ئىبراھىمنىڭ ھېكايىسى(مونتىسكىيۇ)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-03-03 21:14:34

ئىبراھىمنىڭ ھېكايىسى مەزكۇر ئەسەر داڭلىقمۇتەپەككۈر مونتىسكىيۇنىڭ پارىس مەكتۇپلىرى ناملىق ئەسىرىنىڭ ئىبراھىمنىڭ ھېكايىسى ناملىق بابىدىن ئېلىندى شايبانخان دەۋرىدە پارىستا سۈمەن دەپ ئاتىلىدىغا...

    ئىبراھىمنىڭ ھېكايىسى
    مەزكۇر ئەسەر داڭلىق مۇتەپەككۈر مونتىسكىيۇنىڭ پارىس مەكتۇپلىرى ناملىق ئەسىرىنىڭ ئىبراھىمنىڭ ھېكايىسى  ناملىق بابىدىن ئېلىندى

     

       شايبانخان دەۋرىدە پارىستا سۈمەن دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئايال بولغان ئىكەن. ئۇ مۇقەددەس «قۇرئان»نى ياد بىلىدىكەن. ئۆز زامانىسىدا مۇقەددەس پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەدىسلىرىنى ھىچكىم بۇ ئايالدەك پۇختا بىلمەيدىكەن. ئەرەپ ئۆلىمالىرىنىڭ ھەرقانداق ساختىپەزلىكلىرىنى بۇ ئايال ناھايىتى ئاسانلا بىلىۋالىدىكەن. ئۇنىڭ بىلىمى مول بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئىنتايىن خۇشخۇي بولۇپ، باشقىلار ئۇنىڭ سەنئەت ھەۋەسكارى ئىكەنلىگى ياكى سەنئەت ئۇستازى ئىكەنلىگىنى ئايرىيالمايدىكەن.
         بىر كۈنى، ئۇ ئۆز ھەمرالىرى بىلەن ئارقا ھويلىنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپتۇ. ھەمرالىرى ئۇنىڭدىن ئۆلگەندىن كېيىن قانداق ئەھۋاللار بولىدىغانلىغىنى، ئۆلىمالار سۆزلەپ يۈرگەن جەننەت پەقەت ئەرلەرگىلا خاس بولىدۇ دىگەنلەرگە ئىشەنگىلى بولىدىغان ـ بولمايدىغانلىغىنى سوراپتۇ.
        «بۇ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ تەسەۋۋۇرى، ـ دەپ چۈشەندۇرۇپتۇ ئۇ ئايال ھەمرالىرىغا ۋە داۋاملاشتۇرۇپتۇ، ـ كىشىلەر بىز ئاياللارنى ئارتۇقچە خارلىماسلىغى كېرەك. پارىسنىڭ ھەممىلا جايلىرىغا تارقاپ كەتكەن «جوھۇتلار»دەپ ئاتىلىدىغان بىر مىللەت بار، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس كىتاپلىرىدا ئېتىلىشىچە بىز ئاياللاردا روھ ـ ۋىژدان بولماسمىش.
       بۇنداق ھاقارەتلىك كۆز قاراشلار ئەرلەرنىڭ غۇرۇرىدىن كەلگەن بىر نەرسە خالاس. ئەرلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇستۈنلۈك ـ ئەۋزەللىكلىرىنى تاكى ئۆلگىچە ساقلاپ قېلىشنى ئويلايدۇ. ئەمما «ئاخىر زامان»بولغاندا بارلىق ئەرۋا ـ روھلار ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان قىياپەتتە ئاللا تائالا ئالدىدىدا ھازىر بولىدىغانلىغىنى، ئۇلاردا ئۆزلىرى قىلغان ساۋاپلىق ئىشلاردىن باشقا ھىچقانداق تايانچ بولمايدىغانلىغىنى ئويلىمايدۇ.
       ئاللانىڭ شاپائىتى چەكسىز. مەيلى ئەرلىك ئىقتىدارىدىن قالغان ئەرلەر بولسىمۇ ئەگەر ئۇلار ھايات ۋاقتىدا بىزنىڭ ئۇستىمىزدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقىنى كەلسە ـ كەلمەس ئىشلىتىپ بىزگە ئازار يەتكۈزمىگەنلا بولسا ئۇلار جەننەتكە كىرەلەيدۇ. جەننەت گۈزەل ھور ـ پەرىلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. ئۇلار شۇنچىلىك گۈزەلكى، مۇبادا ئۇلارنى بۇ ئالەمدىكى ئەرلەر كۆرەلىگەن بولسا ئەرشكە چىقىپ ئۇلار بىلەن بىرگە بولۇش ئۈچۈن دەرھال ئۆزىنى ئولتۇرۇشۇۋالغان بولاتتى. ئاياللارمۇ شۇلارغا ئوخشاش بۇ دۇنيادا ئەخلاقلىق بولۇپ ئۆتسە جەننەتكە كىرىدۇ. ئۇ يەردە ئۇلارغا ئەرشتىكى پەرىشتىلەر ھەمرا بولۇپ، پۇتمەس ـ تۈگمەس خوشاللىق ئىچىدە يۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىنىڭ ئارقا ھويلىسى بولىدۇ. ئۇلار ئۇ يەرگە ئەرلەرنى قامايدۇ.  بۇ ئەرلەرگە نەچچىلىگەن ئاختا قۇللار ـ يەنى بىزنىڭ ئاختا قۇللىرىمىزدىنمۇ ساداقەتمەن بولغان ئاختا قۇللار ئۇلارنى نازارەت قىلىدۇ.
