بېيداۋ بىلەن سۆھبەت

يوللىغۇچى : enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-22 23:33:10

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} بېي داۋ بىلەن سۆھبەتما لىڭسۇئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى ما لىڭسۇ (بۇنىڭدىن كېيىن قىسقارتىل

    بېي داۋ بىلەن سۆھبەت
    ما لىڭسۇ
    ئەيبۇ ياقۇپ تەرجىمىسى

       ما لىڭسۇ (بۇنىڭدىن كېيىن قىسقارتىلىپ ما دەپ ئېلىنىدۇ): بېي داۋ ئەپەندىم ياخشىمۇ سىز؟ سىز بۈگۈنكى دەۋر جۇڭگو يېڭى شېئىرىيەت دولقۇنىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە شائىرلارنىڭ بىرىسىز. ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى جۇڭگودىن ئايرىلغان يىللاردىن بۇيانقى ئاساسلىق تۇرمۇش، خىزمەت ئەھۋالىڭىزنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    بېي داۋ (بۇنىڭدىن كېيىن قىسقارتىلىپ بېي دەپ ئېلىنىدۇ): جۇڭگودىن ئايرىلغىنىمغا توپتوغرا ئون بەش يىل بولدى. دەسلەپكى بەش يىللىق تۇرمۇشۇم تولىمۇ تۇراقسىز بولدى. ياۋروپادىكى ئالتە دۆلەتتە تۇردۇم. 1993-يىلى ئامېرىكىغا كۆچۈپ باردىم. 1995-يىلىدىن باشلاپ كالفورنىيە شتاتىدا ئولتۇراقلىشىپ كەلمەكتىمەن. يىللاردىن بېرى دەرس ئۆتۈش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەيمەن. شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىمەن. باشقا ۋاقىتلاردا بولسا، يېزىقچىلىق قىلىمەن. مەن تولىمۇ تىنچ بىر كىچىك بازاردا تۇرىمەن. ئۇ يەر دولقۇنسىز كىچىك پرىستانغا ئوخشايدۇ. مەن ئۇ بازارنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن.
    ما: سىز دۇنيا بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئۇچرىشىپ تۇرىسىز. ئەگەر ئۇنى «نەق مەيدان» دەپ تەرىپلىسەك، دۇنياۋى شېئىرىيەت نەق مەيدانىدا پائالىيەت قىلىپ تۇرۇۋاتىسىز، دېگەنلىك بولىدۇ. سىزدىن سورايدىغىنىم، تۇرمۇش ھەم ئىجادىيەت ھالىتىدىن ئېيتقاندا، چەت ئەل شائىرلىرى بىلەن دۆلىتىمىز ئىچىدىكى شائىرلار ئوتتۇرىسىدا قانداق ئوخشاشلىق  ۋە پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىڭىز؟
    بېي: بۇنىڭغا ئاددىيلا قىلىپ ئومۇمىي جەھەتتىن چۈشەنچە بەرمەك سەل قىيىنغا توختايدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدا ئالىي مەكتەپلەردە يېزىقچىلىق دەرسى تەسىس قىلىپ نام چىقارغان ئامېرىكا شائىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئالىي مەكتەپلەر شتاتىغا قوشۇۋالدى. ئۇلارنىڭ كۈنلىرى راھەتتە ئۆتىدۇ. ياۋروپا شائىرلىرىنىڭ كۈنى بىرئاز غورىگۈلرەك، «شتات» ئىچىدىكىلىرى ئىنتايىن ئاز. لېكىن فوند جەمئىيەت ياكى ھۆكۈمەتتىن ئاز بولسىمۇ ياردەم ئېلىپ تۇرالايدۇ. ئۈچىنچى دۇنيا شائىرلىرىنىڭ كۈنى ئەڭ تەس. جۇڭگودىن ئايرىلغىنىمغا ئۇزۇن بولدى. جۇڭگو شائىرلىرىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش ھالىتىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن. شۇڭا سېلىشتۇرۇشقا ئامالسىزمەن. شېئىرغا كەلسەك، ئومۇمىي جەھەتتىن تۆۋەنلەۋاتىدۇ. بۇ دۇنياۋى خاراكتېرلىك مەسىلە.
