كۆز تەقدىم قىلىش(تاگور)

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-05 16:59:36

كۆز تەقدىم قىلىش تاگور (ھىندىستان) مۇنارجان توختاخۇن تەرجىمىسى 1 ئاڭلىسام ھازىر بېنگال قىزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇھەببەت ئىشىدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىغا ئاپتۇ. مەنمۇ شۇنداق قىلدىم، بىراق ئاللانىڭ ...

     كۆز تەقدىم قىلىش

     تاگور (ھىندىستان)

     مۇنارجان توختاخۇن تەرجىمىسى   

     

     1

     

       ئاڭلىسام ھازىر بېنگال قىزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇھەببەت ئىشىدا ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىغا ئاپتۇ. مەنمۇ شۇنداق قىلدىم، بىراق ئاللانىڭ ماڭا مەدەت بەرگەن يېرى بار، چۈنكى مەن بالىلىق چاغلىرىمدىن تارتىپلا ئىلاھ شىۋاغا تىۋىنىپ باش ئۇراتتىم.

       سەككىز ياشقا توشا - توشمايلا مېنى ياتلىق قلىشتى. تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسام كېرەك، ئېرىم بار بولسىمۇ ماڭا يوقتەك تۇيۇلاتتى. چۈنكى دۇگا① مېنى ئىككى كۆزۈمدىن ئايرىغاچقا تاكى ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە ئېرىمنى كۆرۈش بەختىگە ئېرىشەلمىدىم.

       ئون تۆت ياشقا توشۇپ، تازا ۋايىمغا يەتكەندە بىر ئۆلۈك تۆرەلمە تۇغدۇم. ئۆزۈممۇ جېنىمدىن ئايرىلغىلى تاسلا قالدىم. بىراق، خۇدايىم شۇم پىشانە ياراتقان بەندىسىنىڭ جېنىنى ئالمايدىكەن. چىراغ ياغسىز قالمايدۇ، شۇنداق بولسىمۇ كېچىچە كۆيگەندىن كېيىن، ئاخىر ئۆچىدۇ.

       خۇداغا شۈكرى، ئاخىر ئامان قالدىم. بىراق تېنىم بەكلا ئاجىزلاپ كەتتى. ئىچىمدىكى دەرد- ئەلەم تېشىغا تەپتىمۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ، ئىشقىلىپ كۆز كېسىلىگە گىرىپدار بولۇپ قالدىم. كۆرۈش قۇۋۋىتىم كۈندىن كۈنگە ئاجىزلاپ كەتتى.

       شۇ مەزگىللەردە ئېرىم مېدىتسىنا ئىلمىنى ئۆگىنىۋاتاتتى. شۇڭا ئۇ مەن ئۈچۈن ئانچە قايغۇرۇپمۇ كەتمىدى. چۈنكى ئۇ مېدىتسىنا ئىلمىنى سىناق قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتىگە ئىگە بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ مېنىڭ كۆزۈمنى ئۆزى داۋالاشقا كىرىشتى.

       شۇ يىلى ئاكاممۇ قانۇن ئىمتىھانىغا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. بىر كۈنى ئۇ مېنى يولاپ كەپتىكەن. مېنىڭ ھالىمنى كۆرۈپ بەكلا قورقۇپ كەتتى.

       -بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟- دېدى ئۇ ئېرىمنى ئەيىپلەپ،- مۇنداق قىلساڭ گۇمانىڭ كۆزىنى كاردىن چىقارمامسەن، ۋاقتىدا ئۇستا دوختۇرغا كۆرسەت!

       - نېمىگە كۆرسىتەتتىم؟ ھەر قانچە ئۇستا دوختۇرمۇ مەنچىلىكتۇ، بۇ ئادەتتىكى بىر كېسەلغۇ، بۇنى ئادەتتىكى ئادەممۇ داۋالىيالايدۇ،- دېدى ئېرىم خاپا بولغاندەك قىلىپ.

       - سەن ئۆزۈڭنى مېدىتسىنا پروفېسسورلىرىدىنمۇ ئۈستۈن چاغلاۋاتىسىنا؟- دېدى ئاكاممۇ بىر ئاز ئاچچىقلىنىپ.

       - سەن ئۆزۈڭنىڭ ئوقۇشىنى بىل، مېدىتسىنادىن نېمىنى بىلەتتىڭ،- دېدى ئېرىممۇ تەن بەرمەي،- كەلگۈسىدە سەنمۇ ئۆي - ئوچاقلىق بولۇپ، خوتۇنۇڭنىڭ مال - مۈلكىگە ئىگە بولغىنىڭدا، ئاراڭلاردا بىرەر كېلىشمەسلىك يۈز بەرسە، داۋالىشىپ قالساڭ، مېنىڭ مەسلىھەتىم بويىچە ئىش تۇتارسەنمۇ؟

       مەن ئىچىمدە ئويلىنىپ قالدىم: ئىككى نوچى ئۇرۇشۇپ قالسا، زىيىنى بىچارە خەققە كېلىدۇ، دېگەن گەپ بار. ئارىغا چۈشەي دېسەم ھەر ئىككىسىنىڭ ئالدىدا يامان ئاتلىق بولىمەن. مەن بەرىبىر ئۇنىڭ خوتۇنى، ئاكام بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارىلىشىپ جېدەل چىقارمىسا بوپتىكەن، مېنىڭ قايغۇم ھەم خۇشاللىقىم، كېسىلىم ھەم سالامەتلىكىم پەقەت ئېرىم بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭغا ئىككىنچى بىر ئادەمنىڭ ئارىلىشىش ھەققى يوق.

       شۇ كۈنى مەن ئاكامغا، مېنىڭ كۆزۈمنى داۋالاش ئانچىكىم بىر ئىش دېگەندىن كېيىن، ئېرىم بەكمۇ كۆرەڭلەپ كەتكەنىدى. لېكىن مېنىڭ كۆزۈم بولسا ياشاڭغۇراپ، بارا - بارا ئەدەپ كەتتى. ئۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى ئېرىممۇ، ئاكاممۇ بىلمەيتتى.

       ئېرىم مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىغا كەتتى. ئاكام چۈشتىن كېيىن مېنىڭدىن سوراقسىزلا بىر دوختۇرنى باشلاپ كەپتۇ. دوختۇر كۆزۈمنى بىر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن، جىددىي تەلەپپۇزدا:

       -ئەمدى يەنە دىققەت قىلمىساڭلار، ئاقىۋىتى يامان بولىدۇ، - دېدى ۋە رېتسىپ يېزىپ بەردى. ئاكام دورا ئەكىلىشكە دەرھال ئادەم ئەۋەتتى.

       دوختۇر كەتكەندىن كېيىن، مەن ئاكامغا يېلىنىشقا باشلىدىم:

       -ئاكا،سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنىڭ داۋالىنىشىمغا ئارىلاشمىساڭ، سەن دوختۇر ئەكىلىپ داۋالاتقىنىڭ بىلەن، كېيىن ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا بېشىمىزغا بالا بولارمىكىن.

       بالىلىق چېغىمدىن تارتىپلا ئاكامدىن بەكلا ئەيمىنەتتىم، شۇڭا ھازىر ئۇنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق گەپلەرنى قلىشقا جۈرئەت قىلالىغانلىقىمغا ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم. ئېنىقكى، ئاكامنىڭ ئېرىمدىن يوشۇرۇنچە مېنى داۋالاتماقچى بولغانلىقى مېنى بەخىتسىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ياخشى چارىسى ئەمەس ئىدى.

       ئاكام مېنىڭ بۇ سۆزۈمدىن چۆچۈپ كەتتى بولغاي، بىر ئاز ئويلانغاندىن كېيىن:

       -بوپتۇ، بۇنڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ دوختۇر باشلاپ كەلمەي، لېكىن بۇيرۇغان دورىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىچىپ تۈگىتىشىڭ كېرەك!- دېدى - دە، خاپا بولغان ھالدا كېتىپ قالدى.

       ئېرىم قايتىپ كەلگۈچە دورا بوتۇلكىسى، پەلكۈچ ۋە دورىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن تارتىپ بىرىنى قويماي ھويلىمىزدىكى قۇدۇققا تاشلىۋەتتىم، ئېرىم ئاكامنىڭ ئارىلىشىشىغا نارازىدەك قىلاتتى. ئۇ ئىمكان بار كۆزۈمنى ساقايتىشقا تىرىشىپ كۆرگەن، داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ كۆردى. كۆزۈمنى تېڭىپمۇ باقتى، رەڭلىك كۆزەينەكمۇ تاقىغۇزدى. سۇيۇق دورىمۇ تېمىتتى، مەلھەم دورىمۇ سۈركىدى. قورسىقىم توق بولسىمۇ، سېسىق پۇراپ قالغان بېلىق يېغىنى ئىچىشكە زورلىدى.

       ئۇ ھەر قېتىم دوختۇرخانىدىن قايتىپ كېلىپلا:

       -قانداقراق؟- دەپ سورايتتى. مەن بولسام دائىم:

       -خېلى ياخشى،- دەپلا جاۋاب بېرەتتىم.

       مەن ئۆزۈمنىمۇ، باشقىلارنىمۇ گوللاپ ياخشىلىنىپمۇ قېلىۋاتقاندەك تۇرىمەن، دەپ ئويلايتتىم، كۆزلىرىمدىن توختىماي ياش ئېقىشقا باشلىغاندا، ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ: «ياش كۆپ ئاقسا، كۆزنىڭ ئىچىدىكى پاسكىنا نەرسىلەرنى تازىلايدۇ.» دەپ ئويلايتتىم. ياش بىر ئاز ئازايسىلا: «ئەمدى ساقىيىپتىمەن، ئېرىمنىڭ قولى شىپالىق بەرگەن ئوخشايدۇ» دەپ خۇشال بولاتتىم.

       بىراق، كۈنلەر ئۆتكەنسېرى كۆزۈمنىڭ ئاغرىقى جېنىمنى ئالغىلى تۇردى. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، بارا- بارا يېقىننى كۆرەلمەس بولۇپ قالدىم. كېچە- كۈندۈز بېشىم ئاغرىپ مېنى تېخىمۇ قىيىنايدىغان بولدى. ئېرىممۇ بۇنىڭدىن خېلى چۆچۈگەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ چىرايىدا قان دىدارى قالمىغانىدى. مەن، ئەمدىغۇ باشقا دوختۇرغا كۆرسىتەر دەپ ئويلاپ:

       ئەسلىدىغۇ سىزنىڭ داۋالاش تېخنىكىڭىز باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدۇ. بىراق، ئاكامنىڭ ياخشى كۆڭلى ئۈچۈن بولسىمۇ، بىرەر قېتىم دوختۇر تەكلىپ قىلىپ، كۆزۈمنى كۆرسىتىپ باقساق، بۇنىڭ نېمە يامىنى بولاتتى؟ ئاكام ھازىر بىزدىن خاپا، مەنمۇ ئوتتۇرىدا خىجالەتچىلىكتە قالدىم، - دېدىم.

       -توغرا ئېيتىسەن! - دېدى ئېرىم ۋە شۇ كۈنىلا ئەنگىلىيىلىك بىر دوختۇرنى تەكلىپ قىلىپ كەلدى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىيالمىدىم. لېكىن، دوختۇر ئېرىمنى ئەيىبلەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ يەرگە قارىغىنىچە جىم تۇراتتى.

