ئاشنا(پوۋېست)- ماگرت دوگلاس 10

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-25 13:44:25

كىچىك ئاكامنىڭ قورقۇپ كېتىشى ئاپامنىڭ غەزىۋىنى باستى. ئاپام ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى كىلىشمەسلىك بىلەن ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆككەن قىزى ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يىغلاپ كەتتىم. مەن ق...




    كىچىك ئاكامنىڭ قورقۇپ كېتىشى ئاپامنىڭ غەزىۋىنى باستى. ئاپام ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى  كىلىشمەسلىك بىلەن ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆككەن قىزى ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يىغلاپ كەتتىم.  مەن قەسەم قىلايكى مېنىڭ تۇرمۇشىمدا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى، ھەتتا بىرەر قېتىملىق سۈيۈشۈشمۇ بولمىدى، مەن سىزگە  دېسەم، سىز ئويلاپ بېقىڭچۇ، مەن قانداقمۇ بىر  جۇڭگولۇق بىلەن، قانداقمۇ  بىر پوچى،  ھەم تەكەببۇر جۇڭگولۇق بىلەن ئۇنداق قىلىمەن دېدىم،  مەن ئاكامنىڭ ئىشىك سىرتىدا يۆلىنىپ، ئاڭلاپ تۇرغانلىقىنى بىلەتتىم. ئاپامنىڭ نېمە قىلۋاتقانلىقىنىمۇ، سىڭلىسىنىڭ قىپ يالىڭاچ قىلىنىپ تاياق يەۋاتقانلىقىنىمۇ بىلەتتى ھەمدە ئاپىسىنىڭ داۋاملىق ئۇرۇشىنىمۇ خالايتتى، تاكى ئۇرۇپ بىر ئىش بولىشنى خالايتتى. ئاپام ئاكامنىڭ مۇنداق قارانىيەت، زەھەرخەندە يۈرىكىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى.

    ئۇ ۋاقىتلاردا بىز خېلى كىچىك ئىدۇق. چوڭ ئاكام بىلەن كىچىك  ئاكام دائىم ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق سەۋەبسىزلا ئۇرۇشۇپ كېتەتتى. داۋاملىق ئاكىسى ئىنىسىغا  بىر ئېغىز« يوقال! تولغا ئىشىمغا دەخلى قىلماي!» دېگەچ قول ئىشلىتىپ ئۇرۋالاتتى. ئۇلار يەنىلا  ئۇرىشاتتى.  ھېچكىم بىر ئېغىز گەپمۇ قىلمايتتى. پەقەت ئۇلارنىڭ  نەپەس ئالغىنىنى ئاغرىقتىن  ۋارقىرىغان ئاۋازى، يەنە  ھېلىقى مۇشتلارنىڭ تەككەن  ئاۋازنىلا ئاڭلايتتۇق. مەيلى قانداق ئەھۋال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،  ئاپام دائىم بىر خىل ۋارقىراپ چېىقىراپ ناخشا ئېيتىدىغان تىياتىرلاردەك كانىيىنى كېرىپ ۋارقىراپ، بۇ جەڭ كۆرىنىشكە  تەڭكەش قىلىپ بېرەتتى.

    ئۇلار ھەممىسىنىڭ ئوخشاش ئاسان ئاچچىقلىناتتى. ھەمدە بۇنداق ئاچچىقلىنىشمۇ پەقەت  ئاكا-ئىنى ئارىسىدىلا بولاتتى. ئاچا-سىڭىل ئارىسىدا،  ئاتا-ئانا ئارىسىدا ئاندىن كۆرگىلى بولاتتى. چوڭ ئاكام مەيلى ئۆيدە ياكى سىرتتا بولسۇن ئۆزىنىڭ خالىغىنى قىلىپ، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېلىشتۇراتتى. ئەمما كىچىك ئاكام چوڭ ئاكامنىڭ بۇنداق قورقۇتۇش ۋەھىمىگە سېلىپ قويۇش ھەرىكەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ  ئامالسىزلىقىدىن باش قاتتۇراتتى.

    ئۇلار ئۆز ئارا بىللە ۋاقتىدا، بىز كىچىك ئاكامنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرىلىشىدىن ئەنسىرگەن ئىكەنمىز، ئوخشاشلا چوڭ ئاكامنىڭمۇ ئۆلتۈرىلىشىدىن ئەنسىرەيتتۇق. ئاپام دائىم ئۇلار بىللە بولسا دائىم ئۇرىشىدۇ، ئەزەلدىن بىرگە ئويناپ باققان ئەمەس، ئەزەلدىن بىللە پاراڭلىشىپ باققان ئەمەس دەيتتى. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى  ئۇلارنىڭ بىر ئورتاق ئاپىسى بولغانلىقى،  بولۇپمۇ  ئورتاق بىر سىڭلىسى بولغانلىقىدا، لېكىن،  ئۇ پەقەت قانداشلىقىنىڭ ئوخشاشلىقى خالاس.

