مەن، سەن، ئۇ (ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن سۆھبەت)

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-23 18:42:12

مەن، سەن، ئۇ (ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن سۆھبەت)· غالىب مۇھەممەت قارلۇق(شائىر، ئەدەبىياتشۇناس، پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن سۆھبەت)غالىب مۇھەممەت قارلۇق: ئابدۇقادىر ئاكا، ئىخلاسمەنلىك...

    مەن، سەن، ئۇ (ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن سۆھبەت)

    ·          

    غالىب مۇھەممەت قارلۇق

    (شائىر، ئەدەبىياتشۇناس، پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن بىلەن سۆھبەت)

     

    غالىب مۇھەممەت قارلۇق: ئابدۇقادىر ئاكا، ئىخلاسمەنلىك مېنى سىزنىڭ ھۇزۇرىڭىزغا باشلاپ كەلدى. بۇ سىزنىڭ ئىجادىيەت ۋە ئىزدىنىش ئەمگەكلىرىڭىزنىڭ تەسىرى. شۇڭا  بىرقىسىم مەسىلىلەردە سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقسام دەيمەن... سىز ئىجادىيىتىڭىزدە بىردىنلا «بۇرۇلۇش» ياساپ، پەرىشان شېئىرلارنى يېزىشتىن جەمئىيەت تەنقىدىگە مايىل مۇلاھىزە ماقالىلەرنى يېزىشقا ئۆتۈپ، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ زور ئىناۋەت ۋە شۆھرەت تاپتىڭىز. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېڭىچە بىر ئويلىنىشنىڭ ئوت پىلتىسىنى ياقتىڭىز. ئەينى ۋاقىتتا سىزدىكى مۇشۇ خىل «بۇرۇلۇش»قا تۈرتكە بولغان ئامىللار ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

    ئابدۇقادىر جالالىدىن: سىز «بۇرۇلۇش» گېپىنى قىلدىڭىز، سۆزىڭىزدىن قارىغاندا، ژانىرنى كۆزدە تۇتقاندەك قىلىسىز. راستىنى دېگەندە، ئۇ مەندىكى بۇرۇلۇش ئەمەس، بەلكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ زوقىدىكى بۇرۇلۇش. كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەتراپىنى مۇھاكىمىلىك كۆز بىلەن كۆزىتىشكە، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھالىتىنى ئەقلىي نۇقتىدىن چۈشىنىشكە ئۆتۈشنىڭ تەقەززالىرىنى ھېس قىلغان بولسا كېرەك. كىشىلەر مېنىڭ بەزى پىكىرىي ماقالىلىرىمنى قارشى ئالدى، كىشىلەرنىڭ زوقى مېنى بەلگىلىك دەرىجىدە يېتەكلىدى، پىكىرىي ئەسەرلەر ژۇرناللارنىڭمۇ قىزىق نۇقتىسى بولدى. لېكىن، مەن لىرىك ھاياتىمنى داۋام قىلىۋەردىم. ناۋادا ئىجادىيىتىمدىكى شۇ ھادىسىلەرنى «بۇرۇلۇش» دەپ قارىسىڭىز، بۇنىڭدىكى ئاساىسي سەۋەبنى كىتابخانلىرىمنىڭ ماڭا بولغان ئىزھار زوقىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن باغلاپ جاۋاب بېرىمەن.

    غالىب مۇھەممەت قارلۇق: سىز بىرقىسىم ماقالىلىرىڭىزدا بىزدە ئىجتىمائىي پەنچىلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكى، تەبىئىي پەن ساھەسىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكى، شۇڭا تەبىئىي پەن ساھەسىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ جىددىي زۆرۈرلۈكى ھەققىدە توختالغانىدىڭىز. ئۇنداقتا ئۆزىڭىزمۇ ئەينى چاغدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ فىزىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغاندا، نېمە ئۈچۈن تەبىئىي پەنگە مەنسۇپ بولغان فىزىكىدا ئوقۇماي، ئىجتىمائىي پەن ساھەسى بولغان «ئەدەبىيات» كەسپىدە ئوقۇدىڭىز؟

    ئا. جالالىدىن: مەن ئەينى ۋاقىتتىكى شارائىتىم ۋە سىنىپىمغا نىسبەتەن تەبىئىي پەندە ياخشى ئوقۇغان ئىدىم. مەندە فىزىكا ساھەسىگە دائىر ساددا، لېكىن بۈيۈك غايىلەر بار ئىدى. بىر قېتىملىق تەجرىبە دەرسىدە بىر ئۈسكۈنىنى تۇتۇۋىدىم، ئوقۇتقۇچى: «ئۇكام، ئۇ خالىغانچە تۇتىدىغان نەرسە ئەمەس» دېۋىدى، بۇ گەپ بەك كۆڭلۈمگە كەلدى. مەكتەپنىڭ تەجرىبە شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، مېنىڭ بىر نېمىلەرنى تەجرىبە قىلىش ئۈمىدىم سۇغا چىلاشتى. ھەدېسىلا ھېسابلاش، ئىسپاتلاش دېگەنلەر دەرسىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئىدى. ئىلگىرى ھەددىدىن زىيادە غايىپەرەس بولسام كېرەك، ئالىي مەكتەپنىڭ شارائىتىنى بەك يۇقىرى مۆلچەرلىۋەتكەن ئىكەنمەن. بىراق، ئوڭۇشسز رېئاللىق مېنىڭ كەلگۈسىدە راۋۇرۇس ئىش قىلىش نىيىتىمنى قېقىۋەتكەندەك بولدى. شۇ ھالدا فىزىكىدا ئوقۇپ نېمە قىلارمەن؟ دېگەن نىيەتكە كەلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئالىي مەكتەپكە كىرىپ دەل ئۈچ ئاي بولغاندا ئەدەبىياتقا ئالمىشىپ كەتتىم. مانا ئەمدى مەن ئۇنىڭ غۇبارسىز بىر يۈرەك بولسىلا كۇپايە بولىدىغان بىر ساھە بولماستىن، پىتنە ۋە ھەسەتكە چىدايدىغان ئىممۇنىتېتنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان ساھە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدىم. ئۇنىڭ شۆھرىتى ماغزاپتەك جىلۋە قىلىدۇ، ئەمما ئىچىدە ھېچنېمە يوق. تۆلەيدىغان روھىي بەدەلنىڭ چېكى يوق. فىزىكىدا ئوبدان ئىش قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇش كېرەك بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا «چەتئەلدە ئوقۇش» دېگەن گەپنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق. ھازىر ئويلىسام، ئەدەبىياتتا ئوقۇپ توغرا قىلغاندەكمۇ تۇيغۇدا بولىمەن. خۇددى ئامېرىكا شائىرى رۇبېرت فىرۇست ئېيتقاندەك، مېڭىلمىغان يوللار ئۆزىنىڭ نامەلۇملۇقى بىلەن سېھىرلىك ۋە جەلپكار بولىدۇ. كىشلىك ھاياتتىكى نۇرغۇن تاللاشلار ھەسرەتلىك بولىدۇ.

    تەبىئىي پەنچىلەر بىلەن ئىجتىمائىي پەنچىلەرنىڭ نىسبىتىگە كەلسەك، بۇ ھەقتە بىزنىڭ بىر نېمە دېيىشىمىز ھازىرنىڭ ئۆزىدە كۈلكىلىك تۇيۇلىدىكەن. بىزنىڭ ئالدى بىلەن ۋىۋىسكىلاردىكى يېزىقلىرىمىزنىڭ سىياقى ۋە ئىملاسىنى تۈزىتىشكە ئامالىمىز بولسا بولاتتى. يوغان گەپلەرنى ھازىرچە دېمەي تۇرايلى... پەقەت جان بېقىشنىڭ كويىغا كىرىپ كەتكەن ۋە ئۇنىڭدىن نېرىسىغا ئۆتۈشنى ئويلىمايدىغان ئالىملار كۆپ بولسا، ئەھۋال ئوخشاش بولۇپ چىقىۋېرىدۇ.

