مارس مەلىكىسى(فانتازىيىلىك رۇمان)

يوللىغۇچى : Oghuz-han يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-20 01:47:00

مەن مەزكور بىكەت باياناتنامىسى قاتارلىقلارنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم، شۇنداقلا نوپۇزلۇق بىر بىكەتنىڭ دۇنياغا كىلۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم. مەزكۇر بىكەتنىڭ ئاپتورلارنىڭ ھوقوق - مەنپەئەتىنى قو...

    مەن مەزكور بىكەت باياناتنامىسى قاتارلىقلارنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم، شۇنداقلا نوپۇزلۇق بىر بىكەتنىڭ دۇنياغا كىلۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم. مەزكۇر بىكەتنىڭ ئاپتورلارنىڭ ھوقوق - مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقى بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ. شۇڭا بۇ يەرگە ئەزا بولۇپ كىردىم ھەم تەرجىمە قىلغىلى ئۇزۇن بولغان بۇ رۇماننى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بۇ يەرگە بىرىنچى قىتىم يوللۇدۇم. بۇ پەقەت مۇشۇ بىكەتكىلا تەۋە بولۇپ، باشقا بىكەتلەردە كۆرۈلسە مەنمۇ بىكەتكە ئوخشاشلا ئۇنىڭ قانونلۇق داۋاگىرى.

    مارس مەلىكىسى (فانتازىيىلىك رۇمان)

     ئېدگار رىس بارو(ئامېرىكا)

    بىرىنچى باپ

           ئارىزونا شىتاتىدىكى تاغ ئۈستىدە مەن ناھايىتى قېرىپ كەتتىم، ئۆزەمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قېرىپ كەتكەنلىكىمنىمۇ بىلمەيمەن. يۈز ياشتىن ئاشقان بولۇشۇم ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ قېرى بولۇشۇم مۇمكىن. بالىلىق چاغلىرىمنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىمۇ ئېسىمدا قالماپتۇ. يادىمدا قالغىنى ئۆزەمنىڭ ئوتتۇز  ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەزىمەت ئىكەنلىكىدىنلا  ئىبارەت.  ھازىرقى ھالىتىم بۇندىن قىرىق يىل بۇرۇنقى ھەتتا ئۇنىڭ ئالدىدىكى ھالىتىم بىلەن پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەمما شۇنى ھىس قىلمەنكى، مەن بۇنداق ياشاپ كېتىۋەرسەم بولمايدۇ، ھامان بىر كۈنى ھەقىقى ئۆلۈشۈم ، ئۆلگەندىن كىيىن قايتا تىرىلمەسلىكىم كېرەك. ئۆزەمنىڭ ئۆلۈمدىن نىمە ئۈچۈن قورقىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. مەن ئىلگىرى ئىككى قىتىم ئۆلگەن بولساممۇ ئەمما يەنىلا ھايات تۇرۇپتىمەن. شۇنداقتىمۇ خۇددى بۇرۇن ئۆلۈپ باقمىغان ئادەمگە ئوخشاش ئۆلۈمدىن ئىنتايىن  قورقىمەن. دەل مۇشۇنداق ئۆلۈمدىن قۇرقىدىغان پىسخىك كەيپىيات ئۆزەمنىڭ مۇقەررەر  ھالدا ئۆلىدىغانلىقىمغا شەكسىز ئىشەندۈرىدۇ. ئەجىلىمنىڭ مۇقەررەلىكىگە ئىشەنچەم  بولغانلىقى ئۈچۈن  مەن ئۆزەمنىڭ ھايات ۋاقتىمدىكى ۋە ھالاك بولغان ۋاقىتىمدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى يېزىپ خاتىرە قالدۇرۇش قارارىغا كەلدىم. مەن بۇ ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە ئامالسىزمەن. مەن پەقەت بىر تەلەيلىك ئەسكەرنىڭ ئاددى تىلى بىلەن بېشىمدىن كەچۈرگەن غەلىتە ئىشلار توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرماقچى . بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەن ئاللىقاچان ئۆلۈپ، جەسىدىم ئارىزونا شىتاتىدىكى بىر تاغ غارىدا ياتقان ھەم باشقىلار تەرپىدىن بايقالمىغان ئون يىل ۋاقت ئىچىدە يۈز بەرگەن.