    ئويلاپ باقسام ئاپام پەقەت  چوڭ ئاكام ئۈچۈن سۆز قىلغان ۋاقتىدىلا، مېنىڭ بالام دەيتتى، بەزى  ۋاقىتلاردا ئاپام ئۇنى شۇنداقمۇ چاقىرىپ قوياتتى، لېكىن باشقا ئىككى بالىسىغا دائىم « ئۇ ئىككىسى ئەڭ كىچىكى » لا دەيتتى.

    ئۆيدىكى بۇ ئىشلارنى بىز سىرتلاردىمۇ  سۆزلىمەيمىز،  بىز ئەڭ ئاۋۋال  ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشلارنى بىلىشىمىز كېرەك،  ----كەمبەغەللىك،  ----سۈكۈت قىلىشتۇر. يەنە باشقا  بارلىق نەرسىلەرگىمۇ ئوخشاش سۈكۈتتە تۇرۇشتۇر. ئۇلار دەسلەپتە مەخپىيەتلىك بولدى. بۇ سۆز  سەل مۇبالىغە بولۇپ قالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ بىز قېرىنداشلارنىڭ ئاشنىسى، بىزنىڭ ھېلىقى كەنت سىرتىدىكى مەخپىي ئۇچىرىشىلىرىمىز، دەسلەپتە سايگوننىڭ كوچا ئېغىزىدا، كېيىن يولۇچىلار كېمىسىدە،  پويىزدا،  كېيىن بارىدىغان جايمۇ قالمىغان ئىدى. يېرىم كېچىلەردە، بولۇپمۇ قۇرغاقچىلىق مەزگىللەردە، ئاپامنىڭ تۇيۇقسىز قېنى قىزىپ، ئۇ ئۆيدىكى ھەممە  يەرلەرنى ئادەم چاقىرىتىپ تازىلاپ يۇيغۇزاتتى، ئۇ بۇ پاكىزلىق ئۈچۈن، سالقىن بولۇش ئۈچۈن دەيتتى. بىزنىڭ ئۆيىمىز توغان ئۈستىگە سېلىنغان،  ھويلا بىلەن بۆلۈنگەن،  زەھەرلىك يىلان،  پاشا،  قىزىل چۈمۈلە،  مىكون دەرياسىنىڭ سۇ ئاپىتى قاتارلىق  پەسىللەر ئېلىپ كەلگەن سۇ ئاپەتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىدى. ئۆينىڭ يەر شارائىتى  ئىگىز بولغانلىقى تۈپەيلى،  شۇڭا تازىلا ئېلىپ بارغاندا چىلەكلەپ چىلەكلەپ چاچقىلى بولاتتى،  ھويلىنىڭ ھەممىسىنى سۇنىڭ ئىچىگە قالدۇرۇپ قويغىلى بولاتتى. سۇ پەلەمپەينى بويلاپ تۆۋەنگە ئاقاتتى. ھويلىغا كىرەتتى، ئاشخانا ئۆيگە كىرەتتى، ئۇ مالايلار شۇنداق خۇشال بولۇپ كىتەتتى، بىز  ئۇلار بىلەن  بىللە ئوينايتتۇق. كۆپچىلىك ئۆزئارا سۇ چېچىشىپ، ئاندىن  بىز ماسەينىڭ  سوپۇنى بىلەن يەرنى چوتكىلايتتۇق.كۆپچىلىكنىڭ پۇتلىرى يالاڭئاياق، ئاپاممۇ يالاڭئاياق بولغان ئىدى. ئاپام كۈلدى.  بۇ ۋاقىتتا بىز قانداقلا  قىلساق ئۇ قارشى تۇرمايتتى. پۈتۈن ئۆيدە خۇشپۇراقلار دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى،  ئۇنىڭ بىرخىل بوران چاپقۇندىن كېيىن يۇيۇلغان نەم تۇپراقتەك تارقانتقان  ھېلىقى ساپ  ھېدى  چىقىپ تۇراتتى. بۇ تۇپىنىڭ  پۇرىقى ئەگەردە  ماسەي سوپۇنى،  ۋە ساپ پۇرىقى،  ئۆلچەملىك پۇرىقى بىلەن  ئاۋۇ كۆينەكلەردىكى  پۇراق، ئانىنىڭ ھىدى بىلەن  ئاپامنىڭ ئۇ ساددىلىقى، كەڭ قۇرساقلىقىنىڭ تەمى ھەممىسى ئارلىشىپ كەتكەن ۋاقىتتا بىر خىل كىشىنىڭ  كۆڭلىنى ئازادە قىلىدىغان مېزىلىك پۇراق پەيدا بولىدۇ. سۇ  ئۇدۇل تار كوچىغا  ئېقىپ چىقىىپ كېتەتتى. مالايلارنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كەلگەن ئىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ مېھمانلىرىمۇ كەلگەن ئىدى.  خوشنىمىز ئاقتەنلىك قىزىمۇ  كىرگەن ئىدى. بىزنىڭ ئۆينىڭ  جابدۇقلىرىنىڭ  قالايمىقان، ئوڭتەي-توڭتەي قويۇلغان بولۇپ ئاپام شۇنداق ىۇشال ئىدى. بەزىدە ئاپام ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال بولۇپ كېتەتتى. ئۇ  ھەر قېتىم كۆڭلۈم ئازابلىرىنى ئۇنتىغان ۋاقىتلىردا، ھەر قېتىم  ئۆيلەرنى يۇيۇپ تازىلىغان ۋاقىتلاردا،  ئۇلار  دەل  ئاپامنىڭ ئەڭ بەخىتلىك ۋاقىتلىرى بولاتتى. ئاپام مېمھمانخانا ئۆيگە كىرىپلا پىئانىنو چالاتتى. ئۇ پەقەت  دەسلەپتە پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىدا  ئۆگىنىۋالغان، بۈگۈنگە قەدەر  يادقىمۇ بىلىدىغان مۇزىكىسىنى چالاتتى. ئۇ ناخشا ئېيتاتتى. بەزى ۋاقىتلاردا ھەتتا بىر تەرەپتىن چېلىپ بىر تەرەپتىن ئېيتىپ كېتەتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرغاندا  بىر تەرەپتىن ئېيتىپ بىر تەرەپتىن  ئويناپ كېتەتتى. ئۆي ئىچى تۇيۇقسىزلا بىر  كۆلچەككە،  دەريا بويىدىكى ئېتىزلىقلارغا، ساھىللارغا،  قۇملۇققا ئوخشاپ قالاتتى، لېكىن بىز تېخى ئەمدىلەتىن  خۇشال بولىۋاتقان ئىدۇق.

