پەلەي ھەققىدە مۇنازىرە (بالزاك)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-12 21:15:03

پەلەي ھەققىدە مۇنازىرەبالزاك (فرانسىيە)خالىدە مۇسا تەرجىمىسى دې. ك. ماركىز خانىم تانسا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن كۈننىڭ ئەتىسى بىرنەچچە دوستلار دې. س. گراف خانىمنىڭ مېھمانخانىسىغا يىغىلدۇق. گراف خانى...

    پەلەي ھەققىدە مۇنازىرە
    بالزاك (فرانسىيە)
    خالىدە مۇسا تەرجىمىسى

     

       دې. ك. ماركىز خانىم تانسا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن كۈننىڭ ئەتىسى بىرنەچچە دوستلار دې. س. گراف خانىمنىڭ مېھمانخانىسىغا يىغىلدۇق. گراف خانىم تۈنۈگۈنكى تانسىغا بارمىغاچقا، بىزدىن بۇرۇن بىر نەچچە ياش بالىلار ۋە ئاياللار ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپ كەلگەنىكەن.
       دەسلەپتە دېگەندەك ئېچىلىپ ـ يېيىلىپ ئولتۇرالمىدۇق. ھەممەيلەننىڭ چىرايىدىن تۈنۈگۈنكى ئولتۇرۇشنىڭ ھاردۇقى بىلىنىپ تۇراتتى. ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇش ئۈچۈن مېھمانلاردىن بىرى مۇنداقلا بىر ئېغىز گەپ  قىلىپ قويۇۋىدى، ئاددىيغىنا بۇ بىر جۈملە سۆز سورۇندىكىلەرنىڭ قىزىقارلىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى. مانا بۇ مېنىڭ سىلەرگە بايان قىلماقچى بولغىنىم.
       بىر خانىم سۆز باشلاپ:
       ـ دې. پ. بارون خانىم شۋېتسىيىدىن قايتىپ كەپتىكەن، ماڭا بىر جۈپ پەلەي ئالغاچ كەپتۇ، ئۇنىڭ ئېسىللىقىنى بىر دېمەڭلار، ـ دېدى.
       يەنە بىر خانىم ئۇلاپلا:
       ـ پەلەي ئۈستىدە سۆز بولۇپ قالدى. توۋا دەيمەن، مۇشۇنداق سوغۇق قىش كۈنلىرىدە ياشلار سۇس رەڭلىك پەلەي كىيىشىدىغان بوپتۇ. مەن بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم، ـ دېدى.
       ـ نېمە، سۆيۈملۈك ئەمىلىيە، سىز تېخى بۇنىڭ ئاستىدىكى سىرنى بايقىمىدىڭىزمۇ؟ ـ دېدى گراف خانىم، ـ ئۇنداقتا بىزنىڭ ياش لېيتېنانتتىن كۆپرەك تەلىم ئالسىڭىز بولغۇدەك، ئۇ سىزگە: «ئالدىنقى كۈنى ئولتۇرۇشتا كىيگەن پەلەينىڭ رولىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
       ـ خانىم توغرا دەيدۇ، ـ سورۇندىكى ئەرلەر تەڭلا ۋارقىراشتى.
       گراف خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:
       ـ چىراي شەكلى، گالستۇك تاقاش ئۇسۇللىرىدىن بىز ھەر بىر ئادەمنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئۆرپ ـ ئادەتلىرىنى بىلىۋالالايمىز. بىراق، بىر قېتىملىق تانسا ياكى ئولتۇرۇشنىڭ ئەتىسى كىشىلەرنىڭ كىيىۋالغان پەلىيىدىن ئۇلارنىڭ مىجەزى ۋە ھەرىكىتىنى كۆزىتىش بەلكىم ئاز ئۇچرايدىغان ئىش بولسا كېرەك.
       بۇ چاغدا ھەممىمىز بىردەك گراف خانىمدىن بايا دېگەنلىرىنى ئەمەلىيەتتە بىر كۆرسىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق ھمدە ھەممىمىزدە ئاخشامقى تانسىدا كىيگەن پەلەي بارلىقىنى ئېيتتۇق.