    ما: مەن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزگە ناھايىتى ئېتىبار بىلەن قارايمەن. بۇ سىزنىڭ 80-يىللار ۋە ئۇنىڭ ئالدىدىكى شېئىرلىرىڭىزنىمۇ ھەم 2003-يىلى نەشر قىلىنغان «بېي داۋ شېئىرلىرى»نىمۇ ئىچىگە ئالىدۇ. ھېس قىلىشىمچە، شېئىرلىرىڭىز سۈپەت جەھەتتىن بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، پىشىپ مېڭىپتۇ. لېكىن بۇ يەردە مۇنداق تەبىئىي بىر مەسىلە كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. پىشىپ يېتىلگەن ئەسەرلىرىڭىز، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەسەرلىرىڭىزدەك، ئالايلى: «جاۋاب»قا ئوخشاش ئەسەرلىرىڭىزدەك تەسىر ۋە شۆھرەتكە سازاۋەر بولالماي، بىر پۈتۈن ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئىچىدە چۆكۈپ تۇرۇپتۇ، شېئىرلىرىڭىزنىڭ سەۋىيىسى پۈتۈنلۈك جەھەتتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپتۇيۇ، بىرەر ئەسەر پارلاپ چىقالماپتۇ. سىزچە بۇ يەردە بىرەر مەسىلە مەۋجۇتمۇ قانداق؟ دەۋر؟ كۆپچىلىكنىڭ كىتاب ئوقۇش نىشانىنىڭ يۆتكىلىشى؟ شېئىرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىشى؟ ۋە يەنە شېئىرلىرىڭىزدە ھازىرقى جۇڭگو ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇش مۇھىت، كەيپىيات، تىل ئامىللىرىنىڭ كەم بولۇشى؟ قاتارلىقلار.
    بېي: شائىر بىلەن دەۋرنىڭ مۇناسىۋىتى بەكمۇ مۇرەككەپ، ئۇنى بىرقانچە ئېغىز سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. رىلكى: «شان-شەرەپ بارلىق ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشى» دەپ ئېيتقان. شېئىرنىڭ قوبۇل قىلىنىش جەريانىنىڭ شائىر بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. شائىرلىق تەنھالىققا يۈزلەنگەن كەسىپ. بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان ئادەم يەككە-يېگانىلىققا، ئۆز تەقدىرىگە سادىق بولۇشى لازىم. باھانىڭ قانداق بولۇشىنى ئوبزورچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇرساق بولىدۇ.
    ما: ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇش جەريانىدا ھېس قىلىشىمچە، ئۇنىڭدىن بىر خىل مۇتەپەككۇرلارچە خاراكتېرنى بايقىماق ئانچە تەس ئەمەس ئىكەن. شائىرنىڭ ئەلۋەتتە ئىدىيىسى بولۇشى كېرەك. لېكىن ئىدىيە شېئىردا روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرسا، ئەسەرنىڭ ھېسسىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ياكى ئەسەر كەيپىياتىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. ھېس قىلىشىمچە، شېئىرلىرىڭىزدا ئىدىيە ئىزچىللىقى، ھېسسىيات ئىزچىللىقىنى بېسىپ چۈشىدىكەن. بۇنداق ھۆكۈمگە قوشۇلامسىز؟
    بېي: بۇنى بىر خىل تەنقىد دەپ چۈشەنسەم بولغۇدەك. شېئىر پەلسەپىۋى ماقالە ئەمەس. شېئىرنىڭ ئىپادىلەۋاتقىنى ئەنە شۇ بىز دېيەلمەيۋاتقان نەرسە. مەن ئۆز ئەسەرلىرىمگە ھۆكۈم قىلىشقا ئامالسىزمەن.
