ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك(ئەزىزى)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-18 17:51:24

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك (سۆھبەت خاتىرىسى)پىلانلىغۇچى:ئەزىزىخاتىرىلىگۈچى:ئاسىيە ئەخەتۋاقتى:2003 - يىلى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنىئورنى:«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ھەبىبۇللا مۇھەممەت:ب...

    ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك

    (سۆھبەت خاتىرىسى)
    پىلانلىغۇچى:ئەزىزى
    خاتىرىلىگۈچى:ئاسىيە ئەخەت
    ۋاقتى:2003 - يىلى 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى
    ئورنى:«تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى

     


        ھەبىبۇللا مۇھەممەت:بۈگۈن بىز بۇ يەردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇۋاتىمىز. بۇرۇن بىز «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى مۇشۇنداق سۆھبەت يىغىنلىرىنى داۋاملىق دېگۈدەك ئۇيۇشتۇرۇپ كەلگەنىدۇق، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇنداق پائالىيەتلىرىمىز سۇسلىشىپ قالدى. ئىشىنىمەنكى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق پائالىيەتلەر داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. چۈنكى بۇنداق پائالىيەتلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق. مېنىڭچە، ھەرقايسى مەتبۇئاتلارنىڭ ئەدەبىيات ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە بەس - مۇنازىرە، مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار.
        ئەزىزى:ئالدى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇش كېرەككى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇشۇنداق بىر سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇشنى ئاتاقلىق ئەدەبىي تەنقىدچى مۇھەممەت پولات ئاكا تەۋسىيە قىلغانىدى. مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك بىر تېمىنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روياپقا چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان مۇھەممەت پولات ئاكىغا «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەدەبىياتىمىز ۋە ئۇنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇنىڭغا جان كۆيدۈرۈپ قايغۇسىنى قايغۇرىدىغان كىشىلەر كۈندىن - كۈنگە ئازلاپ كېتىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا مۇھەممەت پولات ئاكىنىڭ مۇشۇنداق بىر تېمىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى ئەلۋەتتە قەدىرلەشكە، ئالقىشلاشقا تېگىشلىك.
        «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى خېلى بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتىمىز ئالدىدىكى ئاۋانگارتلىق بۇرچىنى نامايان قىلىپ ھەر خىل سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ جەمئىيەتتە بەلگىلىك ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلغانىدى. بۇنداق پائالىيەتلەر ئارىدا سەل سۇسلاپ قالغان بولسىمۇ، يېقىندىن بېرى بۇ ياخشى ئەنئەنە يەنە ئۆز ئىزىغا چۈشتى. ئۆتكەندە ئۆتكۈزۈلگەن «شەھەر ۋە ئەدەبىيات» دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن سۆھبەت يىغىنى (خاتىرىسى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 1 - سانىدا ئېلان قىلىندى) ۋە بۈگۈن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەت يىغىنى شۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.
        بۈگۈن بىر قىسىم ئەدەبىي تەنقىدچىلەر، يازغۇچىلار، شائىرلار بۇ يەرگە جەم بولۇپ ئۆزىمىز مەنسۇپ بولغان ۋە بىۋاسىتە شۇغۇللىنىۋاتقان ئەدەبىياتىمىز ۋە ئەدەبىي تەنقىد مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئولتۇرۇپتىمىز. بۇنىڭدا «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە خادىملىرى ئاكتىپ، قىزغىن رول ئويناۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ سورۇنغا قاتناشقان ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىز، يازغۇچى، شائىرلىرىمىز ئوچۇق -  يورۇق، كەڭ - كۇشادە ھالدا پىكىر بايان قىلساق. بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرىمىزنى ئۆزئارا ئورتاقلىشىپ بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلساق. ھەممىمىزگە مەلۇم، بۈگۈن ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان تېما ھەرگىزمۇ يېڭى، شۇنداقلا مۇشۇ سورۇندىلا ھەل بولىدىغان تېما ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بەس - مۇنازىرە بولغانىكەن، ئۇ مەلۇم بىر توغرا يۆنىلىشنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ ھەم ئۇنىڭغا يول ھازىرلايدۇ دەپ قارايمەن.
        مۇھەممەت پولات:ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ مۇئەييەن ئورنى بار. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىمىزنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىمۇ خېلى  كۆرۈنەرلىك. مۇشۇنداق بىر مۇھىم ساھەگە بولغان ئېتىبار ئۇزۇندىن بۇيان تازا يېتەرلىك بولماي كەلدى. ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىدە مەخسۇس  ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنى چۆرىدىگەن  ئاساستا بىرەر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلمىدى. 2001 - يىلى خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن «خانتەڭرى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنىدا  مۇشۇ ھەقتە مۇھاكىمە بوپتۇ، لېكىن كونكرېت تەنقىدچىلىك ھەققىدە، يەنى  تەنقىدچىلىك مەسىلىسىنىڭ ئۆزى  ھەققىدىكى  پىكىرلەر يەنىلا كەمچىل.
        بۈگۈن «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ مۇشۇ ھەقتە مەخسۇس مۇھاكىمە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ. ئەدەبىي تەنقىدكە ئىجادىيەتچىلەر، تەنقىدچىلەر  ھەتتا كىتابخانلارمۇ قىزىقىدۇ. مېنىڭچە، مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى تونۇلغان يازغۇچى، شائىر، تەنقىدچى كىشىلەر، ئۇلارنىڭمۇ  ئۆزىگە خاس پىكىرلىرى بار.
        مېنىڭچە، بۈگۈنكى بۇ سورۇندا ئەركىن  - ئازادە ھالدا پىكىر بايان قىلساق ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. ئارىمىزدا ئىجادىيىتىمىزدىكى بىز ھېس قىلىپ كېتەلمىگەن، ئىنتايىن ئىنچىكە مەسىلىلەرنى ھېس قىلىپ كېتەلەيدىغانلار بار. بىز بىرلىكتە ئويلىغانلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقساق، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىنتايىن قىزغىن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.  بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ  خاتىرىسى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنسا، ئىشىنىمەنكى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشتىن باشقا ئەدەبىي ئىجادىيەتنىمۇ مۇئەييەن بىر پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھەسسە قوشالايدۇ.
        مامبەت تۇردى: مېنىڭچە، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ نەزەرىيىۋىلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش توغرىسىدا ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ئازراق ئويلىنىپ باقسا دەپ قارايمەن.  ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدە مۇنداق بىرنەچچە خىل ئۇسلۇبتىكى  تەنقىدچىلەر  بولۇشى مۇمكىن. ① ئازات سۇلتان، كېرىمجان ئابدۇرېھىم، ئابدۇللا مەتقۇربان  قاتارلىق ئالىي مەكتەپ تەنقىدچىلىكى ئۇسلۇبىدىكى  تەنقىدچىلەر بولۇپ،  ئۇلار ئاساسەن  ئەدەبىيات تارىخلىرىنى يازىدۇ،  ئۇلارنىڭ تەنقىدچىلىكىدە نەزەرىيىۋى بايان سالماقلىق ئورۇندا تۇرىدۇ؛ ② بىزنىڭ ئەنئەنىۋى تەنقىدچىلىكىمىز ئاساسىدا شەكىللەنگەن تەنقىدچىلىك بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن مۇھەممەت پولات، ماخمۇتجان ئىسلام قاتارلىق ئۇستازلىرىمىز ئۇل سالغان؛ ③ مەدەنىيەت تەنقىدچىلىكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ ئورنىنى ئېلىپ،  يېڭى بىر خىل تەنقىدچىلىك كۈچلىرى زور قىزىقىشلارنى قوزغىدى. مەسىلەن، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بەزى ئەدەبىي تەنقىدلىرى، ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ مەدەنىيەت  جەھەتتىن ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتىغا ۋە مىللىي ئەنئەنىسىگە باغلىق بەزى  ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرىدىغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىك. مېنىڭچە، ئەدەبىيات ھادىسىلىرىدە ۋە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە مۇشۇنداق بىرنەچچە خىل يوللار سېلىنىۋاتىدىغۇ دەپ قارايمەن. لېكىن  بۇلار چوڭقۇر نەزەرىيىۋىلىك جەھەتتىن ئىسىم  قويۇلۇپ شەرھلەپ چىقىلمىدى. ھازىر  بىر ئەسەرنى ئوقۇپ، شۇنىڭغا بولغان باھايىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى  ئەدەبىي تەنقىد دەپ قاراۋاتىمىز.  ھەجىمى ئۇزۇنراق يېزىلغان ماقالىلەرنى ئەدەبىيات تەتقىقاتى دەپ قاراۋاتىمىز. مېنىڭچە، مەيلى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولسۇن، يېزىلىۋاتقان ماقالىلەرنىڭ نەزەرىيىۋى قاتلاملىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە بۇنىڭغا نەزەرىيىۋى قاراشلارنى سەل سىڭدۈرۈش ئەدەبىي تەنقىدچىلەرگە، بولۇپمۇ ياش تەنقىدچىلەرگە قويۇلىدىغان ئەقەللىي تەلەپ دەپ قارايمەن. مەسىلەن، ياشلار بىرەر ئەسەرنى ئوقۇغاندا ئۆزىنىڭ  ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى ياكى ماختايدىغان ياكى رەنجىگەن ھېسسىياتتا ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئەدەبىياتتىن ھېچقانچە خەۋىرى يوق ئادەملەرگە قىزىقارلىق تۇيۇلىشى مۇمكىن. ھەقىقىي ھېسسىياتنىڭ شۇنداق يېتىلگىنى مەنىلىك بولسىمۇ، ئەمما ئىلمىي ياكى سەل چوڭقۇرراق پىكىرلەر قوشۇلماي پەقەت ھاياجانلىنىشلا بولۇپ قالسا، مېنىڭچە، بۇنداق ئەدەبىي تەنقىدنىڭ جەمئىيەتتە ئېتىراپ قىلىنىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتىكى نەزەرىيىۋىلىكنى سەل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يەنىلا بۇرۇنقى ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىز سالغان يول بويىچە ئەدەبىي تەنقىدتە ئۇنىڭ ئىلمىيلىكىگە بەكرەك ئەھمىيەت بەرگىنىمىز تۈزۈك. ھەممىدە ئۆز پىكرىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋالماي، بەلكى باشقىلار نېمە دېگەن؟ مەن نېمە دېيىشىم كېرەك؟ دېگەن نۇقتىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىش كېرەك.  بۇ يەردە  سەل ساددا بولغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە سوئال قويۇشقا توغرا كېلىدۇ.
     ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ زادى قانچىلىك كۈچى ۋە رولى بار؟ يەنى  ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن زادى نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ؟ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا زادى قانچىلىك ھەسسە قوشۇلايدۇ؟  بۇ ھەقتىمۇ ئازراق ئويلىنىشقا ۋە ئۇنى قايتا باھالاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدا يەنىلا ئاشۇ بىلىنىسكىنىڭ «ئەدەبىي تەنقىد ھەرىكەتتىكى ئېستېتىكا» دېگەن سۆزىگە ئەھمىيەت بېرىشكە  توغرا كېلىدۇ.