       ـ بولىدۇ، ـ دېدى گراف خانىم، ـ بىراق، ئېيتقانلىرىمنى يۈزدە ـ يۈز توغرا دېيەلمەيمەن. لېكىن...
       ـ ھەر ھالدا رەھىمدىلرەك بولارسىز.
       ـ ئۇنداق گەپنى قىلماڭ، پولكوۋنىك، مەن يۈز قاراپ ئولتۇرمايمەن. توغرا، سىزدىن باشلايلى، ئەكىلىڭ، پەلىيىڭىزنى كۆرۈپ باقاي.
       ـ مانا كۆرۈڭ، ـ پولكوۋنىك قوللىرىنى چىقاردى.
       ـ پولكوۋنىك ھەقىقەتەنمۇ پەلەينى قەدىرلەيدىكەن، ئازراقمۇ كىر بولماپتۇ، ـ دېدى بىر قىز.
       ـ چىرايلىق سىڭلىم، مېنى تانسىغا تارتمىدىڭىز دەپ ئايىبلىگىنىڭىزمۇ بۇ؟ مەن  ئوتتۇز بەش ياشقا كىرىپ قالدىم. ئادەم بۇ ياشقا بارغاندا تانسا دېگەنلەرگە قىزىقماس بولۇپ قالىدىكەن.
       ـ مۇنداق دەڭ. بىراق سىز قىمار ئوينايدىكەنسىز، ـ دېدى گراف ئىانىم ئۇنىڭ گېپىنى بۆلۈپ.
       ـ نېمە، مېنى قىمار ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ دەمسىز؟
       ـ پولكوۋنىك، تېنىۋالماڭ، بۇنى مەن ئەمەس، ئۆزىڭىزنىڭ پەلىيى ئىسپاتلاپ تۇرمامدۇ. رەقىبىڭىز قارتىنى ئاچقاندا، سىز جىددىيلىشىپ،  پەلەيلىرىڭىزنى مىجىقلاپ پۇرلاشتۇرۇۋېتىپسىز،  سىز شۇ قېتىم نۇرغۇن پۇل تۇتتۇرۇۋېتىپسىز. قاراڭ، تېخى سول قولىڭىزنىڭ پالىيىنى مىجىقلاپ يىرتىپ تاشلاپسىز.
       ـ گراف خانىم، پەلەي بەك كىچىك كېلىپ قالغاچقا يىرتىلىپ كەتكەن.
       ـ ئەگەر تېخىمۇ قاۋۇل ئوڭ قولىڭىز بولمىغان بولسا، بەلكىم بۇ گېپىڭىز ئېقىپ قالار ئىدى.
       ـ قول قويدۇم، ـ دېدى پولكوۋنىك ئامالسىز.
       بۇ چاغدا فرانسىيە ئاقسۆڭەكلەر كېڭەش ئەزاسىنىڭ ئوغلى، قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ بىرىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى شار. دې. م:
       ـ مېنىڭكىنى كۆرۈپ بېقىڭ، خانىم، مەن ھەر قانداق گېپىڭىزدىن قورقۇپ قالمايمەن، ـ دەپ قولىنى چىقاردى.
       پەلەينىڭ ئىچىدە تەر داغلىرى بار ئىدى. خانىملار ئېيتقاندەك، بىر نەچچە بارماقلىرى كۈل رەڭ تۈسكە كىرىپ قالغانىدى.
       ـ سىز تانسىنى ياخشى ئوينايدىكەنسىز، بۇغۇ ياخشى ئىش. بىراق دائىم بىرلا قىز بىلەن ئوينايدىكەنسىز، ـ دېدى گراف خانىم.
       ـ خانىم... نېمىشقا مۇنداق دەيسىز؟ ـ سورىدى يىگىت قىزىرىپ ھەم كېكەچلەپ.