    ما: شېئىر ياشلارغا مەنسۇپ دەيدىغان ئەنئەنىۋى تېمىغا بارغانسېرى گۇمان بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالدىم. بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدىكى مەقسەت، بىرىنچىدىن، ياشقا ھەم ئادەم بىلەن شېئىرنىڭ مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىز؟ ئىككىنچىدىن، ئۆزىڭىزنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى شېئىرلىرىغا قانداق قارايسىز؟
    بېي: ياش−رەسساملارنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئۆزگىرىۋاتقان نۇرغا ئوخشايدۇ. بەزىلىرى بالدۇر پىشىپ يېتىلىپ، بالدۇر ئۆلىدۇ. بەزىلىرى نەق پىشىپ يېتىلگەن ۋاقتىدا تۇرىدۇ. بەزىلىرىنىڭ بولسا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن بىرنېمە دېمەك تەس. ۋاقىت بىلەن قېرىلىق، جۇڭگو كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم بىر تېما. شۇنداقلا يېزىقچىلىقىمنىڭ بىر تېمىسى.
    ما: جەمئىيەت بېكىنمىلىكتىن ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەتكە بۇرۇلۇۋاتقان پەيتتە، سىياسىي  سەزگۈرلۈك شائىرلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە ئانچە تارتالمايدۇ. ئۇنداقتا شېئىرىيەت ئېچىۋېتىلگەن دەۋردە قانداق قىلىپ ئۆز ئورنىنى تىكلەپ جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت نەزىرىنى قوزغىشى كېرەك؟ شېئىر جۇڭگودا بىر مەزگىل خەلقنىڭ روھىي تۇرمۇشىنىڭ مەركىزى بولغانىدى. ھازىر بولسا ئۇ بىر ئەپسانىگە ئايلاندى. سىزنىڭچە شېئىرنىڭ ئاشۇ «شانلىق يىللار»نى تېپىۋېلىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟ توغرا كېلىپ قالغان بىر مەسىلە، شېئىردىكى سىياسىي ئامىلنىڭ شېئىر تەرەققىياتى ئۈچۈن نېمە ئەھمىيىتى بار؟ شېئىرىي ئىجادىيەتتە سىياسىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان، قاچۇرىدىغان يۈزلىنىش ھازىر ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. مېنىڭ قارىشىمچە، قانداقلا مەنىدىن بولمىسۇن، سىياسىنى شېئىردىن پالىۋېتىشكە بولمايدۇ. سىياسىي جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈش، ئادەمگە روھىي جەھەتتىن كۆيۈنۈشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ. سىياسىدىن يىراقلاشقانلىقى ھەمدە سىياسىنى چاكىنىلاشتۇرۇپ چۈشەنگەنلىكىنى جۇڭگو شېئىرىيىتىدىكى بۈيۈك شائىرلارنىڭ ئاتالمىش «بۈيۈك شائىر»لىق چەمبىرىكىدىن چىقالمايۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى دېسەك بولامدۇ؟
    بېي: بۇنى چوڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ ئىچىگە قويۇپ كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا «بۈگۈن»چىلەرنىڭ (مەن گۇڭگا شېئىرچىلار دېگەن ئاتالغۇنى ياخشى كۆرمەيمەن، ئۇ بىزگە مەجبۇرىي تېڭىلغان) بارلىققا كېلىپ، ئاتالمىش «ساپ ئەدەبىيات»نى ئوتتۇرىغا قويۇشى، شېئىرنىڭ غايەت زور تارىخىي كۆلەڭگىسىنىڭ ياللانما قورالى بولۇپ قېلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئىستراتېگىيە مەسىلىسى ئەمەس ئىدى. كۆلەڭگە غايىب بولغاندىن كېيىن، بىز «ساپ ئەدەبىيات»تا ھەقىقەتەنمۇ چەكلىمىلىكلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدۇق. شېئىرنىڭ نۇرغۇن چەكلىرى بولىدۇ. بۇ سىياسىي چەكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە.
    ما: تۆۋەندىكى مەسىلە، «بۈيۈك شائىر» بىلەن مۇناسىۋەتلىك، سىزدىن كېيىن جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيىتىدە بۈيۈك شائىر مەيدانغا چىقمىدى دەيدىغان بىر قاراش بار. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ سىز ئۆزىڭىزنى بۈيۈك شائىر دەپ تونۇمسىز؟ سىزچە بۈيۈك شائىرلىقنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟
    بېي: بۇ بەكمۇ كۈلكىلىك مەسىلە ئىكەن. ئۆزۈمنى شائىر دەۋېلىشتىنمۇ ئارتۇق خىجىلچىلىق بولمىسا كېرەك. بىزنىڭ قىلالايدىغانلىرىمىز شۇنچىلىك چەكلىك. بىزنىڭ ھاياتىمىز شۇنچىلىك ئاجىز.
    ما: جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيىتى ئىزچىل زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنداق زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نۇرغۇن شائىرلار، چەت ئەللەرنىڭ شېئىرىي ئىجادىيەت ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋالغان. قارىماققا يېڭىلىقتەك كۆرۈنىدىغان، ئەمەلىيەتتە روھ ۋە ئىپادىلەش جەھەتتە چەت ئەل شېئىرلىرىنىڭ ئۆزگەرگەن، كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىدەك نۇرغۇن نەرسىلەر بارلىققا كەلدى. يازغانلىرى ئۆزگىچىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇلار تېخى ھەقىقىي ئەركىن ئىجادىيەت باسقۇچىغا كىرەلمىدى. سىز جۇڭگو شېئىرىيىتى بىلەن چەت ئەل شېئىرىيىتى، بولۇپمۇ ياۋروپا، ئامېرىكا شېئىرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرانى، ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەرنى قاندق چۈشىنىسىز؟ دۇنيا بىلەن سۆزلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، جۇڭگو شېئىرىيىتىنىڭ تۈس، ئالاھىدىلىك مەسىلىلىرى ئۈستىدىمۇ تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ تۇرامسىز؟
    بېي: سىزنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇش ئۇسۇلىڭىزدا مەسىلە بار. «ئىزچىل زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېگەن نېمە گەپ؟ ھۆكۈمەت دوكلاتىنى ئاڭلاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. ئەگەر غەرب ھازىرقى زامان شېئىرىيەت تارىخىدىن ئازراقلا خەۋىرىڭىز بولسا، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيىتىنىڭ ئاتالمىش «زامانىۋىلىقنى» ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى ھەم ئۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بايقايسىز. جۇڭگو شېئىرىيىتى بىلەن غەرب شېئىرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەر بولسا ناھايىتى چوڭ تېما. ئۇ جۇڭگونىڭ يۈز يىللىق شېئىرىيەت تارىخىغا چېتىلىدۇ.
    ما: چەت ئەلدە تۇرۇپمۇ جۇڭگو شېئىرىيىتىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە دىققەت قىلامسىز؟ ئادەتتە قانداق ئۇسۇل ۋە يوللاردىن پايدىلىنىسىز؟ جۇڭگونىڭ ھازىرقى ياش بىر ئەۋلاد شائىرلىرىنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن سىز ۋەكىللىك قىلغان بىر ئەۋلاد شائىرلارنىڭ ئىجادىي يۈزلىنىش، ئېستېتىك قاراش ۋە قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىدا قانداق مۇناسىۋەت بار؟ ئېسىمدە قېلىشىچە، ئالدىنقى ئەسىردە تېخى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، سىزنىڭ ۋە باشقا بىرقانچە گۇڭگا شېئىرچىلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇماسلىق ھەيران قالارلىق، ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش ئىدى. كېيىن ئاشۇ بىر تۈركۈم شائىرلاردا يۈز ئۆرۈش بولدى، «بېي داۋنى ئاغدۇرايلى!» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارمۇ شۇ چاغدا پەيدا بولدى. لېكىن ھازىر شېئىر تەرەققىياتىدا زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى كۆرىمىز. ھازىرقى شېئىر ئىجادىيىتىگە قانداق قارايسىز؟
    بېي: بىرقانچە يىللاردىن بۇيان ئىزچىل ھالدا «بۈگۈن» ژۇرنىلىنى تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە «بۈگۈن» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى دۆلەت ئىچىدىن كېلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، 90-يىللاردىن تارتىپ ھازىرغىچىلىك جەرياندىكى شېئىرىي ئىجادىيەت ئەھۋالى بىلەن نىسبەتەن تونۇش دېسەممۇ بولىدۇ. لېكىن «بۈگۈن»نىڭ خاس ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشكە بەزى چەكلىمىلىكلەرنى تۇغدۇرمايمۇ قالمايدۇ. 90-يىللاردىكى شېئىرىيەتنى ئىنتايىن مۇرەككەپ ھادىسە دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ سودىنىڭ زەربىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى شۈبھىسىزدۇر. سىز ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇڭ ياكى يول قويۇڭ، ھەممىسىدە ئاشۇ نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. خۇددى چوڭ تورتقا ئوخشاش سوئاللارنى سوراۋاتىسىز، نەدىن باشلاپ يېيىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن.
    ما: جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى، تەيۋەن، شياڭگاڭ ۋە باشقا خەنزۇ تىلى رايونلىرىنىڭ شېئىرىي ئىجادىيەت ئەھۋالى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشاشلىق، پەرقلەر ھەققىدىكى تەسىراتىڭىز قانداق؟ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان شائىرلار قايسىلار؟ مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلە، خەنزۇ ئەدەبىياتى ساھەسىدە قايسى شېئىرىيەت ژۇرناللىرى دىققەت-نەزىرىڭىزگە ئەڭ سازاۋەر؟
    بېي: «مۇداپىئە لىنىيە»يىمنى تارايتىپ «ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم»ىڭىزغا تاقابىل تۇرمىسام بولمىغۇدەك. سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتسام، مەيلى قايسىلا رايوندا بولمىسۇن مەن ياخشى كۆرىدىغان شائىرلار بەك ئاز. ئالايلى، تەيۋەندىن پەقەت شاڭ چىننىلا كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلەيمەن. ئۇ نەسرىي شېئىرلارنى تولىمۇ پاساھەت بىلەن يازىدۇ. خەنزۇ ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى شېئىرىيەت ژۇرناللىرىغا كەلسەك، ئەلۋەتتە «بۈگۈن»نى كۆرسىتىمەن. ئۇنىڭدىن باشقا، رايون خاراكتېرلىك تەسىرگە ئىگە بەزى ژۇرناللارمۇ بار.
    ما: نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىدىن جۇڭگولۇقلار، بولۇپمۇ جۇڭگو ئەدىبلىرى زادىلا مېھرىنى ئۈزەلمەي كەلمەكتە. لېكىن بۇ مۇكاپاتنىڭ جۇڭگولۇقلار بىلەن ئىپادىلەش قىيىن بولغان بەزى مۇناسىۋەتلىرى بار. سىز نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن شائىر. سىز بۇ مۇكاپاتقا قانداق قارايسىز؟ مۇكاپاتنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان ئەھمىيىتىنى چوڭ بىلەمسىز؟
    بېي: بۇ قىلچىلىكمۇ مەززىسى بولمىغان مەسىلە.
