ھايات-ماماتلىق ئوقۇش(بىخارد.سىلنېك)

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-05 18:50:08

ھايات-ماماتلىق ئوقۇشئاپتورى:بىخارد. سېىلىنىك قىسقىچە چۈشەندۈرۈش «ئوقۇرمەن» مېشىل ئالبىز ئىسملىك بىر ياش ئۆسمۈر. ئالبىز ئۇ ئون بەش ياش ۋاقتىدىكى شۇ يىلىدا، تاساددىپىي بىر 36 ياشلىق خەننا بىلەن ت...

    ھايات-ماماتلىق ئوقۇش
    ئاپتورى:بىخارد. سېىلىنىك

     

    قىسقىچە  چۈشەندۈرۈش

    «ئوقۇرمەن» مېشىل  ئالبىز  ئىسملىك   بىر ياش ئۆسمۈر.   ئالبىز ئۇ ئون بەش ياش ۋاقتىدىكى شۇ يىلىدا، تاساددىپىي بىر 36 ياشلىق خەننا بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. خەننا ئۇنىڭ ئاپىسى بولۇپ قالغىدەكلا ئايال ئىدى. لېكىن ئۇلار يوشۇرۇنچە ئاشنا بولۇپ قالدى. ئۇلار ئادەتتىكى نورمال جىنسىي مۇناسىۋەتتىنمۇ ھالقىغان ئىدى، تېخىمۇ قورقۇنچلىق بولغىنى خەننا ئاپتوبۇستا بېلەت ساتقۇچى بولۇپ، ناتسىست ۋاقتىدا، كىشىنىڭ خىيالىغىمۇ كېلىپ باقمىغان سېسىق نامى پۇر كەتكەن جازا لاگىرىنىڭ ئايال كۆزەتچىسى ئىدى. خەننا ئۆزىنىڭ بۇ تارىخىنى ئالبىزدىن يوشۇرغان ھەمدە تويۇقسىز يوقاپ كەتكەن. ئالبىز قانۇن فاكولىتتېنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن سوتتا پىرانكانت قىلغان مەزگىلىدە، ھۆكۈم چىقارغان ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ بىرى دەل خەننا بولۇپ چىققان. لېكىن ئالبىز ئۆزىنىڭ خەننا ناھايىتى چوڭقۇر سۆيىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. بۇ دەل كىشىنىڭ يۈرىكىنى تىتىرىتىدىغان ۋاقىت ئىدى.

    «ھايات-ماماتلىق ئوقۇش» تا  كىيىم-كېچەك، ئوزۇق-تۈلۈك تولۇق، خاتىرجەم زاماندىكى ئوتتۇرا بۇرژىئازىيە مەسىلىسىنىڭ يادروسىغا قارىتىلغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆپ مەنالىق ۋە كەڭ كۆلەملىك رېزونانىس خارەكتېرلىق ھېكايىلەر جۇشقۇن كەيپىيات بىلەن ئوقۇلۇشقا مۇيەسسەر بولدى. ئۇنىڭ نەتىجىسى تولىمۇ ئالاھىدە. كېيىن ئالبىز خەننانىڭ بىر ساۋاتسىز ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. خەننانىڭ پەقەت ئۆزىنىڭ ساۋاتسىزلىقىنىڭ ئاشكارلىنىپ قىلىنىشىدىن نومۇس قىلىپ ھەربىيىلىككە قاتناشقانلىنى بىلدى. بىراق ئالبىز ئاخىرى بىر قارارغا كېلىپ، خەننا تۈرمىدىن چىققاندا ئالدىغا بارغاندا،  خەننا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئىدى.

    بۇ بىر كىشىنى ناھايىتى تەسىرلەندۈرىدىغان ھېكايە. ئۇ ئىلگىرىكى قەلبىدە چىڭ ساقلانغان مۇھەببەتنىڭ كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگىدەك شەكىلدە راۋاجلىنىپ، بىر كەچۈرۈم قىلغىلى بولمايدىغان تارىخنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن، قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى مەلۇم بىر ئورۇنغا ساقلىنىپ قىلىپ، مەڭگۈ-مەڭگۈلۈك بىر يوقالماس جاراھەتكە ئايلىنىپ قالدى. پۇشايماندىنمۇ بەكىرەك كىشىنى يۈرىكىنى ئېزىدىغان بۇ ناھايىتى تېزلا 25 دۆلەتتە  بازىرى ئىتتىك بولغان بۇ كىتاپ ناھايىتىمۇ كىچىك، ھەم قىسقا،  شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كەلگىنى لەرزىگە كەلتۈرۈش! كىشىنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرىدۇرۇش! تۇنجۇقتۇرۇش! ئەگەر كىتاب ئوقۇشتىكى ھوزۇرلىنىشتا  يۇلتۇز دەرىجىسى قويۇلۇشقا توغرا كەلسە، بۇ شەكسىز بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك ھېكايە بولالايدۇ.