       ـ سۆيگۈنىڭىزنىڭ پەلىيىنىڭ رەڭگى ئوڭ قول پەلىيىڭىزنىڭ بارماقلىرىغا ئېچىپ قاپتۇ، لېكىن سول قولىڭىزنىڭكىدە يوق.
       يىگىتنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتتى. پولكوۋنىكنىڭ بىر نەۋرە سىڭلىسىمۇ قىزىرىپ، دەرھال قولىنى يېپىنچىسىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالدى.
       بۇ چاغدا ئۆيگە دې. س گراف بىلەن يېڭى ئېقىمنىڭ ياش شائىرى دې. ۋ ئەپەندى كىرىپ كەلدى. دې. س گراف ناھايىتى كېلىشكەن ئادەم ئىدى. خوتۇنىنى ياخشى كۆرەتتى... بىراق مىجەزى سەل سۇيۇق ئىدى.
       بولۇۋاتقان ئىشتىن ئۇلارمۇ خەۋەر تاپتى.
       دې. س گراف دەرھال ئالدىغا ئۆتۈپ:
       ـ مېنىڭ سەۋەنلىكلىرىمنى سۆزلەپ بەرسىڭىز قانداق، ئەقىللىك ھۆكۈما؟ ـ دېدى.
       گراف خانىم ئۇنىڭ قولىغا ئۇزاققىچە سىنچىلاپ قاراپ چىققاندىن كېيىن، چىرايىدىكى تەبەسسۇم ئاستا ـ ئاستا يوقالدى:
       ـ سىز قىمار ئوينىمايدىكەنسىز.
       ـ توغرا.
       ـ تانسىمۇ ئوينىمايدىكەنسىز.
       ـ شۇنداق.
       ـ سىز بىرى بىلەن پاراڭلاشقان، يەنە كېلىپ ناھايىتى ئۇزۇن پاراڭلاشقان.
       ـ توغرا تاپتىڭىز.
       ـ بىر ئايال بىلەن.
       ـ بۇ... بىراق، سىزنىڭ ھەقىقەتەن كارامىتىڭىز بار ئىكەن، مەن ئىقرار قىلاي.
       ـ ئىقرار قىلاي دەمسىز، گراف؟ ياق، سىز ھەرگىز ئىقرار قىلمايسىز، مەن سىرىڭىزنى ئېچىۋاتىمەن.
       ـ ئۇنداقتا ئاساسىڭىزنى قويۇپ بېقىڭا.
       ـ ئاساس قويۇش تەس ئىش ئەمەس. سول قول پەلىيىڭىزنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىدىكى بۇ يۇمۇلاق قارا داغلارنى كۆردىڭىزمۇ... سىز كېنەز خانىمنىڭ ئەنبەر قېپىنى ئوينىغان... مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى دەپ بېرەلەيمەن. بىراق بۇ سىرنى ئاشكارىلىماي تۇراي، سىز ئوڭ قولىڭىز بىلەن ئۇنىڭ ئوڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغاندا...
       ـ ئۇنداقتا ئوڭ قولۇمنىڭ پەلىيىچۇ؟
       ـ شۈبھسىزكى، سىز ئۇ ئايالنىڭ قولىنى چىڭ سىقىۋاتقىنىڭىزدا، ئوڭ قولىڭىزنىڭ پەلىيى يەرگە چۈشۈپ دەسسىلىپ كەتكەن. قاراڭ، پەلەينىڭ ئۈستىدە داغ تۇرمامدۇ.
       ـ سىز نېمىشقا بۇ گەپكىلا ئېسىلىۋالىسىز؟ ئۇنىڭ پەلىيى سىڭلىسىنى ماشىنىغا چىقرىپ قويغۇچە پاسكىنا بولۇپ كەتكەن بولۇشىمۇ مۈمكىنغۇ؟
       ـ ياق، ئۇنداق ئىش بولۇپ باقمىغان، ـ دېدى ياش لېيتېنانت، لېكىن ئارقىدىنلا قىلغان گېپىگە پۇشايمان قىلىپ قالدى.
