سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت(گۈلنۇر ئابلىز)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-08 06:16:10

سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن سۆھبەتگۈلنۇر ئابلىز مەن 1994 - يىلى سەنۇبەر 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتىغا خىزمەتكە بۆلۈنۈپ كەلگەندە تونۇشقان ئىدىم ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ سىرداش بولۇپ ئۆتتۇق. مەن سەنۇبەرن...

    سەنۇبەر تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت
    گۈلنۇر ئابلىز


       مەن 1994 - يىلى سەنۇبەر 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتىغا خىزمەتكە بۆلۈنۈپ كەلگەندە تونۇشقان ئىدىم ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ سىرداش بولۇپ ئۆتتۇق. مەن سەنۇبەرنىڭ ناخشىلىرى ۋە ئىجادىيەتلىرى ئىچىدە ياسىغاندەك ناخشىلىرىدىكى پەلسەپىۋىلىكى چوڭقۇر تېكىستلەر، ناخشىدىكى مۇڭ، ھېسسىيات ھەققىدە كىشىلەرنىڭ تەسىراتلىرى، باھالىرىنى كۆپ ئاڭلىدىم، ھەم ئۇلار بىلەن پىكىرلەشتىم. ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى سۆيۈپ ئاڭلاۋاتقان خەلقنىڭ مەدھىيەلىرى، قىزىقىشلىرى، سوئاللىرى ۋە ئۆزۈمنىڭ سەنۇبەر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىمنى يېزىپ چىقىپ، سەنۇبەرنىڭ سەنئەت ھاياتى 90 - يىللاردىن ھازىرغىچە ئورۇنلىغان ناخشىلىرى ۋە ناخشا ئىجادىيىتىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىنى سۆيۈندۈرگەن مېھنىتى ئۈستىدە بۇ رېئاللىقنى قەغەز يۈزىگە چۈشۈرۈشىنى لايىق كۆردۈم.
    ئەسسالام سەنۇبەر، بۇ سۆھبەت ئارقىلىق بارلىق تاماشىبىنلىرىڭىز بىلەن سىزنى ئۇچراستۇرۇپ ئۆزگىچە پىكىرلىرىڭىزنى ئۇلارغا يەتكۈزىدىغىنىمدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن.
    ئالدى بىلەن سەنئەت ھاياتىڭىزنىڭ قانداق باشلانغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز.
    1979 - يىلى دادام ۋاپات ئەتكەندە مەن 1 - سىنىپتا ئوقۇيتتۇق، بىر كۈنى مەكتەپتە:
    قوينۇمدىكى توقاچنى،
    سىيادان سېلىپ ياققان.
    ئاتامدىن كىچىك قېلىپ،
    مېھرىبان ئانام باققان.
    دېگەن قوشاقنى قەشقەر خەلق ناخشىسى «ئاينىڭ بالىسى دەيمۇ»نىڭ ئاھاڭىغا سېلىپ دۇتتار بىلەن ئېيتىپ مۇئەللىملىرىمنى يىغلىتىۋەتكىنىم ھازىرقىدەك ئېسىمدە.
    دادام  ھەر خىل چالغۇ ئەسۋابلارنى ياسايدىغان ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە ئاھاڭلارنى كۆپ بىلىدىغان قولىغا چىققانلىكى سازنى چالالايدىغان ماھىر سازەندە ئىدى. بولۇپمۇ چاڭ چېلىش ماھارىتى ئالاھىدە ئۈستۈن بولغاچقا ئىلىدا بىر ئۆمۈر «تۇرسۇنچاڭ» نامى بىلەن ئاتىلىپ ئۆتكەن. دۇتتارنى قانداق ئۆزىنىپ قالغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئېسىمغا كەلسەم دادام ياساپ بەرگەن كىچىك دۇتتارنى يەسلىدە، مەھەللىلەردە چېلىپ يۈرۈپتىكەنمەن. شۇڭلاشقىمىكىن مەن بەزىدە ئۆزۈمنى دۇتتار بىلەن قوشماق بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغاندەكمۇ ھېس قىلىمەن. بەش يېشىمدا دادام چاڭ ئۆگىتىشكە باشلىغان. شۇ چاغلاردا يار سېنىڭ دەردىڭ دېگەن ئاھاڭلارنى دادامنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ چاڭدا چالاتتىم. دېمەك ناخشىلار مەرھۇم دادامنىڭ قېنى بىلەن جىسمى بىلەن ۋۇجۇدۇمغا سىڭىپ كەتكەن.
