يۈرەك يۈرەكنى تونۇيدۇ(ئايسىمە ئىدىرىس)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 08:54:25

يۈرەك يۈرەكنى تونۇيدۇ(ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت بىلەن سۆھبەت)ئايسىمە ئىدىرىس   تۇيغۇلىرىمىزنىڭ يېقىنلىقى سەۋەبىدىنمىكىن، چىمەنگۈل بىلەن ناھايىتى تېزلا پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. «قەلبتىن قەلبكە ي...

    يۈرەك يۈرەكنى تونۇيدۇ(ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت بىلەن سۆھبەت)
    ئايسىمە ئىدىرىس


       تۇيغۇلىرىمىزنىڭ يېقىنلىقى سەۋەبىدىنمىكىن، چىمەنگۈل بىلەن ناھايىتى تېزلا پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. «قەلبتىن قەلبكە يول بار» دېگەن گەپكە ئەمدى ئىشەندىم. روھىمىز بەزىدە قوشۇلۇپ، بەزىدە يۇلقۇنۇپ، بەزىدە يىغلاپ، بەزىدە كۈلۈپ بىزنى قايناق ھاياجان ئالىمىدە ناھايىتى ئۇزۇن پىچىرلاتقۇزدى. ئاشۇ پىچىرلاشلار ئۆز سەمىمىيلىكى بىلەن نۇرغۇن قەلبلەرنى ئېرىتەلىسە، ئۆز ۋەزنى بىلەن يەنە نۇرغۇن روھلارنى سىلكىندۈرەلىسە بىزنىڭ سۆھبەت ھاردۇقىمىز چىقارمىكىن دەيمەن.
    ئۆزىدىن كۆرە شېئىرلىرىنى بالدۇر تونۇغان  يۈرىكىم بىلەن چىمەنگۈلنى يەنىلا شېئىر دۇنياسىغا باشلاپ كەتتىم.
    ئايسىمە: سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزدىن بىر خىل مەردانىلىق، مەردلىك ھېسلىرى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. لېكىن تېخىمۇ ئىچكىرىلىسەك ئاشۇ مەردانە ئاياللار يەنە بىردىنلا مۇلايىم، نازۇك، ھەتتا بويسۇنغۇچى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ ئاياللىق سۆلىتى، قىزلىق نازاكىتىنى نامايان قىلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدا سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزنى ئاياللارنىڭ روھىي  دۇنياسىغا تولىمۇ يېقىن دەپ قارايمەن...
    چىمەنگۈل: مەن شېئىرلىرىمدا ئاياللارنىڭ روھىي  دۇنياسىدىكى  يوچۇقلارغا، كۆڭلىدە تىنىپ قېلىۋاتقان ئارزۇ-ئارمانلىرىغا، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى چىدام-غەيرەتكە، سۆيۈش ھەم سۆيۈلۈشلىرىگە ئەقىل بىلەن ھېسسىيات توقۇنۇشىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىپ كەلدىم. چۈنكى، ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان، بەختلىك ياشاشقا ھەقلىق ھەرقانداق بىر ئايالنىڭ ئازابى ھەم ئۈمىدى ئۆز خەلقىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ.