       سورۇننى جىمجىتلىق قاپلىدى، ھەممەيلەن بىر خىل ئوسال ئەھۋالدا قالغانىدى.
       بۇ جىمجىتلىقنى يەنىلا گراف بۇزدى:
       ـ مەن خاتالىقىمنى تونۇيمەن، بىراق قەسەم قىلىمەنكى...
       ـ قەسەم قىلماڭ، دوستۇم، ـ دېدى گراف خانىم كۈلۈمسىرەپ، ـ مەن سىزنىڭ ئاشنىڭىزنى تونۇيمەن، بىراق...گەپنى يەنىلا مۇشۇ يەردە توختاتقىنىمىز تۈزۈكمىكىن، ـ ئۇ ياش ئوفىتسېرغا يۈزلەندى، ـ سىزگە كەلسەك، ئەپەندى، سىزنىڭ پەلىيىڭىزگە قاراش ھاجەتسىز. قارىغاندا لونۋېردىكى ھەربىي لاگېر بىلەن كىنەز شارتېرنىڭ تانسا كېچىلىكىمۇ كۆڭلىڭىزدىكى ئادىمىڭىزنى ئۇنتۇلدۇرالماپتۇ.
       لېيتېنانت كەتمەكچى بولدىيۇ، سۆيگۈنىنىڭ ئىنىسىنىڭ يۈزىنى قىلىپ توختاپ قالدى ۋە مىيقىدا كۈلۈپ قويدى.
       ـ سىزگە كەلدى، دې. ۋ ئەپەندى.
       بۇ ياش رومانتىك شائىر ئىدى.
       ـ دې. ۋ ئەپەندىنىڭ ئاشقازان كېسىلى بولغاچقا تانسا ئوينىمايدۇ، ـ دېدى بىر خانىم.
       ـ سىلەر يەنە مۇھەببەت ھېكايىسىنىمۇ كۆرەلەيسىلەر.
       ـ خۇدايىم توۋا، ـ گىراف خانىم شائىرنىڭ پەلىيىگە قاراپ ۋارقىرىۋەتتى، ـ ئاشقازان كېسىلى بار ئادەم مۇشۇنداق كۆپ كەمپۈت يەمدۇ، شۇنداق كۆپ سوغۇق ئىچىملىك ۋە ھاراق ئىچەلەمدۇ؟
       ـ ياق ، خانىم...
       ـ بىراق ئەپەندى، سىز ئوڭ قول پەلىيىڭىزنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىغا قاراپ بېقىڭ. بىز سىزنىڭ قولىڭىزدىكى پەلەينى بۇ خانىملارنىڭ پاسكىنا قىلىۋەتكىنىگە قانداقمۇ ئىشىنەلەيمىز؟ قانداق قىلىپ خانىملارنىڭ قولىدىكى پەلەيلەر سىزنىڭ پەلىيىڭىزدە سېرىق، يېشىل رەڭدىكى داغلارنى قالدۇرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن پەلىيىڭىزدىن مەززىلىك ئوت ۋە مېۋە ھىدى كېلىدۇ؟
       بىچارە شائىر كۈلۈمسىرەپ، بۇ ئىشلارنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
       ـ سىز قىلچە يۈز ـ خاتىر قىلمايدىكەنسىز، گراف خېنىم، ـ دېدى پولكوۋنىك ئۇنىڭ گېپىنى ئۈزۈپ، ـ ئەمدى ئەرلەرگىمۇ ئىچىڭىز ئاغرىسۇن، قېنى خانىملار توغرۇلۇقمۇ بىر نېمە دەپ باقمامسىز؟
       ـ پولكوۋنىك، سىز بىلىسىز، ئۇرۇش چاغلىرىدا كىشىلەر ھەرگىز ئىتتىپاقداش ئارمىيىگە قارىتىپ ئوق ئاتمايدۇ.

                  (خەنزۇچە«چەت ئەل ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن بەھرىلىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 1985 - يىللىق 3 - سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.