مۇرات ناسىروۋنى زىيارەت : ئۆز مىللىتىنى سۆيمىگەن ئۆزىنى سۆيمەيدۇ

يوللىغۇچى : TarimDadxah يوللىغان ۋاقىت : 2007-12-22 23:39:00

2005-يىلى ئالمۇتىدا، يىلدىكى ئەنئەنە بويىچە، بىر توپ ئالىم، يازغۇچى، سەنئەتكار، سپورتچى، مۇئەللىملەرگە ئۇيغۇر مېچېناتلىرى كلۇبىنىڭ "ئىلھام" مۇكاپىتى تاپشۇرۇلدى، مۇكاپاتقا ئېگە بولغانلار ئارىسى...

     2005-يىلى ئالمۇتىدا، يىلدىكى ئەنئەنە بويىچە، بىر توپ ئالىم، يازغۇچى، سەنئەتكار، سپورتچى، مۇئەللىملەرگە ئۇيغۇر مېچېناتلىرى كلۇبىنىڭ "ئىلھام" مۇكاپىتى تاپشۇرۇلدى، مۇكاپاتقا ئېگە بولغانلار ئارىسىدا تالانتلىق ناخشىچى، روسىيە ۋە قازاقستان ئېسترادا يۇلتۇزى مۇرات ناسىروۋمۇ بار. ئەينە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئۇنى سەھبەتكە جەلپ قىلدۇق.

    - مۇرات، ئەڭ ئالدى بىلەن، سېنى "ئىلھام" مۇكاپىتىنىڭ لائۇرېئاتى ئاتىلىشىڭ بىلەن تەبرىكلەيمىز.
    - رەھمەت.

    - سەن "ئىلھامغا" تەكلىپ قىلىنغىنىڭدا بۇ مۇكاپاتنى ئالىمەن، دەپ ئويلىغانمېدىڭ؟
    - مەن بۇ تەنتەنىگە بىر-ئىككى ناخشامنى ئېيتىپ بېرىش ئۈچۈنلا كەلگەن ئىدىم. مۇكاپاتنىڭ بېرىلىشى مېنىڭ ئۈچۈن تامامەن كۈتۈلمىگەن ۋاقىئە بول-دى. شۇڭلاشقىمۇ ئۇنى تاپشۇرغاندا نېمە دېيىشىمنى بىلمەي، ھودۇقۇپ قالدىم.

    - ھودۇققىدەك بۇ سېنىڭ دەسلەپكى مۇكاپىتىڭ ئەمەسقۇ...
    - ئۇ دېگىنىڭغۇ توغرا. ئامما "ئىلھام" مېنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداك، مۇكاپاتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. چۈنكى ئۆز خەلقىڭنىڭ ئارىسىدا ئىززەت-ھۆرمەتكە بۆلىنىشتىن ئارتۇق بەخت بولمىسا كېرەك. ئۇيغۇرلاردا "ئاتاڭنىڭ ئوغلى بولغۇچە، خەلقىڭنىڭ ئوغلى بول"، دېگەن دانا گەپ بار ئەمەسمۇ.

    - بايقىشىمچە، ئۇيغۇرچەڭ ئىلگەركىگە نىسبەتەن خېلىلا ياخشى بولۇپ قالغاندەك...
    - مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈشۈمدە ئاغىنەم، "ياركەنت بۇلبۇللىرى" ئانسامبىلنىڭ بەدىئىي رەھبىرى پولات ھېزىموۋنىڭ تەسىرى بەلەكچە. ئۇ ماڭا "ئون ئىككى مۇقامنىڭ" ۋىدېئو كومپاكت-دىسكىسىنى سوغا قىلغان. سەل ۋاقتىم بولغاندا، ئۇنى كۆرۈپ، سېخىرلىق ئۇيغۇر نەغمىلىرىنى تىڭشايمەن. پولات ماڭا شۇنداقلا تەمبىر ۋە راۋاب سوغا قىلدى. ئىككىمىزنىڭ ئىجادىي ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە مېنىڭ رېپېرتۇئارىمدا بىر قاتار ئۇيغۇرچە ناخشىلار پەيدا بولدى. ئېيتماقچى، "ياركەنت بۇلبۇللىرىنىڭ" "ياشايلى گۈلدەك" ئالبومى مېنىڭ ستۇدىيامدە يېزىلدى.

