنى تۆت سائەت قانداق تەر تۆككىنىمنى ئەسلىدىم. ئالدىمدىكى ساۋاقدىشىم تېرىسىگە سىغماي قالغانىدى. ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك سالغان بارماقلىرى سېمىزلىكتىن ئىششىقتەك تومپىيىپ تۇراتتى.

    -ھە... ئىشنىڭ يولى قانداق؟

    -توكۇر خۇشامەت قىلىش .

    -ۋايجان... نېمە دەيدىغانسەن، توكۇرنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەمسەن! ۋاي خۇدايىمەي، خىزمىتىگە ئالغان كىشىنى ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا مىليونېر قىلىپ قويىدۇ. بۈگۈن پۈتۈن تۈركىيە ئۇنىڭ قولىدا، بىر ئېغىز سۆزى بىلەنلا 75 مىليون لىرا بىردەمدە ئۇياق-بۇياق بولۇپ كېتىدۇ.

    ئۇ لاۋازىمەت رەئىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىلىرىنى ،كۈچىنى، ئىقتىدارىنى ئۇزۇندىن-ئۇزۇن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى. ھەيرانلىق ئىچىدە سۆزىگە قۇلاق سېلىپ، ئاخىرى ھەربىي ئىشلار نازارىتىدە ياكى ئىتتىپاقچىلار ئارىسىدا بىرەر تونۇشۇم يوقلۇقىنى ئېيتتىم. ئۇ ماڭا خاپا بولدى، شۇنداقتىمۇ:

    -مەيۈسلەنمە، بىۋاستە توكۇرغا خۇشامەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ ئادەملىرىدىن بىرىنىڭ تونۇشىغا خۇشامەت قىلساڭ كۇپايە،-دېدى.

    -ئەمسە ساڭا خۇشامەت قىلاي،-دەپ كۈلدۈم.

    -ئالدىرىما... –دەپ كۈلۈپ كەتتى ئۇ،-مەن ئۇنىڭ خېلى يىراق ئادەملىرىدىن بىرىنىڭ تونۇشى. لېكىن ئىش ھەل قىلىشقا دوست كېرەك! سېنىڭ يانچۇقۇڭغىمۇ ئەجىرسىز كۈنىگە سەكسەن-توقسان لىرا كىرگۈزەلەيمەن.

    كۈنىگە سەكسەن-توقسان لىرا... قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم. بۇ يېڭى باينىڭ قوللىرىغا ئېسىلىپ چوكۇلدىتىپ سۆيۈپ كەتكىلى تاس قالدىم. بىردىنلا يېنىكلەپ قالدىم. باي بولۇش ئۈمىدى كىشىگە ئىنتايىن خۇشاللىق بەخش ئاتا قىلدىكەن.

    -بىر، ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆمەر ئابىد سارىيىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ماڭا يولۇقارسەن...-دېدى ساۋاقدىشىم.

    ئەتە ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن. ئۇ ماڭا پۇل تېپىشنىڭ يولىنى ئۆگىتىدۇ. دەسمىسىز پۇل تېپىش زادى ئەقلىمگە كەلمىگەن ئىش! مەنمۇ باشقىلاردەك بىردىنلا باي بولىدىغان بولدۇم. ئەمدى بۇ يوقسۇللۇقىمغا ئەلۋىدا! بۇ كونا كەپىنى ئىككىنچى كۆزۈم كۆرمىسۇن. بۇ چۇسا ئۇۋىسى مۇساپىرخانىغا ئەلۋىدا! شۇ قەدەر ھاياجانلىنىپ كەتتىمكى، سۇنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۆتۈكنى سېلىۋەتتىم. ئىككى كۈندىن بېرى تەرجىمىنىمۇ توختىتىپ قويدۇم. ھېلقى قەغەز پارچىلىرىنى نەشىرىياتقا ئېلىپ بېرىپ : «ئال، بۇ تەرجىملىرىڭنى چېكەڭگە تاڭ! پۇلۇڭنىمۇ ئۆزۈڭ خەجلە! » دېسەم قانداق بولار؟ سەمىخى يېقىندىن بۇيانقى ھەرىكەتلىرىمدىن گۇمانلاندى بولغاي:

    -سەندە بىر ئىش بار، سەندە چوقۇم بىر ئىش بار !-دېدى.

    ئۇ تەرجىمىنى نېمىشقا توختىتىپ قويغانلىقىنى سورىغانىدى، بېشىم ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتىم. ئەتە مەكتەپتە مېنى كۈتۈشىۋەرسۇن! بىچارە ئىلمىي مۇدىر كەلمىگەن كۈنلىرىمنى ئىنچىكە ھېسابلاب مائاشىمدىن تۇتۇۋېلىشنىڭ كويىدا بولۇۋاتقاندۇ ھەقىچان. ھەر كالىۋا!

    ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بۈيۈكئادادىن كۆچۈپ كېلىپ، بۈگۈن بىر بىناغا ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇ ئۆينىڭ بىر يىللىقىنى يەتتە يۈز لىراغا ئىجارىگە ئالدىم. شۇنداق مۇكەممەلكى، مۇنچا، رادىياتور،، توكلىرى بار. سارىيى كەڭ... ئۆي جاھازلىرى ئۈچۈن نەق بەش مىڭ لىرا خەجلىدىم. ئەمدى كۇتۇبخانەمنى تولۇقلايمەن. دەرۋەقە بەختىيار كۈنلەر چۈشتەك تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ يازنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىنىنى ئەسلىيەلمەيمەن. مەكتەپتىن پۈتۈنلەي بوشىنىپ كەتمەي، ئورنيمغا باشقا بىرىنى ۋەكىل قىلىپ قويۇپ، ئۆزۈم ئاغرىق دېگەن ئىسپىراپكىنى تاشلاپ بەردىم. ۋەكىلىمگە مائاشىمنى ئۆتۈنگەندىن سىرت، ئۇنىڭ ئۈستىدىن يەنە ئون لىرا قوشۇپ بېرىدىغان بولدۇم. مەكتەپتىن بوشىنىپ كەتسەم، ھەربىي ۋەزىپە ئۆتۈش خەۋپى بار. بىر چالار كېىدۇكى، تىجارەتمۇ سۇغا چىلىشىدۇ.

    شەمى ھە دېگەندىلا ماڭا ئەجىرسىز ئۈچ مىڭ لىرا پۇل تېپىپ بەردى. راستتىنى ئېيتسام، ئۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدارمەن! چۈنكى ئۇ مېنى ئادەم قىلىپ قويدى-دە! بىز يېمەكلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللاندۇق. دەرۋەقە بۇنىڭدەك پايدىسى كۆپ ئىش يوق. ئاشلىق تىجارىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىمىز. تاتلىق-تۇرۇمغا يېقىن يولىمايمىز

    تۆت ئاينىڭ ئالدىدا يازغانلىرىمنى ئوقۇپ كۈلكەم قىستىدى. ۋاي ئانسىنى! ئۇ نامراتچىلىققا ھېلىمۇ چىداپتىمەن. كۈندە يېرىم لىراغا بەش سائەت سىنىپتا مېڭە چارچىتىش نېمىدېگەن زۇلۇم! ھازىر مەن قىلۋاتقان ئىش بىر ئاز تۆۋەن كۆرۈلىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ قۇرۇق سۆلەت ئەمەس... ھەر كىمنىڭ ئارزۇسى، پەلسەپىسى، غايىسى بىر، يەنى پۇل تېپىش. ئابستىراكىت خىياللار ئەسقاتمايدۇ. شۇڭا بۇ يەردە تازا مۇرەككەپ بىر مال باھا ھەيلىسى بار. قۇۋلۇق-شۇملۇق ئەڭ زور كۈچ... ئويلايمەنكى، بىر يىلغا بارماي شەمىدىن ئۆتۈپ كېتىمەن. ئىسىت، ئاشۇ ئۇرۇشنىڭ بېشىدا نېمە ئۈچۈن ماڭا يول كۆرسىتىدىغان بىرى چىقمىغاندۇ؟ بىز تېخىچە بۈگۈنكى كۈننىڭ كەمبەغەللىرى ھېسابلىنىمىز. ھازىر شۇنداق ئادەملەر باركى، كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە ئون مىليون لىرا پۇل تېپىپتۇ. ئوقۇتقۇچىلىق قىلۋاتقان چېغىمدا بىر دوستۇم ماڭا فرانسۇزچە "بايلىق ئېلىپبەسى" دېگەن بىر كىتابنى ئوقۇپ بېقىشقا بەرگەنىدى. ئۇنىڭدا، بىر كىشى باي بولۇش ئۈچۈن ئىشنى بىر دوللاردىن باشلاپتۇ. بىر مىليون دوللار تېپىش ئۈچۈن ئوتتۇز يىل كېچە-كۈدۈز ھەپىلىشىپتۇ. بۇ يەردە بىر ھىلگەرلىككە نىسبەتەن بۇنچىلىك پۇلنى تېپىش ھېچقانچە ئىش ئەمەس. توكۇر بىلەن كىچچىكىنە ئورتاقلىق بولسىلا كۇپايە. بالقان پويىزلىرى ئاناتولىيە يوللىرىدا بىر ئاي مېڭىپ بەرسە ئىش باشقىچە...