    سەنۇبەر سىز 1993 - يىلى سېنىڭدىن ئايرىلسام قانداق قىلارمەن دېگەن ئىجادى ناخشىڭىز بىلەن بىراقلا ئۇتۇق قازانغان ئىدىڭىز. شائىر مۇھەممەتجان راشىدىنمۇ ئۆزىنىڭ شېئىرىغا ئىشلەنگەن ئاھاڭدىن ئىنتايىن مەمنۇنلىقىنى تېلېۋىزور ئىكرانى ئارقىلىق سىزگە يوللىغان ئىدى. ئۇنداقتا ئىجادىيەت يولىڭىز قانداق باشلانغان؟
    ئىجادىيەت دېگەن سۆز ماڭا تولىمۇ كاتتا ئاڭلىنىدۇ. چۈنكى ئىجاد قىلىشنىڭ ئۆزى قايسى ساھەدە بولسۇن ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريانلار ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. شۇڭا بۇ سۆزنىڭ ماڭا ئارتۇق كەتكىنىدىن خىجىل بولۇۋاتىمەن. چۈنكى ئاھاڭنى مەن ئىجاد قىلمىدىم پەقەت شېئىر ئۆزى دەپ بېرىۋاتقان ئاھاڭنى ئاۋازىم ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا ئورۇنلاپلا بېرىۋاتىمەن.
    مەن 1993 - يىلى سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇۋاتقان 3 - يىللىق چىغىم ئاپامغا بولغان قاتتىق سېغىنىشىم، دادام تۈگەپ كېتىپ توققۇز بالىنى قاتارغا قاتقىچە ئاپامنىڭ  تارتقان ئېغىر كۈلپەتلىرى يۈرىگىمنى ئۆرتەش بىلەن بىرگە شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرىدىن ئالغان مۇزىكىلىق ھېسسىيات بىرلىشىپ ناخشا بولۇپ ۋۇجۇدقا چىقتى.
    ئۇنداقتا شېئىر ئاھاڭنىڭ ئىجادىيىتىڭىزنىڭ مەنبەسى ئىكەندە؟ ياخشى يېزىلغان شېئىرنى ئۆزى بىر ئاھاڭ. مەن دېمەكچى بولغان ئەمما يازالمىغان سۆزلەرنى شائىرلىرىمىزنىڭ تۆككەن قەلەملىرىدىن تېپىۋالىمەن. بۇنداق تېكىستلەر ئاھاڭنى ماڭا ئۆزى غىڭشىپ بېرىدۇ. مەسىلەن: مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ:
    گۈللەرنىڭمۇ ھەر خىلى باردۇر،
    كۈنلەرنىڭمۇ ھەر خىلى باردۇر.
    ئادەملەردىن رەنجىمە كۆڭلۈم،
    ئۇلارنىڭمۇ سەر خىلى باردۇر.
     ئادەملەر ئۇلۇغ
    دېگەن تېكىستنىڭ ئاھاڭى بۇ تېكىستنى دېكلاماتسىيە قىلغاندىكى ئىنتۇناتسىيەنىڭ ئۆزى شۇ.