       مەن بىر ئەرەپ كىتاۋىنى ئوقۇغان ئىدىم. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ئادەم چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ھەسەتخور، ئىبراھىم دىگەن بىر ئادەم ئوتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ بىر ـ بىرىدىن گۈزەل ئون ئىككى خوتۇنى بار ئىكەن. ئۇ خوتۇنلىرىغا بەكمۇ يىرتقۇچلارچە مۇئامىلە قىلىدىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاختا قۇللىرى ھەم ئارقا ھويلىنىڭ ئىگىز تاملىرىغىمۇ ئىشەنمەي ئون ئىككى خوتۇنىنى ھەر كۈنى دىگۈدەك ئۆيلەرگە قۇلۇپ سېلىپ قاماپ قويۇپ سىرتقا چىقارمايدىكەن. بىر ـ بىرى بىلەن كۆرۈشتۈرمەيدىكەن. چۈنكى ئۇ توغرا نىيەتلىك دوستلۇققىمۇ ھەسەتخورلۇق قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ھەر بىر ھەركىتىدىن زوراۋانلىق تەبىئىتى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدىكەن. ئۇ ئەزەلدىن يۇمشاق سوز قىلىپ باقمىغان بولۇپ ھەر قانداق كىچىككىنە ئىشىدىمۇ ئاياللارنى قۇل قىلىشنى كۈچەيىشنى ئويلايدىكەن.
       بىر كۈنى، ئۇ ئاياللىرىنى ھويلىسىدىكى چوڭ ھوجرىغا يىغىپتۇ. شۇ چاغدا ئاياللارنىڭ ئىچىدە باشقىلارغا قارىغاندا يۇرەكلىكلرەك بىرسى ئىبراھىمنىڭ قەبىس ھەركىتىنى ئەيىپلەپ مۇنداق دەپتۇ: ئادەم باشقىلارنى قورقۇتىمەن دەپ قانچە ئۇرۇنغانسېرى ئۇنىڭ نەتىجىسى ئۆزىگە ئۆچمەنلىكنى شۇنچە قوزغاچقا ئېلىپ كېلىدۇ. بىزنىڭ ئازاۋىمىز چەكتىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. بىز مۇنداق  ھالەتنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىمىز. باشقىلار مېنىڭ ئورنۇمدا بولغاندا ئۇلار سېنى قاغاپ ئۆلۈمىڭنى تىلىگەن بولاتتى. ئەمما مەن سېنىڭ ئۆلۈمىڭنى ئەمەس ئۆزەمنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەيمەن. سېنىڭ بىلەن ھاياتلىغىمدا ئايرىلىشىمغا كۆزۇم يەتمەيدۇ. پەقەت ئۆلۇپلا ئايرىلىش مۇمكىن، سېنىڭدىن ئۆلۈپ بولسىمۇ ئايرىلالىسام بۇنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن تازىمۇ لەززەتلىك بولغان بولىدۇ. ئەسلىسىنى ئېيتقاندا بۇ سۆزلەر ھىلىقى ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئەكسىچە ئۇنىڭ ۋەھشىلىگى تېخىمۇ ئەۋجگە كۆتىرىلىپتۇ. ئۇ قىلچىنى قېپىدىن سۇغۇرۇپ ھىلىقى ئايالنىڭ يۇرىگىگە سانچىپتۇ. قەدىرلىك يارەنلىرىم، ـ دەپتۇ ھىلىقى ئايال جان ئۈزۈۋېتىپ. ـ ئەگەر تەڭرىم ماڭا رەھىم ئەيلىسە، سىلەرنىڭ ئىنتىقامىڭلار چوقۇم ئېلىنماي قالمايدۇ، ئۇ شۇنداق دەپتۇ ـ دە، ئۆزىنىڭ تەلەيسىز جېنىدىن جۇدا بوپتۇ، ئۇ ھايات چېغىدا ھالال ياشىغانلىغى ئۈچۈن ئۆلگەندىن كېيىن جەننەتكە كىرىپتۇ ھەم ئۇ يەردە ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بەختكە مۇيەسسەر بوپتۇ.
        ئۇ دەسلەپتە بىر چىمەنزارنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇ يەردە كۈلۈپ ئېچىلغان رەڭگا ـ رەڭ گۈل ـ چېچەكلەر چىمەنزارنىڭ ھۆسنىگە سۆسۈن قوشۇپتۇ. ئېرىقلاردا مەرۋايىتلاردىنمۇ سۈزۈك ھەم پاكىز سۇلار تولغىنىپ ئېقىپ تۇرىدىكەن. ئۇ يەنە كىشىنى مەس قىلىدىغان بىر ئورمانغا كىرىپتۇ. ئۇ يەردىكى كۆڭۈللۈك جىمجىتلىقتا پەقەت خەندان ئۇرۇپ سايراۋاتقان بۇلبۇللارنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن، ئۇ يەنىمۇ ئالدىغا ماڭغان ئىكەن، ئېسىل ـ قىممەتلىك گۈل ـ چېچەكلەر بىلەن بېزەلگەن باغچا ئۇچراپتۇ، بۇ باغچا شۇنچىلىك گۈزەلكەنكى،تەبىئەت دۇنياسىدىكى باغچىلار  ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان ئاددى نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بىر قەسرىگە كىرىپتۇ. بۇ قەسىر ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاتالغان بولۇپ ئۇ يەر ئۇنىڭ خالىغانچە كۆڭلىنى ئېچىشى ئۈچۈن ئەرشتىكى ئەرلەر بىلەن يېتەرلىك تولدۇرۇلغان ئىكەن.
        بۇ ئەرلەرنىڭ ئىچىدە ئىككىيلەن دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا يېتىپ كېلىپ ئۇنى يېشىندۇرۇپ قويۇپتۇ. باشقا ئەرلەر ئۇنى ئاۋايلاپ چۆمۈلدۈرۈپتۇ ھەمدە يۇيۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ پۇراقلىق خۇش بۇيلارنى چېچىپتۇ. ئارقىدىن ئۇنىڭغا ئاجايىپ يېڭى كىيىم ـ كېچەكلەرنى كىيدۇرۇپتۇ. بۇ كىيىم ـ كېچەكلەر ئالدىدا ئۇنىڭ بۇرۇنقى كىيىم ـ كېچەكلىرى ئىنتايىن كۆرۈمسىز نەرسىلەرگە ئايلىنىپتۇ. ئاندىن ئۇنى باشلاپ چوڭ بىر سارايغا ئېلپ بېرىپتۇ. ئۇ ساراينىڭ ئوتتۇرىسىغا زەيتۇن ئوتۇنلىرىدىن گۈلغان يېقىلغان بولۇپ، ئەتراپى ئاجايىپ مۆجىزىلىك نەرسىلەر بىلەن بېزەلگەن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ خوشاللىغىنى يۈكسەك دەرىجىدە قوزغايدىغان نەرسىلەر ئىكەن: بىر تەرەپتە ئىنتايىن يېقىملىق ھە تەسىرلىك ئەرش ناخشا ـ سازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن، يەنە بىر تەرەپتە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش ئۈچۈن ئەرش ئەرلىرى كارامەتلىك ئۇسۇللارنى ئويناپ تۇرىدىكەن. مۇشۇنداق شات ـ خوراملىق ئۇنىڭغا سېزىلمەي ئۆتۈپ ئۇنى تېخىمۇ ئاجايىپ شاتلىق ھەم خوشاللىق ئىلكىگە ئېلىپ كىرىدىكەن؛ ئاندىن ئۇنى ساراينىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ بارىدىكەن ھەمدە يەنە بىر نۆۋەت يېشىندۇرۇپ، پەپىلەپ ئاجايىپ ياسىداق ـ ئىسىل تۇشەكنىڭ ئۈستىگە ياتقۇزۇپ قويىدىكەن. ئۇ يەردە ئۇنى جامالى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ئىككى ئەر قۇچىغىنى ئېچىپ كۇتۇۋالىدىكەن. بۇ چاغدا ئۆز تەسەۋۇرىدىكىدىنمۇ بەكرەك شاتلىق ئىلكىدە تامامەن مەس بولۇپ كېتىدىكەن ۋە ھىلىقى ئەرلەرگە: مەن ھازىر ئۆزەمنى پۇتۇنلەي يوقىتىپ قويدۇم، ئەگەر مەن بۇ يەردىمۇ ئۆلۈش مۇمكىن بولغاندا ئىدى، مەن خوشاللىقىتىن قىن ـ قىنىمغا پاتماي ئۆلۈپ كەتكەن بولاتتىم. ئەمدى بەس. مې نى ئۆز ئەركىمگە قويۇڭلار. قاتتىق خوشاللىق مېنى بەك چارچىتىۋەتتى.چىن سۆز سىلەر مېنىڭ جىسمىمنىڭ تىنچلىنىشىغا ئىمكان بېرىڭلار.مەن نەپەس ئالاي. كەيىپىم ئۆز گسلىگە كەلسۇن. بۇ قانداق گەپ، ئۇلار شامداننى ئېلىپ كەتتىمۇئ مەن نېمە ئۈچۈن سىلەرنىڭ مۇقەددەس جامالىڭلارنى كۆرەلمەيمەن؟ نىمە ئۈچۈن كۆرەلمەيمەن؟... ھوي راست، سىلەرنى كۆرۈشۈمنىڭ يەنە نىمە ھاجىتى بار؟ سىلەر ماڭا ئەينى زامانلاردىكى شاتلىق تەنتەنەمنى ئاتا قىلدىڭلار. ئاھ، پەرۋەردىگار! مەن مەڭگۈگە مۇشۇنداق ياشايدىغان ھەمدە سىلەر بىلەن ئەبەدى بىرگە ھايات كەچۈرىدىغان بولامدىم؟ مەن راستىنلا شۇنداق بولىمەنما؟ .... ياق، مەن سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن. چۈنكى سىلەر مېنىڭ بىلىشىمچە مەڭگۈگە كىشىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدىغان كىشىلەر سىلەر. دەيدىكەن.