    ئەمدى بۇ خاتىرىنى يازغۇممۇ كەلمەيدۇ. چۈنكى كىشى باي بولسا ئوقۇشتىن قاچقاندەك، يېزىشتىنمۇ قاچىدىكەن. شۇنداقتىمۇ خاتىرە بولۇپ قالسۇن دەپ ئۇنى تاشلىۋەتمەي كۇتۇپخانامدا ساقلىدىم. دەرۋەقە بۇرۇنققى نامراتلىقنى ئۇنتۇش ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس.

    ھەي بۇ سەمىخەنى قاراڭلار. ئەمدى جاپادىن نېمە دېگەن قاچقان... تېخىچە ئاشخانىنى سەرەمجانلاشتۇرالمىدى. ئەتىگەندىن كەچكىچە تاملارغا مەنزىرە كۆرۈنۈشلىرىنى چاپلاش بىلەن مەشغۇل.

    ئالتە ئايدىن كېيىن بىچارە قەدىناس خاتىرە، سېنى ناھايىتى ھاياجان بىلەن قولۇمغا ئالدىم. ھازىر ئېچىنىشلىق بوھران ئىچىدىمەن. گۇناھە ئىچىگە پاتمىغان بىر جىنايەتچىگە ئوخشاپ قالدىم. ئالدىنقى كۈنى جەرەھپاشادا بىر يېڭى باينىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا بارغانىدىم. نەغمە-ناۋا بىلەن كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇشتۇق. تۈن يېرىمغىچە يەپ-ئىچىپ، كەيىپ-ساپا سۈرۈپ، تاڭ سەھەردە قايتىشتۇق. قاتتىق سوغۇق ئىدى. تاكسى تاپالماي ئاقسارايغىچە پىيادە مېڭىپ كەلدىم. ئۇ يەردىمۇ تاكسى ئۇچراتمىدىم. كىچىك ۋاقتىمدا دادام بىلەن جۈمە نامىزىغا بارىدىغان ۋالىدە جامەسىنىڭ دوقمۇشىدىن يۇقىرىغا قارىدىم ئۇنتۇلغان خارابىزارلىقتەك، ھەممەيەر ۋەيرانە... لالەلى جامەسى، ھاسا پاشا سارىيىنىڭ كەينى كۆزۈمگە چېلىقتى. ئەپسۇسلانغان ھالدا ئاستا ماڭدىم. يىگىرمە بەش ، يىگىرمە ئالتە يىلنىڭ ئالدىدا لالەلىدىكى يېڭى قاپىغا بارىدىغان كوچىدا چوڭ باغچىسى، كۆلچىكى ۋە يەر ئاستى ئانمبارلىرى بار بىر ئۆيدە ئولتۇراتتۇق. ئۇدۇلىمىزدىكى قوشنىمىزنىڭ قىزلىرىنىڭ ئاۋازى شۇ قەدەر توم ئىدىكى، خۇددى كانايدا تولىغاندەك چىقاتتى... تاڭ سەھەردە بۇ باللىق چاغلىرىمنى ئەسلەش مېنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇردى. ئۇرۇش ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولغان بۇ يەردىكى ئۆيىمىزنىڭ ئورنىنى تاپقۇم كەلدى. تېپىپ قانداق قىلاتتىم؟ ھېچقانداق... ئەجەبا ھېلقى كۆلچەك ھېلىمۇ بارمىدۇ ياكى كۆمۈلۈپ كەتكەنمىدۇ؟ خارابىزارلىقنىڭ ئىچىگە كىردىم، جىمجىت ئىدى. قىيسىپ قالغان مورىلار، ئوچاقلار يېتىم مازار سۈكۈتىدە ئۇخلاۋاتاتتى. مەن ئىزدىگەن ئۆينىڭ ئۇدۇلىدا ئوچاقلار تېخىمۇ زىچ ئىدى. قارىسام ئۈستبېشى جۇل-جئۇل تۆت كىشى ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ. ئۇلار ئېڭىشىپ ئوچاقلارنىڭ ئىچىگە قارىشاتتى. نېمە ئىزدەۋاتقاندۇ دەپ قىزىقىپ ، يېنىغا بېرىپ سورىدىم.

