غوجىمۇھەممەتنىڭ بايانى(مۇتەللىپ ئىقبال)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-30 23:57:35

غوجىمۇھەممەتنىڭ بايانىمۇتەللىپ ئىقبالياش شائىر غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت بىلەن سۆھبەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆز مۇساپىسى داۋامىدا كۆپلىگەن ئەدىب ۋە سەنئەتكارلارنى روياپقا چىقاردى . ئەدەبىياتتىن ئىب...

    غوجىمۇھەممەتنىڭ بايانى
    مۇتەللىپ ئىقبال
    ياش شائىر غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت بىلەن سۆھبەت


       ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆز مۇساپىسى داۋامىدا كۆپلىگەن ئەدىب ۋە سەنئەتكارلارنى روياپقا چىقاردى . ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ مەنىۋى ھادىسە ئۆزىنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا خەلقنىڭ ئېستېتىك تەشنالىقى ۋە روھىي كەچۈرمىشلىرىنىڭ بىۋاسىتە شاھىدى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، خەلق بىلەن بىر تىنىق بولۇپ يۇغۇرۇلۇپ كەتتى . ئەنە شۇ خەلقنىڭ روھىغا ياندىشالىغان ئەدىب ۋە سەنئەتكار ئەسىرلەردىن بېرى خەلقنىڭ قەلبىدە ، ئۆزلۈك جىلۋىلىرىدە ياشاپ كەلدى . بىر ئەدىبنىڭ خەلقنىڭ مۇڭىغا مۇڭ ، دەردىگە داۋا بولالىشى دەل ئۇنىڭ ھەققانىيەت روھى تۇغقان مۇھەببەت كۈچىنىڭ سەنئەتلىك ئىپادىلىنىش جەريانىدۇر . ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ روھىي زېمىن ئەنە ئاشۇ جەڭگىۋار ئەزىمەتلەر ئارقىلىق يۈكسىلىش ۋە گۈللىنىش تاپىدۇ . بۇ روھىي زېمىن ئۇلارنى  تۇغقان . قاچانكى ئەدىب بۇ روھىي زېمىنغا يۈزلىنەلمىسە ، ئۇنىڭغا خەلقنىڭ ھەربىر تىنىقىدىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان ھاياتىي ئىنكاسىنى گۈل قىلىپ تېرىيالمىسا ، ئەدىب ۋە ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ مەنىۋى ئىقتىدارى ۋە ھاياتىي كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ . ئەدەبىياتنىڭ گۈلتاجى بولغان شېئىرىيەت باشقا ژانىرلارغا قارىغاندا تۇيغۇنى ئىدراكىيلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈش خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق ، ئىنكاسچانلىقى تېز بولۇش ، تەسىر كۆرسىتىش نۇقتىسى كەڭ بولۇشتەك رولغا ئىگە . بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئۆزىنى ئىپادىلەشتە شېئىرىيەتتىنمۇ كەڭرەك زېمىن بولمىسا كېرەك.
    دەرۋەقە تارىختىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ شېئىرىيەتتىن ئىزدەيدىغىنى كۆپ بولۇپ كەلدى . شېئىرىيەتنىڭ باغۇ-بوستانلىرى ، گۈل-چىمەنلىرى ، قۇش-ئورمانلىرى ، تاغ-دەريالىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پسىخىكىسى ۋە روھىيىتىگە مەنىۋى ئىلھام ۋە مەلھەم ئىزدەپ كەلدى . رىقابەت ۋە كرىزىس بىلەن تولغان بۈگۈنكى كۈندە ، ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ ئابىھايات بىزگە ئۆزىمىز توغرىسىدا ئويلىنىش پۇرسىتى ۋە ياشاش ھېكمىتى ئاتا قىلالايدۇ ، ئەلۋەتتە . شېئىرىيىتىمىزدە نېمىنى يېزىش ۋە قانداق يېزىش مېتودىنى خەلقنىڭ ئېستېتىك ئېڭى ۋە رېئال ھاياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش بىر شائىرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت ۋە ئىنسانىي كامالەت بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . روشەنكى ، شېئىر ئاۋۋال خەلقنىڭ ۋۇجۇدىدا ساقلىنىۋاتقان بولىدۇ . شائىر ئۇنى تىل ئارقىلىق جۇلالاندۇرۇپ ، يۈكسەك ئېتىقادى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىقلا يېزىپ چىقىدۇ . كېيىن شېئىر يەنە كىتابخانلار نەزىرىگە تاپشۇرۇلىدۇ ، ماھىيەتتە ئۇ ئۆز-ئۆزىگە قايتقان بولىدۇ . مەيلى مۇھەببەت تېمىلىرىغا بېغىشلانغان ئۆلمەس مىسرالار بولسۇن ۋە مەيلى ئىنسانىي قىممەتنى ئىزدەش روھىغا بېغىشلانغان مىسرالار بولسۇن ، شېئىر شائىرغىلا تەۋە ئەمەس . شائىر ھېكمەت-پاراسەتنى ، ئېتىقاد-كامالەتنى بايقىغۇچى ۋە ئۇنىڭغا مەڭگۈ سېغىنغۇچى . تەشنالىق ئوتىدا تۇرۇۋاتقان شائىرنىڭ پاساھىتىگە نېمىلەر تەڭ كەلسۇن!؟ دەرۋەقە شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىك جەريانى كۆپ بولغىنىدەك ، ئۇ يېتىشتۈرگەن شائىرلارمۇ كۆپ بولدى . تۆۋەندە ئاشۇ شائىرلارنىڭ ئىچىدىكى ياش تالانتلىق شائىر غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم.

    مۇئەللىپ: ئەلۋەتتە ، ھەرقانداق يازغۇچى-شائىرنىڭ ئىجادىيەت يولىغا كىرىپ كېلىشىدە مۇئەييەن سەۋەب بولىدۇ . ئەنە ئاشۇ چاغ ھەربىر ئىجادىيەتچىنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن تۇنجى ئەسىرى يېزىلغان دەۋر بولىدۇ . سىز بۇ يولغا قەدەم باسقان چاغدىكى كەچۈرمىشلىرىڭىزنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟
    غوجىمۇھەممەت: مەن كىچىك ۋاقتىمدا كىتاب ئوقۇشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتىم . كېيىنچە ئوقۇغانلىرىمدىن خاتىرە قالدۇرىدىغان ، ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغان ئىشلار ھەققىدە كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان ئادەت يېتىلدۈرۈۋالدىم . بىر مەزگىل كۈندىلىك خاتىرە يېزىش بىلەن ئۆتتۈم ، شۇ چاغلاردا راستىنى ئېيتسام ، يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەر خىل گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنمەن . قىزىقىشىم ئاشقانسېرى ئۇيەر-بۇيەردىن تېپىۋالىدىغان ژۇرناللارنى ئوقۇيدىغان بولدۇم . قارىسام ، ژۇرنالدا بېرىلگەن ھېكايىلەر بىلەن يازمىلىرىمنىڭ شەكلى ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدىكەن ، مەندە ئەسەر ئەۋەتىپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى . خاتىرەمدىكى ئۆزۈمگە ئەرزىگەن نەرسىلەرنى كۆچۈرۈپلا ئەۋەتتىم . ئۇزۇن ئۆتمەي«شىنجاڭ ياشلىرى»ژۇرنىلىدا تۇنجى ھېكايەم ئېلان قىلىندى ھەمدە 58 يۈەن قەلەم ھەققىمۇ كەلدى . گەرچە مەن شۇ چاغدا ئەسەر ئېلان قىلىپ بېقىش نىيىتىدە بولغان بولساممۇ ، لېكىن قەلەم ھەققى شۇ ۋاقىتتىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىمغا نىسبەتەن ناھايىتى يۇقىرى پۇل ئىدى . مېنىڭ شۇ چاغدىكى مائاشىم 56 يۈەن بولغاچقا ، مەندە ئىقتىساد ھەۋىسى ئاستىدا ئەدەبىياتقا زور دەرىجىدە قىزىقىش پەيدا بولدى . كېيىن شېئىرمۇ يازدىم . بىر مەزگىلدىن كېيىن مەندە شېئىر ياكى ھېكايە يېزىش ئويى بولدى . مېنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالىمغا يېقىندىن باھا بېرىۋاتقان ئابلىكىم مۇساق: «سىز شېئىر يازسىڭىز بولىدىكەن» دېدى . بەلكىم شۇ چاغدا مېنىڭ شېئىرىيەتتىكى قابىلىيىتىم كۆزدە تۇتۇلغان بولسا كېرەك . مەن «يېڭى قاشتېشى»ژۇرنىلىدا خېلى ئەسەر ئېلان قىلغان ھەم ئىش ئورنۇم بىلەن تەھرىر بۆلۈم ئارىلىقى يېقىن تۇرغان تۇرۇقلۇق ، تەھرىر بۆلۈمىنى بىلمەيتتىم . گەرچە ئون نەچچە قېتىم ئىزدەپ بارغان بولساممۇ تاپالمىغانىدىم.