        شۇنداق قىلىپ ئۇ قايتا ـ قايتا تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىنلا ئەرلەر ئاخىرى ئۇنىڭغا بوي سۇنۇپتۇ. بۇنداق بوي سۇنۇش پەقەت ئۇ ناھايىتىمۇ قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغان چاغدىلا بوپتۇ. ئۇ ھوزۇرلىنىپ ئارام ئېلىپ،  ئۇلارنىڭ قۇچىغىدا شىرىن ئۇيقۇغا كېتىپتۇ. بىر مەھەل ئۇخلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھاردۇغى چىقىپتۇ. ئۇ ئىككى قېتىم سويۇلگەن ئىكەن، بىردىنلا قايتا تېتىكلىشىپ، كۆزىنى ئېچىپتۇ ۋە شۇنداق دەپتۇ: «مەن بەكمۇ خاتىرجەمسىزلىنىۋاتىمەن، يەنى مەن سىلەرنىڭ مېنى ياخشى كۆرمەي قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەۋاتىمەن» ئۇنىڭ مۇشۇنداق دىلىغۇللۇق ئىچىدە ئۇزۇن تۇرۇپ قالماسلىغى ئۈچۈن ھىلىقى ئەرلەر ئۇنىڭ تەلىۋىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئورۇنلايدىغانلىغىنى بىلدۇرۇپتۇ ھەم ئېنىق چۈشەندۈرۈپتۇ. شۇندىلا ئۇ ئۈنلۈك ئاۋازدا: «مەن ئەمدى چۈشەندىم. كەچۈرۇڭلار، مېنى كەچۈرۈڭلار! سىلەرنىڭ ساداقىتىڭلارغا ئىشەنچىم كامىل. سىلەر گەرچە ئۈن ـ تىنسىز تۇرساڭلارمۇ لېكىن سىلەرنىڭ مىڭ ئېغىز سۆزدىن ئەلا تۇرىدىغان ئەمىلىي ھەركىتىڭلار بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. سىلەرگە راستىنى ئېيتسام. بۇ چىن گەپ: ئەزەلدىن ھىچقانداق كىشىلەر بىر بىرىنى بۇنداق ياخشى كۆرۈشكەن ئەمەس، بىراق بۇ قانداق بولغىنى! ئىككىڭلار مېنى تەڭلا تالاشقىنىڭلار نىمىسى، بۇ ئىككىڭلاردىن قايسىڭلار مېنى قايىل قىلالايسىلەر؟ ئاھ!ې ئەگەر ھەر ئىككىڭلار مېنى تالىشىشنى توختاتمىساڭلار. ئەگەر سىلەر مېنى كاردىن چىقىرىپ، خوشال بولۇشنى ئىزلىسەڭلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەرنىڭ جاسارەتلىك ھەركەتلىرىڭلار كېلىپ قوشۇلسا ئۇ چاغدا مەن تۈگىشىمەن: سىلەر چوڭقۇم غالىپلاردىن بولىسىلەر، پەقەت مەن سىلەرنىڭ غالىبىيىتىڭلار ئۈچۈن مىسلىسىز يۇقۇرى بەدەل تۆلىگەن مەنلا مەغلۇپ بولغان بولىمەن.
       بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تاڭ ئاتقاندىلا ئاندىن توختايدىكەن. ئۇنىڭ سادىق ھەم سۈيۈملۈك قۇللىرى سارايغا كىرىپ كېلىدىكەن ـ دە، ھىلىقى ئىككى ياشنى تۇرغۇزۇپ ئېلىپ كېتىدىكەن ھەمدە ئىككى قېرى ئۇلارنى ئاپىرىپ قاماپ قويىدىكەن. ئاندىن ئۇنى تۇرغۇزۇپ كىيىندۇرۇپ خۇددى بۇتپەرەسلەرنىڭ ئوردىسىدىكى قۇنچاقلاردەك ياسايدىكەن. بىرئازدىن كېيىن چىرايلىق كىيىملەر بىلەن قايتا بېزەيدىكەن. شۇ كېچچىسى ئۇ تىخىمۇ گۈزەللىشىپ، جىسمى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، ھوسنى ـ جامالى تېخىمۇ زىلۋالىشىپ كېتىدىكەن. كۈننىڭ ھەممىسى ئۇسۇل كۆرۈش، ناخشا ـ ساز ئاڭلاش، زىياپەتكە قاتنىشىش، تاماشا قىلىش، سەيلە ئۆتكۈزۈش بىلەن ئۆتىدىكەن ھەمدە بۇ ئانايىس تۇرۇپ ـ تۇرۇپ خوپىيانە يوقاپ كېتىدىكەن ـ دە، ھىلىقى ئىككى ياشنىڭ قېشىغا بارىدىكەن. ئۇ، ئۇلار بىلەن بەختلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەندىن كېيىن يەنە كىشىلەرنىڭ توپىغا كېلىپ قوشۇلىدىكەن. بۇ چاغدا ئۇنىڭ چېھرىسى تېخىمۇ يارقىنلىققا چۆمكۈلىدىكەن. ئاخىرىدا ئالەم گۇگۇم لىباسىنى كىيىپ ھىچكىم كۆرۈنمەيدىغان بولىدىكەن. ئەسلىدە ئۇ شۇ پەيتتە ئارقا ئوردىغا قامالغان ھىلىقى ئەبەدىلىك ھەمرالىرى بىلەن ئوزئارا تونۇشىدىكەن؛ ئۇ يەنە ئەڭ يوشۇرۇن، ئەڭ سېھىرلىك بولغان بۇ جايدا ئۆزىنىڭ ئەللىك نەپەر كارامەتلىك قۇل ھەمرالىرىنىڭ ئاجايىپ چىرايلىق ھوجرا ـ ئۆيلىرىنى كۆزدىن كوچۇرىدىكەن. تۇن بويى ئۇ بۇ ھوجرىدىن ئۇ ھوجرىغا ئۆتكەندە ھەممىلا يەردە بىر ـ بىرىگە زادىلا ئوخشاشمايدىغان بىراق ئەبەدى بىر خىل بولغان ئىززەت ـ ھۆرمەتكە نائىل بولىدىكەن.
