سىدنى شېلدوننىڭ پروزا يېزىقچىلىقى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

يوللىغۇچى : dilraba يوللىغان ۋاقىت : 2015-12-02 12:38:41

مېنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم پروزا ئىجادىيىتى. باشقا ھەر قانداق بىر ۋاستە مېنى مەزمۇنى مول ۋە تېز ئۆزگىرىدىغان، قىزىقارلىق ۋەقەلىككە ئىگە ئەسەرلەرنى يارىتالايدىغان غايەت زور ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. مەن مۇشۇنداق ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنى بەكمۇ قەدىرلەيم

    سىدنى شېلدوننىڭ پروزا يېزىقچىلىقى ھەققىدە ئېيتقانلىرى
     
    سوئال:سىز پروزا يېزىقچىلىقىنى يېڭى باشلىغانلار رومان يېزىشقا تۇتۇش قىلىشتىن ئىلگىرى ھېكايە يېزىشى كېرەك، دەپ قارامسىز؟
    جاۋاب: مېنىڭچە، رومان يېزىشتىن ئىلگىرى ھېكايە يېزىش-يازماسلىق، تامامەن شۇ شەخسنىڭ ئۆز ئىشى. بۇنىڭدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئاپتورنىڭ ئۆزىگە ئەپلىك بولغان، ئۆز ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشقا پايدىلىق بولغان شەكىلنى تاللىۋېلىشىدا.
    سوئال: پروزا يېزىقچىلىقىدا ئىجاد قىلىش ۋە تۈزىتىشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچ بولىدۇ. مېنىڭچە، ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇكى، بۇ ئىككى باسقۇچنىڭ ۋەزىپىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئورۇنداشقا ئۇرۇنماسلىق كېرەك. سىز قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ بىر نەرسە يېزىشنى باشلىغاندىلا تەنقىدچىگە ئايلىنىپ قالماسلىقىڭىز لازىم. چۈنكى ئۇنداق قىلىش ئىجادىيتىڭىزنى بوغۇپ قويىدۇ. ئەسەرنى يېزىپ تۈگەتكەندە بولسا، ئۇنىڭغا قىلچە شەپقەت قىلماستىن، ئىمكاننىڭ بارىچە مالتىلاپ، ئۇنىڭ قۇسۇرلىرىنى تېپىشىڭىز كېرەك. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا قولغا قەلەم ئالغان چاغدىكى ئىجادىيەت قىزغىنلىقى يوقالغان، كۆز ئالدىڭىزدا ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەتكە ئايلانغان ئەسەر پەيدا بولغان بولىدۇ. مېنىڭچە ئۆزىنى-ئۆزى تەنقىد قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى-باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇش، ئامال قىلىپ شۇلارنىڭ سەۋىيسىگە يېتىشكە تىرىشىشتۇر.
    سوئال:سىز  دراماتورگ، سىنارىست ۋە پروزىچى سۈپىتىدە غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتىڭىز. سىز مەلۇم بىر خىل يېزىقچىلىق شەكلىنى ئالاھىدە ياقتۇرامسىز؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ مەلۇم بىر خىل شەكىل، مەسىلەن، سەھنە ئەسىرى يېزىقچىلىقىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن پروزا يېزىقچىلىقىنىڭ ئۇسۇلى مەلۇم جەھەتلەردە بىردەكمۇ؟ ئۇلار قانداقچە بىردەك بولغان؟ مەلۇم بىر يازغۇچى سەھنە ئەسىرى ئىجادىيتىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق پروزا ئىجادىيتىدىكى دېئالوگلارنى ياخشىلىيالامدۇق؟
    جاۋاب: مېنىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم پروزا ئىجادىيىتى. باشقا ھەر قانداق بىر ۋاستە مېنى مەزمۇنى مول ۋە تېز ئۆزگىرىدىغان، قىزىقارلىق ۋەقەلىككە ئىگە ئەسەرلەرنى يارىتالايدىغان غايەت زور ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. مەن مۇشۇنداق ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنى بەكمۇ قەدىرلەيمەن، ئەلۋەتتە، مېنىڭ سەھنە ئەسىرى ۋە كىنو سىنارىيسى يېزىش تارىخىم مېنىڭ پروزا ئىجادىيتى بىلەن شۇغۇللىنىشىمنىڭ تەييارلىقى بولغان. سەھنە ئەسىرىدە يازغۇچى جەزمەن دىئالوگنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ناۋادا دىئالوگ ئادەتتىكىدەك، سۇس بولۇپ قالسا، ئۇنداق ئەسەرنى ياخشى سەھنە ئەسىرى دېگىلى بولمايدۇ. دېمەك، سەھنە ئەسىرى يازغۇچىنىڭ ھاياتى ئۇنىڭ دىئالوگنى ئوبدان يېزىش جەھەتتىكى ماھارىتىگە باغلىق.