    غ. م. قارلۇق: «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «تىل-ئەدەبىيات دەرسىمىزدە نېمە كەم» دېگەن ماقالىڭىزنى چۆرىدەپ، ئەدەبىياتىمىزدىكى كەم تەرەپلەر ھەققىدە توختىلىپ باقامسىز؟

    ئا. جالالىدىن: «ئەدەبىياتىمىزدىكى كەم نەرسىلەر» دېگەن گەپنىڭ ئۆزى بەكلا تومتاق. «كەم نەرسىلەر»نى مەلۇم نۇقتىدىن كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىر ئەدىبنىڭ مەنىۋىيىتىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ماددىي ۋە مەنىۋى ئامىللارنىڭ ھەممىسىدە چۆلدەرەش بار. ئەدىبلىرىمىزنى بۈگۈن ئانا تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن قان بېرىۋاتقان پىدائىيلار دېسەك بولىدۇ.

    غ. م. قارلۇق: قايسىدۇر بىر قېتىملىق سۆھبەت خاتىرىسىدە سىز «نەسرىي ئەسەرلەر (پىروزا) بىلەن شۇغۇللىنىش ئويىڭىز بارمۇ؟» دېگەن سوئالغا: «بۇنىڭ ئۈچۈن مەن تۇرمۇش شەكلىمنى ئۆزگەرتىپ بېقىشىم كېرەك» دەپ جاۋاب بېرىپتىكەنسىز. تۇرمۇش شەكلى بىلەن ئىجادىيەتنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ ئوتتۇرا مەكتەپ ئۈچۈن يېڭى تۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن «ئۇلۇغبەگ» دېگەن ئەسىرىڭىزنى بۇنىڭدىكى بىر باشلىنىش دەپ قارىساق بولامدۇ؟

    ئا. جالالىدىن: پىروزا مەن ئۈچۈن چوقۇم شۇغۇللىنىشىم كېرەك بولغان بىر ساھە دېمەيمەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋۇجۇدۇمنىڭ ئىچ-ئىچىدىكى يۇشۇرۇن ئىستەكلىرىم ۋە تاشقى مۇھىتنىڭ ئالاھىدە ماس كېلىشى ئارقىسىدىكى ھاسىلاتلىرىم پىروزىغا ئايلىنىپ چىقسا تاڭ، ئۇنى بىلمىدىم. مەن بىر ئوقۇتقۇچى، خىزمەت ھاياتىم مەكتەپتە ئۆتىدۇ. پائالىيەت دائىرەم ناھايىتى چەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەزەرىيە تەتقىقاتى زېھنىمنى بەكرەك ئىگىلىگەن. ھاياتىمنىڭ تىپىك قاتلاملىرىغا چۆككۈدەك دىت مەندە بولمىسا كېرەك، ھاياتمۇ مېنى يازىدۇ. «ئۇلۇغبەگ» دېگەن تېكىست دەرسلىك ئېھتىياجى ئۈچۈن يېزىپ چىقىلغان خالاس.

    غ. م. قارلۇق: سىزمۇ يېڭى «تىل-ئەدەبىيات» دەرسلىكىنى تۈزۈشكە قاتناشتىڭىز. بەلكىم، ئېسىڭىزدە بولسا كېرەك، بۇ قېتىم «ئۇيغۇر تىلى» دەرسلىكى ئىلگىرىكى مۇستەقىل كىتاب ھالىتىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئەدەبىيات دەرسلىكىگە قوشۇۋېتىلدى. قوش تىللىق مائارىپ يولغا قويۇلۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟ «تىل-ئەدەبىيات دەرسىمىزدە نېمە كەم» دېگەن ماقالىڭىزدىغۇ: «بۇنىڭ زادى قانداق ئەقىل ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم» دەپ يېزىپتىكەنسىز...