        بۇ قېرىماس ئاناسيىس كۈنلەرنى مانا مۇشۇنداق ئۆتكۈزەر ئىكەن. ئۇ بەزىدە ئاتەشتەك قىزىق خوشاللىق ئىچىگە ۋە بەزىدە تىپ ـ تىنچ ھۇزۇرلىنىش ئىلكىگە چومۇدىكەن ياكى بەزىدە چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىززەت ـ ھۆرمىتىگە نائىل بولسا، يەنە بەزىدە شات ـ خوراملىق بىلەن تولغان بۇ قەسىردىن چىقىپ دالىلاردىكى غارلارنى تاماشا قىلىدىكەن. ئۇنىڭ قەدىمى نەگىلا يەتسە شۇ يەردە گۈل ـ چېچەكلەر پۆرەكلەپ ئېچىلىپ، خىلمۇ ـ خىل شاتلىق ـ شادىمانلىق ئۇنى قۇچۇپ ئالىدىكەن.
        ئۇ مۇشۇنداق بەخت ئىچىدە بىر ھەپتىدىن ئوشۇقراق ياشاپتۇ. بۇ كۈنلەر مابەينىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى شاتلىق ئۇنى ھىچقانداق ئوي ـ خىيالغا ئەسىر قىلماپتۇ. ئۇ بەختتىن ھوزۇرلىنىدىكەنۇ لېكىن ئۇ بەختنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىكەن. ئۇ بۇ كۈنلەردە ئۆزىنىڭ روھىي ـ ھالىتىنى تەكشۇرۇپ چىقىشقا ھەمدە قىزغىنلىق بىلەن سوغۇرۇلغان جىمجىتلىق ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا سەل ـ پەلمۇ ئىمكان بولماپتۇ. چۈنكى خوشاللىق پەرىشتىلىرى ئۇنى ئادەتتىن تاشقىرى شاتلىققا چۆمدۇرگەندە، روھىي جەھەتتىكى ئەركىنلىك بەك ئاز بولىدىكەن. شۇڭا، ئۇلار كۆز ئالدىدىكى ئىشلارنى دەخلىسىزلەندۇرۇپ، بۇرۇنقى ئىشلارنى تامامەن ئەستىن چىقىرىۋېتىدىكەن. ئۇلار پانى ئالەمدە تونۇشقان ياكى مۇھەببەتلەشكەن ئىشلارنىڭ ھىچقايسىسى ئۇلارنى ئوكۇندۇرمەيدىكەن.
       بىراق، ئانايىس ھەقىقى پەيلاسوپقا ئوخشاش ئوي ـ پىكىرلىك بولۇپ، پۈتكۈل ئۆمرىنى چوڭقۇر تەپەككۈر ھەم مۇلاھىزە بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىكەن. ئۇنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ئادەتتىكى ئاياللارنىڭ تەپەككۇرىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەن ئىكەن. بۇرۇن ئۇنىڭ ئېرى ئۇنى قاتتىق تۇتقان ھەم يوشۇرۇن ساقلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭمۇ بىر ياخشى تەرىپى بولغان ئىكەن. ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ مەنىۋى كۈچنى نابۇت قىلالمىغانلىغى ئىكەن. ئۇ مانا مۇشۇنداق مەنىۋى كۈچكە ئىگە بولغاچقا، ئۇنىڭغا زەربە بەرگەن ھەمرالىرىنىڭ خىلمۇ ـ ئىىل ۋەھىمىلىرىگە پىسەنت قىلماي، ئولۇمنى مەڭسىتمەي ياشاپتۇ ھەمدە ئولۇم ئاقىۋەت ئۇنىڭ ئازاپ ـ ئوقۇبەتلىرىنىڭ چېكى ھەم بەختنىڭ باشلىنىشى بولىدىغانلىغىغا ئىشىنىپتۇ.
        شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارا ـ بارا شات ـ خوراملىقنىڭ شەرۋىتىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، قەسىرنىڭ بىر خانىسىدا يەككە يىگانە ياشاشنى خالاپتۇ. ئۇ شۇ يەردە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى تۇرمۇشى ھەم ھازىرقى بەخت ـ سائادىتىنى بىر قاتار سېلىشتۇرۇپ شىرىن خىيالغا چۆكۈپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئايال ھەمرالىرىنىڭ بەختسىزلىگىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىنىدە كۆز يېشىنى توختىتىپ قالالماپتۇ: چۈنكى ئۆزىمۇ ئاشۇنداق ئازاپ ـ ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەچكە، ئەسلەش ناھايىتى ئوڭاي تەسىر قىپتۇ. ئانايىس ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىگە خەيرىخاھلىق قىلىپ، ھىلىقى ئايال ھەمرالىرىنىڭ بەختسىزلىگىگە چوڭقۇر ئېچىنىپتۇ ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزۇش نىيىتىگە كەپتۇ.
        ئۇ يېنىدىكى ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرغان بىر ياشقا، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئېرى قىياپىتىدە ياسىنىپ، ئۇ بۇرۇن تۇرغان ئىچكىرى قوراغا بېرىشنى ھەمدە شۇ قورانىڭ خوجايىنىنى ھەيدىۋېتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا تاكى ئۆزى ئۇنى قايتۇرۇپ كەلگەنگە قەدەر خوجايىن بولۇپ تۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ.
       بۇيرۇق ناھايىتى تېزلا بىجا كەلتۈرۈلۈپتۇ: ھىلىقى ئادەم كۆككە ئۇچۇپ ئىبراھىمنىڭ ئىچكىرى قوراسىغا بېرىپ چۈشۈپتۇ. ئىبراھىم ئۇ يەردە يوق ئىكەن. ئۇ ئىشىكلەرنى قاققان ئىكەن، بارلىق ئىشىكلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن داغدام ئېچىلىپتۇ. ئاختا قۇللار ئۇنىڭغا باش ئۇرۇپتۇ. ئۇ ئۇچقاندەك ئىبراھىمنىڭ خوتۇنلىرى قامالغان ئۆيلەرگە كىرىپتۇ. ئۇ بۇ يەرگە كىرىشتىن ئاۋال سېھىر بىلەن بەكمۇ كۈنچى ۋە ھەسەتخور بولغان ئىبراھىمنىڭ يانچۇغىدىن ئىشىكلەرنىڭ ئاچقۇچلىرىنى ئېلىۋالغان ئىكەن. ئۇ قىزلارنىڭ ھوجرىلىرىغا كىرگەندە ئاۋال ئۇنىڭ مېھىرلىك ھەم يېقىملىقلىغى ئۇلارنى بەكمۇ ئەقەپلەندۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ سەمىمى مۇئامىلىسى، يەڭگىل ھەركىتى ئۇلارنى تېخىمۇ تەئەججۈپلەندۈرۈپتۇ. ھەر بىر ئايال بۇ ئىشنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىگىگە ئىشىنەلمەي، خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك ھەيران بوپتۇ.
       دەل مۇشۇ چاغدا ئارقا ھويلىدا يېڭى بىر مەنزىرە يۈز بېرىۋاتقان ئىكەن. ئىبراھىم كېلىپ ئۆزىنىڭ كەلگەنلىگىنى جار سېلىپ ئىشىكنى ئۇرۇۋاتقان ئىكەن. ئۇ نۇرغۇن توسالغۇلۇقلاردىن كېيىن ئاخىرى قوراغا كىرىپتۇ. ئۇنىڭ ئاختا قۇللىرى پاراكەندىچىلىككە چۈشۈپ پاتىپاراق بولۇشۇپكېتىپتۇ. ئۇ چوڭ ـ چوڭ چامداپ ئىچكىرىگە مېڭىپتۇ. بىراق ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان ھەمدە مۇشۇ ئوينىڭ خوجايىنىدەك بىمالال يۈرگەن يەنە بىر ئىبراھىمنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز كەينىگە بىر قەدەم داجىپ، خۇددى ئاسماندىن تاشلىۋەاتكەندەك لاسسىدە بولۇپ قاپتۇ. ئۇ بار ئاۋازى بىلەن ۋايساپ ئاختا قۇللىرىنى بۇ ئالدامچىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇيرۇغىنى ئورۇنلايدىغان بىرمۇ ئادەم چىقماپتۇ. ئۇنىڭ ئەڭ ئىسەنچىسىز بىرلا چارىسى قاپتۇ. ئۇ بولسىمۇ قايسى ھەقىقى ئىبراھىم ئىكەنلىگىنى ئايرىپ بېرىشتە خوتۇنلىرىنى ياردەمگە چاقىرىش ئىكەن بىر سائەت ئىچىدىلا ھىلىقى يالغان ئىبراھىم ئۇلارنىڭ ھۆكۈم قىلىدىغان ئەزالىرىنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ بولغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن راست ئىبراھىم شەرمەندە بولۇپ ئارقا ھويلىدىن قوغلاپ چىقىرىپلىپتۇ. ئەگەر ئۇنىڭ رەقىبى ئۇنىڭ نىجىس جېنىنى ئاياپ قالمىغان بولسا ئۇ ئاللىقاچان ئۇرۇپ ئولتۇرۇلگەن بولاتتىكەن. يېڭى ئىبراھىم ئاخىرى غەلىبە قىلىپ بارغانسېرى ككپچىلىكنىڭ ئارزۇسىنى يەردە قويماپتۇ ھەمدە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان مۆجىزىلەرنى يارىتىپ كۆپچىلىكنىڭ ئىختىيارىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىپتۇ.