    مېنىڭچە، ئەدەبىي تەنقىد دېگىنىمىز قانداقتۇر قۇرۇق ۋەز ئېيتىدىغان، بىرسىگە ئەقىل ئۆگىتىدىغان قۇرۇق ئىلىم ئەمەس. ھازىر خەنزۇ ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە خاس مىللىي ئەدەبىيات بەرپا قىلىش، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەدەبىيات قاراشلىرى بولۇش كېرەك دېگەنگە ئوخشاش پىكىرلەر كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ مۇشۇ نۇقتىدىن ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بىزدە ئۆزىمىزگە خاس مىللىي ئەدەبىيات نەزەرىيىسى تارىختا بولغانمۇ؟ بولسا قانچىلىك بولغان؟ 20 - ئسىردە بىزدە قانچىلىك نەزەرىيە يارىتىلدى؟ بىز نېمىگە ئاساسەن ئەدەبىياتىمىزنى باھالايمىز؟  بىز بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىمىز؟ دېگەنلەرنىڭ ئۆزىگىمۇ ئەدەبىي تەنقىد ئارىلىشىشى كېرەك. ئەدەبىي تەنقىدچىلەر قوشۇنىمۇ بۇنى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىشى دېمەستىن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىشى كېرەك.
    80 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دۇنيادا ئەدەبىي تەنقىدچىلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىدا ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇشتىن باشقا، ئەدەبىي تەنقىد ئارقىلىق  دۇنيانى يادرو قوراللىرىنىڭ تەھدىتىدىن ساقلاش دېگەندەك تەشەببۇسلارمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دېمەك، ئۇلار ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنى ئۆزىنىڭ قەلىمى ئارقىلىقمۇ جەمئىيەتنىڭ رېئال مەسىلىلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ دەپ قارىغان. خەنزۇ ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي تەنقىدچىلەر توغرىسىدا ستاتىستىكا  ئېلىپ بېرىلغاندا،  80 پىرسەنت ئادەم ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان. شىنجاڭدىمۇ شۇنداق، نۇرغۇن يازغۇچىلار ئەدەبىي تەنقىدتىن نارازى. بۇنىڭ ئاساسىمۇ بار. نۇرغۇن يازغۇچىلىرىمىز ئەدەبىي تەنقىد بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت قىلىۋېرىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ. شۇڭا ئەدەبىي تەنقىدنىڭ رولىغا قايتىدىن باھا بېرىش كېرەك دەپ قارايمەن.
       ئەدەبىي تەنقىدچىلىك قوشۇنىمىزدا نۇرغۇن پېشقەدەملەر نەچچە ئون يىللاپ ئەجىر ۋە ھەسسە قوشتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ كېيىنكى ئوتتۇرا ياش قوشۇنلارمۇ ئۆزىنىڭ ھەسسىسىنى قوشۇۋاتىدۇ. ياشلارمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن ھازىرقى ياشلار ئارىسىدا  ئەدەبىي تەنقىدكە ئارىلىشىشىنىڭ ئازلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم (بەلكىم بۇ مېنىڭ شەخسىي  قارىشىمدۇر). شۇڭلاشقىمۇ ياشلارنى ئەدەبىي تەنقىدچىلىك قوشۇنىغا باشلاپ كىرىش ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. بۇ يەنىلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قانداق تەربىيىلىنىشىگە ۋە مائارىپ سۈپىتىگە باغلىق ئىش بولۇپ قالدى. ئالىي مائارىپ ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش - كۆتۈرۈلمەسلىكى كەلگۈسىدە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ ساپاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن.
        ھەممە نەرسىنىڭ يىل ئاخىرىدا خۇلاسىسى بولىدۇ، پەقەتلا ئەدەبىياتنىڭ خۇلاسىسى يوق. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلدا، مەسىلەن، بۇ يىل  2003 - يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى رومانچىلىقتا، شېئىرىيەتتە، بالىلار ئەدەبىياتىدا قانچىلىك نەتىجىگە ئېرىشتى دېگەنلەرنى يىل ئاخىرىدا خۇلاسىلاش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزنى نۇرغۇن ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداقلا شۇ يىلنىڭ ئىشى شۇ يىلى ھەل بولىدۇ. يەنى ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەر شۇ چاغدا ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىشى  كېرەك. مۇشۇنداق قىلىشنى يولغا سېلىۋالالىساق بەلكىم ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزگە پايدىلىق بولۇشىمىز مۇمكىن دەپ قارايمەن.
    ئەخەت تۇردى:مەن بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بەزى پىشمىغان كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتەي. ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىدا نەزەرىيىۋى جەھەتتىن ئەدەبىي تەنقىدنىڭ رولىنى ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلىدۇ. مەنمۇ ئىجادىيەتتە ئۇنىڭ رولىغا يۇقىرى قارايمەن. ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى جەھەتتىمۇ ياكى باشقا جەھەتتىمۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ ئەدەبىياتنىڭ سەۋىيىسىنى يۈكسەلدۈرۈشتە ناھايىتى زور رولى ۋە ئورنى بار دەپ قارايمەن. شۇڭا ئەزەلدىن ئەسەرلىرىم تەنقىدكە ئۇچرىغاندا مەيۈسلىنىپ، ماختاشقا ئۇچرىغاندا خۇش بولۇپ كەتمەيمەن. ئومۇمەن مەندە تەنقىدچىلەرنى ھاقارەتلەيدىغان خاھىش بولۇپ باقمىدى. بىر ئەسەر بارلىققا كەلگەنىكەن، جەمئىيەتتە ئۇنىڭغا ھەرخىل باھالار بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئېستېتىك كۆزقاراشلىرى بىر - بىرىگە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. بەزى كىشىلەر ياخشى دەپ قارىغان نەرسە بەزى كىشىلەرگە ياقماسلىقى تەبىئىي ئەھۋال. ئوخشىمىغان باھالارمۇ دەل شۇنىڭدىن بارلىققا كېلىدۇ. مېنىڭچە، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز چوقۇم ئەدەبىياتىمىز بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىشى كېرەك. شۇ ۋاقىتتا ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە، يۈكسىلىشىگە زور كۈچ ئاتا قىلغان بولىدۇ. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ئەدەبىياتىمىز نۇرغۇن تارىخىي دەۋرلەرنى، نۇرغۇن ئەگرى - توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈش داۋامىدا مەلۇم سەۋىيە ياراتقان بولسىمۇ، ئىجادىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا يەنىلا يېتىشىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى  زادى نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەنمۇ چوڭقۇرراق ئويلىنىپ باقمىدىم. ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىياتىمىزدا بولمىسا بولمايدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ئۇزۇن  تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، ئىجادىيەت جەھەتتىن تازا يېتىشىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ئەدەبىياتىمىز بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىپ، ئىجادىيىتىمىزنى  ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، يەكۈن چىقىرىپ ماڭغان بولسا بۇ ئىجادىيەتنىڭ گۈللىنىشى، ئاپتورلار قوشۇنىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق ئىدى. 
        بىزدە ھازىر ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تەنقىدچىلىك قوشۇنى كۆپەيدى. بەزىدە ياشلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرىمەن. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سەۋىيىسىمۇ يۇقىرى. شۇنىڭدىن قارىغاندا بىزنىڭ بۇ قوشۇنىمىزغا كىرگەن ياش كۈچلەرمۇ خېلى كۆپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بىر خىل يېڭى تەپەككۇر بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، يېتىشىپ كېتەلمەيۋاتقانلىقىمىزنىڭ بىر سەۋەبى تەشكىلاتچانلىقىمىزنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولسا كېرەك دەپ قارايمەن. بىزنىڭ نۇرغۇن نەشرىيات، مەتبۇئات ئورۇنلىرىمىز بار. مېنىڭچە، ئۇلار بىزنىڭ ئەدەبىي  تەنقىدچىلىكىمىزنى  مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بۈگۈنكىدەك  مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئېچىش ۋە ياكى كونكرېتنى ئەسەرلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ تۇرسا شۇ ئارقىلىق ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ۋە ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتى  ياخشى بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن. مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئەدەبىي تەنقىدنىڭ بولۇشىنى ياخشى كۆرۈشۈم ھەمدە ئەدەبىي تەنقىد بولمىسا بولمايدۇ دەپ قارىشىمدىكى سەۋەب شۇكى، مەلۇم بىر ياخشى ئەسەر ئۈستىدە بىر ئەدەبىي تەنقىدچى ئادىل مەيداندا تۇرۇپ ئۇنىڭغا لىللا باھا بېرەلىسە، بۇ ئەسەردىكى يازغۇچى ئۆزى كۆرۈپ يېتەلمىگەن بەزى تەرەپلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلىشى مۇمكىن. مېنىڭ بۇ يەردە ئەدەبىي تەنقىدچىلەردىن كۈتىدىغان بىرلا ئۈمىدىم، يازغۇچىلار بىلەن ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ھامان بىر ئاكوپتىكى جەڭچىلەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق ئىكەن، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بىرلىكتە باھالىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىشى لازىم. لېكىن ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ئۆزىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇۋېلىپ يازغۇچىلارغا ئارتۇقچە تەلەپ قويسا بۇنداق ئەدەبىي تەنقىد ئىجادىيەتكە نىسبەتەن پايدىسىز بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار بىر ئورۇندۇقنىڭ ئىككى بېشىدا تەڭ ئولتۇرۇپ، مۇھاكىمە قىلىپ ئۇنىڭ ئۇتۇقلۇق چىققان جايلىرىنى ۋە يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بەرسە، ئۇ قانچىكى سەمىمىي، ئادىل بولسا، مېنىڭچە يازغۇچىنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشى شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىدە رولىمۇ ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە ئاساسىي ئېقىم مۇشۇنداق بولۇپ كەلدى. لېكىن بىز نۇرغۇن ئەگرى - توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈردۇق. شۇڭا ھەرقانداق بىرئەدەبىي تەنقىد مۇشۇنداق روھتا، مۇشۇنداق خاھىشتا بولسا، يازغۇچىلارمۇ ئۇنى قوبۇل قىلالايدۇ ھەم ئۇنىڭدىن ئۆزىگە ناھايىتى چوڭقۇر نەپ ئالالايدۇ.
       يەنە بىر ئۈمىدىم، بەزىبىر توپلاملار، بەزىبىر يېڭى ئەسەرلەر چىققاندا يازغۇچى، شائىرلارنى، ئوبزورچىلارنى ۋە تەتقىقاتچىلارنى چاقىرىپ مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ ۋاقتى - ۋاقتىدا ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ۋە قىممىتىگە  باھا بېرىشى كېرەك. دېمەك، بىزدە ئۇيۇشتۇرۇش جەھەتتە ئاجىزلىق بولغانىكەن، ھەرقايسى مەتبۇئات ئورۇنلىرى بۇنى ئۆز دائىرىسى ئىچىدە تولۇقلاپ مېڭىشى كېرەك.
    ھازىر ئۇيغۇرلاردا رومان يۈزدىن ئېشىپ كەتتى دەپ  ستاتىستىكىمۇ چىقىپ بولدى. ئەمەلىيەتتىمۇ يۈزدىن ئېشىپ كەتتى. ئەسلىدىمۇ رومانچىلىقىمىزنى شاللايدىغان پەيت كەلگەنىدى. يەنى ھەقىقىي رومان زادى قانچىلىك ؟ ئۇنىڭ ياخشىلىرى قانچىلىك؟ رومان بولماي قالغانلىرى زادى قانچىلىك؟ يېتەرسىز تەرەپلەر زادى قانچىلىك؟ بۇنى مۇھاكىمە قىلىپ تۇرغۇزۇپ باقىدىغان ۋاقىت كەلگەنىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم، ساندىن سۈپەت پەيدا بولىدۇ. ھازىرقى بۇ يۈز نەچچە سانمۇ مۇئەييەن بىر سۈپەتنى پەيدا قىلىشى لازىم. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز مۇشۇنى قول تىقىپ قىلىپ بېقىشى كېرەك ئىدى. ئەدەبىياتىمىزدا مۇشۇمۇ بىر ئاق قالغان بوز يەر بولۇپ قالدى. مۇشۇنىڭ ئۆزى ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزغا نىسبەتەن بىر خۇلاسە بولۇپ قالغان ھەمدە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا نىسبەتەن بىر باھا بولۇپ قالغان بولاتتى. شۇڭا  ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنى ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا مۇشۇنداق  بوشلۇقلارنى  تولدۇرۇپ كەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
       ماخمۇتجان ئىسلام: مېنىڭ قارىشىمچە، بىزنىڭ ئوبزورچىلىقىمىز يەنىلا ئىنتايىن ئاجىز. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن  ئوبزورچىلار قوشۇنى بار دېسەكمۇ، ئۇلارنىڭ سانى پەقەت 30 - 40 ئەتراپىدا.  «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ  ئالدىنقى يىلى ستاتىستىكا قىلىشىچە 3 - 4 مىڭ ئەتراپىدا ئاپتورىمىز بار دېيىلگەن. بۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە باھا بېرىپ ئوبزور يازىدىغانلار پەقەت 30 - 40 چە. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىر قەدەر ئىزچىل يېزىپ كېلىۋاتىدۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا سەپتىن چۈشۈپ قالدى.  ئوبزورچىلىقىمىزنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسىدىن ئالغاندا سەۋىيىسى يۇقىرىراق، نەزەرىيىۋىلىكى كۈچلۈكرەك ماقالىلەر ئىنتايىن ئاز. تەسىرات خاراكتېرىدىكى ماقالىلىرىمىز بىر قەدەر كۆپرەك. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئوبزورچىلىقىمىز ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئورنىنى تېخى تولۇق ئىگىلەپ بولالمىدى. مۇشۇنداق بولۇشىدا مېنىڭ قارىشىمچە، مۇنداق بىرقانچە سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن.
    1. تەشكىلاتچىلىق مەسىلىسى. مەركەز بۇلتۇر مۇشۇ توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ ئوبزورچىلىقىمىزنى كۈچەيتىش، بۇنىڭغا مەبلەغ سېلىش توغرىسىدا ھۆججەتلەرنى چۈشۈرگەن. بۇنداق يىغىن كۆپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن كونكرېت ئەھۋالغا كەلگەندە ئەمەلىيلەشكىنى ئاز. ئالدىنقى نۆۋەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىدا ئالتە كومىتېت قۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىرى دەل «ئەدەبىي ئوبزورچىلىق كومىتېتى»ئىدى. لېكىن ھازىر ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا  ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىش ئىلمىي جەمئىيىتى  قۇرۇلغانىدى، كېيىن  مەبلەغ مەسىلىسى سەۋەبلىك بۇمۇ تارقىلىپ كەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات  - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە «ئەدەبىيات - سەنئەت تەتقىقات ئىشخانىسى»دەپ بىر ئىشخانىمىز بار ئىدى. ھازىر بۇ ئىشخانىمىزمۇ ئاساسەن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. شۇنىڭدىن قارىغاندا بىزدە بۇ جەھەتتە بەزى مەسىلىلەر مەۋجۇت.
    2. ھەرقايسى ئەدەبىيات - سەنئەت ئورۇنلىرى، نەشرىيات ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىمۇ بىزدە بىر قەدەر ئاز بولدى. مېنىڭ بىلىشىمچە، تارىم ژۇرنىلى بىر قېتىم ئوبزورچىلىق يىغىنى ئاچقان. ئۇنىڭدىن كېيىن مەخسۇس ئوبزورچىلىق توغرىسىدا يىغىن ئېچىلىپ باقمىدى. دېمەك، بۇنى ئۇيۇشتۇرىدىغانغا ئورۇن چىقماي قالدى. 80 - يىللاردا خەلق نەشرىياتى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار ماقالە ئۇيۇشتۇرۇپ، بىرلىكتە تۇنجى قېتىملىق رومانچىلىق ئىجادىيەت يىغىنىنى ئاچقانىدى. ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى ياخشى بولغان. كېيىن  ھېكايە، شېئىرىيەت... قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئايرىم  - ئايرىم مۇھاكىمە ئېلىپ بارىمىز دېگەن بولسىمۇ ئۇنداق قىلالمىدى.
    3. نەزەرىيە مەسىلىسى. مەن بۇرۇن بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا ئۆزىمىزگە خاس بىر نەزەرىيە بارلىققا كەلمىدى دېگەنىدىم. لېكىن  ھەرقايسى مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس نەزەرىيىسى بولامتى، دەپ بۇنىڭغا قارشى پىكىردىكىلەرمۇ چىقتى. ئىجادىيەت شۇ مىللەتنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئېلىنسا نېمىشقا ئۇنىڭ نەزەرىيىسى بولمايدۇ؟ بەلكىم دۇنيادىكى ھەممە مىللەت ئادەم بولغاچقا نۇرغۇن نەرسىلەر ئورتاق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن يەنە نۇرغۇن خاسلىق بار. بىزنىڭ مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلىرىمىزنىڭ نەزەرىيىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگەن نەزەرىيە. نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ. ئەمەلىيەت نەزەرىيىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز. بىزدە نەزەرىيە بولمىسا ئىجادىيىتىمىزنى نېمە بىلەن باھالايمىز؟ ئۇنى باشقىلارنىڭ نەزەرىيىسى بىلەن ئۆلچەيمىزمۇ ياكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەزەرىيىسى بىلەن ئۆلچەيمىزمۇ؟ بۇ بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلغان مۇھىم بىر مەسىلە.
    4. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ  تارىخىنى يەكۈنلەش مەسىلىسى. بۇرۇنقىسىنى دېمىگەن ھالەتتىمۇ، ئازادلىقتىن كېيىنكىسىنى، يەنى 50 - يىللاردا قانداق بولدى؟ 60 - يىللاردىچۇ؟ ھەرقايسى دەۋرلەردە ئوبزورچىلىقتا قانچىلىك ئۇتۇق بولدى؟ قانچىلىك يېتەرسىزلىك بولدى؟ دېگەن مەسىلىلەرنى يەكۈنلەپ چىقالمىدۇق. دېمەك، نۇرغۇنلىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئوبزورچىلىقىنىڭ تارىخىنى تېخى دېگەندەك چۈشىنىپ كەتمەيمىز. بىز يەتمەكچى بولغان نىشان زادى نېمە؟ ئالىدىغان ساۋاق زادى نېمە؟ دېگەن نەرسىنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ بولالمىدۇق. شۇڭا ئوبزورچىلىقنىڭ تارىخىنىمۇ يەكۈنلەپ چىقىش زۆرۈر.
    5. ئوبزورچىلىقنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشتە تەتقىقات بىلەن باھالاشنى بىرلەشتۈرۈش مەسىلىسى. بىز ھازىر  ئايرىم ئەسەر ياكى بىر مەزگىللىك ئەدەبىياتىمىز توغرىسىدىكى باھالارنى يېزىۋاتىمىز. بۇنىڭدا تەتقىقات بىلەن باھالىشىمىز تازا بىرلىشىپ كەتمىگەن.  مەسىلەن، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئەدەبىيات - سەنئەت فاڭجېنى ۋە باشقا نۇرغۇن  ئەھۋاللار كىشىلەرنىڭ تىپىك ھالىتى، روھىي دۇنياسى، ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان تەسىرى، خەلقئارادىكى ئەدەبىي ئېقىملارنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا بولغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىرئاز كەمچىل. شۇڭا بىز ھازىر بىر ئەسەرنى يازغاندا كاللىمىزدا نېمىنى ئويلىساق شۇنى يېزىۋاتىمىز.  ماۋۇ پېرسوناژ ياخشى چىقىپتۇ، ماۋۇ پېرسوناژ ياخشى چىقماپتۇ دېگەنلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتىمىز. بىزدە ئۆزىمىزگە خاس نەزەرىيە كەمچىل بولغاچقا، ئۆزىمىزنىڭ ئوبزورچىلىق تارىخىنى ياخشى بىلەلمىگەنلىكىمىز ۋە ھازىرقى ئەدەبىياتقا دائىر يېڭى بىلىملەردىن تولۇق قوراللانمىغانلىقىمىز ئۈچۈن تەتقىقات بىلەن باھالاشنى بىرلەشتۈرەلمەيۋاتقان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. شۇڭا مۇشۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.
    6. ئومۇمىي ئوبزورچىلىقىمىزدا يەككە ئەسەرنى باھالاش كۈچلۈك. لېكىن بىرەر يازغۇچىنىڭ پۈتكۈل ئىجادىيەت جەريانىنى تەتقىق قىلىپ تولۇق يەكۈنلەپ  يېزىش ئاز. ئالدىنقى يىللاردا ئۆتكۈر ئەپەندى توغرىسىدا،  ئەخمەت زىيائى  توغرىسىدا چاققانراق بولسىمۇ تەتقىقات خاراكتېرلىك  كىتابلار  چىقتى. لېكىن بىزنىڭ ئارىمىزدا شۇنچە كۆپ ئىجادىيەتچىلەر تۇرۇپتۇ، شۇلارنى بىر يۈرۈش بويىچە، مەسىلەن، ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئىجادىيىتى  توغرىسىدا، ئەخەت تۇردىنىڭ ئىجادىيىتى توغرىسىدا دېگەندەك مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان كىتابلار يوق دېيەرلىك.  مېنىڭچە،  مەلۇم يازغۇچىنى تۇتۇپ تەتقىق قىلساق  تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەش تېخىمۇ ئەركىن ۋە ئەتراپلىق بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
       بىزدە بىر قىسىم يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت ۋە مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلدى. لېكىن ئوبزورچىلىرىمىز توغرىسىدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ مۇھاكىمە  يىغىنى ئېچىلىپ  باقمىدى. مۇشۇنىڭدىنمۇ ئوبزورچىلىققا بولغان تەشكىلچانلىقنىڭ ناھايىتى ئاجىز ئىكەنلىكىنى  كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مېنىڭچە، ئوبزورچىلارمۇ ئەدەبىيات ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانىكەن، ئەدەبىيات ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقانىكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇئەييەن تۆھپە ياراتقان ئوبزورچىلار، مەسىلەن، مۇھەممەت پولات، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم دېگەندەك ئوبزورچىلىرىمىز توغرىسىدا بىرەر مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىي ھاياتىغا باھا بەرسەك پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ  ئوبزورچىلارغا بولغان ھۆرمىتىمۇ بىرئاز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولاتتى. ياش  ئوبزورچىلىرىمىزغىمۇ تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولاتتى.
       ئەنۋەر ئابدۇرېھىم:مېنىڭچە، ئەدەبىي تەنقىد ھازىر چېكىنىپ كەتتى.  تارىم ژۇرنىلىدا بىر «بەس - مۇنازىرە» دېگەن  سەھىپە ئاچقانىدۇق.  ئىبراھىم ئىزاقى 80 - يىللىرى يازغان بىر ماقالەمگە قارشى بىر ماقالە يېزىپتۇ. بىز بۇ ئەسەرنى ژۇرنالدا بەرسەك ئوبزورچىلىق يەنە قايتىدىن قىزىپ كېتىدۇ دەپ قاراپ ژۇرنالدا ئېلان قىلغانىدۇق، لېكىن تاكى بۈگۈنگىچە بىر پارچىمۇ ئوبزور كېلىپ باقمىدى. 80 - يىللاردا ئوبزورچىلىقمۇ راسا قىزىغان، لېكىن ھازىر ھەممىمىز بازار ئىگىلىكىگە كىرىپ كەتتۇق. مۇنداقچە ئېيتسام، بازار ئىگىلىكى بىزنىمۇ پۇلغا كۆندۈرۈۋەتتى. ھەممە ئىش پۇل بىلەن بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر كۈندە بىزگىمۇ ئەلۋەتتە پۇل كېرەك. بىز بۇ يەردە ئوبزورچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرۇلۇق مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، لېكىن مەن ئۆتكەندە ئوبزورلار توپلىمىمنى نەشرىياتقا ئېلىپ بارغىنىمدا، ئۇلار ماڭا «ئوبزورنى ئېلان قىلىش مۇمكىنچىلىكى پەقەتلا يوق» دېدى.  ئەدەبىياتنى بىز ئويلىغان بىلەن بىزنى ھېچكىم ئويلىغىنى يوق. بۇ يەردە مۇنداق بىر ئىشنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنى «شىنجاڭ گېزىتى» يازغۇچىلارنى تاللاپ ئوبزور يېزىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بىزمۇ بېسىم بولغاچقا قولىمىزغا قەلەم ئېلىپ يېزىشقا كىرىشتۇق. مېنىڭچە، مۇشۇنداق تەشكىللەشمۇ بولىدىغان چارە ئىكەن. مۇشۇنداق تەشكىللىسە بىزگىمۇ بېسىم بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا قەلەم ھەققىنى كۆپرەك بەرسە ئانچە - مۇنچە مۇكاپاتلاپ تۇرسا بولىدۇ. بېيجىڭدا مېنىڭ «يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت» دېگەن كىتابىم مۇكاپاتلاندى. خۇشالمۇ بولدۇم، ئۆزۈمدىن نومۇسمۇ ھېس قىلدىم. خۇشال بولغان يېرىم  مەن ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋان ئالالماي ئاشۇ كىتاب بىلەن ئالدىم. نومۇس  ھېس قىلغان يېرىم  ئۇ كىتاب ئاساسەن ئوبزورلار توپلىمى ئەمەس. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇ پەقەتلا بىر سۆھبەت خاتىرىسى. سوئال مېنىڭكى، ئاساسىي  قىسمى بولسا يازغۇچى، شائىرلارنىڭ دېگەنلىرى، شۇ كىتاب مەملىكەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. دەرۋەقە ئەسەر باھالاش گۇرۇپپىسىدا مەن بار. شۇڭا ئۇنى ئۆزى باھالىۋالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايدىغانلار بولۇشى مۇمكىن. ئوچۇقىنى ئېيتسام، پەقەت مېنىڭ كىتابىملا تەۋسىيە قىلىنغان بولۇپ، باشقا يوللانغان ئوبزورلار توپلىمى يوق. تەۋسىيە قىلىنغان كىتاب پەقەت مۇشۇ بىرلا بولغاندىكىن  تەلىيىم بار ئادەم ئىكەنمەن، گۇپلا قىلىپ مۇكاپاتلىنىپ قالدىم. شۇ باھانىدە ئۇنۋانمۇ ئېلىۋالدىم. ئەمدى ئارمان يوق (كۈلكە).
    بۇ چاقچاق ئەمەس، يالغان گەپ قىلساق بولمايدۇ. يالغان گەپنىمۇ جىق دەپ كەتتۇق، ئەمدى راست گەپنى قىلايلى. قانداق دېدىم؟
    ئوبزورچىلىق راستىنى دېگەندە چېكىنىپ كەتتى. بايا قوشۇننىڭ گېپى بولۇندى. بۇ قوشۇن دېگەن گەپكە مەن مۇنداق قارايمەن. بىزدە ئوبزورچىلىق بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان ئادەم ئاز ئەمەس. مۇشۇ يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوبزورچى. ھەممىسى يازالايدۇ. ھەتتا بىزدىن ئوبدان يازىدۇ. ئادەم جىق. ئوبزورچىلار قوشۇنىدا ئادەم يوق دېگەن گەپ يوق. ئادەملەر كۆپ بۇ ساھەدە، لېكىن يازمايدۇ. بىز قىلدۇققۇ مانا؟ بىز قىلىپ نېمىگە ئېرىشتۇق؟ بىر كىتابىڭنى چىقىرالمىساڭ، قەدىر - قىمىتىڭ بولمىسا. لېكىن ئوسمانجاندەك شائىرلارنى بېشىدا كۆتۈرىدۇ، ئەختەم ئۆمەردەك يازغۇچىنى بېشىدا كۆتۈرىدۇ، كىتابلىرىنى ئاپارسا ھەر ھالدا چىقىرالايدۇ. ئەخەت تۇردىكاملار رومان ئاپارسا خەقلەر تالىشىپ تۇرۇپ ئالىدۇ. بىزنىڭ ئوبزورغا بازار يوق، يالغانمۇ يا، مۇھەممەت  پولات؟
    مېنىڭ «يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت» دېگەن كىتابىم نەشرىياتتا ئون يىل ياتتى. ئاخىر ئۇنى - بۇنى قىلىپ يۈرۈپ چىقىۋېدى، بازىرى ياخشى بولدىغۇ؟! گەرچە سۆھبەت بولسىمۇ ئۇنىڭ قىممىتى بولدى ئۆزىگە تۇشلۇق. بېسىلىپ قالغىنى نەشرىياتقا زىيان سالغىنى يوق. ئوبزورلار سېتىلمايدۇ دېگىنى بىكار گەپ ئۇ. ياخشى ئوبزورلار توپلاملىرى، ياخشى ئوبزورچىلار ئۈستىدە مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ ساھەدە تالانتى بار ئادەملەرنىڭ قەدىر - قىممىتىنى قىلىش كېرەك. بىزنىڭ قەدىر - قىممىتىمىزنى قىلىپ بولدۇڭلار، بىزگە شۇ يېتەرلىك. ئەمدى بۇ ساھەدە ياشلار بولۇشى كېرەك. ياشلارغا ئىلھام بېرىشىمىز، ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قەدىرلىشىمىز، ئۇلارنى روھىي ۋە ماددىي جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرىشىمىز لازىم.
    ئابدۇللا مەتقۇربان: بىز ئەدەبىي تەنقىدنىڭ رولى، ئورنى، تەسىرى، مۇناسىۋىتى، نەزەرىيىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بولغان. ھازىرقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەدەبىي تەنقىد مەسىلىسى ئومۇمەن ئارقىدا ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ بولدى. يۇقىرىدا ئەدەبىي تەنقىد بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ماس قەدەمدە مېڭىش كېرەك دېگەن پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مېنىڭچە، ماس قەدەمدە مېڭىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئەدەبىي ئىجادىيەتكە يېتەكچى بولۇشى كېرەك. بىزدە ئەدەبىي تەنقىد دېسە ياكى بىرەر يازغۇچىنىڭ بىرەر ئەسىرى تەنقىدلىنىپتۇ دېيىلسە، ئۇنىڭغا  توغرا مۇئامىلە قىلىنمايدىغان بولۇپ  قالدى. ئەدەبىي تەنقىد دېسە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى، ھەتتا شۇ يازغۇچىنى قوشۇپ كالتەكلەيدىغان، ئۇنى ئۇجۇقتۇرىدىغان بىر قورال ياكى ۋاسىتە دەيدىغان  بىر ئۇقۇمنى بېرىپ قالىدىكەن. جەمئىيەتتە نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر قاراش شەكىللىنىپ قالىدۇ دېگەندە، گەپ يەنىلا ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئۆزىدە ئىكەن. مەتبۇئاتلاردا ئىلمىي بولمىغان قاراشلار ئاز ئەمەس. جەمئىيەتتە ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئورنىنىڭ توغرا مۆلچەرلەنمىگەنلىكىنى ئالدى بىلەن ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرىنى مۇنداق ئۈچ خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ.
    1. نورمال كەيپىياتتىكى ماقالىلەر. بۇ ماقالىلەرنى ئادەتتە خالىس نىيەتتە يېزىلغان ماقالە دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، مۇھەممەت پولات، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم قاتارلىقلار ئىزچىل تۈردە  خالىس نۇقتىدىن ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنى، يازغۇچى، شائىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى  باھالاپ كەلدى. بۇنى نورمال كەيپىياتتىكى ماقالە دەپ قاراشقا بولىدۇ.
    2. خاھىشلىق ماقالە. بۇنىڭدا ئادەمنى ئوتقا تۇتۇپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىدىغان، چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىرى بار. يەنى قوپال، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە قارىتىلغان مۇشۇنداق خاھىشتىكى نەرسىلەر بىزنىڭ تەنقىدلىرىمىزدە تېپىلىدۇ.
    3. ئىلمىي ئاساسىي يوق،  ماختاش خاراكتېرلىك ماقالىلەر.  بۇ خاھىشلارنىڭ ھەممىسى ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەدەبىي تەنقىدنىڭ جەمئىيەتتە توغرا مۇئامىلىگە ئۇچرىمىغانلىقىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇ دەپ قارايمەن.
    بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزمۇ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ بىر قىسمى، دۇنيا ئەدەبىياتى ھەر خىل يوللار بىلەن بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا باغلىنىدۇ. دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى بەزى ئىلغار، ياخشى بولغان ئىدىيە ۋە نەزەرىيە قاراشلىرى بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدىمۇ تېپىلىدۇ. مەسىلەن، چەت ئەل ئەدەبىياتىدا  20 - ئەسىرنىڭ  70 - يىللىرىدىن كېيىن باش كۆتۈرۈپ چىققان قۇرۇلمىچىلىق تەنقىدچىلىكى دەيدىغان بىر خىل تەنقىد ئۇسۇلى بار.  بۇ خىل تەنقىد ئۇسۇلى چەت ئەلدە كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭدىن باشقا جەمئىيەت تەنقىدى، مەدەنىيەت تەنقىدى، تارىخ تەتقىقاتى تەنقىدى، پسىخولوگىيىلىك تەنقىد ئۇسۇلى، ئېستېتىكا تەنقىد ئۇسۇلى دېگەندەك  بىرقانچە خىل تەنقىد ئۇسۇلى بار. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ ئۇيغۇر تەنقىدچىلىكىمىزدە تاپقىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن. روشەن بولمىسىمۇ ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن. قۇرۇلمىچىلىق تەنقىدچىلىكىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى بىز كۆردۇق. مەسىلەن، 80 - يىللارنىڭ ئاخىرى بولسا كېرەك، «تۈگىمەس ناخشا» ھەققىدە بىرقانچە پارچە ماقالە يېزىلدى. مەسىلەن: مەلۇم ياش شائىرنىڭ  شۇ ھەقتىكى ماقالىسىنى ئالساق،  مېنىڭچە، بۇ بىر ياخشى باشلىنىش بولۇپ، ماقالىنىڭ قۇرۇلمىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولغاچقا جەمئىيەتتە ياخشى ئىنكاس قوزغىدى دەپ قارايمەن. مېنىڭ شۇ ماقالىنى چۈشىنىشىمچە، ئۇ بۇ ئەسەرنى  ئىنكار قىلغىنى يوق. «تۈگىمەس ناخشا»نى  بىز بىر ياخشى ئەسەر دەپ قارايمىز. بۇ ياش شائىر  پەقەت  قايسى سۆز مۇشۇ شېئىرنى  كۆتۈرۈپ تۇرغان دېگەن نەرسىنى سۆزلىگەن. كېيىن  خۇددى «تۈگىمەس ناخشا» ئىنكار قىلىنغاندەك بىر گەپلەر بولۇندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ خىلدىكى  ماقالىلەرمۇ غايىب  بولدى. 80 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي تەنقىد بىر مەزگىل جانلانغان. شۇ ۋاقىتلاردا بىر تۈركۈم ياشلارمۇ ئەدەبىي تەنقىد سېپىگە كىرىپ كەلگەن. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئۆزىمىزنىڭ ئەدەبىياتى. ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنى قانداق قىلغاندا ياخشىلىغىلى بولىدۇ؟
    1. ھازىرغىچە يېزىلغان ماقالىلەردە ئابىستراكتلىق بىر قەدەر كۆپرەك بولۇپ كەتتى. مېنىڭچە، ئابىستراكتلىقتىن كونكرېتلىققا ئۆتسەك چوڭقۇرلىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا بىرنەرسىگە دىققەت قىلساق دەيمەن، يەنى ئەسەرنىڭ ئۆزى قانداق بولسا، قانچىلىك بولسا پەقەت شۇنىلا باھالىساق. شۇنداق قىلغاندىلا  چوڭقۇرلاش، كەڭلىك ۋە بەلگىلىك سەۋىيە بولىدۇ.
    2. ئادەتتىكى تەسىرات خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى تەتقىقات خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە يۈزلەندۈرسەك.
    3. ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئۆزىنىمۇ تەتقىق قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. ئەدەبىي تەنقىد كونكرېت ئەدەبىيات ھادىسىلىرى، يازغۇچى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىشتىن سىرت يەنە ئۆزىنىمۇ تەتقىق قىلىشى كېرەك. ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىي ئىجادىيەتتە قانداق رول ئوينىدى؟ نېمىلەرنى قىلدى؟ نېمىلەرنى قىلالمىدى؟كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەئەت بىلەن يىراق مەسىلە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەدەبىي تەنقىدتىن ئىزدەشكە بولىدۇ، دەپ قارايمەن.
    مۇھەممەت پولات:ئەدەبىي تەنقىدچىدە يازغۇچىغا ئوخشاش قۇربان بېرىش روھى بولمىسا بولمايدۇ.  ئەدەبىي تەنقىد ئەنە شۇ خىل روھ ئاستىدا يارىتىلىدۇ.  ئەگەر بىز ئەدەبىي تەنقىدنىڭ قىممىتىنى ھېسابلىساق، ئەدەبىيات ئۈچۈن قۇربان بېرىدىغان روھ بولۇشى كېرەك. مېنىڭچە، ھازىرقى  سەۋىيە يېتەرلىك بولمىسىمۇ يەنىلا يامان ئەمەس. ئەدەبىي تەنقىد مىللەتنىڭ  ئەدەبىي ئىجادىيىتىنىڭ زېمىنىدا يېتىلىدۇ. بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدىمىز دەسلەپكى قەدەمدە بىزنىڭ ئىجادىيىتىمىز بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كېتەلمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ تەتقىقات مەركىزىنى ئۆزىنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىغا قويىدۇ. بۇ نۇقتا ناھايىتى ئېنىق . ئاددىي بىر مىسال كەلتۈرسەم، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن ئەڭ ياخشى ئەسەرلەر ئالدى بىلەن كىتابخاننىڭ ھېسسىياتى ئىچىدە ئەدەبىي تەنقىدچىلىككە كۆچتى. مەسىلەن، زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» ناملىق رومانىنى؛ ئەخەت تۇردىنىڭ «سەرسان روھ» ناملىق رومانىنى؛ مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانىنى؛ ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ «داغ» دېگەن رومانىنى ئالايلى، مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى بىرىنچى قېتىم ئەدەبىي تەنقىدتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بۇ بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدىمىزنىڭ ئىلمىي سەزگۈرلۈكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بىزنىڭ شائىرلىرىمىزمۇ بۇنىڭ سىرتىدا قالمىدى. مەسىلەن، ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ شۇ دەرىجىدە شېئىرىي پەللىگە چىقىشىدا ئەدەبىي تەنقىدنىڭ تەسىرى يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. لېكىن بىزدە يېتىشمەيۋاتقان نەرسە  نەزەرىيىۋىلىك،  ئەدەبىي تەنقىدچىنىڭ ئىككىنچى بىر ھېسسىيات دۇنياسى بولىدۇ. لېكىن بىزدە كەڭلىك بىلەن چوڭقۇرلۇق كەم. ئەدەبىي تەنقىد دېگەن ئۆز مىللىتىنىڭ ئەدەبىيات سەۋىيىسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىشى كېرەك. مېنىڭچە، كىتابخانلار بىزنىڭ ئەدەبىي ماقالىلىرىمىزنى ئوقۇسا  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى بەلگىلىك سەۋىيىسىنى ھەرھالدا چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. لېكىن كەم يېرى يەنىلا شۇ كەڭلىك بىلەن چوڭقۇرلۇقتا.
    بىزدە مەخسۇس ئەسەرلەرنى مۇھاكىمە قىلىش مۇنبىرى يوق. بىر يازغۇچىنىڭ پۈتكۈل ئىجادىيەت يولىنى، ئۆزىگە خاسلىقىنى، ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكىنى، ئۆزىگە خاس بولغان بەدىئىي دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەر يېزىلىشى كېرەك. ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىزنى قايرىپ قويغاندىمۇ ئەدەبىياتقا بولغان مۇھەببەت بىلەن بۇلارنى قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ.
    2. مەخسۇسلىشىش كەم. بۇ ساھەدە بىرەر ئەسەر يازىدىغان ئادەم بىزدە كۆپ، لېكىن كەم بولغىنى مەخسۇسلاشقان، جاپا چەكسىمۇ قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە بولغان ئادەملەر. لېكىن بېغىشلاش روھى بولماي تۇرۇپ ھېچنېمە قىلغىلى بولمايدۇ.  ياشلارنىڭ ئىچىدە نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا تويۇنغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇلار يېتەكلەشكە موھتاج.
    مېنىڭ بىر ئەمەلىي تەكلىپىم، ھازىرغىچە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك توغرىسىدا مۇكاپات تەسىس قىلىنىپ باققىنى يوق. شۇڭا مۇشۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىك توغرىسىدا بىرەر مۇكاپات تەسىس قىلىنىپ باقسا.
    ئەخمەت ئەمەت:مېنىڭچە، ھازىر ئەدەبىي تەنقىدنى قانۇن ئىزىغا سالىدىغان ۋاقىت بولدى. ئادەم تىللاش كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە مەۋجۇت. يازغۇچىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تېگىش خاھىشى يۇقىرى پەللىگە چىقتى. مۇشۇنداق شارائىتتا ئەدەبىياتنى قانۇن ئىزىغا سالساق، تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرگىلى بولاتتى.
    ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى:مېنىڭچە، ئەدەبىيات  مەسىلىلىرىنى قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىش دېگەن خاتا گەپ. چۈنكى ئەدەبىيات دېگەن ئەدەبىيات، قانۇن دېگەن قانۇن. كۆچۈرمىكەشلىك مەسىلىسىگە كەلسەك، ئىككى ئادەم بىۋاسىتە سوتقا بېرىپ دەۋالاشسا بولىدۇ. بۇ دېگەن ھەق تەلەپ دەۋاسىغا كىرىدۇ. ئەدەبىياتتىكى مەسىلىلەر بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى مەسىلىلەرگە ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، ئەختەمكام بىر رومان يازغان بولسا، مېنىڭ ئۇنى يازالمىدى دەيدىغان ھوقۇقۇم بار، ئۇنداقتا ئەختەمكام «مەن يازالىغان تۇرسام، نېمىشقا مېنى يازالمىدى دەيدۇ» دەپ مېنى سوتقا ئەرز قىلىشى كېرەكمۇ؟
    ئەخمەت ئەمەت:سىزنىڭ بۇ يازالىدى، يازالمىدى دېگىنىڭىز قانۇنغا ئۇيغۇن بولسا بۇ بىر قانۇنىي مەسىلە. بۇ يەردە مېنىڭ  دېمەكچى بولغىنىم، ئوبزورچى مەلۇم بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى باھالاۋېتىپ،  ھاقارەتلىك، بەتنام خاراكتېرلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىش مەسىلىسىگە قارىتىلغان. چۈنكى بۇنىڭ مەسئۇلىيىتى تەھرىرگىمۇ، يازغۇچىغىمۇ كېلىدۇ، مەسىلەن، ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن گېزىت - ژۇرناللاردا كېلىپ چىقىۋاتقان دەۋا - دەستۈرىلەر مانا شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان.
    ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى:ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىد مەسىلىسىگە كەلسەك،  بىزدە ھازىرغا قەدەر ئەدەبىي تەنقىدكە دائىر نەزەرىيە مەسىلىسى تېخى ھەل قىلىنمىدى. ئالىي مەكتەپلىرىمىزدە  ئەدەبىيات نەزەرىيسى دەرسى بار. ئەمما  ئەدەبىي تەنقىد نەزەرىيىسى ئۆتۈلمىدى. ئەدەبىي تەنقىد سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇلمىدى. ھەتتا زور كۆپچىلىك ئادەملەر ئەدەبىي تەنقىد تىلغا ئېلىنسا ئادەم تىللايدىغان ئىش دەپ چۈشىنىپ قېلىپ، بۇ ئىلىم جەمئىيەتكە يېيىلمايۋاتىدۇ. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، 80 - يىللاردا بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە گۈللىنىش ۋە قوشۇن بولغانىكەن، 90 - يىللارغا كەلگەندە شاۋقۇن - سۈرەن، ئۇلۇغ گەپلەر كۆپ  ئەمەلىيەت بولغان. 80 - يىللاردا ئوبزورچىلارنى ئون بارماق توشقىچە سانىغىلى بولاتتىكەن، لېكىن ھازىر ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنى سانىساق بارماق توشمايدۇ. شۇ تۈپەيلى جەمئىيەت مىقياسىدا تەنقىدتىن ئىبارەت  بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىيالمايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. مەسىلەن، مەلۇم بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر ئەسىرى ھەققىدە بىرەر ماقالە يېزىلىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە خۇش بولۇپ قالىدىغان، تەنقىد چىقىپ قالسا كۆڭلىگە كېلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. مېنىڭچە، بىر تەنقىدچىنىڭ بىر پارچە ئەسەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ھوقۇقى بولغانىكەن، تەبىئىي ھالدا ئۇنى ئىنكار قىلىش  ھوقۇقىمۇ بولىدۇ. بايا ئابدۇللا مەتقۇربان ئاكىمۇ دېدى، تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ «تۈگىمەس ناخشا» دېگەن شېئىرىنىڭ   ياخشى ئەسەر ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئۇنى خەلق ئېتىراپ قىلىپ بولدى. ئۇنى ناچار دېيىش شۇ ئادەمنىڭ كۆزقارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ئادەمنىڭ ناچار دېيىش ھوقۇقى بار. تېيىپجان ئېلىيوپمۇ «يا ياخشى دەر، يا ناچار دەر» دەپ كىتابخانلارغا تاشلاپ بەرگەن. دېمەك، ماختاش ھوقۇقى بولغانىكەن، ئۇنى تەنقىد قىلىش ھوقۇقىمۇ بولىدۇ.  فرانسىيىلىك ئالبېرت دىپپىتەي ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، ئۇ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنى سىستېمىلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئەدەبىي تەنقىدنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىگە قارىتا ئەدەبىي تەنقىدنى ئېغىزچە ئەدەبىي تەنقىد، كەسپىي تەنقىد، سەنئەتكە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئەدەبىي تەنقىد دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىدۇ.
    1. ئېغىزچە تەنقىد. يەنى سالون تەنقىدچىلىكى. دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتتە سالون تەنقىدچىلىكى بار، لېكىن نۇرغۇن مىللەتلەر ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرالمىدى، لېكىن فرانسىيە سالون تەنقىدچىلىكىنى ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلدۇردى ۋە ئۇنى شۇ شەكىلدە يېزىق تەنقىدچىلىكىگە ئايلاندۇردى.  بۇ تەنقىدچىلىك ئاساسەن ئېغىزچە تەنقىد دەپ ئاتالسىمۇ لېكىن قەلەم ئارقىلىق يېزىلىدۇ. بۇنداق تەنقىدتە  بىر پارچە رومان چىققان بولسا، بۇ توغرىدا چوڭقۇر پىكىر ئېلىپ بېرىلمىسىمۇ لېكىن دەرھاللا ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن قىسقا ئىنكاس قايتۇرۇلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل فرانسىيىدە تاكى بۈگۈنگە قەدەر تەشەببۇس قىلىنىۋېتىپتۇ. بۇ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەدەبىي تەنقىدكە بولغان قىزغىنلىقىنى قوزغاشتا تۈرتكىلىك رول ئويناپتۇ.
    2. كەسپىي ئەدەبىي تەنقىد. بۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىندى.
    3. يازغۇچى، سەنئەتكارلارنىڭ ئېستېتىك قارىشى، بەدىئىي ماھارىتى، نەزەرىيىۋى قارىشى  ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەنقىد. مەسىلەن، بىر يازغۇچىنىڭ  ئىدىيىسى  زادى قانداق؟ ئۇنىڭ ئىدىيىسىدە قانداق  ئىزچىللىق بار؟  بۇ ئىزچىللىق زادى نەدە؟ دېگەندەك مەسىلىلەر ھەققىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بىزدە مۇشۇنداق تەنقىدلەر بارمۇ دېگەندە، شەخسلەر ھەققىدە يېزىلغان كىتابتىن ئىككى - ئۈچى چىقىپتۇ. مەسىلەن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ھەققىدە، تېيىپجان ئېلىيوپ ھەققىدە. لېكىن قارايدىغان بولساق بۇ ئەسەر ئادەمگە قارىتىلغاندەك قىلغان بىلەن،  ئۇ  ھەرگىزمۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ئىنچىكىلەپ قازمىغان، بەلكى بۇنى شۇ ئادەملەر ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلەر توپلىمى دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇنىڭ پۈتكۈل يېزىقچىلىق ھاياتى ھەققىدە تەپسىلىي بايانلار يوق.  بىز بىر مىللەتنىڭ پۈتكۈل ئەدەبىيات تارىخىنى يازغان چېغىمىزدا يازغۇچى، شائىرنىڭ  ھاياتىغا باھا بېرىشنى ئۇنتۇپ قالىدىكەنمىز. مەسىلەن، بىر ئەدىبنى قىرىق يىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى دېسەك، بۇ قىرىق يىلنىڭ ھەر بىر ئون يىلىنى بىر باسقۇچ دېسەك، بۇ ئادەم قىرىق يىلدا تۆت خىل ئادەم بولۇپ چىقىدىغان ھالەتلەر مەۋجۇت.  سەنئەتكارغا قارىتىلغان تەنقىد دەل مۇشۇ مەسىلىگە قارىتىلىدىكەن. بۇنى ئىجادىيىتىنى تاماملاپ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇنىڭدىن كېيىن ئىجادىيەتكە كىرىشىدىغان، تۇنجى قەدىمىنى ئېلىۋاتقان ئادەملىرىمىزگە پايدىسى تېگىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە قىلىۋاتىمىز.
    مېنىڭچە، بىزدىكى مەۋجۇت ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئۇسۇللىرىنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدىكەن.
    1. كوررېكتور تەنقىدچىلىكى. تەھرىر بىلەن كوررېكتور ئوتتۇرىسىدا يوقاپ كېتىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن تىل مەسىلىلىرى، كېسەل جۈملىلەر قاتارلىقلار تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق مۇھاكىمە ئوبيېكتى بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال بار. ھەقىقەتەن دۇنيا ئەدەبىياتىدا بۇنداق تەنقىدچىلىك بار. لېكىن ئۇ بىر يازغۇچى ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدىن قانچىلىك ئىشلەتكەن، قانچىلىك يېڭى سۆز ئىجاد قىلغان، ئۇنتۇلۇپ كەتكەن سۆزدىن قانچىنى قازغان، سۆزنى كۆپ ئىشلەتكەنمۇ ياكى ئازمۇ؟ دېگەن مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.
    2. تەرجىمە تەنقىدچىلىكى. بۇ  خەنزۇچە ياكى باشقا تىلدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرگە قارىتىلغان تەنقىدچىلىك ئەمەس. بۇنىڭدا تەنقىدچى  «مەن پالانى ئەسەرنى كۆردۈم» دەپ كېلىپ ئاندىن ئۇنىڭ مەزمۇنىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى  چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرىدا «مەن بۇنى ئوقۇپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن  يازغۇچىغا دۇئا قىلىدۇ. مەن بۇنى تەسىرات تەنقىدچلىكى دەيمىكىن دېسەم، بۇ تەسىرات تەنقىدچىلىكى ئەمەس، بەلكى ئەسەرنى بىزگە تەرجىمە قىلىپ بېرىش جەريانىكەن. ئەمدى  تەنقىدچىلىكىمىزدە ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى بىزگە تەپسىلىي تەرجىمە قىلىپ يېشىپ بېرىدىغان مۇشۇنداق  ئۇسلۇبمۇ بار. «غەربكە ساياھەت» دېگەن فىلىمنى بىز ئىزچىل كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز، بۇ فىلىمنى تولا قويۇۋېرىپ ھازىر ئۇنىڭدىن ھەتتا كىچىك بالىلىرىمىزمۇ  زېرىكىدىغان ھالەتكە يەتتى. مۇشۇ ئەسەر ھەققىدە مەن بىر تەبىئىي پەن ئالىمى بىلەن  پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇ كىشى مەندىن «مۇشۇ ئەسەر ھەققىدىكى تەسىراتىڭىز قانداق؟» دەپ سورىۋېدى، مەن تەسىراتىمنى دەپ بەردىم. ئۇ كىشى «مەن تەسىراتىمنى دەپ باقايمۇ؟» دېۋىدى ماقۇل بولدۇم. ئۇ كىشى مۇنداق دېدى:
     «غەربكە ساياھەت» دېگەن ئەسەر بىر جەمئىيەتكە ئوخشايدۇ، مەن ئۇنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئوخشاتتىم. يەنى ئۇيغۇر جەمئىيىتى نوم ئالماقچى. بىزدە نوم ئالىدىغان تاڭسىڭلار ناھايىتى كۆپ، لېكىن بۇ تاڭسىڭلار «نوم ئالغىلى بېرىپ كەل» دېسە بەش يۈز مېتىر ماڭالمايدۇ. دېمەك، ئۇنىڭ نوم ئەكىلىشى ئۈچۈن سۈن ۋۇكۇڭ لازىم. ئەمما ئۇنىڭ نوم ئالغۇسى يوق، ئۇ نوم ئالمىسىمۇ ئەۋلىيالىقىنى  قىلىپ يۈرىۋېرىدۇ. ئۇنداق بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن سۈن ۋۇكۇڭنىڭ كاللىسىغا ئەپسۇن ئوقۇلغان كۈمۈش چەمبىرەكنى كىيدۈرۈپ، ئۇنى تاڭسىڭغا بويسۇنىدىغان قىلىپ بەرمىسەك بولمايدۇ. بىزدە ئەپسۇن  ئوقۇپ بېرىدىغان  بۇتساتۋا يوق. كاللىمىزغا تايانساق بولىدۇ. لېكىن بىزدە سۈن ۋۇكۇڭ دەرىجىلىك ئادەملەر ئىنتايىن ئاز.  ئۈچىنچىسى، جۇباجيې. ئۇنىڭمۇ زادى نوم ئالغۇسى يوق. شۇنىڭدىن قارىغاندا بىزنىڭ 98 پىرسەنت ئادەملىرىمىزنىڭ ھەممىسى جۇباجيېمىكىن دەيمەن.
    قاراپ باقسام، فىلىمنى ئۇ كىشى مېنىڭدىنمۇ بەكرەك چۈشىنىپتۇ. بىزدىكى  تەرجىمە تەنقىدچىلىكى  بىر ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى بىزگە شۇنچىلىك دەپ بېرەلىگەن بولسا، تەرجىمە تەنقىدچىلىكىنى قىلسىمۇ مەيلى ئىدى. لېكىن ھەممە ئادەم بىلىدىغان نەرسىنى  ھېكايە شەكلىدە خۇددى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىنى باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىغا تەھلىل قىلىپ  بېرىشكە ئوخشاپ كېتىدىغان  ئەھۋاللار بار. مۇشۇنداق تەنقىدلىرىمىزمۇ سەل كۆپرەك.
    3. غەرەز تەنقىدچىلىكى. يەنى تەنقىد ئېلىپ بارغاندا مەلۇم غەرەز ئۈچۈن تەنقىد ئېلىپ بېرىش، ئۆز ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ چىققان ساپ ھاياجاننى تۈرتكە قىلماي شەخسىي  غەرەز بىلەن  پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىش.
    مېنىڭچە، بىزنىڭ تەنقىدچىلىكىمىز مۇشۇ ئۈچ خىل ھالەتتىن ھالقىپ كېتەلمىدى. بولۇپمۇ 90 - يىلىدىن كېيىن  تەنقىدچىلىك بىلەن شۇغۇللانغانلارنىڭ ئىچىدىكى زور بىر تۈركۈمىدە بۇ خىل تەنقىدچىلىك بولمىسىمۇ، لېكىن بەزىلەر ئەسەرنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشەنمەي غەرەزلىك ھالدا ئەدەبىي تەنقىدنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.  بۇ قالايمىقانچىلىق تۈپەيلى پۈتكۈل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان كىشىلەرنىڭ پسىخىكىسىدا نورمال تەنقىدكە نىسبەتەنمۇ كۆڭلىدە گۇمان پەيدا بولۇپ قېلىپ، تەنقىدچىنى «بۇ تەنقىدنى غەرەزلىك ھالدا يازغانمىدۇ» دېگەندەك خىيال كېلىپ قېلىپ، تەنقىدچىلىك ھەققىدە ئويلانماي غەرەز ھەققىدە ئويلايدىغان بىر خىل تەتۈر خاھىش شەكىللىنىدۇ. بۇنداق ھېسسىيات زور كۆپچىلىك يازغۇچىلىرىمىزدا مەۋجۇت. دەرۋەقە  90 - يىللاردىن كېيىنكى تەنقىدچىلىكتە ھاياجانلىنىش بىرقەدەر كۈچلۈك. بايا مۇھەممەت پولاتكام دېدى، «بىزدە پارتلاپ تۇرغان ھاياجان بولسا تەنقىدچىلىككە كىرىشەلەيمىز»دەپ، نۇرغۇن ياشلار مۇشۇنداق ھاياجان بىلەنلا تەنقىدچىلىككە كىرىشىپ كېتىدىكەن. لېكىن ئۇلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ تۆۋەنلىكى ياكى مەيدانىنىڭ ئېنىق بولمىغانلىق تۈپەيلى،  پەقەت  ھاياجانلىق سۆزلەردىن كېيىنلا بۇ تەنقىدنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەن.  مىسالغا ئالسام، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىلقى 1 - سانىغا مەن يازغان بىر پارچە ھېكايىغا بىر پارچە  ماقالە چىقتى.  ئۆزۈمنىڭ ھېكايىسى ھەققىدە يېزىلغان ماقالە بولغاچقا خۇشاللىق  بىلەن ئوقۇدۇم.  لېكىن ئەڭ  ئاخىرىغا «بۇ ئۇيغۇر ھېكايىچىلىقىدىكى تۇنجى پەلسەپىۋى ھېكايىكەن» دېگەن گەپنى يېزىپ قويۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ گەپتىن تەبىئىي ھالدا ئۆزۈم خىجىل بولۇپ قالدىم. بەلكىم ماقالە ئاپتورىنىڭ  مېنى ساز قىلىش مەقسىتى يوقتۇر، لېكىن ماڭا مېنى ساز قىلغاندەك تۇيۇلدى.  چۈنكى بېرىلىۋاتقان باھا  بەك ئۇلۇغ.  ھازىر كۆپ ساندىكى ئەدىبلەر  ماختاش سۆزلىرىگە كۆنۈپ كەتتى. ئەدىب دېگەن سۆز ھەممە ئۇلۇغ ناملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن ھازىر «ئوت يۈرەك ئەدىب»، «ۋەتەنپەرۋەر ئەدىب» دېگەندەك ھەشەمەتلىك ناملار كۆپىيىپ قالدى. قىسقىسى، ئۇ ئەدىب بولغانىكەن، تەبىئي ھالدا ئۇنىڭدا ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئوت يۈرەكلىك، تالانت بولۇشى كېرەك. بۇلار بولمىسا ئۇ ئەدىب بولالمايدۇ. شۇڭا بىزدىكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە بىلىم كرىزىسى كۆرۈلۇۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن.  بۇنىڭدىن كېيىن تەنقىد ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن گېزىت - ژۇرناللاردا بىر مەنتىقە بولۇشى كېرەككەن. بايا ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ئاكام دېگەندەك، بەزى گېزىت - ژۇرناللار  «قىزىقچىلىق بولسۇن ئۈچۈن باستۇق» دەپ بەزى ساغلام بولمىغان «ماقالە»لەرنى بېسىۋاتىدۇ.  مېنىڭچە، گېزىت - ژۇرناللىرىمىز قىزىقچىلىق قىلىدىغان سورۇن ئەمەس. چوقۇم مەلۇم بىر مەيداندا تۇرۇپ گېزىت - ژۇرنالدا ئىدىيىۋى نۇقتىنەزەر شەكىللەندۈرۈش كېرەك.  «قىزىقچىلىق قىلدۇق» دەپ ناچار دېموكراتىيىنى بازارغا سېلىپ، ئاق دېسىمۇ مەيلى، قارا دېسىمۇ مەيلى دېگەن قاراشتا بولساق، گېزىت - ژۇرناللار  ئاپاق غوجامنىڭ ئۇماچ قايتىدىغان قازىنىغا ئوخشاپ قالسا بولمايدۇ. شۇڭا بەزى ئىلمىي بولمىغان نەرسىلەرنى  ژۇرنالنىڭ ئۆزىدە چەكلىسەك بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا بەزى كىشىلەر «مازاغا مۇشت ئاتسا داڭق چىقىرىدىكەن» دەپ ساغلام بولمىغان گەپلەرنى قىلىپ قويىدىغان، ئۇ  ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بىر قىسىم  ساددىراق ئادەملەر «راست ئوخشايدۇ» دەپ ئىشىنىپ قالىدىغان قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدىكەن.
    پەرھات جىلان:ئەدەبىي تەنقىدكە نىسبەتەن مەيلى ئامما ئىچىدە بولسۇن ياكى تەنقىدچىلەر ئىچىدە بولسۇن كۆزقاراش ئوخشىمايدۇ. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ زادى ئىجادىيەتكە قانداق پايدىسى بار؟ دېگەندە قاراش مۈجىمەل. بەزىلەر ھەتتا ئەدەبىي تەنقىد  بولمىسىمۇ ئىجادىيەت ئۆز يولىدا كېتىۋېرىدۇ، بۇرۇن بىزنىڭ كلاسسىكلىرىمىزمۇ ئوبزورچىلارسىز تارىخ بېتىگە يېزىلغان داڭلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرالىغان، دېيىشىدۇ. مەن ئويلايمەنكى، كلاسسىكلىرىمىزنىڭ دەۋرىدە گەرچە ئەدەبىي تەنقىد دېگەن ئاتالغۇ بولمىسىمۇ لېكىن تەنقىدچىلىك بولغان. بۇ نېمىدە ئىپادىلىنىدۇ، دېگەندە كۆرگەن ماتېرىياللىرىمدىن قارىغاندا، قاراخانىيلار دەۋرىدە ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە خان ئوردىلىرىدا پات - پات مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلىپ تۇرىدىكەن. بۇ يەردە ئاساسەن شائىرلارنى يىغىپ مۇشائىرە قىلىدىكەن. ھەممىسى ئۆزلىرى يازغان ئەسەرلەرنى ئوقۇيدىكەن، بىر شائىر ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن باشقىلار ئۇنى مۇنازىرە قىلىدىكەن ۋە ئۆزئارا باھا بېرىشىدىكەن. مانا مۇشۇنداق تەنقىد بىزنىڭ كلاسسىكلىرىمىزنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن.
    مەيلى بۇرۇنقىسى بولسۇن ياكى ھازىرقىسى بولسۇن، ھەرقانچە ياخشى يېزىلغان ئەسەر بولسىمۇ، ئۇنىڭدا باھا بېرىشكە، تەنقىدلەشكە تېگىشلىك تەرەپلەر چىقىدۇ.
       مېنىڭ قارىشىمچە، بىز ھېچقايسىمىز بىر مۇكەممەل ئەسەر يېزىپ چىقالمايمىز. جاھان مىقياسىدىمۇ شۇنداق. بۇرۇن شۇنداق بولغان، ھازىر ۋە كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. گەرچە ھەممىمىز مۇكەممەل ئەسەر يېزىشقا تىرىشساقمۇ لېكىن ئۇنداق قىلالمايمىز. چۈنكى ئىنسان ئۆز تەبىئىتىدىنلا مۇكەممەل ئەمەس، دەل مۇشۇ نۇقتا بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ.
    مەيلى ئوبزورچىلىق بولسۇن ياكى تەنقىدچىلىك بولسۇن، ئۇ بىر تەتقىقات. چۈنكى ئاۋۋال تەنقىدچى بىرەر ئەسەرنى تەتقىق قىلىپ ئاندىن تەنقىد يازىدۇ. دېمەك، تەتقىقات ئىكەن، ئۇ بىر ئىلمىي ئەسەر بولىدۇ. لېكىن ھازىر بازار ئىگىلىكىگە يۈزلەنگەندىن بۇيان ئىلمىي ئەسەرنىڭ بازىرى كاساتلىشىۋاتىدۇ. بۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بولمىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى نەشرىياتتىكىلەر ئىلمىي ئەسەرلەرنى قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇلار تىراژنى سۈرۈشتۈرىدۇ. دەرۋەقە ئىلمىي ئەسەر بولغانىكەن،  مەيلى ئۇ قايسى ساھەدە بولسۇن تىراژى ھامان كۆپ بولمايدۇ. چۈنكى ئىلمىي ئەسەرلەرنى پەقەت شۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىلا كۆرىدۇ. بۇ زىددىيەتنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ ئۇنداقتا ئىلمىي ئەسەرلەرنى يازماسلىق كېرەكمۇ؟
       مەن بۇ ئەھۋالنىڭ چەت ئەللەردە قانداقلىقىغا قىزىقاتتىم. ئىككى - ئۈچ يىل بۇرۇن مەلۇم بىر ياپونىيىلىكتىن بۇ مەسىلىنى سورىدىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يەردىمۇ بىزگە ئوخشاش ئىكەن. لېكىن ئۇلاردا نەشرىياتلار ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى، يەنە بىرى، شەخسىي نەشرىياتلار ئىكەن. شەخسىي نەشرىياتلاردا ئەھۋال بىزگە ئوخشاش ئىكەن. ئۇنىڭدىن «ئەگەر ئىلمىي ئەسەرلەرنى كىتاب قىلىپ ئېلان قىلدۇرماقچى بولساڭلار قانداق قىلىسىلەر؟»دەپ سورىغىنىمدا ئۇ، «بۇنداق ئەسەرلەرنى ئۆزىمىز چىقىرىمىز، لېكىن چىقىمنى ھۆكۈمەت بېرىدۇ» دېدى. لېكىن بىزدە دۆلەت مەبلەغ سالىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن ئاز. ئەگەر ئوبزورچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دېسەك، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار مۇشۇ ساھەگە مۇناسىۋەتلىك مەبلەغ مەسىلىسىنى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك.
    ئەختەم ئۆمەر:ھەممىمىزنىڭ مەقسىتى  ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش، جەمئىيەتتە ئەدەبىياتتا ئەدەبىي تەنقىد بولمىسا بولمايدىغان ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش ئىكەن. مەن بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەدەبىي تەنقىدنى چوقۇم بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن. نەچچە يىلدىن بېرى بۇ گەپ تەكىتلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى قوللاش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ كەلدى. بۇنىڭ راۋاجلىنالماسلىقىدىكى سەۋەبمۇ دەل شۇ. مېنىڭچە، يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ھەر بىر ژانىرغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قاراپ، پات - پات مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئېچىپ تۇرساق ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنى ئاستا - ئاستا يېتەكلەپ ماڭغىلى بولىدۇ.
    ئوسمانجان ساۋۇت:مەن بىر ماتېرىيالدا «ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ سەۋىيىسى ئەدەبىي تەنقىدتە ئىپادىسىنى تاپىدۇ»دېگەن سۆزنى كۆرگەن. بۇ توغرىدا خېلى كۆپ ئويلىساممۇ ئەدەبىي تەنقىد ئېچىپ بەرگەن سەۋىيە ئەدەبىي تەنقىدنىڭ سەۋىيىسى ئىكەن. بىزدە بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەر ھەققىدە مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى گۈزەللىك زادى قەيەردە؟ مۇشۇ كۆرسەتمە بويىچە ئەدەبىياتىمىزنىڭ سەۋىيىسىنى تېخى ئېچىپ بېرەلىگىنىنى بىلمەيمىز. دېمەك، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئەدەبىي تەنقىد ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بىر بىلىم. بىزنىڭ كلاسسىكلىرىمىزدىمۇ تەنقىد بولغان. مەسىلەن،  نەۋائىنىڭ بىر ئەسىرىنى 500 گە يېقىن شائىر باھالىغان. ھەتتا ئۇنىڭ خاراكتېرلىرىگىچە ناھايىتى ئىنچىكە باھالىغان.
    بۇنىڭدىن باشقا «تارىم»ژۇرنىلىدا تېيىپجان ئېلىيوپنىڭ «بىر توينىڭ تارىخى»دېگەن ئەسىرىگە يېزىلغان تەنقىد بار. ئۇ ئەدەبىي تەنقىد گەرچە ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن شۇ چاغلاردا ناھايىتى قاتتىق تەسىر قوزغىغان.
    ئۇيغۇر تەنقىدچىلىكىدە 50 يىلنىڭ مابەينىدە نۇرغۇن تەنقىدچىلەر مەيدانغا كەلدى. مۇشۇ تەنقىدچىلىك جەريانىدا باھالانغان ئەسەرلەر بىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتىمىزنىڭ سەۋىيىسىنى بەلگىلىدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن كېيىن بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە زور ئىلگىرىلەش بارلىققا كەلدى. 80 - يىللاردىن 90 - يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەسەرلىرىمىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ئاچتى. نۇرغۇن ياش تەنقىدچىلەر بولسۇن، ياكى كونا تەنقىدچىلەر بولسۇن ئەدەبىيات - سەنئەت تەنقىدچىلىكىگە ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ساغلام بولمىغان تەنقىدچىلىكمۇ بارلىققا كەلدى. يەنى بايىقىدەك غەرەز تەنقىدچىلىكى، تىل ھاقارەت تەنقىدچىلىكى، ھۇجۇم تەنقىدى... قاتارلىق تەنقىدلەر باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. ھەتتا بەزى ساغلام بولمىغان تەنقىدچىلەر، ساغلام بولمىغان تەنقىدلەرنى مەلۇم ئادەملەر قوللىدى. بەزى ژۇرناللاردا ھەتتا ئېلان قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان بەزى غەرەزلىك تەنقىدلەر ئېلان قىلىندى. بۇ نەرسە مەيلى دۇنيا ئەدەبىياتىدا بولسۇن ياكى بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا بولسۇن ۋاقىتلىق بولىدۇ. لېكىن ھازىر بۇنداق تەنقىدچىلەر كەمدىن - كەم. مېنىڭچە، ھەرقانداق بىر تەھرىر ئۆز ئاغزىغا چىڭ بولۇشى كېرەك. بىز ئۆزىمىزنىڭ يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنى جان - دىل بىلەن قوغدىشىمىز كېرەك. ئۇ بىزنىڭ خەلقىمىزگە مەدەنىيەت يارىتىپ بەرگۈچى، ئۇ خەلقنىڭ تىلىنى ساپلىغۇچى. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تىلى ئۇنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى بەلگىلەيدۇ. يازغۇچى، شائىرلىرىمىز ھەرقانداق جايدا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدا ئەسەر يازىدۇ. دېمەك، بۇ خەلقنىڭ تىلى. مېھنەت چەككەن يازغۇچىلار مىڭ بىر جاپادا بىرەر ئەسەرنى يازسا، ئۇنىڭغا قارشى تەتۈر ھاۋا پەيدا قىلساق بولمايدۇ - دە!
    بىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە قۇرۇق گەپ قىلىدىغان، پو ئاتىدىغان، كۆپتۈرىدىغان، ئۇلۇغ قۇرۇق گەپلەرنى قىلىدىغان ئەھۋاللار مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ سەۋىيىسىگە تەسىر يەتكۈزدى.
    خەنزۇلارنىڭ تەيۋەنلىك يۈ گۇاڭجۇڭ ئىسىملىك بىر شائىرى بولۇپ، ئۇ تۆت ماكانلىق شائىر دەپ نام ئالغانىكەن. چۈنكى ئۇ شېئىرىيەت، ئەدەبىي تەنقىد، نەسرچىلىك، ئەدەبىي تەرجىمە قاتارلىقلاردا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئۇ ھەتتا خەنزۇ كلاسسىك  شېئىرلىرىنى  ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلغان. بۇ ئادەمنىڭ يېقىندا نۇرغۇن ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭ گو مورو، شۇ جىمو... قاتارلىقلار ئۈستىدە يازغان ماقالىلىرىدە ھەتتا بىر جۈملە، بىر قاپىيە، ھەتتا بىر ئاتالغۇ ھەققىدىمۇ ئىنچىكە توختالغان. تەنقىد ئىنتايىن كونكرېت، ئۇنىڭدىن باشقا خەنزۇلارنىڭ ليۇ ساخې ئىسىملىك بىر شائىرى بولۇپ، ئۇنىڭ «ليۇ ساخې شېئىرىيەت ھەققىدە» دېگەن كىتابىدا ھەر بىر سۆز، قاپىيىمۇ  چۈشەندۈرۈلگەن.
    خەنزۇلارنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىدە گېزىت - ژۇرناللار ئۇنىڭغا ئاجراتقان ئورۇن كۆپ. ئويلاپ باقىدىغان بولساق، بىر ئەدەبىي ئەسەر بارلىققا كېلىدىكەن، ئۇنىڭغا چوقۇم باھا بېرىش كېرەك. مەسىلەن، بىر ئادەم تۇغۇلسىمۇ ئۇنىڭغا ئات قويىمىز، بۇمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش. چوقۇم  ئۇنىڭغا باھا بېرىشىمىز كېرەك. يەنى قانداق ئەسەر؟ يۇقىرى دەرىجىلىكمۇ ياكى تۆۋەن دەرىجىدىكىمۇ، ئۇنىڭدىكى ئالاھىدىلىك قايسى؟ ئۇنىڭ تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى قانداق؟ تىل بايلىقىچۇ؟ جۈملە تۈزۈش سەنئىتىچۇ؟ ... دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەرگە باھا بېرىش كېرەك. بىزدە باھالانمىغان ياخشى يازغۇچىلار خېلى كۆپ. مەسىلەن، ئابلىكىم خېۋىر، نۇر روزى  قاتارلىقلارغا ئاساسەن  باھا بېرىلمىدى. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ لېكىن دىققەت قىلىنمىدى.
    ئەدەبىياتىمىزنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئەدەبىي   تەنقىد  يارىتىدۇ. مەسىلەن، پۇشكىننى پۇشكىن قىلغان بىلىنىسكى، گوگولنى گوگول قىلغانمۇ بىلىنىسكى.  بىز تىل تەنقىدچىلىكى، قۇرۇلما تەنقىدچىلىكى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك.  بىزدە ئەدەبىي تەنقىد توغرىسىدا بىرەر مەتبۇئات  ژۇرناللار بولۇشى كېرەك ئىدى. مەيلى «تەڭرىتاغ» ياكى «تارىم» ژۇرناللىرى بولسۇن، ھەر سانىدا بىرەر - ئىككى پارچە ئوبزور ئېلان قىلغان بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. بۇنىڭدا چوقۇم تەتقىقات بولۇش كېرەك، نەزەرىيە قوشۇنى بولۇشى كېرەك، ئەمەلىي تەنقىد بولۇشى كېرەك، تىل تەتقىقاتى بولۇشى، يازغۇچىنىڭ ئۇسلۇبىنى تەتقىق قىلىدىغان تەنقىد بولۇشى كېرەك... بىز ئەدەبىيات - سەنئىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئەدەبىي تەنقىدنى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇ ساغلام ، پاك نىيەت بىلەن گۈزەللىك ئىزدەش ھېسابىغا بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ قانداقتۇر بەزى ئادەملەر ئېيتقاندەك مەشھۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق شۆھرەت قازىنىش ھېسابىغا بولماسلىقى كېرەك.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.