    مۇئەللىپ: «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 1-سانىدا سىزنى«007 پارچىگە يېقىن شېئىرى ئېلان قىلىندى» دەپ تونۇشتۇرغانىدى . ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە بىر بۆلۈك شېئىرلارنى ئېلان قىلدىڭىز . سىز دېمەتلىك شائىرلارغا نىسبەتەن بۇ زور سان . سىزنى بەزىلەر: «ھېچ ئىش قىلماي شېئىر يازىدىغان ئوخشايدۇ» دېيىشىدىكەن . بەلكىم بۇ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ كۆپلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك . ئەسەرلىرىڭىز سان جەھەتتىن كۆپ بولۇپلا قالماي ، سۈپەت جەھەتتىنمۇ خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ . سىزدىكى بۇ خىل شېئىرىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىدىن سۆيۈنۈش كېرەك . ئەسەرلىرىڭىزنىڭ كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالالىشىدىكى سەۋەبمۇ ، سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقىدا . سىز سان بىلەن سۈپەت ھەققىدە بىرنېمە دەپ بېرەمسىز؟
    غوجىمۇھەممەت: مەن ھەقىقەتەن نۇرغۇن شېئىرلارنى ئېلان قىلدىم ، لېكىن مەن شېئىردىكى ساننىڭ كۆپلۈكىنى ئۆزۈمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دەپ قارىمايمەن . بىر ئەدىبكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنى سۈپەت ، ياخشى يېزىلغان بىر ئەسەر يەنە بىر قانچىلىغان ئەسەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ تۇرالايدۇ . لېكىن ھەممىنى بىراقلا دەۋالىمەن دەپ پۇرسەت كۈتۈش ، ئۈزلۈكسىز غىدىقلىنىپ تۇرىدىغان شائىر روھىغا نىسبەتەن سىقىلىشتىن باشقىنى ئەكەلمەيدۇ . شۇنداق بولغانىكەن ، ئۆز-ئۆزىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا بوشاندۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك . قانداقتۇر شېئىر يازغاندا ساننىڭ ئەندىشىسىگە قېلىش ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ . شېئىرلىرىمنىڭ سان جەھەتتىن كۆپلۈكى مېنىڭ ئاچچىق قىسمەتكە تولغان روھىمنىڭ ھەربىر نۇقتىدىكى ئىنكاسىدۇر ھەم ساننىڭ كۆپ بولۇشى خالىغانچە دەۋالسا بولىدىغان ھادىسە ئەمەس . ئۇنىڭغا يەنە بىر ئەدىبنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشى ۋە ئىلمىي ئەمگىكى سىڭگەن بولىدۇ . ناۋادا ئاز يېزىپ ، ئاز ئېلان قىلدۇرغان بولساممۇ ھازىرقىدىنمۇ سۈپەتلىك ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يارىتالىغان بولسام ، بۇنى ھەقىقىي مۇۋەپپەقىيىتىم دەپ قارايتتىم . لېكىن مەن ئۇ سەۋىيىدىن خېلىلا يىراق.
    مۇئەللىپ: مەيلى بىز سىزنىڭ قايسى ئەسىرىڭىزنى ئوقۇمايلى ، ئۇنىڭدا شېئىرغا خاس ئۆزگىچە ئالاھىدىلىك بولۇش بىلەن بىرگە سىزنىڭ شېئىرغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت تۇيغىڭىزنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن . ئەلۋەتتە ، بۇ مۇھەببەت تۇيغۇسى ئاسانلىقچە قولغا كەلمەيدۇ . بۇ خىل مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئەمەلىي رېئاللىقتىن ئايرىپ قاراش ئاقىلانىلىق بولمىسا كېرەك؟
    غوجىمۇھەممەت: ئەلۋەتتە دۇنياغا تۆرەلگەن ھەربىر ئىنسان ياشىغانىكەن ، ھاياتىدا مەلۇم كەسىپ-مۇددىئا ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدۇ . ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ . بۇ ھەم رېئاللىقنىڭ تەقەززاسى ، ھەم ئادىمىيلىك ئېھتىياجى . بۇ نۇقتىدا مېنىڭ ئېتىقادىم-ھاياتىمنىڭ مۇھىم بىرقىسمى بولغان ، مېنىڭ ياشىشىمنى قىممەتكە ئىگە قىلىپ تۇرىدىغان يېزىقچىلىقلا بولىدىكەن ، ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئۆزۈمنى بېغىشلايمەن . كونىلاردا «جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس» دېگەن ھېكمەت بار . ئەلۋەتتە كۆزلىگەن ئېتىقاد ، نىشان ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ . ياشاشتىكى يادرو بولغان مەلۇم مۇددىئا-مەقسەت ئۈچۈن مەلۇم نەرسىلەردىن كېچىشكە ، ئۇنى قۇربان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . شۇنداق بولغانىكەن ، مەنمۇ بەزى قۇربان بېرىشلەردىن خالىي بولالمىدىم . مەن ئەزەلدىن ئېتىقادىم-ھاياتىم بولغان شېئىرىيەتكە ئاسىيلىق قىلمىدىم ، ئۆزۈمگە ئاسىيلىق قىلمىدىم . بۇ يەردە بەدەل تۆلەش ئانچە مۇھىم نەرسە ئەمەس . مەن ئاشۇ شېئىرلارغا ئۆزۈمنى بېغىشلىغان دەقىقىدىكى روھىيىتىمدىكى ئازاب-كەچمىشلىرىمنى ھەر خىل قېلىپلاردىن خالىي ئىپادىلەشكە تىرىشتىم...