         ئاياللار: «سەن ئىبراھىەمغا ئوخشىمايدىكەنسەن» دەيدىكەن. غەلبە قىلغان ئىبراھىم بولسا: «سىلەر مېنى ئۇ چوڭ مەككارغا ئوخشاتمىساڭلار ئۇنىڭ كارى چاغلىق. مېنىڭ ئۇنڭغا ئوخشىمىغىنىم ياخشى، ئشۇنداقتىمۇ ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك، ئەمدى مەن سىلەرگە ئەر بولۇشۇم كېرەكمۇ؟» دەپتۇ. ئاياللار دەپتۇ:«بىز سېنىڭ كىملىگىڭنى ئويلاپ يېتەلمىدۇق. ئەگەر سەن ئىبراھىم ئەمەس بولساڭمۇ، لېكىن سەن ئىبراھىمنىڭ ئورنىغا بىزنىڭ ئىبراھىمىمىز بولساڭ، بۇ بىز ئۇچۇپ كوڭۇلدىكىدەك ئىش بولىدۇ. ئۇ بىزگە ئون يىل ئىبراھىم بولغىنى بىلەن سېنىڭ بىزگە بىر كۈن ئىبراھىم بولغىنىڭ ئەلا» ئۇ: «ئۇنداق بولسا سىلەر ماڭا بۇندىن كېيىن مېنىڭ تەرىپىمنى ئېلىپ ھىلىقى مەككارغا قارشى تۇرىمىز دەپ سۆز بېرەلەمسىلەر؟»دەپتۇ. ئاياللارنىڭ ھەممىسى: « سەن بۇنىڭغا شەك كەلتۈرمە. بىز ساڭا قەسەميات قىلىمىزكى، ساڭا سادىق بولۇپ، مەڭگۈ ئاينىپ كەتمەيمىز، بىز بوزەك قىلىنىش دەردىنى كۆپ تارتتۇق. ھىلىقى ناكەس بىزنىڭ پەزىلىتىمىزنى نەزەرگە ئالماي، ھامان بىزگە يېتەرلىك دەرىجىدە قاتتىق قول بولالمىدىم دەپ كەلدى. ھازىر بىز ئەرلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەرلەرنىڭ بولىدىغانلىغىنى بىلدۇق. بۇنىڭغا شەكسىز ئىشەنگىن. سەن بەلكى بىزنىڭ ئۇنىڭدىن قانچىلىك نەپرەتلىنىدىغانلىغىمىزنى بىلمەسلىگىڭ مۇمكىن» دىيىشىپتۇ. يالغان ئىبراھىم يەنە -مۇنداق دەپتۇ: «مەن بۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن تېخىمۇ نەپرەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن يېڭى ـ يېڭى سەۋەپلەرنى كۆرسىتپ بېرىمەن، چۈنكى سىلەر تېخى ئۇنىڭ سىلەرگە قانچىلىك زىيان ـ زەخمەت يەتكۈزگەنلىگىنى بىلىپ يەتمىدىڭلار.» ئاياللار: «بىزنىڭ ئىنتىقامىمىز ئۇنىڭ ئادالەتسىزلىگى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك چوڭ بولىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئەرشتىن كەلگەن ئەر دەپتۇ: «دۇرۇس، سىلەر بۇنىڭغا ھەقلىق. مەن جىنايەتنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ جازانىڭ ئېغىر ـ يېنىكلىگىنى تەڭشەپ تۇرىمەن. سىلەر مېنىڭ جازا ئۇسۇلۇمغا قانائەت قىلساڭلارلا، مەن خوشال بولىمەن.» ھىلىقى ئاياللار يەنە مۇنداق دەپتۇ: «بىراق ھىلىقى مەككار يەنە كېلىپ قالسا بىز قانداق قىلىمىز؟» ئەر جاۋاب بېرىپتۇ:«ئېھتىمال ئۇلار سىلەرنى ئۇنداق ئاسان ئالداپ كېتەلمەس؛ كىمكى مېنىڭ ئورنۇمنى ئىشغال قىلىپ سىلەرنى ئۆزەمگە قارىتىۋالىمەن دىسە ئۇ ئالدامچىلىق، بۇنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. ئۇ چاغدا مەن ئۇنى ھىچقانداق ئادەم ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كېلەلمەيدىغان يىراق جايغا ھەيدىۋېتىمەن. بۇنداق بولۇپ قالسا مەن سىلەرنىڭ بەختلىك بولۇشۇڭلارنى زىممەمگە ئالىمەن، چۈنكى مەندە قىلچىمۇ ھەسەتخورلۇق يوق. مەن سىلەرگە قانداق ئىشەنچ قىلىشنى بىلىمەن، سىلەرنى گەمىگە سولاپ قويمايمەن. مەن ئۆزەمنىڭ ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن ھەممە نەرسىنى ئېنىق بىلەپ تۇرىمەن، شۇڭا مەن سىلەرنىڭ ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلمايدىغانلىغىڭلارغا ئىشىنىمەن. ئەگەر سىلەر مەن بىلەن بىرگە بولساڭلار، بۇ ياخشى پەزىلەتكە خاس ئىش بولمايدۇ، ئۇنداق بولسا كىم بىلەن بىرگە ئۆتۈش پەزىلەتلىك بولىدۇ؟»