    -ئۆلۈك ئىزدەۋاتىمىز!-دېيىشتى.

    -نېمە ئۆلۈك؟

    ئۇلارنىڭ ئىچىدە چار ساقاللىق، ياشانغان پاكار ئادەم جاۋاب بەردى:

    -ئادەم ئۆلۈكى.

    -ئادەم ئۆلۈكى؟

    -ھەئە.

    ئۇ مېنىڭ تەئەججۈپلەنگىنىمنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدى ۋە باش –ئايىغىمغا سەپسېلىپ قاراپ چىققاندىن كېيىن بېشىنى لىڭشىتىپ:

    -ھەي ئەپەندى، سېنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋرىڭ يوق ئوخشىمامدۇ؟ بىز ھۆكۈمەت ئادەملىرى. ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىپ، ئاچلىقتىن ئۆلگەنلەرنى تىرىپ، بۇ ماشىنىغا بېسىپ ئاپىرىپ كۆمۈۋېتىمىز،-دېدى.

    -ئاچلىقتىن ئادەم ئۆلۈۋېتىپتۇ-دە!-دەپ تەنلىرىم تىكەنلەشتى.

    گويا بىردىنلا يۈرىكىم ھەرىكەتتىن توختاپ قالغاندەك بولۇپ، ئاياغلىرىمدا جان قالمىدى. ياشانغان ئادەم جېنىدىن تويغانمىش. ئۇنىڭ ئاغزى ئېچىلدى. بىچارە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى ئاچلىقتىن قانداق قىرىلىۋاتقانلىقىنى جان-جەھلى بىلەن قايناپ سۆزلەشكە باشلىدى. خالايىقنىڭ بار-يوقىنى سېتىپ يەپ تۈگەتكەنلىكىنى، نىھايەت ئىگە-چاقسىز غېرىبلارنىڭ مۇشۇنداق ئاچ-يالىڭاچ ئۆلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

    -ئەگەر خائىنلار خۇدايىمنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىمىسا دۇنيادا مۇسۇلمان قالمايدۇ!-دېدى ئۇ.

    -ئۇ خائىنلار كىم؟-دەپ سورىدىم.

    -كىم بولماقچىدى؟ خەلققە نان ئورنىدا قۇم-تۇپراق يېگۈزگەنلەر! قېتىقىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلۋەتكەنلەر! يوقسۇللارنىڭ يىلىكىنى شوراپ باي بولغانلار! پىكاپلاردا غۇيۇلدىشىپ يۈرگەنلەر!

    ...

    ئۇ سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە بىردەم تۇرۇۋېلىپ، ئاندىن قوللىرىنى ئاسمانغا ككتۈرۈپ:

    -ئي ئاللا! بۇلارنىڭ دارغا ئېسىلغانلىقىنى ككرۈشكە نېسىپ قىلغايسەن!-دەپ چڭقۇر ھەسرەت بىلەن ئېچىنىشلىق ئۇھ تارتتى.

    مەن ئۈنۈمنى چىقارمىدىم. دەرۋەقە خەلقنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرۈۋاتقان بىز ئىدۇق  ۋە بىزگە يول كۆرسەتكەن، بىزگە يول قويۇپ، بىز بىلەن بىللە خەلقنى قاقتى-سوقتى قىلۋاتقانلار ئىدى! شەمى بىلەن بىرلىشىپ قەغەز زاۋۇتىدا "ئۇن" ئىشلەپ چىقىرىۋاتاتتۇق.، يەنى ئۈچ ئايدىن بېرى ئۇ يەردىن چىققان يۇمشاق توزىندىلارنى ئۇن ئورنىدا سېتىۋاتاتتۇق. رەۋەندىلەر ئۇنىڭغا بىز ئاز جىرىس ئارلاشتۇرۇپ ناۋايلارغا تارقىتاتتى.

    ئۆلۈك ئىزدىگەنلەرنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم. بىر يەردىن ئىككى جەسەت تاپتى. بۇ ئۆلۈكلەر يېرىم يالىڭاچ، تېرىلىرى ئۇستىخانىلىرىغا چاپلىشىپ قۇرۇپ قالغانىدى. ئۇلارغا قاراپ ۋىجدانىم ئازابلاندى. بولۇپمۇ سېرىق چاچلىرى پاخپىيىپ كەتكەن ئايالنىڭ جەسىتىنى كۆرگىنىمدە چىكە تومۇرلىرىم يېرىلىپ كەتكۈدەك چىڭقىلىپ كەتتى. ئۆلۈكنىڭ يېرىم ئوچۇق زەڭگەر كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپ قاراۋاتقاندەك بىلىنەتتى. بېشىم قېيىپ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. ساراڭ بولۇپ قالغاندەك يۈگۈرۈپ بەيازىتقا قانداق كېلىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. بىر ماشىنىغا ئولتۇردۇم-دە، ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن. دوختۇر چاقىرىپ ئاران قۇتقۇزۇۋاپتۇ. ئېسىمگە كەلگەندە، كۆرگەنلىرىمنى سەمىخەگە سۆزلەپ بەردىم. ئۇمۇ بىئارام بولۇپ كۆز يېشى قىلدى.