       دوختۇر كەتكەندىن كېيىن مەن ئېرىمنىڭ قولىدىن تارتىپ:

       -بۇ قوپال، ئەدەبسىز ئاق ئېشەكنى نەدىن تۇتۇپ كەلدىڭىز، ئۆزىمىزنىڭ ئۇستا دوختۇرلىرىمىز يېتىپ ئېشىپ تۇرۇپتىغۇ، ئۇ مېنىڭ كېسەل ئەھۋالىمنى سىزدىنمۇ بەكرەك چۈشىنەمتى؟ - دېدىم.

       -كۆزۈڭنى ئوپېراتسىيە قىلمىسا بولمايدىكەن،- دېدى ئېرىم بوغۇق ئاۋازدا.

       -بۇنى سىز بۇرۇنلا بىلگەن. بىراق مەندىن يۇشۇرغانسىز، مېنى ئوپېراتسىيىدىن قورقىدىغان كىچىك بالا چاغلاۋاتامسىز؟- دېدىم مەن خاپا بولغاندەك قىلىپ.

       ئېرىمنىڭ چىرايى بىردىنلا ئېچىلىپ باشقىچىلا بولۇپ كەتتى:

      -ئوپېراتسىيە دېسە تېنى شۈركەنمەيدىغان نوچىلار ئازمۇ؟ - دېدى ئۇ.

       - ئەرخەق پەقەت ئاياللار ئالدىدىلا نوچىلىق قىلىدۇ،- دېدىم مەن چاقچاق قىلىپ.

       ئېرىمنىڭ بېشى چۈشۈپ كەتتى. ئۇ جىددىي قىلىپ:

       -بىراق، سىلەر مىڭ ھاكاۋۇرلۇق قىلغىنىڭلار بىلەنمۇ، يەنىلا بىزدىن ئۈستۈن تۇرالمايسىلەر، ئاخىر بىز ئاياللاردىن ئۈستۈن كېلىمىز،- دېدىم مەن.

       شۇ چاغدا ئاكام كېلىپ قالدى. مەن ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ:

       -ئاكا، سەن باشلاپ كەلگەن دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورىلارنى ئىچىپ كۆزۈم خېلى ياخشىلىنىپ قالغانىدى. بىراق، بىر كۈنى دىققەت قىلماي، ئىچىدىغان دورىنى كۆزۈمگە سۈركىۋاپتىمەن، كۆزۈمنى بۇزىۋالغان ئوخشايمەن، ئېرىم ئوپېراتىسىيە قىلغۇزايلى دەيدۇ،- دېدىم.

       -مەن تېخى سېنى ئەمدى ئېرى داۋالاۋاتىد دەپ ئاچچىق قىلىپ كەلمەي يۈرۈپتىكەنمەن.- دېدى ئاكام مەيۈسلىنىپ.

       مەن ئالدىراپ:

       -ياق، ھېچكىمگە دېمىدىم، ئىنس - جىن ئۇقمايدۇ. مەن ھېلىقى دوختۇرنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە دورىلارنى ئىچتىم. ئېرىمنى خاپا بولۇپ قالارمىكىن دەپ، بۇنى ئۇنىڭغىمۇ تىنمىغانىدىم.

       يالغانچىلىق ئۈنۈم بەردى: كۆزۈم كاردىن چىقىشتىن بۇرۇن، ئاكام بىلەن ئېرىمنىڭ ئەپلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرەلىدىم. ئاكام: «يوشۇرۇن داۋالىتىمىز دەپ، مۇشۇ بەختسىىزلىك كېلىپ چىقىتى» دەپ ئويلايتتى. ئېرىم بولسا: «باشتا ئاكىسىنىڭ گېپىگە كىرگەن بولسام، مۇنداق يامان ئاقىۋەت كېلقپ چىقماستى» دەپ پۇشايمان قىلاتتى. ئىككىسى دەردىنى ئىچىدە بىلىشىپ، بارغانسېرى ئىناقلىشىپ كەتتى. ئېرىممۇ ئاكامنىڭ گېپىنى يىرمايدىغان، ئاكاممۇ ئېرىمنىڭ ئىشلىرىنى قوللايدىغان بولدى.

       ئاخىرى، ئەنگىلىيىلىك بىر دوختۇر بۇ ئىككىيلەننىڭ پىكىرى بويىچە سول كۆزۈمنى ئوپېراتسىيە قىلدى. ئەسلىدىنلا ئاجىز كۆزۈم بۇ زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمىدى بولغاي، بۇرۇنقى ئانچە - مۇنچە كۆرۈش ئىقتىدارىنىمۇ پۈتۈنلەي يوقاتتى. يەن بىر كۆزۈممۇ بارا- بارا كۆرمەس بولۇپ قالدى. بالىلىق چاغلىرىمدا كۆرگەن، يېڭى توي قىلغانلار سالامغا بارغان كۈنلەردىكى ئاي نۇرىغا چۆمۈلگەن ئاشۇ ياش، كېلىشكەن ئوبرازلار كۆز ئالدىمدا دائىم پەيدا بولاتتى، ئەمدىلىكتە ئۇلارنى مەڭگۈلۈك بىر قەۋەت پەردە توسۇۋالدى.

       بىر كۈنى ئېرىم كارىۋىتىمنىڭ يېنىغا كېلىپ:

       -يوشۇرۇپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى يوق، راست گەپنى قىلسام، سېنىڭ كۆزۈڭنى مەن كاردىن چىقاردىم،- دەۋەتتى.

       ئۇنىڭ ئاۋازىنى يىغا بوغۇۋالغانىدى. مەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:

       -سىز يامان ئىش قىلغىنىڭىز يوق، كاردىن چىقارسىڭىز ئۆزىڭىزگە تەئەللۇق نەرسىنى كاردىن چىقاردىڭىز، ئويلاپ بېقىڭا، مۇبادا باشتىلا باشقا دوختۇر كۆزۈمنى ئوپېراتسىيە قىلىپ قارغۇ قىلىپ قويغان بولسا، بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك، ئەگەر پىشانەمگە پۈتۈلگىنى شۇنداق بولسا، كۆزۈمنى ساقايتىش ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ، مېنڭ رازى بولىدىغىنىم، مەن سىزنىڭ قولىڭىزدا كۆزۈمدىن ئايرىلدىم. راما② مۇ ئۆزى ئەقىدە قىلىدىغان لالىگۈل كۆرۈنمىگەندە، ئۆزىنىڭ ئىككى كۆزىنى ئويۇپ ئېلىپ ئىلاھقا تەقدىم قىلغانىكەن. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئىككى كۆزۈمنى ئۆز ئىلاھىمغا تەقدىم قىلدىم. مەن ئۆزۈم بەھرىمەن بولىدىغان ئاي نۇرىنى، تاڭ نۇرىنى، كۆك ئاسماننى، يېشىل زېمىننى، ھەممىنى سىزگە تەقدىم قىلدىم. ئۆزىڭىزنى مەپتۇن قىلغان نەرسىلەرنى ماڭا ئەينەن تەسۋىرلەپ بەرسىڭىز، سىزنى خۇشال قىلغان مۇقەددەس نەرسىدىن ئوخشاشلا بەھرىمەن بولالايمەن،- دېدىم.

       مەن بەزى گەپلەرنى كېچە - كۈندۈز ئويلىساممۇ، ئاغزىمدىن چىقىرالمايتتىم، مۇڭلىنىپ، ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۆزۈمنىڭ شۇم پىشانىلىكىمدىن ھەسرەتلەنگەن چاغلىرىمدا، ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىپ، ئۆزۈمنى خاتىرجەم، تەقۋادار تۇتاي، ھەسرەت - نادامەتنى ئارقامغا تاشلاي، دەيتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن ھەممىگە سۈكۈت قىلىپ، ئىچ - باغرىمنى ئېرىمغا تۆكەتتىم.

       -گۇما،- دېدى ئۇ،- مەن ئەخمەقلىقىمدىن كاجلىق قىلىپ سېنى كۆزۈڭدىن ئايرىدىم، ئەمدى مىڭ قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ. لېكىن سېنىڭدىن مەڭگۈ ئايرىلماي كۆزۈڭنىڭ نۇرى بولۇش قولۇمدىن كېلىدۇ.

    ئۇنداق يوقىلاڭ گەپلەرنى قىلماڭا، سىز ئائىلىڭىزنى ئەمالار دوختۇرخانىسىغا ئايلاندۇرماقچىمۇ؟ مەن بۇنىڭغا قوشۇلالمايمەن. سىز قايتا ئۆيلىنىڭ،- دېدىم مەن.

    قايتا ئۆيلىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويماقچى بولدۇميۇ، لېكىن تامىقىمغا بىر نەرسە تىقىلىپ قالغاندەك گەپ قىلالماي قالدىم. مەن كارنىيىمنى قىرىپ قويۇپ، ئۆزۈمنى ئوڭشاپ، ئەمدىلا ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرۇشۇمغا، ئېرىم ئالدىراپ:

    -مەن ئەخمەق، ئۆكتەم بولساممۇ، ساختىپەز ئەمەسمەن، مەن سېنى كۆزدىم ئايرىدىم. ئەمدىلىكتە سېنى قارغۇ دەپ باشقا خوتۇن ئالىدىغان بولسام بىرامماننى، ئاتامنى ئۆلتۈرگەن بولاي، خۇدا ئالدىدا قارا يۈز بولۇپ كېتەي!

    مۇنداق قورقۇنچلۇق قەسەملەرنى قىلغۇزماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئاغزىنى توسۇۋالدىم. قەلبىم  ئېيتقۇسىز خۇشاللىققا چۆمۈپ، ئاغزىم گەپكە كەلمەي قالدى. خۇشاللىقىمدىن ياستۇققا بېشىمنى قويۇپ ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتىم. مەن قارغۇ، بىراق، ئۇ مېنى تاشلىۋەتمەي، باغرىغا مەھكەم باستى. مېنىڭ مۇنداق تەلەيدىن تامايىم بولمىسىمۇ، لېكىن يۈرىكىم تەلپۈنەتتى.

     بىر پەس يىغلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆكسۈمگە قويۇۋالغان بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ:

    -نېمىشقا مۇنداق قورقۇنچلۇق قەسەملەرنى قىلىسىز، مەن سىزنى ئىچ - پۇشۇقىنى چىقارسۇن دەپ يەنە بىر خوتۇن ئېلىڭ دەۋاتقىنىم يوققۇ، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، مەن ئەمدى بۇرۇنقىدەك سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزنى قىلىپ بېرەلمەيمەن. سىزگە ياردەملىشىدىغان ئادەم كېرەك - تە،- دېدىم.

    -ئۇ ئىشلارنى دىدەكلەر قىلىدۇ. بىر چۆرە بىلەن توي قىلىپ ساراڭ بولۇپ قالدىممۇ مەن. ئۇنى ئەكېلىپ سېنىڭدەك ئىلاھە بىلەن ھەمداستىخان قىلىشقا مېنىڭ ۋىجدانىم چىدامدۇ!- دېدى ئېرىم.