    سوئال: سىز ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ھەجىمىنى قانداق بەلگىلەيسىز؟
    جاۋاب: ئەسەرنىڭ ھەجىمىنى ئەسەر پېرسوناژلىرى بەلگىلەيدۇ.
    سوئال:سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ۋەقەلىكى تولىمۇ مۇرەككەپ. سىز ئۇلارنى قانداق قىلىپ ئاسالىق، ئىشىنەرلىك ھالغا كەلتۈرسىز؟
    جاۋاب: مېنىڭچە، مېنىڭ ئەسەرلىرىم ئىشىنەرلىك، چۈنكى شۇ ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلار، ئۆزۈم ئۈچۈن ئېيتقاندا، چىن، مېنىڭچە، مېنىڭ كىتابخانلىرىم بۇ نۇقتىنى ھېس قىلدى، شۇڭلاشقا ئۇلار ماڭا ئوخشاشلا مېنىڭ پېرسوناژلىرىم ھەمدە پېرسوناژلىرىمنىڭ مۈشكۇلاتىغا ھېسداشلىق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەقدىر ۋە ئاقىۋىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدۇ.
    سوئال:سىز ئەسەرلىرىڭىزدىكى كۆرۈنۈش-مەنزىرلەرنى قانداق تاللايسىز؟
    جاۋاب:مەن ئىشنى بىر پېرسوناژدىن باشلايمەن، بارا-بارا ھېكايە ۋەقەلىكى بۇ پېرسوناژلاردىن ھالقىپ كېتىدۇ. بىراق، مەن ھەقىقەتەن ئادەمنى ئاجايىپ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە كۆرۈنۈش-مەنزىرلەرنى تەسۋىرلەشكە تىرشىمەن. چۈنكى مەن كىتابخانلار ئەسەرلەردىكى پېرسوناژلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇھىتىغا سىڭىپ كىرىدۇ، دەپ ھېسابلايمەن. مەن «پەرىنىڭ غەزىپى»دە مانخاتتاننى جېننىف فاك ئۈچۈن ئادەم كۆڭلىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان تۇرمۇش ۋە خىزمەت سورۇنى ھېسابلىدىم. «قىمارخانىدىكى كونا ماھىر»دا بولسا، جىم مىگىرىگو برىليانت سودىسىغا ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن جەنۇبىي ئافرىقا، لوندون، نيۇ-يوركلارنى ئۇنىڭ ئەقلىگە مۇۋاپىق ئورنى قىلدىم.
    سوئال:سىز ئەسەرلىرىڭىزدىكى پېرسوناژلارنى مەقسەتلىك تۈردە تەڭپۇڭ ھالغا كەلتۈرەمسىز؟مەسىلەن، ياخشىلارنى يامانلارغا تەڭ نىسبەتتە ئورۇنلاشتۇرامسىز؟ ئەسىرىڭىزدە قانچىلىك پېرسوناژ بولۇشىنى قانداق بەلگىلەيسىز؟
    جاۋاب:ياخشىلار بىلەن يامانلارنىلا مىسالغا ئالساق. مەن ئەسەرلىرىمدە ئۇلارنى مەقسەتلىك تۈردە تەڭپۇڭ قىلىپ قويمايمەن، مەن، قارا بولمىغانىكەن، جەزمەن ئاق بولىدۇ، دېگەندەك پېرسوناژ يارىتىش ئەندىزىسىگە ئىشەنمەيمەن. مېنىڭچە، پۈتۈنلەي ئەسكى دېگەن ئادەمنىڭمۇ ۋۇجۇدىدا مەلۇم ياخشىلىق تەركىبلەر بولىدۇ، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دېگەن پېرسوناژنىڭمۇ سۈتتىن ئاق، سېغىزخاندىن ساق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. مەن ئامالنىڭ بارىچە ئەسەرلىرىمدىكى پېرسوناژلارنى چىن، كىتابخان بىلەن قەلىبداش قىلىپ يېزىشقا تىرىشىمەن. ئەسەردىكى پېرسوناژلارنىڭ سانىنى مەقسەتلىك تۈردە چەكلىمەيمەن. پېرسوناژلار جانلىق، ئادەمنى جەلپ قىلارلىق بولسىلا، ئۇلارنىڭ سانىنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشىنىڭ كارايىتى يوق.