       بۇنداق سۆھبەت ھىلىقى ئەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن داۋام قىپتۇ. ئاياللار بۇ ئىككى ئىبراھىمنىڭ قىياپىتىنىڭ بەكمۇ ئۆزگىچىلىگىدىن ھەم بۇ ئىككىسىنىڭ بىر بىرىگە شۇنچىلىك ئوخشايدىغانلىغىدىن ھەيران قاپتۇ. بۇنداق خىلمۇ ـ خىل مۆجىزىلەرنىڭ ھەقىقەتەن كۆز ئالدىدا يۇز بېرىۋاتقانلىغىغا ئىشىنەلمەي قاپتۇ. ئاقىۋەتتە دىگەندەك ھىلىقى ئۇمىتسىز ئەر يەنە كېلىپ ئۇلارنى ئىلكىگە ئالماقچى بوپتۇ. ئۇ كېلىپ پۈتكۈل ئائىلىسىنىڭ شات ـ خوراملىققا چۆمگەنلىگىنى كۆرۈپتۇ. ئەمما ئۇنىڭ خوتۇنلىرى ئۇنىڭ گېپىگە بۇرۇنقىدىنمۇ بەتتەررەك ئىشەنمەيدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. بۇ ھەسەتخور بۇلارنى كۆرۈپ تاقەت قىلالماي، چىشىنى غۇچۇرلىتىپ چىقىپ كېتىپتۇ. بىر پەستىن كېيىن يالغان ئىبراھىم ئۇنى قوغلاپ كېلىپ تۇتۇۋاپتۇ ـ دە، ئاسماننىڭ قەھرىگە ئېلىپ چىقىپ ئىككى لەك نېرىغا ئاپىرىۋېتىپتۇ.
       ئاھ، پەرۋەردىگارىم! ھىلىقى ئاياللار ئىبراھىم ئۆيدە بولمىغان چاغدا بەكمۇ كۆڭۈلسىزلىككە پېتىپتۇ! ئاختا قۇللارنىڭ زوراۋانلىغى قايتا ئەۋجگە چىقىپتۇ. ئاياللارنىڭ ھەر بىرىنىڭ يۈزى ياش بىلەن يۇيۇلۇپتۇ. ئۇلار بىر تۇرۇپ ئۆتكەنكى سەرگۈزەشتىلىرى پەقەت بىر شىرىن چۈش بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قاپتۇ. ئۇلار بىر بىرىگە قارىشىپ، ئۆز ئارا سىردىشىپ تۈگىمەس ھال ـ مۇڭ ئېيتىشىپتۇ. ئاخرىىدا پەرىشتىدەك ئىبراھىم قايتىپ كەپتۇ ھەمدە بەكمۇ سۆيۈملۈك بولۇپ كىتىپتۇ. ئاياللارمۇ سەپەر جەريانىدا ئۇنىڭ ھىچقانداق چارچىمىغانلىغىنى بايقاپتۇ.
       بۇ يېڭى خوجايىن بۇرۇنقى خوجايىنغا تامامەن ئوخشىمايدىغان تېخىمۇ ھەيران قېلىشىنى قوزغاپتۇ. ئۇ ئاختا قۇللارنى ئازات قىلىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ تۇرار ـ جايلىرىنى كۆپچىلىككە بىرىۋېتىپتۇ. ئۇ ھەتتا ئاياللارنىڭ پەرەنجە ئارتىپ يۇرۇشىنىمۇ خالىماپتۇ، ئۇلار زىياپەتلەردە ئەرلەر بىلەن ئارىلاش ئولتۇرىدىغان، ھىچقانداق قىيىنچىلىق ھىس قىلمايدىغان، ھەممە ئىشلاردا ئەرلەر بىلەن ئوخشاش تۇرىدىغان بوپتۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن قۇلاق ئاڭلىمىغان مۆجىزىلەر ئىكەن. ئىبراھىم شۇ جايدىكى ئۆرپ ـ ئادىتى ئۇنىڭغا ئوخشاش بولمىغانلارغا بۇنداق قىلىشنىڭ بەكمۇ ئورۇنلۇق ئىكەنلىگىنى چۈشەندۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ پۇللارنى توپا ئورنىدا چېچىپ ھىلىقى ھەسەتخورنىڭ ھەننىۋا مال ـ دۇنياسىنى سورۇپ تۇگىتىپتۇ. ئۈچۈ يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھىلىقى ھەسەتخور قوغلىۋېتىلگەن يەردىن ئاران قايتىپ كېلىپ قارىسا ئائىلىسىدە پەقەت ئۇنىڭ ھىلىقى ئاياللىرى ھەم ئوتتۇز ئالتە بالىسىدىن باشقا ھىچنىمە قالمىغانلىغىنى كۆرۈپتۇ».

         1720 ـ يىلى، جامادىيەلئەۋۋەل ئېيىنىڭ 26 ـ كۈنى، پارىژ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.