    ئا. جالالىدىن: مۇپەسسەل ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىنى ئاجىز ھالەتتىن خېلى كۆلەملەشكەن سىستېمىلىق دەرسلىك شەكلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالدىنقى ئەسىردىكى نەچچە ئەۋلاد تىلشۇناسلىرىمىز مۆلچەرلىگۈسىز بەدەللەرنى تۆلىگەن. بۇنداق دەرسلىك بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ ئىلمىي دېئاگنوزى ۋە تەسۋىرى. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ دەرسلىك سۈپىتىدىن قىسقارتىلىشى مېنى قاتتىق قايغۇغا ۋە ئەندىشىگە سالىدۇ، بىر مىللەتنىڭ تىل قائىدىلىرى مۇنتىزىم دەرسلىكلەر ئارقىلىق مەكتەپلەردىلا ئومۇملىشالايدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ جەمئىيەتتىن تېپىۋالغىلى بولىدىغان يىپ-يىڭنە قىممىتىدىكى نەرسىلەر ئەمەس.

    غ. م. قارلۇق: سىز ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە مۇئەييەن تارىخى ۋە ئېستېتىك قاتلام شەكىللەندۈرگەن (گۇڭگا) شېئىر ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ۋەكىللىرىدىن بىرى ئىدىڭىز. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە سىزنىڭ بۇ ساھەدە جىمىپ كېتىشىڭىزنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟

    ·                      ئا. جالالىدىن: جىمىپ كەتمىدىم، يېزىۋاتىمەن. ئەمما ئازلاپ قالدى. مېنىڭمۇ زېھنىم، ۋاقتىم، تاقىتىم چەكلىك. شېئىرىيەتنىڭ پىل چىشى مۇنارىدا ئولتۇرۇپ، ئاي شولىسىنى ۋە تاڭ شەبنەملىرىنى تاماشا قىلىش پەيزى ئىش بولسىمۇ، قۇلاقنى يارىدىغان غەلىتە ئاۋازلارغا قۇلاق سالمايمۇ بولمىدى. بۇ ئاۋازلار مېنىڭ قىزىقىش نۇقتامنى يۆتكەپ، تۈرلۈك مەجبۇرىيەتلەرگە ھامىي قىلىدۇ. ئادالەتنىڭ مىزانىدا، مەن رازى بولغان ھەربىر ئۇرۇنۇشتا ئاجايىپ شېئىرىي گۈزەللىك بار.

    غ. م. قارلۇق: ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا قىزغىن بەس-مۇنازىرە ۋە دولقۇن قوزغىغان يېڭىچە (گۇڭگا) شېئىرلارنىڭ تەدرىجىي پەسكويلۇققا قاراپ يۈزلىنىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

    ئا. جالالىدىن: «گۇڭگا شېئىر» پەسكويغا چۈشمىدى، بەلكى ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى دەۋردىكى لەرزىنى باشقىچە بىر ئەۋلاد شەكلىدە نامايان قىلىپ كېتىۋاتىدۇ. «گۇڭگا شېئىر»نىڭ گۇڭگا ئەمەسلىكى توغرىسىدا بىز ئەينى ۋاقىتتا زۆرۈر چۈشەنچىلەرنى بەرگەن. بۇ شېئىرلار بىر قىسىم ئاسپىرانتلار تەرىپىدىن تەتقىقات تېمىسى قىلىندى. ئەمما، سوغۇققان، ئادىل تەتقىقات تېخى تۇغۇلمىدى. تورمەنلەر (تور ئەھلىلىرى) پات-پات باھا بېرىپ تۇرۇشىمۇ، ئۇنىڭدىن ئېنىق بىر نەرسىنى چۈشەنمەك قىيىن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ كۆپلىرى ھەممە نېمىگە غوتۇلدايدىكەن.