    ئۇ «ئىلاھە» دېگەن سۆزنى قىلىۋېتىپ، يۈزۈمنى قوللىرىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ پېشانەمگە ئىللىققىنا سۆيۈپ قويدى. بۇ سۆيۈش مەندە ئۈچىنچى بىر ئەقىل كۆزىنى ئاچقاندەك بولدى. ئۆزۈمنى بىردىنلا ھەقىقىي ئىلاھە سالاھىيىتى بىلەن تەختكە چىققاندەك ھېس قىلدىم،

     مەن ئىچىمدە: «ئەجەب ياخشى ئىش، بالا - قازا تۈپەيلىدىن بەختكە ئېرىشتىم. قارغۇ بولساممۇ ئاددىي ئادەمنىڭ خوتۇنى ئەمەسمەن. ھازىر مەن ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا چىقىپ ئىلاھە بولدۇم. ئەمدى ئېرىمغا بەخت تىلەي» دەپ ئويلىدىم. بۇ خىيالىي نەرسە ئەمەس، ئۆزىنى ئالدىغانلىقمۇ ئەمەس ئىدى. بۇ، بىر ئائىلە ئايالىنىڭ پەس ئورنىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەنلىكى ئىدى.

    شۇ كۈنى پۈتۈن كۈن ھاياجىنىمنى باسالماي يۈردۈم. ئېرىم دەبدەبىلىك قەسىمىنى بۇزۇپ، ئۈستۈمگە خوتۇن ئالمايدۇ، دېگەن بىر بەخت سېىزىمى مېنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىۋېلىپ، زادىلا ئارامىمغا قويمايتتى. بۈگۈن مېنىڭ قەلب ئېكرانىمدا يېڭى بىر ئىلاھە پەيدا بولدى. ئۇ ماڭا: «ئېرىڭ ئۆز بەختىنى كۆزلەپ بىر كۈنى ئۆز قەسىمىدىن تېنىپ، يەنە ئۆيلىنىشى مۇمكىن» دەيتتى. قەلبىمدىكى ئايال بولسا: «شۇنداقمۇ دەيلى، لېكىن قەسەم قىلغانىكەن قايتا ئۆيلىنىشكە بولمايدۇ» دەيتتى. ئىلاھە: «بەلكى شۇنداقتۇر، لېكىن سەن بۇنىڭغا خۇشال بولۇپ كەتمىسەڭمۇ بولىدۇ» دەيتتى. قەلبىمدىكى ئايال بولسا: «بۇنىسى ماڭا ئايان، بىراق ئۇ قەسەم قىلغانىكەن، كېيىنمۇ...» ئۇ مۇشۇ گەپنى قايتا - قايتا تەكرارلايتتى. بۇ چاغدا ئىلاھە ئۈندىمەستىن قاپىقىنى تۈردى. مېنىڭ قەلبىمنى بۇ قورقۇنچلۇق گۇماننىڭ زۇلمەت قاراڭغۇسى قاپلىغانىدى.

    ئېرىم مېنى دىدەكلەرگە قاراتقۇزماي، ئۆزى قارىماقچى بولدى. بۇنىڭغا قەۋەتلا خۇشال بولدۇم. چۈنكى،  شۇنداق بولغاندا ئېرىم بىلەن كۆپرەك بىللە بولالايتىم. يەنە كېلىپ كۆزۈمدىن ئايرىلغاندىن بېرى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنىلا ئىستەيدىغان بولۇپ قالغانىدىم. ئىلگىرى ئېرىمنى كۆرەلىشىمدەك بۇ بەختىمنى ئەمدى ئەمدىلىكتە باشقا سەزگۈر ئەزارلىرىم بۆلۈشىۋالغانىدى. ئۇلار ھەدەپ ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تىرىشاتتى، ھازىر ئېرىمنىڭ نۇرغۇن ۋاقتى سىرتتىكى خىزمەت بىلەن ئۆتەتتى، مۇنداق چاغلاردا بەكلا غېرىپسىنىپ قالاتتىم.

    بۇرۇن ئېرىم سەل كېچىكىپ قالسىلا، دېرىزىنى ئېچىپ سىرتقا قارايتتىم. كۆزلىرىم ئارقىلىق ئۇ ھەرىكەتلىنىۋاتقان دۇنيا بىلەن ئۆزۈمنى باغلاپ تۇراتتىم، ھازىر بولسا پۈتۈن سەزگۈ ئەزالىرىمغا تايىنىپلا ئۇنى ئىزلەيدىغان بولدۇم. بۇرۇن ئىككىمىزنى باغلاپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك، ھازىر پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئوتتۇرىمىزدا ئۆتكىلى بولمايدىغان چوڭقۇر ھاڭ پەيدا بولغانىدى. ھازىر مەن ئەركىن ھەرىكەت قىلالماي ھەسرەت ئىچىدە قىينىلاتتىم، ئىنتىزارلىق تۇيغۇسى بىلەنلا ئۇنىڭ ئۇ قىرغاقتىن بۇ قىرغاققا قايتىپ كېلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتەتتىم. شۇڭا. ھازىر ئۇ مەندىن بىر قەدەم نېرى كەتسىلا، ئۇنى سىلاپ - سىپاپ ئىزدەيدىغان، ۋارقىراپ نالە قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدىم.

    بىراق مۇنداق كۈچلۈك ئىنتىلىش، مۇنداق يۆلىنىۋېلىش ياخشى ئەمەس ئىدى. بۇنىڭسىزمۇ مېنىڭ ئېغىرچىلىقىم ئېرىم ئۈچۈن يېتىپ ئاشاتتى. ئەمدى ئۆزۈمنىڭ قارغۇ ئىكەنلىكىمنى باھانە قىلى، ئۇنىڭغا يۈك بولمساسلىقىم، ئۆزۈمنى زۇلمەت قوينىغا بەنت قىلىشىم كېرەك ئىدى. مەن سەمىمىيلىك بىلەن، بۇندىن كېيىن، كۆز ئالدىمدىكى قاراڭغۇ ھاڭدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئېرىمنى ئۆزۈمگە باغلاپ تۇرىمەن دېمەيمەن، دەپ قەسەم ئىچتىم.

    قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدىلا، مەن سىلاپ، ئاڭلاپ، پۇراپ يۈرۈپ، ئائىلىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى قىلالايدىغان بولدۇم. ئەمدى شۇنى ھېس قىلدىمكى، شۇ چاغدا سەزگۈ ئەزالىرىم كۆڭلۈمنى ماڭا ياردەمدە بولغاندىن بەكرەك پاراكەندە قىلغانىكەن. بۇرۇن كۆزۈم ساق چاغدا، قۇلىقىمنىڭ رولى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى، ئاڭلاشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنىمۇ ئاڭلىمايتتى. قارغۇ بولغىنىمدىن كېيىن بولسا، بارلىق سەزگۈ ئەزالىرىم ئۆز ۋەزىپىسىنى بىجانىدىللىق بىلەن تولۇق ئورۇنلايدىغان بولدى.

    ھازىر ئېرىمنى ئۆينىڭ ھېچقانداق ئىشىغا سالمايدىغان بولدۇم. بۇرۇنقىدەكلا ھەممە ئىشنى ئۆزۈم قىلاتتىم.

    -سەن گۇناھىمنى يۇيۇش پۇرسىتىمنى تارتىۋالدىڭ،- دېدى ئېرىم.

    -نېمە گۇناھىڭىز بارلىقىنى بىلەلمىدىم. لېكىن مەن ئۆز گۇناھىمنى ئېغىرلاتماسلىقىم كېرەك - تە،-دېدىم مەن.

    ئېنىقكى، مەن ئۇنى ئۆي ئىشلىرىدىن ئازاد قىلىۋەتكىنىمدە، ئۇ ئۆزىنى تولىمۇ يېنىك ھېس قىلدى. چۈنكى، ئۆمۈر بويى قارغۇ خوتۇننىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئوغۇل بالىنىڭ ئىشى ئەمەس - تە.

               

     2

     

       تىببىي ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئېرىم شەھەر ئەتراپىدىكى بىر يېزىغا بېرىپ خۇسۇسىي دوختۇرلۇق قىلىشقا باشلىدى. ئۇ يەرگە مېنىمۇ بىللە ئېلىپ باردى. يېزىغا بارغىنىمدا ئۆزۈمنى ئانامنىڭ قوينىغا قايتىپ بارغاندەك ھېس قىلدىم. سەككىز يېشىمدا يېزامدىن ئايرىلىپ، بۇ چوڭ شەھەرگە كەلگەنىدىم. ئون يىل جەريانىدا، كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن بۇ جاي، خۇددى سايىدەك قەلبىمدە بارا - بارا غۇۋالىشىپ كەتكەنىدى. كۆزۈم ساق چاغدا، كالكۇتتادىكى ئالدىراش، شاۋقۇنلۇق تۇرمۇش ئۆتكەن كۈنلىرىمنىڭ ئەسلىمىسىنى ئۆز قوينىغا غەرق قىلىۋەتكەنىدى. كۆزۈمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، كالكۇتتا كىشىنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇپ ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالىدىغان شەھەر بولغىنى بىلەن، يەنىلا مېنىڭ ئارزۇيۇمنى قاندۇرالمايدىغانلىقىنى بىردىنلا چۈشىنىپ يەتتىم. مانا ئەمدى ئوماق بالىلىق چاغلىرىم ئۆتكەن بۇ يېزام خۇددى كۈندۈزى كۆزدىن غايىپ بولۇپ، گۇگۇم چۈشۈشى بىلەنلا ئۇپۇقتا جىمىرلاپ پەيدا بولىدىغان يۇلتۇزلاردەك، مېنىڭ قەلب ئاسمىنىمدا قايتىدىن جۇلالىنىشقا باشلىدى.

       سېنتەبرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى، بىز ھاجىنسپورغا باردۇق. مەن بۇ يەرگە بۇرۇن كېلىپ باقمىغانىدىم، ئەتراپتىكى مەنزىرە ماڭا ناتونۇش ئىدى. لېكىن، بالىلىق چاغلىرىمدىكى خۇش پۇراق ۋە چەكسىز ئىپتىخارلىق مېنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالدى. يېڭى ئاغدرۇلغان ئېتىزدىكى نەم توپىنىڭ ساپ ھىدى، ئالتۇن رەڭ ئىكىنزارلىقتىن كېلىۋاتقان دىماقنى يارغۇدەك خۇش پۇراق، چوپانلارنىڭ لەرزان ئاۋازى ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان توپىلىق يولدا كېتىۋاتقان كۆتەك ھارۋىلارنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازى مېنى ئېيتقۇسىز خۇشاللىققا چۆمدۈردى. ئۆتكەنكى تۇرمۇشۇمدىكى شاۋقۇنلۇق ۋە كۆڭۈللۈك چاغلار خۇددى رېئاللىقتەك مېنى ئۆز قوينىغا ئېلىۋالدى. قارغۇ كۆزۈم بۇ رېئاللىقنى توسۇشقا ئامالسىز ئىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ گۈزەل بالىلىق دەۋرىمگە قايتقانىدىم. لېكىن ئانام ئەمدى مەن بىلەن بىللە بولالمايتتى.

       ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، قارغۇ بولۇپ قالغاندىن كېيىن، بىر كۈنى يېزىدىكى بىر دوستۇم مېنى يوقلاپ كەپتۇ.

       -گۇما، سەن ئۆتۈپ كەتكەن يۇۋاش نېمىكەنسەن، سېنىڭ ئورنۇندا بولسام، مۇنداق قارا يۈز ئەرنى قىلچە ئايىمايتتىم،- دېدى ئۇ.

       -ھەدە، مەن قارغۇ بولۇپ قالدىم، مۇشۇمۇ يېتىپ ئاشىدۇ، ئەمدى ماڭا ئېرىمنىڭ دەردىنى كۆپەيتىپ نېمە كەپتۇ؟ قارغۇ بولۇپ قالغىنىمنى ئۆزۈمنىڭ شۇم پىشانىلىكىمدىن كۆرمەي، قانداقمۇ ئېرىمدىن كۆرەي،- دېدىم. دوستۇم، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسەتمەپتۇ، دەپ ئېرىمدىن بىر مۇنچە خاپا بولدى، ماڭىمۇ خېلى ئاچچىقلاندى. مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ: ئۆي دېگەندە ئانچە- مۇنچ كۆڭۈلسىز ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى خۇشال ئۆتكىلى بولمايدۇ. يۈرىكىدە ھەقىقىي مۇھەببەت بولىدىكەن، ئۇ چاغدا ھەر قانچە ئازاب ئىچىدە قالساڭمۇ، ساڭا ئاراملىق بىلىنىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، ھە دېسىلا سوقۇشۇپ، بىر- بىرىڭلارنى كۈنلەپ، بىر - بىرىڭلار بىلەن دۈشمەنلىشىپ ، جېدەل - ماجىرا ئىچىدە كۈن كەچۈرىدىغان گەپ. كۆزۈمدىن ئايرىلدىم، بۇ مەن ئۈچۈن ئېغىر ئازاب، بىراق ئېرىمغا نەپرەتلىنىشنىڭ، دەرد ئۈستىگە دەرد قوشۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟- دېدىم. مېنىڭدەك بىر قىزنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق گەپلەرنىڭ چىقىشىنى كۈتمىگەن دوستۇم، مېنى ياقتۇرمىغاندەك بېشىنى چايقاپ قويۇپ، ئاچچىقلىنى كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ گەپلىرى زەھەردەك ئاچچىق بولسىمۇ، لېكىن يوللۇق ئىدى. بۇ گەپلەر مېنىڭ يۈرىكىمدە كۈچلۈك يالقۇن پەيدا قىلدى. مەن ئۇنى ئۆچۈرىۋېتىشكە شۇنچە قىلساممۇ بولمىدى.

    سىز كۆرۈپ تۇرغان بۇ كالكوتتادا ھەر كۈنى توختاۋسىز ماجىرالار، نۇرغۇن تالاش - تارتىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. كۆرگەننىڭ كۆزىگە سىڭىپتۇ، ئاڭلىغاننىڭ قۇلىقىغا دېگەندەك، بۇ يەردە يۈرگەنلەر ئاسانلا رەھىمسىز بولۇپ كېتەتتى . بىراق مەن يېزىغا كېلىشىم بىلەنلا، شىۋاغا سەجدە قىلغاندا سوۋغا قىلىدىغان ساپ نىلۇپەر گۈلىنىڭ پۇرىقى بۇرنۇمغا ئۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئۈمىدىم ۋە ئېتىقادىم خۇددى بالىلىق چاغلىرىمدىكىدەك قايتا يالقۇنجاشقا باشلىدى. ئاللاھ ماڭا يار بولغاچقا مېنىڭ قەلبىم ۋە ئۈمىدىم تولۇق قانائەت تاپقانىدى . مەن يەرگە تىزلىنىپ تۇرۇپ بېشىمنى ئەگكىنىمچە شۇنداق دېدىم: «ئاھ ئىلاھىم، سەن ياخشى قىلغانسەن، سەن مېنى كۆزدىن ئايرىغان بولساڭمۇ، ماڭ ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتىسەن».

       ئاھ، خۇدا! مەن نېمىلەرنى دەپ قويدۇم،  «ماڭا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتىسەن» دەپ نەقەدەر ئەدەپسىزلىك قىلغانمەن - ھە! مېنىڭ پەقەت  «ساڭا ھەمراھ بولۇپ بولۇپ كېلىۋاتىمەن» دېيىشلا ھوقۇقۇم بارغۇ. ئاھ! بۇ گەپنى خۇدا ئاخىر بىر كۈنى ماڭ قىلغۇزىدۇ. ھېچكىمنىڭ بېشىغا كەلمىگەن ئېغىر كۈن مېنىڭ بېشىمغا كەلسىمۇ، ھەممە نەرسەمدىن ئايرىلساممۇ، ھاياتقا بولغان ئۈمىدىمنى ئۈزمەيمەن.

      

     3

     

       بىز تولىمۇ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتاتتۇق. ئېرىمنىڭ دوختۇرلۇقتا ئابرويى ئۆسكەنسېرى پۇلىمۇ كۆپىيىۋاتاتتى. بىراق نېمىشقىدۇر تۇرمۇش شارائىتىمىزنىڭ ياخشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئېرىمنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىشكە باشلىدىم.

       ياش چاغلىرىمدا، ئېرىم ياخشى - ياماننى ئايرىيالايتتى. ھازىر بولسا ئۇنىڭدىكى بۇ خىل ئىقتىدار كۈندىن - كۈنگە يوقاپ كېتىۋاتاتتى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، بىر قېتىم ئۇ ماڭا: «مەن جان بېقىش ئۈچۈنلا دوختۇرلۇق كەسپىنى ئۆگەنگەن ئەمەس، مەن پۈتۈن ئالەمدىكى نامراتلار ئۈچۈن خىزمەت قىلماقچى» دېگەنىدى. ئۇ قولىغا پۇل تۇتقۇزمىغىچە، سەكراتتا ياتقان بىمارنى داۋالىمايدىغان بەزى دوختۇرلارنى تىلغا ئالغىنىدا، غەزەپلەنگەنلىكىدىن گەپ قىلالماي قالاتتى. ھازىر بولسا ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ماڭ چۈشتەكلا بىلىنىدىغان بولدى.

       بىر قېتىم بىر نامرات ئايال ئۆزىنىڭ دۇنيالىقتا بىرلا بالىسىنىڭ جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن زار - زار يىغلاپ كەلگەندە، ئېرىم ئۇنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويمىدى. ئاخىر، مەن ئوتتۇرىغا چۈشكەندىن كېيىن، ئامالسىز قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئانچە - مۇنچە تەكشۈرۈپ ئىشنى تۈگەتتى.

       قولىمىز قىسقا چاغلاردا، ئېرىم پۇلغا تويماس ئاچكۆزلەردىن يىرگىنەتتى. ھال - ئوقىتىمىز ياخشىلىنىپ بانكىغا نۇرغۇن پۇل قويغاندىن كېيىن بولسا، ئۇ دائىم بايلار بلەن ئۆيدە مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان بولۇۋالدى. مەن خۇددى تۈتەك ئىچىدە قالغاندەك، ئۇلارنىڭ نېمە توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقالمايتتىم. لېكىن ھېلىقى كىشىلەر كېتىشى بىلەنلا ئېرىم يېنمىغا كېلەتتى - دە، ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەن ھالدا، ماڭا ھەر خىل ئىشلار توغرىلىق سۆزلەپ بېرەتتى. شۇ چاغدىلا مەن ئېرىمنىڭ يەنە بۇلغانغانلىقىنى سېزىۋالاتتىم.

       كۆزۈم قارغۇ بولۇشتىن ئىلگىرى، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرگەن ئېرىمنىڭ ئوبرازى ھازىر قېنى؟ مېنىڭ ئۆز نۇرىنى يوقاتقان كۆزلىرىمنى سۆيۈپ كەتكەن، مېنى ئىلاھ تەختىگە يۆلەپ چىقارغان ئېرىم ھازىر قەيەردە؟ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان ئادەملەر بەزىدە ياخشى پەزىلەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن بۇ يولدىن ئۆزىنى تارتىۋالالايدۇ. لېكىن ھېلىقىدەك روھىي ئەخلاققا ئىگە كىشلەر، ئەگەر سىرتنىڭ پارازىت قۇرتلىرى بىلەن دائىم ئارىلىشىدىغان بولسا، بۇ قۇرتلار ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى يەپ تۈگىتىدۇ. مەن ئۇنى داۋالاشنىڭ ئۇسۇلىنى ئىزدەپ باققان بولساممۇ، ھېچ ئىلاجىسىنى قىلالمىدىم.

       ئېرىم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقىدا پەيدا بولغان يوچۇقنى كۆرەلمەسلىك مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. بىراق، ئېرىم بىلەن بىللە بولالماسلىق ماڭا تولىمۇ ئەلەم قىلدى. مەن قارغۇ بولساممۇ، لېكىن ياشلىق باھارىمدىكى ساپ مۇھەببەت، مەڭگۈ سادىقلىق ۋە تەۋرەنمەس ئىشەنچ بىلەن دۇنيانىڭ يورۇقلۇقىدىن مەھرۇم بولغان قەلب بوسۇغىسىدا تۇراتتىم. مەن بۇرۇن نازۇك قوللىرىم بىلەن نىلۇپەر گۈلىنى كۆتۈرۈپ ئىلاھىمغا تەقدىم قىلغانىدىم. ئەنە شۇ نىلۇپەر گۈلىنىڭ ئۈستىدىكى شەبنەملەر قۇرۇماي تۇرۇپ، ئېرىم توغرا يولدىن ئازدى، ئەزىز يۇرتىدىن ۋاز كەچتى. پۇلنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئادەم بارمايدىغان يەرلەرگە باردى. ئۇنىڭ زادى قەيەردە توختايدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. مەن ئېتىقاد قىلىدىغان، كىشىلەر ئەخلاقلىق دەپ قارايدىغان، ھەر قانداق بايلىقتىنمۇ قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئۇ ھە دەپ زاڭلىق قىلاتتى، كەمسىتەتتى، ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا يوچۇق پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى بىز بىر يولدا سەيلە قىلاتتۇق. كېيىن، قايسى چاغلاردىن باشلاپ ئىككىمىزنىڭ ئىككى يولدا ماڭغانلىقىمىزنى ئۇنىڭغىمۇ، ماڭىمۇ نامەلۇم ئىدى، ئاخىرىدا ئىش بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلىپ، ئۇ مېنىڭ نىدالىرىمغا قۇلاق سالمايدىغان بولدى.

       مەن بەزىدە، كۆزۈم كۆرمىگەچكە تۈگىدەك ئىشنى تۆگىدەك قىلىۋەتكەن بولسام كېرەك، ئەگەر كۆزۈم ساق بولغان بولسا، بۇ دۇنيانى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ھېس قىلغان بولار ئىدىم دەپ ئويلايتتىم.

       بىر كۈنى سەھەردە، بىر مۆتىۋەر مۇسۇلمان ، ۋابا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نەۋرەمنى كۆرۈپ قويسىڭىز دەپ، ئېرىمنى ئىزلەپ كەلدى. مەن ئۇنىڭ ئېرىغا:

       -بالام، مەن بىر نامرات، خۇدا سېنى ئۆز پاناھىدا ساقلار،- دەۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم.

       -خۇدانىڭ پاناھىنىڭ ماڭ پايدىسى يوق، مەن ئاۋۋال سېنىڭ ھالىڭنى بىلىپ باقماقچىمەن!- دېدى ئېرىم.

       مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ  «مېنى كۆزدىن ئايرىغان خۇدايىم، نېمىشقىمۇ قۇلاقتىن ئايرىمىغاندۇ؟» دەپ ئويلاپ كەتتىم. ھېلىقى ئادەم ئۇھ تارتىپ قويدى - دە،  «ئاھ، خۇدا» دېگىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭدى. مەن ئۇنى دېدەك قىزغا ئىچكىرىكى ئۆينىڭ دېرىزىسىنىڭ يېنىغا چاقىرتقۇزۇپ:

       -بوۋا، نەۋرىڭىزنى داۋالىتىدىغان پۇلنى مەن بېرەي، داڭلىق دوختۇرلارغا كۆرسىتىپ بېقىڭ، ئېرىمغا دۇئا قىلىپ قويارسىز،- دېدىم.

       شۇ كۈنى پۈتۈن كۈن ئاغزىمغا تاماق تېتىمىدى. چۈشتىن كېيىن ئۇخلاپ قالغان ئېرىم ئويغىنىپ:

       -ئەجەب خاپ كۆرۈنىسەنغۇ؟ - دەپ سورىدى.

       مەن بۇرۇنقىدەكلا:

       -ياق، ئۇنداق ئەمەس،- دېدىم. بىراق، بىردەمدىن كېيىنلا گەپنى ئۇچۇق ئېيتىۋەتتىم،- خېلى كۈنلەردىن بېرى سىزگە بىر گەپنى دېمەكچى بولغانىدىم، لېكىن گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي يۈردۈم. ھەر ھالدا دېمىسەم بولماس. سىزگىمۇ مەلۇم، بىزنىڭ بۇرۇنقى ئىناق تۇرمۇشىمىزدا ھازىر دەز پەيدا بولدى،- دېدىم.

       -ئۆزگىرىپ تۇرۇش دۇنيانىڭ قانۇنىيىتىغۇ،- دېدى ئېرىم كۈلۈپ تۇرۇپ.

       -پۇل، بايلىق، چىراي ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بىراق مەڭگۈلۈك نەرسىلەر پەقەتلا يوقمۇ؟- دېدىم مەن.

       -قارا، باشقا ئاياللار نامراتلىقىدىن ھەسرەت چېكىدۇ، ئويلاپ باق، قايسى ئەر پۇل تېپىش كويىدا بولمايدىكەن، قايسى بىر ئەر مۇھەببەتتىن ۋاز كېچىدىكەن، سەن يوقىلاڭ ئىشلارنى ئويلاپ ئۆزۈڭنى بىكار ئازابلاپ يۈرىسەن،- دېدى ئېرىم كەسكىن قىلىپ.

       مەن شۇندىلا ھەممىنى چۈشەندىم: « قارغۇلۇقنىڭ تۇمانى كۆزۈمنى توسۇۋېلىپ، مېنى ئۇچقاندەك ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادىن ئايرىۋەتكەنىكەن، مەن ھەقىقەتەن باشقا ئاياللارغا ئوخشىمايدىكەنمەن، ئېرىممۇ مېنى چۈشەنمەيدىكەن.»

     

     4

     

       شۇ چاغدا ئېرىمنىڭ يېزىدىكى ھاممىسى جىيەن ئوغلىنى تىڭ - تىڭلاپ كېلىپ قالدى: بىز ئۇنىڭ ئىززىتىنى قىلدۇق، ئۇنىڭ كېلىپ بىرىنچى قېتىم قىلغان گېپى شۇ بولدى:

       -كېلىنىم، ئاڭلىسام، بەختكە قارشى ئىككى كۆزىڭىزدىن ئايرىلىپ قاپسىز، ئەمدى مېنىڭ ئاۋىناشىم قارغۇ خوتۇن بىلەن قانداقمۇ ئۆي قىلىپ كېتەر؟ ئەمدى سىز ئۇنىڭ قايتا ئۆيلىنىشىگە يول قويسىڭىز بولغۇدەك جۇمۇ!

       ئەگەر ئېرىم چاقچاققا يۆلەپ: «شۇنى دېمەمسىز ھامما، سىزمۇ كۆرۈپ تۇرۇپسىز، قالغان ئىشنى ئۆزىڭىز ئوڭشايسىز - دە» دېگەن بولسىلا ئىش تۈگەيتتى، بىراق، ئۇ بىر ئاز ئىككىلىنىپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مۈجىمەل قىلىپلا:

       -بۇ نېمە دېگىنىڭىز، ھامما؟ مۇنداق گەپنى قىلمىسىڭىز بولاتتى، - دېدى ھاممام.

       -بۇ قانداق گەپ، مەن ساڭا يامان گەپ قىلىۋاتقىنىم يوققۇ، قېنى بولمىسا خوتۇنۇ سۆزلەپ باقسۇن،- دېدى ھاممام.

       -ۋاي ھامما، سىز ئۆيلىنىدىغان ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەن مەسلىھەتلەشسىڭىز ياخشى ئەمەسمۇ، ئۆزى تاپقان بالاغا، ئۆزى تاپسۇن داۋانى، دېگەن گەپ بار- دە،- دېدىم زورىغا كۈلۈمسىرەپ.

       -ياخشى، بۇ گېپىڭىزمۇ جايىدا بولدى. كېيىن ئايرىم مەسلىھەتلىشەرمىز. ئاۋىناش، سېنىڭچە قانداق؟ قاراڭ، كېلىنىم، سىزگە دەيدىغىنىم، مەرتىۋىلىك ئائىلىنىڭ قىرلىرىغا ھەمراھ بولىدىغان كىچىك خوتۇنلار قانچە كۆپ بولسا، ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ئابرويىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئوغلۇم دوختۇرلۇق قىلمىسا، خوتۇن ئالمىسا، ئۆزىنىڭ ئاش - نېنىنى تېپىپ يېيەلمەمتى؟

       ئىككى كۈندىن كېيىن، ئېرىم مېنىڭ ئالدىمدىلا ھاممىسىغا:

       -ھامما، كېلىنىڭىزنى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدەك كۆيۈنۈپ كۈتىدىغان ياخشى ئادەمنىڭ قىزىنى تاپالامسىز؟ ئۇنىڭ ئىككىلا كۆزى كۆرمەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا مەڭگۈ ھەمراھ بولغۇدەك بىرەرسى بولغان بولسا، مەنمۇ خاتىرجەم بولغان بولاتتىم،- دېدى. ئەگەر ئۇ كۆزۈم يېڭى قارغۇ بولۇپ قالغان مەزگىللەردە شۇ گەپنى قىلغان بولسا، شۇ يەردىلا ئۆلۈۋالغان بولاتتىم. بىراق ھازىر كۆزۈم كۆرمىسىمۇ، ئۆينىڭ ئىشلىرىغا خېلى ئەپلىشىپ قالغانىدىم، شۇڭا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي جىملا تۇرۇۋالدىم.

       -ۋاي، ئۇنداق قىزلارنى ئاز دەمسەن. ئاكامنىڭ بىر قىزى بار، ئۇنى ئاي دېسەڭ ئاي ئەمەس، كۈن دېسەڭ كۈن ئەمەس، پەرىشتەنىڭ ئۆزىلا، قىزمۇ بويىغا يېتىپ قالدى. ئوبدانراق بىرەر لايىق تېپىشنىڭ يولىنى قىلىۋاتقان، ئەگەر سېنىڭدەك ئالىيجاناب بىرەرسىگە يولۇقۇپ قالسا، ھازىرلا توي قىلىدۇ،- دېدى ھاممام.

       -كىم توي قىلىمەن دەپتۇ؟- دېدى ئېرىم يالغاندىن ئىككىلەنگەندەك بولۇپ.

       -ۋاي جېنىم قېرىندىشىم، توي قىلمىساڭ ئوبدان ئادەمنىڭ قىزلىرى سېنىڭ ئۆيۈڭگە كېلەتتىمۇ،- دېدى ھاممام.

       ئۇنىڭ گەپلىرى چەك باستى بولغاي، ئېرىم لام - جىم دېمىدى.

       مەن خۇداغا نالە قىلدىم: «ئاھ، قۇدرىتى ئۇلۇغ خۇدا، ئېرىمنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن!»

       ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتتى. بىر كۈنى سەھەردە ئىبادەت قىلىپ ئەمدىلا قايتاي دەپ تۇرۇشۇمغا ھاممام مېنى چاقىرىپ:

       -كېلىنىم، مەن دېگەن ھېلىقى ئاكامنىڭ قىزى ھەيما بۈگۈن بۇ يەرگە كەلگەن. ھەيما، بۇ سېنىڭ ھەدەڭ بولىدۇ، كېلىپ سالام قىلغىن،- دېدى.

       دەل شۇ چاغدا ئېرىم كىرىپ قالدى- دە، خۇددى ناتونۇش ئايالغا ئۇچراپ قالغاندەك، يالغاندىن ھەيران بولۇپ، دەرھال چىقىپ كەتمەكچى بولدى.

       -ئاۋىناش، نەگە بارىسەن؟- دېدى ھاممام.

       -بۇياق كىم بولىدىكىن؟- دەپ سورىدى ئېرىم.

       -بۇ ئاكامنىڭ قىزى ھەيما بولىدۇ. ھەيما، نېمىگە تارتىنىپ يۈرىسەن، كېلە ئاكاڭغا سالام قىلغىن،- دېدى ئۇ.

       ئېرىم خۇددى ھەيران قالغاندەك، قىزنىڭ ئۆي ئىچىنى، كىم بىلەن، قانداق كەلگەنلىكىنى ئارقا - ئارقىدىن سوراپلا كەتتى.

       مەن ئىچىمدە: «بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئايان. لېكىن ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئەخلاق قېلىپىدىن چىقىپ، خىلمۇخىل ئۇسۇللار بىلەن شاللاقلىق قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ساختىپەزلىك قىلىپ يەنە چوڭ سۆزلەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن پەسكەشلىكنى ئۆزلىرى قىلىپ، يەنە مېنىڭ ئالدىمدا خىجىل بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مېنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن ياسالما قىلىقلارنى قىلىدۇ؟» دەيتتىم.

       مەن ھەيمانى قولىدىن يېتىلەپ ياتاق ئۆيۈمگە باشلاپ كىردىم. ئۇنىڭ بەدىنىنى، يۈزلىرىنى سىلىدىم. ئۇ ئىنتايىن قاملاشقان قىزدەك قىلاتتى. يېشىمۇ ئون تۆت - ئون بەشتىن كەم ئەمەستەك كۆرۈنەتتى.

       مەن شۇ ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقىنىمدا ئۇ يېقىملىق كۈلۈۋەتتى:

       -ھوي، سىز نېمە قىلىۋاتىسىز؟ باشلىرىمنى سىلاپ ئۇخلىتىپ قويماقچى بولۇۋاتامسىزيە؟- دېدى ئۇ.

       ئۇنىڭ بالىلارنىڭكىدەك ساددا، غەمسىز كۈلكىسى مېنى تەسىرلەندۈرۈپ، قەلبىمدىكى قارا تۇمانلارنى قاياقلارغىدۇر تارقىتىۋەتتى. مەن ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ تۇرۇپ:

       -سىڭلىم، مەن سىزنى كۆرۈپ باقماقچىدىم،- دېدىم ۋە ئۇنىڭ سىلىق، يۇمشاق يۈزىنى يەنە سىلاشقا باشلىدىم.

       -نېمىنى كۆرۈپ باقماقچىسىز؟- ئۇ شۇ گەپ بىلانلا يەنە قاقاقلاپ كۈلۈۋەتتى،- مەن قانچىلىك يوغۇنىدىكىن دەپ تۇتۇپ كۆرۈپ باقىدىغان كۆكتاتلىقىڭىزدىكى پۇرچاق ياكى چەيزە ئەمەس- تە!

       شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ قارغۇ ئىكەنلىكىمدىن ھەيمانىڭ خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدىم.

       -سىڭلىم، مېنىڭ كۆزۈم كۆرمەيدۇ، -دېدىم مەن.

       بۇنى ئاڭلىغان ھەيما ھەيران بولغىنىدىن جىملا بولۇپ كەتتى. ئېنىقكى، ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ ئوت يېنىپ تۇرغان يوغان كۆزلىرى بىلەن مېنىڭ نۇرىنى يوقاتقان كۆزلىرىمگە، بىچارە قىياپىتىمگە قاراۋاتاتتى. ئارقىدىنلا:

       -ھە شۇڭلاشقا كىچىك ئاپامنى ئەكەلدۈرۈپتىكەنسىز- دە،- دېدى ھۇدۇققان ھالدا.

       -ياق، مەن كىچىك ئاپىڭىزنى چاقىرمىغان، ئۆزى كەپتۇ،- دېدىم مەن ئالدىراپ چۈشەندۈرۈپ.

       قىز بىر خىل مەسخىرىلىك كۈلكىسى بىلەن:

       -ھەي، بۇ كىچىك ئاپامنىڭ ئويۇنىكەن- دە، ئەمدى بولغۇلۇق بولدى، ئۇنى ھەيدىۋېتلمەيمىز. دادام نېمىشقا مېنى بۇ يەرگە ئەۋەتتى؟ بۇنى ماڭا ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟

       بۇ چاغدا، ھاممام ئېرىم بىلەن خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئۆيگە كىردى. ئۇنى كۆرۈپلا ھەيما جېدەل قىلغىلى تۇردى:

       -كىچىك ئاپا، ئېيتىڭچۇ، ئۆيىمىزگە قاچان كېتىمىز؟

       -ھەي، تازىمۇ قاملاشقان قىز - دە سەن، كېلە - كەلمەيلا كېتىشنىڭ جىدىلىنى قىلغىلى تۇردۇڭغۇ، يائاللا، سېنىڭدەك تېنىمسىز قىزنى كۆرمەپتىكەنمەن،- دېدى ئۇ.

       -ساڭىغۇ بولىدۇ، چۈنكى بۇلار سېنىڭ يېقىن تۇغقىنىڭ، قانچە ئۇزۇن تۇرغۇڭ كەلسە، شۇنچە ئۇزۇن تۇرالايسەن، بىراق، مەن ساڭا ئوخشىمايمەن- دە، مەن كېتىمەن، بۇنى ساڭا ئېنىق ئېيتىپ قوياي، - ھەيما ئارقىدىن مېنىڭ قولۇمدىن تارتىپ تۇرۇپ، -ھەدە سىز ئېيتىپ بېقىڭا، سىز مېنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشىمغا ئوخشامسىز؟- دېدى.

       مەن ئۇنىڭ بۇ ئاددىغىنا سوئالىغا جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى باغرىمغا مەھكەم باستىم.

       -قاراڭا، كىچىك ئاپام ھەر قانچە تەدبىرلىك بولغىنى بىلەنمۇ، بىر قىزنى ئۆزىگە بويسۇندۇرالمىدى.

       كىچىك ئاپام ھەيماغا ئاچچىقلانماستىن، ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىنچىلىق قىلدى. بىراق، ھەيما خۇددى كىيمىدىكى توپا- چاڭنى قېقىۋەتكەندەك ئۇنى سىلكىۋەتتى، ھاممام گويا چىدىماس ئەركە نايناق قىزلاردەك چالۋاقاپ غۇدۇڭشىغىنىچە كەتمەكچى بولدىيۇ، لېكىن نېمىنىدۇر ئېسىگە ئالغاندەك توختىدى ۋە ھەيياغا:

       -ھەيما، جۈر يۇيۇنىدىغان ۋاقتىڭ بولۇپ قالدى،- دېدى

       ھەيما مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ:

       -ھەدە، ئىككىمىز بىللە كۆل بويىغا بېرىپ يۇيۇنۇپ كەلسەك بولامدۇ؟ - دېدى.

       ھاممام بۇنىڭغا نارازى بولسىمۇ، ئامالسىز ئىدى، چۈنكى ئۇ، ھەيمانىڭ ئويناشقىلى بولمايدىغان قىز ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، ھەيما ئۇنىڭغا ئەسلا گەپ بەرمەيتتى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت مېنىڭ ئالدىمدا ئايان بولدى.

       بىز ئارقا تەرەپتىكى كۆل بويىغا بارغاندا، ھەيما مەندىن:

       -سىزنىڭ نېمىشقا بالىڭىز يوق؟- دەپ سورىدى.

       -نېمىشقا دەمسىز؟ بۇنى مەن نەدىن بىلەي، بەلكىم تەڭرى بىزگە پەرزەنت بېرىشنى راۋا كۆرمىگەن چېغى، - دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ.

       -ياق، ئۇنداق ئەمەس، سىز بەلكىم بىرەر گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسىڭىز كېرەك. سىز كىچىك ئاپامغا قارىمامسىز، ئۇنىڭ نىيىتى بۇزۇق بولغاچقا، پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن. بىراق سىزنىڭ نېمە گۇناھىڭىز بار؟ - دېدى ھەيما.

       كىمنىڭ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى كىم بىلسۇن دەيسىز،-دېدىم مەن.

       قىز كەسكىن ھالدا:

       -كۆرگەنسىز، كىچىك ئاپامنىڭ قورسىقى قۇۋلۇق - شۇملۇق بىلەن تولۇپ كەتكەن، ئۇنىڭدا بالا تۆرەلمەيدۇ،- دېدى.

       مېنىڭ ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، خۇشاللىق بىلەن خاپىلىق ئوتتۇرىسىدىكى سىرلاردىن خەۋىرىم يوق ئىدى. ھەيمامۇ بۇنى چۈشەنمەيتتى.

       ھەيما تۇيۇقسىز مېنى قۇچاقلاپ:

       -مېنىڭ گېپىمگىمۇ شۇنچە ھەسرەتلىنىپ كېتەمسىز، مەن ئۇنى مۇنداقلا دەپ قويغان، - دېدى.

       قىزنىڭ كۈلكىسى يەنە جاراڭلىدى.

          

     5

     

    ئېرىم كەسپىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتاتتى، يىراققا بېرىپ كېسەل كۆرۈشكە ئۇنىمايدىغان بولۇۋالدى. يېقىندىكىسىنى بولسا، كۆردۈڭمۇ، كۆردۈم قىلىپ قايتىپ كېلەتتى. بۇرۇن تاماق ۋە ئۇخلاش ۋاقتىدىن باشقا ۋاقىتتا كېسەل كۆرۈش ئۆيىدىن چىقمايدىغان ئادەم ئەمدىلىكتە، ھاممىسى چاقىرمىسىمۇ، ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق ئۇنىڭ يېنىغا كىرىۋالىدىغان بولدى. ھاممىسى مۇنداق پۇرسەتلەرنى قولدىن بەرمەي:

    -ھەيما، سىپارى قۇتىسىنى ئەكىرىۋەتكىنە،- دەپ چاقىراتتى.

    مەن ئېرىمنىڭ ھاممىسىنىڭ ھوجرىسىدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇراتتىم. ئىككى - ئۈچ كۈنگىچە ھەيما ئۇنىڭغا يۈزماي، سىپارى، سىر سۇرۇق قۇتىلىرىنى ئەكىرىپ بېرىپ تۇردى، لېكىن كېيىنچە ھەر قانچە ۋارقىرىسىمۇ ئورنىدىن قىمىرلاپمۇ قويمايدىغان، نەرسە - كېرەكلەرنى خىزمەتكارلاردىن كىرگۈزۈپ بېرىدىغان بولدى. ھاممىسى: «ھەيما، ھەيما... » دەپ كارنىيى يىرتىلغۇچە ۋارقىرىغاندا، ھەيما خۇددى خەيرىخاھلىق قىلىۋاتقاندەك ماڭا چىڭ چاپلىشىۋالاتتى. بىر خىل غەم - ئەندىشە ئۇنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋالغاندەك ئىدى. شۇنىڭدىن بېرى، ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا ئېرىمنىڭ گېپىنى چىقارمايدىغان بولدى.

    شۇ كۈنلەردە ئاكام مېنى يوقلاپ كېلىپ قالدى. ئاكامنىڭ كۆزى بەكلا ئۆتكۈر ئىدى. ئۇنىڭدىن ھەر قانداق بىر ئىشنى يوشۇرۇپ قالالمايتتۇق. ئەخلاقسىزلىقلارغا ئازراقمۇ يول قويمايتتى. مەن ئېرىمنىڭ ئۇنىڭ ئالدىدا جىنايەتچى ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىدىن بەكلا ئەنسىرەيتتىم، شۇڭا مەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك، تەبىئىي بولسىمۇ چىرايىمدىن كۈلكە يوقاتماي، بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭدىن يوشۇرماقچى بولاتتىم. مەن توختىماي سۆلەيتتىم. ئۆيدىكى پۈتۈن ئىشلارنى بىراقلا قىلىۋەتمەكچى بولغاندەك، پايپاسلاپلا يۈرەتتىم. تۇرۇپ ھەدەمدىن ئاشۇرىۋېتىپ، چاندۇرۇپ قويمىسام بولاتتىغۇ، دەپمۇ ئەنسىرەيتتىم.

    ئاكام بىزنىڭ ئۆيدە ئۇزۇن تۇرمىدى. چۈنكى ئېرىم ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلىدە بولمىغانىدى. ئايرىلىش ئالدىدا، ئۇ كۆيۈنگەن ھالدا تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن باشلىرىمنى سىلىدى. ئۇنىڭ چىن قەلبىدىن بەختىمنى تىلەۋاتقانلىقى ماڭا ئېنىق ئىدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى مېنڭ ئاللىبۇرۇن ياشتىن ھۆل بولۇپ كەتكەن مەڭزىمگە ئېقىپ چۈشتى.

        ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئاپرېل ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى گۇگۇم ۋاقتىدا، توپ - توپ كىشىلەر بازاردىن قايتىشقانىدى. ئاسماننى تۈرۈم - تۈرۈم قارا بۇلۇت قاپلاپ يامغۇر شارقىراپ قويۇۋەتتى. بىر پەستىن كېيىن، نەمخۇش توپىدىن  چىققان مەززىلىك پۇراق ۋە ساب ھاۋا بوشلۇقنى قاپلىغانىدى. ئارقىدا قالغان يولۇچىلار ئەنسىزلىك بىلەن ۋارقىرىشاتتى. مەن ئۆزۈم يالغۇز قاراڭغۇ ئۆيدە، چاپىنىمغا ئوت تۇتۇشۇپ كېتىشىدىن ياكى باشقىچە بىرەر بەخىتسىزلىكنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەپ شامنى ياقماي ئولتۇراتتىم. مەن ئەنە شۇ گۆدەك قاراڭغۇ ئۆيدە قوللىرىمنى قوشتۇرۇپ، چەكسىز زۇلمەتلىك قىسمىتىمنىڭ ياراتقۇچىسىغا نالە قىلاتتىم: «ئەي خۇدا، سېنىڭ شاپائىتىڭدىن مەھرۇم بولغىنىمدا، سېنىڭ دۇئايىڭدىن خەۋەرسىز قالغىنىمدا، مەن يەنىلا ئۆز جېجىم بىلەن لەختە - لەختە بولۇپ كەتكەن يۈرەك يەلكىنىمنىڭ رولىنى مەھكەم چىڭ تۇتىمەن! قوللىرىمدىن قان ئېقىپ، دەھشەتلىك بوران- چاپقۇننىڭ ئىچىدە قالساممۇ مەيلى. ئەمدى مەن سېنىڭ ھەر قانداق سىنىقىڭغا بەرداشلىق بېرەلەيمەن!»

    شۇ سۆزلەرنى قىلغىنىمدا، كۆزلىرىم ياشقا تولدى، يۈزۈمنى ياستۇققا ياققىنىمچە، ھەسرەت بىلەن يىغلىۋەتتىم.

    كۈن بويى ئۆي ئىشى بىلەن بەنت ئىدىم. ھەيما ئارقامدىن سايەمدەكلا ئەگىشىپ يۈرەتتى. بىر بۇلۇڭغا بېرىپ پۇخادىن چىققۇچە يىغلىغۇم كېلەتتى. لېكىن بۇنىڭغا پۇرسەت چىقمايتتى. خېلى كۈنلەردىن بېرى قانغۇدەك يىغلاۋاتقان يىغلىۋالغىنىم مۇشۇ ئىدى. تۇيۇقسىز كارىۋات مىدىرلىغاندەك قىلپ، بىرسىنىڭ ئاياق تىۋىشى ئاڭلانغاندەك بولدى. ھەيما يېنىمغا كېلىپ، بوينۇمنى قۇچاقلىغىنىچە كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكى بىلەن كۆز ياشلىرىمنى سۈرتتى. نېمە ئويلىغىنىنى بىلمىدىم، ئىشقىلىپ، مېنىڭدىن ھېچقانداق گەپ سورىمىدى، مەنمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلمىدىم، ئۇ يەنە مۇزلاپ كەتكەن، ئەمما يۇمشاق قوللىرى بىلەن مېنىڭ پىشانەمنى سىلايتتى. شۇنداق ئولتۇرۇپ قايسى چاغلاردا چاقماق چېقىپ، يامغۇر ياغقانلىقىنى ئازراقمۇ سەزمەپتىمەن. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بىر خىل يېقىملىق تىنچلىق مېنىڭ ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان ھەسرەتلىك يۈرىكىمنى سەگىتتى.

    ئەتىسى ھەيما ھاممىسىغا:

    -ھامما، ؟ ئەمدى سىز كەتمەيدىغان بولسىڭىز مەن خىزمەتكارلار بىلەن كېتىۋېرىمەن، بۇنى سىزگە چىرايلىقچە ئېيتىپ قوياي،- دېدى.

    -نېمىگە ئالدىرايسەن، ئەتىلەردىن مەنمۇ قايتىمەن، بىللە كەتمەيمىزمۇ، ھەيما، مەيەرگە كېلىپ ئاۋىناشىمنىڭ ساڭا قانچىلىك ئېسىل ئۈزۈك ئەكەلگىنىنى كۆرۈپ باققىنا،- دېدى ئۇ ۋە كۆرەڭلىگىنىچە ئۈزۈكنى ھەيماغا بەردى.

    -قاراڭا ھامما،- دېدى ھەيما،- مېنىڭ قانچىلىك مەرگەنلىكىمنى كۆرۈپ تۇرۇڭ- ھە- ئۇ شۇ گەپنى قىلدى - دە، ئۈزۈكنى ئارقىدىكى يۇندى كۆلچىكىگە قارىتىپ ئاتتى. بۇنى كۆرۈپ ھاممىمىزنىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۇچۇپ، قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ، ئاچچىقىدا كىرپىدەك تۈگۈلۈپ كەتتى.

    ئۇ مېنىڭ قولۇمدىن تۇتۇپ يالۋۇرغاندەك:

    -كېلىنىم، ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى ئاۋىناشقا زادىلا ئېيتىپ قويمىسىڭىز، بولمىسا ئۇ دەردتىن تۈگىشىپلا كېتىدۇ، ئېيتماسلىققا قەسەم قىلىڭ، جېنىم كېلىنىم،- دېدى.

    -خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ئۇنداق گەپ توشۇيدىغانلاردىن ئەمەس،- دېدىم مەن.

    ئەتىسى مېڭىش ئالدىدا ھەيما مېنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:

    -ھەدە، مېنى ئۇنتۇپ قالماڭ - ھە،- دېدى.

    مەن ئۇنىڭ مەڭزىنى سىلاپ تۇرۇپ:

    -ئەمالار ئادەتتە بىر نەرسىنى ئاسان ئۇنتۇپ قالمايدۇ، سىڭلىم، دۇنيا ماڭا مەنسۇپ ئەمەس، پەقەت ئۆز يۈرىكىمگە تايىنىپلا كۈن كەچۈرىمەن،- دېدىم ۋە ئۇنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويدۇم. مۇنچاق- مۇنچاق كۆز ياشلىرىم ئۇنىڭ چاچلىرىغا ئېقىپ چۈشتى.

    ھەيما كەتكەندىن كېيىن، مېنىڭ تۇرمۇشۇم مەنىسىز بىلىنىشكە باشلىدى. ئۇ، مېنىڭ مەنىۋى دۇنيايىمغا ئاتا قىلغان خۇش پۇراق، گۈزەللىك، خۇشاللىق، يورۇقلۇق ۋە ياشلىق باھاردىن ئايرىلغىنىمدا، ئەتراپىمغا قوللىرىمنى سوزۇپ، ئۆز تەسەۋۋۇرۇمدىكى دۇنيانى كۆرگەندەك بولدۇم. ئاھ، مەن ھازىر قەيەردە؟

    ئېرىم ئۆيگە كىرىپ خۇشال ھالدا:

    -بۇ خەق كەتتى، ئەمدى ئارامخۇدا خىزمەت قىلىدىغان بولدۇم،-دېدى.

    مەن خورلۇق ھېس قىلاتتىم، ئۇ نېمە ئۈچۈن مېنڭ ئالدىمدا قۇۋلۇق قىلىدۇ، ھەقىقى ئەھۋالنى ئۇقسام قورقۇپ قالامتىم؟ مەن ھەر قانداق زەربىگە باش ئەگمىگەنغۇ؟ كۆزۈمدىن ئايرىلغان چېغىمدا، مەڭگۈلۈك قاراڭغۇلۇقنى قانچىلىك رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلغانلىقىمنى ئېرىم بىلمەسمۇ؟

    شۇ كۈنلەرە، ئېرىم ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا قارا پەردە پەيدا بولغانىدى، ھازىر ئۇ تېخىمۇ قېلىنلىدى. ئېرىم خۇددى ھەيما ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىسىدىن پۈتۈنلەي يوقالغاندەك، خۇددى ھېچقانداق يەردە ئىز قالدۇرمىغاندەك، ئۇنىڭ ئىسمىنى مېنىڭ ئالدىمدا ھەرگىزمۇ تىلغا ئالمايدىغان بولدى، لېكىن خەت ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئۇنىڭ ئىز -دېرىكىنى قىلىپ كېلىۋاتاتتى.

    مەن خۇددى كۆلدىكى سۇ ئازراقلا دولقۇنلىسا، نىلۇپەر گۈللىرى تەۋرىنىپ كەتكەندەك، ئېرىمنىڭ چىرايىدا ئازراقلا خۇشاللىق ئالامەتلىرى پەيدا بولسا، ئۇنىڭ ماڭا دەرھال تەسىر قىلىدىغانلىقىنى تۇيۇقسىز ھېس قىلىپ قالدىم. مەن ئۇنىڭ ھەيما توغرىلىق قاچان خەت - خەۋەر ئالالىغانلىقىنى، قاچان ئالالمىغانلىقىنى بەش قولدەك بىلىپ تۇراتتىم. لېكىن مەن ئېرىمدىن ئۇنىڭ ئەھۋالىنى سورىيالمايتتىم. مەن ھەيمانىڭ خەۋىرىنى ئېلىشنى، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم، ئۇ مېنىڭ قاراڭغۇ دىلىمگە ئەركىنلىك، يورۇقلۇق، گۈزەللىك ئېلىپ كېلىپ، مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغانىدى. بىراق، ئېرىمنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىشقا ھوقۇقۇم يوق ئىدى.

    ئاپرىل ئېيىنىڭ بىر كۈنى، دىدەك قىز مەندىن:

    -ئانا، پورتتا ئالدىراش كېمە تەييارلاۋاتىدۇ، بېگىم بىر ياققا بارماقچىمىدى!- دەپ سورىدى.

    - مەن قانداقتۇر بىر شۇملۇقنىڭ باشلىنىۋاتقانلىقىنى بۇرۇنلا سەزگەنىدىم.

    -نەگە بارىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلەلمىدىم، دېدىم مەن ئۇنىڭغا:

    دىدەك قىز يەنە گەپ سوراشقا مادارى قالمىغاندەك، ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ قويدى - دە، چىقىپ كەتتى.

    يېرىم كېچە، ئېرىم يالغان گەپتىن بىرنى توقۇپ:

    -يىراق بىر يەرگە كېسەل كۆرگىلى بارىدىغان بولۇپ قالدىم، ئەتە سەھەردە يولغا چىقمىسام بولمايدۇ. ئىككى - ئۈچ كۈنسىز قايتىپ كېلەلمەسلىكىم مۇمكىن، - دېدى.

    مەن كارىۋاتتى ئىرغىپ تۇردۇم-دە:

       -نېمە ئۈچۈن ماڭا يالغان گەپ قىلىسىز؟- دېدىم.

       -قانداقسىگە يالغان گەپ بولىدۇ؟- دېدى ئېرىم تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن مۈجىمەل قىلىپ.

       -سىز توي قىلغىلى كېتىپ بارىسىز، - دېدىم مەن گەپنى ئوچۇقلا ئېيتىپ.

       ئۇنىڭ تىلى تۇتۇلدى. مەنمۇ ئورنۇمدا مىدىر قىلماي جىم تۇراتتىم. ئۆي ئىچىنى بىر پەس گۆرىستان جىمجىتلىقى باستى. ئاخىرىدا يەنىلا مەن گەپ ئاچتىم:

       -ماڭا قاراڭا، راست گەپنى قىلىپ، مەن توي قىلغىلى بارىمەن دەپ بېقىڭا،- دېدىم.

       ئاخىر ئۇنىڭ ئاغزىدىن:

       راست، مەن توي قىلغىلى بارىمەن،- دېگەن سادا چىقتى.

       -بولمايدۇ، سىز بارمايسىز، مەن سىزنى بۇ بالايى - ئاپەتتىن، شەرمەندىچىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالماقچىمەن. ئۇنداق قىلمىسام، مەن قانداقمۇ سىزنىڭ خوتۇنىڭىز بولالايمەن، مەن يەنە كىم ئۈچۈن شىۋاغا چوقۇنىمەن.

       ئۆي ئىچىنى يەنە بىر ھازاغىچە جىمجىتلىق باستى. مەن يەرگە ئۆزۈمنى تاشلاپ، ئېرىمنىڭ پۇتلىرىنى قۇچاقلىغىنىمچە:

       -مەن سىزنى ئىككىنچى خوتۇن ئېلىشقا مەجبۇر قىلغۇدەك ئالدىڭىزدا نېمە ئىش قىلدىم؟ سىز ماڭا راست گەپ قىلىشقا قەسەم ئىچىپ بېرىڭ! - دېدىم.

       -راستىمنى ئېيتسام، مەن سەندىن ئەيمىنىمەن، قاراڭغۇلۇق سېنى چەكسىز پەردە ئىچىگە يوشۇرۇپ قويغان، مېنڭدە ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈدەك مادار يوق. سەن مېنىڭ ئىلاھىم، مەن سېنىڭدىن خۇدادىن ئەيمىنگەندەك ئەيمىنىمەن، مەن سېنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈپ كۈندىلىك ئىشلىرىمنى قىلالمايدىكەنمەن، مەن مۇڭۇمغا مۇڭ بولغۇدەك، ئېغىرچىلىقىمنى كۆتەرگۈدەك، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاددىي بىر ئايال ئالماقچىمەن...