    - قازاقستانلىق مۇخلىسلىرىڭ سېنىڭ "تىرىك" ئۈنۈڭنى، خاتالاشمىسام، ئاخىرقى قېتىم، بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا "ساڭا، قەشقەر" خەيرخاھلىق كونسېرتىدا ئاڭلىدىغۇ دەيمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە يۈتۈپ كەتتىڭ...
    - مېنى ناخشىچى سۈپىتىدە "يۈتۈپ" كەتتى، دېيىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى جېنىم تېنىمدە بولسا، سالامەتلىگىم يار بەرسە، ھېچ قاچان سەنئەت دۇنىياسىدىن كەتمەيمەن.
    ئەندى تاماشىبىنلار بىلەن كۆرۈشمىگەنلىگىمنىڭ سەۋەۋىمگە كەلسەك، نەق شۇ خەيرخاھلىق كونسېرتتىن بىر ئاز ۋاقىت ئىلگىرى دادام ئىسمايىل دۇنىيادىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاخىرقى يىللاردا مەن ھېچ قانداق كونتراكتسىز ئىشلىدىم. كلىپ، رېكلامىلار بىلەنمۇ ئېفىرغا چىقمىدىم. ئەمما ئىجادىي ئىشىمنى توختاتقىنىم يوق. ئۆيۈمدىكى ستۇدىيەمدە پائالىيەت ئېلىپ باردىم. شۇنىڭ بىر مېۋىسى - "قالدىم يالغۇز" ئالبومىمدۇر.

    - مەزكۇر ئالبومنى مەرھۇم داداڭنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلىغىنىڭنى ياخشى بىلىمىز...
    - توغرا. بەختكە قارشى، دادامغا ئۇنى ئاڭلاش نېسىپ بولمىدى. ئۇنىڭدا مەرھۇم دادامنىڭ ئىجراسىدىكى ناخشىمۇ بار. ناخشىنى دادام موسكۋاغا، ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە كەلگەندە، ئۆز ستۇدىيەمدە يېزىۋالغان. ئومۇمەن، دادام ئەقىللىق، روھىي دۇنىياسى باي، مىللەتپەرۋەر ئادەم بولىدىغان. ناخشىلارنى بابىغا يەتكۈزۈپ ئېيتاتتى. ئۆزى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى، دىنىمىزنى بەك ھۆرمەتلەيدىغان ئىنسان ئىدى. ئىككىنچى پەرزەندىم دۇنياغا كەلگەندە، ئۇ ئۆزى، ئەتتەي، موسكۋاغا كېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىلىرىگە تايانغان ھالدا، ئوغلۇمغا ئىسىم قويۇپ، قىرقى سۈيىنى قۇيۇپ كەتكەن.

    - مۇرات، ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرىڭدىمۇ، ھازىرمۇ داداڭ ھەققىدە. نېمىشكىدۇ، ئاپاڭ توغرىسىدا ئانچىلا بىلىپ كەتمەيمىزكەن...
    - ئانامنىڭ ئىسمى - خاتىرەم. ئۇمۇ، خۇددى دادامغا ئوخشاشلا، جىتىمچىلىق دەردىنى كۆپ تارتقان. ئىككىسىنى باققان ئادەملەر ئۆز ئارا كېلىشىپ، چېتىپ قويغان ئېكەن. ئاپام ئەجايىپ مېھرىبان ئىنسان. ئۇنىڭ ئەتكەن تامىغىنىڭ تەمى خېلى ۋاقىتقىچە ئاغزىڭدىن كەتمەيدۇ. ئالبومدىكى "خاتىرەم" دېگەن ناخشا ئەينە شۇ قەدىردان ئانامغا بېغىشلانغان. دادامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن پات-پاتلا ئالمۇتىغا، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۆيۈمگە كۆڭلۈم تارتىدىغان بولدى. ئاپامنىڭ يالغۇزلۇغى بىلىنمىسۇن، دەيمەن. ئۇنىڭ يېنىدا بولۇپ، كۆڭلىنى ياسىغۇم كېلىدۇ.

    - ئاپاڭنىڭ لەززەتلىك تائاملىرىنى پات-پات يېگۇڭ كېلىدىغاندۇ؟
    - ئەگەر مەن پەقەتلا ئاپام تەييارلىغان تائاملارنى يېسەم، دۈپ-دۈگلەك بولۇپ، سەمرىپ كېتەر ئىدىم. ھەر كەلگىنىمدە، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرنىڭ يېنىگىرەك كاۋا مانتا، جۈسەي مانتا، كۆك چۆشۈرە، ھولۇق نانلارنى بۇيرۇتىمەن. ئارىلاپ قىيمىسى تۇخۇم-جۈسەي سەيلەردىن تەييارلانغان لەڭمەننى يەيمەن.

    - ئاپاڭ بۇ تائاملارنى تەييارلاشنى كېلىنىگە ئۈگەتمىدىمۇ؟
    - ناتاشا قانچە تىرىشسىمۇ، ئۇيغۇرنىڭ مۇرەككەپ تائاملىرىنى تەييارلاشنى ئۈگىنەلمىدى. شۇنداقتىمۇ مىللىي سەيلىرىمىزنى تەييارلاش قولىدىن كېلىدۇ. ناتاشانىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. بەزىدە ئۆزى ئىجرا قىلىدۇ. ئاخىرقى ۋاقىتلاردا "ياركەنت بۇلبۇللىرىنىڭ" ناخشىلىرىنى ئەتىدىن كەچ كىرگىچە تىڭشايدىغان بولۇۋالدى.

    - سپۇتنىكىلىق تېلېۋىدېنىئې ئارقىلىق سېنى كۆپلىگەن روسىيەلىك تېلېكاناللاردىن كۆرۈپ قالىمىز...
    - مېنىڭ تېلېجۇرنالىست ۋە تېلېجۈرگۈزگۈچىلەر بىلەن مۇناسىۋىتىم ناھايىتى ياخشى. مابادا، ئۇلار ئۆز پروگراممىلىرىغا تەكلىپ قىلسا، ھېچ قاچان ئىلتىماسىنى رەت قىلمايمەن. روسسىيالىك تېلېكاناللاردىكى "جىزنئ پرېكراسنا"، "پياتئ ۋېچېروۋ" ۋە بىر قاتار مۇزыكىلىق پروگراممىلار شۇلار جۈملىسىدىندۇر.
    بىر كۈنى ئۆيدىن چىقىپ، مۇھىم ئىش بىلەن بىر ياققا ماڭاي دېسەم، ماشىنامنى ئايلاندۇرۇپ ئونغا يېقىن قوينى باگلاپ قويۇپتۇ. "بۇ نېمە ئالامەتتۇ؟" دەپ تۇرسام، "قويلار سېتىلامدۇ؟"، "باھاسى نەچچە؟"، دەپ ئادەملەر جىغىلىپلا كەتتى. مەن تېرىكىشكە باشلىدىم. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن بۇنىڭ تېلېجۈرگۈزگۈچى ۋالدىس پېلشنىڭ ھەزىلى ئېكەنلىگىنى چۈشەندىم. كېيىن ۋالدىس بۇ ۋاقىئەنى قايتىدىن ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ "روزыگرыش" پروگراممىسىغا چۈشىرىپ، ئېفىرگا چىقاردى.
    ئومۇمەن، مېنى روسسىيا تېلېۋىدېنىئېسىنىڭ قايسىلا پروگراممىسىغا چاقىرمىسۇن، راۋاۋىمنى ئېلىپ بېرىشقا، ئۇيغۇرچە ناخشىلىرىمنى ئېيتىشقا، ئۇيغۇرنىڭ سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمەن.

    - بۇنىڭ ئۆزىنى مىللىتىڭگە بولغان مۇھەببەتنىڭ يارقىن كۆرۈنۈشى دەپ ئويلامسەن...
    - مېنىڭچە، ھەر بىر ئادەم ئۆز مىللىتىنى سۆيۈشى كېرەك. شەخسەن ئۆزەمدە ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك سېزىمى جۇقۇرى. روسسىيادە جۈرسەممۇ، ئۆزۈمنىڭ قازاقستانلىق ئېكەنلىگىم، گۈزەل ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغانلىغىم، قېدىمىي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرزەنتى ئېكەنلىگىم، ئۇنىڭ ئىچىدە ھەقىقىي مەنادىكى قەشقەرلىكلىگىم بىلەن پەخىرلىنىمەن.

    - بەينەلمىلەلچىلىك مەسىلىسىگە قانداق قارايسەن؟
    - مېنىڭچە، ئۆز مىللىتىنى سۆيگەن، ھۆرمەتلىگەن ئادەم باشقا خەلىققىمۇ شۇ تۇرغىدا مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. روسىيە، بېلورۇسىيە، قازاقستان پرېزىدېنتلىرى مېنى بەزىدە ئايرىم سەھنىلەرگە تەكلىپ قىلىپ تۇرىدۇ. ئۆتكەن يىلى ئۇكرائىنىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى لېئونىد كۇچما مېنى ئۇكرائىنىنىڭ گىتلېر باسقۇنچىلىرىدىن ئازات بولۇشىنىڭ 60 يىللىغىغا دائىر ئۇيۇشتۇرۇلغان تەنتەنىگە تەكلىپ قىلدى.
    قىسقىسى، مەن ناخشىچىلىق پائالىيىتىم تۈپەيلى، نۇرغۇنلىغان ئەللەردە بولدۇم، كۆپلىگەن دوستلارنى تاپتىم. قوللىغۇچىلىرىمدىنمۇ ئىللىك، پىكىرلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمەن.

    - ئەندى ناخشىچىلىق پائالىيىتىڭگە قايتىپ كېلەيلى. بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تونۇلغان ئادەملەر رېكلامىسىز ياشالمىغىدەك. سەن بۇ پىكىرگە قوشۇلامسەن؟
    - قوشۇلمايمەن. ئەسلى ئادەم ھەقىقىي مەنادا تالانتلىق، قابىلىيەتلىك بولسا، ھېچ قانداق رېكلامىسىزلا ئۇتۇققا يېتەلەيدۇ. رېكلاما - ئۇ ئاجىزلارنىڭ قوغدىنىش قورالى. بەزى ناخشىچىلارنىڭ نەق شۇ رېكلاما ئۈچۈن ئۆزلىرىنى پەسلەشتۈرۈشكىچە بارىدىغانلىغىغا ھەيرانمەن. بۇنىڭدىن 5-10 جىل ئىلگىرى روسىيەدىكى "سېرىق نەشىرلەردە" "مۇرات ناسىروۋ ئائىلىسىنى تاشلاپ، ئالېنا ئاپىناغا ئۆيلىنىۋاتتۇ"، دېگەن ماقالىلەر پەيدا بولدى. كېيىن بۇ گەپنىڭ تېگىگە يەتسەم، پروديۇسېرلىرىم بىزنى رېكلاما قىلىش ئۈچۈن، ئەتتەي، مۇشۇنداق ئەپقاچتى گەپلەرنى تارقاتقان ئېكەن. ئەسلىدە، ئالېنا ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ئىجادىي ھەمكارلىقتىن تاشقىرى مۇناسىۋەت يوق ئىدى.

    - مىش-مىشنىڭ تونۇلغان ئادەملەرنى ئەگىپلا جۈرىدىغانلىغىدىن خەۋىرىمىز بار. "ئىشت ھاۋشۇۋېرىدۇ، كارۋان ماڭىۋېرىدۇ" دېگىنىدەك، پائالىيىتىڭنىڭ داۋام قىلىنىدىغانلىغى تەبىئىي...
    - ئەلۋەتتە. بىزگە بىر ئورۇندا توختاپ قېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئىجادىڭنىڭ توختىغىنى - يۇلتۇزۇڭنىڭ ئۆچكىنى، دېگەن سۆز. شۇڭلاشقىمۇ مەن ھېلىمۇ ئىزدىنىشىمنى داۋام قىلىۋاتىمەن. يېڭى ناخشىلىرىم يېزىلىۋاتىدۇ. رۇسچە "يا ئۇكرادۇ تېبيا" دېگەن ناخشىغا ۋە ئۇيغۇرچە "كۆيدۈرمە"، "دوستلۇغىمىز" دېگەن ناخشىلارغا كلىپ چۈشىرىش ئويۇم بار. كېيىنكى ئىككىسىنىڭ مەتىنىنى يازغان ئاغىنەم پولات ھېزىموۋ.

    - 28 فېۋرالئ كۈنى ئالمۇتىدىكى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كونسېرتىڭدا مۇخلىسلىرىڭغا قانداق ناخشىلارنى تەغدىم قىلماقچىسەن؟
    - ئېيتماقچى، كونسېرتنىڭ دۈشەنبە كۈنىگە توغرا كەلگەنلىكى ھېچ كىمنى خاپا قىلماس دەيمەن. نېمىشكىدۇ، ئۇنى ئۆزۈم قىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىگە توغرىلىدىم. بۇ كونسېرتىمدا سەھنىگە مېنىڭدىن باشقا ھېچ كىم چىقمايدۇ. دېمەكچى بولغىنىم، ئۇنىڭغا مېھمان سۈپىتىدە ھېچ كىمنى تەكلىپ قىلمىدىم. ئۇيغۇر، رۇس، قازاق تىللىرىدىكى ناخشىلىرىمنى ئىجرا قىلىمەن. گىتارىدا، ئۇيغۇرنىڭ مىللىي ساز ئەسۋاپلىرىدا ئورۇنلىنىدىغان كومپوزىسىيالىرىممۇ بار. كونسېرت "خابار" تېلېكانىلىغا چۈشىرىلىدۇ. قوللىغۇچىلىرىمغا شۇنداقلا يېڭى ناخشىلىرىمنىمۇ تەغدىم قىلماقچىمەن. قىسقىسى، "يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا" دېمەكچى، تاماشىبىننىڭ ئۆزى كېلىپ باھا بەرگىنى توغرا، دەپ ئويلايمەن.

    - سۆھبىتىڭگە رەھمەت، ئىجادىڭغا ئۇتۇقلار تىلەيمەن.

    سۆھبەتلەشكەن
    ئېرشات ئەسمەتوۋ.

    ئۇچقۇن قۇرباننىيازوۋ

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.