    غ. م. قارلۇق: دۇنيا شېئىرىيىتى كۆپ خىللاشقان شېئىرىيەت. شۇلاردىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە كەم بولۇۋاتقان تەرەپلەر قايسىلار؟

    ئا. جالالىدىن: ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئۆزىدە بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەر بار. پەقەت شائىرلىرىمىزنىڭ دۇنياۋى شائىرلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ تۇرالايدىغان، بىۋاسىتە ئىدىيە ئالماشتۇرالايدىغان شارائىتى يوق. شائىرلىرىمىز دۇنياۋى شۆھرەتتىكى ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەسلىي تىلى بويىچە ئوقۇيالايدىغان تىل قابىلىيىتىنى ھازىرلىشى لازىم بولۇۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە ھەل بولسا، ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۆزىدىكى بىر قىسىم گۆدەكلىكلەردىن تەدرىجىي ساقىت بولۇپ كېتەلەيدۇ.

    غ. م. قارلۇق: ئۇيغۇر شېئىرىيەت نەزەرىيەسى ۋە ئوبزورچىلىقىدا كەم بولۇۋاتقان تەرەپلەر قايسىلار؟

    ئا. جالالىدىن: بۇ جەھەتتىكى فۇنكسىيەلىك ئورۇنلار (مەسىلەن، تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئۇنىۋېرسىتېت، ئاكادېمىيە) ۋە بۇ ئورۇنلارنىڭ نېنىنى يەۋاتقان خادىملارنىڭ رولى بولۇشى كېرەك ئىدى. يەنە بىرى، ئۇنىڭ جىددىي ئېھتىياج ئىكەنلىكىنى بىلگەنلەر بولغان بىلەن، ئۇنى ماددىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئەمەلىي مەشغۇلاتچىلار يوق. شۇڭا بۇ ساھە تامامەن بىر ئىستىخىيەلىك ساھەگە ئايلىنىپ كەتتى.

    غ. م. قارلۇق: سىز نەسر ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «ناركوز ياپراقلىرى»، «كۈلدان» دېگەندەك بىر تۈركۈم ئېسىل نەسرلەرنى يازدىڭىز. سىز نەسر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئاشۇ ۋاقىتلىرىڭىزدا نەسرنىڭ ئورنى شۇ ۋاقىتتىكى ئەدەبىياتىمىزغا نىسبەتەن قانداق ئىدى؟

    ئا. جالالىدىن: نەسرنىڭ ئورنىغا ھېچكىم تۆۋەن قارىمايدۇ، دەپ ئويلايمەن. نەسر بىزدە ئۇسلۇب ۋە شەكىل جەھەتتىن كۆپ خىللىشىۋاتىدۇ. تورمەنلەرنىڭ يازمىلىرىدىن گۈزەل نەسرىي پارچىلارنى بايقاپ قالىمەن. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، نەسر ژانىرى بۇرۇنقىدەك كەسپىي دائىرىدىن چىقىپ، ئاۋامغا يۈزلەندى، دېيىشكە بولىدۇ.

    غ. م. قارلۇق: ئەخمەت ئىمىن ئاكىمىز بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق سۆھبەتتە: «ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ پەلسەپىۋى ماقالىلىرى ئارقىلىق نەسرچىلىكىمىزدىكى قىممەت يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى» دېگەن مەزمۇندىكى گەپنى ئىشىتكەنىدىم. بەلكىم، پەلسەپىۋى نەسرلەر، مەدەنىيەت تەھلىلچىلىكى نەسرلىرى دېگىنىمىز شۇ بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەدەبىياتىمىزدا ھازىرغىچە نۇرغۇن نەسرلەر ئىجاد قىلىندى. سىزنىڭچە، بۇ نەتىجىلەر ئۇيغۇر نەسرچىلىكىدىكى قايسى كەملىكلەرنى تولدۇردى؟

    ئا. جالالىدىن: ئەسەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»، ئادىل تۇنىيازنىڭ «پەيغەمبەر دىيارىدا كېچىلەر»، پېقىرنىڭ «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، ئۆمەر ئىمىننىڭ «تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت» ناملىق كىتابلىرىمىز يىرىك ھەجىمدىكى نەسرلەردۇر. دېمەك، نەسر ھەجىم جەھەتتىكى مىكرولۇقتىن ماكرولۇققا يۈزلىنىپ، پاكىتلىق، نەق تۇرمۇش، مەدەنىيەت مەسىلىلىرىنى قوينىغا ئالالايدىغان بولدى.

