ئارالچە مەدەنىيەت ۋە ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا(ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى)

يوللىغۇچى : Berqi يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-30 09:33:04

ئارالچە مەدەنىيەت ۋە ئېچىۋېتىلگەن دۇنيائابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى -خانىملار ، ئەپەندىلەر! بۈگۈن سىلەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىم ۋە مۇشۇنداق بىر سورۇندا سىلەر بىلەن سۆھبەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىش...

    ئارالچە مەدەنىيەت ۋە ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا
    ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى

     

       -خانىملار ، ئەپەندىلەر!
      بۈگۈن سىلەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىم ۋە مۇشۇنداق بىر سورۇندا سىلەر بىلەن سۆھبەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن. مەن بۈگۈن سىلەرگە  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى ۋە بۇ يەردىكى مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات ھەققىدە بەزى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزمەكچىمەن.

       جۇغراپىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى يۈز يىل ئىلگىرى بىر ئارال ئىدى. قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسى ، تەڭرىتاغ تىزمىسى، ئالتاي تاغ تىزمىسى بۇ زىمىننى مەھكەم قورشاپ تاشقى دۇنيادىن ئايرىپ تۇراتتى. تارىم ئويمانلىقى ۋە جوڭغار ئويمانلىقى بۇ زىمىننى خورجۇننىڭ ئىككى پېيىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. بۇيەردىكى خەلق ھالاكەت دېڭىزى تەكلىماكان ۋە ئەتراپتىكى قاقاس تاغلارنىڭ ئارىسىدا قىستىلىپ ھاياتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. بىر بوستان بىلەن يەنە بىر بوستانلىقنىڭ ئارىسىنى چۆللەر ئايرىپ تۇراتتى. شۇ دەۋر قاتناش قوراللىرىغا تايىنىپ يەنە بىر بوستانلىققا ئۆتۈش ياكى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىش ئىنتايىن مۈشكۈل بىر ئىش ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئالاھىدىلىككە ئېگە بوستانلىق مەدەنىيىتى شەكىللەنگەن ئىدى. بۇ چۆل ۋە قاقاس تاغ ئارىسىدىكى بوستانلىق قالاق قاتناش ۋاستىسى تۈپەيلىدىن ئاراللىق ئالاھىدىلىك شەكىللەندۈرگەن ئىدى. قالاق قاتناش قورالى بىلەن ئادەملەرنىڭ تەسەۋۋۇرى بۇ ئارالچە مەدەنىيەتنى دۇنيا بىلەن باغلاپ تۇراتتى. دۇنيانىڭ بۇ يەرگە كەلمىكى شۇنچە قىيىن بولسا بۇ ئارالچە مەدەنىيەتنىڭ پۇقرالىرىنىڭ باشقا يەرگە چىقمىقى شۇنچە تەس ئىدى. خوتەندىن ئۈرۈمچى ئارىلىقى ئاتلىق ماڭغۇچىلار ئۈچۈن كەم دېگەندە ئىككى ئايلىق يول ئىدى.

       ئارىدىن يۈز يىل ئۆتتى. بۇ ئارالچە مەدەنىيەت ئەندىزىسىگە ئېگە رايۇن قاتناش ۋە ئالاقە ۋاستىسىنىڭ يۈكسەك ئۇتۇقلىرىدىن مەنپەئەتلىنىپ دۇنيا بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېگە بولدى. ئايرۇپىلان ، ماشىنا ، رادىيۇ ، تېلىۋۇزۇر ، ئېنتېرنىت قاتارلىق ۋاستىلەر بۇ رايۇننى دۇنيا بىلەن مەھكەم باغلىدى. جۇغراپىيە نوقتىسىدىكى ئارالچە ئالاھىدىلىك ئۆتمۈشكە ئايلاندى. لېكىن بۇ رايۇننىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئارالچە ئالاھىدىلىكى تېخى ئاخىرلاشمىدى.