    بىرىنچى بۆلۈم

    1-   بۆلەك

    مەن ئون بەش ياشقا كىرگەن يىلى ئال كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم. كېسەل قوزغالغان ۋاقىت كۈز پەسلى ئىدى. ئەتىيازدا ساقىيىپ بولدۇم. يىل ئاخىرىلاشقانسېرى، كۈنلەر بارغانسېرى سوۋۇپ كەتتى.  مېنىڭ سالامەتلىكىم بەك ئاجىز ئىدى، يېڭى يىل كىرسە ياخشىلىنىپ قالاتتىم. بىرىنچى ئاينىڭ ھاۋاسى تولىمۇ ئىللىق، ئاپام ماڭا پىشايۋانغا بىر كارىۋات قويۇپ بەرگەن ئىدى. مەن ئاسماننى، قۇياشنى، بۇلۇتلارنى، يەنە تېخى كىچىك بالىلارنىڭ ھويلىدا ئويناۋاتقانىلىقىنى كۆرەلەيتتىم. ئىككىنچى ئاينىڭ ئىچىدىكى بىر يېرىم كېچىدە، مەن بىر قاغىنىڭ ناخشا ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.

    بىزنىڭ ئۆي گۈللەر كوچىسىدىكى بىر ئەسىر ئالماشقان ۋاقىتتا سېلىنغان ناھايىتى چوڭ بىنانىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدە ئىدى. مېنىڭ بۇيەردىكى ماڭىدىغان بىرىنچى بۆلەك يولۇم گۈللەر كوچىسىدىن پويىز ئىستانسىسى كوچىسىغىچە ئىدى. ئونىچى ئاينىڭ بىر دۈشەنبە كۈنى، مەكتەپتىن قايتىۋاتقان يولۇمدا، مەن ياندۇرىۋەتتىم. نەچچە كۈندىن بېرى،  مېنىڭ سالامەتلىكىم شۇنداق ئاجىزلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۆمرۈمدە ئۇنداق بەك ئاجىزلىشىپ باقمىغان. ھەر بىر قەدىمىمنىمۇ ئېلىش ئۈچۈن شۇنچىلىك  قىينىلاتتىم. ئۆيىمىزنىڭ ياكى مەكتەپنىڭ پەلەمپەيگە چىققاندا، پۇتۇمنى ئاساسەن كۆتىرەلمەي قالاتتىم. ئىشتىھايىم تۇتۇلۇپمۇ قالمىغان، لېكىن قۇرسىقىم شۇنداق ئېچىپ تاماق ئۈستىلى ئالدىغا كەلسەملا، ناھايىتى تېزلا ياندۇرىۋېتەتتىم.

    ئەتىگىنى ئورنۇمدىن تۇرغاندا، ئېغىزلىرىم قۇرۇپ، پۈتۈن ئەزايىم بىئارام بولۇپ، ىۇددى تېنىمدىكى ئەزا خاتا يۆتكىلىپ قالغاندەك قىلاتتى. مېنىڭ سالامەتلىكىم شۇنچىلىك ناچار ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەن ناھايىتى خىجىللىق ھېس قىلىپ كېتەتتىم. بولۇپمۇ مەن ياندۇرغان ۋاقتىمدا. مېنىڭ ئۇنداق ياندۇرىشىم ئۆمرۈمدە تېخى بىرىنچى قېتىم ئىدى. مەن ئامال بار ئاغزىمدىكى يۇتىۋېتەتتىم. ئاستىنقى لىۋىمنى ناھايىتى چىڭ چىشلىۋالاتتىم. قولۇمدا ئاغزىمنى ئېتىۋالاتتىم. بىراق ئاغزىمدىكى نەرسىلەر قولۇم تەرەپكە پۈركىلىپ چىقاتتى. مەن تامغا يۆلىنىپ پۇتۇمنىڭ يېنىدىكى مەينەت قۇسۇقلارغا قاراپ يەنە ياندۇرۇپ كېتەتتىم.