    سوئال:يازغۇچىلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى باشقىلارغا ئوقۇپ بېرىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى پايدىلىقمۇ؟
    جاۋاب: مەن بىلىدىغان بەزى يازغۇچىلار يېزىۋاتقان ئەسەرلىرىنى باشقىلارغا ئوقۇپ بېرىدۇ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ پىكىرلىرى ئۇلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ. خېلى كۆپ ئىجادىيەتچىلەر مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ، ئاڭلىغۇچىلار ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە قارىتا تەنقىدىي پىكىرلەرنى بېرىدۇ. ئەمما مەن، بۇ خىل ئۇسۇل مېنى گاڭگىرىتىپ، نېمە قىلىشنى بىلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ، دەپ ھېسابلايمەن، مەن ھېچقانداق قوچۇۋېتىش بولمىغان مۇھىتتا ئىشلەشنى خالايمەن، نەشرىيات سودىگەرلىرى مېنىڭ مەلۇم ئەسەر ئۈستىدىكى ئوي-پىكرىمگە قوشۇلسىلا، ئۇلا ئىككى يېرىم يىلدىن كېيىن ئەسەرنى كۆرەلەيدۇ. ئۇ چاغدا مەن ئەسەرنى يېزىپ بولغان، قاش-كۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ، پەردازلاپ بولغان بولىمەن.
    سوئال:ئەر يازغۇچى ياراتقان ئەر پېرسوناژ ۋە ئايال يازغۇچى ياراتقان ئايال پېرسوناژلار كىشىنى قايىل قىلغۇدەك يارىتىلامدۇ؟
    جاۋاب:مېنىڭچە، ئەرلەرنىڭ ئاياللار قەلبىنى ۋە ئاياللارنىڭ ئەرلەر قەلبىنى تولۇق چۈشىنىپ كېتىشى ناھايىتى قىيىن، مەن ئۆزۈمنىڭ ئاياللارنى قانچىلىك دەرىجىدە تەسۋىرلىيەلەيدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن، ئەمما ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاياللارنى ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى قىلىپ يېزىشنى ياقتۇرىمەن.
    سوئال:سىز ئەسەرگە ئۆزىڭىزنىڭ كۆپ كەچۈرمىشلىرىڭىزنىمۇ قوشامسىز؟
    جاۋاب:يازغۇچى دېگەن گەپتان بولۇشى كېرەك. سىز قىزىقارلىق دىئالوگلار، بىروۋلارنىڭ ئۆزگىچە ھەرىكىتى، بەزىلەرنىڭ غەلىتە كىيىنىشى، بەزىلەرنىڭ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان پەلسەپىسى قاتارلىقلارنى ئۆز تۈرى بويىچە توپلىشىڭىز كېرەك. مانا بۇلار ئەسىرىڭىزنىڭ جانلىق، ئىشىنەرلىك يېزىلىشىغا پايدىلىق.
    سوئال:يازغۇچىنىڭ كىتابخان ئالدىدىكى ئەڭ زور مەسئۇلىيىتى نېمە؟ يازغۇچى ئۆز كىتابخانلىرى ئۈچۈن قانداق «مەجبۇرىيەت»نى ئۆتۈشى كېرەك.
    جاۋاب:مېنىڭچە، يازغۇچى كىتابخان ئۈچۈن ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ئەمەس. يازغۇچى ئۆزىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۇ ھەر خىل ئامال-چارا بىلەن ئۆزى تۈزگەن پىلاننى ئورۇنلىشى، كۆزلىگەن مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرىشى كېرەك. بۇنداق مەقسەتتىن كىتابخان كۆڭلىنى ئېچىشىمۇ، تەربىيە ئېلىشىمۇ، ۋەھىمىگە چۈشۈپ قېلىشىمۇ ياكى باشقىچە بولۇشىمۇ مۇمكىن. يازغۇچىنىڭ مەسئۇلىيتى بارلىق كۈچنى ئايىماسلىق. شۇنداق قىلالىسىلا، كىتابخان ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ.
    سوئال:جىددىيلىك كەيپىياتى پەيدا قىلىش ۋە جىددىيلىك كەيپىياتىنى تارقىتىش سىزنىڭ پروزا ئىجادىيتىڭىزنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىدەك قىلىدۇ. سىز دائىم دېگۈدەك كىتابخانلىرىڭىزنى ئۆز ئارامىغا قويماقچى بولىسىز، ئەمما بۇ ھال بەكلا قىسقا ۋاقىت داۋاملىشىدۇ. ئۇلار ئۇھ دېيىشىگىلا سىز يەنە تېخى يوقالمىغان جىددىيلىك كەيپىياتى بىلەن ئۇلارنى ئىسكەنجىگە ئالىسىز. بۇنىڭ مەخسۇس ئامال-چارىسى بارمۇ؟
    جاۋاب:مەن كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان ۋەھىمىلىك ۋەقەلەرنى يېزىشىنى ياقتۇرىمەن. راست، بۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ماھارەتنى ئىشقا سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەڭ مۇھىم نەرسە، كىتابخان قىزىقىدىغان پېرسوناژ يارىتىش. چۈنكى، ناۋادا كىتابخانلار سىز ياراتقان پېرسوناژغا نەزەر-كۆزىنى سالمىسا، قىزىقمىسا، ئۇلارنىڭ ھەر قانداق ۋەھىمىلىك، قورقۇنۇچلۇق كەچۈرمىشىگىمۇ قىزىقمايدۇ. ئەگەر سىز تەشۋىش ھېسسىياتىغا تولغان بىر ھېكايە يازماقچى بولسىڭىز، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۆز پېرسوناژىڭىزغا ھەممە خەۋپ-خەتەر تەڭلا يۈز بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلىدىغان، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سورۇن يارىتىپ بېرىڭ، ئاندىن شۇ بىر بۆلەك ياكى بابنى شۇ يەردە تاماملاڭ، ناۋادا مۇمكىن بولسا، كېيىنكى بۆلەك ياكى بابنى باشقا پېرسوناژ بىلەن باشلاڭ، ئەمما، پېرسوناژنى قىيىن ھالەتتىن ئالدىراپ قۇتۇلدۇرماڭ، پات-پاتلا تەشۋىش پەيدا قىلىڭ ۋە تەشۋىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
    سوئال:كىشىلەر قانداق قىلىپ ئۆزى ئىگىلىگەن ۋە ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەنلەرگە ئاساسەن ئەسەر يېزىش ھەققىدە كۆپ ماقالىلەرنى يازدى، ئەمما بەزى يازغۇچىلار ئۇنداق قىلغاندا چەكلىمە بەك كۆپ بولىدۇ، ئىجادىيەتنى زىيادە بوغۇپ قويىدۇ، دەپ قارىدى. ھالبۇكى، مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئىشقا سېلىپ ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم بىلىمىنى پېرسوناژلىرى ئىپادىلىگەن ۋەقە-ھادىسىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
    جاۋاب:يازغۇچى ئۆز كەچۈرمىشىگە ئاساسەن يېزىقچىلىق قىلىشى كېرەك، دېگەن بۇ سۆز بىر خىل ئىبرەتلىك سۆز. سىز مۇشۇ سۆزگە چوقۇنغانلىقتىن شۇنداق دەۋاتسىڭىز كېرەك. مېنىڭچە ئۆزىڭىز چۈشەنگەن، باشتىن كەچۈرگەن نەرسىلەرنى يازماڭ. قاتىللىق، باسقۇنچىلىق قىلغان ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان يازغۇچىمۇ يوق دېيەرلىك. بىزنىڭ ئارىمىزدا شىزاڭ ۋە فېيجىغا بارغانلارمۇ، قەدىمىي مەھەلىلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلارمۇ بىرلەشمە چوڭ كارخانىلارنى باشقۇرۇۋاتقانلارمۇ يوق دېيەرلىك. ئەمما بىز ھەممىمىز شۇ ئىشلارنى ئوي-خىيال ئارقىلىق ھېس قىلالايمىز. چۈنكى ئۇ يازغۇچى ياشاۋاتقان دۇنيا. بەزى ئىشلاردا بىز تولىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرە. مەسىلەن، سىز قەدىمىي جۇڭگو ھەققىدە يازماقچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن ئۇنى تەتقىق قىلىشىڭىز كېرەك. دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ كۇتۇبخانىلىرىدا سىز ئوتتۇرىغا قويىدىغان خىلمۇ خىل مەسىلىنىڭ جاۋابلىرى بار. ناۋادا سىز مەلۇم جاينى ياكى بىرەر ۋەقەنى كىتابخانىلارغا تونۇشتۇرماقچى بولسىڭىز، شۇ جاي ۋە شۇ ۋەقە جەزمەن ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە چىن بولۇشى كېرەك.
    سوئال: سىز قايتۇرما بايان ئۇسۇلىنى بەك ياقتۇرامسىز؟ بۇ ئۇسۇلنى قانداق ۋە قانداق چاغدا ئىشلىتىش كېرەك؟ سىز ئۆتكەن ئىشلاردىن كۆز ئالدىڭىزدىكى ئىشلارغا ئۆتۈشتە دائىم قانداق ئۇسۇلنى قوللىنىسىز؟
    جاۋاب: قايتۇرما باياننى ئوڭۇشلۇق قوللىنىش قىيىن، ئۇنى ئېھتىيات بىلەن قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ. سىز ۋاقىت (زامان) جەھەتتە ئۆتمۈشكە كەتكەن ياكى كەلگۈسىگە ئۆتكەندە، كىتابخان ئوڭايلا گاڭگىراپ قالىدۇ. شۇڭا بىز بەزى مېخانىك ئۇسۇللارنى، مەسىلەن ئايرىش بەلگىلىرىنى قويۇش، بۆلەكلەر ئارىسىدا بوش ئورۇن قالدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانساق بولىدۇ. ئەھمەد ئاشۇنداق مېخانىك ئۇسۇللارغىلا تايىنىۋېلىش خاتا. سىز بەزى سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلىتىش ئارقىلىق كىتابخانغا ئۇنى ئۆتمۈشكە ياكى كەلگۈسىگە باشلاپ كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىشىڭىز كېرەك. ئاشۇ بەلگىلەر ناھايىتى مۇھىم، ئېھتىيات بىلەن قوللىنىش كېرەك.
    سوئال: ئەسەرلەردە دائىملا كىشىلەرگە تەلىم بېرىش، چۈشەنچە بېرىش ياكى مەلۇم ۋاستە ئارقىلىق ئۇچۇر يەتكۈزىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ھەر خىل شەكىلدە تەنبىھ بېرىش كېرەكمۇ؟
    جاۋاب: كىنو ساھەسىىدىكىلەرنىڭ ئارىسىدا بارلىق ئۇچۇر غەربىي رايون بىرلەشمىسى ئارقىلىق تارقىلىشى كېرەك. دېگەن بىر گەپ بار. مېنىڭچە، نوقۇل ھالدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان ئەسەر يېزىش خەتەرلىك. يەنە بىر تەرەپتىن، مېنىڭچە، ھەر قانداق بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئىپادىلەشكە ھوقۇقلۇق. ئەگەر ياشانغانلارنىڭ جەمئىيتىمىزگە ھېچ پايدىسى قالمىدى دەپ، ئۇلارنى مۇنداق ياكى ئۇنداق پاراۋانلىق ئورگانلىرىغا (ساخاۋەتخانىلارغا) سولاپ قويساق تولىمۇ پەسكەشلىك  بولىدۇ. مەن «ئەينەكتە كۆرۈنگەن ناتونۇش ئادەم» دە باش قەھرىمان ئۆز دادىسىنى يوقلايدىغان بىر كۆرۈنۈشنى يازدىم. ئۇنىڭ دادىسى بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك بىر سورۇندا ئىدى. مەن بۇ يەردە كىتابخانغا ئۆز ھېسياتىمنى يەتكۈزۈشىم كېرەك ئىدى. بىراق، بۇ ھېكايىنىڭ بىر تەركىبىي قىسىمى بولۇشىلا كېرەككى، ھەرگىزمۇ بىر خىل گەپنى ئەگىتىپ يۈرۈپ ۋەز-نەسىھەت قىلىشقا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. بىزنىڭ ئەدلىيە سىستېمىمىزنىڭ خىزمەتلىرى مېنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ. شۇڭا «پەرىنىڭ غەزىپى» دە بىر قىسىم گۆز قارىشىمنى ئىپادىلىدىم. مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە، كۆز قارىشىڭىزنى ئەسەردىكى پېرسوناژلارغا ئىپادىلىتىش پايدىلىق. ئەمما، بۇنى بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش شەكلىدە قىلالىسىڭىز، سىزنىڭ ئۇچۇرىڭىز تېخىمۇ جەلپكار بولىدۇ.