    مۇئەللىپ: بۇ يەردە بەدەل تۆلەش توغرۇلۇق سۆزلەر بولۇندى . بەلكىم سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا نىسبەتەن بۇ گەپنى مۇنداقلا دەپ قويۇش ، ياكى چۈشىنىشكە بولمايدۇ . مېنىڭ قارىشىمچە ، سىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆلىگەن بەدەللىرىڭىزنى ھەقىقەتەن بىر ئەدىبنىڭ سەنئەتلىك ۋىجدانىي نۇقتىسىدىن تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ . ھەممىگە مەلۇم ، شېئىر رېئاللىقتىكى بارلىق شەكىل ، فورمۇلا ، يوسۇنلاردىن قۇتۇلۇشنى ، مەۋجۇت تەرتىپلەردىن خالىي ئىپادىلىنىش خاھىشىنى تەلەپ قىلىدۇ . شېئىر ئۈچۈن بەدەل تۆلەش تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھادىسە ، بۇ خىل روھىي ھالەت دەۋرىمىزگە كەلگەندە ئەڭ سۇس ھالەتكە چۈشۈپ قالدى . سىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆلىگەن بەدەللىرىڭىزنى سۆزلەپ بېرەلەرسىزمۇ؟
    غوجىمۇھەممەت: بۇ ۋاقىتتا نېمىنى سۆزلەي ، ئايالىم بىلەن بىر بالامنى يېتىم قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكىنىمنىمۇ ياكى تۇرمۇش ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي بېسىمنىمۇ؟ گەرچە مېنىڭ دەسلەپكى قىزىقىشىم ئىقتىساد ھەۋىسى ئاستىدا بولغان بولسىمۇ ، كېيىنچە ئىقتىسادنىڭ ۋەسۋەسىسىدىن تولۇق قۇتۇلۇپ چىقتىم . مەن تاكى توي قىلىپ بىر ئائىلىگە ئىگە بولغۇچە ئىقتىسادقا ئانچە قىزىقمىدىم ، توي قىلغاندىن كېيىن كۆز ئالدىمدا يېپيېڭى بىر دۇنيا كۆز ئاچتى . مەن بۇرۇن ئىجادىيەتكە بولغان زىيادە ھېرىسمەنلىك تۈپەيلىدىن بۇلارنى ئويلاشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەنىكەنمەن . مەن ئۆزۈمنىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن ئەمەلىي رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ ھاڭنىڭ بارلىقىنى سەزگەن ۋاقتىمدا ، مەن سەنئەت دۇنياسىدىن ماددىي مەئىشەت دۇنياسىغا كىرىشكە مەجبۇر بولدۇم . مەن يەككە-يېگانە ، قۇپقۇرۇق ئىدىم . ئىش ھەققىمنىڭ تۆۋەن بولۇشى بارا-بارا ئائىلىدە ئىقتىسادىي بېسىم تۈپەيلىدىن جېدەل-نىزالارنى ئەكەلگىلى تۇردى . بۇ ھالەت خېلى ئۇزۇن داۋاملاشتى . مەن يەنىلا ئاۋۋالقى ھالىتىمدە ياشاپ قېلىشنى خالايتتىم . ماددىي گادايلىق ئاخىر گېلىمنى بوغدى . مەن كەسكىن تاللاشقا دۇچ كەلدىم . مېنىڭ ئۆز روھىي دۇنيايىمدىن رېئال ئىجتىمائىي كىشىلەر توپىغا قېتىلىشقا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتەتتى . بىراق بىز چىقىشالمىدۇق ، زىددىيەت كۈچەيدى . ئاخىر بەش يىللىق چىقىشالماسلىق تۈپەيلى ئايالىمدىن ئاجرىشىپ كەتتىم . بۇلارنى بەدەل دېگىلى بولماس . مەن ھېچبولمىسا ئۆزۈمنىڭ ئورنىنى قايتا مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇندۇم.
    مۇئەللىپ: مۇشۇ يەردە مۇنۇ گەپنى قىستۇرغۇم كېلىۋاتىدۇ . سىزنىڭ ھازىرقى شېئىرلىرىڭىزدا تەسۋىرلەنگىنىدەك مۇقىم تۇرالغۇ ئۆيىڭىزنىڭ ، ئايالىڭىزنىڭ ، خىزمىتىڭىزنىڭ يوقلۇقى ھەققىدە ئاڭلىدىم . بۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجادىيىتىڭىزگە بولغان تەسىرى قانداق بولدى ، سىز ھەممىدىن ئايرىلىپ قالدىم دەپ قارامسىز؟ ئۇلار ئېلىپ كەلگەن پسىخىك بېسىم قانداق بولدى؟
    غوجىمۇھەممەت: بۇنىڭدىكى نۇرغۇن سەۋەبلەر ئەسلى ئۆزۈمدىن كېلىپ چىققان ، جەمئىيەتتىن ، باشقىلاردىن ئاغرىنىشقا ھېچقانداق ھەققىم يوق . چۈنكى مەن ياشىغانىكەنمەن ، ماددىي موھتاجلىق يەلكەمنى بېسىپ تۇرىدۇ . مەن بۇرۇن بۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلمىغانىدىم . يېزىقچىلىقنى بىردىنبىر نىشان قىلغانلىقىم ئۈچۈن مەندە جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالىدىغان ، يەككە-يېگانە يۈرۈشكە قىزىقىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالغانىدى . يۇقىرىدا سۆزلەنگىنىدەك ئايالىمدىن ئاجرىشىپ كېتىشىمدىكى سەۋەب ، بىر مەزگىل ئىجادىيەتكە بېرىلىپ كېتىپ ، مائاشقا قاراپ ياشاپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كېلىشەلمىگەنلىك سەۋەبىدىن بولدى . مېنىڭ ئىلگىرى يېزىقچىلىق ھاياتىم مۇھىم ئورۇندا تۇرغاچقا ، رېئاللىققا بولغان تونۇشۇم ناچار ئىدى . ئىش ھەققىنىڭ زىيادە تۆۋەنلىكى ، ئىشنىڭ ئېغىرلىقى ، روھىي بېسىم تۈپەيلى زاۋۇتتىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم . كېيىن ئىقتىساد بىر ئادەمنىڭ ھاياتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپلا قالماستىن ، بىر مىللەت تەقدىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىم . ئىقتىساد بىر مىللەتكە نىسبەتەن شېئىردەك ، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ئىكەن . ئىجادىيىتىمگە بولغان تەسىرى دېگەندە رېئاللىقتا يەككە-يېگانە قالدىم ، ھەممە ئىشتا ئۆزۈمگە تايىنىشقا توغرا كەلدى . تەبىئەتتىن ياتلىشىۋاتقان ئادەملەر توپىغا كىرىش ئۈچۈن تەبىئىي ئادەملىكتىن ئىجتىمائىي ئادەم تەرىپىگە يۈزلىنىش كېرەك بولغاچقا ، ئىلگىرىكى ھەممە نەرسەمنى شۇ يەردە قويۇپ قويۇشقا توغرا كەلدى . لېكىن بۇ ۋاقىتلىق ھادىسە ، مەن مۇقىم تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن ، يەنە ئۆزۈمنى تېپىۋالىمەن.
    مۇئەللىپ: شېئىرلىرىڭىز ھەقىقەتەن رېئال روھىي ھالىتىڭىزنىڭ ئىنكاسىمۇ؟
    غوجىمۇھەممەت: مەن ئەزەلدىن شېئىرىيەتكە ، ئۆزۈمگە ئاسىيلىق قىلمىدىم . شۇنداق بولغانىكەن ، مېنىڭ ئۆز قەلبىمنى ئاشكارىلاشقا ئۇرۇنۇشۇمدىن تۇغۇلغان تۈزىندىلەر -دەل ئاشۇ ئۆز-ئۆزۈمنى ئىزدەشنىڭ قىسمەتلىك جەريانى ، خالاس.
    مۇئەللىپ: سىزنىڭ شېئىرىڭىز مەزمۇن ياكى شەكىل جەھەتتىن ھەر خىل سۈنئىي بېزەكلەردىن خالىي . شېئىردىكى لىرىكىلىق كەيپىياتنىڭ چىنلىقى ھامان ئوقۇغان كىشىنى ئۆز دۇنياسىغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ . بۇ جەھەتتە نېمە دېيىش مۇمكىن؟
    غوجىمۇھەممەت: مەن ئۆز روھىيىتىمدىكى ئازاب-كەچمىشلەرنى ھەر خىل قېلىپلاردىن خالىي ئەركىن ئىپادىلەشكە تىرىشتىم . شېئىر يېزىۋاتقاندا مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىش-قىلالماسلىق بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىدىم . پەقەت ئۆزۈمنى ئاشكارىلاشقا ئۇرۇندۇم ، مەن تەبىئىيلىكنى ياقتۇرىمەن.
    مۇئەللىپ: شېئىرلىرىڭىزدا يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن ئۆلمەس ئوبرازلارنى ياراتتىڭىز . بۇ ئوبرازلار ئۆزىنىڭ ھەقىقەتپەرۋەرلىكى ، ئىنسانپەرۋەرلىكى ، مۇھەببەتپەرۋەرلىكى بىلەن يۈكسەك تەۋەككۈلچانلىق روھىنى بىرلەشتۈرگەن . بۇ ئوبرازلارنى رېئاللىقتىكى قاغجىراشنىڭ بەدىئىي خۇسۇستىكى ئىنكاسى دەپ چۈشەنسەك قانداق بولار؟
    غوجىمۇھەممەت: شېئىر يازىدىغان بۇرادەرلىرىم: «شېئىرلىرىڭىزدا رېئالىزملىق روھ كۈچلۈك» دېيىشىدىكەن . يازغان ھەربىر شېئىرىمدا مىللەت پسىخىكىسىدىكى ھەر خىل قاتلاملارنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشىمەن . لېكىن بۇنى ئىپادىلەش ئانچە ئاسان ئەمەس . ھەر خىل بەدىئىي ۋاسىتىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئارقىلىق دېمەكچى بولغان نەرسىلەرنى ئاشكارىلاشقا توغرا كېلىدۇ . دەرۋەقە مىللىتىمىزنىڭ روھىيەت پسىخىكىسىدىكى نورمالسىزلىق تۈپەيلى ئۈمىدسىزلىك ، چۈشكۈنلۈك ، زىيادە خىيالغا بېرىلىش ، ئۆزىنى بايقىيالماسلىقتەك روھىي پاجىئەلەر بېشىمىزدا ئۇچۇپ يۈرۈپتۇ . مېنىڭچە بولغاندا ، بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىنى تونۇش ، ئاندىن كۆز ئالدىدىكى مۇھىتقا تەدبىر ئىزدەش خاھىشى بولۇشى كېرەك . شېئىرلىرىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بايقىشىغا تۈرتكە بولسا ئەجەب ئەمەس . مىللىتىمىز پسىخىكىسىدىكى قاراملىق ، مىجەزىدىكى چۇسلۇق ، باتۇرلۇق ، ھەققانىيلىق قاتارلىق ئەركەكلىك ئامىللىرى بۈگۈنكى كۈندە بەلكىم ئۇنتۇلۇپ كەتتى . كىشىلەر ئەلۋەتتە ئۆز-ئۆزىنى تونۇشتا ئۆز تارىخىغا نەزەر سالىدۇ . ئەمدى ئەكس ئەتتۈرۈشتە تىل ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئادىتىم ، ھەر خىل روھىي كەچۈرمىشلىرىم ، ۋۇجۇدۇمدىكى غۇرۇر ئوتلىرى.. . ئاشۇلار بەلگىلىگەن بولسا كېرەك.
    مۇئەللىپ: ھەرقانداق بىر شائىر شېئىر ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن ۋە ئۆز قابىلىيىتىنى ، كېيىنكى ئورنىنى دەڭسەۋاتقان ۋاقىتتا كۆزگە كۆرۈنگەن ئىقتىدارلىق ئەدىبلەرنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتىدۇ ھەم ئىجادىيىتىگە مۇئەييەن تەسىرلەرنى قوبۇل قىلىدۇ . جۈملىدىن سىزمۇ ئىجادىيەت مۇساپىڭىزدە بۇ جەرياننى بېسىپ ئۆتكەن بولغاچقا ، بۇ ھەقتە سۆزلەش مۇھىم دەپ قارايمەن . بۇ ھەقتە ئىچكى سەرگۈزەشتىلىرىڭىزنى بىلىپ باققۇم بار.
    غوجىمۇھەممەت: ئەڭ دەسلەپتە بارماق ساناشتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن ، ئىمىن ئەھمىدىنىڭ شېئىرلىرى ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلدى . ئۇنىڭ «گۈلگۈن دالىلار» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇدۇم ھەم مۇئەييەن تەسىرلەرنى قوبۇل قىلدىم . ئۇنىڭدىن كېيىن بوغدا ئابدۇللا شېئىرلىرى مېنى بەدىئىي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن شېئىرىيەتنىڭ پەلسەپە ، تارىخ ، ئۆتمۈش ، رىۋايەت تۈسى بىرلىشىپ كەتكەن سىرلىق قەسىرىگە باشلاپ كىردى . ياش شائىرلاردىن ئەخمەتجان ئوسمان ، ئۆمەر مۇھەممەدئىمىن قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرى ئىجادىيىتىمگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن . بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇلارنى ئۇستازىم دەپ قارايمەن.
    مۇئەللىپ: شېئىرلىرىڭدا بىر خىل مەشرەپ روھى ، تەۋەككۈلچىلىك ، ئىسيانكارلىق ، ئەسەبىيلىك بار دەپ قارايمەن . سىزنىڭ بۇ خىل روھىي ھالەتنى تاللىشىڭىزنىڭ مۇئەييەن ئاساسى بارمۇ؟
    غوجىمۇھەممەت: مەن بۇ خىل روھنى ئەمەس ، بۇ خىل روھ مېنى تاللىغان بولسا كېرەك . بۇنداق دېيىشىمدە ، مەن ھەرقانداق شېئىر يازغىنىمدا مەشرەپ ئۇسلۇبىدا يازاي ، ئۇنداق يازاي ، بۇنداق يازاي دەپ ئويلىمايمەن . پەقەت ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇغانمەن . بەلكىم شۇ خىل روھ ئىجتىمائىي قىسمەتلىرىمگە بولغان قاراشلىرىمنى ئىپادىلەشتە مېنى شۇنداق تاللاشقا تەقەززا قىلغان بولسا كېرەك.
    مۇئەللىپ: شېئىرىڭىزنى ئوقۇغاندا ھەربىر كىتابخان بەدىئىي تالانتىڭىزغا قايىل بولماي قالمايدۇ ، ئەلۋەتتە . بەزىلەر سىزنى بۇ جەھەتتە مەلۇم پەللە ياراتقان دېيىشىدىكەن . سىز بۇ نۇقتىغا قانداق قارايسىز؟
    غوجىمۇھەممەت: شېئىر ئەدەبىياتنىڭ گۈلتاجى ، شېئىرىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ئۇنىڭ مەڭگۈ پەللىسى بولغان ئەمەس ھەم بولمايدۇ . پەللە ئۇقۇمىغا كەلسەك ، بەلكىم بىر ئەدىب ئىجادىيىتىدە بىرنەچچە ئۈزۈلۈش جەريانى بولۇشى مۇمكىن ، بىر خىل سەۋىيە بىلەن يەنە بىر خىل سەۋىيە ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن بوشلۇق ھاسىل بولىدۇ . مانا بۇ شائىرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىش جەريانى . ئادەم بىر خىل رەۋىشتە يېزىۋەرگەندىن كېيىن زېرىكىش تۇيغۇسى شەكىللىنىدۇ . شېئىر ئۇنى باشقىچە شەكىلگە كىرىشكە قىستايدۇ . شۇ نۇقتىدا شائىر بىر بالداق قاڭقىشقا توغرا كېلىدۇ . ئۇنىڭ تالاي ئارزۇسى پەللە بولۇشى مۇمكىن . مەن ئاقسۇ-كۇچا تەرەپلەرگە ئۆتتۈم ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسى ياخشى بولدى . لېكىن مەن بەدىئىي پەللە ياراتتىم دەپ قارىمايمەن ، ئەدەبىياتنىڭ چېكى بولمايدۇ . ئەدەبىيات ئىنسان روھى بىلەن تاشقى دۇنيانىڭ دىئالوگى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۇ ھەرقاچان يېڭىلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئىنسان ئاخىرلاشمايدىكەن ، تەبىئەت ، جەمئىيەت ئاخىرلاشمايدۇ . ئىنسان ھەرىكىتى ھامان ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىش بىلەن راۋاج تاپىدۇ . شۇڭلاشقا پەللە مەۋجۇت ئەمەس . ئادەم بىلەن تەبىئەت ، جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگنىڭ شەكلى ، مەزمۇنىدىن ئۆزگىرىش بىر نۇقتىدا تۇرۇۋېلىشنى ئانچە خالىمىسا كېرەك.
    مۇئەللىپ: ھازىرقى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىغا قانداق قارايسىز؟
    غوجىمۇھەممەت: مەن ئۆزۈمنى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا باھا بېرەلىگۈدەك لاياقەتكە ئىگە ئەمەس ، دەپ قارايمەن.
    مۇئەللىپ: ھازىر مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىۋاتقان شېئىرلىرىڭىز مەيلى سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن بولمىسۇن ، كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ . شېئىرلىرىڭىزنىڭ سەۋىيە جەھەتتىن يۇقىرىلىقى بىلەن بىرەر كىتاب چىقىرىشقا ئىمكانىيىتىڭىز بار ئىدى ، نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر ۋە ھەۋەسكارلار شېئىرلار توپلىمىڭىز بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . سىز بۇ ھەقتە بىرنېمە دەپ باقامسىز؟
    غوجىمۇھەممەت: ھەممىگە چۈشىنىشلىك ، بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ نەشرىيات  ئورۇنلىرى بازارغا يۈزلەندى . شۇنداق بولغانىكەن ، دەۋرىمىزدە مەلۇم ئىقتىسادىي كۈچ بولمىسا مەنىۋى ئەمگەكلىرىمىزنى كىتاب قىلىپ چىقىرىش خېلىلا قىيىن . بازار ئىگىلىكىگە يۈزلەنگەن نەشرىيات ئورۇنلىرى ۋە كىتاب سودىگەرلىرى خەلققە زۆرۈر بولغان ، تېز ياقىدىغان ، سېتىلىش دائىرىسى كەڭرەك بولغان بىرقىسىم ماقالە-تەرجىمە ئەسەرلىرىگە بەكرەك قىزىقىدىكەن . بۇنداق شارائىتتا شېئىر بىر چەتتە بوينىنى قىسىپ تۇرۇشقا مەجبۇر  بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ . شېئىرغا مەبلەغ سالىدىغان كىتاب سودىگەرلىرىنى ئۇچراتماق تەس . ھازىر خەلقىمىزنىڭ باشقا يازمىلارغا قارىغاندا شېئىرغا بولغان ئىستېمالى تۆۋەن ، يەنە بىر تەرەپتىن ، سودىگەرلەر تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ مەبلەغ سالالىغۇدەك دەرىجىدە ئىلگىرىلەپ كېتەلمىدىم ، دەپ قارايمەن.
    مۇئەللىپ: ھەممە ئادەمدە ئارزۇ بولىدۇ . ھاياتىڭىزدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش خىيالىدا بولۇپ باققانمۇ؟ بەلكىم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ مۇكەممەل تەربىيىگە ئىگە بولغان بولسىڭىز ھازىرقىدىنمۇ ياخشىراق يېزىشىڭىز مۇمكىنمىدى؟
    غوجىمۇھەممەت: راستىنى ئېيتسام ، كىممۇ ئۇنداق خىيالدا بولمايدۇ دەيسىز ، مېنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئوقۇغۇم بار ئىدى . لېكىن ئائىلە قىيىنچىلىقىمىز بولغاچقا ، بىر كەسىپ يولى تاللاشقا توغرا كەلدى . كېيىنچە ئالىي مەكتەپتە شائىر تەربىيىلىمەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەندىن كېيىن ، ئۆز-ئۆزۈمدىن قانائەتلىنىشكە باشلىدىم . دۇنيادا ئىككى كەسىپنىڭ ئۇستازى يوق ، بىرى شائىرلىق ، يەنە بىرى ئاشىقلىق . شېئىرىيەتتە ئۇستاز تۇتقىلى بولمايدىكەن . سىزدە مەلۇم تالانت بولغاندىلا ، ئاندىن شېئىرنىڭ پېشىنى تۇتالايسىز . ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغانلارنى ئېلىپ ئېيتساق ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شائىر بولۇپ كېتىشى ناتايىن . تەربىيە مەسىلىسىگە كەلسەك ، مەن ئۆزۈمدىن رازى بولماي قىينالغان چاغلىرىمدا مەكتەپ تەربىيىسىگە  ھەۋەس قىلغان ، بىر ئېتىقاد بىر مۇھەببەت بولمىسا ھەرقانداق مۇكەممەل تەربىيىمۇ جۇۋالدۇزدىن باشقا نەرسە بولمايدۇ . شائىرنىڭ ئەڭ ياخشى مەكتىپى ئۆز قەلبىدىن ئىبارەت . ئۆكۈنگەن چاغلىرىمنى ئېلىپ ئېيتسام ، شائىر شېئىر يېزىشنى بىلىپلا قالماستىن ، بەلكى تەبىئىي پەن بىلىمىگە ئىگە بولۇشى ئىنتايىن زۆرۈر . شائىرنىڭ يەنە ئىجتىمائىي پەن بىلىمى مول بولمىسا ، ئۇ شېئىر يازدىم دېگەنبىلەن ياخشى نەرسىلەرنى يازالمايدۇ . سىز مىللىتىڭىزنىڭ تىلى ، جۇغراپىيىسى ھەققىدە تونۇشىڭىز بولمىسا ، سىزنى مۇكەممەل ئەدىب دېگىلى بولمايدۇ . تەبىئىي پەن بىلەن شېئىرىيەتنىڭ زىچ باغلىنىشلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولدى . شېئىر تەبىئەت زېمىنىدا كۆكلەيدىكەن ، ئۇنىڭ ئاشۇ تەبىئەت توغرىسىدىكى تەبىئىي پەنلەر بىلەن چوقۇم قويۇق مۇناسىۋىتى بولىدۇ . بۇ پەقەت شېئىرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەنگەندىلا ئاندىن ئىشقا ئاشىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەدىبكە نىسبەتەن مۇكەممەل تارىخ ئىلمىنىڭ بولماسلىقى زور پاجىئەدۇر . بۇلارنى ھېس قىلغان ۋاقتىمدا ئاللىقاچان ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇپ تۇرمۇش قاينىمىغا كىرىپ قالغانىدىم.
    مۇئەللىپ: ئىككى يىلدىن بېرى بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەدىئىيلىك ، شەكىل جەھەتتىن بىرقەدەر يۇقىرى بولغان شېئىرلارنى ئېلان قىلدىڭىز . مەسىلەن ، «ئەرنىڭ ئىپپىتى» ، «ئوتتۇز ياش» ، «قۇم شەھەر» ، «جېنىمغىنە جېنىم ئامرىقىم».. . بۇنىڭغا بولغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسى قانداق بولدى؟
    غوجىمۇھەممەت: «ئوتتۇز ياش» ناملىق شېئىرىمنى ئوقۇغان بەزى يېقىنلىرىم ھازىرقى تۇرمۇش ئەھۋالىڭ ناھايىتى ياخشى ئەكس ئېتىپتۇ دېيىشتى . دەرۋەقە ھەقىقىي بىر ئەمەلىيەتنى ، تىپىك ۋەقەلەرنى لىرىك كەيپىياتتا ئىپادىلەش بىرقەدەر قىيىن . «جېنىمغنە جېنىم ئامرىقىم» شېئىرىم ھەققىدە ئوقۇرمەنلەردىن خەت تاپشۇرۇۋالدىم . «قۇم شەھەر» توغرىسىدىكى تىلدىكى ئەسەبىيلىك ، چېچىلاڭغۇلۇق تەرەپلەرنى رېئالنى روھىي كەيپىياتىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن.
    مۇئەللىپ: ھازىرمۇ بۇرۇنقىدەك شېئىر يېزىش ئىزچىللىقىڭىزنى ساقلاپ كېلىۋاتامسىز؟
    غوجىمۇھەممەت: شېئىر يازغان ۋاقتىمدا كەيپىياتقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىمەن . ھازىرچە مۇقىم تۇرالغۇم يوق ، شۇ سەۋەب ماكانسىزلىق تۈپەيلى كۆپ قىينىلىمەن . بەزىدە شېئىر يېزىش ئىشتىياقى مېنى قاتتىق چۇلغىۋالىدۇ . مەن تۇرمۇشتىن داۋاملىق ئىلھام ئىزلەيمەن ، شېئىر يېزىۋاتقان ۋاقتىم دەل ئىلھامدىن ئىلھام تۇغۇلۇۋاتقان مەزگىل بولۇشى مۇمكىن . ئومۇمەن ئېيتقاندا ، ماكانسىزلىق ئىزچىللىقىمنىڭ داۋاملىشىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ.
    مۇئەللىپ: سىز بىر چاغدا يازغان ھەرقانداق شېئىرىمنىڭ ھەربىر مىسراسى مۆھۈردەك ئېسىمدە قالىدۇ دېگەنىدىڭىز . مېنىڭچە ، ھەرقانداق شائىرنىڭ ئۆزىگە خاس ئادىتى بولىدۇ . سىز شېئىر يېزىش ئادىتىڭىزنى ۋە بۇ چاغدىكى روھىي ھالىتىڭىزنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟
    غوجىمۇھەممەت: شېئىر يېزىش ئادىتىمنى سورىسىڭىز ، كۆپىنچە كۈندۈزى يازىمەن ، كەچلىرى ياكى كېچىلىرى يازالمايمەن ، يازدىم دېگەندىمۇ بىر كېچە ئۇخلىماي چىقىشقا توغرا كېلىدۇ . شېئىر يازغاندا قانداقتۇر بۇرۇن ئويلىنىۋالىدىغان ئەھۋاللار يوق ، بۇنداق خاھىشقا كۆپىنچە ئىپادىلەشتە توسالغۇغا ئۇچراپ قالىمەن . شېئىر يازغۇم كەلگەن ۋاقىتتا ئالدىمغا بىر ۋاراق ئاق قەغەزنى ئەكېلىپ قويۇپ يادىمغا كەلگەن شەكىللەرنى سىزىمەن ، ھۆسنخەتلەرنى يازىمەن ، تۇيۇقسىز شېئىرغا بولغان تەقەززالىق مېنى قىستايدۇ . شۇندىلا پىكىرلەر چېچىلىپ چىقىشقا باشلايدۇ...
    مۇئەللىپ: بەدىئىي قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەر بىلەن ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە ئەسەرلەرنىڭ رولىغا قانداق قارايسىز؟
    غوجىمۇھەممەت: سەنئەت نۇقتىسىدىن چۈشەنگەندە ھەرقانداق ئەسەر ھەم بەدىئىي قىممەتكە ، ھەم ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە . ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دېھقانلارنىڭ نىسبىتى كۆپرەك ، زىيالىيلارنىڭ ساپاسى نىسبەتەن تۆۋەن ھەم ئىجتىمائىي قىممىتى بار ھەم بەدىئىي قىممىتى بار ئەسەرلەرنى يېزىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشمەك تەس . نەۋائىينى ئېلىپ ئېيتساق ، ئۇنىڭ ئون بەشىنچى ئەسىر ئەدەبىياتىدىكى پارلاق نامەيەندە ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز . ئۇ بىزگە نىسبەتەن بەش ئەسىردىن بېرى تېخى تولۇق ئېچىلمىغان سىر . چۈنكى ئۇ ساپ سەنئەت نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئەسەر يازغان . بىر ئەسەرنىڭ قىممىتىنى بايقاشتا سەنئەت نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنمىسا ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى مەلۇم بىر دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىش بىلەن چەكلىنىپ كېيىنچە تارىخقا ئايلىنىپ قالىدۇ . ئۇنىڭدىن ساپ سەنئەتنىڭ نۇرلىرىنى تېپىش قىيىنغا توختايدۇ.
    مۇئەللىپ: سىزنىڭچە كىشىلىرىمىز تەبىئەتتىن ياتلىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە تەبىئەت بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەش مۇھىممۇ؟
    غوجىمۇھەممەت: مېنىڭچە ، تەبىئەت دېگەندە تەبىئەت دۇنياسى ھەم ئىنسانلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بولغان تەبىئىيلىك كۆزدە تۇتۇلىدۇ . ئىنساننىڭ ئەسلى خاراكتېرىنىڭ تەبىئەت بىلەن ياتلىشىشى ، ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىدىن ياتلىشىشى زور پاجىئەدۇر . تەبىئەتتىكى ئېكولوگىيىنىڭ بۇزۇلۇشى ئادەمنىڭ روھىدىكى بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۈرۈمچىدە تۇرغان تۆتىنچى ئاي مەزگىلىدە مۇنداق تۆت نەرسىنى كۆرمىدىم ، بىرى ، قۇياش؛ بىرى ، بىر دانە قۇش ، بىرەر تۈپ گىياھ ، بىر سىقىم توپا . ئۈرۈمچىدە ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى كۆرەلمەسلىك ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس . بۇنىڭ ئۆزى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتتىن قانچىلىك ياتلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئۇلارنىڭ يۈرۈشى ، گەپ-سۆز ، ھەرىكىتى قاتارلىقلار پۈتۈنلەي مېخانىكىلاشقان ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى ، تەسەۋۋۇرى ئۆز ئوقىدىن ھالقىپ چىقالمايدۇ . چىرايلاردىكى چۈشكۈنلۈك ، سۇلغۇنلۇق ، بىتاقەتلىك ھالەتلىرى تەبىئەتتىن ياتلىشىشنىڭ ئىپادىسىدۇر . ئۇلار بىرنەرسىدىن خاتىرجەمسىزلىنىدۇ ، نېمىلەرنىدۇر ئىزدەيدۇ ، سېغىنىدۇ ، ئەمما تاپالمايدۇ . ئۇچۇر دەۋرىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېقىمىنىڭ تېز ، كۆڭۈلنىڭ قۇرغاق بولۇشى پەقەت ئەدەبىي ئەسەر ئارقىلىقلا ۋاقىتلىق داۋاغا ئېرىشەلەيدۇ.
    مۇئەللىپ: بەزى ئەسەرلەرنى تىل ئارقىلىق ئۇقۇپ ، كاللا ئارقىلىق تەپەككۇر قىلغىلى بولمايدۇ . ئۇنى پەقەت يۈرەك ئارقىلىق ئۇقۇپ ، يۈرەك ئارقىلىق چۈشەنگىلى بولىدۇ . بۇنداق ئەسەرلەرنى شەكىل-قېلىپلارغا سېلىپ ئۆلچىگىلى بولمايدۇ . بۇ نۇقتىدىن شېئىرنى چۈشىنىش مەسىلىسىگە قانداق قارايسىز؟
    غوجىمۇھەممەت: شېئىر مۇزىكىغا ئەڭ يېقىن نەرسە ، شېئىرنى چۈشىنىش ئەمەس ھېس قىلىش ئەڭ مۇھىم . چۈشىنىش كاللىدا بولىدۇ ، ھېس قىلىش يۈرەكتە ، مېنىڭ ئەسەرلىرىمنى تامامەن چۈشەنگەن بولسىڭىز ئۇنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشتى ، ئەمما سىزنىڭ قەلبىڭىزدە شۇ شېئىرغا بولغان قىزىقىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرسا شېئىر ياشىغان بولىدۇ . بەزى شېئىرلارنى ئوقۇپ ناھايىتى زور ھاياجانغا تولىسىز ، ئەمما ئۇ ھەقتە ھېچنېمە دېيەلمەيسىز . شېئىر سىزگە پۈتۈنلەي تەئەللۇق بولمىغاچقا سىزدە ئىنتىلىش مەۋجۇت.
    مۇئەللىپ: جەمئىيەتتە بەزىلەر يازغۇچى-شائىرلار ئۈستىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى . بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ، ئەدىبلەرنىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتى بىلەن ئۇنىڭ يازمىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر ئىكەن . سىز ئادەملىك پەزىلىتى بىلەن ئەدىبلىك بۇرچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە قانداق قارايسىز؟
    غوجىمۇھەممەت: يازغۇچى-شائىرلارمۇ ئاۋۋال ئادەم ، ئاندىن كېيىن ئەدىب ھېسابلىنىدۇ . لېكىن بۇ يەردە پەزىلەت مەسىلىسى مەۋجۇت . ئەدىبلەرنىڭ يازمىلىرىغا قارىسىڭىز ، ئۇلار رېئاللىقتىن ئۈستۈن ئۇلۇغۋار روھ بولۇپ تۇغۇلىدۇ . ئەمەلىيەت بىلەن يازما ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرقلەر بولىدۇ . دىنىي قاراشلاردا يازغۇچى-شائىرلارنى پەيغەمبەردىن قالسىلا ئەڭ ھۆرمەتكە لايىق كىشى دەپ قارايدىكەن . دەرۋەقە ئەدىبنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۇنىڭ يازمىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ . ئەدىبلەر رېئاللىقتىكى كىشىلەردىن بىرنەچچە دەرىجە يۇقىرى كۆز بىلەن مەسىلىلەرنى كۆرەلەيدىغان ، تەھلىل قىلالايدىغان بولغاچقا ، ئۇنىڭ يازمىلىرىدا مەلۇم ئىلغارلىق ، كۆزقاراشنىڭ بولۇشى تەبىئىي . بىزنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى بۈيۈك نامايەندىلەر ئۆزىنىڭ چىن ئەخلاقىي پەزىلىتى ، ئىنسانىي كامالىتى ، ئەسەرلىرىدىكى يۈكسەكلىك تۈپەيلى كۆڭۈل خانىمىزدا ھەقىقەتنىڭ نۇرىغا ئوخشاش چاقناپ تۇرىدۇ . ئۇلارنىڭ يازغان ئەسەرلىرى بىر قامۇس بولسا ، تىرىك ھاياتى بىر قامۇس ھېسابلىنىدۇ . بۈگۈىكى دۇنيا مۇرەككەپ ، ياشىغانىكەنسىز ئىجتىمائىي توپ ئىچىدىن ھالقىپ چىقالمايسىز . ئەدىبلەردىكى ئەخلاقىي پەزىلەت بىلەن يازمىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق رېئاللىقتىن ھالقىش-ھالقىيالماسلىقتىن كېلىپ چىققان . بۇ ئۇنداق ئوڭاي جەريان ئەمەس ، ھەرقانداق كىتابخان ئەدىبنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇپ مەلۇم تەسىرگە ئۇچرىغانىكەن ، ئەدىبنىڭ ھاياتىنى سۈرۈشتۈرۈش ھاجەتسىز . مېنىڭچە ، ئوقۇرمەن ئۆز-ئۆزىگە مۇستەقىل ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى كېرەك . يازغۇچى-شائىرلارمۇ رېئاللىقتىن ھالقىشى ، ئۆز تەشەببۇسىغا لايىق ئىش قىلىشى كېرەك.
    مۇئەللىپ: سىز شېئىر ئىجادىيىتىڭىزدىكى نەتىجىلىرىڭىز بىلەن بۇ سەپتە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولدىڭىز . بىر ئەدىبكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، تۇرمۇشنىڭ پايانى بولمايدۇ . شۇنداق بولغانىكەن ، نوقۇل بىرلا ژانىرنى تۇتقا قىلىش مەلۇم چەكلىمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ . سىزنىڭ شېئىرىيەت جەھەتتىكى قابىلىيىتىڭىزگە باشقىلار قايىل ، سىز يەنە باشقا ژانىرلاردا يېزىپ بېقىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
    غوجىمۇھەممەت: سىز تۇرمۇشنىڭ ھەر خىل قاتلاملىرىدا ياشىغانىكەنسىز ، ئۇنىڭدىن بەلگىلىك ئىجادىيەت ئوزۇقى ، روھىي ئېنېرگىيە ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ . دەرۋەقە ھەممە نەرسىنى بىرلا تىلدا ئىپادىلەيمەن دېيىش ئانچە ياخشى ئەمەس . شېئىرلىرىمنى ئېلىپ ئېيتساق ، ئۇ مېنىڭ ئەنە شۇ رېئاللىقنىڭ قاتلاملىرىنى ئاقتۇرۇپ مەنە ئىزدەۋاتقان ھالىتىمنىڭ تىپىك سىزمىسىدۇر . بىر ئەدىبكە نىسبەتەن ژانىر مەسىلىسى ئانچە مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى كىشىلەر قەلبىنى تەسىرلەندۈرەلىگۈدەك بىرنەرسە يېزىش.
    مۇئەللىپ: بۈگۈن ھەققىدە بىرنېمە دەپ باقامسىز؟
    غوجىمۇھەممەت: بىز ئۈچۈن بۈگۈندىنمۇ زۆرۈر نەرسە بولمىسا كېرەك . بىزنىڭ بۈگۈنىمىز گاڭگىراش ، سۈكۈت ۋە پسىخىكا جەھەتتىكى نورمالسىزلىق قاتارلىق روھىي ئامىللار ئارىسىدا ياشاۋېتىپتۇ . ھەرقانداق بىر قوۋم پەقەت ئۆز-ئۆزىنى بىلىش ئارقىلىقلا ئىقتىسادنى مۇستەھكەملىيەلەيدۇ . بىز ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە بىر دەۋر بولغان بۈگۈنكى زامان ئىقتىساد جەھەتتىكى يۈكسىلىش ۋە تاكامۇللۇقنى تەلەپ قىلىدۇ ، ئۇنداق بولمايدىكەن ، بىزنىڭ روھىمىز بىزنى تاشلاپ كېتىپ قالىدۇ.
    گەرچە بۇ سۆھبەتلەر قىسمەتلىك شائىرنىڭ رېئال دۇنياسى ، روھىي كەچۈرمىشلىرى ، شېئىرىيەت قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ ، ئوقۇرمەنلەرگە شائىرنىڭ شېئىرلىرى توغرىسىدا ئىككى ئېغىز سۆز قىلىشنى لايىق تاپتىم . ئۇدۇللا قىلىپ ئېيتقاندا ، شائىرنىڭ شېئىر ئالاھىدىلىكى ۋە بەدىئىي تالانتىنى مۇنۇ نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن.