    غ. م. قارلۇق: ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى نەسر دېسە، بىر بولسا «ئاھ، پاھ» شەكىلدە، بىر بولسا «سادا»چە (ئەخمەت ئىمىننىڭ «سادا» ناملىق نەسرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) شەكىلدە يېزىۋاتىدۇ. خەنزۇ ئەدەبىياتىدا مۇڭدىشىش تىپىدىكى قەلب مەخپىيەتلىكلىرى ئاشكارا قىلىنغان چۇڭقور، تەسىرلىك، چىن ھېسسىياتلىق، تۇرمۇش بىلەن قانداشلىقى ئۈستۈن، ئاممىباب شەكىلدىكى نەسرلەر كۆپ ئىكەن. سىز مۇشۇ تەرەپلەردىن ئۇيغۇر نەسرچىلىكىدىكى يېتەرسىزلىك، ئارتۇقچىلىقلارنى ھەم ئېچىشقا تېگىشلىك بوشلۇقلارنى سۆزلەپ باقامسىز؟

    ئا. جالالىدىن: ئەخمەت ئىمىننىڭ گەۋدىلىك يېرى ئۇنىڭ نەسر ئىجادىيىتىدە ئىزچىللىق ساقلىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۇسلۇبىنى مەلۇم مەنىدە ئۇيغۇر نەسرچىلىكىدىكى ئاساسىي ئېقىمنىڭ ۋەكىلى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدا ئاساسەن تۇرمۇشتىكى ھاياجانلىق مۇناسىۋەتلەر ۋە تەسىراتلار پاساھەتلىك تىل بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلىنىدۇ. بىر چاغلاردا خۇدابەردى ئابدۇللانىڭ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دە «قەشقەر چايخانىلىرى» ناملىق بىر نەسرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭدا قەشقەر ساماۋەرخانىلىرىدىكى سەنئەت خۇرۇچلىرى ھەمدە قەشقەرنىڭ يەرلىك تەرەپلىرى تەبىئىي ئىپادىلەنگەن ئىدى.بىزدە يەرلىك پۇراق، تۇرمۇشىمىزدىكى سىمۋوللۇق خۇسۇسىيەتلەر، ئىنچىكە خۇلق، نازۇك دېتال، كونكرېت شەيئىلەرنىڭ رېئال قىياپىتىنى كۆرگىلى بولىدىغان نەسرلەر بولۇشى كېرەك. بۇ جەھەتتە ۋاڭ مېڭنىڭ ئۇيغۇر تېمىسىدىكى نەسرلىرىنى، شېن ۋېينىڭ «قەشقەر» ناملىق خاتىرىلىرىدىن بەزى تەرەپلەرنى قوبۇل قىلساق بولىدۇ.

    غ. م. قارلۇق: كىلاسسىكلىرىمىزغا سېلىشتۇرغاندا بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىدە قانداق يېتەرسىزلىكلەر ساقلىنىۋاتىدۇ؟

    ئا. جالالىدىن: بۇنداق سېلىشتۇرۇش ئادىل بولماسمىكىن. بىز يەنە ھازىرقى ئەدىبلىرىمىز ئارقىلىق كىلاسسىكلارغىمۇ نەزەر سېلىشنى بىلىشىمىز كېرەك. يېتەرسىزلىكلەر كۆڭۈلنىڭ تەقەززالىرى بىلەن بىرلەشكەن ھالدا ھامان مەۋجۇت. ئۇنى كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالماسلىق كېرەك.