         مەن ئەزەلدىن باشقىلارغا بۇلارنى سۆزلەپ باقمىدىم، شۇنداقلا مەن مەڭگۈ ئۈلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ھەرقانداق ئادەتتىكى بىر ئادەممۇ بۇ قوليازمىنى كۆرۈپ باقمىدى. ماڭا ئايانكى، كىشىلەرنىڭ ئاڭ - سەۋىيىسى قوبۇل قىلالمايدىغان بۇنداق نەرسىگە ئۇلار ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ . شۇڭا، پەقەت كەلگۈسىدىكى ئىلىم - پەنلا ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغان ئەمىلىيەتنى سۆزلىگەن چىغىمدا، ئۆزەمنىڭ جامائەتچىلىكنىڭ مەسخىرىسىگە، مۇھاكىمە يىغىن ۋە ئاخبارات ساھەسىنىڭ كۈچلۈك ئەيىپلىشىگە ئۇچرايدىغانلىقىمنى، شۇ دەقىقىدە ئۆزەمنىڭ جامائەتچىلىكنىڭ  ئالدىدا ئۇچىغا چىققان چوڭ ئالدامچى بولۇپ قالىدىغانلىقىمنى ھىس قىلىمەن. مەن مارستا  ئېرىشكەن ئىلھامىم ھەم مېنىڭ بۇ كىتاپتا بايان قىلىپ بېرەلىگەن مەزمونلار،  بەلكىم بىزنىڭ ئاچا - سېڭىل پىلانتىمىز مارسنىڭ سىرىنى  دەسلەپكى قەدەمدە چۈشۈنۈشكە ئاز - تۇلا ياردىمى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. باشقىلار ئۈچۈن سىرلىق تۇيۇلغان ئىشلار ھازىر مەن ئۈچۈن سىر ئەمەس .
        مېنىڭ ئىسمىم جون كارتېر، بەلكىم، ۋىرگىنىيە شىتاتلىق سىتارشى لېيتنانت جېك كارتېرنى يەنىمۇ كۆپ كىشىلەر تۇنۇشى مۇمكىن. جەنوب-شىمال  ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مەن نەچچە يۈزمىڭ ئامرىكا دوللىرىغا ئىگە بولدۇم ھەم مەلۇم ھەربىي قىسىمنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەر سىتارشى  لىيتنانتلىق ھەربىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتىم.  ئەمما بۇ قىسىم ھازىر مەۋجۇت ئەمەس. جەنوب فىدراتسىيىسىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى بىلەن مېنىڭ بۇ دۆلەتتىكى خىزمىتىممۇ ئاخىرلىشىپ،  ئىگە - چاقىسىز،ئۆي - ماكانسىز قالدىم. ھايات - ماماتلىق ئۇرۇشمۇ كەلمەسكە كەتتى، شۇڭا مەن غەربى جەنوپقا بېرىپ ئالتۇن قىزىپ قولدىن بېرىپ قويغان  مال-دۇنيانى قايتۇرۇپ كىلىشكە بەل باغلىدىم.
