ئاشنا(پوۋېست)- ماگرت دوگلاس (7)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-13 05:21:21

ئۇ تەن كىشىگە بىر خىل ئالاھىدە ئىللىق ھېس قىلدۇراتتى. ئۇنىڭ تېنى ئورۇق ھەم ئۇزۇن ئېگىز ئىدى، كۈچ يوق، مۇسكۇل يوق، ئۇ بەلكىم بەك كۆپ كېسەل بولغان بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم سالامەتلىكى ئەسلىگە ك...




    ئۇ تەن كىشىگە بىر خىل ئالاھىدە ئىللىق ھېس قىلدۇراتتى. ئۇنىڭ تېنى ئورۇق ھەم  ئۇزۇن ئېگىز ئىدى، كۈچ يوق، مۇسكۇل يوق، ئۇ بەلكىم بەك كۆپ كېسەل بولغان بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم  سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىۋاتقان مەزگىل بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ساقال-بۇرتى يوق، ئەرلىك سالاپەتمۇ يوق،  ئۇ ناھايىتىمۇ ئاجىز ئىدى، ئۇ خۇددى دەل مەلۇم بىر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى خورلىنىپ، جەبىر-زۇلۇم تارتسىمۇ،  يەنە ئازابقا بەرداشلىق بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. قىزچاق ئۇنىڭغا قارىمىدى، پەقەت ئۇنى سىلاۋاتاتتى. ئۇ نالە قىلدى، ئۇ يىغلاۋاتاتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ كىشىنى نەپرەتلەندۈرىدىغان سۆيگۈنىڭ ئازابلىرىغا بەرداشلىق بېرىۋاتاتتى. ئۇ خۇددى يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغىنىغا پۇخادىن چىققاندەك قىلاتتى......

    قىزچاق ئۆزىنى خۇددى بارا-بارا يەردىن كۆتىرىلىۋاتقاندەك، پەرۋاز قىلغاندەك، جەننەتنىڭ دۇنياسىغا كىلىپ قالغاندەك.... دېڭىز، ...شەكىلسىز، پەقەت ئۇ بولغاچ سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغاندەك ....ھېس قىلىپ قالغان ئىدى.

    بەلكىم شۇ  پارومدا ئاللبۇرۇنلا،  بۇ ھالەت ھازىرىقى دەقىقىدىكى  مەنزىرىنى ئالدىن سەزگەندەك  قىلغان ئىدى.

    بىر قېتىم مەن تۇيۇقسىز  ھېلىقى ئۇزۇن پايپاق كىيىۋالغان  ھالەتتىكى ئايال كىشىنىڭ ھالىتىنى ئاشىقىمنىڭ  ئۆيىدە كۆرگندەكلا بولدۇم. مەن خۇددى ئۇنىڭ قىزىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش مۇشۇنداق يەردە تۇرۇپتۇ.  ئەمەلىيەتتە  ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئاپىسىنىڭ رومانتىك  ۋاقىتلىرى بىلىشەتتى.  لېكىن قىزى، ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى بىلمەيتتى. ئۇلار مەڭگۈگە بىرلىكتە  ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلمايتتى ھەمدە  ئۇلار بۇنداق ئىشلاردىن يىراقلىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇ دەل ئاپامنىڭ ياش ۋاقتىدىكى بىر مۇھىم ھالقىسى،  ئەڭ ئاخىرىقى داڭدار ئىشى. ئاپام ھوزۇرلىنىشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ.