    سوئال:ئەسەرلەردىكى پېروناژلارنىڭ ئىسىمى ناھايىتى ،مۇھىممۇ؟ شۇ ئىسىملار پېرسوناژلارنىڭ ،مەلۇم ئالاھىدىلىكىنى يورۇتۇپ بېرەمدۇ؟ مۇنداقچە ئېيتقاندا سىز پېرسوناژلارنىڭ ئىسمى ئارقىلىق ،مەلۇم ئۇچۇرنى ئاشكارىلىماقچى بولامسىز؟
    جاۋاب:مەن پېرسوناژلارنىڭ ئىسمىنى تاللاشقا بەك ئەھمىيەت بېرىمەن ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىمەن. مېنىڭچە، كىشىلەر ھەقىقەتەن پېرسوناژلارنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ تۇرقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. شۇڭا مەن ئىسىم بىلەن چىراي-تۇرقىنى بىردەك قىلىشقا تىرشىمەن. مەن زادى چىدىيالمايدىغان بىر خىل ئورتاق كېسەل بار؛ بۇنداق كېسەلگە ھەتتا پىشقان يازغۇچىلارمۇ گىرىپتار بولغان: ئۇلار بىر نەچچە پېرسوناژغا بىر خىل ھەرپ بىلەن باشلىنىدىغان ئىسىم قويىدۇ، ئىسىملارنىڭ بوغۇم سانىنى ئوخشاش قىلىپ قويىدۇ. كىتابخان بۇلارنى پەرىقلەندۈرەلمەي قالىدۇ. مەن يېقىندا، يىگىرمە رومانى نەشىر قىلىنغان بىر يازغۇچىنىڭ بىر ئەسىرىنى ئوقۇدۇم. بۇ كىتابتا بىر بەتتىكى تۆت پېرسوناژنىڭ ئىسمىنىڭ بىرىنچى ھەرىپى ئوخشاش ئىكەن. مېنىڭچە، پېرسوناژلارنىڭ ئىسىمى ئوخشىشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، شۇندىلا كىتابخانىلار پېرسوناژلارنى ئاسان پەرقلەندۈرەلەيدۇ.
    سوئال:ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلىگەن بىر يازغۇچى ئۆزگە يۇرت ئادەملىرى توغرىسىدا بىر نەرسە يازماقچى بولسا، ساياھەت قىلىش ياكى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولامدۇ؟
    جاۋاب:مەن كىتابىمدىكى بەزى ۋەقەلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دۇنيانى ئايلىنىمەن. ئەمما، بەزى يازغۇچىنىڭ ئۇنداق قىلىشقا شەرت-شارائىتى يوق. ئۇلار مۇنداق ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ؛ بەزى ئاممىۋى كۇتۇپخانىلارغا بارسا بولىدۇ؛ بەزى خادىملار ياكى تەشكىلاتلار يازغۇچىلار ئۈچۈنلا تەكشۈرۈش-تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ. مەن «ئەگەر ئەتە يېتىپ كەلسە...»نى يېزىۋاتقاندا، پىلادېلپىيا شەھىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال لازىم بولۇپ قېلىۋىدى، سودا مىنىستىرلىكىگە خەت يېزىپ، ماڭا نېمىلەر كېرەكلىكىنى ئېيتتىم. ئۇلار ماڭا ناھايىتى قىممەتلىك ماتىرىياللارنى ئەۋەتىپ بەردى. ماڭا يېڭى ئولاننىڭ ھاۋا كىلىماتىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيال لازىم بولغاندا، مەن شۇ يەردىكى ھاۋارايى پونكىتىغا تېلېفۇن بېرىۋىدىم، مەسىلە ھەل بولدى. مىراندىكى بىر پويىز ئىستانسىسىنىڭ ئىسمىنى بىلمەكچى بولغاندا، ئىتالىيەنىڭ لوس ئانژېلىستىكى كونسۇلخانىسىغا تېلېفون بەردىم. دېمەك، سىز ئۆز كاللىڭىزنى ئىشقا سالسىڭىزلا ئۆزىڭىز تۇرۇۋاتقان شەھەردىن ئايرىلماي تۇرۇپلا كىشى ھەيران قالغۇدەك تەكشۈرۈش-تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىيەلەيسىز.
    ماخمۇتجان ئىسلام تەرجىمىسى
    مەنبە: دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ 1990-يىللىق 5–سانىدىن ئېلىندى
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پروزا