    ئايسىمە: چىمەنگۈل، ئۇنداقتا ئاياللىق، ئانىلىق، شائىرلىق ۋە خىزمەت ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش بار؟
    چىمەنگۈل: ۋاپادار ئايال، پەزىلەتلىك ئانا، سۆيۈملۈك شائىر ھەم تىرىشچان بىر كەسىپ ئىگىسى بولۇشتەك يېتۈكلۈكنىڭ قايسىسىنى بولمىسۇن روھى پاكىز، ئىمانى كامىل ھېچقانداق بىر ۋۇجۇت رەت قىلمايدۇ ئايسىمە، سۆيۈلۈشكە، بىزنىڭ كۈتۈپ تۇرۇشىمىزغا، بەرداشلىقىمىزغا كۆنۈككەن ئەرلەر ئەمەلىيەتتە ھازىر بىزدىن ئانچە كۆپ نەرسىلەرنى كۈتمەس بولۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بىر پىيالە چاينى بىر قاچا ئاشنى مېھرى بىلەن سۇنۇۋاتقان ئايالىغا مۇھەببەتلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ باقمىغىنىغا قانچىلىك ۋاقىت بولغانلىقىنى ئېنىق دەپ بېرەلمەيمىز. بىز پەقەت ئۇلارنىڭ تىنچ-ئامان ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىگە خۇش بولساق، ھاراق پۇراپ تۇرغان تىنىقلىرىدىن بىزار بولمىساق، يۈرىكىنى ئەمەس گەۋدىسىنىلا ئېنىق كۆرۈپ ياشاشقا چىدىيالىساق كۈنلىرىمىز يەنىلا «خاتىرجەم» ئۆتىۋېرىدۇ. مېنىڭچە، ئەرلەرنىڭ  ھەسرىتى، ئاياللارنىڭ غېمى، بالىلارنىڭ گاڭگىرىشى كۈنسايىن ئۇلغىيىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئاياللار چوقۇم ئۆز-ئۆزىنى سۆيۈشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئەرلەرنىڭ  ئالدىدىكى باش-ئاخىرى يوق مەجبۇرىيەت، بالىلارنىڭ ئالدىدىكى مەڭگۈلۈك مەسئۇلىيەت، جەمئىيەتتىكى كىشىنى ھالسىرىتىدىغان مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللاردىن غايەت زور بىر مەنىۋى كۈچنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇھىمى، ئارىمىزدا بالىلىرى بىلەن مۇڭدىشالايدىغان، تۇيغۇ جەھەتتىن ئۇلار بىلەن تەڭ كىچىكلەپ، تەڭ چوڭ بولالايدىغان ئانىلار قانچە كۆپ بولسا، سەبىيلەرنىڭ بالىلىق كۆڭلىگە ئالدىراپ ئازار يەتمەيدۇ. دەرۋەقە، مەيلى چوڭلار، مەيلى كىچىكلەرنىڭ بولسۇن ھېسسىياتىغا ئازار يەتسە ئەقلىنىڭ خورىمايدىغانلىقىغا مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.
    ئېسىڭىزدىمىكىن، «تۇنجى نۆۋەتلىك ئاياللار ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئابدۇقادىر جالالىدىن سۆز ئارىسىدا: «بىز ئاياللار ھوقۇقى، ئاياللار ئازادلىقى توغرۇلۇق قانچە سۆزلىمەيلى، ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش توغرۇلۇق قانچە جار سالمايلى، بۇ يەنىلا قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. قەدىر-قىممەت جەھەتتىكى باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلغىنىمىزدا ئۇلارنى نېمىدىن قۇتۇلدۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى كونكرېتلاشتۇرۇشىمىز لازىم» دېدى. شۇ چاغدا يېنىمدا ئولتۇرغان قۇربان مامۇت ئاكام چاقچاق ئارىلاش: «سىلەرنى نېمىدىن قۇتۇلدۇرساق بولار، چىمەنگۈل؟» دەپ سوراپ قالدى. ئۇنىڭغا مەن: «دەرۋەقە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئازابى مىللىيلىككە ئىگە بولغىنى بىلەن تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرى ئوخشاشمايدۇ. شۇڭا نېمىدىن قۇتۇلۇش كېرەكلىكى توغرۇلۇق ھەربىر ئايال رېئاللىقىغا، مۇھىمى يېنىدىكى ئادەمگە بېقىپ جاۋاب  بېرىشى كېرەك» دېدىم كۈلۈپ تۇرۇپ. دېمىسىمۇ ئەرلەردىن ھوقۇق، ئورۇن، ئىمتىياز تالاشمايۋاتقىنىمىزنى، پەقەت ئۇلاردىن ئىشەنچ ھەم مېھىر-مۇھەببەتنى كۈتۈۋاتقىنىمىزنى جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىپ، ئەرلەر ئۆزى تەن ئالمىغىچە بىز ئاياللار يەنىلا ئۆزىمىزگە، بالىلىرىم)柄琦稹※塌批小※柄塌销※铭※销琦※摹※锄柄?
    ش، قانداق ساقلاش، نەگە ئىشلىتىش قاتارلىقلارغا شۇ ئادەمنىڭ ئىدىيىسى قوماندانلىق قىلىدۇ.
    مۇھەممەت تۇرسۇننىڭ خانىمى قۇرەيشەم شېنجېندا مىللىي ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان ئورۇنلارنىڭ زاكاسلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچە دوپپىلارنى تىكىپ، تارقىتىدىكەن. قورەيشەم ھازىرمۇ شېنجېندا تۇرىدىكەن، مۇھەممەت تۇرسۇن ھەپتىدە بىر قېتىم ياكى ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم شېنجېنغا كېلىپ، بالىلىرى بىلەن جەم بولىدىكەن.
    مۇھەممەت تۇرسۇن شياڭگاڭنىڭ تېلېۋىزىيىلىرىدە ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم يېرىم سائەتتىن ئۇيغۇر تائاملىرىنى تونۇشتۇرۇپ، تائاملارنى تەييارلاش ئۇسۇللىرىنى كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر تائاملىرىنى مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ كونسۇلخانىسى ئالدىغا ۋە مەسچىتلەرنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ كۆرسەتكەن ۋە تەشۋىق قىلغان. ھېيتلاردا ئۇيغۇر تائاملىرىنى چىرايلىق ئوراپ - قاچىلاپ، مەسچىتلەرنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ جامائەتكە سوۋغا قىلغان، رامىزانلارغا ئىپتارلىق بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەت تۇرسۇننىڭ خېرىدارلىرى كۆپەيگەن.
    مەن سۆھبەت ئارىلىقىدا رېستوراننىڭ ئىچىگە كۆز يۈگۈرتتۈم، رېستوران ھەر ھالدا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتا بېزەلگەنىدى. دېرىزىلەر ئۈزۈم بارىڭىنى ئەسلىتىدىغان ئويما نەقىشلەر بىلەن زىننەتلەنگەن، تاملاردا قۇملۇقتىكى تۆگە كارۋانلىرىنىڭ رەسىمى ۋە ئۇيغۇر ئۇسسۇلچى قىزلىرىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن مەنزىرە توقۇلمىلار ئېسىقلىق تۇراتتى، لەپتىكى بىر تامدا ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسامى غازى ئەمەتنىڭ ھۆسنخەتلىرى تۇراتتى، يەنە بىر تامدا ئۇيغۇر سازى كۆتۈرۈۋالغان ئۇيغۇر گۈزىلى تەبەسسۇم قىلىپ تۇراتتى.
    مەن تۇرۇۋاتقان يەر تەكلىماكان ۋە تارىم ۋادىسىدىن ناھايىتى يىراقتىكى شياڭگاڭ، لېكىن قېشىمدا ئۈچ ئۇيغۇر قېرىندىشىم مەن بىلەن ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىۋاتىدۇ، ئالدىمدىكى تاماق ئۇيغۇرچە، زالدىكى قىياپەت ئۇيغۇرچە، ۋۇجۇدۇم يايراپ يېنىك بىر نەپەس ئالدىم.
    «يېڭى دەۋر» مەيدانىغا جايلاشقان بۇ رېستوراننىڭ نامى «شىنيۆ شىنجاڭ رېستورانى» بولۇپ، گۇاڭدۇڭ شىنيۆ مۇسۇلمانلار رېستورانىنىڭ شياڭگاڭدىكى تارمىقى ئىكەن. مۇھەممەت تۇرسۇن بۇ يەردىكى قولى گۈل ئۇستاملارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئىشلەۋاتقانىدى. ئۇنىڭ نامى ۋە ئىش - ئىزلىرى، ئەتكەن كۆركەم ھەم مەززىلىك تائاملىرى «فۇجيەن ئىقتىساد گېزىتى»، شياڭگاڭدا چىقىدىغان «شەرق گېزىتى»، «مىڭباۋ گېزىتى»، «شىنباۋ گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئارقا - ئارقىدىن تەشۋىق قىلىنغانىدى. گېزىتنى كۆرگىنىمدە، ئۇنىڭ داپ ياكى راۋاب تۇتۇپ، ئوخشىغان ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن بىرگە چۈشكەن سۈرەتلىرى چېلىقتى، توخۇ نارىن، پولۇ، سامسا، ساڭزا، ھەر خىل كاۋاپ، يوتازا (تۈرمەل) ۋە نانلار دىلنى رام قىلىدىغان دەرىجىدە سەنئەتلىك قىلىپ تىزىلغانىدى. بەزى سەھىپىلەردە كىنو ئارتىسى پاشانىڭ تائاملىرىمۇ تونۇشتۇرۇلغانىدى. ئۇنىڭ ئىسمى ئىنگلىزچە «Padha» دەپ يېزىلغانىدى. كۆپكۆك ئاسمان تېگىدىكى ياپيېشىل يايلاقتا خۇش پۇراق گىياھلارنى يەپ، پاكىز سۇلارنى ئىچىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغان شىنجاڭ قويلىرىنىڭ گۆشى ناھايىتى يېيىشلىك بولىدۇ دېيىلگەنىدى. «قۇياش گېزىتى»دە «ياخشىمۇسەن؟»، «بەك ياخشى»، «رەھمەت» دېگەندەك دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزلەر (شياڭگاڭ گېزىتلىرىدە «新疆语» دەپ ئېلىنغان) تونۇشتۇرۇلغانىدى.
    بىز رېستوراندىكى ئۇيغۇرچە مەنزىرىلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق. كېچە سائەت 00:2 دە خوشلاشتۇق.
    مۇھەممەت تۇرسۇننىڭ ئائىلىسى ئاددىي بىر ھۈنەرۋەنلەر ئائىلىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس جۇلاسىنى باشقا مىللەت مەدەنىيەتلىرىنىڭ گىرەلەشمىسى ئىچىدە نامايان قىلغانىدى. دىيارىمىزدا بۇنداق ئاددىي ئائىلىلەر كۆپ بولغاچقا، ئۇنىڭ قانچىلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىلىنمەيدۇ. بىراق، بۇنداق ئائىلە ياكى بۇنداق كىشىلەر خەلقئارادىكى چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ ئۆز ھۈنەرلىرىنى كۆرسەتكەندە، ئۇلار بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ خالىس ئەلچىلىرىگە ئايلىنىدۇ. مۇھەممەت تۇرسۇن ماڭا مۇنداق بىر ئەقىلنى ئۇقتۇردى:
    تائاملار بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىخچام نەمۇنىسى، ئۇنىڭ بازار ئىقتىدارىنى ئېچىشى بۇ مەدەنىيەتنىڭ مول قاتلىمىنى دۇنياغا يايغانلىق بىلەن باراۋەر. باشقا مىللەتتىن بولغان رېستوران خوجايىنلىرى ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ يوشۇرۇن بازار كۈچىگە سەل قارىمىغاندەك قىلاتتى.
    سۆھبەتلىرىمىز قىزغىن، كۆڭۈللۈك بولدى. سائەت ئىككى بولاي دېگەندە قايتماقچى بولۇپ ئورنىمىزدىن تۇردۇق. ئەنۋەر باشتا كەم سۆز بولدى، مەن ئۇنىڭغا: «تاماكىڭىز بولسا چېكەيلى» دېدىم. ئەمەلىيەتتە مەن تاماكا چەكمەيتتىم، ئەنۋەرنىڭ قاتمال كەيپىياتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم. ئەنۋەر مېنىڭ گېپىمدىن گاڭگىراپ قالغاندەك بولدى.
     مەن بىلىمەن، سىز تاماكا چېكىسىز، بايا يانچۇقىزغا، بىزنى تىرەپ تۇرۇۋاتقان ئۇلۇغلۇققا مۇھەببىتىمىز ھەم ئادىمىيلىكىمىز بىلەن مەسئۇل بولۇشىمىز كېرەك.
    ئايسىمە: ھە راست، سىز «تۇنجى نۆۋەتلىك ئاياللار ئەدەبىياتى مۇھاكىمە يىغىنى»دا «ئون مۇنەۋۋەر ئايال ئەدىب»نىڭ بىرى بولۇپ مۇكاپاتلانغىنىڭىزدا نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟
    چىمەنگۈل: ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە قانچىلىك دەرىجىدە يېقىنلاشقانلىقىنى قەلەم ئىگىسى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. راستىنى ئېيتسام، شۇ چاغدا مەن ھەم خۇشال بولدۇم، ھەم بەكلا قورۇندۇم. مەن بەزىدە ئانام بىلەن دادامنىڭ: «كىچىكىڭدە كەچتە سېنى تالاغا ئېلىپ چىقالمايتتۇق. بولمىسا ئاينى ئېلىپ بەر< دەپ خاپا قىلاتتىڭ» دېيىشلىرىنى ئاڭلىسام ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىم ئاشۇ چاغلاردا باشلانغان بولغىيمىدى دەپ ئويلاپ قالىمەن. ئاي بىلەن مېنىڭ ئارىلىقىم ئادەملەرنىڭ رېئاللىقى بىلەن تۇيغۇسى ئارىلىقىدىكى مەڭگۈلۈك شېئىردەك تۇيۇلىدۇ. ئىشقىلىپ مەن ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئاز بولغانلىقى ئۈچۈنلا شائىرە دەپ ئاتىلىپ قالمىساملا بولدى. چۈنكى، ئادەملەرگە سەمىمىيلىكىم، ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقىم، ئەدەبىياتقا بولغان ئىشتىياقىم ھەم ئۆز-ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم  مېنىڭ ئۆمۈرلۈك قىسمىتىم.
    ئايسىمە: بەزى ئوقۇرمەنلەر بىر ئوقۇسىلا يۈرەككە گۈپپىدە تېگىدىغان شېئىرلارنى ياقتۇرىدۇ. بەزى ئوقۇرمەنلەر سىزنىڭكىدەك مىللىيلىك ھەم ساپ تۇيغۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ يېزىلغان شېئىرلارنى ياقتۇرىدۇ. سىز مۇشۇ ھەقتە ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟
    چىمەنگۈل: مەيلى قايسى خىلدىكىسىنى تاللاپ ئوقۇسۇن، بىزدە رېئاللىقى ھەم ئويىغا ماس كېلىدىغان ئەسەرلەرنى ئىجتىھات بىلەن ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلىرىمىز قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. ئاددىيلا بىر مىسال ئالساق: «مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى يورۇق» دېگەن سۆزلەرنى ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ئۆمرىدە بىرەر قېتىم دېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ. لېكىن، ئۇنى قانداق دېيىشنىڭ ئۆزى ئەدەبىيات. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ شائىرلارغا، شائىرلارنىڭمۇ ئوقۇرمەنلەرگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەلەپ قويۇش ھوقۇقى بار.
    ئايسىمە: شېئىرلىرىڭىزدىكى «چىلان تورۇق ئات» سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى زەبەردەست ئەرلىكنىڭ سىمۋولىمۇ ياكى ئالدىڭىزدا پىلتىڭلاپ ئويناپ يۈرگەن ئوغلىڭىز ئېرلاننىڭ كەلگۈسىدىكى سىماسىمۇ؟
    چىمەنگۈل: ئايسىمە، سىز ئېغىلدىكى ئاتنىڭ ياشاڭغىراپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ باققانمۇ؟
    ئايسىمە: ياق.
    چىمەنگۈل: «چىلان تورۇق ئات» مېنىڭ نەزىرىمدە يەنىلا قىسمەتلىرى بىلەن يۈگەنلىنىپ، ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن ئىگەرلىنىدىغان بەردەم ئايالنىڭ سىمۋولى. قەدىمدە جەڭگاھلارغا ئات چاپتۇرۇپ كىرىپ كېتىۋاتقان ئەرلەر جەسۇرلۇقىنىڭ داۋامىدا ئانىلارنىڭ تىلەكلىرى، قەدىناسلىرىنىڭ تاتلىق شىۋىرلاشلىرى بار ئىكەنمىش. ھازىرچۇ؟ ئازابلانغانلىقىنى ھاراق ئىچىش بىلەن، ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىنى زورلۇق بىلەن، بىلىملىك ئىكەنلىكىنى كىتاب ئوقۇش بىلەنلا ئىپادىلەپ ياشاۋاتقان، تىرىكچىلىك غېمى ھالسىراتقان نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ دىشۋارچىلىقىنىڭ داۋامىدا ئانىلارنىڭ ئەنسىرەشلىرى، خوتۇن-قىزلارنىڭ ئاچچىق كۆز ياشلىرىلا قالدى. ئەلۋەتتە بۇ مېنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان ئەرلىك ھەم ئاتىلىق مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يېتىۋاتقان زەبەردەست ئەرلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويغىنىم ئەمەس، ناۋادا مەن ئاشۇ چىلان تورۇق ئاتتەك ئوغلۇم ئېرلاننى مۇھەببەت ھەم ئېتىقادنىڭ چەكسىزلىكىگە، ئارزۇ-ئۈمىدلىرىمىزنىڭ قۇرىماس گۈلىستانىغا تاشلىيالىسام (خۇدا ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي) ئاندىن پۇخادىن چىقىمەن.
    ئايسىمە: چىمەنگۈل، بىر ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن جەمئىيىتىمىزدىكى ئاياللارنى تەھدىت ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ دەپ قارامسىز؟
    چىمەنگۈل: ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئەقىدە، ئۇدۇملاردىن، مەدەنىيەت جۇغلانمىسىدىن شەكىللەنگەن ئۆزىگە خاس بىر ئىجتىمائىي  قورغىنى بولىدۇ. بۇ ئىجتىمائىي قورغاننى شەكىللەندۈرگەن ھەرقانداق بىر ئامىلغا سەل قارالسا، ھەرقانداق  نەرسە شۇ مىللەتنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى تىڭشاپ تۇرالايدىغان ئاياللارغا خىرىس قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. ھازىر جەمئىيىتىمىزدە رىقابەتنىڭ بارغانسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئاياللارنىڭ تۇرمۇش رىتىمى ھەم قىممەت قارىشىدا بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ. لېكىن ئومۇمىي كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەخلاقىي  كىرزىسلاردا قول سوزسا ئېسىلىۋالغىدەك شاخ-شۇمبىمۇ يوق شىددەتلىك ئېقىندا ئېقىپ كېتىۋاتقان ئاياللارنىڭ ئازابىدا، ئەرلەرمۇ ئۆزىنىڭ قانچىلىك ھەق-نېسىۋىسىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ بېقىشى كېرەك.
    ئائىلە  — جەمئىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبىي  قىسمى، قەلبىدىكى بوشلۇقلارنى تىرىكچىلىك غېمىڭىزغا تاماكا سالغىنىڭىزنى كۆرگەنىدىم، دېدىم مەن.
    ئەنۋەر ئوڭايسىزلانغاندەك بولۇپ، تاماكىسىنى چىقاردى. ئىككىمىز بىر تالدىن تاماكا تۇتاشتۇردۇق.
     سىز مەندىن تارتىنىۋاتىسىز، ھازىر تارتىنىدىغان ۋاقىت ئەمەس، ماڭا كۆپرەك گەپ قىلىپ بېرىڭ، دېدىم مەن.
    مۇھەممەت تۇرسۇن يوغان بىر ئىستاكان پىۋىنى ئەنۋەرنىڭ ئالدىغا قويدى. ئۇ ئۆزى ئىچمەيدىكەن ۋە چەكمەيدىكەن. ئەنۋەر بارغانسېرى ئۆزىنى ئازادە تۇتۇشقا باشلىدى.
    ئەنۋەرنىڭ كۆرگەن - بىلگەنلىرى كۆپ ئىكەن، تارتقان زىيانلىرى، تۆلىگەن بەدەللىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشنىڭ سىناقلىرىغا ئايلىنىپتۇ. ئۇ ئۆزىگە تەگكەن پەشۋالارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويمىغانىدى، بەلكى تەمكىن ھالدا قارار چىقىرىپ، يېڭى يول ئىزدىگەنىدى. ئوتتۇز ياشتىن ئەمدىلا ھالقىغان بۇ بالا ياشاش جەھەتتە ناھايىتى قابىل ئىدى.
     نېمىشقا تېخىغىچە ئۆيلەنمىدىڭىز؟ دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن.
     شياڭگاڭدا مەن ئالىدىغان قىز يوق. يۇرتۇمغا كەمدىن - كەم بارىمەن. ئۇ يەردىمۇ بىرەر قىز بىلەن تونۇشقىدەك ئىمكانىيەت يوق، دېدى ئەنۋەر.