    مېنى يۆلىۋالغان ئۇ ئايال، ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرى شۇنداق قوپال ئىدى. ئۇ مېنىڭ بىلىكىمنى قولتۇقلىۋېلىپ، بىر  قاراڭغۇ  پىشايۋاندىن ئۆتكۈزۈپ، بىر ھويلىغا ئېلىپ كىردى. ھويلىدا دېرىزىلەر ئارىسىدا ئارغامچا تارتىپ قويۇلغان. ئۇنىڭغا قۇرۇتىلىدىغان كىيىملەر ئارتىلغان ئىكەن. ھويلىدا يەنە بىر دۆۋە ئوتۇن دۇگلانغان ئىدى. بىر ئېغىزلىق ئۈستى ئوچۇق لاپاستا، بىرەيلەن ياغاچ كېپىكىنى چاچىرىتىپ ياغاچ ھەرىدەۋاتاتتى. ھويلا ئىشىكىنىڭ يېنىدا بىر سۇ تۇرىبىسى بار ئىكەن، ئۇ ئايال تۇرۇبىنى ئېچىپ، ئاۋۋال مېنىڭ قولۇمنى  يۇيۇپ قويدى. ئاندىن قولىغا سۇ تولدۇرۇپ يۈزۈمنى يۇيۇپ قويدى.  مەن قولياغلىقتا يۈزۈمنى ئېيتىپ قۇرىتىۋالدىم.

    «سەن يەنە بىرىنى كۆتىرىۋال!» سۇ  تۇرۇبىسىنىيڭ يېنىدا ئىككى سۇ چىكلىكى بار ئىدى.  ئۇ  بىرنى ئېلىپ، لېىق سۇ چۈشۈردى. مەنمۇ يەنە بىرىنى ئالدىم ئۇنىڭغىمۇ لىق سۇ چۈشۈردۈم. مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم. ئۇ ناھايىتى كۆچەپ سۇنى تۆكۈپ ھېلىقى قۇسۇقلارنى يۇندى يولىغا ئاقتۇرۋەتتى. ئۇ مېنىڭ قولۇمدىكى چېلەكنى ئېلىپ يەنە يولغا چاچتى. ئۇ ئۆرۈلۈپلا، مېنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ قالدى. « ھەي سېنى » ئۇ ھەيرانلىق بىلەن « ھەي سېنى »  ئۇ مېنى باغرىغا باستى. مېنىڭ بويۇم ئۇنىڭ بىلەن تەڭ دىمەتلىك ئىكەن. ئۇنىڭ كۆكسىنىڭ مېنىڭ مەيدەمگە چاپلاشقىنىنى ھېس قىلدىم. مۇشۇنداق چىڭ قۇچاقلاشقاندا مەن ئۆزۈمنىڭ  سېسىق  تىنىقىم بىلەن ئۇنىڭ تېنىدىكى يېڭى ساپ تەر پۇرىقىنى پۇرىدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ ئىككى بىلىكىمنى قەيەرگە قويىشمنى بىلەلمەي قالدىم. مەن يىغلاشنى توختاتتىم.

    ئۇ مەندىن مېنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىمنى سورىدى، ئاندىن سۇ چېلىكىنى  پىشايۋاننىڭ ئاسىتىغا قويۇپ قويۇپ، مېنى ئۆيگە ئەكىلىپ قويدى. ئۇ مېنىڭ يېنىمدا مېڭىۋاتاتتى.  بىر قولىدا مېنىڭ سومكامنى كۆتىرىۋالغان، بىر قولىدىغا مېنىڭ بىلىكىمدىن يۆلىۋالغان ئىدى.  پويىز ئىستانسىدىن گۈللەر كوچىسىغا ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى. ئۇ ناھايىتى تېز ماڭاتتى. ناھايىتى كەسكىن. بۇنداق بولغاندا مەن ئۇنىڭ قەدىمىگە ناھايىتى ئاسانلا يېتىشىۋالاتتىم. بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدا ئىككىمىز ئۆز-ئارا خۇشلاشتۇق. دەل مۇشۇ كۈندە ئاپام دوختۇر چاقىرىتىپ كەپتۇ. ئۇ مېنى ئال كېسلىگە گىرىپتار بولدى دەپ دىئاگنوز قويدى. قاچانلاردىن ئاپامغا ئۇ ئايالنىڭ گىپىنى قىلغانلىقىمنى بىلمەيمەن، مەن ئۇنى بېرىپ يوقلاپ قويۇشنى ئويلىماپتىمەن، بىراق ئاپام مېنىڭ شۇنداق قىلىشمنى ئورۇنلۇق دەپ قارىدى. ئۇ ماڭا پەقەت ئىمكانيەتلا بولىدىكەن، مەن ئۆزۈمنىڭ يىغقان پۇللىرىمغا بىر دەستە گۈل سېتىۋىلىشىمنى، ئاندىن ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىشىمنى ئېيتتى. مانا مۇشۇنداق قىلىپ،  مەن ئىككىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدا  پويىز ئىستانسىسى كوچىسىغا باردىم.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.