فلاگىيە(زوچىنكو)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-02 16:43:00

فىلاگىيە مىخائىل زوچىنكو (سوۋېت ئىتتىپاقى) فلاگىيە ساۋاتسىز ئايال ئىدى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىسمىنىمۇ يازالمايتتى. فلاگىيەنىڭ ئېرى سوۋېتنىڭ كادىرلىرىدىن ئىدى. ئۇ بۇرۇن ئادەمتىكى بىر دىخان بولسىمۇ،...

         فىلاگىيە 

     مىخائىل زوچىنكو (سوۋېت ئىتتىپاقى)

           فلاگىيە ساۋاتسىز ئايال ئىدى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىسمىنىمۇ يازالمايتتى. فلاگىيەنىڭ ئېرى سوۋېتنىڭ كادىرلىرىدىن ئىدى. ئۇ بۇرۇن ئادەمتىكى بىر دىخان بولسىمۇ، كېيىنكى بەش يىللىق شەھەر تۇرمۇشى ئۇنى ساۋاتسىزلىقتىن قۇتۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى: ئۇ ئۆزىنىڭ ئىسىمىنى يازالايدىغانلا ئەمەس، گېزىت ـ ژورنال كىتاپ كۆرۈشتىن قىينالمايدىغان بولۇپ قالدى. بىراق ، ئايىلى فلاگىيەنىڭ ئېلىپنىڭ سۇنۇغىنىمۇ بىلمەسكىگى ئۇنى ئۇيالدۇراتتى، ـ فلاگيۇشكا، سەنزە! ھىچ بولمىغاندا ئىسىمىڭنى يېزىشنى بولسىمۇ ئۈگىنىۋالساڭ بولاتتىغۇ. مېنىڭ پەمىلەم پەقەت كو ـ گىن دىگەن ئىككىلا بوغۇمدىن تۈزۈلگەن، يازماق بەكمۇ ئاسان. ئەمما،سىن شۇنىمۇ يازالمايسان. ھەي، دۆت، ـ ئۇ ھەمىشە ئايىلىغا ئەنە شۇنداق يەنە ئارىسلاش نەسھەت قىلىپ تۇراتتى. بىراق بۇ سۆزلەر فلاگىيەنىڭ بۇ قۇلىغىدىن كىرىپ، ئۇ قۇلىغىدىن چىقىپ كېتەتتى. ـ ئىۋان نىكولايېۋىچ، ـ دەيتتى ئۇمۇ يولدىشىغا، ـ ئەمدى ئۈگىنىپ نىمە قىلاي، كۈندىن ـ كۈنگە قېرىپ كېتىۋاتىمەن، بارماقلىرىممۇ قېتىپ قالدى. مۇشۇ ھالدا ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىش ماڭا ئارتۇقچە جاپا ئەمەسمۇ. ئۇنى پىونېر ئۆسمۈرلەر ئۈگەنسە بولغىنى، ئەمدى مەن قالغان ھاياتىمنى خاتىرجەم ئۆتكۈزسەملا بولدى. ئىۋان نىكولايېۋىچ ناھايىتىمۇ ئالدىراش بولۇپ، ئايىلىغا تولا سۆزلەپ، ئاغزىنى ئۇپىرىتىپ ئولتۇرۇشقا ۋاقتى يوق ئىدى. پەقەت بېشىنى چايقاپلا قوياتتى ـ دە، «ھەي، فلاگىيە، سەن ـ زە...» دەپ، قانداقتۇ بىر نىمىلەرنى دىمەكچى بولاتتى، ئەمما ئۈندىمەيتتى. بىر كۈنى، ئېۋان نىكولايېۋىچ ئاجايىپلا بىر كىتاپچىنى ئېلىپ ئۆيگە كەلدى ۋە ئايىلىغا: ـ قارا، مانا بۇ كىتاپ ئەمدىلا نەشىردىن چىققان، ئۆزلۈگىدىن ئۈگىنىش ئېلىپبەسى، يەنە كېلىپ ئەڭ يېڭى ئۇسۇللار بىلەن تۈزۈلگەن ئېلىپبە دىگىنە! قېنى، مەن ساڭا ئۆگىتىپ قوياي، ـ دىدى. فلاگىيە مىيىغىدا كۈلۈپ تۇرۇپ، كىياپچىنى قولىغا ئېلىپ ۋاراقلاپ باقتى ـ دە، گويا: «مان مەشەدە تۇرۇپ تۇرسۇن، كەلگۈسىدە نەۋرىلىرىمىزگە لازىم بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس» دىگەندەك قىلىپ ئۇنى پەدەز ئۈستىلىنىڭ تارتمىسىغا سېلىپ قويدى. بىر كۈنى فلاگىيە ئېرىنىڭ چاپىنىنى ياماپ قويماقچى بولۇپ، يىڭنە ئىشى قىلغىلى ئولتۇردى (چاپاننىڭ يېڭى يىرتىلىپ كەتكەن ئىدى.) ئۇ قولىنى چاپاننىڭ ئىچىگە تىقىۋىدى، نىمىدۇ بىر نەرسىنىڭ شاراقشىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. «چاپاننىڭ يانچۇغىدا بەلكى پۇل بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدى فلاگىيە. ئۇ شۇئانلا يانچۇقنى ئۆرۈپ قارىۋىدى، شاراقشىغان ھىلىقى نەرسە چىرايلىق قەغەزگە يېزىلغان بىر پارچە خەت بولۇپ چىقتى. كونۋېرىت پۇرلەشمىگەن، خەتمۇ بەك كۆركەم يېزىلغان ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇنىڭدىن كىئولىن ئەتىرىنىڭ ئۆتكۈر پۇرىغى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. فلاگىيەنىڭ يۈرىگى «قات» قىلىپ قالدى:«ئىۋان نىكولايېۋىچ مېنى ئەتەي ئالداپ يۈرەمدىكىنە؟ ئۇ يەنە ساۋاتلىق ئاياللار بىلەن خەت يېزىشىپ، مەندەك كۆزى ئوچۇق قارغۇنى ئەخمەق قىلىۋامدۇ قانداق؟» فلاگىيە كونۋېرتقا قاراپ قويۇپ خەتنى يەنە ئاچتى. لېكىن زىنھار ھەرپ تۇنۇمايدىغان فلاگىيە بۇ خەتنى قانداق ئوقۇيالىسۇن؟ ئۇ ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ساۋاتسىزلىقنىڭ دەردىنى تاتتى. «مەيلى كىمنىڭ خېتى بولسۇن، ئۇنىڭدا نىمەلەرنىڭ يېزىلغانلىغىنى بىلىشىم كېرەك. بەلكى بۇ خەت تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىۋېتەر. شۇنداق بولسا مەنمۇ يېزامغا بېرىپ ئوتىغۇچۇمنى قولۇمغا ئالارمەن» فلاگىيە يىغىلاپ سالدى. ئەمدى ئۇنىڭغا ئىۋان نىكولايېۋىچ يېقىندىن بېرى ئۆزگىرىپ قېلىۋاتقاندەك، ساقال ـ بۇرۇتلىرىنى ياساشقا تولىمۇ ئېتىۋار بېرىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى ۋە بۇ ئوي بىلەن خۇددى بىر نەرسە چېقىۋالغاندەك ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ خەتنى ئوقۇيالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. خەققە ئوقۇتاي دىسە رەسۋا بولۇشىدىن قورقاتتى. نومۇس كۈچى ئۇنى ئاخىر باشقىلارغا ئوقۇتۇپ كۆرۈش رايىدىنمۇ قايتۇردى. شۇنىڭ بىلەن فلاگىيە خەتنى نائىلاج پەدەز ئۈستىلىنىڭ تارتمىسىغا سېلىپ قويدى ۋە چاپاننى ياماپ بولغاندىن كېيىن، ئىۋان نىكولايېۋىچنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى. بىراق ئىۋان نىكولايېۋىچ قايتىپ كەلگەندە، فلاگىيە ھىلىقى خەتنى ئېغىزغىمۇ ئالمىدى، ئەكسىچە تولىمۇ خاتىرجەم ھالدا ئۈەىنىشكە قارشا ئەمەسلىگىنى، كۆزى ئوچۇق قارغۇلۇقتىن بۇنى ـ قۇلىغىغىچە تويغانلىغىنى مەنىلىك تۈردە ئىزھار قىلدى. ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان ئىۋان نىكولايېچ ئاجايىپ خوشال بولۇپ: ـ ۋاي ياخشى ئويلاپسەن، مەن ساڭا جەزمەن ئۈگىتىمەن، ـ دىدى. ـ ماقۇل، مەنمۇ جەزمەن ئۈگىتىمەن، ـ دىدى فلاگىيەمۇ جاۋابەن. ـ فلاگىيە ئۈەىنىشكە باشلىدى ۋە توپ ـ توغرا ئىككى ئايغىچە بىرەر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىدى. ئۇ سەۋرى ـ تاقەتلىك بىلەن سۆزلەرنى بوغۇم بويىچە قوشۇپ ئوقۇيتتى، ھەرپلەرنى يېزىشنى ئۆگىنەتتى، جۈملىلەرنى يادقا ئېلىپ ماڭاتتى ھەم ھەر كۈنى كەچ كىرگەندە، تارتمىدىن ئۆزى ئۇنىڭدىكى سىرنى ئېچىپ كۆرمەكچى بولاتتى. ۋاھالەنكى، بۇ ئۇنچىۋالا ئاسانغا چۈشىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. فلاگىيە شۇ تەقلىتتە ئۈچ ئاي ئۈگىنىپ، ئاندىن كۆزى ئېچىلدى. بىر كۈنى ئەتىگەندە، ئىۋان نىكولايېۋىچ ئىشقا كەتكەندىن كېيىن، فلاگىيە تارتمىدىن خەتنى ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى. خەت ناھايىتى ئۇششاق، ئىجىر ـ مىجىر يېزىلغان بولغاچقا، ئوقۇش ئۇنىڭغا ئوڭاتغا چۈشمەتتى. لېكىن خەتتىن ئەتىرنىڭ گۈپۈلدەپ دىماققا ئۇرۇلۇۋاتقان خۇشبۇي پۇرىغى ئۇنى خەتنى چوقۇم ئوقۇ، دەپ ۋەسۋەسىگە سالاتتى. خەت ئىۋان نىكولايېۋىچقا يېزىلغان ئىدى. «قەدىرلىك يولداش كوگىن: مەن سىزگە ئېلىپبەدىن بىنى ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن ئىدىم. بۇ كىتاپنى مان ئەمدى سىزگە ئەۋەتتىم. ئايىلىڭىز پەقەت ئىككى ـ ئۈچ ئاي تىرىشسىلا، بۇ كىتاپتىكى ئەقەللى ساۋاتلارنى گەپ يوق ئىگەللىۋالالايدۇ دەپ ئويلايمەن. سىز چوقۇم ئۇنى ئۈگىنىشكە دالالەت قىلغايسىز. بۇ ئىشتا سىز ماڭا ماقۇللۇق بېرىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ قويغايسىز: ئۇ ساۋاتسىز يېزا ئاياللىرىدىن بولۇپ قېلىشنىڭ يارامسىزلىق ئىكەنلىگىنى تونۇپ قالسۇن. ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋى بايرىمىنى تەبىرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، بىز بارلىق چارىلەرىدن پايدىلىنىپ، پۈتۈن جۇمھۇرىيەت بويىچە بىر قېتىملىق ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچىمىز. ئىۋان نىكولايېۋىچ، ئايىلىڭىزنىڭ ساۋات چىقىرىشقا ھەر نىمە قىلىپ بولسىمۇ ياردەم بېرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. كوممۇنىستىك سالام يوللىغۇچى مارىيە پۇلاشكا» فلاگىيە خەتنى باشتىن ـ ئاخىر ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقتى. ئۇ لەۋلىرىنى چىڭ ھىمىرىپ پۇشايمان قىلىشقا باشلىدى، كېيىن يەنە دەردىنى ئىچىەە سېلىپ، ئۆزىنى باسالماي پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى. ئۆمەر داۋۇت تەرجىمىسى («گۇاڭشى ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 1986 ت يىللىق 5 ـ سانىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق