قارلىق كېچە(شىنئىچى خوشى)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-07 17:46:00

قارلىق كېچەشىنئىچى خۇشى (ياپۇنىيە) سانسىزلىغان ئاپئاق قار ئۇچقۇنلىرى ئاسماندىن لەپىلدەپ بىخارامان يەر يۈزىگە چۈشەتتى. پۈتۈن يەر ـ جاھان بىردەمدىلا كۈمۈش رەڭ لىباس يېپىنغاندەك تۈسكە كىردى. ئا...

     قارلىق كېچە
    شىنئىچى خۇشى (ياپۇنىيە)

        سانسىزلىغان ئاپئاق قار ئۇچقۇنلىرى ئاسماندىن لەپىلدەپ بىخارامان يەر يۈزىگە چۈشەتتى. پۈتۈن يەر ـ جاھان بىردەمدىلا كۈمۈش رەڭ لىباس يېپىنغاندەك تۈسكە كىردى. ئاۋات كوچىدىن يىراقتىكى بىر دوقمۇشقا جايلاشقان كونا ئۆي كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، ئۆينى ئۇزاق قىش كېچىسىنىڭ گۆرىستان جىمجىتلىقى باسقان، چوغداندا كۆيۈۋاتقان ياغاچ كۆمۈرنىڭ ئاندا ـ ساندا چاراسلاپ چىققان ئاۋازىلا بۇ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى.
       ھوي! سىرتتا قار يېغىۋېتىپتۇ! ـ چوغداننىڭ يېنىدا ئوتسىنىپ ئولتۇرغان ئۆي ئىگىسى ئۆز ـ ئۆزىگە سۆزلىگەندەك غۇدۇڭشۇپ قويدى.
        ـ ھەئە، شۇڭا ئوي ئىچىنى جىمجىتلىق بېسىپ كەتكەن گەپ،  ـ خوتۇنى ئېرىنىڭ يېنىدا قورايدەك ئىنچىكە قوللىرىنى چوغدانغا سۇنۇپ ئولتۇراتتى. ـ بۇنداق تىنچ كېچىدە، ئوغلىمىز چوقۇم خېلى جىق نەرسە ئۆگىنىۋالىدىغان بولدى، ـ ئۆي ئىگىسى سۆزلەۋېتىپ ئۈستۈنكى قەۋەتكە قاراپ قويدى.
       ـ بالا ئېھتىمال چارچاپ كەتتى بولغاي، مەن ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان قىزىق چاي ئاچىقىپ بېرەي، ئۇ كۈن بويى ئۆيدىن چىقماي ئۆگىنىش قىلدى. مەن سالامەتلىكىنى كاردىن چىقىرىپ قويارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.
    ـ بولدى، بولدى، ئۇنى ئاۋارە قىلما، ئۇ چارچىغۇدەك بولسا ياكى بىر نېمە ئىچكۈسى كەلسە ئۆزى پەسكە چۈشىدۇ، ئۇنچىۋالا ئەنسىرەپ كەتمىسەڭمۇ بولىدۇ. ئاتا ـ ئانا بالىغا ھەددىدىن ئارتۇق كۆڭۈل بۆلۈپ كەتسە، بالىغا بېسىم بولۇپ، ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ قويىدۇ.
      ـ ئېھتىمال دېگەنلىرىڭ توغرىدۇ، بىراق، مەن دائىم بۇ قېتىمقى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئېمتىھانىنىڭ ئوڭاي ئىش ئەمەسلىكىنى ئويلاپ تۇرىۋاتىمەن. ئوغلۇمنىڭ بۇ ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىشىنى بەكلا ئارزۇ قىلىمەن،
       ـ خوتۇنى چۈشىنىكسىز غۇدۇرىغىنىچە ئوچاققا بىر نەچچە پارچە ياغاچ كۆمۈر سېلىپ قويدى. تۇيۇقسىز، ئىشىك ئەنسىز چېكىلىپ، ئۆينىڭ جىمجىتلىقى بۇزۇلدى، ئىككىسى تەڭلا باشلىرىنى كۆتۈرۈپ بىر ـ بىرىگە ئەنسىز قارىشىپ قويدى.
        ـ بىرى كەلدى. ئۆي ئىگىسى ئالدىرىماي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىشىك تەرەپكە ماڭدى، ئىشىك ئېچىلىشى بىلەن تەڭلا سوغۇق شامال ئۆي ئىچىگە قار ئۇچقۇنلىرىنى ئۇچۇرۇپ كەلدى.
       ـ كىم؟ ـ كىملىكىمنى سورىما، ياۋاشىراق بولۇپ، ئۇنىڭنى چىقارما. بوسۇغىدا ئوتتۇرا ياشلىق ناتونۇش بىر ئادەم پارقىراپ تۇرغان پىچاق تۇتقان ھالدا تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاۋازى تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن بىر خىل سۈرلۈك ئاڭلىناتتى.
      ـ نېمە قىلماقچىسىز؟ ـ تولا ئەزمىلىك قىلماي، ياۋاشلىق بىلەن ئۆيۈڭگە ماڭ! بولمىسا... ـ ناتونۇش ئادەم قولىدىكى پىچاقنى پۇلاڭلىتىپ قويدى. ئۆي ئىگىسى ئىلاجىسىز كەينىگە ياندى.
        خوتۇنى ئورنىدىن تۇرۇپ: ـ كىمكەن؟ ئوغلىمىزنى ئىزدەپ كەپتۇمۇ؟...