    ئەنۋەر خەنزۇچە ئوقۇغان بالا ئىدى، ئۇ گۇاڭدۇڭ شىۋىسىنىمۇ ئوبدان سۆزلەيتتى. ئۇ شياڭگاڭدەك غايەت زور ئادەم دېڭىزىدا دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ، بىر غايىنى كۆزلەپ ياشاۋاتقانىدى.
    ئەنۋەر بىزنى خۇامىي مېھمانسارىيىنىڭ ئالدىدا چۈشۈرۈپ قويدى. بىز قۇچاقلىشىپ خوشلاشتۇق، بۇ چاغدا ئەنۋەرنىڭ چىرايىغا يىغا ئولاشتى. ئوغۇل بالا ئاسانلىقچە يىغلىمايدۇ. ئۇ كۆڭلىدىكى ھەممە گېپىنى مۇشۇ ئۈنسىز يىغىسى ئارقىلىق دەۋەتكەندەكلا قىلاتتى.
     يۇرتۇمنى، ئاتا - ئانامنى سېغىندىم. ئۆتكەندە بارغاندا، پويىزدا «داۋانچىڭ قىزى»نى ئاڭلاپلا، تەنلىرىم يايراپ كەتكەنىدى، دېدى ئەنۋەر.
    مەن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمىدىم. ئارىمىزنى سۈكۈت باستى.
     سىزگە قىزنى مەن تونۇشتۇرىمەن، يازدا ئۈرۈمچىگە بېرىڭ، دېدى سائادەت ئەنۋەرنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ.
    ئارىنى بىر پەس سۈكۈت قاپلىدى.
     خوش، ئۇكام. سىز يەنە يالغۇز قالدىڭىز، ئۆزىڭىزگە پۇختا بولۇڭ، دېدىم مەن.
    ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان بىرقانچە ئۇيغۇر شياڭگاڭدەك چوڭ خەلقئارا بازارنىڭ بىر بۇرجىكىدە قېرىنداشلارچە مۇڭدىشىپ خوشلاشتۇق. بىز يەنە كۆرۈشەلەمدۇق - يوق، بىرنېمە دېمەك تەس ئىدى.
    ئەنۋەر ماشىنىسىنى ھەيدەپ، كوچا چىراغلىرىنىڭ شولىسى ئىچىدە غايىب بولغۇچە قاراپ تۇردۇق. تۇرمۇش سەھنىسىدىكى بۇ تەۋەككۈلچى جىددىي خىرىسلارنىڭ ئالدىدا تەمكىن تۇرۇشنى ئۆگىنىۋالغانىدى. ئۇ كەلگۈسىگە ھېچقانداق ھاياجان ئارىلاشمىغان ئۈمىد بىلەن ئىنتىلەتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق تاسادىپىيلىك ئۇنى ھودۇقتۇرالمايدىغاندەك ئىدى. ئۇ خىزمەت، ئۇنۋان، مەنسەپ ۋەسۋەسىسىدە يۈرەكزادە بولۇپ، قان بېسىمىغا گىرىپتار بولۇپ كەتكەن تالاي دىپلوم ئەھلىگە نىسبەتەن خېلىلا مۇكەممەل ئادەم ھېسابلىنىدۇ. ئۇ خىزمەت بولمىسا چۈشكۈنلىشىپ، غۇرۇرسىزلىق گىردابىدا چىرايىنىڭ نۇرىنى يوقاتقان سان - ساناقسىز ياشلىرىمىزغا نىسبەتەن بىر ئۈلگە، ئۇ بىر تەنھا تەۋەككۈلچى. ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇنىڭ غەلىبىسىگە تەنتەنە قىلىشىپ بېرىدىغان دوستلىرى ياكى ھەسرەتلىرىگە شېرىكلىشىپ بېرىدىغان مۇڭداشلىرى يوق.

