شائىر خەلقنىڭ پۇشتى ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن(ئادىل تۇنىياز بىلەن سۆھ

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-28 07:31:38

«شائىر خەلقنىڭ پۇشتى ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن» ( شائىر ئادىل تۇنىياز بىلەن سۆھبەت) ئۆمەرجان سىدىق ئۆمەرجان سىدىق: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئادىلجان، ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟ ئالدى بىلەن سىز بىلەن سۆھبە...

    «شائىر خەلقنىڭ پۇشتى ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن»

    ( شائىر ئادىل تۇنىياز بىلەن سۆھبەت)

    ئۆمەرجان سىدىق

     

       ئۆمەرجان سىدىق: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئادىلجان، ياخشى تۇرۇۋاتامسىز؟ ئالدى بىلەن  سىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى ئىنتايىن خۇشال ھېس قىلىمەن  ھەمدە  بۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىزنىڭ سىزگە قىزىققۇچى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ تىلەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
       ئادىل تۇنىياز: بۇنىڭدىن بۇرۇن شېئىرلىرىم ئارقىلىق قەلبىدە مېنىڭكىگە ئوخشاش مۇقەددەس ئوت كۆيۈپ تۇرىدىغان بارلىق دوستلارغا سالام يوللاپ تۇرغانىدىم. ھەر بىر شېئىر مېنىڭ دەرۋىشانە دۇنيادىن چىقىپ، شاۋقۇنلۇق كىشىلەر توپىغا، مەن ئۈچۈن ئەڭ ئەزىز مېھرىبان خەلقىمگە يوللىغان ئاشىقانە سالىمىم ئىدى. ھازىرغا كەلگۈچە نەشر ئەپكارلىرى ئارقىلىق بولىدىغان سۆھبەتلەردىن ئۆزۈمنى تارتىپ شېئىردىن باشقا ئىپادىلەشنى رەت قىلىپ كەلگەنىدىم. ئادەم ئادەم سېغىنىدۇ، شائىر ئادەملەرنى تېخىمۇ سېغىنىدۇ. سىزنىڭ كىشىگە ئىختىيارسىز ئىلھام بېغىشلايدىغان قىزغىن، سەمىمىي خاراكتېرىڭىز، دوستانە سوئاللىرىڭىز بىردىنلا مېنىڭ ھاياجىنىمنى قوزغاپ، مەندە ئوقۇرمەنلەر بىلەن سىردىشىش تۇيغۇسىنى ئويغاتتى، ئادەملەرگە بولغان سېغىنىشىمنى كۈچەيتتى. شېئىرىيەت كوچىسىدىكى ئىككى گاداينىڭ ۋە سان - ساناقسىز شېئىر ئاشىقلىرىنىڭ ئەنجۈمەنى باشلىنىشتىن بۇرۇن سىزگە، شېئىرنى سۆيگەن، شېئىرلىرىمنى ئوقۇغان بارلىق ئەزىزلەرگە چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمەن.
       يۈكسەك دەرىجىدە ئەقلىيلەشكەن، سانائەتلەشكەن باشقا ئەللەردە ئادەم ماشىنا ۋە كومپيۇتېرلار ئارىسىدا، روھىي دۇنيانىڭ قارشىسىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئەسىردە ئۇپرىماس روھىي قۇۋۋەت بىلەن ئۆز دۇنياسىدا ياشاۋاتقان شائىر خەلقنىڭ پۇشتى ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن. خەلقىمىز ئارىسىدا شېئىرنىڭ ئەتىۋارى بولغاچقا، بىزنىڭ شېئىرىيەت ھەققىدىكى سۆھبەتلىرىمىزمۇ ناھايىتى كۆڭۈللۈك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن!