       مەن يەنە بىر جەنوب فىدراتسىيىسىنىڭ ئەمەلدارى بىلەن بىرلىكتە  بىر يىلغا يىقىن ۋاقت سەرىپ قىلىپ ئالتۇن كانى ئىزلىدۇق. ئۇ  ئادەم رىچمونلۇق سىتارشى لىيتىنانت جاموس پوۋېل بولۇپ، تەلىيىمىز ئوڭدىن كەلدى. نۇرغۇن جاپالارنى تارتقاندىن كىيىن 1865- يىلنىڭ ئاخىرىدا كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئالتۇن مىقتارى مول كۇۋارتىسلىق كان قاتلىمىنى تاپتۇق. بۇ بىزنىڭ چۈشۈمىزگىمۇ كىرمىگەن ئىدى. ئىلگىرى كان ئىنژىنىرلىرىنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان پوۋىلنىڭ ئېيتىشىچە،  بىز قىسقىغىنا ئۈچ ئاي ۋاقت ئىچىدە  قىممىتى بىر مىليون ئامىرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان كان رودىسىنى بايقاپتىمىز. ئۈسكۈنىلىرىمىز بەك ئاددىي بولغاچقا كان رودىسى قىزىش خىزمىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئارىمىزدىن بىرەيلەن مەدەنىيەتلىك رايونغا قايتىپ زۆرۇر بولغان كان قىزىش  ماشىنىلىرنى سېتۋىلىشى ۋە يىتەرلىك ئادەم كۈچى ئېلىپ كىلىش بىكىتىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە  بىز كان قىزىش ھوقوقىمىزنىڭ باشقىلارنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەركىتىمىزنى تىزلەتمىسەك بولمايتتى.  پوۋېل مەدەنىيەتلىك رايونلارغا تونۇش، شۇنداقلا كان رودىسى قىزىشقا قانداق ماشىنا-زاپچاسلارنىڭ كىتىدىغانلىقىنى  تەپسىلىي بىلگەچكە ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ ئۇنىڭ بېرىشىنى قارار قىلدۇق. 1866- يىلى 3-ئاينىڭ 3- كۈنى پوۋېل يىمەكلىك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ مەن بىلەن خۇشلۇشۇپ ئېتىنى مىنىپ يولغا چىقتى ۋە تاغ باغرىنى بويلاپ جىلغىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. تاغ جىلغىسىدىن ئۆتكەندە  ئو  بىرىنچى باسقۇچتىكى سەپەرگە  قەدەم باسقان ئىدى. خوددى ئارىزونا شىتاتىنىڭ باشقا كۈنلىرىدىكىدەك پوۋېل يولغا چىققان كۈنى ئەتىگەن ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق ئىدى. مەن پوۋېلنى ھەم ئۇنىڭ يىمەكلىك ئارتىلغان ئىشىكىنىڭ تاغ باغرىنى بويلاپ جىلغىغا چۈشۈپ كىتۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇردۇم، چۈشتىن بۇرۇن پات-پات ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم. ھەر قىتىم ئۇنىڭ تىك تاغ باغرىدا ياكى تەكشى تۈزلەڭ جايدا كىتۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم.
         پوۋېلنى ئەڭ ئاخىرىدا كۆرگەن ۋاقتىم چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ چاغدا پوۋېل  تاغ جىلغىسىنىڭ يەنە بىر تەرپىدىكى تاغ تىزمىسىنىڭ كۈلەڭگىسى ئاستىغا يىتىپ بارغان ئىدى. تەخمىنەن يېرىم سائەتلەردىن كىيىن مەن ئىختىيارسىز تاغ جىلغىسىغا كۆز يۈگۈرتۈپ پوۋېلنى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم كۆرگەن ئورۇندا ئۈچ كىچىك چىكىتنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چۈچۈپ  كەتتىم.  مەن ئارتۇقچە ئىشلارغا چېچىلىشنى خالىمايتىم ،  ئەمما ئۆزەمنى پوۋېلنىڭ ساق-سالامەت ئىكەنلىكىگە ، تاغ يولىدىكى بايا مەن كۆرگەن ئۈچ چىكىتنىڭ بۆكەن ياكى ياۋا ئات  ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرگەنسېرى  تېخىمۇ خاتىرجەمسىزلەندىم. بىز بۇ يەرگە كەلگەندىن بىرى بىرەر  يامان نىيەتلىك ئىندىئانغا  يولۇقۇپ باقمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ناھايىتى بىپەرۋا بولۇپ كەتكەن ئىدۇق. ھەتتا ئىندىئانلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ۋەقەلەرنى رىۋايەت دەپ قاراپ كەلدۇق.  