دۈشمەننىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش

يوللىغۇچى : dilraba يوللىغان ۋاقىت : 2015-12-02 13:05:53

بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى بىزنىڭ رەقىبىمىز، شىمالىي ئارمىيەنىڭ قوماندانى يۇلىسسىس ئىكەن. لېكىن، بىز ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز بۇ كىتابنى كۆپەيتىپ باسساق ياكى باشقا شەكىلدە پايدىلانساق بولمايدۇ. بىز چوقۇم ئۇنىڭ ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك.

    دۈشمەننىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش

    جاۋ لى

    سۈبھىنۇر كېرەم تەرجىمىسى
     
    1861-يىلى ئامېرىكىدا ئىچكى ئۇرۇش پارتلاپ، غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ ئۇرۇشقا قاتناشتى. ساۋاقداشلار جەڭگاھتىكى رەقىبلەرگە ئايلاندى. غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتىپىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى مۇدىرى روبېرت جەنۇبتىكى ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىن بولغاچقا، جەنۇبىي قوشۇننىڭ باش قوماندانى بولدى. 1843-يىلى غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن يۇلىسسىس شىمالىي ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۇرۇش مەلۇم مەنىدە غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىغا ئايلاندى.
    جەنۇبىي ئارمىيە مىليوندەك يېڭى ئەسكەر ئالغان بولسىمۇ، رەسمىي مەشىقلەندۈرۈش دەرىسلىكىنىڭ يوقلۇقى روبېرتنى قىيىن ئەھۋالدا قويغانىدى. قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ئۇنىڭغا:
    -غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتىپىنىڭ«تاكتىكىلار مەجمۇئەسى» دېگەن كىتابىنى بېسىپ تارقاتساقلا ئىش پۈتمەمدۇ؟-دەپ تەكلىپ بەردى.
    روبېرتمۇ بۇ مەسلىھەتنى خوپ كۆردى، ئەمما زاۋۇتقا كىتابنى بېسىشنى بۇيرۇغاندىن كېيىن، «بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى كىم بولغىيدى» دېگەن سوئال كالىسىغا كېلىپ، مەسلىھەتچىلىرىگە دەرھال بۇ ئىشنى ئېنىقلاشنى بۇيرۇدى. نەتىجىدە بۇ كىتابنىڭ ئاپتورىنىڭ دەل شىمالىي ئارمىيەنىڭ قوماندانى يۇلىسسىس ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى-دە، روبېرت مەسلىھەتچىسىگە «باسما زاۋۇتىغا خەۋەر قىلىڭ! كىتاب كۆپەيتىلمىسۇن!» دەپ بۇيرۇق قىلدى ھەم مەسلىھەتچىنىڭ بۇ قارارنى چۈشەنمىگەنلىكىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى:
    -      بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى بىزنىڭ رەقىبىمىز، شىمالىي ئارمىيەنىڭ قوماندانى يۇلىسسىس ئىكەن. لېكىن، بىز ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز بۇ كىتابنى كۆپەيتىپ باسساق ياكى باشقا شەكىلدە پايدىلانساق بولمايدۇ. بىز چوقۇم ئۇنىڭ ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك.
    دېمەكچىمىزكى، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئەقەللىي ھۆرمەتنى ئۇنۇتماسلىقىڭىز كېرەك، گەرچە ئۇ دۈشمىنىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ.
     
    «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 7-سانىدىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر رەقىبىمىز