    مەن راستىنلا قان چىقىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن،  ئۇ مەندىن ئاغرىدىمۇ دەپ سورىدى،  مەن ئاغرىمىدى دېدىم،  ئۇ ئۆزىنىڭ ناھايىتى بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ قاننى سۈرتتى، پاكىز يۇيۇپ قويدى، مەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم. ئۇ ئۆزىنى ئەركىن ئازادا تۇتۇپ مېڭىپ كەلگىنىدە،  مەندە يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ھەۋەس قوزغالدى، مەندە قانداق قىلىپ بۇ نداق جاسارەت بولغانلىقىنى، ئاپامنىڭ ماڭا بولغان پەرھىزىنى بۇزغانلىقىمنى بىلمەيمەن، يەنە تېخى شۇنچىلىك ئۆز ئىختىيارلىقىمچە، شۇنچىلىك كەسكىن.  راستىنلا ئۆزۈمنىڭ قانداق قىلىپ «كىچىك  تار كوچىنى ئاخىرىغىچە ماڭغان» لىق ئەھۋالىغا  چۈشۈپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن. بىز كۆزلىرىمىزنى بىر-بىرىمىزگە تىكىشتۇق،  ئۇ مېنى قۇچاقلىۋالغان ئىدى. ئۇ مەندىن نېمىشقا بۇ يەرگە كىلىدىغانلىقىمنى سورىدى.  مەن بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، خۇددى مېنىڭ ۋەزىپەمگە ئوخشاش دەپ جاۋاپ بەردىم. بۇ بىزنىڭ تۇقجى قېتىم پاراڭلاشقىنىمىز بولۇپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا ئىككى ئاكامنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردىم. مەن يەنە بىزنىڭ پۇلىمىزنىڭ يوقلىقىنىمۇ، يۇقسىزلىقلىقىمىزنىمۇ دېدىم. ئۇ مېنىڭ ھېلىقى ئاكامنى تۇنۇيدىكەن. ئۇ ئىلگىرى بازاردىكى تاماكا دۇكىنىدا ئۇنى كۆرۈپتىكەن. مەن ئۇنىڭغا  چوڭ ئاكامنىڭ ھە دېسىلا ئاپامنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلاپ تەييارلانغان چىكىم ئېلىپ چىكىدىغانلىقىنى دېدىم.  ئۇ تېخى خىزمەتكارنىڭمۇ پۇلىنى ئوغرىلاپ باققانلىقىنى، بەزى ۋاقىتلاردا تاماكا دۇكىنىڭ خوجايىنى ئۆيگە كېلىپ ئاپامدىن قەرز سۈيلىگەنلىرىنى يەنە تېخى ئۇنىڭغا  دېڭىز دامبىسىدىكى قۇرۇلۇشنىڭ ئىشىنىمۇ ئېيتىپ بەردىم. مەن ئاپامنىڭ ئۆلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى، ئۇزۇنغا بېرىپ بولالمايدىغانلىقىنىمۇ دېدىم. مەن تېخى يەنە ئاپامغا ئۆلۈم كىشلىنىڭ سەۋەبىمۇ مېنىڭ بۈگۈنكى ئىشىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك  بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتىم.

    مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ھېس قىلدىم. ئۇ ماڭا ئىچ ئاغرىتتى، مەن ئېيتمىسام ئۇ ئىچ ئاغرىتمايتتى، ئاپامدىن باشقا ھېچكىم ماڭا ئىچ ئاغرىتمايدۇ. ئۇ ماڭا: سىزنىڭ كېلىشىڭىز چۈنكى مېنىڭ پۇلۇم بولغانلىقىدىن دېدى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقمنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۇلىنىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دېدىم. يەنە كېلىپ مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقان ۋاقتىمدا، ئۇ شۇ ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئىدى، شۇ پۇل- بايلىقلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. شۇڭا مەن راستىنلا ئەگەر ئۇ بىر پۇلى يوق ئادەم بولۇپ قالسا، مەن قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىمنىمۇ بىلمەيتتىم. ئۇ ماڭا  مېنىڭ راستىنلا سىزنى ئېلىپ كەتكۈم بار، سىز بىلەن يىراقلارغا كەتكۈم بار دېدى. مەن ئۇنىڭغا ئاپام  قىينىلىپ ئۆلۈشتىن بۇرۇن، مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلسام بولمايدىغانلىقىنى دېدىم. ئۇ قارىغاندا بۇ بەختنىڭ مەڭگۈ-مەڭگۈ كەلمەيدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇ ماڭا داۋاملىق پۇل بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى مېنىڭ ئەنسىرمەسلىكىمنى ئېيتتى. ئۇ يەنە قايتىدىن يېتىۋالدى، بىز يەنە جىمجىت سۈكۈت ئىچىدە قالدۇق.

    شەھەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلىرى شۇنچىلىك يۇقىرى ئىدى. مېنىڭ ئېسىمدە قىلىشىچە،  ئۇ بىر كىنولارنىڭ ئاۋازلىرىنى يۇقىرى كۆتىرىۋالغانغا ئوخشاش قۇلاقنى ئاغرىتاتتى. مېنىڭ ئېنىق ئېسىمدە، شۇ ۋاقىتتا ئۆينىڭ ئىچى شۇنچىلىك قاراڭغۇ، بىز ئاۋاز چىقارمىدۇق، پۈتۈن ئۆي شەھەرنىڭ ئاشۇ توختاۋسىز چىقىۋاتقان ۋاراڭچۇرۇڭلىرى ئىچىدە قاپلىنىپ قالغان ئىدى. خۇددى بىر  پويىز شەھەر ئىچىگە ھەيدەپ كىرىلگەنگە ئوخشايتتى. دېرىزىگە ئەينەك سېلىنمىغان ئىدى. پەقەت  پەردە بىلەن قاتقات پەنجىرە ياپراقچىسى ئورنىتىلغان ئىدى. پەردىدىن قۇياش نۇرى ئاستىدا كېتىۋاتقان پىيادىلەر كوچىدىكى كىشىلەرنى كۆرگىلى بولاتتى. بۇ يەردە ھەر كۈنى دېگۈدەك ئادەم شۇنچىلىك كۆپ مىغ مىغ ئىدى. پەردىدىكى سايە قاتقات پەنجىر ياپراقچىسى بىلەن تال تال  سىزىقلارنى چىقىرىپ تۇراتتى. ھېلىقى گېتانىڭ تاق-تاق ئاۋازلىرى كىشىنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۋېتەتتى. كىشىلەرنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازلىرى يۇقىرى ھەم قۇلاققا خۇشياقمايتتى. جۇڭگوچە گەپ ئەسلىدىلا ۋاراڭ–چۇرۇڭلۇق تىل. خۇددى مېنىڭ تاكى ئويلاپ كەلگىنىمدەكلا. بىر خىل قۇملۇقتىكى تىل. بۇ ھەقىقتەنمۇ بىر  كىشىنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگەن غەيرى بىر تىل. سىرت ھازىر دەل يېرىم كېچە ۋاقىت بولدى،  چۈنكى  سىرتتىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭلار، ئادەملەرنىڭ ئاۋازلىرىدىن شاۋقۇن ئاۋازلاردىن  پەرق ئەتكىلى بولاتتى. بۇ بىر ئادەت خاراكتېرلىق كېچىدە قاينام-تاشقىنلىققا تولىدىغان شەھەر. شۇ دەقىقىدە  قۇياش ئولتۇرۇپ بولغان ئىدى، كېچە كىرىش ئالدىدا ئىدى.

    بۇ ياغاچ  ياپراقلىق قاتقات پەنجىر بىلەن  بۇ پاختا رەختلىك پەردە بۇ كارۋاتنى شەھەردىن ئايرىپ تۇراتتى.  ھېچقانداق  قاتتىق جىسىم بىزنىڭ بىرلىكىمىزنى باشقىلاردىن ئايرىپ تۇراتتى،  ئۇلار، ئۇلار  بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزنى بىلمەيدۇ، پەقەت بىز، بىز ئۇلارنىڭ مەلۇم نەرسىلەر بىلەن  ئۇچىرىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئاۋازلىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ نېمە قىلماقچى بولغان سايىسىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. خۇددى بار كۈچى بىلەن جار سالغان گۈدۈك ئاۋازى، قايغۇلۇق،  ئەكىس سادا قايتۇرمىغاندەكلا ئىدى.

    كارامېلنىڭ پۇرۇقى ئۆيگىچە كىردى، يەنە يەر ياڭىقى، ئۇماچ، كاۋاپ، ئۆسۈملۈك دورا،  يەسىمەن گۈلى، چاڭ-تۇزان، كۈجە، كۆمۈر ئىسلارنىڭ پۇراقلىرىمۇ كىرۋاتاتتى، بۇ يەردە،  ياغاچ كۆمۈر ئوتىنى سېۋەتكە سېلىپ ئۇياق-بۇياققا ئېلىپ، كوچا بويلاپ سېتىشاتتى. شەھەرنىڭ پۇرىقى دېمەك يېزىنىڭ پۇرىقىدۇر.  ئورمانلىقنىڭ پۇرىقىدۇر.

    مەن ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭ قاراڭغۇ مۇنچىدا ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇ ئولتۇرۋالغان ئىدى،  قولىدا بىر رومكا  ۋېسكى بار ئىدى. تاماكىمۇ چىكىۋاتاتتى.

    ئۇ مېنىڭ باياتىن ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى كۆرۈپ، ئاندىن يۇيۇنۋالغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمەلىيەتتە مەن تېخى ئەمدىلەتىن ئۇيقىغا بارغان ئىدىم. ئۇ بىر پاكار ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى بىر ئۈستەل چىرىقىنى ياندۇرۇپ قويغان ئىدى. بۇ بىر مۇھەببەتكە ماھىر ئادەم، مەن تۇيۇقسىز ئۇنى ئېسىمگە ئالدىم،  ئۇ دائىم  بۇ ئۆيگە كىلىدۇ،  ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان قەلىبلەرنى ئازارلىغان تۇرمۇشى بولغان.  بۇ بىر شۇنچىلىك قورقۇنچاق ئەر كىشى. ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى ۋەھىمىنى يوقىتىش ئۈچۈن،  ئۇ ئامالسىز ھاۋايى ھەۋەسنىڭ ئىچىگە چۆكتى. مەن ئۇنىڭغا ئۇنىڭ چوقۇم نۇرغۇن ئاياللىرى بارلىقىنى، ئۆزۈمنىڭ شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى بولۇپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. بىز ئۆزئارا بىر بىرىمىزگە قاراپ تۇرىشاتتۇق. ئۇ مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشەندى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆز ئىپادىسى ئۆزگىرىپ كەتتى. ئۆزگـەرتكىنى شۇنچىلىك ساختا، خۇددى قاتتىق ئازابلانغاندەك، ئۆلۈم بىلەن تىركەشكەندەكلا.