    سەنۇبەر سىزمۇ بارلىق ئاھاڭلىرىڭىزنى ھېچقايسى ئاھاڭغا ئوخشىمايدۇ دېيەلەمسىز؟
    ھېچقايسى ئاھاڭغا ئوخشىمايدىغان ئاھاڭنى ئىشلىگۈچىنىڭ ئۆزى ھېچقايسى مىللەتكە تەۋە بولالمايدۇ. (بولمىسا كېرەك) ئاھاڭلىرىمنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ بولغان بارلىق مىلودىيىلەرنىڭ بىرىكمىلىرى.
    تېكىستلەر مېنى بەزى مۇقام ئاھاڭلىرىغا تارتسا بەزىدە خەلق ئاھاڭلىرىغا تارتىدۇ. ناخشىلىرىمنىڭ تېز تارقىلىشىدىكى سەۋەپمۇ دەل مۇشۇنىڭدىن بولسا كېرەك.
    سەنۇبەر سىز سەنئەت ئىنستىتۇتىدا مەخسۇس چاڭ كەسپىدە ئوقۇغان ئىكەنسىز. ھازىر پۈتۈنلەي ناخشا كەسپىگە يۈزلىنىپ كەتتىڭىز. ئەسلى كەسپىڭىزنى توختىتىپ قويدىڭىزمۇ؟
    ئەگەر ئاۋاز شارائىتى يار بەرسە ياشى چالغۇچى ياخشى ناخشىچىمۇ بولالايدۇ. ئەمما بۇنداق بىرلىشىپ كېلىش سەنئەتكارلاردا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. ئاتاقلىق كامپازىتور غىياسىدىن بارات ئاكا بۇنىڭدىن باشقا ئىجادىيەتتىمۇ بىرلەشكەن سەنئەتكارىمىز ئىدى. مەن بولسام ئۆزۈمنىڭ ئاۋاز شارائىتىمنىڭ ئازراق يار بېرىشى بىلەن ئانچە - مۇنچە ناخشا ئېيتىپ خەلق ئارىسىدا ناخشىچى بولۇپ سانىلىپمۇ قالدىم. ئېيتقان ناخشىلىرىمدىكى پۇراق، مۇڭ، ھېسسىياتلارنى ئىپادىلەشتە چالغان دۇتتارىمنىڭ رولى ئىنتايىن زور. چاڭ بولسا مېنىڭ مۇزىكا سېزىمىمنى ئاشۇرۇش ھەمدە مۇزىكا ئىجادىيىتىمدىكى بەزى زۆرۈر شارائىتلارنى ھازىرلاشتا مۇھىم ئاساس سالدى.
    چالغۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ئاساسى كەسپىم توختىمىغىنى ئۈچۈنلا مەن ناخشىدا ئۆزۈمگە خاس ئۇسلۇپ يارىتالىدىم.
    سانۇبەر ناخشىلىرىڭىزنىڭ كىشىنى ئۆزىگە تارتىۋىلىشىدىكى ئاساسى تەرەپ ھېسسىيات ئالاھىدىلىكىڭىزدىن دەپ قارايمەن. ئۆزىڭىزمۇ شۇنداق ئويلامسىز؟
    ناخشىنى ھېسسىيات بىلەن ئېيتىش ھەرگىزمۇ ئالاھىدىلىك ھېسابلانمايدۇ. بۇ ھەرقانداق سەنئەتكاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەقەللىي شەرت. ئەمدى بۇ شەرتنى ئۇزۇن مۇددەت ئۆگىنىش، مەشىق قىلىش ئارقىلىق ھازىرلاشتىن كۆرە تەبىئى، تۇغما بولغىنىنىڭ ئۆزى سەنئەتكاردىكى ئەڭ زور ئۇتۇق.
    ئەمدى ناخشىلىرىمنىڭ كىشىلەرگە ئازراق يېقىپ قىلىشىدىكى سەۋەپ مېنىڭچە بىرسىنى ئاۋاز تۈسۈمنىڭ خەلققە يېقىن بولۇشى، يەنە تاللىغان تېكىستلەرنىڭ مەزمۇن جەھەتتە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى بىلەن ئورتاق بولۇش، تېكىست بىلەن ئاھاڭنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، چالغۇچىلار بىلەن بىرلىشىش دېگەندەك بىرقانچە تەرەپلەردىن بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.