        ئىلغار ئالاقە ۋاستىسى بۇ كىشىلەرنى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىش پۇرستىگە ئېگە قىلدى. ئەدەبىياتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەدەبىيات نوقتسىدىن پىكىر قىلسام بۇ رايۇندىكى ئەدەبىيات ئىخلاسمەنلىرى ئۇچۇر تېخنىكسىى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتلەرنىڭ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى نەتىجىسىدە دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار ئەدەبىيات يېڭىلىقلىرى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا ئۇچرىشالايدىغان بولدى. 2009-يىلى گېرمانىيە ئايال يازغۇچىسى خېتا مىللېر نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە كىشىلەر بۇ خەۋەردىن تېلىۋۇزۇر ئارقىلىق بىر كۈن ئۆتمەي خەۋەر تاپتى. چەتئەل تىلىدىن خەۋەردارلار ئېنتېرنىت ئارقىلىق شۇ كۈنىلا خېتا مېللىرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچراشتى. ھەتتا مەتبۇئاتلىرىمىز نەچچە ئاي ئۆتمەي خېتا مىللېرنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇرمەن بىلەن ئۇچراشتۇردى.

       لېكىن شۇنداقتىمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ ئارالچە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى يەنىلا يوقالمىدى. ئەمدى بۇ يەردىكى ئارالچە ئالاھىدىلىك  بۇ رايۇنغا كىرىدىغان ئۇچۇر بىلەن چىقىدىغان ئۇچۇرنىڭ تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى تۈپەيلىدىن باشقىچە تۈس ئالدى. ئۇچۇرنىڭ بۇ رايۇنغا باستۇرۇپ كىرىشىدە ئارالچە ئالاھىدىلىك پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى. لېكىن بۇ رايۇندىن چىقىدىغان ئۇچۇرنىڭ ئېقىم مىقدارى كىرىدىغان ئۇچۇرنىڭ ئېقىم مىقدارىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىپ ئۇچۇر چىقىرىشتا ئارالچە ئالاھىدىلىك ھازىرمۇ ساقلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ.

       بۇلتۇر خەلقىمىز خېتا مېللېرنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ئالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ھەتتا ئەدەبىياتقا ئائىت يەنە نۇرغۇن ئىشلاردىن خەۋەر تاپتى. لېكىن دۇنياچۇ ؟بۇلتۇر بۇ رايۇننىڭ ئەدەبىياتىدا قانداق ئەسەرلەر نەشىر قىلىندى؟مەمتىمىن ھوشۇر ، ئەختەم ئۆمەر ، نۇرمۇھەممەت توختى قاتارلىق چېگرا ئاتلاشنىڭ ماددى مەنىۋىي ئاساسلىرىنى ھازىرلىغان نۇرغۇن شىنجاڭلىق يازغۇچىنىڭ بۇلتۇرقى قەدەم ئىزلىرى ھەققىدە دۇنيا بىرەر ئۇچۇرغا ئېرىشتىمۇ؟

        ئارالچە مەدەنىيەتنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن چېگرالار بۇزۇلىشى كېرەك. ھازىر كىرىدىغان چېگرا بۇزۇلدى. لېكىن چىقىدىغان چېگرا بۇزۇلمىدى. تىل توسالغۇسى ۋە بۇ «ئارال» ئۇچۇرلىرىنى دۇنياغا يەتكۈزۈش رولىنى ئۆتەيدىغان پونكىسسىيەلىك ئورگانلارنىڭ ئۆز خىزمىتىنى مۇكەممەل ئادا قىلالماسلىقى تۈپەيلىدىن ھېلىمۇ بۇ رايۇننىڭ ئەدەبىياتى دۇنياغا –ھەتتا جوڭگۇنىڭ باشقا رايۇنلىرىغا كەڭ كۆلەمدە تونۇشتۇرۇلمايۋاتىدۇ.

       مەن مۇشۇ خىياللارنى سۈرۈشكە باشلىغاندا بۇ رايۇننىڭ دۇنياغا –بولۇپمۇ جوڭگۇنىڭ باشقا رايۇنلىرىغا ئەدەبىيات ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىشىدا چۈمۈلىگە ئوخشاش پىداكارلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»ژورنىلى كېلىدۇ. جوڭگۇدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى خەنزۇ تىللىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناۋاتقان بۇ ژورنال كۆڭلۈمنى سۆيۈندۈرىدۇ.

       بۇلتۇر بۇ ژورنال بىر چوڭ ئىش قىلدى. مىللەتلەر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ئىشلەپ جوڭگۇدىكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرىدىغان كۆۋرۈك ھاسىل قىلدى. بۇ بىر قۇرۇلۇش، مەدھىيلەشكە ئەرزىيدىغان قۇرۇلۇش.