    مەن ئۇنى چاقىردىم،  ئۇنىڭ مېنى چوقۇم ئىزدىنىشىنى دېدىم، ئۇ كەلدى، ئۇنىڭ تېنىدە بىر خىل ئەنگىلىيەت تاماكىسىنىڭ ھېدى بار ئىدى. يەنە  ئالىي دەرىجىلىك  ئەتتىرە ۋە ئېنىق ھەسەلنىڭ پۇرىقىمۇ بار ئىدى. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ھېلىقى  كۈنىدىكى دەريادىن ئۆتكەن ۋاقىتىىلا ئاللىبۇرۇن ھېس قىلىغانلىقىنى، مېنىڭ تۇنجى بىر ئاشنا تۇتقاندىن كېيىنلا مۇشۇنداق ئۆزگىرىپ قالىدىغانلىقىمنى بىلىدىغانلىقىنى، مېنىڭ كېيىن  ھېسسىياتىم، ھاۋايى ھەۋەسلىرىمنىىڭ ئۇرغۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مېنىڭ ئۆزىنى چوقۇم ئالدايدىغانلىقىمنى، خۇددى مېنى قوغلاشقان بارلىق ئەرلەرنى ئالدىغانغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ،  بۇرۇنلا بىر بەخىتسىز ئالماش ئاتالغۇ بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ماڭا بولغان بۇ ھەقىقىي سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلىقىمدىن ھەمدە ماڭا ئېيتقان بۇ خىل  كۆڭلىگە ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئۇ تۇيۇقسىز شۇنچىلىك قوپال بولۇپ قالدى، ئۇ ھېسسىياتىنى شۇنچىلىك  باسالمىدى، ئۇ ماڭا ئېتىلىپ كەلدى، مېنىڭ كىچىك ئەمچىكىمنى شورىدى، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىدى، لەنەت ئوقۇدى. مەن كۆزۈمنى چىڭ يۇمىۋالدىم، بۇ خىل كۈچلۈك  ھەرىكەتلەرگە بەرداشلىق بەردىم.  مەن ئۇ راستىنلا پىشقان ئىكەن، خۇددى ئۇنىڭغا ئادەتتىكى بىر ۋاق تاماقتەكلا،  ئۇنىڭ تۇرمۇشى خۇددى جىنسىي مۇھەببەتتەكلا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ قوللىرى شۇنچىلىك  مەلىكىلىك، سېھرىي، شۇنچىلىك گۈزەل. مەن نېمە دېگەن بەخىتلىك، ناھايىتى  ئېنىق، بۇ ساھەدە ئۇ شۇنچىلىك كەسىپچان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمىلەرنى قىلىش، نېمىلەرنى قىلماسلىقىنى، نېمىلەرنى دىيىش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ مېنى بىر  پاھىشە ئورنىدا كۆردى، پەقەت خۇرۇم ئاياقتەكلا. ئۇ ماڭا مېنىڭ ئۆزىنىڭ بىردىنبىر  سۆيگۈنى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. لېكىن بۇ  ئەلۋەتتە ئۇنىڭ دىيىشكە تېگىشلىك سۆزى ئىدى، چۈنكى سىز ئۇنىڭ قالايمىقان سۆزلىرىگە، خالىغىنىنى قىلىشىغا قارىماي، ئۆزىڭىز ئىخىتيارسىلا، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ ئويناپ،  بارلىق كۈچى بىلەن تۈرلۈك يوللار بىلەن بەتقىلىق ئىشلارنى قىلغاندىلا ، ئۇ ئۆزىنىڭ  ھەممە نەرسىنىڭ شۇنچىلىك ئېسىل، بوزەك قىلمىغانلىىق، بارلىق  تاشلاندۇقلارنىڭ يېپىپ كەتكەندەك، ئاشۇ ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسدە، ھەممە قاينام ئىچىگە كىرىپ ئۆركەشلىمەكتە ئىدى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئاشنا پوۋېست