       ئاھ، مېنىڭ يۈرەكلىرىم پارە - پارە بولۇپ كەتتى    ! مەن ئاددىي بىر ئايال بولماي نېمە بولغىيتتىم؟ يېڭى توي قىلغىنىمدا، مەنمۇ ئېتىقادىم كۈچلۈك، ئىشەنچلىك، ئىخلاسمەن ئايال ئىدىمغۇ، ئېرىمنىڭ مېھرىبانلىقىغا تەشنا ئىدىمغۇ!

       -سىز مېنىڭ يۈرىكىمنى يېرىپ قاراپ بېقىڭ، مەن ئاددىي بىر ئايال، مېنىڭ يۈرىكىمدە يېڭى توي قىلغان قىزنىڭ سەمىمىيلىكىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە يوق، مەن ئىشەنچكە، يۆلەنچۈككە تەشنا ئىدىم، لېكىن سىز ماڭا ھاقارەت قىلىپ، مېنى چىدىغۇسىز ھەسرەتكە قويدىڭىز، ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا ئايىغىڭىز ئاستىدىن بىر كىشىلىك ئورۇن بېرىڭ!

       مەن نېمىلەرنى دېگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمەيتتىم. مەن يەنە:

       -خۇدا تۇرۇپتۇ، مەن پاك، سىز قانداقلا بولمىسۇن قىلغان قەسىمىزدىن يېنىۋالماسلىقىڭىز كېرەك، سىز خۇدا ئالدىدا گۇناھكار بولۇشتىن ئىلگىرى، مەن تۇل خوتۇن بولۇپ قالىمەن. ھەيمامۇ ئۆلۈپ تۈگەيدۇ!

       مەن شۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ، ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن.

       ھوشۇمغا كەلگىنىمدە، تاڭغا يېقىنلىشىپ قالغانىدى. ئېرىم نەگىدۇر يوقالغانىدى.

       مەن ئولتۇرۇپ ئىبادەت قىلىشقا باشلىدىم. پۈتۈن كۈن سىرتقا چىقمىدىم. قاش قارايغان چاغدا، دەھشەتلىك گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، بوران ئارىلاش يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. پۈتۈن ئۆي زىلزىلىگە كېلىپ كەتتى. مەن بۇتنىڭ ئالدىدا تۇرساممۇ: «ئاھ خۇدا، ئېرىم ھازىر قاينام ئىچىگە كىرىپ قالدى، ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن!» دېگەندەك گەپلەرنى قىلمىدىم. پەقەت پۈتۈن ئېتىقادىم بىلەن: «ئاھ خۇدا، مېنىڭ پىشانەمگە پۈتۈلگىنى شۇ ئوخشايدۇ، ئۇ بارىۋەرسۇن، لېكىن، ئېرىمنى جىنايەت يولىدىن قايتۇرۇپ كەل!» دېدىم.

       بۇ بىر كېچىمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ئىككىنچى كۈنىمۇ شۇ تەرىقىدە ئولتۇردۇم. ماڭا كىم كۈچ بەردىكىنتاڭ، قارغۇلۇقۇمغا باقماي، ئاغزىمغا بىر چىشلەم نەرسە سالماي، خۇددى قاتۇرۇپ قويغان ھەيكەلدەك، تاش ھەيكەلنىڭ ئالدىدا مىدىر قىلماي ئولتۇرىۋېرىپتىمەن.

       قاش قارايغان چاغدا، ئىشىك تۇيۇقسىز چېكىلىپ، كىمدۇ بىرى ئۆيگە كىرىپ كەلدى. مەن شۇ چاغدا ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن.

       ھوشۇمغا كەلگىنىمدە «ھەدە» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىدىم. بىلسەم ھەيمانىڭ قۇچىقىدا يېتىپتىمەن. مىدىرلىشىمغا، يېڭى توي قىلغان قىزلار كىيىدىغان قىزىل يىپەك كۆڭلەكنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى قۇلىقىمغا كىردى. ئاھ خۇدا، ئېرىم مېنىڭ يېلىنىپ - يالۋۇرۇشلىرىمغا قۇلاق سالماي، ئاخىرى قىلىدىغىنىنى قىلىپتۇ - دە!

       ھەيما بېشىنى يەرگە قىلىپ، خىجىل بولغان ھالدا:

       -ھەدە، مەن سىزگە توي قىلغانلىقىمنى مۇبارەكلىتىش ئۈچۈن كەلگەن،-دېدى.

       مەن داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قاپتىمەن، بىردەمدىن كېيىن خۇددى توك سوقىۋەتكەندەك، ئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇم - دە:

       سىزنى نېمىشقا مۇبارەكلىمەي سىڭلىم، سىزدە نېمە گۇناھ بولسۇن،- دېدىم.

       ھەيما يەنە شۇ قوڭغۇراقتەك زىل ئاۋازى بىلەن:

       -گۇناھ! سىز توي قىلسىڭىز گۇناھ بولمايدىكەنۇ، مەن توي قىلسام گۇناھ بولامدىكەن؟-دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ.

       مەن ھەيمانى قۇچاقلاپ ئىختىيارسىز يىغلىۋەتتىم. ئىچىمدە بولسا: «دۇنيادا مېنىڭ تەلىپىم بەك يۇقىرى بولۇپ، ئېرىم ئارزۇ - ئارمىنىغا تولۇق يېتەلمىدىمۇ؟ بېشىمغا ھەر قانداق بالا- قازا كەلسە مەيلى، لېكىن مېنىڭ ئېتىقادىم يەردە قالمىسىلا بولدى. مەن يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياشىشىم كېرەك» دەيتتىم.

       ھەيما ماڭا ئېگىلىپ سالام قىلىپ پۇتلىرىمدىكى توپا - چاڭلارنى سۈرتتى.

       -مەڭگۈ بەختلىك بولۇڭ، مەڭگۈ بەختلىك بولۇڭ، - دېدىم مەن ئۇنىڭ بەختىنى تىلەپ.

       -بەختىمنىلا تىلىمەي، خۇشاللىقىڭلار مەڭگۈلۈك بولسۇن دەپ تىلىمەمسىز، ئەمدى پاك قوللىرىڭىز بىلەن ئېرىمنى كۈتۈۋېلىڭ،- دېدى ھەيما.

       -باشلاپ كىرىڭ! دېدىم مەن دەرھال ماقۇل بولۇپ.

       ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئاياق تىۋىشى ئاڭلىنىپ، ئارقىدىنلا:

       -گۇما، ياخشىمۇ سەن؟- دېگەن يېقىملىق ئاۋاز ئاڭلاندى.

    مەن چۆچۈپ كەتتىم ۋە خۇددى يادىن چىققان ئوقتەك ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرۇپ:

       -ئاكا،- دەپ ۋارقىرىۋەتتىم.

       -سىز ئۇنى يەنە ئاكا دەۋاتامسىز؟

       ئەمدى ئۇنى ئۇكام دەڭ، ئۇ ھازىر مەن بىلەن توي قىلدى، ئەمدى سىزنىڭ كۈيئوغلىڭىز بولىدۇ،- دېدى.

       مەن شۇندىلا ئېسىمگە كەلدىم. بۇرۇن ئاكامنىڭ توي قىلمايمەن دەپ قەسەم ئىچكەنلىكىنى بىلەتتىم. ئۇ، ئانام بولمىغاندىن كېيىن كىممۇ ماڭا دۇئا قىلىپ، مېنى ئۆي - ئوچاقلىق قىلىپ قوياتتى، دەيتتى. مانا ئەمدى مەن ئۇنىڭغا ئانا ئورنىدا دۇئا قىلىشىم كېرەك. مەن كۆز چاناقلىرىمدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ياشلىرىمنى ھەر قانچە قىلىپمۇ توختىتىۋالالمىدىم. ئاكام بېشىمنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلايتتى. ھەيما بولسا مېنى قۇچاقلىغىنىچە ھەدەپ كۈلەتتى.

       كەچتە مەن ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ زادىلا ئۇخلىيالمىدىم، ئېرىمنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتتۈم، ئۇنىڭ ئۆزىدىكى خىجىلچىلىقنى ۋە ئۈمىدسىزلىكنى قانداق يېڭىدىغانلىقنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم.

       ئۇ يېنىمغا كېلىپ، قوللىرىمنى تۇتۇپ تۇرۇپ:

       -سېنىڭ ئاكاڭ مېنى قۇتقۇزىۋالدى. مەن ئېزىپ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانىدىم. ھېلىقى كۈنى مەن بىر كېمىگە چىقتىم. يۈرىكىمنى ئېغىر بىر تاش بېسىپ تۇرغاندەك بولاتتى. دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغاندا، قاتتىق بوران چىقىپ يامغۇر يېغىپ كەتتى. ھاياتىمىز خەۋپ ئاستىدا قالدى. مەن دەرياغا چۆكۈپ كېتىپ پۈتۈن غەم - قايغۇدىن بىراقلا خالاس بولاي دېگەن يەرگە كەلگەنىدىم، بىراق خەتەردىن ئامان قالدىم. كېمە بىلەن داموتراگقا يېتىپ بارغاندا، ھەيما بىلەن ئاكاڭنىڭ بىر كۈن بۇرۇن توي قىلىۋالغانلىقىنى ئاڭلىدىم. راست گەپنى قىلسام، ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك خىجىلچىلىق ۋە بەخت ئىچىدە كېمىگە قايتىپ كەلگەنلىكىمنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن. مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە شۇنى ئېنىق ھېس قىلدىمكى، سەندىن ئايرىلىپ ھېچقانداق بەختكە ئېرىشەلمەيدىكەنمەن. سەن ھەقىقەتەن مېنىڭ مەبۇدەم ئىكەنسەن!- دېدى.

       مەن چەكسىز بەخت ئىچىدە كۈلۈپ تۇرۇپ:

       -ياق، مېنىڭ مەبۇدە تاش بولۇش ئارزۇيۇم يوق، مەن سىزنىڭ قۇلىڭىز، مەن پەقەت ئاددىي بىر ئايال!- دېدىم.

       - سەن مېنىڭ بىر تەلىپىمگە قوشۇلۇڭ كېرەك، - دېدى ئېرىم، - مېنى يەرگە قاراتماي، خىجىل قىلماي دېسەڭ، مېنى مەڭگۈ ئىلاھ قاتارىدا كۆرمەسلىككە سۆز بەرگىن!

       ئىككىنچى كۈنى توي خۇشاللىقى ۋە دېڭىز قۇلۇلىسىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى پۈتۈن ئەتراپنى قاپلىدى. ھەيما تاماق ئېتىپ، ئۆي ئىچىنى بېسىقتۇردى، ئۇ ھەدېسە چاقچاق قىلىپ بىزنى كۈلدۈرەتتى لېكىن، ئېرىمنىڭ نەلەرگە بارغانلىقى، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا، ھېچكىم ھېچ نەرسە دېمىدى.

     

    ① ھىندى دىنىدىكى ئىلاھ شىۋىنىڭ خوتۇنى.

    راما② ھىندىستاننىڭ قەدىمكى دەۋردە سانسىكرىت تىلىدا يېزىلغان داستانى «رامايانا» دىكى باش قەھرىمان.

     

    (تاگورنىڭ «چاڭقاق تاش» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.