ئىككى قېتىم ئۆلتۈرۈلگەن ئەر

يوللىغۇچى : dilraba يوللىغان ۋاقىت : 2015-12-02 11:14:48

ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىگەن ۋولقان كەبى نەپرەتنى بېسىشقا ئامالسىز قالغان لىسا قولىدىكى پىچاقنى ماركۇسنىڭ مەيدىسىگە زەرب بىلەن سانجىدى. خۇددى 13 يىل ئاۋالقىدەكلا، قىپقىزىل قانلار لىسانىڭ يۈزىگە چاچرىدى... دەل شۇ دەقىقىدە، ئىشىكتىن بىر قىز كىرىپ قالدى ۋە «قۇتقۇز


    ئىككى قېتىم ئۆلتۈرۈلگەن ئەر

    جىن بو
    روشەنگۈل تۇرسۇن تەرجىمىسى
     
             كىرېدىت دىرېكتورى ماركۇس بىلەن سېسترا لىسا تولىمۇ ئېجىل ئەر-خوتۇنلاردىن ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇنسى ئىسىملىك بىر قىزى بار بولۇپ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىناق، كۆڭۈللۈك ياشايتتى.
      2004-يىلى لىسا تۇيۇقسىز كونۇسسىمان مۈڭگۈز پەردە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، كۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇردى. ئۇنىڭ كۆرۈش قۇۋىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن بىر يىلدەك ۋاقىت كېتىدىغان بولغاچقا، ماركۇس ئېلىننا ئىسىملىك بىر ئايال خىزمەتكارنى لىسانىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ياللىدى. بىر مەزگىلدىن كېيىن، لىسانىڭ بەك ئىچى سىقىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ماركۇس ئائىلىسىدىكىلەرگە دەريا بويىدىكى داچىغا بېرىپ بىر مەزگىل ئارام ئېلىشنى ئېيتتى.
      5-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچقۇرۇن يامغۇر چېلەكلەپ يېغىۋاتاتتى. لىسا بىكارچىلىقتا رادىيو ئاڭلاپ ئولتۇراتتى. مۇنسىنى ئايال خىزمەتكار ئىككىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ماركۇس لىساغا يېقىن يەردىكى سافادا كىتاب كۆرۈۋاتاتتى.
       تۇيۇقسىز لىسا ماركۇسنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى، ئارقىدىنلا دەھلىزدىن تاراق-تۇرۇق قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ماركۇسنىڭ ئىڭرىغان ئاۋازى كەلدى. لىسا كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈشكە شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى ئىتتىرۋەتكەن غۇۋا بىر قارا سايىنى ئاران ئىلغا قىلالىدى.
      «قەدىرلىكىم، سىز قەيەردە؟» لىسا قورقۇنچ ئىچىدە قوللىرنى سوزغىنىچە ۋارقىردى. ئويلىمىغان يەردىن ھېلىقى قارا سايە ئۇنىڭ قولىغا بىر نەرسىنى، يەنى پىچاقنى تۇتقۇزۇپ قويدى.
       ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ساقچىلار دەرھال يېتىپ كېلىپ، نەق مەيداننى قامال قىلدى. ئايال خىزمەتكار ئېلىننا ئۆزىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋەتتە بالىسىنى ئۇخلىتىپ بولۇپ چىقىپ كېتىۋاتقىنىدا ئەر غوجايننىڭ پۈتۈن بەدىنى قان ھالەتتە دەلدەڭشىگىنىچە سىرتقا قاراپ قېچىۋاتقانلىقىنى، ئايال غوجايىننىڭ قولىدا پىچاق تۇتقىنىچە ئۇنى قوغلىغانلىقىنى، ماركۇسنىڭ دەريا بويلاپ قېچىۋېتىپ، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەرياغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى.
       ساقچىلار تەكشۈرۈپ نەق مەيداندىكى بارلىق قان ئىزلىرىنىڭ دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ماركۇسنىڭ ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار يەنە لىسانىڭ قاتىللىق قىلىشىغا تۈرتكە بولالايدىغان بىر پارچە يۇقىرى سوممىلىق سۇغۇرتا كاپالەتنامىسىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەنپەئەتلەنگۈچىسىنىڭ لىسا ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇ ۋەقىدىن، لىساغا 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى.