    غ. م. قارلۇق: ئابدۇقادىر ئاكا، سىزنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك ساھەسىدىمۇ تۆھپىڭىز زور. جۇڭگو ۋە چەتئەلنىڭ بىر قىسىم داڭلىق شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن بىللە، «زوروئاستېر شۇنداق دەيدۇ»، «ھۆكۈمدارلار دەستۇرى»، «غەربنىڭ تەپەككۇرى» قاتارلىق كىتابلارنىمۇ سۈپەتلىك تەرجىمە قىلدىڭىز. سىزچە، تەرجىمىچىلىك جەھەتتە باشقا مىللەتلەرنىڭ قانداق زۆرۈرىي ئەسەرلىرى تېخىچىلا ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇلمايۋاتىدۇ؟

    ئا. جالالىدىن: ئىنتايىن كۆپ. ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك ھەرھالدا ئەپلەپ-سەپلەپ كېتىپ بارىدۇ. لېكىن، پەلسەپە، مەدەنىيەتشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق، سىياسىيشۇناسلىق ساھەلىرىنى كۆزدە تۇتقاندا، تەرجىمىچىلىكىمىزنى ئاقساق ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، دېمەي ئىلاجىمىز يوق. بۇ جەھەتتە يېتەرلىك قوشۇن بولماسلىقنىڭ ئۈستىگە، ئىدىيە ۋە پىلانمۇ يوق. بۇ ھەقتە گەپ قىلسام قايناپ كېتىپ قالىمەن...

    غ. م. قارلۇق: بەزىلەر: «شېئىرنى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇنى تەرجىمە قىلىش شېئىرغا نىسبەتەن بىر ئاسىيلىق» دېيىشىدىكەن. بۇ گەپكە سىز قانداق قارايسىز؟ سىزنىڭچە، شېئىرىيەت تەرجىمىچىلىكىدە ئەسلىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەكمۇ ياكى ئىجادىي تەرجىمە قىلىش كېرەكمۇ؟

    ئا. جالالىدىن: توغرا، شېئىرنى تولۇق تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مۇمكىن بولسا پۇشكىننى رۇس تىلىدا، لى بەينى خەنزۇ تىلىدا، بايرۇننى ئىنگلىز تىلىدا، ھاپىزنى پارس تىلىدا كۆرگەنگە يەتمەيدۇ. ئەپسۇسكى، بىر مىللەتتە ئۇنداق كىتابخانلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغانلار بەكلا ئاز بولىدۇ. ئۇ تىللارنى بىلمەيدىغان ياشلار دۇنيا كىلاسسىكلىرىنى بىلمەي قېلىشى كېرەكمۇ؟ بىر مىللىي شائىر ئۆز نۆۋىتىدە دۇنياۋى شائىر، ئۇنى باشقا خەلقلەرمۇ بىلىشى كېرەك. بۇنداق ئارزۇ يەنىلا تەرجىمە ۋاستىسى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. ئۆزۈمنى ئالسام، پۇشكىننىڭ شېئىرلىرىدىن ئوزۇق ئالغانمەن. بىراق، بۇ ئوزۇق ئانا تىلىم ئارقىلىق يەتتى. شۇڭا رۇسچە پۇشكىن بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە پۇشكىنمۇ بولىدۇ. تەرجىمە بەرىبىر ئەسلىي ئەسەرنىڭ ئۆزى ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭدا ئەسلىي ئەسەرنىڭ روھى باشقا ۋارىيانتقا ئايلانغان بولىدۇ. بۇ يەردىكى «ئاسىيلىق»تا ۋارىسلىق يوق دېيەلەمدۇق؟ قانداق تەرجىمە قىلىش سەۋىيە ۋە ئېھتىياجغا ئاساسەن بولىدۇ. بۇنى كونكرېت تەرجىمە ئۆزى بەلگىلىگىنى تۈزۈك.  

     

    نۇرزات بلوگىدىن ئېلىندى

      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.