       لېكىن مەن ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قەلەمكەش بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇنداق ئويلايمەن:ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جوڭگۇ ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئالاھىدە پۇراققا ئېگە بىر گۈل. لېكىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ دۇنياغا ئۇچۇر چىقىرىشتا ھېلىمۇ بۇزۇلمىغان ئارالچە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى بۇ ئۆزگىچە گۈلنىڭ خوشپۇرىقىنى جوڭگۇدىكى باشقا تىللىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇشنىڭ توسالغۇسى بولۇپ يېتىپتۇ. بۇ كۈنسىرى قۇدرەت تېپىۋاتقان جوڭگۇنىڭ بۈگۈنكى رىياللىقى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەپسۇسلىنىشقا تېگىشلىك چوڭ ئىش. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزگىچە خوشپۇرىقىدىن قانغۇدەك بەھىرلىنەلمەيۋاتقان باشقا مىللەت ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈنمۇ ئەپسۇسلانغۇدەك ئىش. ناۋادا بىر كۈنلىرى جوڭگۇدىكى باشقا مىللەت ئوقۇرمەنلىرى ئۇيغۇر يازغۇچىسى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئېسىل ھىكايىللىرىنىڭ ۋايىغا يەتكەن تەرجىمىللىرى بىلەن ئۇچراشسا ھىكايىچىلىقتا دۇنيا ھېكايىچىلىقىنىڭ پادىشاھى دەپ ئاتالغان مۇپاسسان ، چېخوپ ، كېيىنكى دەۋردىكى ئەزىز نەسىنلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ئەرزىيدىغان ، ھەتتا ئۇلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرالايدىغان بۇ يازغۇچىنىڭ بەدىئىي دۇنياسىدىن قانغۇچە زوقلىنالايتتى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ رومانلىرىدىكى ئۆزگىچە قۇرۇلما ، زوردۇن سابىرنىڭ رومانلىرىدىكى چوڭقۇر سەنئەت قاتلىمى، ئەختەم ئۆمەرنىڭ پوۋىستلىرىدىكى تراگىدىيەلىك چوڭقۇرلۇق ئۇلارنىڭ روھىيەت دۇنياسىدا زىل-زىلە قوزغايتتى.
        بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قارىماققا گۈدەك، لېكىن نۇرغۇن سىرلار تولۇپ ياتقان ، ئۆزىگە خاس تەمگە ئېگە بىر ئەدەبىيات. مانا مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ ئەدەبىياتنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ دۇنياغا تارقىلالماسلىقى ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئەدەبىيات ئاشنالىرىنىڭ بۇ ئېسىل ئەدەبىياتنىڭ دۇردانىلىرى بىلەن ئۇچرىشالماسلىقى دۇنيا ئۇچۇر تاش يولى دەۋرىگە قەدەم قويغان چاغدىكى بىر تراگىدىيە خالاس.

        مېنىڭچە جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمىيىتى ، مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەھرىر بۆلۈمى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت بۇندىن كېيىن بۇ خىل دەۋر تەقەززاسىنى تېخىمۇ ھىس قىلىدۇ. مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژورنىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنيا بىلەن ئۇچراشتۇرۇشتىكى كۆزنەكلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرىدۇ. بۈگۈن بىز ئىلغار قاتناش ۋە ئۇچۇر ۋاستىللىرى ئارقىلىق دۇنيا بىلەن ئۇچراشتۇق . كىرىدىغان ئۇچۇر نوقتىسىدا رايۇنىمىزنىڭ ئارالچە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى يوقۇلۇشقا يۈز تۇتتى. لېكىن ئۇچۇر چىقىرىشتا بىز تېخى ئارالچە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىدىن تېخى قۇتۇلالمىدۇق. بىز بۈگۈن ئەدەبىياتىمىز ئارقىلىق دۇنيا بىلەن دىيالۇگ ھاسىل قىلىشقا ، ئۆزىمىزنىڭ بەدىئىي تەپەككۈرىنىڭ ئەڭ ئېسىل مىۋىلىرىنى دۇنيا بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا ، ئۆزىمىز ماددىي –مەدەنىيەت ، ئەدەبىيات ھەققىدىكى سادالىرىمىزنى ، يۈرەك سۆزلىرىمىزنى دۇنيا بىلەن ئۇچراشتۇرۇشقا مۇھتاج.

    كۆپچىلىككە رەھمەت!

    مەزكۇر ئەسەر«شىنجاڭ يازغۇچىلار، ئەدەبىي تەرجىمانلار سۆھبەت يىغىنى» دا ئوقۇلغان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.