      2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، لىسانىڭ يېقىن دوستى دىلا ئۇنى يوقلاپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر بازاردا ماركۇسقا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىرسىنى ئۇچراتقانلىقىنى ئېيتتى.
    تۈرمىدىن مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇۋېتىلگەن لىسا ئۇدۇل دوستى گېپىنى قىلغان بازارغا باردى ۋە سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ، ماركۇسقا ئوخشايدىغان پاۋۇل ئىسىملىك ئەرنى تاپتى ھەمدە ئاتالمىش «پاۋل»نىڭ دەل ماركۇس ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.
      شۇنىڭ بىلەن، لىسا ئەتراپلىق تەييارلىق كۆرۈپ، ئىچىملىك ساتقۇچى قىياپىتىدە ياسىنىپ پاۋلنى ھوشسىزلاندۇردى ۋە ئۇنىڭ گېلىغا پىچاق تىرەپ تۇرۇپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىشقا قىستىدى.
      «پاۋل» ھەقىقەتەن ماركۇس ئىدى. ئەينى يىللىرى ماركۇس ئىزچىل ھالدا خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا قانۇنسىز قەرز بەرگەن، بىراق نۇرغۇن قەرزلەرنى قايتۇرۇۋالالمىغان. نەتىجىدە، تۈرمىدە يېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ماركۇس مەزكۇر ئەسەرنىڭ باشلىنىشىدا بايان قىلىنغان «قاتىللىق» ۋەقەسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، باشقا يۇرتقا بېرىۋېلىپ، ئاشنىسى ئېلىننا (لىسانىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ياللانغان ئايال خىزمەتكار) ۋە قىزى بىلەن بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان.
      ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىگەن ۋولقان كەبى نەپرەتنى بېسىشقا ئامالسىز قالغان لىسا قولىدىكى پىچاقنى ماركۇسنىڭ مەيدىسىگە زەرب بىلەن سانجىدى. خۇددى 13 يىل ئاۋالقىدەكلا، قىپقىزىل قانلار لىسانىڭ يۈزىگە چاچرىدى... دەل شۇ دەقىقىدە، ئىشىكتىن بىر قىز كىرىپ قالدى ۋە «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ ۋارقىرىغىنچە يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى...
      لىسا يەنە 10 يىل تۈرمىدە يېتىشقا تەييارلىنىپ بولغانىدى. ئەمما، ئويلىمىغان يەردىن ئالىي سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم چىقاردى.
    ئۇلارنىڭ بۇ ھۆكۈمىگە ئامېرىكا قانۇنىدىكى «بىر ئادەمنى ئوخشاش بىر جىنايەت سەۋەبلىك ئىككى قېتىم ئەيىبلەشكە بولمايدۇ» دېگەن ماددا سەۋەب بولغانىدى. لىسانىڭ ئۆلتۈرگىنى «ئۆلۈك» ئادەم بولغاچقا، قانۇننىڭ ئۇنى تەكرار جازالاش ھوقۇقى يوق ئىدى.
    شۇنداق قىلىپ، لىسا سوت مەھكىمىسىدىن مەردانە ھالدا چىقىپ كەلدى. ھەممە ئاياغلاشقانىدى. ئۇ ئاخىرى قىزىنىمۇ تاپتى. ئەمدى ئۇ تۇرمۇشىنى باشلىسا بولاتتى. بىراق، لىسانى ئازابلىغىنى، قىزى ئۇنىڭ ماركۇسنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالغاچقا، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئېلىننا بىلەن بىللە تۇرۇشنى تاللىدى.
      گەرچە قىساس ئېلىنغان بولسىمۇ، لىسانىڭ كۆڭلى يەنىلا شۇنچىلىك غەمكىن ئىدى، چۈنكى بۇ بىر مەيدان مۇرەككەپ قاتىللىق دېلوسىدا يەڭگۈچى يوق ئىدى.
     
    مەنبە: تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 8-سانىدىن ئېلىندى
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قىساس