    دەل ئاشۇ كىچىك ئىككىسى---كىچىك سىڭلىسى بىلەن كىچىك ئاكىسى----- ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بولىدۇ دېگەندەك،ئۆتمۈشتىكى كۆڭۈلسىز  ئىشلارنى ئېسىگە ئالىدۇ دە،  شۇنىڭ بىلەن دەرھال تەبەسسۇمىنى يىغىشتۇرۋالىدۇ. ئاندىن گۇگۇمدىكى گۈللۈك ئىچىگە  مېڭىپ كېتىدۇ.

    يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، مەن تۇيۇقسىز ئۆز ۋاقىتتىكى بىزنىڭ سۈزۈك سۇ بىلەن ئۆينى يۇيغان ۋاقتىمىزدا، چوڭ ئاكام يۈلۇڭدا ئەمەس ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ بىزنىڭ فىرانسىيىدىكى  قوغدىغۇچى—روت كاروننىڭ  ئۆلكىنىڭ بىر كەنتىدىكى پوپنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى.

    چوڭ ئاكامنىڭمۇ كۈلىدىغان ۋاقىتلىرى بار،  لېكىن  بىزگە ئوخشاش ئۇنداق  ئېچىلىپ-يېيىلىپ كۈلمەيتتى.  مەن ھەممىنى ئۇنتۇپتىمەن،  مەن بۇنى تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، مەن بىلەن كىچىك ئاكام بەك كۈلگۈنچەك بالىلار ئىدۇق،  بىز دائىم كۈلسەك  ئۈچىيىمىز ئۈزۈپ قالايلا  دەيتتى.

    ئۇرۇش ۋە بالىلىق دەۋىرلەر ماڭا ئوخشاش بولغان كۈلرەڭ ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. مەن ئۇرۇش مەزگىلى ۋە چوڭ ئاكامنىڭ ئۆيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى بىرگە ئارلاشتۇرۋەتتىم. بۇ بەلكىم كىچىك ئاكامنىڭ ئۇرۇش ئەۋىجگە چىققان مەزگىلىدە قازا قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ يۈرىكى خۇددى مەن يۇقىرى ئېيتىپ ئۆتكەندەك سەكرەشتىن توختىغان ئىدى. مەن ئىشىنىمەنكى، ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئاكا ئىنىسى ئىككىنچى كۆرەلمىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنىسىنىڭ ئۆلۈش-تىرىلىشىنى بىلىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. مېنىڭچە بۇ  قېتىملىق  ئۇرۇش ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ھەممە يەرگە يامراپ كەتكەن،  ھەر قانداق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنالايتتى. ئوغرىلاش،  زەھەرلەش، بارلىق ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىپ ۋە قوشۇلۇشى بىلەن بىرگە ئىدى. ئۇ ئۇنىڭ تېنىدە، قەلبىدە  مەۋجۇت ئىدى،ئويغاق ۋاقتىدا كۆرگىلى بولىدىغان،  ئۇيقىغا كەتكەندە چۈشىدىن كەتمەي، شۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان تۇپراقتا، ئۇنىڭ ھەر دەقىقىدە مۇستەملىككە بالىلار،  ئاجىزلار ھەمدە  ئىستىلا قىلىنغان خەلقنىڭ باش قېتىمچىلىقى ئۈچۈن بولغان  چىن ھېسسىياتىدىن مۇستەسناسىز ئىدى. بۇنىڭ ھەممىسىنىڭ سەۋەبى  رەزىللىكنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكى، ئۆيمۇ- ئۆي  بېرىپ  خەلقنى ئۆلتۈرۈپ قىرغانلىقتىن بولغان.

    بىز يەنە  ھېلىقى ئۇنىڭ  يالغۇز  تۇرالغۇسىغا قايتىپ كەلدۇق. بىز  شۇنداق ئىناق ياشىدۇق، بىر-بىرىمىزگە قىيالمىدۇق.

    مەن بەزى ۋاقىتلاردا مەكتەپ ياتىقىغا  قايتمايمەن، بەلكى ئۇنىڭ يېنىدا قىلىپ كېچىنى بىللە ئۆتكۈزىمەن. مەن ئۇنىڭ ئىسسىق قوينىدا يېتىپ ئۇخلاپ كەتمەيتتىم، پەقەت ئۇنىڭ بىلەن بىر ھوجۇرىدا،  بىر كارىۋاتتا چۈشلەرگە غەرق بولساملا بولاتتى. مەزى ۋاقىتلاردا مەنمۇ دەرس تاشلىدىم.  كېچىدە،  بىز  شەھەردىكى  ئاشخانىلارغا  بېرىپ تاماق يىدۇق. ئۇ مېنى يۇيۇپ قوياتتى، ماڭا گىرىم قىلىپ قوياتتى،  مېنى كىيندۈرەتتى، ئۇ مېنى ياخشى كۆرەتتى. مەن ئۇنىڭ  تۇرمۇشىدىكى  ئەڭ سۈيۈملۈك ئايال ئىدىم. ئۇ  دائىم  مېنىڭ باشقا بىر ئاشنام بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ھەر كۈنى دەككە-دۈككە يۈرەتتى. لېكىن مەن بۇنداق ئىشلارغا پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتىم. ھەم قورقۇشۇممۇ يوق ئىدى.ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن  ئەنسىرەيتتى،  ئۇ يەنە مېنىڭ ئاقتەنلىك قىزچاق بولۇپلا قالماستىن  ھەمدە ياش بولغانلىقىمدىن ناۋادا بىر كۈنى سىر ئاشكارلىنىپ قالسا، ئۇ چاغدا ئۆزىنىڭ زەنجىر-كىشەنلەربىلەن سولىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدى. مېنىڭ ئاغزىم چىڭ، داۋاملىق ئاپامغا، مەخسۇس چوڭ ئاكامغا يالغان سۆزلەشنى  ئويلاشتىم. مەن ئۇنى زاڭلىق قىلىپ يۈرىكى يوق دېدىم. مەن ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئائىلىنىڭ شۇنچىلىك نامرات ئىكەنلىكىنى، ئاپامنىڭ ئۇنداق سوتلىشىپ بولالمايدىغانلىقىنى، يەنە كىلىپ ئۇنىڭ كىچىك بولغان داۋالارغا قاتناشقانلىقىنى لېكىن ھەممىسىدە مەغلۇب بولغانلىقىنى ئېيتتىم. مەيلى ئاشۇ يەر خىتى سەۋەبىدىن بولسۇن ياكى مەمۇرىي دائىرىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىش بولسۇن، ياكى يەرلىك باش  نازارەتكە بولسۇن، ھەتتاكى  ھازىرقى يۈرگۈزۈلگەن قانۇن-نىزاملارغا بولسۇن ئۇ ھەممىسىدە بىردىن بىردىن مەغلۇب بولۇپ ئاياغلاشقان. ئۇ  ئىبرەت ئېلىشنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭغا  تەملىنلىك بىلەن كۈتۈش، يەنە كۈتۈشنى ئېيتساق،  ئۇ قىلالمىدى. ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا يىغلايتتى. ئۇمۇ بىر بىھۇدە  ئېغىزنى ئۇپرىتىش، قۇرۇقتىن-قۇرۇق ئاۋارە بولۇش ئىدى. بىزنىڭ ئىشىمىز توغرىسىدا، ئۇمۇ شۇنىڭدەكلا بولىدۇ،  پۈتۈنلەي ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى دېدىم.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.