كىشىلەر بۇ ئادەملەرنىڭ تاغ يوللىرىدا گاھى كۆرۈنۈپ گاھى غايىپ بولۇپ، قولىغا چۈشۈپ قالغان ھەربىر ئاق تەنلىكنى ئىچىنىشلىق ئۇسوللار بىلەن ئۆلتۈردىغانلىقى ياكى قىينايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىشاتتى.  پوۋېل خىل قوراللانغان، شۇنداقلا جەڭ قىلىشقا ماھىر. مەنمۇ ئىلگىرى ئامرىكىنىڭ شىمالىدىكى ئىندىئانلار قەبىلىسىدە تۇرغان ھەم كۆپ يىل جەڭ قىلغان. شۇڭا ئىندىئانلارنىڭ ۋەھشىلىكى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى. مۇبادا پوۋېلنى ئابو  قەبىلىسىدىكى بىر توپ ھىيلىگەر ئىندىئانلار قوغلاپ كەلسە ھايات قىلىش پۇرسىتى ئىنتايىن  ئاز بولاتتى. مىنىڭ كۆڭلۈم ئېغىپ، ئاخىرىدا داۋاملىق ئويلاشقا جۈرئەت قىلالماي كولتا شىركىتى ئىشلىگەن ئالتە ئاتار تاپانچا ۋە بىر دانە كارابىن مىلتىقى بىلەن قۇراللىنىپ، مۇرەمگە ئوقدان تاسمىسىنى ئېسىپ، ئىگەرلىك ئاتقا مىنىپ پوۋېلنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ تاغ جىلغىسىغا قاراپ يولغا چىقتىم.  مەن تۈزلەڭ يەرگە كىلىشىمگىلا ئېتىمنى چاپتۇرۇپ  يۈرۈپ كەتتىم. كەچ كىرەي دەپ قالغاندىلا ئاندىن باشقا ئىزلار بىلەن پوۋېلنىڭ  ئىزى ئارلىشىپ كەتكەن جاينى تاپتىم. بۇ ئىزلار تاقىلانمىغان تۆت ئاتنىڭ ئىزى بولۇپ قارىماققا ئۇلارنىڭ تېز سۈرەتتە چاپتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلۋالغىلى بولاتتى. مەن ئىزنى بويلاپ ئاتنى بولۇشىچە چاپتۇرۇپ تاكى تۈن قاراڭغۇسى يىيىلغىچە يۈردۈم. ئەمدى ئاينىڭ چىقىشىنى ساقلىماي بولمايتى. بۇنداق چاغدا قوغلاپ يىتىشنىڭ مۇمكىن بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى ماڭا ئىنىق ئەمەس ئىدى، بەلكىم مەن ئويلىغان خەتەر يۈز بەرمەس، خۇددىي نىرۋىسى زىيادە سەزگۈرلىشىپ كەتكەن قېرى خوتۇننىڭ ئويلىغىنىدەك.  بەلكىم مەن پوۋېلغا يىتىشۋالغاندا ئۇ مېنىڭ پەمسىزلىكىمدىن ئۆزىگە دەخلى قىلغانلىقىمنى مەسخىرە قىلار. شۇنىسى مەن نېرۋىسى زىيادە سەزگۈرلىشىپ كەتكەن ئادەم ئەمەس. ھاياتىمدا مەسئولىيەت تۇيغۇسىنى قانداقلا سەۋەپ كەلتۈرۈپ چىقارمىسۇن، باشتىن ئاخىر بۇ خىل تۇيغىغا ھۆرمەت قىلىپ كەلدىم. دەل مۇشۇ تۇيغۇ مېنىڭ ئۈچ جۇمھورىيەتتە شان - شەروپ قۇچۇشۇمغا ياردەم قىلغان.بۇ شان - شەرەپلەر قۇدرەتلىك كونا پادىشاھلىق ھەم بىرقانچە بەگلىكلەرنىڭ ئوردىن ۋە دوستلۇقى بولۇپ، مەن ئۇلار ئۈچۈن ئىشلىگەن ۋاقتىمدا جىسمىم كۆپ قىتىم قىپقىزىل قان بىلەن بۇيالغان ئىدى. تەخمىنەن كەچ سائەت توققۇز بولغاندا ئاي نۇرى ئەتراپنى ئىنىق يورۇتۇپ مېنىڭ ئىلگىرلىشىمگە ۋە ئات ئىزغا قىلچە تۇسالغۇسىز ئەگىشىپ مىڭىشىمغا  قۇلايلىق يارىتىپ بەردى. مەن شۇ ماڭغانچە تۈن نىسبىدىن ئاشقاندا ئاندىن توختۇدۇم. بۇ ۋاقىتتا مەن ئاللىقاچان پوۋېل ئارام ئېلىشنى كۆزلىگەن سۇ بۇيىغا يىتىپ كەلگەن ئىدىم.  بۇ يەر تىپ - تىنىچ بولۇپ ئادەم ئارام ئالغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ھىچقانداقئالامەتلەر يوق ئىدى. مەن ئىز قوغلىغۇچىلارنىڭ(ھازىر ئۇلارنىڭ ئىز قوغلىغۇچىلار ئىكەنلىكىنى شەرتسىز مۇقۇملاشتۇرۇشقا بولاتتى) ئاياق ئىزىدىن ئۇلارنىڭ پوۋېلنى جىددىي قوغلاۋاتقانلىقىنى پەملىدىم.
        ئۇلار سۇ بۇيىدا بىردەم توختىغاندىن كىيىن پوۋېل بىلەن ئوخشاش سۈرئەتتە ئۇنى قوغلاپ كەتكەندەك قىلاتتى. مەن شۇنداق مۇقۇملاشتۇرالايمەنكى، ئىز قوغلىغۇچىلار ئىنىق ئابو قەبىلىسىدىكى ئىندىئانلار، ئۇلار پوۋېلنى تىرىك قولغا چۈشۈرمەكچى ھەم ئۇنى ئىچىنىشلىق قىيىن-قىستاققا ئېلىپ كۆڭلىنى ئاچماقچى.  مەن بۇلارنى ئويلاپ دەرھال ئېتىمنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە چاپتۇرۇپ،  قىزىل تېرىلىك ئالۋاستىلار ھۇجۇم قىلىشتىن ئاۋال ئۇلارغا يىتىشىپ بېرىشنى قارار قىلدىم. ئالدىمدا ئانچە يىراق بولمىغان يەردىن كەلگەن ئىككى قىتىملىق  ئاجىز ئوق ئاۋازى بارلىق خىياللىرىمنى ئۈزۈپ قويدى.  مۇشۇ ۋاقىتتا پوۋېل ماڭا ئەڭ ئېھتىياجلىق. شۇلارنى ئويلىغىنىمدا مەن يەنە كىچىكىشنىڭ زور خاتالىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ، ئېتىمنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە چاپتۇرۇپ ئىگىز-پەس تاغ يوللىرى بىلەن ئوق چىققان تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.  مەن بىر ئېنگىلىز مىلى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپەرەك يۈرگەن بولساممۇ مىلتىق ئاۋازى قايتا ئاڭلانمىدى. 
        بۇ چاغدا تاغ يولى تويۇقسىز جىلغىغا قاراپ سوزۇلدى. جىلغىغا كىرىش ئېغىزىنىڭ چوققىسىغا يېقىن ئورۇندا بىر كەڭ كەتكەن ئىگىزلىك بار ئىكەن. بۇ ئىگىزلىككە كىرىشنىڭ ئالدىدا مەن بىر تار خەتەرلىك تاغ قىياسىدىن ئۆتكەن ئىدىم. ئىگىزلىككە چىقىپ كۆرگەن مەنزىرە مېنى تەشۋىشكە سالدى  ۋە قاتتىق ئۈمۈتسىزلەندۈردى. بۇ كىچىك تۈزلەڭلىك شىمالىي ئامىرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ كۇنۇس شەكىللىك كىگىز ئۆيلىرى بىلەن تۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، يىراقتىن قارىماققا ئاپپاق كۆرىنەتتى. بەش يۈزدەك قىزىل تەنلىك ئىندىئان قەبىلە مەركىزىنىڭ يېنىدىكى مەلۇم نىشاننىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، پۈتۈن زىھنى بىلەن دىققەت نەزىرىنى قىزىقىش نۇقتىسىغا تىكىپ تۇراتتى.
       بەختكە يارىشا ئۇلار مېنى بايقىمىدى. شۇنداق بولغاچقا مەن ناھايىتى ئاسانلا تاغ قىياسىنىڭ قاراڭغۇ جايىغا بېرىپ  ئۆزەمنى مۇتلەق بىخەتەر يۇشۇرۇپ قالالايتتىم. مەن ئۆزەمنى باتۇر ئەزىمەت دەپمۇ ھىساپلىمايتتىم. لېكىن، نەچچە يۈز قىتىملاپ ھالاكەتكە يۈزلەنگەن پەيتلەردە بىرەر قېتىممۇ قورقۇنچاقلىق قىلىپ باقمىغان. كۆرنۈپ تۇرۇپتىكى مېنىڭ بۇ كاللام سەۋىرچانلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزمەيلا بىلىپ بىلمەي مېنى مەجبورىي ھالدا مەسئولىيەتكە سادىق يولغا مېڭىشقا ئۆندەيدۇ. مەن نەق مەيداننى كۆرگەندىن كىيىن دەرھال ئىككى دانە ئالتە ئاتار تاپانچامنى چىقىرىپ ئېتىمنى چاپتۇرۇپ توۋلىغان پىتىم ئىندىئان توپىغا باستۈرۈپ كىرىپ ھۇجۇمغا ئۆتتۈم. ئات ئۈستىدە بولغانلىقىم ئۈچۈن باشقا تېخىمۇ ياخشى تاكتىكا قوللۇنۇش مۇمكىن بولمايتتى. قىزىل تەنلىكلەر تۇيۇقسىز زەربە يەپ، ئۆزلىرىنى بىر گۇروپپا مۇنتىزىم قىسىمنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولساق كېرەك، دەپ ئويلاپ تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ ئوقيا ۋە قوراللىرىغا ئۆزلىرىنى ئاتتى. پوۋېل ئارىزونا شىتاتى ئاسمىنىدىكى ئاينىڭ يارقىن نۇرى ئاستىدا يەردە ياتاتتى. بەدىنىنىڭ ھەممە يېرىگە ئىندىئانلار ئاتقان ئوقيا ئوقى سانجىلغانتى. مەن ئۇنىڭ ئالىقاچان ئۆلگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم. ئەمما، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرغاندەك تېزلىك بىلەن ئونىڭ جەسىتىنىمۇ قۇتۇلدۇرۇشۇم، ئۇنىڭ جەسىدىنىڭ ئىندىئانلارنىڭ قولىدا نەچچە پارچە قىلىپ پارچىلىنىپ كىتىشىگە قاراپ تۇرماسلىقىم كېرەك ئىدى. مەن ئېتىمنى چاپتۇرۇپ پوۋېلنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىغا كىلىپ ئات ئۈستىدىلا جەسەتنىڭ ئوق تاسمىسىغا قولۇمنى ئوزۇتۇپ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئاتنىڭ ئۈستىگە توغرىسىغا ئارتتىم.  كەينىمگە ئۆرۈلۈپلا كەلگەن يولۇم بىلەن قايتىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھىس قىلدىم.  شۇڭا تاغ ئېغىزىنىڭ چىقىش يولىغا قاراپ ئات چاپتۇردۇم. بۇ چاغدا ئىندىئانلار مىنىڭ يالغۇز ئىكەنلىكىمنى كۆرۈپ قوغلاپ كىلىشكە باشلىدى. 
        ئۇلارنىڭ ئاي يورىقىدا  توغرا قارىغا ئالالىشى ئىنتايىن تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز زەربىدىن قاتتىق پارەكەندىچىلىككە ئۇچۇرغانلىقى ھەم نىشانى تېز سۈرئەتتە يۆتكۈلۈشچان بولغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ئامان قىلىشقا ھەم ئۇلارنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىپ قوغلاپ كەلگىچە ئۆزەمنى تاغ قاپتاللىرىنىڭ يۇشۇرۇن جايلىرىغا ئېلىپ بېرىشقا كۆزۈم يىتەتتى. ئېتىم يولنى ماڭا قارىغاندا توغرا بىلىدىغاندەك قىلاتتى، شۇڭا مېنىڭ باشقۇرۇشۇمسىز ئالغا ئىلگىرلىمەكتە ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئەپچىللىك بىلەن مىڭىپ يۈرۈپ تاغ ئېغىزىغا تۇتۇشىدىغان يولغا ئەمەس، ئەكسىچە تاغ چوققىسىغا چىقىدىغان خەتەرلىك يولغا كىرىپ قاپتۇ. مېنىڭ ئويۇمچە بولسا تاغ ئېغىزىدىن مىڭىپ جىلغىغا بېرىپ خەتەردىن قۇتۇلۇش ئىدى. ئاتنىڭ دەل مۇشۇندا خاتا يولغا كىرىپ قىلىشى ھاياتىمنى بىر قىتىم قۇتۇلدۇرۇپ قالدى ھەم مېنىڭ كىيىنكى ئون يىل جەريانىدا غەلىتە، ئەمما ئىنتايىن مەنىلىك ئىشلارنى، ئاجايىپ سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرۈشۈمگە ۋە قورقۇنۇچقا تولغان تەۋەككۈلچىلىك ھايات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈشۈمگە سەۋەپچى بولدى.