    1( مەدەنىيەت قاتلىمى . بۇ نۇقتا شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئۆزگىچە جۇلالانغان بولۇپ ، شائىرنىڭ شېئىرلىرى يىراق ئات ئۈستى مەدەنىيىتىنىمۇ ھەم تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەل ئەپسانىلىرىنىمۇ ، يىراق شامانىزم ئېتىقادىدىن يېقىنقى زامان تەسەۋۇپ پەلسەپىسى شەكىللەندۈرگەن ئىجتىمائىي قاتلاملارنىمۇ ئۆزىگە مەنبە قىلغان . ئۇنىڭ شېئىرلىرى روشەن خاسلىققا ئىگە بولۇپ ، باتۇرلۇق ، قاراملىق ، ياۋايىلىق ، شۇنداقلا چۇس مىجەز بىرلىشىپ كەتكەن سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان گۈزەل دۇنياغا قاراپ ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقان شائىر بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزگە قاراپ ئۈنلۈك نىدا قىلىدۇ . ئۇنىڭ شېئىرلىرى شېئىرىي مۇھىتنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە ھازىرقى زامان رېئال قىسمىتى بىلەن كېسىشىش ھاسىل قىلغان بولۇپ ، ئۇ بىزنى ئاجايىپ قىممەتلىك ھاياجانغا ۋە گۈزەل ئەستىلىكلەرگە سېلىش بىلەن بىرگە ھەسرەتلىك خىيالغا تاشلايدۇ . ھاياتىيلىق بىزنىڭ ئەجدادلار روھىغا بولغان سېغىنىش تۇيغۇمىزنىڭ تىپىك نامايەندىسى . بوغدا ئابدۇللا ئېيتقاندەك: «شېئىرنىڭ ئەڭ يۈكسەك مەقسىتى شۇ خەلق ، شۇ مىللەت روھىنى داۋاملاشتۇرۇش» . ئۇنىڭ شېئىردا ئىپادىلەنگەن قەدىمىي روھ مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن.
    2( تەپەككۇر قاتلىمى . شائىرنىڭ تىلىنىڭ ئۆزگىچە ، شەكلىنىڭ رەڭدار ، مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى دەل ئۇنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرىنىڭ نەتىجىسىدۇر . شېئىرلاردا ھېسسىيات بىلەن ئەمەلىيەت ، ئەقىل بىلەن ئىلاھىيەتنىڭ دىئالوگى شېئىرنىڭ ئۆزىگە خاس دۇنيا بولۇپ يارىلىشىدا مۇھىم قىممەتكە ئىگە . شېئىردا تۇيغۇ بىلەن ئەمەلىيەت بىر-بىرىگە قوشۇلۇپ كېتىدۇ ، تەسىر كۆرسىتىدۇ ، يېڭىۋاشتىن باشقىچە ھالەتتە تۇغۇلىدۇ . شېئىردىكى تەپەككۇرنىڭ قاتلاملىق بولۇشى شائىر روھىيىتىنىڭ ئەركىن ، ئازادىلىكىنى بېشارەتلەپ بەردى . ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت بىلەن سۇبيېكتىپ قىسمەت شائىر تەسەۋۋۇرىنىڭ كىشى ھېس قىلماس دەرىجىدىكى ئەپسانىۋى ھالىتىدە ئۆز-ئۆزىنى يۈگەنسىز ھالدا ئىپادە قىلدى . بۇ خىل گۈزەللىك شائىرنىڭ تەۋۈككۈلچىلىك بىلەن تولغان روھىيىتىگە يۈكسەكلىك ئاتا قىلدى . ئۇ بۈگۈنكى يۈكسەك دەرىجىدە ئىجتىمائىيلاشقان زامانىۋى جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرنى تەبىئىي ئادەمنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈپ ، ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆلچەپ ، سۆزى بىلەن ئاڭلاپ تەبىئىي ئادەم )تەبىئىي روھ( ئالىمىدىكى گۈزەللىكنى نامايان قىلىدۇ . ئۇ شېئىرلاردا ئەنە شۇ تەبىئىي ئادەم بىلەن ئىجتىمائىي ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەڭ ياخشى بىرتەرەپ قىلغان شائىردۇر.
    3( ئاشىقلىق ئېڭى . مەشۇقىغا بولغان تەشنالىق شائىرنىڭ رېئالنى ھالىتىدىن تاكى تەسەۋۋۇر ئالىمىگىچە سوزۇلغان بولۇپ ، شېئىردا بۇ نۇقتا ناھايىتى كەڭرى قويۇۋېتىلگەن . مىسرالار ئارىسىدىن نېمىگىدۇر تەلپۈنۈش ، نېمىگىدۇر زارىقىش ئوتى شېئىرىي ئوبرازلارنى غىدىقلاپ سۆزلەشكە ، ھەرىكەت قىلىشقا تەقەززا قىلىدۇ . ھاياتىدىن ھالقىشتەك بۈيۈك مەقسەتنى ئورۇنلاۋاتقان شائىرنىڭ قىسمەتلىك پاجىئەسى ئەڭ گۈزەل تراگېدىيىلىك ئاڭنى پەيدا قىلىدۇ . تراگېدىيىلىك ئاڭدىن ئىبارەت بۇ ئېستېتىك ۋەسۋەسىنىڭ قېنىشى شائىر روھىنى ئەنە شۇنداق دەردكە مۇپتىلا قىلغان ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ھەربىر سۈكۈت ، ھەربىر تەنھالىق ، ھەربىر غېرىبلىق ئوقۇرمەنلەرنى ئۈزلۈكسىز ئويلىنىشقا ، تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدۇ . شېئىردىكى ئاشىقلىق ئېڭى خەلقىمىزنىڭ يىراق قەھرىمانلىق پسىخىكىسىنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان . ئۇ ۋىسالغا يېتىش ئۈچۈن ھەرقانداق نەرسىنى بۇزۇشنى ، ھەرقانداق قاراملىقلارنى قىلىشتىن نۆۋىتى كەلگەندە ئۆز ھاياتىنى مۇھەببىتىگە ئاتاشتىن يانمايدۇ . مىسرالاردىكى ئېتىقاد ، ئىنسانىي قىممەت ئۈچۈن تۆكۈلگەن ھەر تامچە ياش ، ھەر تامچە قان قاغجىراپ كەتكەن قەلب ئېتىزىمىزغا باشلاشنى تەلەپ قىلىدۇ . ئاشىقلىق دېمەك شېئىرىيەت دېمەكتۇر.
    شۇنداق ، دۇنيادا شائىردىن ئىبارەت بىر قامۇس بار . بۇ قامۇسقا دۇنيانىڭ ھېكمىتى ، ئىنسانىيەتنىڭ قىسمىتى خاتىرىلەنگەن بولىدۇ . دۇنيا شائىرنى يەككە-يېگانىلىققا قىستايدۇ ، ۋەھالەنكى ، شائىردا ئاشىقلىق ئوتى بار . دۇنيا شائىرنى ئۆز قەلبىدىن چىقىشقا يول قويمايدۇ ، مۇھىمى ئۇنىڭ ھالاكىتىنى ياقتۇرىدۇ . ۋەھالەنكى ، شائىردا ھالاكەتتىن كېيىنكى  تىرىلىش بار . تەدبىركار دۇنيا ھەممە نەرسىنىڭ ئىپپىتىنى بۇزىدۇ ، شائىرنى مۇھەببەت كۈچىدىن مەھرۇم قىلىدۇ . ۋەھالەنكى ، شائىردا تەڭرىنىڭ گۈزەللىكىگە بولغان تىۋىنىشى بار . دۇنيا شائىرنى ئۆز ھوقۇقىدىن كېچىشكە مەجبۇر قىلىدۇ ، ۋەھالەنكى ، شائىردا ئەركىنلىكتىن ھالقىغان مەجبۇرىيەت بار...
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.