ئىسمىڭ ،جىسمىڭ

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-03 16:22:58

ئىسمىڭ ،جىسمىڭ سېنى گۈلگە ئوخشىتار.گۈلدە گۈلنىڭ پۇرىقى بۇلىشى كېرەك.ئاي قىزىم چاچلىرىڭ بىنەپشە زار ،ۋۇجۇدۇڭ نەۋباھاردۇر!ئۇنى شۇ يۈكسەكلىكتە ئاسرا،ئۈزۈڭنى ئۈزەڭدەك ئاسراش ئۈچۈن سۇنى سۆي،س...

     



     

    ئىسمىڭ ،جىسمىڭ

                سېنى گۈلگە ئوخشىتار.گۈلدە گۈلنىڭ پۇرىقى بۇلىشى كېرەك.ئاي قىزىم چاچلىرىڭ بىنەپشە زار ،ۋۇجۇدۇڭ نەۋباھاردۇر!ئۇنى شۇ يۈكسەكلىكتە ئاسرا،ئۈزۈڭنى ئۈزەڭدەك ئاسراش ئۈچۈن سۇنى سۆي،سۇنى ئاشنا تۇت،سۇ پەرەس بول!قىز بالادەپ ئاتالغان گۈلگۈن چىمەننى ھەرگىز غۇبار قاپلىمىسۇن،ناپاك لىباس ئۈستىگە يېپىلمىسۇن.بىر كۈندە قانچە قېتىم يۇيۇنساڭ ،شۇنچە كەم!ناپاكلىق ناخۇشلۇق كەلتۈرىدۇ.كىر يۇغۇسى ،يۇيۇنغۇسى كىلىپ تۇرىدىغان قىز ئائىلە بەختى ۋە ئۇ ياشايدىغان جاي ئەتىرىستاندۇر…

           سەن گۈلگە قارىدىڭمۇ؟تار جايدىمۇ ،كەڭ جايدىمۇ،ئەتراپى چىرايلىقمۇ،خۇنۈكمۇ،بەرىبىر.ئائىم ئىپار تارقىتىپ ،ياشناپ تۇرىۋىرىدۇ،چۈنكى ئۇنىڭ ئىقلىمى شۇنداق!قانداق شارائىت ۋە قانداق ئىقىلىم بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر،قىز بالا ئېتىڭ باركى ،زاتىڭدەك بول،ياشناپ غۇبارسىز ۋە نۇرلۇق تۇر!

    ئىنسان گۇۋاھ يوق يەردىمۇ بۇرچلىرىنى ھالال ئادا ئەتسىلا،كۆزلىگەن مەقسىتىگە مۇيەسسەر بۇلىدۇ.يەنى قىز بالىلىقنىڭ ،ئاياللىقىنىڭ نىيەتلىرىگە يىتىشنىڭ ئاساسىي شەرتى جىسمانەن پاكىزلىقتۇر.يادىڭدا بولسۇن،سەھەردىكىگە قارىغاندا كېچە ئۇيقۇسىدىن بۇرۇنقى يۇيۇنۇشۇڭ مۇكەممەلرەك بولغاي.

    پاكىز بەدەنگە پاكىز كىيىم كىيگىن،كىيگەنلىرىڭ ھايالىق بولسۇن.

            سىرتقى كىيىمنى ئەمەس ،ئىچكى كىيمىڭنى كۆپەيتكىن ۋە ئۇلارنىڭ كۈندۈزلىكى ۋە تۈندىكىسى ئالاھىدە بولسۇن.ئەلۋەتتە،كىر ۋە كونا ئىچ كىيمىڭنى ھەر سەھەر ۋە ئاخشام پاكىزىگە ئالماشتۇر.

          سالغان ئىچ كىيمىڭنى شۇ ھامانلا يۇيۇپ قوي ۋە بىراۋنىڭ كۆرمەيدىغان جايىدا قۇرۇت!

           ئۇمۇمەن،كىر توپلىما،كىر كىيىملەر تۇرغانسېىرى ئۆزىدىن يامان پۇراق چىقىرىدۇ ۋە بۇ بەد ھىد كىيىملەرنىڭ قات-قېتىغا سىڭىپ قالىدۇ.بۇنداق ئۆيدە ياخشى قىز ياشىمايدۇ.

    ياخشى قىزنىڭ يۇماقچى بولغان كىيىملىرىدىنمۇ يېقىملىق ھىد كېلىدۇ.

    قىز ئايىم ئۆز باھايىڭنى بىل،سەن قېتىغا شەبنەم قونغان گۈل كەبى بىغۇبارسەن،ھەر يەر ساڭا مۇناسىپ ئەمەس.يۇيىنىشتىن ئاۋۋال يۇيۇنۇش جايلىرىنى ئوبدان تازلا،سۇپۇن ۋە باشقا يۇيۇنۇشقا لازىملىق  نەرسىللىرىڭ ئالاھىدە بولسۇن.

            پەرىدە ئىسىملىك دوستۇمدىن بىر تەجرىبە ئۆگەنگەنىدىم:ئۇ ھەر كۈنى ئۇقۇشتىن قايتىپلا دەرھال كوپتا -كۆڭلىكىنى قېقىپ -سىلكىپ تاشقىرىغا ئىلىپ قويسا،ئەتىسى كىرلىرى يوقىلىپ ،پاكىزلىنىپ قالار ئىدى.

    سېنىڭ ئىقلىمىڭ پاكىزلىق بولسۇن!

     

         ئۆزبېكىستان يازغۇچىسى تۇرسۇنئاي سادىقوۋانىڭ ‹قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر›ناملىق روھىي ساغلاملىق دۇردانىللىرىدىن ئېلىندى.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.