    2004 - يىلى 20 - دېكابىر
    پىلان بويىچە سائەت 30:6 دە پرىستانغا باراتتۇق. ئۇيقۇمغا قانماي، خامۇش ھالەتتە يۈك - تاقلىرىمنى يىغىشتۇرغىچە جىددىيلەشتىم، چۈنكى باشقىلارنى ساقلىتىپ قويسام بولمايتتى. ھېلىھەم كېچىكىپتىمەن، مەن يۈك - تاقلىرىمنى كۆتۈرۈپ پەسكە چۈشكىنىمدە، باشقىلار ئاپتوبۇسقا ئورۇنلىشىپ مېنى ساقلاۋاتقانىكەن.
    ناشتىنى پرىستاندا قىلدۇق - دە، قاشنىڭ يېنىدا لەپپەڭشەپ تۇرغان كېمىگە چىقتۇق. دېرىزە قېشىدا ئولتۇرۇپ دېڭىزنى تاماشا قىلسام دەيتتىم. ئەپسۇسكى، بېلىتىمنىڭ ئورنى ئۇنداق يەرگە توغرا كەلمەپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كەيپىياتىم ئېغىر، روھىم ھارغىن، كاللام گادىرماش، كۆزلىرىم ئېلىشاڭغۇ. كۆپكۆك دېڭىز سۇس تۇماننىڭ قوينىدا سوزۇلۇپ ياتاتتى. سەھەردىكى شياڭگاڭنىڭ ئاسمىنى تۈك تاشلىمىغان توڭ شاپتۇلنىڭ رەڭگىدە كۆرۈنەتتى. ئەتراپىمدىكىلەرمۇ تېتىك ئەمەس ئىدى، بەزىلەر ئولتۇرۇپلا ئۇيقۇغا كېتىشكەنىدى.
    كېمە قوزغالدى، پرىستان بارا - بارا كىچىكلەپ، تۇماننىڭ شۆلگەيلىرىدە ئېرىپ كەتتى. شياڭگاڭنىڭ ئېگىز بىنالىرىمۇ خىيالىي گەۋدىگە ئايلىنىشقا باشلىدى. ئارىلاپ - ئارىلاپ ئاراللار ئۇچرايتتى، بەزى ئاراللاردا داچا بولۇپ، خۇددى ئادەمسىزدەك تىپتىنچ ئىدى. ئۇنداق يەرلەردە ئەدىبلەر ئولتۇرالمىسا كېرەك، مىللەتنىڭ روھىي ھالىتىنىڭ پۈتۈكچىسى بولغان ئەدىبلەرنىڭ كۆپلىرى لاماكان ھالدا قەلەم تەۋرىتىشكەن. دۇنيادىكى بىر بۆلۈك كاتتا ئەسەرلەر داچىدا ئەمەس، ھەپسىدە ياكى مۇھاجىرەتتە بارلىققا كەلگەن. ۋاقىتقا ئەبەدىي سۈرگۈن قىلىنغان شائىرلار سۆزلەى، خىزمەت ھەلەكچىلىكى بىلەن تولدۇرۇۋاتقان ئاياللار، قانۇنلۇق بالىدىن باشقا مېھىر-مۇھەببەتكە ئېرىشىپ باقمىغان تۇل ئاياللارنىڭ قايسى بىرىنى ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلمىدى دېيەلەيمىز؟ ئىنساپ-دىيانىتى بىلەن كىشىنى ئەيمەندۈرىدىغان، پاراسىتى ھەم بىلىمى بىلەن كىشىنى قايىل قىلالايدىغان، مۇھەببىتى بىلەن كۆڭۈلنى ئېرىتەلەيدىغان ئەرنىڭ قايسى بىرىگە يولۇقسا، نۇرغۇن ئاياللارنىڭ ئۇلارغا نېمىلەرنى ئاتا قىلالايدىغانلىقىنى يەنىلا بىز تولۇقى بىلەن ھېس قىلالايمىز، ئايسىمە.
    دۇنيانى ھەرقانچە كەڭرى دېگەن بىلەنمۇ بىر ئائىلىنىڭ كەڭرىلىكىگە يەتمەيدىغانلىقىنى بىز ئىنكار قىلالمايمىز. چۈنكى، ئەرلەر ھەرقانچە كۈچلۈك، ئاياللار ھەرقانچە جاسارەتلىك بولسىمۇ، ئائىلە ئىللىقلىقىغا، چۈشىنىش ھەم كۆيۈنۈشكە مۇھتاج!
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.