    دەرۋەقە ئۇ جانخورلار بۇ مىللەتنى يەر يۈزىدىن يوقىتىۋەتمەكچى! ئۇلار يەتتە باشلىق يالماۋۇزدەك يۇرتىمىزغا چاڭ سېلىپ، قېنىمىزنى، يىلىكىمىزنى شورىماقتا. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشۈم كېرەك. ئۇلاردىن بىرىنى ئۆلتۈرۈش جەڭ مەيدانىدا مىڭ دۈشمەننى ئۆلتۈگەندىن كۆپ خەيىرلىك...

    ئۇلارنى ئۆلتۈرەلمىدىم. ھامىنى خەلق ئۆلتۈرىدۇ، ھەممىسىنى دارغا ئاسىدۇ. بىراق مەن توغرا يولدىن ئېزىپ، خەلقىمگە خائىنلىق قىلغان ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈشۈم كېرەك!

    مانا بۇنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن بار-يوقۇمنىڭ ھەممىسىنىى ساتتىم. خەلقىمنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرۈپ شىلۋالغان پۇللارنى خەيرىيەت جەمىيەتلىرىگە تارقىتىپ بەردىم. ئىسمىمنى ئېيتمىدىم. بىنادىكى ئكينىمۇ تاشلاپ، سەمىخە بىلەن ئورخاننى ئېلىپ، ئۈكۈداردىكى بۇ كىچچىكىنە ئۆينى ئىجارىگە ئالدۇق. ھازىر شۇ قەدەر بەختىيارمىزكى... ھېلىمۇ ياخشى مەكتەپتىن پۈتۈنلەي بوشىنىپ كەتمەپتىكەنمەن. يەنە دەرسكى كىرىشكە باشلىدىم. خىزمەتداشلىرىم مېنى تىجارەتتە ۋەيران بولدى دەپ ئويلاشتى. نەشىرىياتقا يەنە باردىم. تەرجىمىلىرىم ئۇلارغا ياراپ قاپتىكەن. ئەمدى ھەر بىر بەتكە ئون ئىككى كۇرۇشتىن بەرمەكچى بولدى. كېچىلىرى مەن ئېيتىپ بېرىمەن، سەمىخى يازىدۇ. ئايدا ئەللىك لىرا تاپىمىز. تېجەپ خەجلىسە بۇ پۇل خېلى كۆپ پۇل. لېكىن ئۆتكەن ئون ئاينىڭ خاتىرىسى قورقۇنۇچلۇق چۈشتەك ھەمىشە يادىمدا! ئاچلىقتىن ئۆلتۈرگەنلىرىمىزنى ھەرگىز ئۇنتۇيالمايمەن. ئۇرۇش ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولغان يەردە مەن كۆرگەن ھېلقى ئايالنىڭ ماڭا قارىشىنى، ئون ئاي قان-يىرىڭ، كۆز يېشى ئىچكەنلىكىمنى. سۈت-شېكەر يېتىشمەسلىكتىن توپ-توپى بىلگەن ئۆلگەن مەسۇم بالىلارنىڭ ھەققىنى يېگەنلىكىمنى ئۇنتۇش مۇمكىنمۇ! بىر قورقۇنچلۇق خىيال ھەر مىنۇت، ھەر سېكۇنت ۋىجدانىمنى ئازابلىماقتا. «سەنمۇ قانلىق بۇلاڭچىلىققا قاتناشتىڭ!» دېمەكتە. كۆز ئالدىمغا رەت-رەت تىكىلگەن سانسىز دارلار كېلىۋالىدۇ... بۇلارنىڭ بىرىگە مېنى ئېسىش كېرەك!

    ①توكۇر-ئىسمائىل ھەققى پاشا بولۇپ، بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئارمىيىنىڭ لاۋازىمەت رەئىسى بولغان.

    (ئاپتورنىڭ تۈركچە" تەنھا ئەزىمەت: ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدى)

    ئخۇخۇش

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.