    ما: بىلىشىمچە، ياشلار شېئىرلىرىڭىزغا مۇنداق ئىككى خىل قاراشتا ئىكەن. بىرىنچى خىلدىكىلىرى، ئەسەرلىرىڭىزنى كلاسسىك ئەسەر دەرىجىسىگىچە ئاپىرىدىكەن. يېقىندا مەن «شېئىرنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشى» ناملىق بىر پائالىيەتكە قاتناشتىم. ئوقۇغۇچىلار سىزنىڭ «جاۋاب» ناملىق شېئىرىڭىزنى ئۆزلىرى تاللاپ دېكلاماتسىيە قىلىشتى. يەنە بىر خىلدىكىلىرىنىڭ قارىشىچە، سىز ۋە سىزنىڭ ئاشۇ دوستلىرىڭىزنىڭ ئەسەرلىرى ئالاھىدە بىر دەۋرنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، شوئارۋازلىقنىڭ كۆلەڭگىسىدىن خالىي ئەمەس ئىكەن. بۇنداق قاراشلارغا قانداق باھا بېرىسىز؟ ئۆز ئەسەرلىرىڭىزنى يىغىنچاقلاپ باقتىڭىزمۇ؟ بىر سۆھبەتلەشكۈچى بورخىستىن: ئەسەرلىرىڭىز كۆيدۈرۈلمەكچى بولسا، ئېلىپ قېلىشنى ئەڭ خالايدىغان ئەسەرلىرىڭىز قايسىلار بولۇشى مۇمكىن، دەپ سوراپتىكەن. مېنىڭمۇ بۇ سوئالنى سىزگە قويغۇم كېلىۋاتىدۇ. سىزنىڭ ئېلىپ قېلىشنى ئەڭ خالايدىغان ئەسەرلىرىڭىز قايسىلار بولۇشى مۇمكىن؟
    بېي: كېيىنكى بىر خىل قاراشنىڭ ئاساسى بار. «جاۋاب»تا  ھەقىقەتەنمۇ شوئارۋازلىقنىڭ كۆلەڭگىلىرى بار. ئۇ يەنە بىزنىڭ ئەينى چاغدا ئىنقىلاۋىلاشقان تىل ئادىتىدىن ئاداجۇدا بولالمىغانلىقىمىزغىمۇ چېتىلىدۇ. سىز سورىغان ئېلىپ قېلىشنى ئەڭ خالايدىغان ئەسەرلىرىمگە كەلسەم، ئۇ بولسىمۇ تېخى يېزىلمىغان شېئىرلىرىمدۇر. ئېھتىمال بۇ ھەر بىر شائىر ئۈچۈن بىر چۈش بولسا كېرەك.
    ما: سىزنىڭ ئەدەبىي خاتىرە يېزىش ئىقتىدارىڭىز ناھايىتى يۇقىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاشمايدىغان كۆپلىگەن ئۇچۇرلارغا ئىگىسىز، يېزىقچىلىق تەقسىماتىڭىزدا شېئىر بىلەن نەسرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىۋاتىسىز؟ ئاساسلىق زېھنىڭىزنى نەسرىي ژانىرغا يۈزلەندۈرمەكچىمۇ؟ سىز بۇرۇن ناھايىتى ياخشى ھېكايىلەرنىمۇ يازغان. دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن شائىرلاردەك ھېكايە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئويىڭىزمۇ بارمۇ؟
    بېي: ھېكايە يېزىش نىيىتىم يوق. نەسرنىمۇ باشتا جان بېقىش ئۈچۈن يازغان. كېيىن يېزىلىۋەردى، توختاپ قېلىشقا ئامال بولمىدى. ئىككى يىلدىن بېرى «مول ھوسۇل» ژۇرنىلى ئۈچۈن 20-ئەسىر مودېرنىزم شېئىرىيىتى ھەققىدە مەخسۇس ئىستون يېزىۋاتىمەن. ئۇ مېنىڭ كۆپ قىسىم زېھنىمنى يەپ كەتتى. ئىككى يىلدىن بۇيان شېئىرنى ئاز يازغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈممۇ ئالدىراپ تۇرۇۋاتىمەن.