    ئۆمەرجان سىدىق:بىز قۇراملىق بىر تۈركۈم ياشلار ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 80 - يىللارنىڭ ئاخىرى، 90 - يىللارنىڭ  باشلىرىدا ھەممىمىزدە ئەدەبىياتقا، شېئىرىيەتكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياق بار ئىدى. بىرەر پارچە شېئىر ئېلان قىلىش، شائىر ئاتىلىش ئاجايىپ زور شەرەپ ھېسابلىناتتى. ھەممىمىز گېزىت - ژۇرناللاردىكى شېئىرلارنى ئالا قويماي ئوقۇيتتۇق، شائىرلارنى ناھايىتى چوڭ بىلەتتۇق. دەل مۇشۇ ۋاقىتلاردا سىز ئەمدىلا ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان، 17 - 18 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان  بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۆزگىچە شېئىرىي  دىت، ئالاھىدە بەدىئىي ئىستېدات ۋە كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان پاساھەتلىك شېئىرلىرىڭىز بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەنىدىڭىز. بولۇپمۇ سىزنىڭ شۇ مەزگىللەردە يازغان ئانا سەھرايىڭىزغا بولغان سېغىنىشىڭىز  ۋە جەنۇب يېزىلىرىنىڭ تۇرمۇشى  يارقىن بەدىئىي مۇھىت ئىچىدە يارىتىلغان «سالام سېنىڭ چوغدەك تېڭىڭغا»، «مېنىڭ ئادرېسىم» قاتارلىق شېئىر، داستانلىرىڭىز جەمئىيەتتە  تەسىر قوزغىدى، ھەتتا « ئادىل تۇنىياز ھادىسىسى»نى پەيدا قىلدى. سىز مۇشۇ  شېئىرلارنى يېزىش جەريانىدىكى ۋە بۇ شېئىرلار ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتە تەسىر قوزغىغاندىن كېيىنكى ھېسسىياتىڭىزنى سۆزلەپ باقسىڭىز؟ بۇ شېئىرلار قانداق شارائىتتا يېزىلغان، سىز ئىجادىيەت سېپىگە قانداق مۇھىتتا كىرىپ كەلگەن؟
    ئادىل تۇنىياز: مەن تېخىچە ئۆزۈمنى «ئىجادىيەت سېپى»گە كىرەلمىگەندەكلا ھېس قىلىمەن، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فرانسىيە شائىرى سان جون پرىس: «مەن ئادەملەر ئارىسىدا ياشىسام دەيمەن» دېگەنىكەن. شۇنىڭغا ئوخشاش مەنمۇ سىز ئېيتقان بۇ سەپكە قوشۇلۇۋالسام دەيمەن. بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، ئەتراپىمدىكى تالانتلىق ئەدىبلەرگە، قەلەمكەش دوستلىرىمغا زەن سېلىپ قاراپ باقسام، مەندە ئەدەبىياتچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن «شەرت»لەر كەمدەك، گويا ئۆزۈم ئەدەبىياتچى ئەمەستەك، شېئىرلارنى بولسا بىلمەيلا يېزىپ قويغاندەك ھېس قىلىمەن. دېمىسىمۇ ياش قەلەم ساھىبلىرى جەم بولغان بىر شاراب سورۇنىدا بەزىلەر (خۇدا ئۇلارنى كەچۈرگەي!) «ئادىل تۇنىيازدا شائىرلىق ئېلېمېنتى يوق، بىلمەي يېزىپ قالغان نېمە! قاراپ تۇرۇڭلار، پات ئارىدا يېزىشتىن توختاپ قالىدۇ!» دېگەنىكەن. شۇ پاراڭلار بولۇنغىنىغا 7 - 8 يىلچە بولۇپتۇ، لېكىن يېزىشتىن توختاپ بولالمىدىم. بەزى تۈز كۆڭۈل دوستلىرىم «توي قىلغاندىن كېيىن بىر مەزگىل توختاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، شائىرنىڭ شائىرلىقى توي قىلغۇچە» دېگەنىدى. توي قىلغاندىن كېيىن يازماسلىققا يەنە سەۋەب تاپالمىدىم. «بالىلىق بولغىنىڭىزدىن كېيىن تۇرمۇش سىزنى ئالدىرىتىپ قويىدۇ» دېگۈچىلەرمۇ بولدى. بىراق بالىلىق بولغاندىن كېيىن بالامنىڭ يېنىمدا ئۇياقتىن - بۇياققا يۈگۈرۈپ يۈرۈشى، چۈچۈك تىلى، چوڭلارغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە پىكرى ۋە دۇنياسى مېنى تېخىمۇ بالا قىلىپ قويدى، بالىلىق دۇنياسىدا تېخىمۇ كۆپ شېئىرلارنى بايقىدىم. 18 - 19 ياش چاغلىرىمدىن باشلاپ ئېلان قىلغان «سالام سېنىڭ چوغدەك تېڭىڭغا»، «مېنىڭ ئادرېسىم»، «ئۆمۈچۈك ناخشىلىرى» قاتارلىق شېئىر، داستانلىرىممۇ ئەمەلىيەتتە «بالىلىق كەچۈرمىشلىرىم» ئىدى. مەن ئاشۇ چاغلاردا ئۆزۈم ئوقۇغان شېئىرلارغا ئەمەس، ئۆز قەلبىمدىكى شېئىرلارغا ئەگەشكەنىدىم.
    ئۆمەرجان سىدىق: شۇ دەۋردە ۋە كېيىنرەك ئۇيغۇر ئەدەبىيات مۇنبىرىدە «گۇڭگا شېئىر» نامى بىلەن ئاتالغان بىر تۈركۈم شېئىرلار مەيدانغا كېلىپ، بىر مەيدان «شېئىرىيەت ئىنقىلابى»نى پەيدا قىلدى. سىز بۇ خىل شېئىرلارغا  «گۇڭگا شېئىر ھادىسىسى»گە قانداق قارايسىز؟ سىزنىڭچە، بۇ «ئىنقىلاب»نىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى قانداق بولدى؟ بۇ دەۋردە سىزمۇ مۇشۇ خىل ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىڭىزمۇ قانداق؟
    ئادىل تۇنىياز: شېئىر  مەڭگۈلۈك يېڭى ئۇچۇر، بەزىلەر توساتتىن ئۇنى بايقاپ قالىدۇ - دە، ئۇلارغا بىردىنلا يېڭى بىلىنىپ كېتىدۇ. بەزىلەر ھېچقاچان ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشالمايدۇ، بىراق ئەزەلدىن كونىدەك ھېس قىلىدۇ. چۈنكى شېئىر ئادەمنىڭ ئۆزىگىلا باغلىق. شېئىرىيەت ئىنقىلابلىرى، شېئىرىيەت ھادىسىلىرى ھەر كۈنى، ھەر زامان ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ روھىي  دۇنيايىمىزنىڭ، تىرىك ئىكەنلىكىمىزنىڭ بەلگىسى. شېئىر سەۋداسى مەندىن 5 - 6 يىل بۇرۇن بېشىغا چۈشكەن ياش ئاۋانگارتلار، شېئىرىيەت كوچىلىرىغا مەندىن نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن قەدەم قويغان بوۋاكالان شائىرلار ئوخشاشلا مېنىڭ ھۆرمەتلىك ئۇستازلىرىم. ئەمەلىيەتتە، بۇ بازاردا ھەر بىر مالنىڭ خېرىدارى ئايرىم، بۇ مازاردا ھەر بىر شەيخنىڭ گۈمبىزى باشقا. ھېچكىم ھېچكىمنى ئىتتەرمىسىمۇ پېتىپ كېتىۋېرىمىز. ئوخشىمىغان بۇلاقلارنىڭ سۈيى قوشۇلۇپ، تەسىر قىلىپ، دولقۇنلىنىپ، ئەدەبىياتنى جۇشقۇن ئۈزۈلمەس ئېقىنغا ئايلاندۇرىدۇ. 80 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەدەبىياتىمىز تەقەززا بولۇۋاتقان، بولمىسا بولمايدىغان بۈيۈك شېئىرىيەت دولقۇنلىرى يېتىپ كەلدى. چاقماقتەك يارقىن، گۈلدۈرمامىدەك كۈچلۈك بۇ ھەرىكەت گەرچە قىسقىلا داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ سىلكىشى ئەدەبىياتنىڭ جان تومۇرلىرىغىچە بېرىپ تەگدى. ئۇ يەردە بىز شېئىرىيەتنىڭ ھەقىقىي غازىلىرىنى، بەزىدە ئۇلۇغلارنىڭ پەشۋاسى بىلەن يۈز - كۆزى يېرىلغانلارنى كۆردۇق. 90 - يىللارنىڭ بېشىدا مېنىڭ شېئىرلىرىم باشقا بىر يول بىلەن ئۆز تۇغىنى كۆتۈرۈپ، تارتىنغان ھالدا بۇ سەپكە قېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن نوپۇزنى ئەمەس شېئىرنى تونۇيدىغان بىر تۈركۈم ھەۋەسكارلار كەينىمدىن ئەگەشتى.
    ئۆمەرجان سىدىق: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەرەققىيات قەدىمى تېزلىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىنىڭ جىددىي خىرىسقا دۇچ كېلىشى، بازار، جەمئىيەت رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى، ئىقتىساد، پۇل ئېڭىنىڭ كۈچىيىشى ئارقىسىدا كىشىلەردىكى شېئىرغا بولغان قىزغىنلىق زور دەرىجىدە سۇسلىشىپ كەتتى. شېئىرنىڭ بازىرى كاساتلىشىپ، شېئىر توپلاملىرى نەشرىيات، كىتابخانلاردا تۈركۈم - تۈركۈملەپ بېسىلىپ قالدى. ئىلگىرى شېئىر يازىدىغانلىقىدىن، شائىرلىقىدىن مەغرۇرلىنىدىغان كىشىلەر ئەمدى جەمئىيەتنىڭ ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن قەلىمىنى باشقا ژانىرغا يۆتكەشكە مەجبۇر بولدى. لېكىن ئون نەچچە يىللىق ئىجادىيەت مۇساپىڭىزدىن شۇ نەرسە ئايان بولۇپ تۇرۇپتۇكى، سىزنىڭ شېئىرغا بولغان مۇھەببىتىڭىز قىلچە سۇسلىشىپ قالمىدى. سىز ھەرقانداق بېسىملارغا، يەكلىنىشلەرگە پەرۋا قىلماستىن ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدىڭىز، يازغاندىمۇ ناھايىتى سۈپەتلىك ھەم كۆپ يازدىڭىز، بۇ خىل روھ ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ. مۇشۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى، ھازىرقى «شېئىرىيەت كرىزىسى» ھەققىدىكى ئويلىغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز. ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بۇ خىل ھادىسە سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىزگىمۇ بېسىم ئېلىپ كەلدىمۇ؟ پىشقان قەلىمىڭىزنى ھازىرقى بازىرى بىرقەدەر ئىتتىك بولۇۋاتقان ئەدەبىي خاتىرە، ھەر خىل ئىجتىمائىي ماقالىلەر، رومانغا ئوخشاش يىرىك نەسرىي ئەسەرلەرگە ئىشلىتىپ بېقىشنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟
    ئادىل تۇنىياز: توپىلىق يېزا يوللىرىدا قاتار - قاتار تېرەكلەرگە ھەمراھ بولۇپ مەكتەپكە يالاڭ ئاياغ كېتىۋاتقان چاغلىرىمدا قايناق بىر تۇيغۇنىڭ مەندە شېئىر يېزىش ئىستىكىنى پەيدا قىلغىنىنى ئېنىق ئەسلىيەلەيمەن. ئاشۇ بالا چاغلىرىمدىن باشلاپ شېئىر يېزىپ ئۆگىنىپ قاپتىكەنمەن، يەنە قاچانغىچە يازىدىغىنىمنى بىلمەيمەن. ئۇ گويا ماڭا چاپلاشقان بىر شېرىن كېسەل، بۇ كېسەلگە داۋا بارمۇ؟
       كىشىلەرنىڭ پۇل - ئىقتىساد ئېڭى كۈچىيىپ، قايسى دەرىجىگە يەتسۇن، شېئىر توپلاملىرى نەشرىياتلاردىكى ئېھتىياتچان ۋە مۇلايىم «قاسساپ»لارنىڭ يۇمشاق پىچىقى ئالدىدا قانسىراپ ياتسۇن، بەرىبىر مېنىڭ شېئىر يازماسلىقىمغا باھانە بولالمايدۇ، قىزغىنلىقىم سۇسلىشىپ قالمايدۇ. بىلمىدىم، كۆيگەن يامانمۇ، كۆنگەنمۇ؟ ئىشقىلىپ ماڭا شېئىردىن ئارتۇق تۇرىدىغان باشقا ژانىر ۋە ئۆزۈمنى ئىپادىلەشنىڭ باشقا مۇۋاپىق ئۇسۇلى يوقتەك. تارىخ، مەدەنىيەت، شېئىر، قوشاق ۋە ئەپسانە - رىۋايەتلەر ھەققىدىكى كىتابلارنى، ئۆزگىچە تەپەككۇردىكى ماقالىلەرنى كۆپ ئوقۇيمەن، ماقالىلەرنى شېئىرىي ھاياجان بىلەن يازىمەن. ھازىرچە پۇل ياكى باشقا نېمىنى دەپ رومان ياكى ھېكايە يېزىشنى ئويلىمىدىم. خۇدا بەرگەن بىر ئوبدان «كېسەل»نىڭ دەردىنى تارتىپ بولالمايۋاتقاندا قىچىشمىغان يەرنى قاشلاپ نېمە قىلاي!؟
    ئۆمەرجان سىدىق:ئىجادىيەت مۇساپىڭىزدىن ۋە خاراكتېرىڭىزدىن تەھلىل قىلسام، سىزدە شېئىرغا قارىتا ناھايىتى پاك ۋە مۇقەددەس ئېتىقاد بار ئىكەن. بۇ خىل ئېتىقاد ھەققىدە، شېئىر ئىجادىيىتى ھەققىدە ئويلىغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز.
    ئادىل تۇنىياز:   مېنىڭ ئېتىقادىم شېئىر ئەمەس، شېئىر بىر خىل ھەۋەس، مەندە شېئىرغا نىسبەتەن قايناق مۇھەببەت بار. ئېتىقاد ئۇ كاتتا گەپ، ئۇنى ھېچنېمىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ سۆزنىڭ ۋەزنى، ئۇلۇغلۇقى شېئىرىي ھايات ۋە پۈتۈن كائىناتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
    ئىنسان ھەر بىر يۇتۇم سۇ، ھەر بىر لوقما تائام ۋە ھەر بىر نەپەس ئۈچۈن چەكسىز دۇئا - تەشەككۈر ئېيتىشقا لايىق تېگىشلىك بولغان بۇ دۇنيادا مەن قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ ئېرىشكەن نېمەتلىرىم ئالدىدا تولىمۇ ئاز، ھەتتا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئۆزۈمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىمەن. شېئىردىنمۇ كەڭ، شېئىردىنمۇ يۈكسەك مەنىگە يۈزلىنىمەن.
    ئۆمەرجان سىدىق:   ئادىلجان، سىزنى  ئىزچىل تۈردە «رەڭگىنى ئۆزگەرتمەي» كەلگەن ھەقىقىي  شائىر دېيىشكە بولىدۇ، بولۇپمۇ شېئىرلىرىڭىزدىكى ئۇيغۇر مىللىتىگىلا خاس بولغان مىللىي پسىخىكا، تارىخىي تۇيغۇ، يەرلىك تۈس ۋە ئەنئەنە روھى كىتابخانلارنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، «ئەركەكلەر قېنى سىلەر»، «قەشقەردىكى يەر شارى»، «ئۆمۈچۈك ناخشىلىرى» قاتارلىق داستانلىرىڭىز، يېقىندا «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «دېرىزە ئالدىدا: قەشقەر»، «ئوسما» قاتارلىق شېئىرلىرىڭىز بۇ پىكرىمىزنىڭ دەلىلى بولالايدۇ. بۇ شېئىرلىرىڭىزدا ھەم كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان، كىتابخاننى شېئىردا تەسۋىرلەنگەن بەدىئىي مۇھىت ئىچىگە ئىختىيارسىز باشلاپ كىرىدىغان، ھەم كىشىنى قايتا ئويلىنىشقا ئۈندەيدىغان ئالاھىدىلىك بار. لېكىن ئوتتۇرىدا بىر مەزگىل بىر قىسىم شېئىرلىرىڭىزدىكى ھەددىدىن ئارتۇق گۇڭگىلىق مېنى سەل گاڭگىرىتىپ قويدى.  سىزنىڭ  مۇشۇ ھەقتىكى قارىشىڭىزنى ئاڭلاپ باقسام قانداق؟ سىزمۇ بىر مەزگىل شېئىرىيەتتە «ئۇسلۇبىڭىزنى ئۆزگەرتىش»، «سىناق قىلىش» ئېلىپ بارغانمۇ؟
    ئادىل تۇنىياز:   مەن شېئىرىيەتتە ئۇسلۇب ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۆزۈمنى مەجبۇرلاپ باققىنىم يوق. تۇيغۇلىرىم دائىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، شېئىرلىرىممۇ شۇنىڭغا بېقىپ ئۆزگىرىدۇ. تەبىئىي تۇيغۇغا سادىقلىق بىلەن ئەگىشىش نەتىجىسىدە، بەزىدە بىر ئايدا بىرنەچچە يېڭى ئادىلنى، بەزىدە 2 - 3 يىلدىمۇ بىرلا ئادىلنى كۆرىمەن، شېئىرلىرىمدىكى ئاشۇ نەرسە سىز ئېيتقان ئۇسلۇب بولسا كېرەك. ئادىل تۇنىياز زادى قانداق شائىر؟ چوڭلار «گۇڭگىلىق» تاجى كىيگۈزگەن شائىرلار مېنى «سەن دېگەن ئاممىباب شائىر» دېسە، يەنە بىر قىسىملار «سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم» دەيدۇ. قارىغاندا بۇ يەردىكى مەسىلە «چۈشىنىش» دېگەن سۆزنىڭ شېئىرغا خاتا قوللىنىلغانلىقىدا. مەن سۇ بويىدا يېقىملىق ناۋالارغا قۇلاق سېلىپ تۇرغان ئادەمنىڭ «سۇدىن زادى نېمىشقا بۇنداق ئاۋاز چىقىدۇ» دەپ سۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن زورۇقۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئاققان سۇ شىلدىرلايدۇ، شائىر ئۆزىنىڭ ئىچكى رىتىمىغا ئەگىشىپ شېئىر يېزىپ قالىدۇ. ئىلھام بىلەن يېزىلغان شېئىر سۇ، ئاي نۇرى، شامال، چېچەك دېگەندەك تەبىئىي نەرسىلەرگە ئوخشايدۇ. چېچەك ئېچىلدى، پۇرىغۇڭ كەلسە بىمالال پۇرىغىن، بىر يەرلىرىدىن يارىڭنىڭ تونۇش ھىدىنى بايقارسەن. شېئىر يېزىلدى. ئېھتىمال سەن يازماقچى بولغان بىرەر مىسرانى مەن يېزىپ قالغاندىمەن، ساڭا تونۇش بىرەر تۇيغۇنى كۆڭۈلدىكىدەك ئىپادىلىگەندىمەن. ئەڭ بولمىغاندا بىرەر گۈزەل سۆز، ھېچكىم ئىشلىتىپ باقمىغان سۆز ساڭا شېئىرىي ھۇزۇر بېرەر. شېئىرنى ئۇزۇن يازىمەن دەپ ئۇزۇن، قىسقا يازاي دەپ قىسقا يازغىلى بولمايدۇ. بەزىدە ئۇزۇن - قىسقا، بەزىدە سۈزۈك، بەزىدە قوپال ياكى تۆت چاسا بىرنېمىلەر بولۇپ چىقىپ قالىدۇ. ماڭا ئوخشاش شېئىر يېزىلىشنىڭ ئالدى - كەينىدە شائىر ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان، شېئىر يېزىلىۋاتقاندا غايىبانە ئەگىشىدىغان ئادەم سىز ئېيتقاندەك مانا مۇشۇنداق كۆپ ۋە خىلمۇ خىل شېئىرلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالىدىكەن.
    ئۆمەرجان سىدىق:   ئادەتتە سىزنىڭ ئىلھام مەنبەيىڭىز نەدىن كېلىدۇ، قانداق مۇھىت، قانداق شارائىت، قانداق ۋاقىتتا شېئىر يازىسىز؟ يېزىقچىلىق ئادىتىڭىز قانداق؟
    ئادىل تۇنىياز:   ئىلھام مەنبەيىمنىڭ نەدىلىكىنى بىلىۋالغان بولسام، شۇ يەرگە بېرىپ ئاش - نان يېمەي ئولتۇرغان بولاتتىم. قانداق مۇھىت، قانداق شارائىت، قانداق ۋاقىتتا شېئىر يازىدىغانلىقىم ئۆزۈمگىمۇ سىر. خوتۇنى دۈمبىسىنى قاشلاپ بەرسە ئىلھامى تۇتىدىغان ياكى قىز قوغلاپ، ھاراق ئىچىپ خۇش كەيپ  بولغاندا ئەسەر يازىدىغان ئۆزگىچە ئەدىبلەرنىڭ خاراكتېرى مەندە يوق. مەن ئۆزۈم بىر ئاشىق، قەلبىمدە باشقا ئورۇن نېمە قىلسۇن؟ مەن ئۆزۈم مەست تۇرسام، ھاراق ماڭا نە ھاجەت؟
    ئۆمەرجان سىدىق: شېئىرلىرىڭىزغا دىققەت قىلسام تېما دائىرىسى ناھايىتى كەڭ ئىكەن. خىلۋەت سەھرالار، يېزا بازارلىرى، شەھەر مەدەنىيىتى، خىزمەت، تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى، ھەر خىل ھېسسىياتلارنىڭ ھەممىسى شېئىرلىرىڭىزدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىكەن. لېكىن ھەسرەتلىك مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى، سۆيگۈ، ھىجران تۇيغۇلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شېئىرلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىكەن. سىزگە ئوخشاش ياشتىكىلەر مۇقەررەر بېسىپ ئۆتۈش ۋە يېزىشتىن ساقلىنالمايدىغان بۇ تېمىنىڭ سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىزدە ناھايىتى ئاز سالماقنى ئىگىلىشى مېنى سەل ھەيران قالدۇردى. بۇ سىزنىڭ بىرقەدەر بېكىك، ئەمەلىي، تاشقى مۇھىتنىڭ، رەڭگارەڭ تۇرمۇشنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىمىغان خاراكتېرىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ قانداق؟ ياكى بۇ خىل شېئىرلارنى يېزىشنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى يوق دەپ قارامسىز؟
    ئادىل تۇنىياز:مەن مۇھەببەتتە سۆيگۈ پەرىشتىسىنىڭ نەزىرى چۈشكەن، كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان تەلەيلىك ئادەم، شۇڭىمۇ كۆپ شۈكرى قىلىمەن. شېئىرلىرىمدا ھەسرەتلىك مۇھەببەت كەچۈرمىشىمنىڭ بولماسلىقى مېنىڭ شېرىن سۆيگۈ شارابى ئىچكەنلىكىمدىن بولغان. بۇ سۆيگۈنىڭ شولىلىرى، شەربىتى، خۇش پۇرىقى مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا خۇددى باشقىلارغا بىلدۈرۈشنى خالىمىغان ئەڭ قىممەتلىك نەرسىدەك ساقلانغان. بەزى دوستلىرىم «سېنىڭ تۇرمۇشۇڭدا ئازاب كەم، شائىرلىقنىڭ چوڭ بىر شەرتى كەم» دەيدۇ. دەرۋەقە، شائىرلىقنىڭ نۇرغۇن شەرتلىرى مەندە يوق. بىراق كىم مېنىڭ شېئىرلىرىمدا ئازاب يوق، دەپ ئېيتالايدۇ؟ ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، بىر ئادەمنىڭ بىرنەرسىسىنىڭ ئوشۇق ياكى كەم بولۇشى تېخى ھەقىقىي مەنىدىكى ئازاب ئەمەس. ھەقىقىي ئازاب ئادەمگە ئۆمۈر بويى ھەمراھ، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقتىكى مەنىسى، ئۈستىگە يۈكلەنگەن پەرزى ۋە ئادەملەر ئالدىدىكى قەرزىنى ئويلىغاندا شۇنداق.
    ئۆمەرجان سىدىق: ئادىلجان، سىزنىڭ خاراكتېرىڭىز ئېغىر - بېسىق، مۇلايىم، تەمكىن، ئۆزىڭىز ناھايىتى قائىدە - يوسۇنلۇق ئىكەنسىز، ھازىرقى مودا گەپ بويىچە ئېيتقاندا، سىزدە شائىرلارغا خاس «چاچراپ تۇرىدىغان» روھ كەم ئىكەن، ھاراق، تاماكا، ئويۇن - تاماشا دېگەندەك تۇرمۇش مەئىشەتلىرىدىن خالىي ئىكەنسىز، ھەر خىل يىغىلىش، سورۇنلارغا ئانچە بېرىپ كەتمەيدىكەنسىز، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردىنمۇ ئۆزىڭىزنى پىنھان تۇتىدىكەنسىز. بۇ خىل تۇرمۇش ئادىتىڭىز ئائىلە تەسىرىنىڭ سەۋەبىدىن شەكىللەنگەنمۇ؟ بۇ خىل خاراكتېرىڭىز ئىجادىيىتىڭىزگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتىمۇ ياكى سەلبىي تەسىر كۆرسەتتىمۇ؟
    ئادىل تۇنىياز: بۇ مېنىڭ ئادەملەرنى تېخىمۇ قىزغىن سۆيگەنلىكىمدىن، بىزگە بېرىلگەن بۇ ھاياتنى مۆجىزىدەك ئۇلۇغلىغانلىقىمدىن بولغان.
    ئادەم مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ ۋە ئۆلەلمەيدۇ. بىر كۈنلەردە غايىب  بولىدىغىنى پەقەتلا ئۇنىڭ تېنى. ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز پىنھان ياشايمىز، ئاشۇ پىنھانلىق ئىچىدىن مەڭگۈلۈكنى، كۈچ - قۇۋۋەتنى ۋە مۆجىزىنى بايقايمىز. مەن دەل مۇشۇ پىنھانلىق ئىچىدە، ھاياتىي كۈچۈم ھەر ۋاقىت ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. بەزىدە قەدەھتىن تېشىپ كېتىۋاتقان شارابتەك ئىچكى كۈچ تېنىمدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ھەممىنى خانىۋەيران قىلىۋېتىدىغاندەك ھېس قىلىمەن. بىراق غايىپتىن قورقىمەن، ئۆزۈمنى تەقۋادارلىق زەنجىرلىرى بىلەن قىمىرلىغۇسىز دەرىجىدە باغلىۋېتىمەن. «ئاھ، تەڭرىم، شەيتاننى بۇ باغۇ - ئېرەمگە يولاتمىغايسەن، ئاشۇ ۋاقىتتىن مېنى ساقلىغايسەن» دەپ تىلەيمەن. كۈچ ئوشۇقچىلىقى بىلەن تەقۋادارلىقنىڭ مەھكەم قىسىشلىرى ئارىسىدا شېئىر تۇغۇلىدۇ.
    ئۆمەرجان سىدىق: ئوقۇرمەنلەر سىزنىڭ ھەممە جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىڭىزغا ناھايىتى بەك قىزىقىدۇ. شۇڭا قىسقىچە ھايات مۇساپىڭىز، ھازىرقى ئائىلە، تۇرمۇش، خىزمەت ئەھۋالىڭىزدىن كىتابخانلارنى خەۋەردار قىلىشنى خالامسىز؟
    ئادىل تۇنىياز: مەن 1970 - يىلى 8 - ئايدا قاغىلىقتا تۇغۇلغان، 1993 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى  تاماملىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىندىم، 2003-يىلىغىچە مۇشۇ ئورۇندا خىزمەت قىلدىم.  بىر بالام بار،  ئايالىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى مەندىن ئۈچ يىل كېيىن پۈتتۈرۈپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەتلىك جامئەسىدە بەش يىلغا يېقىن ئوقۇدى. ئۇ مېنىڭ شېئىرلىرىمنىڭ تۇنجى كىتابخانى، لېكىن شېئىر يازمايدۇ. تۇرمۇشتا ئۇ خۇددى گۈزەل خۇلق  پەرىشتىدەك مېنىڭ شائىرانە كالامپايلىقلىرىمنى، ئۇزۇن - قىسقىلىرىمنى تۈزەپ، كۆتۈرۈپ ماڭغۇچى، ئېتىقاد جەھەتتىن مېنىڭ ئەللامە ئۇستازىم.
    ئۆمەرجان سىدىق: ئادىلجان، سىز يېقىندا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئىككى يىللىق ئوقۇشىڭىزنى تاماملاپ قايتىپ كەلدىڭىز؟ بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيىتى، تۇرمۇش شارائىتى، ئەدەبىي مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن قانداق تەسىراتقا كەلدىڭىز؟ ئۇ يەردە ئاساسلىق قىلىپ نېمىلەرنى ئۆگەندىڭىز؟ يات مەملىكەتتە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئانا يۇرتىڭىز ھەققىدە قانداق خىياللاردا بولدىڭىز؟ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خاراكتېرىڭىز، تۇرمۇش ئادىتىڭىز، ئىجادىيىتىڭىزگە قانداق يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى؟
    ئادىل تۇنىياز: يېقىندا ئۆز خىراجىتىم بىلەن «چۈمبەلدىكى كۆز» ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى بىر شېئىرلار توپلىمىمنى ۋە بىر ماقالىلەر توپلىمىمنى نەشر قىلدۇرماقچى. ئۇنىڭدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى قىزىقارلىق، يېڭىچە ھاياتىم ۋە  تەپەككۇرۇم بىلەن ئەرەب مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئىنچىكە تەھلىللىرىم تەپسىلىي بايان قىلىندى. «تازنىڭ نېمىسى بار، تۆمۈر تاغىقى» دېگەندەك بۇ يەردىمۇ يەنە شۇ گەپنى دەپ ئولتۇرماي. بۇ سوئالىڭىزغا شۇ كىتابلىرىمدىن ئەڭ ياخشى جاۋاب تېپىلىدۇ.
    ئۆمەرجان سىدىق: ئادىلجان،  سىز ھازىر خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى، ئەرەب تىلى قاتارلىق تىللارنى خېلى پىششىق بىلىدىكەنسىز، ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ئىنگلىز تىلىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان شېئىرلاردىن بەھرە ئېلىپ تۇرىدىكەنسىز. سىز ئۆز شېئىرلىرىڭىزنى خەنزۇ تىلى ياكى ئىنگلىز تىلىدا يېزىش، شېئىرلىرىڭىزنى توردا ئېلان قىلىش، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە شېئىرلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟
    ئادىل تۇنىياز: بۇلارنىڭ ئىچىدە مەن ئەڭ پىششىق بىلىدىغان تىل  ئۇيغۇر تىلى.  تور ئارقىلىق كۈندە دېگۈدەك ئىنگلىزچە ئېلان قىلىنىۋاتقان دۇنيا شېئىرلىرىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرىدىغىنىم راست. خەنزۇ شائىرلىرىنىڭكىدىن كۆرگەنلىرىم كۆپ ئەمەس. بىراق خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئۈرۈمچىدىكى كىتابخانىلارغا كەلگەن چەت ئەل شائىرلىرىنىڭ توپلاملىرىدىن مەن ئوقۇمىغان، سېتىۋالمىغانلىرىم يوق دېيەرلىك. شېئىرلىرىمنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئەۋەتىشنى ئانچە - مۇنچە سىناق قىلىپمۇ باقتىم. بىراق «شېئىرنى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ، شېئىر تەرجىمە قىلىش قاتىللىق قىلىش» دەپ قارىغىنىم ئۈچۈن شېئىر تەرجىمىسى بىلەن شۇغۇللىنىش ئويۇم يوق.
    ئۆمەرجان سىدىق:سىزنىڭچە،  ھازىرقى خەنزۇ، ئىنگلىز تىلىدا چىقىۋاتقان شېئىرلار بىلەن ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنىڭ سەۋىيىسى قانداق؟
    ئادىل تۇنىياز: خەنزۇ شائىرلاردىن بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان خەيزىدىن باشقىلىرىنى ۋە نۆۋەتتىكى خەنزۇ شېئىرىيىتىنىڭ ئەھۋالىنى ئانچە بىلمەيمەن، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بۇ ھەقتە سۆزلىمەي.
     شېئىر سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. شېئىردىن ئىبارەت تۇرمۇش ئېقىنى بىلەن ئادەملەرنىڭ قەلبى ئارىسىدا ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ نەرسىگە نىسبەتەن مۇقىم ئۆلچەم، قېلىپ ۋە سەۋىيە بولمايدۇ. ھەر بىر مىللىي تىلنىڭ ئۆز رىتىمى، مۇزىكىسى ۋە ئۆز شېئىرى بار. ئۇ شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت يۆنىلىشى، ئەنئەنە ئاساسى ۋە پسىخىك قاتلاملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، مەن كومپيۇتېردىن كۆرۈۋاتقان ئامېرىكا، كانادا شائىرلىرىنىڭ كۈندىلىك شېئىرىيەت بەتلىرى ۋە شېئىرىيەت ژۇرناللىرىدىن شېئىر ماڭا بارغانسېرى ئاددىيلىشىپ كېتىۋاتقاندەك، شېئىرنىڭ سېھرى ۋە مۇقەددەسلىكى يوقىلىپ، شېئىر ئۆلۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بەردى. ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ شېئىرىيىتىمىز، بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىز يېڭىلىق ۋە قەدىمىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تېگىشلىك بولغان سېھىرلىك ئەدەبىيات. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، دۇنيانىڭ كۆزى يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى كۆرمەي قالمايدۇ. بۇ شەرەپكە ئالدى بىلەن بىزنىڭ پەخىرلىك خەلقىمىز، شۇنداقلا مېھنەت تۆكۈپ بارلىقىنى ئەدەبىياتقا بېغىشلىغان ھەر بىر شائىر، يازغۇچىمىز نائىل بولغۇسى!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.