    ھەركىمنىڭ گۈلى بولسۇن ناملىق VCD پىلاستىنكىڭىز ئارقىلىق سەنئەت ھاياتىڭىزدىكى بىر بۆسۈشنى نامايەن قىلدىڭىز. بۇ خىل ئۇسلۇپ يارىتىشىڭىزغا تۈرتكە بولغان ئاساسى سەۋەپ نېمە؟
    مېنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىم ۋە تىنىقلىرىمغىچە زەن قويۇپ ناخشىلىرىمنى ئاڭلاۋاتقان سۆيۈملۈك خەلقىمگە ھۆرمىتىم چەكسىز. مەن بۇ ئۇسلۇپنى كېچىمۇ - كۈندۈز مەشىق قىلىش ياكى ئالايىتەن تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق يارىتالىغان بولسام بۇ ھەقتە ناخشىچىلىرىمىزغا مەخسۇس كۇرس ئاچقان بولاتتىم. جاۋابىم پەقەت بىر جۈملە سۆزلا خالاس. بۇ مېنىڭ ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى - مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنى ئېنىق ئايرىۋالغىنىمنىڭ مەھسۇلى.
    بۇ ھەقىقەت ماڭا ئۆزۈمنى تونۇتۇپ پۈتكۈل روھىيىتىمنى يېڭىلىدى. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە پەيدا بولغان بۇ خىل خاراكتېر ئاۋازىمدىكى ۋە سەھنە قىياپىتىمدىكى بەزى قورۇنۇشلارنى يوقىتىپ تاشلاپ سەھنىگە يېڭى ئۇسلۇپتىكى «سەنۇبەر» قىلىپ ئېلىپ چىقتى. بۇرۇندىن ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان كلاسسىك ناخشىلىرىمىزدىن «ئەجەم ناخشىسى»، «كۇرت ناخشىسى» خەلق ناخشىلىرىمىزدىن «ئاق بوز ئات»، «قادىر مەۋلان»، «ۋادەرىخا» ئىجادى ناخشىلاردىن «كەلسەڭ ئەگەر»، «كەپتىرىم»، «قازانچى»، «يارى - يار تۇرسا»، «ئىلى دەريا بويلىرى»... قاتارلىق كۆپلىگەن ناخشىلارنى سىز ئورۇنلىغاندىن كېيىن خەلقنىڭ بۇ ناخشىلارغا بولغان قىزىقىشى قايتىدىن قوزغالدى. ئورۇنلاپ كېلىۋاتقان بارلىق ناخشىلىرىڭىز ئىچىدە ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىڭىز قايسى؟
    ھېچقايسىسىنىڭ مەرىدىن كېچەلمەيمەن.
    سەنۇبەر نۇرغۇن كىشىلەر سىزنىڭ ناخشىلىرىڭىز بىلەن بىرگە شەخسى تۇرمۇشىڭىزغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ ھەقتە ئۆزىڭىز بىر نەرسە دەپ بېرىشنى خالامسىز؟
    ئىنستىتۇتنى تۈگەتسەملا كومپازىتورلۇقتا ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى. لېكىن ئىقتىسادىم يار بەرمىگەچكە ئاۋال خىزمەتكە ئورۇنلىشىشقا مەجبۇر بولدۇم. خىزمەتكە چىقىپ بىر يىل بولغاندا ئاپام تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتۈپ ئۇكىلىرىمنىڭ ئىستىقپالى ئۈستىدە ئويلىنىش كۆپرەك مېنىڭ زىممەمدىكى مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. كۆڭلۈمنى يورۇق قىلىدىغىنى ئۆز ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن كۆرە قىرىنداشلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئىدى.