        سول تەرەپتىن قوغلاپ كىلۋاتقان قىيا - چىيا ئاۋازنىڭ بارا - بارا  ئاجىزلىشىپ كىتۋاتقانلىقىنى بىلگەن چىغىمدىلا ئاندىن مىنىڭ ئەسلىدىكى بارماقچى بولغان يولغا ماڭمىغانلىقىمنىڭ توغرىلىقىنى چۈشەندىم. بۇ چاغدا مەن ئۇلارنىڭ ئىگىزلىكنىڭ يان تەرەپىدىكى ئوڭغۇل - دوڭغۇل تاش قاتلىمنىڭ سول تەرپى بىلەن قوغلاپ كەتكەنلىكىنى، مېنىڭ ئېتىم مەن ۋە پوۋېلنىڭ جەسىدىنى يۈدۈپ تاش قاتلىمىنىڭ ئوڭ تەرپى بىلەن چىپىپ كىتۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. كىچىك بىر تەكشىلىكتە ئېتىمنىڭ تېزگىنىنى تارتىپ توختاپ، سول  تۆۋەن تەرەپتىكى تاغ يولىغا نەزەر تاشلاپ مېنى قوغلاپ كىلۋاتقانلارنىڭ خوشنا تاغ چوققىسىدا غايىپ بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئىندىئانلار ئۇزۇنغا بارمايلا يولنى خاتا ماڭغانلىقىنى  بىلىشىدىغانلىقى، شۇنداقلا ناھايىتى تېزلا ئىزىمنى تىپىۋىلىپ توغرا يۈلۈنۈشكە قاراپ قايتىدىن مېنى قوغلاپ كىلىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئالدىمدا خېلى تۈز بىر تاغ يولى  ناھايىتى ئېگىز بىر تىك يارغا يېيىلىپ ياتاتتى. مەن ئالدىمغا بىرئاز ماڭدىم. بۇ تاغ يولى كەڭ ھەم تەكشى، يوقىرىغا قاراپ سوزۇلغان بولۇپ، مەن بارماقچى بولغان تەخمىنىي يۈلۈنۈشكە تۇتىشاتتى. ئوڭ تەرپىم ئىگىزلىكى نەچچە يۈز فوت  كىلىدىغان تىك يارغا،  سول تەرپىم  تىك تۈۋەنگە ، چوڭقۇرلىقى يەتتە يۈز فوت كىلىدىغان تاغ جىلغىسىغا تۇتۇشاتتى. مەن تاغ يولىغا قاراپ ئالاھىزەل يۈز يارد ماڭغاندىن كىيىن، تۇيۇقسىز يۈلۈنىشىمنى ئوڭغا جىددى بۇراپ بىر چوڭ تاغ ئۆڭكۈرىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئۆڭكۈرنىڭ ئىگىزلىكى تۆت فوت، كەڭلىكى ئۈچ - تۆت فوت بولۇپ مۇشۇ تاغ يولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئىدى. بۇ چاغ تاڭ سەھەر ۋاقتى بولۇپ، ئارىزونا شىتاتىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان مەنزىرىسى شۇكى تاڭ ئېتىشنىڭ ئالدىدا ھىچقانداق ئالامەت يوق بولۇپ كۈندۈزى تۇيۇقسىزلا يىتىپ كىلەتتى. مەن ئاتتىن چۈشۈپ پوۋېلنىڭ جەسىدىنى يەرگە قويدۇم. جەسەتنى ئىنچىكە كۆزۈتۈپمۇ ھاياتلىقتىن بىشارەت بېرىدىغان بىرەر ئالامەتنى بايقىمىدىم.