    ما: ئادەتتە ھەر كۈنلۈك يېزىقچىلىق پىلانىڭىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىسىز؟ بىر كۈنلۈك خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزنى تەسۋىرلەپ بېرەلەمسىز؟ يېزىقچىلىق بىر كۈنلۈك ۋاقتىڭىزنىڭ قانچىلىك قىسمىنى ئىگىلەيدۇ؟
    بېي: ئادەتتە، ھەر كۈنى ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ يېزىقچىلىق قىلىمەن. سائەت بىرلەردە چۈشلۈك تامىقىمنى يەپ ئۇخلايمەن. چۈشتىن كېيىن دەرس تەييارلايمەن، ئىنگلىزچە ئۆگىنىمەن ياكى بولمىسا چېنىقىشقا بارىمەن. كەچتە بىرئاز  ئازادىرەك، خەت-چەك بىر تەرەپ قىلىمەن، سىنئالغۇ كۆرىمەن. بەزىدە زاكاز قىلىنغان يازمىلار ئالدىرىتىپ قالسا، ئەتىگەندىن-كەچكىچە ئولتۇرۇپ يېزىپ كېتىمەن. نورمال كۈنلەردىكى يېزىقچىلىق ۋاقتىم 4-5 سائەتتىن ئاشمايدۇ.
    ما: شېئىرنىڭ نۆۋەتتە دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بوشلۇقى نەدە؟ بۈگۈنكى كۈندە دۆلەت ئىچىدىكى شائىرلار ئىنتايىن مىسكىنلىشىپ كەتتى. نۇرغۇنلىرى باشقا ژانىرلارغا ئۆتۈپ كەتتى ھەم باشقا كەسىپلەرنى تاللىۋالدى. سىزنىڭچە شېئىر بەختنىڭ مەنبەسىمۇ ياكى بەختسىزلىكنىڭ؟
    بېي: بۇ دۇنيانىڭ شائىرلارغا ياخشىلىق قىلىپ كېتىشى ناتايىن. شۇڭا مىسكىنلىككە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان، ئازابنى كۆتۈرەلمەيدىغانلارنىڭ بۇرۇنراق باشقا كەسىپ تېپىۋالغىنى ياخشى. ئەگەر «كاللامنى تېز ئايلاندۇرۇش» ئۇسۇلى بىلەن سىزگە جاۋاب بەرسەم، شېئىر  بەخت، شۇنداقلا بەختسىزلىكنىڭ مەنبەسى.
    ما: ھاياتنىڭ ئۇشبۇ باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، ئوتلۇق ئىنتىلىشلەر خىرەلىشىۋاتقان چېغىڭىزدا ئىجادىيىتىڭىزگە نېمە يۆلەنچۈك بولىدۇ؟ بېقىندىلىقمۇ ياكى ئېھتىياجمۇ؟ ۋە ياكى ياشاش كالامىمۇ؟ ھاياتلىقنىڭ تاماملىنىشى ئۆزىمىزنى چەتكە ئېلىپ بولمايدىغان مۇقەررەرلىك. بىزنى ئىبرەت قىلغۇدەك بىرنەرسە بىلەن تەمىنلىيەلەمسىز؟ ۋاقىت بىلەن تىركىشەمدۇق ياكى مەيلىگە قويۇۋېتەمدۇق؟ يېزىقچىلىقتا ئاساسلىق كۈچمادارىڭىز نەدىن كېلىدۇ؟
    بېي: يېزىقچىلىق ئەلۋەتتە ھاياتىي كۈچ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. لېكىن ھەممىنى ئۇنداق سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بولمىسا، ئاز بولمىغان يازغۇچىلارنىڭ قېرىلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى ئىجادىيەت پەللىسىنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالىمىز. ھاياتلىق ئىنتىلىشلىرىنىڭ كۆزى بولمايدۇ. ئۇنىڭدا ئەقىلنىڭ تەلىپى ۋە كونتروللۇقى كەم بولغان بولىدۇ. يېزىقچىلىقنىڭ ئۆزى ۋاقىت بىلەن تىركەشكەنلىك. خۇددى سېنتەبىر ئېقىمىدىكى شائىرە چېن جىڭرۇڭنىڭ شېئىرلار توپلىمىنىڭ ماۋزۇسىدەك: «قېرىۋاتقىنى ۋاقىتتۇر». مانا بۇ شېئىرنىڭ پەخرى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.