    بەش يىل ئىچىدە ئۈچ ئۇكام ئالىي مەكتەپنى تاماملاپ مېنى پۈتۈنلەي ئۆزلىرىنىڭ غېمىدىن خالاس قىلدى. ئەمدىكى نۆۋەت شەخسى تۇرمۇشۇم ئۈستىدە ئويلىنىش ئىدى. بىراق ناخشىنىڭ كويىدىلا يۈرۈشكە يارالغان بولسام كېرەك، قان بىلەن كىرگەن بۇ ئىشق يەنە بىر ئىشىققا ھېچ ئورۇن بەرمەيلا كېلىۋاتمامدۇ. ھا... ھا... ھا...

        - سەنۇبەر سەنئەتچىلەرنىڭ ئادەتتە جەمئىيەتتىكى مۇناسىۋەت دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بولىدۇ. ناخشىلىرىڭلارنى ئۆز ئېغىزىڭلاردىن ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار داۋاملىق سىلەرنى سورۇنلارغا تەكلىپ قىلىپ ئىززەت - ھۆرمىتىڭلارنى تېخىمۇ كۆتۈرۈشنى ئويلايدۇ. ئەمما سىز ھازىر بۇنداق چاقىرىشلارنى كۆپىنچە رەت قىلىدىكەنسىز.

        - ناخشىلىرىمىزغا مۇھەببەت باغلىغان ئاشۇ سەنئەتخۇمار كىشىلىرىمىزگە چوڭۇر تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جەمئىيەتكە چىققەندىن باشلاپ جەمئى يەتتە يىللىق ھاياتىمنى مېھماندارچىلىق، ئاغىندارچىلىقق ئەنئەنىمىزگە ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىدىم. بۇ جەرياندا كۆپلىگەن ياخشى نىيەتلىك كىشىلىرىمىز بىلەن تونۇشتۇم. ئۇلارنىڭ ياخشى تىلەكلىرىگە داخىل بولدۇم. بىراق كەسىپ جەھەتتە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمغا كۆپرەك ۋاقىت ئاجرىتالمايۋاتقىنىمدىن ئەپسۇسلىنىپلا يۈردۈم. ئاخىرى ھايات ماڭا ئۆز ۋاقتىمنىڭ خوجايىنى پەقەتلا ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى تونۇتتى.
    سەنۇبەر ھازىرقى ئۈن - سىن بازىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇن ناخشىچىلىرىمىز تۈرك، ئۆزبەك ناخشىلىرىنىڭ تەرجىمە ئىجراچىلىقى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتقان پەيتتە سىز ئۆزىڭىزگە خاس ناخشىلىرىڭىز بىلەن بۇ ساھەدە ئايرىم ئورۇن تۇتۇپ ئوتلۇق كېچىلەر، يوللۇغۇم، ھەركىمنىڭ گۈلى بولسۇن، ئانا يۇرت قاتارلىق پىلاستىنكىلىرىڭىز ئارقىلىق ئۇيغۇر ناخشىچىلىقىدا بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ كېلىۋاتىسىز. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ يولىڭىزنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقچىمۇ؟
    ناخشا ئېيتىش، ئاھاڭ ئىشلەشتىكى مۇددىئايىم پۇل ئۈچۈن ئەمەس. يولدا ماڭساممۇ، خىيال سۈرسەممۇ ناخشا غىڭشىپلا كۆنۈپ قاپتىمەن. (بۇ دادامدىن قالغان ئادەت). ھەر بىر قېتىم لېنتام تارقالغاندا مېنى خۇشال قىلىدىغىنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەشەككۈرلىرى. بۇ ناخشامغا مەدەت، ئىجادىمغا ئىلھام بىغىشلايدۇ. پىلاستىنكىلىرىم مەيلى بازار تاپسۇن تاپمىسۇن ئىجادى ناخشىلار ۋە خەلق ناخشىلىرى ئاساسىدىكى پىلاستىنكىلارنى داۋاملىق ئىشلەيمەن. چۈنكى مېنىڭ ئېيتىۋاتقىنىم خەلقىم بىلەن بىللە ياشايدىغان ناخشىلار.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.