       مەن سۇداندىكى سۇنى ئۇنىڭ ئېغىزىغا قۇيۇدۇم، يۈزىگە چاچتىم ھەم ئۇنىڭ ئىككى قولىنى سىيلىدىم. قايتا تىرىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلسەممۇ  يەنىلا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋاقت سەرىپ قىلىپ ئۇنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن جىددى قۇتقۇزدۇم.  مەن پوۋېلغا ناھايىتى ئامراق ئىدىم، ئۇ ھەرقايسى جەھەتلەردىن يىتىشكەن ئەزىمەت، ياخشى تەربىيە كۆرگەن جەنوپلۇق بولۇپ قەتئى، مەرد، سادىق ھەمراھلاردىن ئىدى.  مەن ئىپادىلەش قىيىن بولغان ئىنتايىن چوڭقۇر ئازاپ ئىچىدە ئۇنى داۋاملىق چاقىرىشنى توختاتتىم.  پوۋېلنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرلۈپ تۇرغان بىر پارچە تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويغاندىن كىيىن ئۆڭكۈرگە كىردىم ۋە ئىچىنى كۆزەتتىم. 
        ئۆڭكۈر ئىچىدە چوڭ بىر غار بولۇپ دىئامېتىرى تەخمىنەن يۈز  فوت ، ئىگىزلىكى 30-40 فوت كىلىدىكەن.  تەكشىلەنگىنىگە ئۇزۇن بولغان تۈپتۈز يەر يۈزى، كۆيدۈرۈلگەن ئوتۇننىڭ كۈلى ۋە باشقا قالدۇق نەرسىلەر بۇ يەردە ئىلگىرى ئادەم تۇرغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ئۆڭكۈرنىڭ كەينى تەرپى قاراڭغۇ بولۇپ، باشقا غارلارغا تۇتۇشىدىغان يولنىڭ بار-يوقلىقىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتى.  مەن ئالدىمغا كىتۋىتىپ تاتلىق ئۇيقا كىلۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم. بۇ ئاتلىق ئۇزۇن يول باسقانلىقتىن ھاردۇق يەتكەنلىكى ھەم جەڭ قىلىش ۋە قېچىش جەريانىدىكى زىيادا چارچاشتىن بولۋاتقان ئەكس تەسىر ئىدى. ئۆڭكۈردە تۇرۇپ ئۆزەم يالغۇز  بىر توپ ئاتلىق دۈشمەنگە تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىغا گەپ كەتمەيتتى.  شۇڭا بۇ يەر مەن ئۈچۈن بىرقەدەر بىخەتەر بىلىندى. ئۇزاق ئۆتمەي تاتلىق ئۇيقۇ مېنى ھالسىزلاندۇرۇپ يەردە يىتىپ بىردەم ئارام ئېلۋىلىشتەك كۈچلۈك ئىستەككە قارىشى تۇرۇش چىدامچانلىقىمنى بىتچىت قىلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى.  ئەمما مەن بۇ يەردە ئۇخلىسام ھەرگىز بولمايدۇ.  چۇنكى بۇنداق قىلسام مېنىڭ قىزىل تەنلىكلەرنىڭ قولىدا ئۆلۈشۈم مۇقەررەرلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت ماڭا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى. مەن خۇددى مەست بولۇپ قالغان ئادەمگە ئوخشاش ئۆڭكۈر تاملىرىغا چاپلىشىپ جىسمىمدىكى ئاخىرقى ماغدۇرنى قول - پۇتلىرىمغا يىغىپ ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرلىدىم. لېكىن ئاخىرى يۈزۈم يەرگە قارىغان پىتى تامدىن سىيرىلىپ يىقىلدىم.  

                   ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان تەرجىمىسى

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 12:07:45]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.