        ـ ئۇ پۈتۈن بەدىنىنى تىترەك بېسىپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتى. ـ كەچۈرۈڭلار، مەن پۇل ئالغىلى كەلدىم. ئەگەر كېلىشىپ قالساق، مەنمۇ سىلەرنى قيناپ يۈرمەيمەن. ناتونۇش ئادەمنىڭ قولىدىكى پىچاق چوغداندىكى ئوتنىڭ يورۇقىدا سۈرلۈك پارقىراپ كەتتى.
        ـ ۋۇي، خوتۇنۇم بىلەن ئىككىمىز ياشىنىپ قالدۇق، ھېچنىمىگە بارىمايمىز. سىزگە نېمە لازىم، خالىغانچە ئېلىۋېلىڭ. لېكىن، سىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىمىز، ھەرگىز ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقمىسىڭىز، ـ دېدى ئۆي ئىگىسى غال ـ غال تىتىرەپ تۇرۇپ. ـ ھە؟ ئۈستۈنكى قەۋەتتە تېخىمۇ قىممەتلىك نەرسىلىرىڭلار بار ئوخشىمامدۇ؟ ـ شۇئان ناتونۇش ئادەمنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى.
       ـ ياق، ياق، ئۈستىدە ئوغلۇم ئۆگىنىش قىلىۋاتاتتى، ـ ئۆي ئىگىسى ئالدىراپ چۈشەندۈردى. ـ بۇ گەپچە، ئېھتىيات قىلمىسام بولمايدىكەن ـ دە، قول سېلىشتىن بۇرۇن، ئۇنى باغلاپ قويسام بولغۇدەك.
       ـ ياق، ياق، ئۇنداق قىلماڭ، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالايلى، بالىمىزغا ھەرگىز قول سالماڭ.
       ـ كۆزۈمدىن يوقىلىش! ناتونۇش ئادەم ئىككى چامداپلا پەلەمپەيگە ئېتىلدى، شۇئان كونىرىغان پەلەمپەي غىچىرلاپ كەتتى. ئىككى قېرى قورقۇپ ھاڭۋاققىنىچە تۇرۇپ قېلىشتى. تۇيۇقسىز، قاراس ـ قۇرۇس قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئارقىدىنلا ئېچىنىشلىق داد ـ پارياد بىلەن تەك، ئېغىر نەرسە پەلەمپەيدىن پەسكە دومىلاپ چۈشتى. ئۆي ئىگىسى ئېسىنى يىغىپ: چوقۇم ئوغلىمىز بۇ ئەبلەخنى ئۇرۇپ يىقىتىۋەتتى، تېزدىن ساقچىغا تېلېفون بېرەيلى، ـ دېدى ئالدىراپ. ساقچىلار تېزلا يىتىپ كەلدى، ئۇلار پەلەمپەي يېنىدا پۇتى سۇنۇپ ياتقان ناتونۇش ئادەمنى كۆردى.
       ـ بۇنداق بالىنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغانىدىم، چىراغمۇ ياقماي ئۆگىنىش قىلىۋېتىپتۇ، قورقۇپ كەتكىنىمدىن بوش يەرگە دەسسىۋېلىپ يىقىلىپ چۈشتۈم، تازىمۇ پالاكەت باستىغۇ مېنى، ـ دېدى ناتۇنۇش ئادەم ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا، ئۈستۈنكى قەۋەتنى تەكشۈرگىلى چىقىپ كەتكەن ساقچى تېزلا قايتىپ چۈشتى.
        ـ باشلىق، ئۈستۈنكى قەۋەتنى پۈتۈنلەي ئاختۇرۇپ چىقتىم، بىرەر ئادەمنىڭ قارىسىمۇ بايقالمىدى، لېكىن، ئۆي ئىگىسى تېلېفوندا ئېنىق قىلىپ، ئوغرىنى ئوغلۇم ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋەتتى دىگەنىدى، قارىغاندا، ئۆي ئىگىسىنىڭ نېۋرىسى جايىدا ئەمەسمۇ، قانداق؟
       ـ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يالغۇز ئوغلى بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن، بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ رېئاللىقنى زادىلا ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمىگەن، شۇڭا ئۇلار ھازىرغىچە ئوغلىنى ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئۆگىنىش قىلىۋاتىدۇ، دەپ يۈرگەن.
       ـ ھېچكىم گەپ قىلمىدى، ئۆي ئىچى جىمجىت، سىرتمۇ جىمجىت ئىدى. سانسىزلىغان ئاپئاق قار ئۇچقۇنلىرى يەنىلا بىر خىلدا چۈشۈپ تۇراتتى...

     «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژورنىلىدىن ئېلىندى خەنزۇچە «ياشلار ئوقۇشلۇقى» ژۇرنىلىنىڭ 1994 ـ يىللىق 6 ـ سانىدىن تەرجىمە قىلىنغان

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق